تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1901|ئىنكاس: 0

بىچارىلىكمۇ؟ دۆتلۈكمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

7

يازما

122

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
122
سۆيۈنگۈل جانشىف »كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن« ناملىق ئەسلىمىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن تۇنجى ئوقۇغانلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتىدە، بۇ كىتاپتا يورۇتۇلغان خىتاينىڭ زالىملىقى، ۋەھشىيلىكى ھەققىدىكى پاكىتلارنىڭ تەپسىلاتى مېنى بەكمۇ قىزىقتۇرغانىدى ۋە بۇ كىتاپنى چەتئەلدە نەشىر قىلىنغان كىتاپلار ئىچىدە قىممىتى يوقۇرى كىتاپ دەپ باھالىغانىدىم. بۇ ھەقتىكى باھالىرىمنى ئاڭلىغانلارنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك.
چەتئەلگە قېچىپ چىققان ياكى قېچىپ چىققانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان ئۇيغۇرلاردىن ھىچبىرى خىتاينىڭ زۇلۇملىرى ھەققىدە بۇنداق بىر جانلىق ئەسلىمىنى يېزىپ باقمىغان، ئەگەر بىرەر چەتئەللىك سوراپ قالسا دەپ بەرگۈدەك جانلىق بىرەر مىسالمۇ يوق دېگۈدەكلا ئىدى. بۇ كىتاپنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئەنە شۇ »دەلىلسىزلىك« بوشلۇقىنى تولدۇردى. بۇ كىتاپنى قىزىققۇچى چەتئەللىكلەرگە خىتاي ۋەھشىيلىكىنىڭ كىچىككىنە ئەۋرىشكىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇشقا بولاتتى.
بۇ كىتاپنىڭ پاكىت ماتىرىيالىلىق قىممىتىنى چۈشۈرۈدۇغان بىمەنە گەپنى تۇنجى قېتىم  سىدىقھاجى روزى رادىئودىكى بىر «ئوبزور»ىدا قىلدى. ئۇ بۇ كىتاپنى رومان دەپ ئاتاش بىلەن، ئۇنىڭ پاكىتلىق قىممىتىنى »توقۇلما« دۆۋىسىگە ئېتىۋىتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئويلاپ كۆرمىگەن بولۇشى مۈمكىن. ئەللىكىنچى يىللارنىڭ نەزىرىيىلىرى بىلەن قوراللانغان بۇ مەشھۇر ئوبزورچىمىزنىڭ بۇ كىتاپنى تولۇق ئوقۇپ باققانلىقىغىمۇ ئىشىنىش قىيىن. ئۇ كىتاپنىڭ ھەجمىنى دەڭسەپ بېقىپلا، ئۇنى تېخىمۇ »مۆتىبەر« قىلىۋېتىش نىيىتىدە رومان دەپ تىلغا ئالغان بولۇشى مۈمكىن.
ئەمما ئاز-تولا ئەدەبىيات ساۋادى بارلارغا مەلۇمكى، رومان توقۇلما دېمەكتۇر. ئۇنىڭدا قانچىلىك تارىخىي پاكىتلارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى ھەققىدە قەسەم ئىچىلسىمۇ، يەنىلا توقۇلما دەپ قارىلىدۇ. رومان سەنئەت ئەسىرىدۇر، ئۇنىڭ كىتاپخاننى ئىستېتىك زوقلاندۇرۇش، ھاياجانلاندۇرۇشتىن باشقا مەخسىدى بارلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ھەتتا ئۇنىڭغا تارىخىي رومان دەپ ئات قويۇلغان تەقدىردىمۇ، ھەقىقىي پاكىتلار بىلەن ئاپتورنىڭ سوبىكتىپ چۈشەنچىسى ۋە دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن توقۇلغان تەپسىلاتلار بىلەن ئارىلىشىپ، ئەمەلىيەتتە ئاپتورنىڭ ئىستېتىك غايىسىنى ئىپادىلەشكە خىزمەت قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىكىلەرنىڭ قايسىسى پاكىت، قايسىسى توقۇلما ئايرىپ ئولتۇرۇلمايدۇ، ھەممىسى توقۇلما ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بىرەر ئىلمىي ماقالىدا، تەكشۈرۈش دوكلادىدا، تەتقىقات ماقالىسىدا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ماۋزۇغا ئالاقىدار يازمىشلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، بۇنى دەلىل سۈپىتىدە كۆرسۈتۈدۇغان بولسىمۇ، ھىچبىر ئىلمىي ماقالە ئاپتورى ياكى تەكشۈرۈش دوكلادى يازغۇچى رومانلاردىن نەقىل ئېلىپ، بۇنى پاكىت سۈپىتىدە كۆرسۈتۈپ باقمىدى. شۇنداقلا، ئەگەر بىزنىڭ مەشھۇر ئوبزورچىدەك بىرەر تەلۋە چىقىپ، تۇنجى بولۇپ روماننى ماتىرىيال مەنبەسى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇ پەقەت كۈلكە ئوبېكتى بولۇشىلا چوقۇم.
خىتاينىڭ زۇلۇملىرى ھەققىدىكى دەلىللەر توپلىمى سۈپىتىدە يوقۇرى قىممەتكە ئىگە بۇ كىتاپنى رومان دېيىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ قىممىتىنى يوققا چىقارماقچىمۇ ياكى دۆتلەرچە خىيال بىلەن، »رومان دېسەك تېخىمۇ ئېتىبارلىق بولۇدۇ« دېگەن خىيالنىڭ مەھسۇلىمۇ؟ ئەيتاۋۇر خىتاي شۇملۇقلىرىنىڭ، ھازىرقى زامان ياۋايىسى، ئىنسان ياكى يىرتقۇچ ھايۋان ئىكەنلىكى ھەققىدە كىشىنى گۇمانغا سالىدىغان بۇ پاكىتلارنى »توقۇلما« قالپىقى ئاستىدا يوققا چىقىرىپ، خىتايلارنى خوش قىلماقچىمۇ؟
يېقىندا يەنە شۇ رادىئودىكى بىر خەۋەردە بۇ كىتاپ تارىخىي رومان دەپ تىلغا ئېلىنىپتۇ! روماننىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغاندەك، تارتىنماستىن گەپ ئېتىشىغا قاراڭلار! ھەتتا بۇ ئاتاشقا »ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمىيىتى« داخىلدەكمۇ قىلىدۇ. ئەگەر »قەلەمكەشلەر«نىڭ بۇ قۇرۇمىمۇ مۇشۇنداق قاراشتا بولسا، ئۇلار قەلەمكەش ئەمەس، »باشقا بىرنېمەكەش« بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، قالپىقىغا ياراشمايدىغان ساۋاتسىزلىق ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرگەنمىدۇ؟
رومان دېگەن ئەدەبىي ئەسەر بولۇشى سۈپىتى بىلەن بەلگىلىك ئەدەبىي قۇرۇلمىغا، سەۋەپ-نەتىجە باغلىنىشلىرىغا، زىددىيەت توقۇنۇشلىرىغا (كى بۇ زىددىيەت توقۇنۇشلىرى ئاپتور ئىدىيىسىنى ئىپادىلەشكە خىزمەت قىلىشنى چىقىش قىلغان تىپتە تەرتىپلەنگەن بولۇدۇ) ئىگە ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ھەتتا چوقۇم ئەدەبىياتچى بولۇشمۇ شەرت ئەمەس؛ ئاز-تولا ساۋات بولۇشىلا كۇپايە. ئەمما رادىئودىكى ئالىجاناپلار ۋە ئۇلارنىڭ يىراق-يېقىندىكى ھەمتاۋاقلىرى ھىچ ئويلاپ كۆرمەستىنلا بۇ كىتاپنى رومان دېيىش بىلەن كىتاپنى يوققا چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشمىغان! چۈنكى بۇ كىتاپتا ئاشۇ قىممەتكە سازاۋەر پاكىتلارنى دېمىگەندە ئەدەبىي ئەسەرگە خاس قۇرۇلما يوق؛ بەدىئىيلىك يوق؛ ئەدەبىي ئەسەرگە خاس دراماتىك توقۇنۇشلارمۇ يوق؛ ۋاقەلىك ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئىپتىداسى، ئىنتىھاسىمۇ ئەدەبىي ئەسەرچە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەرتىپتە ئەمەس، پەقەت ئەسلىمىلەرگە خاس ھالەتتە. شۇڭا، بۇ كىتاپنى يوققا چىقىرىدىغان بۇنداق »ياخشى نىيەتلىك شۇملۇق«نى قىلماڭلار، جاناپلار، خانىملار!
ئەمدى بۇنىڭ رومان سۈپىتىدە چەتئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى بولسا، تېخىمۇ شەرمەندىلىك! چۈنكى، ۋەتىنىمىزگە بېرىپ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇغان بىرمۇنچە چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە دېگەنلىرىدىن خەۋىرى بارمۇ، بۇلارنىڭ؟ چوقۇمكى، يوق! چەتئەللىكلەر ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈگۈنكى سەۋىيىسى ھەققىدە بەكمۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بولۇپ، »ئۇيغۇرلاردا تەرجىمە قىلىشقا يارىغۇدەك ئەدەبىي ئەسەر يوق« دېيىشمەكتە. دېمىسىمۇ بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى قاتماللىق، قېلىپبازلىق، تەقلىتچىلىك، بىر ئىزدا تۇرۇۋېلىشتەك ھورۇنلۇق ئىللەتلىرى؛ بۇ ئىللەتلەرنى تونۇشقىمۇ رەغدى بولماسلىقتەك جاھىللىقىدىن ئېيتقاندا، چەتئەللىكلەرنىڭ ئەدەبىياتىمىز ھەققىدىكى باھالىرىنى بەكمۇ يۈزە دېگىلى بولمايدۇ. رەسمىي ئەدەبىي قېلىپلارغا چۈشكەن »ئەدەبىي ئەسەر« ئاتالغان كىتاپلىرىمىز يارىمايۋاتقاندا، پەقەت خىتاينىڭ ئۆزىگە سالغان زۇلمى ھەققىدىكى ئەسلىمە ئارقىلىق، خىتايلارنىڭ ئىنسانىي كىملىكلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن يېزىلغان بىر كىتاپنى (يۈز پىرسەنت ئىشىنىمەنكى، ئاپتور بۇ كىتاپنى رومان يېزىۋاتىمەن، دېگەن نىيەت بىلەن يازمىغان) رومان دەپ تونۇشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟
شۇندىن كۆرە، »خىتاينىڭ بىزگە قانداق زۇلۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولساڭلار مانا بۇ ئەمەلىي مىساللارنى بىرسىنىڭ بىۋاسىتە كەچۈرمىشىدىن ئوقۇپ كۆرۈڭلار« دېگەننى مەخسەت قىلىپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا ۋە »بۇ كىتاپ ھىچقانداق تۈردىكى سەنئەت ئەسىرى ئەمەس، بىر ئادەمنىڭ ھايات كەچۈمىشى، شۇڭا، يازغۇچى بولمىغان بىرسىنىڭ بۇ كىتاپنى بەك بەدىئىي گۈزەللىكتە يېزىشىنى كۈتكىلى بولمايدۇ، بۇنى پەقەت پاكىت سۈپىتىدە قىممەتلەندۈرۈشكە بولۇدۇ«، دەپ تونۇشتۇرۇلغان بولسا قانچىلىك ياخشى بولغان، ۋەتەن-مىللەتكە قانچىلىك بۈيۈك خىزمەت بولغان بولاتتى-ھە!
بىزدە ئوقۇمىغان بولسىمۇ ئەقىللىق ئادەملەر كۆپ، ساۋاتسىز بولسىمۇ، كەسپ ئەھلىلىرىگە دەرس بېرىدىغانلار نۇرغۇن بولغاچقا، مانا مۇشۇنداق ئۆز-ئۆزىمىزنى رەسۋا قىلىپلا يۈرۈمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-19 18:22 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.141926 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش