تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2162|ئىنكاس: 0

قورقۇنچ ۋە ئەركىنلىك: مىللىي دەۋادىكى پسىخىك ساپا ئانالىزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

3

يازما

26

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
26
مەەتىمىن ئەلا
     
ئەگەر بىر ئادەم ياكى بىر توپ ۋە ياكى بىر مىللەت غايەتزور قورقۇنچنىڭ ئاستىدا بولسا، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيلىقنى چىقىش قىلىپ ھەرىكەت قىلغانياكى ئويلىغانلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ.


— بېرتراند رۇسسېل



      قورقۇنچ ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ قۇدرىتىدىن ياكى بىلىشى ھەمقىياسىدىن ھالقىپ كەتكەن شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا تەھلىكەشەكىللەندۈرىدىغان ئوبېكتتىن ۋەھىمە ھىسقىلىش ھىسسىياتىدۇر. قورقۇنچ بەزىدە ئادەمدە ئۆزىقورقۇۋاتقان ئوبيېكتقا ئۆچمەنلىك ھىسسىياتىنىقوزغىسا، بەزىدە ئۇنىڭدىن يىرگەندۈرىدۇ، يەنە بەزىدە بولسا ئادەم ئۇنىڭدىن قېچىشنىئىستەيدۇ. شۇنىڭدەك، يەنە شۇنداق قورقۇنچمۇ باركى، ئۇ ئىنساننىڭ قەلبىدىن تاكى ئۇئۆلگىچە يۈتمەيدۇ، ئۇنى داۋاملىق ئارامسىزلاندۇرۇدۇ ۋە چىدىغۇسىز دەرىجىدەئازابلاپ تۇرۇدۇ. دېمەك، قورقۇنچتا ئادەم بىلەن ئۇ قورقۇۋاتقان ئوبيېكتئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆپ ھاللاردا ياتلىشىش ھالىتىدە بولىدۇ.


بۇ يەردە ئادەم، قورقۇنچئوبېكتى ۋە قورقۇنچتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئامىل ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان بىلىشپائالىيىتى بىلەن باغلانغان. قورقۇنچنى مۇشۇ مەنىدىن كەڭ دائىرىدىن ئېلىپئېيتقاندا مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن. بىرى، ئادەم ئۆزىنىڭ فىزىكىلىقئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن لېكىن قانداق سۈپەتلىكلىكى بىلىنىشلىك ئوبيكىتتىنقورقۇنچ ھېس قىلىدۇ. ئىككىنچىسى، ئادەم ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى دەڭسىيەلمەيدىغانھەم بىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئوبيېكتتىن قورقۇنچ ھېس قىلىدۇ. ئالدىنقىسىبىزگە ئۆزىنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ياكى يىراقتىكى دائىمىي مەۋجۇتلۇقى بىلەن تەھلىكە سېلىپتۇرىدىغان ئوبيېكتنىڭ بىزدە قوزغايدىغان قورقۇنچىنى كۆرسەتسە،  كېيىنكىسىبىزنى، بىزنىڭ بىلىش ۋە ھەتتا ئەكس ئەتتۈرۈش قابىلىيىتىمىزدىن ھالقىپ كەتكەنئوبيېكتنىڭ داۋامىي ۋە ئىزتىراپلىق دەككە-دۈككىگە سېلىپ تۇرۇشۇنى كۆرسىتىدۇ. بۇخىلقورقۇنچنى تەشۋىش دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. تەشۋىش ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىشدائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن نامەلۇم، ئېنىقسىز ۋە تۇتۇق ئوبيېكتتىن  تەھلىكەھېس قىلىپ تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇنى ھەتتا يوقلۇق ھەققىدە ئادەمدەكۆرۈلىدىغان تىرەن ۋە ئاسانلىقچە يوقالمايدىغان قورقۇنچ دېيىشكىمۇ بولىدۇ.ئالدىنقى تۈردىكى قورقۇنچتا ئادەم قورقۇنچ ئوبيېكتى بىلەن بىلىش نۇقتىسىدىنمۇئەييەن مۇناسىۋەت قۇرالىسىمۇ—گەرچە بۇ مۇناسىۋەتنىڭ قانچىلىك پاسسىپ ۋە ياتلىشىشھالىتىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كېيىنكىسىدە بۇنداق مۇناسىۋەت يوقالغان بولىدۇ:بۇنىڭدا ئادەم (زىتلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا) ئوبيېكت ئارقىلىق ئۆزىنىڭمەۋجۇتلۇقىنى ئايان قىلىدىغان نامەلۇملۇق، يوقلۇق ۋە ئېنىقسىزلىق تەرىپىدىنۋەھىمىگە چۆكىدۇ. قورقۇنچنىڭ مانا مۇشۇ ئىككى خىل مەنىسى بىز مۇھاكىمە قىلماقچىبولغان ئەركىنلىك مەسىلىسىگە زىچ باغلانغان.

ئەركىنلىك ئادەتتە ھېچقانداقزورلۇق كۈچى (زورلاش) ۋە بېسىم كۈچى ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدىكى پسىخىكھالەتنى كۆرسىتىدۇ، دەپ  قارىلىدۇ. پەيلاسوپ ئىزاك بېرلىننىڭ تەبىرى بويىچەئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ «زورلىنىشتىن خالىي بولغان ئەركىنلىكتۇر.» بۇ خىل ئەركىنلىكزورلۇق كۈچى بولمىغان ياكى ئۇنىڭدىن قۇتۇلغان ئەھۋال ئاستىدا ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئۆزىخوجايىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزى تۇرۇۋاتقان شارائىتنى چىقىش قىلىپ ۋە ئۇنىڭغاقارىتا مۇستەقىل ھۆكۈم قىلالىشىنى كۆرسۈتۈدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ خىل ئەركىنلىكدەل قورقۇنچتىن خالىي ۋە ئۇنىڭدىن ئازاد بولغان ئەركىنلىكتۇر. شۇنىسى ئېنىقكى،ئەركىنلىك ھەققىدىكى يۇقۇرىقى تەبىردە ئەركىنلىك ئاكتىپ مەنىدە ئەمەس بەلكى پاسسىپمەنىدە يەنى ئۆز-ئۆزىدىن يېتەرلىك بولغان ئەركىنلىك سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى مەلۇمئامىللارنىڭ يوقلۇقى ھەم كەمچىللىكى مەۋجۇت بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا مەيدانغاكېلىدىغان پسىخىك ھالەتنىڭ سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ.

بىرەر كوللېكتىپنىڭ، توپنىڭياكى مىللەت ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىمۇ ئۇلارنى ئىچكى ۋەتاشقىي جەھەتتىن يۈرگۈزۈلىدىغان بېسىم ۋە زورلۇقنىڭ بولۇش بولماسلىقى ۋە ئۇنىڭدەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلەن ئۆلچۈنۈدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ماقالىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كوللېكتىپ پسىخىك ساپاسىغا كۈچلۈك ئەكس تەسىركۆرسىتىۋاتقان قورقۇنچ ئېڭىنى شەرھلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىدىكى ۋەمىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرگە تولغان ئەركىنلىك ئېڭىغاقىسقىچە قاراپ چىقىدۇ. شۇ ئارقىلىق قورقۇنچ بىلەن ئەركىنلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭقانداق بىر تەرەپ قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى مىللىي مۇستەقىللىقكۈرىشىدە (ھەم مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە قانداق كوللېكتىپ پسىخىك ساپانىڭبولۇشىدا) ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.


*****


       ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستىلاسىغا ۋە زۇلمىغا چۈشۈپ قالغانئەللىك نەچچە يىلدىن بېرى خىتايلار ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋاسىتىلەر بىلەنسىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە كۇلتۇر جەھەتتىن تالان-تاراج قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ،شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭنۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تۈرمىدە ياتقان بىر مەھبۇسنىڭكىگە سېلىشتۇرساق،ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. گەرچە تۈرمىدىكىئادەم ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولۇپ كىچىككىنە بوشلۇقتا ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراپقامالسىمۇ ۋە ئۆز بېشىغا كېلىشى مۇمكىن بولغان خىلمۇخىل قىيىن قىستاقلاردىن قورقۇپتۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئۆز كەلگۈسى ھەققىدە كۆپ ھاللاردا (لېكىن دائىم ئەمەس) ئازتولا ئېنىقلىق بېرىلگەن. مەسىلەن: ئۇنىڭغا نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىنمەھبۇسلۇققا بۇيرۇلغانلىقى ۋە بۇنىڭ قانچىلىك ۋە قايسى خىل ئۇسۇلداداۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات — گەرچە ئاز تولابولسىمۇ—بېرىلىدۇ. ئادەتتە قەدىمدىن بېرى بىرەر جىنايەتچىنى تۈرمىگە قاماشتىكىتۈپكى سەۋەبلەر كۆپ خىل بولۇپ كەلدى، لېكىن بۇلارنى يىغساق تۆۋەندىكىدەك ئورتاقلىقلار بار. بۇنىڭ بىرىنچىسى جىنايەتچىنى زورلۇق ئۇسۇلى يۈرگۈزۈش ئارقىلىققاماپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ خاتالىقى ۋە جىنايىتىگە توۋا قىلدۇرۇش بولسا، ئىككىنچىسى ئۇنىتۈرمىگە سولاپ ئۇنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ يەنەئوخشاش خىلدىكى جىنايەتنى ياكى باشقا جىنايەتنى سادىر قىلىشىنى توسۇش ھەم ئالدىنىئېلىش، ئۈچىنچىسى بولسا ئۇنى جازالاش ئارقىلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئالدىدائادالەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ھەم ئۇنىڭ قىلمىشىدىن باشقىلارغا ئىبرەت قىلدۇرۇش،تۆتىنچىسى بۇ ئارقىلىق مەزكۇر جىنايەتچى بۇزغان، تەھلىكە شەكىللەندۈرگەن ۋەكوللېكتىپنىڭ ھاياتى ۋە مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان قىلمىش ۋە ئىدىيىگە قارىتاقايتىدىن سىمۋوللۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلاردۇر.  لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭبىر پۈتۈن مىللەت كوللېكتىپى سۈپىتىدە ئۆزلىرى ئۆچۈن تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغانۋەتىنىدە—يەنى ئۆزىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئانا ۋەتىنى شەرقىيتۈركىستاندا كوللېكتىپ مەھبۇسقا ئايلىنىشى يۇقىرىقى مىسالدىكى مەھبۇسنىڭئەھۋالىدىنمۇ قورقۇنچلۇقتۇر: ئۇيغۇرلار قايسى گۇناھى ئۈچۈن بۇ جازاغا ئۇچرىدى؟ئۇلار بۇ تۈرمىدە قايسى گۇناھى ئۈچۈن كىمگە قانداق تۆۋە قىلىشى كېرەك؟ ئەگەرئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ مەھبۇسلۇقى ئادالەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن دەپ قارالغانئەھۋال ئاستىدا، بۇ كىمنىڭ ئادالىتى ۋە بۇ قانداق ئادالەت؟ ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭبۇ تۈرمىدىكى ۋاقتىنى (سۈرۈكىنى) ۋە كەلگۈسىنى قىياس قىلىش ھەم بىلىش ھوقۇقىبېرىلدىمۇ؟ ئۇيغۇرلار بۇ تۈرمىدە ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگىمۇ—يەنى ئۇلارخۇددى ھەرقانداق بىر مەھبۇستەك گەرچە تېنى  بوغۇشلانغان بولسىمۇ ئەقلىنىئەركىن ئىشلىتىپ پىكىر قىلالامدۇ؟

خىتاي ھوكۇمدارلىرى تەرىپىدىنكوللىكتىپ تۇتقۇنلۇققا چۇشۇرۇپ قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ «گۇناھى» دەل ئۇلارنىڭخىتاينىڭ يۇتۇۋەتمەكچى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنلۇق، تارىخىي ۋە كۇلتۇرلۇقئىگىسى بوپ قالغانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىن خەلق ئىكەنلىكىنى خىتايئۇنتۇلدۇرۇشقا شۇنچە كۈچىسىمۇ ئۇنتۇماي، ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەشنى بىر مىنۇتمۇتوختىتىپ قويمىغانلىقىدۇر. ئۇ خىتايغا شۇنىڭ ئۈچۈن «توۋا» قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇكى،ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ۋە يوشۇرۇن ھالەتتكى ئىدىيىگە ئىگە بولۇشى خىتاي ھاكىمىيىتىئۈچۈن خەتەرلىكتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋە قىلىش يولى ئارقىلىق خىتايغا بىلىنىشىۋە ئاشكارىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇلارنىبېسىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بەرگەن «مېھىر شەپقىتىگە» رازى بولۇپ، خىتاينىڭ يۇۋاشپۇخراسى بولۇشى ۋە خىتاينى قۇتقۇزغۇچىسى دەپ بىلىشى كېرەك. مانا بۇ ئىنسانقېلىپىدىن چىققان ۋە ئوپئوچۇق تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئادالەتدەپسەندىچىلىكىنىڭ—ئادالەتسىزلىكنىڭ ساختا نىقابلار بىلەن پەردازلىنىپ «ئادالەت»سۈپىتىدە بازارغا سېلىنىشىدۇر. مانا مۇشۇنداق ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ بۇ كوللېكتىپقاكەلتۈرۈۋاتقان ئاخىرقى زوراۋانلىقى دەل ئىدىيە زوراۋانلىقىدۇر. بۇ يەردەدېيىلىۋاتقان ئىدىيە زوراۋانلىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداقئىدىيىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە يول قويماسلىقىنى ئەمەس بەلكى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭپەقەت خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىرلا خىلئىدىيىگە ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىدىيىنى ئۇيغۇر كوللېكتىپىنىڭ ئېڭىدا چوقۇمقىلىش كېرەك بولغان ھەرىكەت ۋە ئوي مىزانى سۈپىتىدە يىلتىز تارتقۇزۇۋېتىش خىتاينىڭئىدىيە مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ تۈپكى خاراكتېرىدۇر. بۇ ئارقىلىق خىتايلار ئۇيغۇرلارنىبۇ ھەرىكەت ۋە ئوي مىزانىغا خىلاپلىق قىلسا تەبىئىي ھالدىلا گۇناھ ھېس قىلىدىغان،ئۆزىنى ئۆزى سورايدىغان ۋە خىتاينىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىقئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغان قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. شۇ ئارقىلىقخىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنىڭ پەقەت خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىبىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ.  مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىخىتايلارنىڭ ئۇيغۇر كوللېكتىپىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا خىتايغا قارىتا تارىختىن بېرى سەۋرچانلىقبىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنتايىن تىرەن قورقۇنچ ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ۋە بۇنى چوڭقۇريىلتىز تارتقۇزۇش، شۇنداقلا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشى  ئارقىلىق ئەمەلگەئاشقان. دەل قورقۇنچ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىلا ئەمەس بەلكىئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇقەددەس تۇپرىقى بولغان ئېڭىنىمۇ (قەلبىنىمۇ) مۇنقەرزقىلىشنىڭ يولىغا ئايلانغان. بۇ مۇنقەرزلىك ئۇ قەدەر ئۇستىلىق بىلەن ئېلىپبېرىلىۋاتىدۇكى، ئۇنى ئاڭقىرىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش شۇ قەدەر تەسكەچۈشىۋاتىدۇ، چۈنكى ھەچنېمە ئەمەس دەل قورقۇنچ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكىدۈشمەنلىك ھېسسىياتىنى ۋە كۇلتۇر پەرقىنى ئۇستىلىق بىلەن نىقابلاپ، ئۇيغۇرلارنىئۆز ئىچىدىن ئۆز ئۆزىگە دۈشمەن قىلىپ قويىۋاتىدۇ


ئۇيغۇر مەۋجۇدىيىتى نۆۋەتتەدۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىسلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ تاجاۋۇزچى خىتاي دۆلەت ئاپپاراتىغابولغان قورقۇنچنىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا كۈنسېرى ئېغىرلاپ بېرىشى ۋە ئۆزىگە بولغانئىشەنجىنىڭ جىددىي تۆۋەنلىشىدۇر. خىتاي مائارىپتىن ئىبارەت بۈ ئىنتايىن ھالقىلىقتەلىم تەربىيە بازىسىنى تۇتقا قىلىش ئارقىلىق ۋەتەنپەرلىك تەربىيىسى نامىدا ئۇيغۇرئۆسمۈرلىرىگە  ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى قۇدرەتلىك ئارمىيىگە ۋە ئاتالمىش بەش مىڭيىلدىن ئارتۇق مەدەنيەت تارىخىغا، شۇنداقلا ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈنسېرى روناقتېپىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى پۈتۈن چارە ئاماللار بىلەنبىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا قورقۇنچ شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىپكېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنتايىن ستراتېگىيىلىك يوسۇندائورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ھەيۋەتلىك تەشۋىقاتنىڭ ئۈنۈم بېرىشى نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭكوللېكتىپ ئېڭىدا خىتاينىڭ بۇرۇنقى ئاجىز، رەزىل ۋە ئەخلاقسىز مىللەتلىك سەلبىيئوبرازى بارغانسېرى يوقۇلۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭى ئوبرازى—يەنى ھەر تەرەپتىنگۈللىنىۋاتقان ۋە خەلقئارادىكى ئورنى كۈندىن كۈنگە ئۆسىۋاتقان بىر دەرىجىدىنتاشقىرى دۆلەتلىك ۋە مىللەتلىك ئوبرازى تىكلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن بارغانسېرىقورقۇنچ ھېس قىلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ قورقۇنچ ئويېكتى بولغانخىتايلارغا ئۆزلىرى بىلىپ بىلمەي نۇرغۇنلىغان ئاكتىپ سۈپەتلەرنى قوشۇپ، ئۇلارنىڭئۆز قەلبىدىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرىۋېتىپ (ئىدېئاللاشتۇرۇپ) بېرىۋاتىدۇ.شۇنداق قىلغانسېرى، قورقۇنچى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ—مانا بۇ قورقۇنچ بىلەن قورقۇنچئوبرازىنىڭ مۇناسىۋەتلىشىشىدىن كېلىپ چىققان رەزىل ئايلانمىدۇر. نەتىجىدە بۇ بىرقىسىم ئۇيغۇرلار ئاڭسىز ھالدا ئۆز قەلبىدە ئىچكىيلەشتۈرىۋالغان خىتايلارنىڭ زىيادەكۆپتۈرۈلگەن ئوبرازىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمدە قىيىن ـ قىستاققا ئۇچراش، جازالىنىشۋە ئۆلۈمگە قارىتا تۇغما قورقۇنچ تۇيغۇسى بار. ئۇيغۇر ئىجتىمائىيىتىدە مېدىئاۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كۆپتۈرۈپ تەرغىپ قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى» دەپقارىلانغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەركىنلىك ئىزدىگۈچىلەرنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى،ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۈرمە ھاياتى ۋە خانۇ ۋەيران بولغان ئائىلىۋى ھاياتىقاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى قورقۇنچنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇلارنىخىتاينىڭ قەبىھ شەكىلدىكى قىساس ئېلىشىدىن  ئىھتىيات قىلىدىغان قىلدى. تاشقىيسەۋەبتىن ئېلىپ ئەيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەتراپىدىكى دولەتنىڭ، جۇملىدىنشاڭخەي ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئەزا دولەتلەرنىڭ، خىتاي بىلەن بولغانئىچقويۇن-تاشقويۇن سىياسىتى مەزكۇر كېڭەشكە ئەزا بولغان ۋە بولماقچى بولغاندولەتلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك چەمبىرىكىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۇيغۇرلارنى ئېغىرئۇمىدسىزلىككە دۇچار قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكىھەرقانداق شەكىلدىكى مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بۇتەشكىلاتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭئۇشبۇ رايوندىكى پائالىتىگە ئېغىر قامال ئېلىپ كەلدى.

خىتايلار مۇشۇ ئارقىلىق باشقائۇيغۇر ئاممىسىغا ئىبرەت قىلغۇزۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلاردا خىتاي ھاكىمىيىتىدىنقورقۇش پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىدا كوللېكتىپھالدىكى قورقۇنچنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئۇيغۇرلارنى ئۆز كەلگۈسىگە قارىتا ئىشەنچىنىڭتەۋرىنىپ قېلىشىنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتىدۇ. دېمەككى، ئىچكى ۋە تاشقىي ئامىللارنىڭرولى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن زىيادە ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈلۈپ چىقىلغانقورقۇنچ ئېڭى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇلدى—يەنىمۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېخىمۇ ئىچكىيلەشتۈرۈلدى. ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتايتۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك بولغاچقا ئۇنىڭدىن قورقۇشنىڭ ئەقىلگەمۇۋاپىق بىردىنبىر تاللاش ئىكەنلىكىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىغا قۇيۇۋېتىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئەنە شۇ قورقۇنچ قانچەچوڭقۇر يىلتىز تارتسا خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ئۇنىئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈشى شۇنچە ئوڭاي بولىدۇ. ھەتتا خىتايلار قىلچە كۈچىمەيلائۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ھازىرقى سىياسىي تەقدىرىنى ھېچقانداق قارشىلىقسىز قوبۇلقىلدۇرالايدۇ ۋە ھەتتا ئۇلارنى مۇستەقىل بولۇش غايىسىدىن بىر پاي ئوق چىقارمايتۇرۇپ ۋاز كەچتۈرەلەيدۇ.

ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن قورقۇنچ ئېڭى تاشقىي جەھەتتىن پوپۇزاۋە بېسىم كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىغان قورقۇنچتىنمۇ قورقۇنچلۇقتۇر.چۈنكى ئۇنىڭدا قورقۇنچ ئىچىدىن يەنى قەلبتىن ھېس قىلىنىپلا قالماستىن تېخىمۇيامىنى قورقۇنچ ئويېكتى بولغان خىتاي ئوبرازى قەلبتە ھەر ۋاقىت ئىنتايىن قۇدرەتلىكۋە يېڭىلمەس كۈچ ئوبرازى سۈپىتىدە چۈشىنىلىدۇ. ھەتتاكى بۇ ئوبراز قەلبتە مېنىڭيەنە بىر ھالىتىمگە يەنى مېنىڭ يەنە بىر «مەن» ىمنىڭ شەكلىگە كىرىۋېلىپ ئەسلىدىكى«مەن» ىم بىلەن توقۇنۇشىدۇ. خىتاينىڭ تەھدىتى ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە مۇشۇ يولئارقىلىق ھېس قىلىنىپ تۇرىدۇ. قارىماققا، شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە خەلقئۆزلىرىنىڭ ئىش-ئوقىتى بىلەن ئالدىراش يۈرىۋاتقاندەك قىلىۋاتقىنى بىلەن، لېكىنچوڭقۇر دەرىجىدە ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن ۋە كۆرۈنمەس قورقۇنچ ئېڭى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىسېزەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى ۋە پىكىر قىلىشىنى ئۇلارنىڭئۆزلىرىنىڭ قولى ۋە يولى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە بۇ خىلئىچكىيلەشتۈرۈلگەن ئوبرازنىڭ ئۇيغۇر كوللېكتىپ ئېڭىدا يوشۇرۇن رول ئوينىشىئارقىسىدا بەزى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى خۇددى خىتايلار تەكشۈرىۋاتقاندەك تەكشۈرۈشكەچۈشىدۇ ۋە قىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتى بىلەن توقۇنۇشۇپقالماسلىقى ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە كۈچەيدۇ. خىتايلار دەل مۇشۇ يول ئارقىلىقئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش مەقسىتىگەيېتىۋاتىدۇ.

زىيادە قورقۇنچنىڭ ۋاسىتىسىئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن ۋە كۆپتۈرۈلگەن ئوبرازى ئۇيغۇرلارنىڭكوللېكتىپ ئېڭىنى ۋە ئىرادىسىنى ئىچكى جەھەتتىن بىر نەچچە قاتلامغا بۆلىۋېتىدۇ. بۇبۆلىنىش ئەركىنلىكنى خالايدىغان ۋە ئۇنى تاشقىي جەھەتتىن كېلىدىغان ھېچقانداقبېسىمنىڭ توسقۇنلۇقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يۈرگۈزۈشنى ئىستەيدىغان ئەسلىدىكى«مەن» بىلەن  ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى توسىدىغان ۋە ئۇنى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنىڭخىلمۇ خىل تەسەۋۋۇرلىرى ئارقىلىق كونترول قىلماقچى بولغان يەنە بىر «مەن» —يەنى خىتاينىڭ ئوبرازىنىڭ ئىچكىيلەشتۈرۈلۈشى ئارقىلىق مېنىڭ ئېڭىمنىڭ بىرپارچىسىغا ئايلىنىۋالغان يەنە بىر «مەن» — ئوتتۇرىسىدىكى بۆلىنىشۋە توقۇنۇشتۇر. ئىككىنچى مەنىدىكى «مەن» دەل خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىيتۈركىستاندا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان نەچچە ئون يىللىق دۆلەت تېررورلۇقىنىڭمەھسۇلىدۇر.  بۇ «مەن» ئۆزىدىن پۈتۈنلەي ياتلاشقان «مەن» بولۇپ، ئۆزىبىلىپ-بىلمەي دەل ئۆزىنىڭ ئەزگۈچىسىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. مەسىلىنىڭ ئەڭ ئىزتىراپلىقتەرىپى شۇكى،  بەزى ئۇيغۇرلار ئۆز قەلبىدىكى مانا مۇشۇ ياتلاشقان «مەن» نىڭئۆزىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىنىڭ ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن ئوبرازى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان ھەر بىر پىكىرنى ۋە ئىدىيىنى خۇددى ئۆزىنىڭئىدىيىسى ۋە پىكرى دەپ قارايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭبېشىدا ئوينىتىۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇم ئېلىپ كەلگەن قورقۇنچنىڭ ياردىمى ئارقىلىقئىچكىيلەشتۈرۈۋېلىپ، سېزەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنىئاڭقىرىشىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىۋالدى. ئەڭ دەھشەتلىكى، شۇنىڭ بىلەن ھەر بىرئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە «ئۇيغۇرلۇق» بىلەن «خىتايلىق»تىن ئىبارەت چوقۇم ساقلىنىشى كېرەكبولغان كۇلتۇر پەرقى ئەسلىدىكى «مەن» بىلەن ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن «مەن» نىڭئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ يوقۇلۇشىغا ئەگىشىپ يوقۇلۇشقا باشلايدۇ: مەن ئاخىرىدا ئۆزئىچىمدىن ئۆزۈم سېزەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆزەمنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرىلىمەن. مېنىڭھەقىقىي دۈشمىنىم بولغان خىتاي بولسا مېنى ئۆزىنىڭ ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن ئوبرازى،سۈرى ۋە ھەيۋىتى ئارقىلىق يوشۇرۇن تەرىزدە ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مەقسىتىگە يېتىدۇ.دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭى مانا مۇشۇنداق چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىقئېلىپ كەلگەن قۇتۇلغۇسىز قورقۇنچتا ياشاشقا مەجبۇرلانغاچقا، ئۇلار ئۆزىگە بولغانئىشەنچىنى بارغانسېرى يوقىتىپ قويىۋاتىدۇ، ئۆز ئۆزىدىن—ئۆزىنىڭ كىملىكىدىنبارغانسېرى ياتلىشىۋاتىدۇ ۋە بەزىدە ھەتتا ئۆز ئۆزىدىن ئۆزى بىلىپ بىلمەينەپرەتلىۋاتىدۇ

ئۆزىدىن نەپرەتلىنىش قورقۇنچئېلىپ كەلگەن يەنە بىر ئاقىۋەت بولۇپ، ئەسلىدىكى «مەن » بىلەن ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن«مەن» نىڭ—يەنى خىتاينىڭ «مەن» سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئەسلىدىكى مەننى كونترول قىلىشىۋە داۋاملىق توختىماي ئەيىبلەپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا خۇددى بىرەر ئىشنى خاتاقىلىۋاتقان تۇيغۇغا كېلىش ۋە ئۆزىنى گۇناھ ئۆتكۈزىۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرۇشتۇر. ئەڭئاخىرىدا، ئادەم  ئۆزىنى گۇناھكار ھېسابلاۋېرىش جەريانىدا ئۆزىدىننەپرەتلىنىدۇ.

خىتاينىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىيسىدىن كېلىپ چىققان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ پسىخىكىسىغاقارىتا بىر قوللۇق ئېلىپ بېرىلغان پسىخىكا زوراۋانلىقى ۋە زىيانكەشلىكىنىڭ مەھسۇلىسۈپىتىدىكى قورقۇنچ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىمىزنىلا ئەمەس بەلكى چەتئەلدىكىئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر ۋەتەن ئىچىدىكىخەلقىمىزنى قورقۇنچنىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىقى بولىۋاتىدۇ دېسەك، ۋەتەن سىرتىدىكىلەرئۇنىڭ ۋاسىتىلىق قۇربانلىقى بولىۋاتىدۇ، دېيىش مۇمكىن. ئەگەر ئالدىنقىسى بىزماقالىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن بىرىنچى خىل قورقۇنچقا—ئۆزىبىۋاسىتە تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ھەم ئاز تولا بىلىدىغان لېكىن ئۆزىنىڭپىزىكىلىق قابىلىيىتىدىن ھالقىپ كەتكەن ئوبيېكت ئېلىپ كېلىدىغان ئىزتىراپنى كۆزدەتۇتسا، كېيىنكىسى ۋاسىتىلىق ھەم ئاسارەت خاراكتېرلىق تەشۋىشنىڭ ئوبيېكت ھازىربولمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى ئادەمنى قىيناپ تۇرىدىغان دەككە-دۈككىلىك روھىي ھالىتىنىكۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھېلىھەمخىتايدىكى ۋاقتىدا قەلبىدە خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچ ئىچىگىچە سىڭدۈرىۋەتكەنقورقۇنچنىڭ ئاسارىتىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئۇنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى گەرچە غەرب ئەللىرىدىكى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى جارىقىلدۇرۇشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان، ئۇنى قانۇنىي يوللار بىلەن قوغدايدىغان ۋە ئۇنىتۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن قاندۇرىغان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقىنىغا قارىماي، يەنىلاقەلبىدە ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن قورقۇنچتىن خالىي بولالمايۋاتىدۇ. مەسىلىنىڭ ئەڭ سەزگۈرتەرىپى شۇكى، گەرچە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تاشقىي جەھەتتىنھېچقانداق توسقۇنلۇق، بېسىم ۋە پوپۇزا يوق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار قەلبىدە يەنىلائەركىن ئەمەس—چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى ئۇلارنىڭ قورقۇنچى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋەتۇنجۇقتۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ قەلبى خىتاينىڭ ئۇلارنى بىر مىنۇتمۇ ئارامىداقويمايدىغان سۈرلۈك ئوبرازى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىغلىق ۋە باشقۇرۇقلۇق.خىتايلار دەل ئەنە ئاشۇ قورقۇچنىڭ ئاسارىتى ئارقىلىق ئۇلارنى نەچچە ئون مىڭكىلومېتېرنىڭ نېرىسىدىكى بىخەتەر جايدىمۇ خۇددى ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستانداباشقۇرغاندەكلا باشقۇرىۋاتىدۇ.  دېمەكئۇلار خىتاي تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ ئېچىنىشلىق تەرىزدەئېزىلگۈچىلەردۇر: ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەركىنلىكنى رەت قىلىپ، قورقۇنچ ئېلىپكەلگەن ئىچكى ئاسارەتنى بىر خىل بىنورمال پسىخكىنىڭ يوشۇرۇن رول ئوينىشىئارقىسىدا  قوبۇل قىلغۇچىلاردۇر.


*****


         دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر زىندان ئىنساننىڭ ئۆز قەلبىدىكىقورقۇنچنىڭ ئاسارىتىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئۆتە قورقۇنچلۇق ئەمەستۇر. ئۇيغۇرلارنىڭنۆۋەتتىكى كوللېكتىپ ئېڭى خىتاينىڭ ئادەم قېلىپىدىن چىققان قورقۇتۇپ باشقۇرۇشسىياسىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. ئەگەر بىزنىڭمۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشلىرىمىز چوقۇم ساغلام بولغان كوللېكتىپ پسىخىكساپاغا موھتاج دېيىلىدىكەن، بۇ چوقۇم ئالدى بىلەن بىزنىڭ قەلبىمىزنى قورقۇنچتىنئازاد قىلىشتىن باشلىنىشى كېرەك. قەلبىمىزنى قورقۇنچتىن ئازاد قىلماي تۇرۇپ،ئەركىن پىكىر قىلغىلى بولمايدۇ، ئەركىن پىكىر قىلماي تۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئازادلىقىھەققىدە ئىنسانىي مەنىدىكى قارارنى ئالغىلى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغىلىبولمايدۇ. شۇڭا، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر بىر چىمدىم تۇپرىقىدىن خىتايباسقۇنچىلىرىنى ئۈزۈلكېسىل قوغلاپ چىقىرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى چوقۇم ئالدى بىلەنقەلبىمىزدىن بىزنى قورقۇنچقا سېلىپ كەلگەن خىتاينىڭ ئوبرازىنى پاكپاكىز قوغلاپچىقىرىشتىن، قەلبىمىزنى ھەرقانداق يات كۈچنىڭ ۋە ئوبرازنىڭ كونتروللىقىدىن ئازادقىلىشتىن باشلىنىشى كېرەك. دەل مانا مۇشۇ چاغدا بىز ھەقىقىي ئەركىنلىكنى ئىزدەش،ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرىشىش ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭغا ئېرىشىش قەدىمىنى باسقان بولىمىز.قەلبنىڭ قورقۇنۇچتىن خالىي ئەركىنلىكى بىزنىڭ ئىنسانىي ئەركىنلىكىمىزنىڭكاپالىتىدۇر.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-19 18:21 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.148707 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش