تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2614|ئىنكاس: 0

"غەربنىڭ" مۇكاپاتى، "شەرقنىڭ" كىشىلىك ھوقۇقچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

7

يازما

122

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
122
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەتقان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-5 12:44  

مەمتىمىن ئەلا
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى،"دولەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىنىپ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ جازا مۇددىتىنى تۈرمىدە ئۆتەۋاتقان ۋە 2008 خارتىيىسىنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ليۇ شياۋبونىڭ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى خىتاي ھوقۇقچىلىق ھاكىمىيىتىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالدى. ئۆزىنى كۈنسېرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان يۇمشاق كۈچ دەپ بازارغا سېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقان دىپلوماتىيە بېسىمىغا ئۇچرىدى. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر قامالىنىڭ ئاستا-ئاستا بۇزۇلۇشى بىلەن ئۇقۇلۇشقا باشلىغان پارتلاش خاراكتېرلىق بۇ خەۋەردىن بەزى خىتاي پۇقرالىرى خۇشال بولسا، بەزىلىرى غەزەپلەندى يەنە بەزىلىرى ھەيران قالدى.
            مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ليۇ شياۋبوغا بېرىلىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسى سۈكۈت بولدى. خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئۇشبۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە سۈكۈت قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىنىڭ، ياكى ئۇنىڭغا كۆرسىتىدىغان شەپقىتىنىڭ ۋە ياكى 2008خارتىيىسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا باشلىغانلىقىنىڭ شەپىسى ئەمەس. ئۇ پەقەت خىتايدىن چىققان ۋە دۇنيا ئېتىراپ قىلىۋاتقان بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ  كەلگۈسىدىكى كۆلىمى تېخىمۇ زور دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ داھىيسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر، خالاس.
            خىتاينىڭ  بالايى ئاپەتلىك يىللىرىنى غەربكە ئېچىپ تاشلىغۇچى دەپ قارىلىدىغان گاۋ شىڭجيەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە سۈكۈت قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شياۋبونىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگىمۇسۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. نوبېل مۇكاپاتىغا  ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللىي پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرمەكچى بولغان خىتايلارنىڭ چۈشى توساتتىن بۇزۇلدى—بۇ "خاتا"ئادەمگە "خاتا" ۋاقىتتا "خاتا" كومىتېت تەرىپىدىن بېرىلگەن پەۋقۇلئاددە "خاتا" تارتۇق بولدى. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقلىي كۈچ- قۇدرىتىنى دۇنياغا كۆز-كۆز قىلىشقا ئالدىراۋاتقان خىتايلارنىڭ يۈزىگە "غەربلىكلەر" يەنە بىر قېتىم قاتتىق ھەم مەسخىرىلىك تەستەك سالدى. ئىلگىرى دالاي لاما مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە، ئۇنى "غەربلىكلەرنىڭ ئىتى" دەپ ھاقارەتلىگەن بەزى خىتايلار بۇ قېتىممۇ ئۆزىنىڭ ئىچىدىن چىققان يەنە بىر مۇكاپاتلانغۇچىنى نېمە دەپ تىللاشنى دەماللىققا بىلەلمەي قالدى.
بەزى مىللەتچى خىتاي زىيالىيلىرى ئۈچۈن، غەربنىڭ بۇ ئاتالمىش مۇكاپاتىنىڭ بىر شەرقلىققە، يەنە كېلىپ بىر خىتايغا بېرىلىشى 20-ئەسىرنىڭ غۇرۇرى دەپ قارىلىدىغان ۋە ئۆزىگە بېرىلگەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان فرانسۇز پەيلاسوپى سارتنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى مۇنۇ ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى:  "نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى غەربنىڭ ھەقىقىي يازغۇچىلىرىغا، شەرقنىڭ ئاسىيلىرىغا بېرىلىدۇ."  ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ليۇ شياۋبو بۇنىڭدىن 20يىللار ئىلگىرى ئۆزىنىڭ "ۋەتەن ساتقۇچ خائىن" ئىكەنلىكىنى مۇنۇ سۆزلىرىدە ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىغان:  "خىتايدا ھەقىقىي تارىخىي ئىسلاھاتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ يەنە كەم دېگەندە ئۈچ يۈزيىل مۇستەملىكە قىلىنىشى كېرەك. "[①]
لىبېرال خىتاي زىيالىيلىرى ئۈچۈن، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ليۇ شياۋبوغا بېرىلىشى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش يۈزلىنىشىدىكى ھەل قىلغۇچ تونۇش، ئىلھام ۋە قوللاشنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر. ئۇ ئۇنىۋېرسال قىممەت سۈپىتىدىكى دېموكراتىيىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. شۇنىڭدەك، ئۇلار يەنە شۇنىڭدىنمۇ يوشۇرۇن شادلىق ھېس قىلدىكى، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ بىر خىتاي دېموكراتچىسىغا بېرىلىشى خىتاينىڭ 61 يىللىق ھاكىممۇتلەقچىلىك ۋە ھوقۇقچىلىق تارىخىدا دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان دالايلاما ۋە رابىيە قادىر خانىمچىلىك بىر مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇقچىسىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىگەن خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ نومۇسلۇق تارىخىنىڭ ئاخىرلىشىشىدۇر.   
خىتاي پۇقرالىرى ئىلگىرى شەرقتە "ئىلھامبەخش قۇتقۇزغۇچى"، غەربتە بولسا ئۇچىغاچىققان مۇستەبىت دەپ قارىلىدىغان ماۋ زېدوڭ بىلەن شەرقتە، جۈملىدىن خىتايدا بىرقىسىملار تەرىپىدىن "ساتقۇن" دەپ قارىلىدىغان، غەربتە بولسا ئومۇميۈزلۈك ھالدا "ئەركىنلىك جەڭچىسى" دەپ ئۇلۇغلىنىدىغان ليۇ شياۋبودىن ئىبارەت بىربىرىگە رەپ كەلمەيدىغان ئىككى مەشھۇر شەخسنىڭ ئوبرازىدىن بىرىنى تاللاش ياكى ئۇلارنى "خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە شەكىلدە " كېلىشتۈرۈشكە قالدى. ئۇلار،يىغىپ ئېيتقاندا، غەربنىڭ "تاللاپ" بەرگەن قەھرىمانلىقىنىڭ شەرقچە مەنىسىنى چۈشىنىشكە قالدۇرۇلدى. خىتاي پۇقرالىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرب بىلەن شەرقنىڭ دېموكراتىيىنى چۆرىدىگەن توقۇنۇشىنى خىرە- شىرە ھېس قىلىشتىن باشقايەنە ئۆزىدىن چىققان ئىككى دۇنياۋى مەشھۇر شەخسنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىدەك سوئالغا دۇچ كەلدى. مەيلى ليۇ شياۋبودىن ئىبارەت بۇ قەھرىمان بۈگۈنلا ياكى يەنە ئون يىلدىن كېيىن ۋە ياكى ئەسىرلەردىن كېيىن خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ھەقىقىي قەھرىمان سۈپىتىدە تونۇلسۇن، ئۇ ئەمدى ئۇلار ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدىكى بىر يۈزلۈنۈشنىڭ باشلىنىشىنىڭ سىمۋولى بوپ قالدى.
دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ليۇ شياۋبوغا بېرىلىشى مۇنداق بىر تونۇشنى تېخىمۇ ئېنىقلىققا ئىگە قىلدى: دۇنيانىڭ، جۈملىدىن  ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى ئەمدى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئۇ يەردە مەۋجۇت بولۇشىنى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. شۇنداقلا مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ 4-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ليۇ  شياۋبوغا بېرىلىشى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلەي دەپ قالغان ۋە خىتاي-غەرب يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا 1994-يىلىدىن بۇيان كەمدىن كەم تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۇ ھەرىكەتنى قايتا ئەسلەتتى. 4-ئىيۇن قىرغىنچىلىقى ئەمدى خىتاينىڭ 20-ئەسىردىكى نومۇسلۇق تارىخىنىڭ بىر قىسمى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۇرۇنۇشلىرىدا ئۇنتۇپ قېلىنغان بىر ئەخلاقىي مەسىلە سۈپىتىدە قايتىدىن نامايەندە بولدى. بولۇپمۇ، خۇددى خىتاي پۇقرالىرىدەك، غەرب پۇقرالىرىغىمۇ ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان "ليۇ شياۋبو" دېگەن بۇ ئىسىم بىلەن بىرىكىپ كەتكەن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە 2008 خارتىيىسى غەرب دۇنياسىغا خىتاينىڭ ماڭماسلىقى مۇمكىن بولمايدىغان—قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش پرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان دېموكراتىيە---يولىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇشتۇردى.
ئەلۋەتتە،ليۇ شياۋبونىڭ خىتايلارنىڭ 300 يىل مۇستەملىكە قىلىنغانلىقى، شۇنداقلا خىتايداھەقىقىي دېموكراتىيە ئورنىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يەنە 300 يىل مۇستەملىكە بولۇشىكېرەكلىكىدەك قارىشى زىتلىقتىن خالىي ئەمەس. ئۇنىڭ قارىشىدىكى زىتلىق شۇكى، دېموكراتىيىگەئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى باشقىلارغا مۇستەملىكە بولۇشتۇر—ئەركىنلىكنىڭ ئالدىنقىشەرتى ئەركسىزلىكتۇر. ئۇنىڭ بۇنداق زىت قارىشى ئۇنىڭ يەنە مۇنداق قارىشى تەرىپىدىنكەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ—غەرب دۇنياسى ئۆزىنىڭ 2500 يىللىق تارىخىدا مۇكەممەللەشتۈرگەندېموكراتىيە تۈزۈمى ئىنسانىيەتنىڭ بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك (ئەڭ) يۇقىرى باسقۇچىغا—يەنىئىنسانىيەتنىڭ ئۈزۈلكېسىل مەدەنىيلىشىش باشقۇچىغا-- ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭقارىشىدىكى دادىللىق شۇكى، خىتاي ئۆزى دېۋالغاندەك 5000 يىللىق پارلاقمەدەنىيەت  تارىخىغا ئىگە ئەمەس، چۈنكىئۇنىڭدا دېموكراتىيە بولۇپ باقمىغان؛ مەدەنىيلىشىشنىڭ ئۆلچىمى دېموكراتىيە ئىكەن،ئۇ ھالدا خىتاي ھازىرچە زامانىۋى قۇللۇق دەۋرىدە—مەيلى ئۇ سوتسىيالىزم، ھاكىممۇتلەقچىلىكياكى ھوقۇقچىلىق بىلەن سۈپەتلەنسۇن—ياشاۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، قۇللۇق تۈزۈمدىكى بۇدۆلەت ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باشقۇچىغاۋەكىللىك قىلىدىغان مەدەنىيەت تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنىشى كېرەك. بۇ ھەم تارىخنىڭئەقىلگە مۇۋاپىق يۈزلىنىشىدۇر.
ليۇشياۋبونىڭ يۇقىرىقى قارىشىنى، يەنە بىر مەنىدىن، ئۇنىڭ خىتاينىڭ دېموكراتىيەقەدىمىنىڭ ئاستىلىقى ھەتتا يوق دېيەرلىكلىكىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنىڭ مەھسۇلىدېيىش مۇمكىن. ئەمما، بۇ ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ دىققەتنى قوزغايدىغان تەرىپى شۇكى، ئۇئۆزىدىن بۇرۇنقى ۋە ئۆزى بىلەن دەۋرداش نۇرغۇن خىتاي مىللەتچى دېموكراتىيىچىلىرىدەكۆرۈلگەن مۇنداق بىر ئورتاقلىقنى تەكىتلەيدۇ: قانداقلا ۋاسىتە تاللاشتىن قەتئىينەزەر، خىتاي چوقۇم قۇدرەت تېپىشى ۋە ئەسىرلىك نومۇسىنى يۇيۇشى كېرەك— ھازىرچە بۇنىڭغايېتىشتىكى يول دېموكراتىيىدۇر.
مەيلىنېمىلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭغەربنىڭ خىتاينى مۇستەملىكە قىلىشىنى  قوللىغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ خىتاينىڭدېموكراتىيە قۇرۇلۇشى تۆلەيدىغان بەدەللەرنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىدۇر.
ليۇشياۋبونىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئۇنىڭغا ئېرىشكەن ۋە ئۇنىڭغا قايتا-قايتا نامزاتلىققاكۆرسىتىلىۋاتقان دالاي لاما بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ تىبەتلىكلەر بىلەنئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۈزۈلكېسىل ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى يېڭى مەنىگە ئىگە قىلدى. بۇ مۇكاپاتنىڭ بىزگە بېرىدىغان ناھايىتىئېنىق ئۇچۇرى شۇكى، تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى خىتاينىڭدېموكراتىيىلىشىش   كونتېكىستىدە  ھەل قىلىنىشى كېرەك. ۋەھالەنكى مەسىلىنىڭمەسخىرىلىك يېرى شۇكى، ليۇ شياۋبونى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىدىن ئىبارەت كاتتاشەرەپكە ئىگە قىلغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولغان 2008 خارتىيىسى تىبەت ۋەشەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئاساسەن ھېچنېمە دېمىگەن. خۇددى خىتايلار ليۇشياۋبونىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە سۈكۈت بىلەن جاۋاب قايتۇرغىنىدەك،ئۇشبۇ خارتىيىنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغائېرىشكەن  ليۇ شياۋبونىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانبۇ مەسىلىلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسىمۇ سۈكۈتتىن ئىبارەت بولدى. ئادەمنى غەلەتقىلىدىغان نۇقتا شۇكى، ھەر ئىككى تەرەپ ھەقىقىي دېموكراتىيىنى ئورنىتىش مەسىلىسىگەسۈكۈت قىلمايۋاتقاندۇر؟
يەنەبىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى دالاي لاما، مەيلى رابىيە قادىر خانىمبولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللەتلىرىنىڭ سىياسىي كەلگۈسىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭئىدېئالى بولغان كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، دېموكراتىيە ۋە تىنچلىقپرىنسىپلىرىدا تۇرۇپ ھەل قىلىش ئارزۇسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە كۆپقىسىم خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭمۇ قۇلىقىغا ياقمايۋاتىدۇ. بۇ ئىككىيلەن خىتاي بىلەنتىنچلىقتا بىلەن تۇرۇشنى ئۆز مىللەتلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى قىلىشقاتىرىشقانسېرى، تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى كۈندىن كۈنگەتىنچسىزلىشىۋاتىدۇ.
خۇددىھېچقانداق شەرەپ بەدەلسىز بولمىغىنىدەك، ليۇ شياۋبونىڭ نوبېل مۇكاپاتى شەرىپىگە ئېرىشىشىمۇبەدەلسىز بولمايدۇ. كۆزگە كۆرىنىپ تۇرىدىغان بەدەل شۇكى، تىبەت مەسىلىسى بىلەنشەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بەرىبىر خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىدىكى ئەڭ قىيىننۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ—ھېچقانداق بىر خىتاي دېموكراتچىسى، مەيلى ئۇ نوبېلمۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ياكى ئۇنىڭغا كۆرسىتىلگەن ۋە ياكى كۆرسىتىلمىگەن بولسۇن، بۇلاردىنئۆزىنى ئەپقاچالمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا، مەن ليۇ شياۋبونىڭ بىزگە خىتابەن: "مەنخىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشى ئۈچۈن يەنە 300 يىللىق مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىشقا تەييارتۇرغانىدىم، ئەمدى سىلەرمۇ ماڭا ئوخشاش ئۆز مىللىتىڭلارنىڭ دېموكراتىيىلىشى ۋە ئۆزئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشى  ئۈچۈنخىتاينىڭ يەنە 300 يىللىق مۇستەملىكىسىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرۇشۇڭلار كېرەك!"دەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن.
ليۇشياۋبونىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى خىتاينىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسىدىكىباشلىنىشتۇر—بۇ مۇساپىنى ليۇ شياۋبو ئاخىرلاشتۇرالماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۇقەلەمگە ئالغان 2008 خارتىيىسى تېخى يېزىلىپ بولۇنمىغان بىر خارتىيىدۇر. ئۇنىڭئاخىرىنى چۈشۈرگۈچىلەر يەنە نەچچە رەت نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلىشى ۋەئۇنىڭغا ئېرىشىشى مۇمكىن.


[①]قاراڭ: http://news.creaders.net/headline/newsViewer.php?nid=447394&id=1013984


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-17 20:06 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.236922 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش