تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 3235|ئىنكاس: 0

ئىنقىلاپنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا يۈرۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

5

يازما

93

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
93
تايماس ئەرك
مېنى تۇران، يارقىن، ئازادلىق قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېسىل يازمىلىرى ئاخىرى بۇ تېمىدا ۋە بۇندىن كېيىن پىكىرلىرىمنى بۇ يەردا ئورتاقلاشسام بولغۇدەك دېگەن ئويغا كەلتۇردى. مەن بىر ئەقىلنىڭ نۇرىنى، پىكىر قىلىۋاتقان بىر پاكىز يۇرەكنىڭ ئەكسىنى كورگەندەك بولدۇم.
ئاۋۋال زېھنى ئوتكۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن غۇلام ئوسمان ئاكا، ئىزچىمەن، يارقىن، تۇران، تارىم يولۋىسى، ئازادلىق قاتارلىق قەدىردان كىشىلىرىمىزگە  ئىھتىرام، تەشەككۇر بىلدۇرىمەن(سەھىپە چەكىلىمىلىكى تۇپەيلى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بولالمىدىم).
ئۇيغۇر ئەقىلدارلار قۇشۇنى قۇرۇش، د ۇ ق نى سىستىمىلىق، ئىلمىي تەنقىد قىلىش، دەۋانىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ھازىرلىنىش قاتارلىق ئېسىل پىكىرلەرگە تامامەن قوشۇلۇمەن. مەن توۋەندىكى بىر قانچە نۇقتا بىلەن قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇھاكىمىسىگە ياندىشىمەن:
1. ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ئۇيغۇرنىڭ روھىنى قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشى
د ۇ ق نىڭ قىلىۋاتقىنى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۇچۇن قىلىدىغان 10 چوڭ ئىشنىڭ ئاران بىر قىسمى(يەنى دەۋانى خەلقارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىش). مۇشۇ باسقۇچتا توختاپ قالغان ئۇيغۇر دەۋاسى ئىككىنچى باسقۇچقا كىرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۇچۇن قىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىش ئۇيغۇر روھىنى قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشى پىلانى ۋۇجۇدقا كېلىشى كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ دولىتى بارلىققا كېلىشىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرنىڭ مۇستەملىكىدىن ئېغىر زەھەرلەنگەن روھىي دۇنياسى ئاۋۋال قۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ 20،30 يىل ۋاقىتمۇ ئازلىق قىلىدىغان قۇرۇلۇش. ئەمما بىز ھازىر ھېچبولمىغاندا بۇنىڭ لايىھىسىنى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە ئوتۇئۇرىغا قويۇشۇمىز كېرەك. بۇ نۇقتىدا باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىشنى ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايمەن.
2 . ئەقىل ۋە ئىنقىلاپ
داۋاغا ئەقىل يېتىشمەي قالدى. ئەخمەتجان قاسىم، مەمتىمىن بۇغرا، سابىت داموللا، ئەيسا ئەپەندى، ئەركىن ئاپلتېكىن ۋە ئەمدىكى لىدىرىمىز رابىيە خانىم ئوخشىمىغان نۇقتىدىن سادىر قىلغان ئەجەللىك خاتالىقلار ئىنقىلاپنىڭ بۇگۇنگىچە ئىسىتىخىيىلىك بىر يوسۇندا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاجىز كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بىزنىڭ بۇ لىدېرىمىز جىق بەدەل تۆلىدى، ھۆرمىتىمىز چەكىسىز. ئەمما داھىمىزنىڭ ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئەقلىي كۇچى ئاجىز كەلدى. بۇ ئەقىل بىلەن ئىنقىلاپنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن بۇ ھەقتە داۋامىلىق مۇھاكىمەمنى كۆپچۈلۈككە سۇنۇمەن. بۇ ھەقتە بىر نەرسە كۆرۇشكە ئالدىرىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېنگلىزچىدىن پايدىلىنالىسا ھېربېرت ماكيۇس (1903-1969) نىڭ »ئىدراك ۋە ئىنقىلاپ«(Reason and Revolution) دېگەن كىتابىنى كۆرۇپ چىقىشىنى تەكلىپ قىلىمەن.
3. داھىنى تەربىيلەش ۋە ئۇنىڭ  ئوبرازىنى لايىھىلەش قۇرۇلۇشى
قېرىنداشلار، ياخشى بىر داھىنى بىزگە خەق بەرميدۇ. بىز ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ ئوبرازىنى لايىھىلەش ۋە تەربىيىلىنىشىگە سىستېمىلىق ياردەم قىلىشىمىز لازىم. غەرپتە مەخسۇس Presidency »« دەپ بىر ئىلىم بار. ئۇيغۇر ئەقىلدارلىرى بۇنى كۈنتەرتپىكە ئەكىلىشى لازىم. بۇ ھەقتە قىزىققۇچىلارغا مايكىل نېلسوننىڭ »پرېزىدېنتلىق ۋە سىياسىي سىستېما« دېگەن ئەسىرىنى (The Presidency and The Political System) تەۋەسىيە قىلىمەن. مەسىلەن، رابىيە خانىمنى ئالساق، ئۇ ئۇيغۇرچە ھىسسىياتلىق سۆزلەيدۇ. ئەمما نۇتقىدا ئاز بولمىغان يېتەرسىزلىك بار. بىرىنچى، بىر جۈملىنى بەك ئۇزۇندا قىلىدۇ، قۇيرۇقىنى ئۈزمەيدۇ. بۇ تەرجىمانغىمۇ، ئاڭلىغۇچىنىڭ چۇشىنىشىگىمۇ توسالغۇ بولۇدۇ. ئىككىكنى، ئوبرازى يېقىملىق بولسىمۇ بەدەن تىلىدا يەڭگىللىك، تەنتەكلىك ئېغىر. ئۇچىنچى، نۇتۇقنىڭ تورى يوق، مۇھىم گەپلەر بىلەن پاخال گەپلەر ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىدۇ. بۇ ئىشىنى تەتقىقات دەرىجىسىگە كۆتۇرۇپ ئۇنىڭ ئوبرازىنى لايىھىلەش، تەربىيىلىنىشگە ياردەم قىلىشىنى ئۆز زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. تۆرتىنچى، ئىستراتېگىيىدىكى خاملىق: بابۇر مەخسۇت ۋەقەسى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن نۇتۇق زالىغا بىر جاسوس بەرگەن تاختا رەسىمنى ئېلىپ كىرپ خىتايىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈش ۋە بۇ قېتىمقى كامبودژا ۋەقەسى قاتارلىقلار بۇ ئىشقا جىددىي قارىشىمىز لازىملىقىنى چۇشەندۇرۈدۇ.
4.  بۇ نوۋۋتلىك د ۇ ق غا 2012 يىلغىچە ۋاقىت ۋە پۇرسەت بېرىش.
بەربىر بۇ قېتقمقى سايلام بولۇپ بولدى، ئەمدى 2010 -يىلىغىچە قاراش كېرەك. يەنە د ۇ ق دىكىلەرنىڭ ئىپادىسى، سەۋىيىسى، نەتىجىسى ھازىرقىدىن پەرقلەنمىسە رابىيە خانىمنى سىمۋول ئورنىدا ھۇرمەتلەپ تۇرۇپ كونكرىت ئىش قىلىدىغان رەئىسكە باشقا ئادەمنى  قويۇش كېرەك. مەن 2012-يىلىدىكى سايلامدا ئەركىن سىدىق ئاكىنى باش رەئىسلىككە كۆرسۈتىمەن. ئۇ ئاكىمىزنىڭ مەسىلىنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى(ئىنقىلاپتا بۇ بەك مۇھىم)، ئابرويى، ئىجتىمائىي، تەبىي پەندە تەڭ ياخشى بولۇشى، ئەنگلىز، ياپون، خىتاي، تۇرك تىللىرىدا ياخشى بولۇشى، پەزىلىتى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئاكىمىزنى(ئوزى ئۇنىمىغنىغا قارىماي) بۇ ئورۇنغا تەۋسىيە قلىشىمىزنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكنى دەلىللەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا غۇلام ئوسمان ئاكا، نەبىجان تۇرسۇن، ئىزچىمەن،دولقۇن ئەيسا، ئەسقەرجان، ئالىم سيىتوف قاتارلىقلار باشقا ئوتكۇر كىشىلەر بىلەن ئەقىلدارلار ئۆمىكى بولۇپ تۇرۇپ بەرسە دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن. رابىيە خانىم بىر دەۋر ياراتتى، تۆھپىسى ئۇنتۇلمايدۇ، ئەمما ياشىنىپ قالدى. داھى سىمۋول سۇپىتىدە تورۇپ، باشقا ئىشنى باشقىلار قىلىشى لازىم.
5 . نۇتۇق بانكىسى ۋە ئىنقىلاپ سوئال ئامبىرى قۇرۇش قۇرۇلۇشى، پاكت قويۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش
ئەقلىمىز بىلەن قاراپ باقىدىغان بولساق رابىيە خانىمغا ئوخشىمىغان سورۇندا چۈشىدىغان سوئاللار كۆپ بولسىمۇ، مۇئەييەن قېلىپتىن ۋە چەكىلىك ساندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ناھايىتى كۇچلۇك نۇقتىنەزەرلەر ئامبىرى قۇرۇپ كەلگۇسىدىكى دەۋا پائالىيەتلىرىگە ئالدىن تەييارلىق قىلىش لازىم. مەسىلەن، سىلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قانداق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇسىلەر دەپ بىرسى سوراپ قالغان بولسا، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى نۇتۇق بانكىسىدا ئاللىبۇرۇن بولۇشى لازىم. بىر سوئالغا 10 جۇملە ئەتراپىدا ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ قايىل قىلارلىق جاۋاپ ئالدىن بولغان بولۇشى لازىم. سىدىق ھاجى ئاكا ھازىرغىچە جىق كۈچىدى، لېكىن كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ. دەۋادا مۇقىم سورۇلۇش ئىھتىمالى بار 100 سوئال تەييارلاپ ۋەتىنىم تورىدا كەڭ كۆلەملىك پىكىر ئېلىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ جايىدا چۈشكەن جاۋابىنى نۇتۇق بانكىسىغا كىرگۈزۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك تىللارغا ئالدىن تەرجىمە قىلىپ، جاۋاپ بېرىش لازىم. بەزى تور بەتلىرىدە (ئەنگلىزچە، خىتايچە) رابىيە خانىمنىڭ نۇقتىنەزەرلىرىنى ئاجىز، تاققا-تۇققا زاڭلىق قىلغان ئىشلارنى ئۇچرىتىپ بەك غەزىپىم كەلدى. رابىيە خانىمنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىدا ئوخشىمىغان دائىرىدە مەسىلىلەر ساقلانماقتا.
ئۇندىن باشقا، پاكىت ئامبىرى قۇرۇش. مەسىلەن، بىر يەردە خىتاي بىزنى بېسىۋالدى دېسەك، خەق شۇنداقمۇ دەپ ئاڭلاپلا قويۇدۇ. غەرپتە پاكىتقا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مۇستەملىكىنىڭ ئىسپاتىنى غەرپنىڭ تارىخچى، ئالىملىرىنىڭ كىتاپلىرىدىكى دەل جۇملىلەرنى پوۋېر پوئىنتتا كۆرسۈتۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پاكىت قويۇش ئۇسۇلىمىزنى ئوزگەرتىشىمىز كېرەك. غەرپ ئالىملىرىنىڭ كىتاپىدا يۇرتىمىزنىڭ مۇستەملىكە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق پاكىتلار بار. شۇ جۈملىلەرنى تېپىپ، سايىلەپ، بېتى، نەشىر ئۇچۇرى بىلەن پوۋېر پوئىنتتا قويۇش لازىم. چەتئەللىكلەر بىزنىڭ گېپىمىزدىن كۆرە ئۆزىنىڭ ئالىملىرىنىڭكىگە بەك ئىشىنىدۇ. رابىيە خانىم نۇتۇقتا پوۋېر پوئىنت ئىشلىتەمدۇ يوق ، بىلمىدىم، ئەگەر تېخىچە قىلمىغان بولسا بۇنڭدىن كېيىن قىلىش كېرەك.
6 . رادىكال گۇرۇھنى  د ۇ ق دىن ئايرىم تۇتۇش مەسىلىسى
دىئالوگلىشىش، دەرت ئوقۇش پەقەت بىرلا ئۇسۇل، د ۇ ق ھازىر مۇشۇنى قىلىۋاتىدۇ. ئىزچىمەننىڭ پىكرىدىكى ئەندىزىلەر بويىچە يەنە بىر گۇرۇھ قۇرۇلۇپ كونكىرىت ئىشلارغا، سىڭىپ كىرىشكە كۈچىشى لازىم. لېكىن ئىزچىمەننىڭ دەۋاتقانلىرى توغرا بولسىمۇ قىلىشقا تېگشلىك10 نەچچە ئىشنىڭ ئاران بىرى.
7 . ئىقتىساسلىئىقلار ئامبىرى قۇرۇش قۇرۇلۇشى
بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ جىددي مەسىللەرگە دۇچ كېلىمىز. تىل، كوميۇتېر، سىياسىي ئىلىم، سوتسولوگىيە(جەمىيەتشۇناسلىق)، مائارىپ، جاسوسلۇق  قاتارلىق ئايرىم تۈرلەر بويىچە چەتئەلدىكى ئىمكانىيەتلەرنى ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى قۇرۇپ جىددي ئەھۋالغا ئالدىن تەييارلىنىش لازىم. بۇلار ئىنقىلاپقا بىۋاستە قاتناشمىسىمۇ مەيلى، ئەمما ھالقىلىق پەيتتە ئالدىراپ قالماسىلىق ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك. بىر يىل بۇرۇن د ۇ ق تەييارلىغان بىر ئەنگلىزچە دوكلاتنى كۆرۈپ نومۇس قىلىپ كەتتىم، خاتالىق بەك جىق. تۈنۈگۈن قارىسام د ۇ ق تور بېتىنىڭ خىتايچە ۋە گېرمانچە بېتى ئىشلەنمەپتۇ. بۇ بىزنىڭ ئىختىساسلىقلارغا نەقەدەر مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى دەلىللەيدۇ.
8. جاسوسلۇققا، خائىنلىققا ۋە سۇيقەستكە تاقابىل تۇرۇش قۇرۇلۇشى
بىز كەسكىن بىر كۇرەشكە دۇچ كەلدۇق. ئۇ بولسىمۇ ئارىمىزدىكى خائىنلارنى قانداق بايقاش. بۇ ئەمەلىيەتتە تەس ئىشمۇ ئەمەس. ئۇيغۇرنى قەلبى بىلەن ھېس قىلالايدىغان پىشقان بىر پىسولوگ بولسا بىر ئادەمىنىڭ بەدەن تىلى، كۆزىدىكى نۇر، سۆزى، ئۇششاق ھەرىكىتى، ۋە ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىسىگە قاراپ خېلى بىر نەرسىنى بىلەلەيدۇ. خائىنلىققا قارشى كۆرەشنى ئايرىم بىر قۇرۇلۇش سۇپىتىدە تۇتۇش كېرەك. ئاندىن خىتاينىڭ 36 ھىلىسىنى قايىتىدىن تەتقىق قىلىپ چىقىشىمىزمۇ زۆرۈر.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي خازىرغىچە دىلبەر سامساق، ھاشىر ۋاھىدى، سابىت ئۇيغۇرى قاتارلىق ئىنقىلاپچىلىرىمىزغا سۈيقەست قىلدى. دائىملىق سۈيقەست ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ ئاممىغا ئاشكارىلاش لازىم. بۇ ئىش ھازىرغىچە ئىشلەنمدى. ئەمدى قىلىش كىرەك.
9. زورۇر ئىلىملەرنى ئۇگۈنۈش قۇرۇلۇشى
د ۇ ق ھازىر مۇنۇ ئىلىملەردە نۆل: ھەرىكەت تەشكىلەش (Organizational Behavior)، ئىجتىماي تور (Social Network)، ئاخبارات -ئۇچۇر تەخنىكىسى(Intelligence Technology)، خەلقارا مۇناسىۋەت (Internatinal Relations)، ئاممىۋى ھەرىكەت ئىستراتېگىيىسى ئىلمى(Social Movement Strategy)....ۋاھاكزا. كېيىنكى قۇرۇلتايغىچە بۇ ئىلىملەردە بىر تۈركۈم ئادەملەر ئۆزىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. بۇ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىنقلابىمىزنىڭ ئاساسى.
10. سىجىل تەنقىد ۋە پىكىر ئالمشتۇرۇش
د ۇ ق ئوزىگە مەست بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىشلار چىقىۋاتىدۇ. رابىيە خانىمنى مەن ھەر قانچە بولسا ئورۇنلۇق تەكىلىپ بولسا ئاڭلار دەيمەن. ئەمما، غۇلام ئەپەندى بىلەن سىدىق ھاجى ئاكىنىڭ قلىشقان سېسىتىشلىرى بەكمۇ قاملاشماپتۇ. تەنقىد بۇنداق بولماسلىقى كېرەك. مەن ئاۋۋال گۇنانى ئۇستاز سىدىق ھاجىدا قويىمەن. ئوزى ۋەتەندە بىر تەنقىتچى ئىدى، ئۇ يەردىكى ئادەم سېسىتىش تەنقىد ئۇسۇلىنى غەربكە سۆرەپ كىرمەسلىكى كېرەكتى. بىز تەنقىدنى قاتمۇ-قات دەلىل ئىسپات بىلەن، پاكىز يۈرىكىمىز بىلەن قىلايلى، شۇنداق قىلساق قارشى تەرەپكە تەسىر قىلىدۇ. مەن غۇلام ئەپەندى، سىدىق ھاجى ئەپەندى، مەمتىمىن ھەزرەت قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ۋەتەندىكى تەنقىد ئۇسۇلىنى، بۇ يەرگە سۆرەپ كىرمەسلىكىنى، ئىلمىي تەنقىد ئېلىپ بېرىشىنى، بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئارىدا غۇلام ئاكىنىڭ تەنقىدكە تۇتقان پوزىتىسيىسى خېلى بولۇدىكەن، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىدا مەسىلە بار. دېمەكچىمەنكى، ئىنقىلاپقا تەنقىد كېرەك. ئەينى ۋاقىتتا لېنىن بىلەن تروتىسكى، مارخ بىلەن باكۇنىن، ماۋ بىلەن جاڭ گۇتاۋ لار ئوتتۇرسىدا تەنقىدلەر بولغان. بىر ئىنقىلاپتا تەنقىد چوقۇم بولۇش كېرەك. ئەمما بىز ماۋ دېگەن چۇپرەندىنىڭ ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ تەنقىدچىنى سېسىتىشقا، ئۇجۇقتۇرۇشقا ئاران تۇرساق بولمايدۇ. د ۇ ق تور بېتىدە "تەنقىدي پىكىرلەر " دەپ بىر بەت ئېچىشى كېرەك. بۇنى ئويلاشقىنىدا سەمىمىي تەنقىدچى بىلەن خائىننى، شوھرەت تاماسىدا يۈرگەنلەرنىڭكى بىلەن چىن يۈرەكتىن چىققان تەنقىدنى پەرقلەندۈرۈش لازىم. بۇ تەتقىقات كۈتىدۇ.ئەمما ئۇيغۇر ئىنقىلابى تەنقىدكە مۇھتاج.
يارقىن ، تۇران  قاتارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ پىكرىگە يانداشقان ھالدا بەزى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇيغۇر ئىنقىلابىنىڭ مەنىۋىيەت، ئەقىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىنقىلابنىڭ ئاساسى سۇپىتىدە ئىشلەشكە تېگىشلىك نۇقتىلاردىن ئويلىغانلىرىمنى مۇشۇنچىلىك سۇنۇپ تۇراي. قىلىدىغان ئىشلار بۇلا ئەمەس.
ئۇيغۇر ئىنقىلاپچىلىرى ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلار:
1. لېنىن:  »نېمە قىلىش كېرەك؟«
2. جورج لۇكاس (George Lucas): تارىخ ۋە سىنىپىي ئاڭ (History and Class Consness). ئىنقىلاپتا ئاڭنى بىرلىككە كەلتۇرۇش  ھەققىدىكى مەشھۇر كىتاپ.
3. جورج فرىئېدمان(George Friedman): كېيىنكى يۇز يىل (The next 100 years).
4. تېئودا سكوكپول(Theoda Skocpol): دولەت ۋە ئىنقىلاپ (States and Social Revolution).
5. گوردون ئالپورت (Gordon Alport): غەيۋەت-شىكايەت پىسخولوگىيىسى (The Psychology of Rumour).
6. Politics (سىياسىي ئىلىم)، (بۇ تېمىدا بەك جىق كىتاپ بولغنى ئۇچۇن تىزمىدىم).
7. International Relations (خەلقارا مۇناسىۋەتلەر)، ( بۇ تېمىدا بەك جىق كىتاپ بار بولغاچقا تىزمىدىم).
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-19 18:22 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.145361 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش