تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 3007|ئىنكاس: 4

يېڭى سىياسىي ئويۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

56

يازما

560

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
560
دۆلەتلەر مەۋجۇت بولغان مۇددەت ئىچىدە سىياسىي ئويۇنلىرىنى توختاتمايدۇ. دايىم يېڭى ئويۇنلارنى تەييارلاپ ئەپكار ئاممىغا سۇنۇپلا تۇرۇدۇ. بۇنداق ئويۇنلارنىڭ مەزمۇنى ئوخشىمىغاندەك شەكلىمۇ خىلمۇ-خىل بولۇدۇ.
دۆلەت پۇخرالىرىنى دايىما مەلۇم ئىدىئولۇگىيە ئارقىلىق يېتەكلەش ئۈچۈن تەشۋىقات ئويۇنى ئوينۇلۇدۇ؛ ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە تارتىش ئۈچۈن يەنە باشقا تۈرلۈك ئويۇنلار ئوينۇلۇدۇ. كىشىلەرنى دايىملا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاش ئىھتىياجىنىڭ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن يۆنلەندۈرۈپ تۇرمىسا ھاكىمىيەتلەر ئۆكتىچىلىك ھەركەتلىرى ئىچىدە بوغۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن. مەسىلەن: نۆۋەتتە خىتايلار ئىچكىي زىددىيەتكە قاتتىق پېتىپ، كوممۇنىست ھاكىمىيىتى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. پۇخرالارنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى
كەيپىياتى مەلۇم چەككە يەتسە ئىسيانغا ئېلىپ بېرىشى، ئاندىن ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان ئومۇمىيخەلق ھەركىتىگە ئايلىنىپ كېتىشى مۈمكىن. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ياپونىيە بىلەن بولغان ئارال تالىشىش ئويۇنىنى ئويلاپ تاپتى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي مىللەتچىلىكى كۆرۈكلۈنۈپ، ئىچكىي زىددىيەتنى قويۇپ تۇرۇپ، تاشقىي دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش كەيپىياتى، دۆلەت ھاكىمىيىتى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇش ئىھتىياجى تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئىلگىرى بىر ماقالەمدە دەپ ئۆتۈلگەندەك، دۆلەتنىڭ ھەر دەۋردە دۈشمەنگە ئىھتىياجى بولۇدۇ. دۈشمەنگە بولۇدۇغان ئىھتىياج ئىچكىي بىرلىكنىڭ ئىھتىياجىدىن تۇغۇلۇدۇ. بىر تاشقىي دۈشمەن يارىتىلغاندىلا، ئاندىن ئىچكىي بىرلىكنى قوبۇل قىلدۇرۇش، ھاكىمىيەتكە قارشى سادالارنى پەسەيتىش مەخسىدىگە يەتكىلى بولۇدۇ.
ئەمدى ئەسلى مەخسەتكە كەلسەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت قانداق قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق ئويۇنلارنى سەھنىلەشكە ئىھتىياج تۇغۇلۇۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە مۇھاكىمىلىرىمىزنى قانات يايدۇرۇمىز.
خىتايلار ھەربىر ئۇيغۇرنى پوتانسىيال دۈشمەن دەپ قارايدۇ. مۇئەييەن تارىخىي شارائىتتا، مۇئەييەن بىر ۋاقىتتا ھەربىر ئۇيغۇر دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، پۈتۈنسۈرۈك بىر مىللەتكە قارا-قويۇق قارشى تۇرغىلى، بىر باشتىنلا قەتلى قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، دۈشمەنلەرنى سىنىپلاندۇرۇش ئىھتىياجى تۇغۇلۇدۇ: ئاكتىپ دۈشمەن، پوتانسىيال دۈشمەن دېگەن ئىككى چوڭ كاتىگورىيەگە ئايرىش مۈمكىن. ھازىرچە پوتانسىيال دۈشمەننى ئىتتىپاقداش دەپ تونۇۋاتقان، گۇمانلانمايۋاتقان، ئۆز، ھەتتا قېرىنداش ھىساپلاۋاتقان كۆرۈنۈش بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىك قىرلىرى بىر ئاز يۇمشۇتۇلۇپ، كولدۇرلۇتۇپ تۇتۇپ تۇرۇلۇدۇ؛ ئاكتىپ دۈشمەن سىنىپىغا ئايرىلغانلارنى يەنىمۇ چوڭقۇرراق تەكشۈرۈپ، ئىنچىكىراق سىنىپلاندۇرۇش زۆرۈرىيىتىمۇ بار. ئاكتىپ دۈشمەنلەرنىڭ بەزىلىرى ھىسىيات جەھەتتىن تولۇق قارشى مەۋقەدە بولسىمۇ، شارائىت تېخى ئۇيغۇن ئەمەس دەپ ھىساپلاپ، ھىسىياتىنى ھەركەتكە ئايلاندۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان دۈشمەنلەر؛ يەنە بەزىلىرى، شارائىتنى كۈتۈپ ئولتۇرماستىن قاراملىق بىلەن دۈشمەنلىك ھەركەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈدۇغانلار.
بۇنداق سىنىپلاندۇرۇشتا، بۈگۈننىڭ ئۆزىدە خىتايلارنى قورقۇتۇۋاتقان جېنى بەدىلىگە خىتايلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەھىمە سېلىۋاتقان مۇجاھىتلار بار. بۇلار يوشۇرۇن بولغاچقا، قايسى ۋاقىتتا، قايسى يەردە پەيدا بولۇشى، قەيەرلەرگە، كىملەرگە زەربە بېرىشى ئېنىق ئەمەس. مانا بۇنىسى مەسىلىنىڭ قورقۇنۇچلۇق تەرىپى. بۇنداق دۈشمەنگە كۈچلۈك ئارمىيەنىڭ بولۇشى، ئاتوم بومبىسىغىچە بولغان بارلىق ئىلغار قوراللارنىڭ بولۇشى قىلچە رول ئوينىيالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەن ئاشكارە بولغاندىلا رول ئوينىيالايدۇ. خىتايلاردا «ئوتنى ئورۇپ يىلاننى ئۈركۈتۈش ھىلىسى» دېگەن بىر پەنت بار. بۇ ئۇلارنىڭ ئاتالمىش 36 ھىلىسىنىڭ ئىچىدىكى بىرى. تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: بىر بولۇق ئوتلۇقتا كېتىۋاتىسىز، ئوتلۇق ئىچىدە يىلان بارلىقىنى بىلىسىز، ئەمما قەيەردىلىكىنى بىلمەيسىز. بۇنىسى مۇداپىئەڭىز ئۈچۈن، ساقلىنىشىڭىز ئۈچۈن بەكمۇ پايدىسىز بولغاچقا، تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق. ئەگەر يىلاننىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىۋالسىڭىز ئەلۋەتتە يا ئۇنى ئۆلتۈرەلەيسىز، يا ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەلەيسىز. بىلمىگەن ئەھۋالدا تۇيۇقسىز زەربىدىن ساقلىنىشنىڭ تەسلىكى كۆڭۈلگە ئايان بولغاچقا، بەكمۇ ۋەھىمىلىك. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، «ئوتنى ئورۇپ، يىلاننى ئۈركۈتۈش» پەنتى ئىشلىتىلىپ، يىلاننىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولۇنۇدۇ. يىلان ئۆزىنىڭ بار يېرىنى مەلۇم قىلسىلا، يا ئۆلتۈرەلەيسىز، يا ئەگىپ كېتەلەيسىز. ۋەتىنىمىزدىكى ئەھۋالمۇ خىتايلار ئۈچۈن خۇددى شۇنداق. پىدائىيلارنىڭ زەربىلىرى خىتايلارنى بىرەر ھىلە ئۈستىدە ئىزدەنمەستىن قاراپ ئولتۇرىشىغا ئىمكان بەرمەيدۇ. دېمىسىمۇ دۆلەتلەر ھەتتا ھىچ ئاكتىپ ھالغا كەلمىگەن بىخ ھالەتتىكى دۈشمەنلەرنىمۇ، ئۆزى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ، ئالدىن تازىلايدىغان ئۇسۇللارمۇ بار.
ۋەتىنىمىزدە بولسا قارشىلىق ھەركەتلىرى ئاكتىپ ھالەتتە بولۇش بىلەن بىرگە، كۈنسېرى كۆپەيمەكتە، كۈچەيمەكتە. بۇ ھالدا قورقۇنچاق خىتايلار، مىڭ تەستە كۆچۈرۈپ كەلگەن كۆچمەنلەرنى بۇ يەردە يىلتىز تارتقۇزۇشتا جىددىي توسالغۇغا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئالدى بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ ماھىيىتى تەتقىق قىلىنىدۇ؛ قۇرۇلمىسى، تەبىقىسى بەلگىلىنىدۇ: قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دىنىي ئېتىقادىي يېڭىدىن كۈچلەنگەن، ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەر!
چاياننىڭ زەھرىگە قارشى چاياننىڭ ئۆزىنى پانزەر قىلىپ قوللۇنۇش چارىسى ئومۇملاشقان چارە بولۇپ، دىنىي ئېتىقادى تۈپەيلى قارشىلىق قىلىشنى باش تارتىپ بولمايدىغان دىنىي مەجبۇرىيەت دەپ ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئوت يۈرەكلەرنى يەنە شۇ دىنىي ئېتىقات ئارقىلىق قايمۇقتۇرۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك بولۇدۇغانلىقىنى ھەركىم قوبۇل قىلالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ نادانلارنىڭ دىنىي قارىشى مۈجمەللەشتۈرۈلۈدۇ؛ دۈشمەن قارىشى مۈجمەللەشتۈرۈلۈدۇ؛ دىننى سۈئىستىمال يولى بىلەن بۇرمىلاپ شەرھىيلەپ، ئۇلارغا باشقا بىر دۈشمەن، باشقا بىر جىھاد ئوبېكتى كۆرسۈتۈلۈدۇ. جەننەتكە ئېرىشىشنىڭ تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ «توغرا» يولى ئىما قىلىنىدۇ. مانا شۇنىڭ بىلەن، خىتايلار ئۈچۈن دۈشمەننى باشقا چىغىرغا باشلاپ قويۇش؛ ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق، بىرلا چالما بىلەن بىرنەچچە پاختەك سوقۇش نەتىجىلىرى تۇغۇلۇشى مۈمكىن.
مەسىلىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، خىتايلار 200 يىلدىن بېرى بىزنى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئاخماق قىلىپ باشقۇرۇۋاتقانلىقى بولۇپ، ئۆزگەردى دېيىلسە پەقەت رەڭ ئۆزگۈرۈشىلا بار، ماھىيەتتە ئوخشاش؛ خۇددى تۇخۇمنى كۆكتە، يېشىلدا، قىزىلدا بوياپ بازارغا سالغاندەكلا! نادانلىقىمىز تۈپەيلى ھەتتا خىتايلار يېڭى چارىلەرنى ئويلاپ تېپىشقىمۇ مەجبۇر بولۇپ قالماستىن، كونا ئۇسۇلنى تەكرار ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ قەدەر ئاددىي رىجىلەرنى خەلقىمىزگە چۈشەندۈرۈشنىڭمۇ مۈمكىن بولمىشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئۈمىتسىزلەندۈرۈدۇ.
90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئازاتلىق ھەركىتىمىزدە خىتايلار ئارىمىزغا ئىسلامچى، دېموكراتچى دېگەن پىتنىنى سوققانىدى. ئاتالمىش دېموكراتچى دېيىلگەنلەرمۇ مۇسۇلمانلار ئىدىيۇ، قارشى تەرەپ ئۇلارغا مەجبۇرى بۇ قالپاقنى كەيدۈرۈۋالغان ئىدى. بۇنداق بۆلۈشلەرنىڭ ھەرخىل ۋارىيانتلىرىنى يېقىن تارىخمىزدىنمۇ تاپالايمىز. مەيلى قايسى پىرقە بولسۇن خىتايغا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى — ئورتاق دۈشمەن — نۇقتىسىدىن بۇ تالاشلارنى قويۇپ تۇرۇش ئەسلىدە بەك ئەقەللىي ئىش بولسىمۇ، ئەمما زىددىيەت ئۇلغايتىلىپ شۇ دەرىجىگە يەتكۈزۈلگەنكى، تەشۋىقاتلاردا «سېپىمىزنى تازىلىماي تۇرۇپ، خىتايغا قارشى بىر پايمۇ ئوق ئاتمايمىز»؛ «دېموكراتچىلارنى تازىلىۋەتمەي تۇرۇپ، خىتايغا قارشى ئوق ئېتىشقا بولمايدۇ» دېگەنلەر ئاشكارە سۆزلەنگەن ۋە شۇنىڭغا قارىتامۇ خەلقىمىزدە «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەن سوئال تۇغۇلمىغان، ئەقلىنى جارىي قىلاي دېمەستىن قارىغۇلارچە ئەگىشىش بىلەن كىرىزسكە پاتقان ئىدى. ھەتتا شۇنداق تەبلىغلەرمۇ بولۇپتىكەنكى، ۋەتەنگە يوللۇنۇۋاتقان مۇجاھىتلارغا: «ئەگەر دېموكراتچىلار سىلەرگە يېقىنلىشىپ، بىرلىكتە ھەركەت قىلايلى دېسە، ھە، دەپ قويۇپ، سىرلىرىنى بىلىۋېلىپ، خىتايغا دەپ قويساڭلار ساۋاپ بولۇدۇ، بۇ دۈشمەننى دۈشمەننىڭ قولى بىلەن، زالىمنى زالىمنىڭ قولى بىلەن يوقۇتۇش دېگەننىڭ ئۆزى شۇ» دەپ تەلىم بېرىلىپتىكەن. نەتىجىدە ۋەتەن ئىچىدە پاجىئەلىك تۇتۇلۇشلار، توپلاپ يوقۇتۇشلار يۈز بېرىپ، خىتايلار ئۈچۈن زور دەرىجىدە ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچى تېجەپ بېرىشتەك تەلۋىلىكلەرمۇ كۆرۈلگەن.
ئاشكارە دۈشمىنىمىز ۋە بىردىن-بىر دۈشمىنىمىز بولغان خىتايلاردىن بىرىمۇ قارىسىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ، بۇ ھەركەتنى تېرە-پېرەڭ قىلىۋەتكەندىن كېيىن بەزىلەردە ئاندىن ئۆتكەن ئىزلىرىنى تەكشۈرۈپ، قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ بېقىش ئەقلى تۇغۇلۇپ، بەزى خاتالارنى تونۇغان بولسىمۇ، يەنە ئاسترتتىن قىلىنغان يۆنلەندۈرۈشلەرگە ئېزىپ، بۈگۈنمۇ ئوخشاش خاتاغا كېتىۋاتقانلىقى ئۇقۇلماقتا. خىتايدەك چوڭ دۈشمەن ئالدىدا بىز يەنە باشقا بىر دۈشمەندىن گەپ ئاچساقلا بۇ بىزنىڭ سىياسەت، تاكتىكىدىن ھىچنېمە بىلمەيدىغانلىقىمىزنىڭ ئىسپاتىدۇر. سىياسىينىڭ قارىشىچە، دۈشمەن ئۇقۇمىنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىرلا دۈشمەن ئۇقۇمى تەلقىن قىلىنىشى، ئەتىكى ياكى يىراق كەلگۈسىدىكى دۈشمەنلەر، يىراقتىكى دۈشمەنلەر، بىلىنمىگەن دۈشمەنلەر تىلغا ئېلىنماسلىقى لازىم. نىشاننى مۇرەككەپلەشتۈرۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نىشان ئاددىيلىشىشى كېرەك. يەنى، دۈشمەن پەقەتلا بىرلا دۈشمەنگە قىسقىرىشى، نىشانمۇ پەقەتلا بىرلا نىشانغا قىسقارتىلىشى كېرەك. «ئۆزەم پاتمىغان كامارغا، غەلۋىر باغلاي... » دېگەندەك، شۇ بىر دۈشمەنگىمۇ قارشى تۇرۇش ئىمكانلىرىمىز تولۇق بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، بىر تالاي دۈشمەن يارىتىش، نىشاننىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈش ئەقىلسىزلىق بولغان بولۇدۇ.
ئۆز ۋاقتىدىكى تەبلىغ مەزمۇنلىرىدىن بىرى، «ئاللاھ بىزدىن نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلمىدىڭ دەپ سورىمايدۇ، بەلكى نېمە ئۈچۈن جىھات قىلمىدىڭ دەپ سورايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ توغرا بولسىمۇ، بۇنىڭ شەرھىلىنىشىدە مەسىلە بارىدى. يەنى، ياش گۆدەكلەر ئەخمەق قىلىنىپ، ئافغانىستان ئىچكىي ئۇرۇشى جىھات دەپ كۆرسۈتۈلگەن ۋە ئۇلارنى مۇشۇ جىھاتقا قاتناشسىمۇ بولۇدۇغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن ئىدى. ئەمما ئاددىي دىنىي ساۋاتمۇ بۇ سەپسەتىنى رەت قىلىۋېتىدۇ: ئىككى مۇسۇلمان كۈچ ئارىسىدىكى ئۇرۇش جىھات ئەمەس، پىتنە ئۇرۇشى ھىساپلىنىدۇ. ھەتتا بىر تەرەپ بەك پاسىق بولغان تەقدىردىمۇ! بۇ چاتاقنى يېپىش ئۈچۈن بولسا، بۇ نادانلارغا شىمال ئىتتىپاقى كاپىر دەپ چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى. بىر مۇسۇلماننى كاپىر دېيىشنىڭ گۇناھى تۇرۇپ تۇرسۇن، ئالدىنقى سەپكە بارغانلار ناماز ۋاقتىدا ئېتىشمىلار توختاپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئەزان ئاۋازى كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانلىرىدا، باشلىقلار ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ، ئىككىلى تەرەپتىن ئەزان ئاۋازى ئاڭلىدىم دېگەن گەپنى ئارقا سەپتىكىلەرگە دەپ بارسا كاللىسى كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان. ھەتتا شۇنداق ئېنىق پاكىتلارنى كۆرۈپ تۇرغانلارمۇ گەپدانلىق بىلەن قىلىنغان «تەبلىغ»لەر خاسىيىتىدە يەنىلا قايمۇقۇۋەرگەن ياكى باشقا تاللاش چارىسى قالمىغاچقا (چۈنكى پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنغاچقا ھىچيەرگە كېتەلمەيتى، پۇلىمۇ يوق بولغاچقا تامامەن بېقىندى ھالغا چۈشۈپ قېلىشقان ئىدى) ئىشەنمىسىمۇ ئىشەنگەن قىياپەت ئىپادىلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ ئوخشاش تەشۋىقاتلارنىڭ داۋاملىق بازارغا سېلىنىۋاتقانلىقى، تېخىمۇ يامىنى بازار تاپالاۋاتقانلىقى، بىز خەقنى ئادم قىلىشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى ئالدىمىزغا قويماقتا. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق «قېچىپ» چىقىۋاتقانلارنىڭ كۆپچۈلۈكىمۇ يەنە شۇنداق جىھات مەيدانلىرىنى نىشانلاپ چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇلار مەملىكەت ئىچىدىكى سىرلىق موللىلار تەرىپىدىن يۆنلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار مېڭىسىگە قۇيۇلغىنى بويىچە، ئۆز ئەقلىنى ئىشلىتىپ باقاي دېمەيلا بۇ ھۆل خىشقا دەسسەپ، ئاتالمىش پاكىستاندا بولغان ئاشۇ لاگىرغا كېتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقى ياكى كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەگەر خىتايلار ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنى قاغىلىقتا ياكى چەرچەندە مانا شۇنداق توپلىيالىغان بولسىدى، خىتاي ئۈچۈن بۇمۇ بولۇۋېرەتتى؛ خۇددى ئوتنىڭ ئارىسىدىكى يىلاننىڭ نەدىرەك ئىكەنلىكى ئېنىق بولاتتى-دە، ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولاتتى. شۇغۇنىسى بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنى ئىشەندۈرۈپ، قاغىلىقتا بىر لاگىر قۇرۇپ، بۇلارنى توپلىغىلى بولمايتى. شۇڭا بۇ ئىشنى پاكىستاندا قىلسا خىتاي ئۈچۈن بۇنىڭ قاغىلىقتا ياكى چەرچەندە توپلىغاندىن ھىچ پەرقى يوق، ئەمما ئۇيغۇرلار سىياسىي، دىپلوماتىيە، دۆلەت، دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى، بىر دۆلەتنىڭ ئاياقتا تۇرۇشىدىكى ئامىللار ھەققىدە ھىچقانداق ساۋاتقا ئىگە بولمىغانلىقىدىن پاكىستاننى چەتئەل ھىساپلاپ، بۇ يەرگە خاتىرىجەم ھالدا كېلىپ توپلۇنۇۋېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. مىڭ جاپا مۇشەققەتتە خىتاينىڭ زۇلۇم چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇپ قېچىپ چىقتىم دەپ خىيال قىلغان بۇ بىچارىلەر، خۇددى «خۇپتەندىن قېچىپ تەرەۋىگە يولۇققاندەك» يەنە ئايلىنىپ ئۆز ئاياقلىرى بىلەن مېڭىپ خىتاينىڭ چاڭگىلىغا قايتىپ كېلىۋاتقىنىنىڭ پەرقىدە ئەمەس ئىدى. ھەتتا بۇنى دېگۈچىلەرنى دەرھال كونا قالپاق بىلەن «دېموكراتچى ئىكەنسەن-دە» دېيىشەتتى. سۈرىيەگە جىھات ئۈچۈن كېتىۋاتقانلارمۇ بارىمىش، ئەلۋەتتە. سۈرىيەدىمۇ ئۇرۇشۇۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى مۇسۇلمان ھىساپلاۋاتقان ئەھۋالدا، جىھات ئەمەس، پىتنە ئۇرۇشى بولۇدۇغانلىقى، دىندىن ئاز-تولا خەۋىرى بارلارغا سىر بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرىيەدىكىسى ناھايىتى چوڭ خەلقارالىق ئويۇننىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بۇ ئۆز ئارا قىرغىنچىلىق، بۇ ئويۇننىڭ سىنارىستلىرنىلا مەمنۇن قىلىدۇ.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەرەپتىن «قېچىپ چىقىۋاتقان»لارنىڭ بەش يىلدىن بېرى 6000غا يەتكەنلىكى تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن مەلۇم. ھازىرچە بۇلارنىڭ كېيىنكى يېتىپ بارغان مەنزىللىرى ھەققىدىكى پەرەزلەرنى قويۇپ تۇرۇپ، بىر دۆلەتنىڭ چېگرىسىدىن بەش يىلغىچە ئىزچىل ئادەم قاچسا، بۇ قاچقانلار ناھايىتى چاققان ياش يىگىتلەرلا ئەمەس، ئۇلۇغ-ئۇششاق، خوتۇن-بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا، بۇنىڭ ئالدىنى ئالمىغان قانداق دۆلەت بۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلماي قالمايدۇ. مېڭىسى يۇيۇلغان ئادەملىرىمىزدە ئەلۋەتتە بۇنداق سوئاللار تۇغۇلمايدۇ، ئۇلارغا ھەتتا بىرلا ئېغىز گەپ، مەسىلەن، «ئاللاھ ساقلىسا ھىچكىم ھېچنېمە قىلالمايدۇ» دېگەن گەپنىڭ ئۆزىلا يېتىپ ئاشىدۇ. ئەمما، ئېتىقاتلىق مۇسۇلمانلارمۇ بۇ گەپكە ئىشىنىشتىن بۇرۇن دۇنياۋىي شەرتلەرنى ئەسكە ئالماسلىقى مۈمكىن ئەمەس! ھەدىستە، تۆگىسىنى باغلىمايلا ئاللاھقا ئامانەت دېگەن ساھابىنىڭ ھىكايىسى ۋە رەسۇلىللاھنىڭ ئۇنىڭدىن تۆگەڭنى باغلىغانمۇ؟ دەپ سورىغانلىقى، ئاندىن «ئاۋال تۆگەنى باغلاپ، ئاندىن ئاللاھقا ئامانەت قىلىسەن»، دېگەنلىكى بۇنداق ھەيۋەتلىك چوڭ گەپكە گۇماندا بولالىشىمىزدىكى جۈرئەتنىڭ مەنبەسى بولالايدۇ. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دېگەن تەلۋە ھەركەت جەريانىدا كىشىلەر ئۆزىنى ھۇجۇمدىن قوغدىماقچى بولسا قولىغا قىزىل تاشلىق «گۆھەر كىتاپ»نى ئېلىۋېلىپ، «ماۋجۇشى ۋەنسۈي! ماۋجۇشى ۋەنسۈي» دەپ تەكرارلاپ تۇرۇۋەرسىلا ئۇرماقچى بولغان قوللارمۇ ھاۋادا توختاپ قېلىپ، ھىچكىم چېقىلىشقا پېتىنالمايتى. خۇددى شۇنىڭدەك، باھانە تاپالمىغاندىلا ئاللاھنىڭ نامىنى سۈئىستىمال قىلىپ، مۇداپىئە كۈنلۈكى ھىسابىدا پايدىلىنىدىغان ساختىپەزلەر ئارىمىزدىكى ساختا دىندارلاردا بەك كۆپ كۆرۈلگەن ۋە كۆرۈلۈدۇغان ئىشلاردىن. قىسقىسى، ئاللاھنىڭ ساقلىشى يەنە تەكۋىنى قانۇنلارغا رىئايە قىلىشىمىزنى، دۇنياۋىي شەرتلەرنىمۇ لازىم قىلىدۇ. بىۋاسىتە ساقلاش، مۆجىزە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق مۆجىزە مەيغەمبەرگىمۇ ئالدىراپ كۆرسۈتۈلمەيدىغان تۇرسا، ھەربىر سولتەككە تۆكۈلۈپلا تۇرارمىشمۇ؟
يەنە مەسىلەن: پارتلىغۇچى ماددىلارنىڭ پارتلاش خۇسۇسىيىتى ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن تەكۋىنى قانۇندۇر. ئۇ مەلۇم شەرتلەر ئاستىدا چوقۇم پارتلايدۇ. شۇڭا پارتلىغۇچى ماددىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا تەكۋىنى قانۇنلارغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەك، قانۇنىيەتلىرىنى بىلىشىمىز، شۇ بويىچە ھەپىلىشىشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلمايلا، «بىز دېگەن مۇجاھىت، ئاللاھنىڭ جىھات چاقىرىقى ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتىمىز، شۇڭا ئاللاھ ساقلايدۇ» دەپلا قاراقوساقلارچە مۇئامىلە قىلساق، دۈشمەننى ئەمەس، ئۆزىمىزنى پارتىلىتىۋالىمىز. بۇ ھالدا «ئاللاھ مېنى ساقلىمىدى» دەپ ئاغرىنىمىزمۇ؟ بىز ئاللاھنىڭ تەشرىئىي قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ جىھاتقا ئاتلانغان بولساقمۇ، تەكۋىنى قانۇن (تەبىئەت قانۇنى ياكى تەبىئىي قانۇنىيەتلەر دەپ ئىستىمال قىلىپ  كەلدۇق)غا رىئايە قىلمىغانلىقىمىزنى، ئاللاھ ماددىغا بەلگىلىۋەتكەن مەلۇم شەرتلەر ھاسىل بولغاندا پارتلاش بۇيرۇقىنىڭ بەرىبىر ئىجرا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي ئامال يوق.
خۇددى شۇنىڭدەك، دۇنياۋىي شەرتلەرمۇ بار. دۆلەتنىڭ قانۇنى، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى شەرتلەر،... بۇلارنىڭ ھەممىنى چۈشۈنۈپ، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشىمىزمۇ مەجبۇرىيەتلىرىمىزدىن بىرىدۇر. ئاللاھ ئۆز ئىسمى سۈپەتلىرىنىڭ بەندىلىرىدە تەجەللىسىنى كۆرۈشتىن خۇشال بولۇدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنساننى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتقانلىقىدىن ماختىنىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆز روھىدىن پۈۋلەپ جان ئاتا قىلغاندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل ۋە ئىرادە بەرگەندۇر. ئاللاھنىڭ ئەڭ ئىپتىخارلىق ئەسىرى بولغان ئىنساننىڭ ئەقىل ئىشلەتمەسلىكى ئاللاھنى مەمنۇن قىلمايدىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى ئەقىل، ئىشلىتىشىمىز ئۈچۈن بېرىلگەن. ئاللاھ خالىقتۇر؛ بەندىلىرىنىڭ كەشپىياتچى، ئىجاتكار بولۇشىدىن خۇشال بولۇدۇ؛ ئاللاھ قادىردۇر، بەندىلىرىنىڭمۇ قولى چىۋەر، ھۈنەرۋەن بولۇشىدىن سۆيۈنۈدۇ؛ ئاللاھ ئالىمدۇر، بەندىلەرنىڭمۇ ئىلىم ئەھلى بولۇشى ئاللاھنى مەمنۇن قىلىدۇ. ئاللاھ كەبىر ۋە ئەزىم سۈپەتلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ ئىنسانلاردا تەجەللىي قىلىشىدىن سۆيۈنۈدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىدىلا ئەمەس، ئىنسان بولۇش سۈپىتىدىمۇ، ئەقلىمىزنى جارىي قىلىشىمىز ئەقەللىي تەلەپتۇر. ئەقلىمىزنى ئىشلەتمەستىنلا، «ئاللاھ بار، ئاللاھ ساقلايدۇ، ئاللاھ ئوڭشايدۇ،... » دەپ ئولتۇرۇش تەييارتاپلىق، ھورۇنلۇق بولۇپ، بۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ خۇشال بولۇشى مۈمكىن ئەمەس!
ئەمدى كېلەيلىكى، بىر دۆلەت قانداق شەرتلەر ئاستىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ؟ قانداق كۈچلەر، قانداق ئامىللار دۆلەتنى ئاياقتا تۇتۇپ تۇرالايدۇ؟ ئىلگىرىكى يازمىشلىرىمىزدا ئىستىخباراتنىڭ بۇ ئامىللار ئىچىدىكى موھىملىقى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈلگەن ئىدى. ئەمدى قالدىكى، خىتايلار ئىشەنمەيدىغان، پوتانسىيال دۈشمەن دەپ تونۇيدۇغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەددى ھەركەتلىرى ھەر زامان خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ كۈزۈتۈش ئوبېكتى بولۇپ، ھەربىر ئۇششاق ئالامەتلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئىنچىكىلىكتە خىتايلارنىڭ ئوخشىشى يوق دېسەكمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. دۇنيا ئۇرۇشى فىلىملىرىدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەردە ناتسىتلارنىڭ (دۈشمە دۆلەتتىكى) كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارغا خېلى كەڭ قوساق، دوستانە بولغانلىقىنى كۆرۈمىز؛ بالىلاردىن پايدىلىنىپ بەزىدە دۈشمەن گازارمىلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋاللىرى ئىگەللىنىدۇ. ئەمما خىتايلار كىچىك بالىلارغىمۇ قەبىھ دۈشمەن مۇئامىلىسى قىلىدۇ. بۇنداق ئىرقچى مىللەتتىن يەنە بىرىنىڭ بولۇشىغا ئىشىنىشمۇ مۈمكىن ئەمەس. ئۇ ھالدا بىر چېگرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قېچىش ئەھۋالى يۈز بېرىپ بۇنىڭ بەش يىلغىچە داۋام قىلىشىغا قانداق ئىشەنسەك بولۇدۇ؟ دۆلەت ئۇ دەرىجىدە بىخۇدمۇ بولۇدۇ دەيمىزمۇ؟ ياكى بۇ شەتلىك قويۇپ بېرىشمۇ؟
بۇلارنىمۇ قويۇپ تۇرايلى، قاچاقلارنىڭ مەنزىللىرىدىن بىرى بولغان پاكىستاندىكى ھېلىقى گورۇپپا ھەققىدە ئويلۇنۇپ كۆرەيلى.
ئىلگىرى مەن بۇ گورۇپپا ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلغان ئىدىم («رىياكارلىقمۇ ياكى شۇملۇقمۇ؟»)، بۇ ماقالىدا يا بۇنداق بىر گورۇپپا مەۋجۇت ئەمەس، مەۋجۇتكەن، خىتايلارنىڭ شەرتلىك يول قويۇشى ئاستىدىلا مەۋجۇت يەنى، خىتاي كونتروللۇقىدا، دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈردۈم.
نەتىجىدە ئاجايىپ ئەھۋاللار بىلەن روبىرو بولدۇم. بىرى، بۇ گورۇپپىدىكىلەرنىڭ ساۋادىنى دەلىللەيدىغان بىر ئىنكاس بولۇپ، ئۇلار ماقالىنى ھەتتا چۈشەنمىگەن! بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئىنكار قىپتۇ، دەپ ئويلاپ قالغان. ماقالىنىڭ ئاخىرىغا يېزىلغان ئىنكاسلاردىن بىرىدە شۇنداق دېيىلىپتۇ: «گۇماندىن ئۆتۈپ ھاقارەتكە يول ئېلىپلا، سىلىگە جاۋاپ بېرىمىز، بەلكى پات ئارىدا. ئۇيغۇر ئۈچۈن مەنپەئەتلىك يولدىن بەكرەك زىيانلىق يولدا پىكىر يۈرگۈزۈپ كەلدىلە، بۇنىڭ مۇكاپاتىغا ئاللاھ سىلىنى ئېرىشتۈرۈدۇ... » دېيىلگەن بولۇپ، راست دېگەندەك پات ئارىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ، پېشاۋۇر كوچىلىرىدا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىۋاتقان ھەركەتلىرىدىن بىر فىلىم ئېلىپ، ماڭا جاۋاپ سۈپىتىدە يۇتۇپقا يوللاپتۇ. مەن بۇنى كۆرۈپ ھەقىقەتەنمۇ كۆزۈمگە ياش ئالدىم. ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئاساسىي نۇقتىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ چۈشەنمىگەن! «بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزغا ئىشەنمەپتۇ» دەپ خاتا چۈشۈنۈۋېلىپ، مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپات قىلىشقا تىرىشقان! نەقەدەر نادانلىق! ئاندىن ماڭا تەھدىت خەتلىرىمۇ كەلدى. «ھوشۇڭنى تاپ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان خەتتە «ئىسلامچى» كىملىكىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھاقارەتلەر تولۇپ كەتكەن بولۇپ، مەن ئۇلاردىن مەنتىقىلىق سەۋەپ كۆرسۈتۈشنى تەلەپ قىلدىم. ئەمما ماڭا، ھاقارەت بىلەن جاۋاپ بېرىشتى. خۇددى ئوخشاشلا، ماقالە ئاخىرىدىكى ئىنكاسلارغا يازغان جاۋابىمدا ئەقىل قوبۇل قىلالايدىغان، مەنتىقلىق سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ، مېنىڭ قاراشلىرىمنى ئاغدۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدىم. ئەمما ھازىرغىچە بۇنداق جاۋاپ بېرىلمىدى.
ئەسلىدە ئۇلارنىڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇغانلىرى (مېنىڭچە ھەممىسىنىڭ ئوقۇش ئىمكانلىرى بولۇشى ناتايىن) ساپ مۇجاھىتلاردىن بولسا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئويلۇنۇپ باققان، ئۆز مەۋجۇتلۇقلىرىنىڭ سەۋەپلىرى ھەققىدە، كونتروللۇققا چۈشۈپ قالغان بولۇشى ئىھتىماللىقى ھەققىدە ئويلۇنۇپ باققان بولاتتى. شۇنداقلا ئارىسىنى تەكشۈرۈشكە تۈرتكە بولغان بولاتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ماقالىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلىرىدىنلا يا قاراقوساقلىقتا قايسى چەكتە ئىكەنلىكىنى يا بولمىسا دەل مەن پەرەز قىلغان، توپنى خىتاي ئارزۇسىغا كۆرە يۆنلەدۈرۈدىغان بىرلىرىلا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولاتتى.
ماقالەم باشقا ئامما ئارىسىدىمۇ قارشىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بەزى دوستلۇرۇمنىڭ قاراشلىرىمۇ تامامەن ئۆزگۈرۈپ، دۈشمەنلىشىش ۋەزىيىتىگە ئېلىپ بارغانىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا تالىپ ياكى تالىپ مىجەزلەر بولۇپ، بىرنەرسە چۈشەندۈرۈشنىڭ ئىمكانى ئاز بولغان ئادەملەر دېيىشكە بولاتتى. بەزىلىرى ھەتتا شۇنداقمۇ دېگەن بولدى:
— ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى سىلىنىڭ نېمىلىرىگە تاقاشتى؟ ھە، بولاپتۇ، دەپ قويسىلىرى بولمامتى؟ ياكى شۇنىڭ ئورنىغا خىتايلارنىڭ سۈيقەستلىرى ھەققىدە بىرەر مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويسىلا بولمامتى...
مانا بۇ غەلىتىلىكتىنلا ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرىدىكى بىلىم قۇرۇلمىسىنى پەرەز قىلغىلى بولاتتى. ئەمما مانا شۇنىسىنىڭ ئۆزىلا خىتاي سۈئىقەستلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى دېگىنىمدە بولسا، ئۇلارنىڭ «ئاللاھ» دەيدىغانلار ئىكەنلىكىنى ئەڭ موھىم دەلىل قىلىپ كۆرسەتتى. (ھارۇنخان ھاجىمۇ، تۈركىيەدىكى ئابلا تەخەيمۇ ئاللاھ دەيدىغۇ؟) بەزىلىرى دېدىكى،
— ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەن تونۇيدۇغان بالىلار تۇرسا؟!...
مەن دەيمەنكى، مەن تونۇيدۇغانلار بولغان تەقدىردىمۇ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ قالمايدۇ. چۈنكى بىز شۇ سوئاللارغا ئىشەنگۈدەك جاۋاپ بېرەلىشىمىز لازىم:
1. پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنى نېمىشقا تۇتمايۋاتىدۇ؟
2. تۇتالمايۋاتامدۇ؟
3. تاپالمايۋاتامدۇ؟
4. كۈچى يەتمەمدۇ؟
ئەگەر بۇ سوئاللار قانائەتلەندۈرۈلسە ئاندىن بۇ گورۇپپىنى شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىتلىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا بولۇدۇ. لېكىن ھىچكىم بۇ سوئاللارغا «ھەئە» دېگەن جاۋاپنى بېرەلمەيدۇ، شۇنداق تۇرۇپ يەنە نېمىنى تالىشىمىز؟ چۈشۈنۈپ بولمايدۇ.
بىرى دېدىكى، ئافغانىستان چېگرىسىدا بىر قەبىلە رايونى بولۇپ، بۇ قەبىلە رايونىغا ھۆكۈمەت ئارىلاشمايدىكەن، بۇ مۇجاھىتلار مانا شۇ يەردە بولغاچقا، مۇجاھىتلارنى ياخشى كۆرۈدۇغان بۇ قەبىلە ئۇلارنى قوغدايدىكەن، باقىدىكەن! بۇ خېلى بولۇدۇغان جاۋاپ. بولۇدۇغان دېيىشىم، دۆلەت ھاكىمىيىتى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلارنى بولسىمۇ ئىشەندۈرەلەيدىغانلىقىدا. ئەمما مەن يەنىلا بۇنىڭغا قايىل بولمايمەن. مەنلامۇ؟ مەن بۇ ھەقتە ئاشۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان ۋە ماڭا بۇ ئاجايىپ جاۋاپ بېرىلگەندە بىر راي سىناش ئېلىپ باردىم. ھەتتا بىر دىنداردىن سورۇدۇم: ئەگەر سىلە دۆلەتنىڭ جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ، سىلىنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەت تېرىتورىيىسىدە سىلىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە بېقىنمايدىغان بىر رايون بولسا، شۇنىڭغا يول قويامتىلە؟
— ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلاتتىم.
— ئەسكەرلەرگىمۇ باش ئەگمەي پۈتۈن قەبىلە ئۇلۇغ-ئۇششاق قارشى چىقسا قانداق بولاتتى؟
— قىرىپ تۈگۈتۈۋېتەتتىمكى، بۇنداق بىر باش-باشتاق كۈچنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويمايتىم.
— پۈتۈنلەي قىرىلىپ تۈگىگىچە قارشىلىق قىلسىمۇ؟
— قىرىپ تۈگۈتىۋېتىپ، باشقا يەرلەردىن ئاھالە كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرەتتىم.
يەنى، بۇنداق بىر كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇقى، دۆلەت سوراپ باقمىغان بىر ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇردىكى ھوقۇقى ئۈچۈنمۇ ھاقارەت بولۇپ تۇيۇلۇپ، بۇنداق قەبىلىگە يول قويالمايدىغانلىقىنى سۆزلىمەكتە! بىر جۇمھۇرىيەتتە (جۇمھۇرىيەت ئىختىيارلىق بىلەن قايتا بىرلەشكەن توپ دېگەن مەنىدە كېلىدۇ) تەڭ ھوقۇقلۇق رايونلار، ئىشتاتلار، فىدراتسىيىلەر مەۋجۇت بولۇشى مۈمكىن. ئەمما بۇ تەڭ ھوقۇق ئىشتاتلار ئارا، فىدراتسىيىلەر ئارا تەڭ ھوقۇق بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەركىزىي ھاكىمىيىتى بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ ھوقۇقلارمۇ مەدەنىيەت، كۈلتۈر، ئىقتىسات، باشقۇرۇش تۈزۈملىرى جەھەتتە بولۇپ، دىپلوماتىيە، تاشقىي ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئەگەر مەلۇم فىدراتسىيە، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتى، دىپلوماتىيەسى، دۆلەت مۇداپىيەسى قاتارلىق جانىجان مەنپەتلىك مەسىلىلەردە دۆلەت بىلەن قارشى كەلسە ياكى فىدراتسىيەنىڭ يەرلىك سىياسەتلىرى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ، دۆلەت دىپلوماتىيەسىگە زىيانلىق تۈس ئالسا دۆلەت بۇنداق فىدرال ھۆكۈمەتنى ئەلۋەتتە ئەمەلدىن قالدۇرۇدۇ. بۇ ئەقەللىي ئۇقۇمدۇر.
ئەمدى پاكىستاننىڭ قەبىلە رايونىغا كەلسەك، بۇ قەبىلە رايونى جۇمھۇرىيەتنىڭ قانۇنىدا فىدراتسىيە دەپ ئېتىراپ قىلىنغانمۇ؟ ھازىرغىچە پاكىستاندا بۇنداق فىدرال بىر قۇرۇلما بارلىقى ئۇقۇلمىدى. شۇنداقلا دېيىلىۋاتقان بۇ رايونمۇ، دۆلەتنى ئىككىلەندۈرۈپ قويغۇدەك چوڭ بىر يەر ئەمەس، دۆلەتنىڭ كۈچى يەتمەي قالغۇدەكمۇ ئەمەس. كىچىككىنە بىر يەر. بۇنى تىلغا ئالمىغاندىمۇ خىتاي –پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى چوڭقۇرلۇق، ھەتتا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچى يەتمىگەن تەقدىردە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشقا ياردەم قىلىشىغىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ. يەنە بۇنىمۇ قويۇپ تۇرساق، ئاشۇ بالىلارچە ھىكايىنى راست دەپ تۇرساق، يەنى، ھۆكۈمەت بۇ قەبىلە رايونىغا كىرەلمەيدۇ دېگەنگە ئىشىنىپ تۇرساق، ئۇلار پېشاۋۇرغا كالگەندە نېمىشقا تۇتۇۋالمىدى؟ دېگەن سوئالمۇ تۇغۇلۇدۇ.
ئەسلىدە ماقالىدا ھەممە ئىھتىماللىققا جاۋاپ بېرىلگەن بولۇپ، يەنە يېڭى يوچۇقلارمۇ تېپىلمىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ماقالىنى چۈشەنمىگەن ياكى چۈشۈنۈشنى خالىمىغان دوستلار جاھىللىق بىلەن تاقىشىپ، ئاللىقاچان دېيىلىپ بولغان گەپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغان «دەلىللەر»نى ئالدىمغا تۆكۈشتى. ئۇلار دەۋاتقان «بىز بىلىدىغان بالىلار تۇرسا... » دېگەنگە ماقالىنىڭ ئۆزىدىلا جاۋاپ بارىدى. سىز بىلىدىغان ياكى مەن بىلىدىغان بالىلارنىڭ بولۇشى مەسىلىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئاددىي ئەزاغىچە مۇناپىق بولۇشى كېرەك ئەمەس، تىزگىنلىگۈچى — بىر ئادەم بولسىلا كىپايە دەپ بولغان ئىدىم.
ئىلگىرىكى ماقالەمگە يېزىلغان ئىنكاستىكى مەزمۇنلاردىن بىرى، مېنىڭ دايىملا زىيانلىق مۇلاھىزىلەردە بولۇشۇم ھەققىدە بولۇپ، بەلكىم توغرا تەرىپى بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئەمما خەلقىگە كۆيۈنۈدىغان، ۋەتىنىگە كۆڭۈل بۆلۈدۇغان بىر ئىنقىلاپچى بۇنى سەزگەن بولسا ئەلۋەتتە پاكىتلىق بىر جاۋاپ بېرىشى ۋىجدانىي بۇرچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى، بۇ زىيانلار قايسىلار؟ خاتالىرىم قايسى جەھەتلەردە؟ «مۆمىن مۆمىننىڭ ئەينىكى» دېگەن ھەدىسنىڭ روھى بويىچىمۇ بىر مۆمىننىڭ خاتالىرىمنى كۆرسۈتۈپ بېرىپ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بولۇدۇ ئەمەسمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە بۇنداق بىر تەپسىلىي ئېنىقلىما بېرىلمىدى؟
يېقىن ئۆتمۈشىمىزدىمۇ بۇنداق شەرتلىك يول قويۇشلار ئاستىدا مەۋجۇت بولغان توپلىرىمىز بارىدى (كېيىن خىتايلار ھەتتا ساقچى ئەۋەتىپ پاكىستاننىڭ شەھەر كوچىلىرىدا قوغلاپ تۇتۇش ھەركەتلىرىنى ئېلىپ باردى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئىشغالى تۈپەيلى بۇ يەردە مەۋجۇت بولۇش شەرتلىرى ئاياقلىشىپ، تەرەپ-تەرەپكە تېزىپ تۈگىگەن ئىدى). پاكىستان ئىستىخباراتى بۇ ياقتا تۇرسۇن كوچا ساقچىلىرىمۇ ئۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلىدىغانلىقى مۇجاھىتلىرىمىزدىن خېلى كۆپىگە مەلۇم بولغان ۋە ھەيران قالدۇرغان ئىدى (بۇنداق ھەيرانلىقمۇ يەنە شۇ ساۋات مەسىلىسىگە باغلىق بولۇپ ئەسلىدە بۇنىڭ ھىچقانداق ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئەقەللىي ئىش ئىدى): كوچىدا ئۇيغۇرلارنى توختۇتۇپ، سەن قايسى توپنىڭ؟ بومبا ساقاللىقنىڭمۇ، چالا ساقالنىڭمۇ؟ دەپ سوراركەنمىش. ئۇلارنىڭ ھەيرانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردە قانداق توپلارغا بۆلۈنۈپ، ئىچكىي ماجرالارغا بوغۇلۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇشى ئىدى. بىر دۆلەت، ئۆز تېرىتورىيىسىدە بولۇۋاتقان ئۇ قەدەر داۋراڭلىق بىر ئىشنى ئەمەس، ئەڭ سېزىلمەس كەيپىيات ئۆزگۈرۈشلىرىگىمۇ دىققەت قىلىپ تۇرۇدۇ ۋە شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر. ئۇنىڭسىز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئىستىخباراتتىن ھىچنېمە بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ لوپۇلدۇما ھەركەتلىرىنى بىلمەيدىغان بولسا، ھىندىستان بىلەن بولغان دۈشمەنلىكتە قايسى ھالغا كېلىپ قالار؟
گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇ يەرگە كەلدىكى، مەملىكەت ئىچىدە مائاشلىق موللىلار ئارقىلىق مېڭىسى يۇيۇلۇپ، ئاللىقانداق مەخسەتلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇ «مۇجاھىتلار»نى توغرا يولغا باشلاش چەتئەللەردىكى دىندارلىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى. يەنە ئۆتمۈشتىن قالغان «ئىسلامچى»، «دېموكراتچى» بۆلۈنۈشلىرىنى جانلاندۇرۇشقىلا يارايدىغان تەلقىنلەردە بولماي، ئۇلارغا ھەقنى چۈشەندۈرۈش بەختكە قارشى يەنىلا موللىلىرىمىزغا چۈشۈدۇغان بۇرچتۇر. چۈنكى مېڭىسى يۇيۇلغان بۇ كىشىلەر، باشقا ھەرقانداق تەبىقىنىڭ كىشىسى قىلغان گەپكە ئاشۇ پروگراممىلانغان جاۋاپنىلا بېرىدۇكى، ھەرگىز گېپىگە كىرمەيدۇ. ھەدىستە دېيىلگەن «ھەركىم ئۆز پادىسىدىن مەسئۇل»نىڭ روھى بويىچە ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىق قىلىدىغان بولساق، بىز ئاللاھنىڭ مۈلكى بولغان يەرشارىدىن ئۆزىمىزگە بېرىلگەن شەرقىي تۈركىستاندىن مەسئۇلمىز. بىزنىڭ سورىقىمىز چوقۇمكى، مۇشۇ مەرھالىدە بولۇدۇ. بىزدىن ھەرگىزمۇ تۈركىيەنى نېمىشقا ئازات قىلمىدىڭ دېگەن سوئال سورالمايدۇ، شۇنداقلا زۇلۇم قىلىۋاتقان دۈشمەن ئىشىكىمىزدىلا تۇرسا ئۇنى قويۇپ، سۈرىيەگە بېرىپ نېمىشقا جىھاتقا قاتناشمايسەن دېيىلمەيدۇ! بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەقىل قوبۇل قىلالايدىغان ھەققىقىي دىن بولۇش سالاھىيىتىگە توغرا كەلمەيدۇ. خۇددى سىلە-رەھىمنى ئائىلىمىزدىن باشلىغاندەك، زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ياكى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئىشىنىمۇ يېقىنىمىزدىن باشلىشىمىز، يىراقتىن دۈشمەن ئىزدەپ ئاۋارە بولماسلىقىمىز توغرىدۇر. قۇرئاندا دېيىلگەن: «سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن قوغلاپ چىقارغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىڭلار» دېگەن ئايەتنىڭ كۆرسۈتۈۋاتقىنى بىۋاسىتە زۇلۇم سالغان دۈشمەنلەرگىلا تېگىشلىك قارشىلىق بىلدۈرۈشنى كۆرسەتمەمدۇ؟ يەنە: «سىلەرگە زۇلۇم قىلمىغان،... دۈشمەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ» دېگەن ئايەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگىنىمىزدە، دۈشمەننى ئۇزاقتىن ئىزدەش، بىزگە مۇناسىۋەتسىزلەرنى، بىۋاسىتە زۇلۇم قىلمىغانلارنى دۈشمەن قىلىۋېلىش ئەمەس، پەقەت ئۆزىمىزگە زۇلمى يېتىۋاتقان دۈشمەنگىلا زەربە بېرىش ھوقۇقىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بارلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
مەزكۈر ماقالەمگە قارشىلار بولۇشى چوقۇم. ئەمما بۇ قارشىلىق پاكىتقا، مەنتىقىگە، ئەمەلىيەتكە تايانغان بولسا ئەلۋەتتە قارشى ئىنكاسلارنى قارشى ئالىمەن. «ئىسلامچى» كىملىكىگە ئۇيغۇن تەلەپپۇز ۋە سەمىمىيلىك بىلەن خاتالىرىم كۆرسۈتۈپ بېرىلسە، گۇمانلىرىم ئاغدۇرۇۋېتىلسە چىن كۆڭلۈمدىن مەمنۇن بولۇمەن.
2014-يلى 27-ئاپرىل

39

تېما

56

يازما

560

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
560
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-8 18:17:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
# ئارتۇچ يىل-ئاي-كۈن سائەت:مىنۇت
ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنىپ يېزىلىنىپتۇ رەھمەت ئاپتورغا

39

تېما

56

يازما

560

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
560
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-8 18:17:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
# مۇجاھىد يىل-ئاي-كۈن سائەت:مىنۇت
يۇقىرىدىكى يازمىنى قولىڭىزغا چۈشكەن بىرەر ئوچۇق دەلىلگە ئاساسەن يازدىڭىزمۇ ياكى سىز "ئۆيدە ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدىغىنى" مۇ؟ بۇ ھەقتە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشىڭىزنى كۈتىمەن. چۈنكى مەن مۇشۇ كۈنلەردە دەل ئاشۇ سىز تىلغا ئالغان جامائەتنىڭ سۈرىيەدىكى تارمىقىغا قوشۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن. پاكىتلارنى ئىنىق بايان قىلسىڭىز، بۇ مېنىڭ قارارىمغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەن ھېلىقىدەڭ "خائىن بولمىساڭ تىرىك يۈرەمتىڭ" دېگەندەك ئۇسلۇبتىكى مۇلاھىزىلەرگە قايىل بولمايمەن، شۇنداقلا كانادادا نامايىش قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىدىغان ئىشلارغىمۇ قىزىقمايمەن، ئۆزى بىخەتەر يەردە تۇرۇۋىلىپ، كىشىلەرنى خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئىشلاردىنمۇ نۇمۇس قىلىمەن.

39

تېما

56

يازما

560

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
560
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-8 18:18:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
# ئۇيغۇر يىل-ئاي-كۈن سائەت:مىنۇت
سىلىمۇ ھېلىقى "قېچىپ چىققان"لارنىڭ بىرىمۇ ياكى مۇشۇ ئەتراپلاردا ياشاۋاتقان، مېنى گەپكە سالماقچى بولغانلاردىن بىرىمۇ؟
ئەسلىدە مەن كۆرسەتكەن سەۋەپلەر يېتەرلىك، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ پىكىر قىلىشى ئۈچۈن يېتىپ ئاشىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ شۇنىلا دەپ قوياي: دۆلەت چېگرىسى دېگەن بولۇپمۇ خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ چېگرىسى ئۇنداق بوش بولمايدۇ. مەھەللىدىن مەھەللىگە خەتسىز بارغىلى بولمايدىغان بىر زاماندا شۇنچە كۆپ ئادەم يۈننەنگىچە قانداق باردى؟ ھېلىقى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇدۇغان يەرلىك يولداشقا قانداق ئۇچراشتى؟ ئوتتۇرىدا بېرما دېگەن بىر دۆلەت بارىكەن تايلاندقىچە قانداق ئۆتتى؟ ھەتتا مالايسىياغىچە؟ خىتايلار بىلەن تۈركىيەنىڭ شۇنچە كۆپ تۈردە كېلىشىملىرى بولغان ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ بۇنچىۋالا دادىللىق قىلىپ مىڭلاپ ئۇيغۇرنى ئەكىلىۋېلىشى بۇ كېلىشىملەرگفە نېمە ئۈچۈن تەسىر يەتكۈزمىدى؟ بۇ سوئاللارغا ئەقىل قوبۇل قىلغۇدەك جاۋاپ بېرەلىسىڭىزلا ھەممە ئىش ئايان بولۇدۇ، يولىڭىزغا بېرىۋېرىسىز.
ئىككىنچى، سىز راستىنلا شۇ توپقا قوشۇلماقچى بولغانلاردىن بىرى بولىشىڭىز ناتايىن، گەپلىرىڭىزدىن قارىغاندا سىز شۇلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغانلاردىن بىرىدەك قىلىسىز. ئەگەر راست بولسا، راستىنلا ئىسلامچى بولسىڭىز شۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ: سۈرىيەدە جىھاد بارمۇ پىتنە ئۇرۇشىمۇ؟ راستىنلا ئىسلامچى بولسىڭىز، ماڭا ئوخشاش بىخەتەر يەردە ئولتۇرۇۋېلىپ ۋەتەن ئازات قىلىدىغانلاردىن بولماي، جان تىكەلەيدىغان بولسىڭىز، دۈشمەن مەھەللىڭىزدە تۇرسا سۈرىيەدە سىزگە نېمە بار؟ مەن ئىلگىرى باشتىن كەچۈرگەن كەچمىشلەردە بولغاندەك، ئىسلامچى، دېموكراتچى (ئىلمانىيەچى) دەپ بۆلۈنۈشلەر قايتا قەپەزدىن چىقىپتۇ. بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكىلەرمۇ خىتاينى قويۇپ غەرپنى تىللايتى، شەرقىي تۈركىستاننى قويۇپ، ئامېرىكىنى ئازات قىلىشتىن دەم ئۇراتتى. ئاڭلىسام بۈگۈنكىلىرىمۇ شۇنداقمىش. سىز غەرپكە ئۆچلىكىڭىز راست بولسا، نېمىشقا غەرپنىڭ ئويۇنى ئىچىدە ئويناشقا بارىمەن دەيسىز؟ ئۇ يەردىكى ئويۇنننىڭ سىنارىستلىرى غەرپ. سىز ئۇلارغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟
سىزمۇ يېنىڭىزدىكى، ئۈستىڭىزدىكى دۈشمەننى قويۇپ يىراقتىن دۈشمەن ئىزدەپ كەپسىز. بۇ ئىش 1997-دىن 1999-يىللار ئارىلىقىدا بىر قېتىم بولغان. ۋە سىز بۈگۈن: "كانادادا نامايىش قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىدىغان ئىشلارغىمۇ قىزىقمايمەن، ئۆزى بىخەتەر يەردە تۇرۇۋىلىپ، كىشىلەرنى خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان" دەپ ئەيپلەۋاتقان مەنمۇ خۇددى سىزدەك كەچمىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، قېرىغىنىمغا قارىماي، جېنىمغا تەۋەككۈل قىلغانمەن. بۈگۈن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىۋاتىمەنكى، شۇ چاغدا بىزنىڭ پالاقلاپ يۈرگەنلىرىمىزمۇ خىتاينىڭ ئىستىخبارات ئويۇنى ئىكەن ۋە بىز بىلمەستىن ( ئاللاھ يولىدا ئىش قىلىۋاتىمىز دەپ ئويلاپ) دۈشمەننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغان ئىكەنمىز! دەل شۇ چاغدىمۇ، خىتاينى قويۇپ غەرنى سۆكۈدىغان، ئۆزىنى خاپا قىلغان دۈشمەننى ئۇنتۇپ، غەرپنى تىللايدىغانلار بارىدى. بۈگۈنگە كەلگەندە ئەنە شۇ چاغنىڭ ئىسلامچىلىرى سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا "دېموكراتچى، ئىلمانىيەچى" بولۇپ قاپتۇمىش!
تاكى ئۆز بۇرنىمىز قانىمىغۇچە، ئالدىنقى بىر ئەۋلادنىڭ ساۋاقلىرىغا ئۇنۇماستىن كېتىۋەرسەك، قاچان ئەقىللىنەرمىز؟
سىز ئەيپلىگەندەك توخۇ يۈرەكلەردىن بولغان بولسام سىزدىن يىگىرمە يىل بۇرۇن بۇ يولغا تەۋەككۈل قىلمىغان بولاتتىم. بۈگۈنمۇ ئەگەر مەلۇم بىر دۆلەت بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىسا خىتايغا قارشى ئۇرۇشقا كىرگەن دۆلەتكە بېرىپ پىدايى ئەسكەر بولۇشقا تىزىملىتىش نىيىتىم بار. ئەمما ھەرگىزمۇ ئۇزاقتىن دۈشمەن ئىزدىمەيمەن، خىتايغا مۇناسىۋەتسىز ئۇرۇشلارغا بارمايمەن. خىتايغا ئوق ئاتىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇش بولسا مەن جانابىڭىزدىن ئالدىدىراق بولۇمەن.

39

تېما

56

يازما

560

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
560
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-8 18:19:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
# ئۇيغۇر يىل-ئاي-كۈن سائەت:مىنۇت
بىرەر ئوچۇق دەلىل تەلەپ قىپسىز، دېگىنىڭىزدەك مەن كانادا ئولتۇرۇۋېلىپ دەۋاتسام سىزگە ئوچۇق دەلىلگە نەگە باراي؟ سىزدە ئازراقلا مۇلاھىزە قابىلىيىتى بولسا بۇ ئويۇن شۇنچىلىك ئاددىي، چۈشۈنەرلىك ئەمەسمۇ؟ رازۋىدكىدا يەنە "ئەقلىي يەكۈن ئۇسۇلى" دېگەن مېتودمۇ بار. بىر نەردسىگە دەلىل تېپىش ئۈچۈن مەن دۆلەت ئەمەس، شەخس. ھىچ بولمىسا ئۆز رازۋىدچىكلىرى بولغان مىليادىېر ئەمەس، سىز دېگەن دەلىل بۇ دۆلەتلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىش. ئەمما سىيسىي ئويۇنلار ھەققىدە تەھلىل، مۇلاھىزە ئارقىلىقمۇ توغرا خۇلاسىگە ئېرىشكىلى بولۇدۇ. بولۇپمۇ مەندەك قېرى قاقۋاشلار ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ قولايراق. سىز بۈگۈن ۋەتەننى بىلىدىغان بولۇپ كەتكەن بولسىڭىز مەن 14 يېشىمدىن باشلاپلا خىتايغا قارشى ئىدىيەگە كەلگەن. ئەمما ئۇ چاغلارنىڭ سىياسىي ھاۋاسى قانداقلىقىنى بىلەمتىڭىز؟ 1970-يىللار. دادىسى بالىسىنى، بالىسى دادىسىنى خىتايغا تۇتۇپ بېرىپ، ئاكتىپ بولۇدۇغان، ئىنسانلار تەلۋىگە ئايلانغان يىللار ئىدى. بۈگۈنكىدەك شارائىت نەدە؟ پۈتۈن جەمىيەتتە ئوقۇغۇدەك كىتاپ تېپىلمايتى، ھەممىسى ماۋزەيدۇڭنىڭ كىتاپلىرى. ئاشۇنداق شارائىتتا 14 ياشتا ئويغانماق دەۋر بۆلگۈچ بىر ھادىسە دېمەكتۇر. تەقسىر. 16 يېشىمدا خىتايغا قارشى تەشكىلاتقا قاتنىشىپ، تۇتۇلغان، سىز ماڭا ساۋاق بېرىۋاتقان بولسىڭىز يېشىڭىز قانچىدە؟ سىز قاچاندىن باشلاپ مىللىي كىملىكىڭىزنى تونۇدۇڭۇز؟
مەن بۇلارنى سىزنى كۆزدە تۇتۇپ ئەمەس، باشقا ئوقۇرمەنلەر پايدىلانسۇن دەپ يېزىۋاتىمەن. چۈنكى مەن سىزگە ئىشەنمەيمەن. سىز ئاشۇ بىچارە يىگىتلەرنى ئازدۇرۇپ ئاشۇ خاتا يولغا ئەۋەتىۋاتقان شەيتانلاردىن بىرى بولۇشىڭىز مۈمكىن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-17 20:04 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.241297 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 26 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش