تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2176|ئىنكاس: 0

ئىككىنچى ئەۋلاد «داھى»مىز كىم بولار؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

4

يازما

39

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
39
مەن ئىلگىرى «ۋەتىنىم» تور بېتىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى يۈزلۈنۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغانجانلىنىشلار ھەققىدە باشقىلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىر ماقالە يازغان ئىدىم. كېيىنئۇنى باشقىلار »ۋەتىنىم«دە لاتىنچە يېزىق بىلەن ئېلان قىلىپتۇ. شۇ ماقالەمدەبۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر يېڭى يۈزلۈنۈش ئەكەنلىكىگە بولغان ئىشەشسىزلىك بىلىنىپتۇراتتى. بۇ شۇ قۇرلاردا كۆرۈلۈدۇ:
«شۇ ھەيرانلىقىمنىمۇ يوشۇرالمايمەن ئەلۋەتتە: بۇ سىياسىي سىما(لار) ۋەتەندىن يېڭىچىققانلارمىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار ھازىرغىچە بوي كۆرسۈتۈشمىگەن ئىدى ئەمەسمۇ؟ ياكىئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇش ئالدىراشچىلىقىدا چولىسى تەگمىگەن بولسا،ئەمدىلىكتە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىكار بولغانمىدۇ؟...
«ھەرھالدا "ۋەتىنىم" تور بېتى تەلەيلىك ئىكەن، مۇشۇنداق بىر ئاپتورلار قوشۇنىغا بىردىنلا ئىگە بوپتۇ، قىسقامۇددەتتە چەتئەلدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلۇدۇغان تور بەت بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ...»
ياخشىكى، گۇمانىيقىزىقىش بىلەن يېقىنلاشقىنىم، كېيىن ئۇنىڭ مەرەزلىرى بىلىنىشكە باشلىدى:  ئاۋال خۇددى نەم يەردە بىر تاشنى قومۇرسىڭىزلائاستىدىن ئېشەك قۇرۇتى چىققاندەك، «تۇران» ئىسمىدا «سەۋىيەلىك مۇلاھىزىلەر» يېزىۋاتقانلاردىن بىرى مەممەت توختى بولۇپ چىقتى. بۇ زات ئاشۇ بىز بىلىدىغان،كانادادىكى مەمەت توختى شۇ ئىدى. ئۆزى مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە «ئىككى ئايرىلماسلىقنىڭ» ئادۋۇكاتلىرىدىن بىرى بولغان، كانادادا ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان رۇقىيەنى كەچۈرۈمتەشكىلاتىغا: «ئۇشەرقىي تۈركىستان دەيدۇ، ئۇ مۇستەقىللىق دەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشساڭلار،سىلەرنىڭ پىرىنسىپىڭلارغا توغرا كەلمەيدۇ...» دېگەندەكچېقىپ يۈرگەن مەمەت توختى شۇ ئىدى. ئەمدىلىكتە بىردىنلا باشقىچە قىياپەتتە سەھنىگەچىقىپ قىلىۋاتقانلىرى كىملەردۇر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر ئويۇندا رولئېلىشمىكىنە؟ دېگەن گۇماننى تۇغدۇرمىسا غەلەت ئەمەسمۇ؟
ئاندىنئىنكاسلارغىمۇ دىققەت قىلدىم. ئىنكاسلار تەبىئىي ئىنكاس بولماستىن ئۇيۇشتۇرۇلغانئىنكاسلار ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. بەزى سىناقلارنىمۇ ئېلىپ باردىم.سىناقلىرىممۇ بۇ گۇمانىمنى تەستىقلىدى. يەنى، ئىنكاسلار توربەتنى تەسىس قىلغۇچىبەلگىلىگەن سىزىق بويىچە، بەلگىلەنگەن كىشىلەرنى كۆككە كۆتۈرۈش، دىققەتلەرنىئۇنىڭغا تارتىش ئۈچۈنلا يېزىلىدىغانلىقىنى كۆپ ئۆتمەيلا بايقىدىم. يوقۇرىدا زىكرىقىلىنغان ماقالىدا ئىنكاسلار ھەققىدىمۇ شۈبھىلىك تۇيغۇم ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانئىدى: «ئىلگىرىئامېرىكىدىكى ›پىتبازىرى‹دامۇھەممەدنىڭ ئىسمىنى روبېرتقا ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى مەسلىھەتلەردىن تاكى كۈچىنىپتىللاشلارغىچە ۋاقتى يەتكەن ئۇيغۇرلار...»
توربەتچىلىككەچمىشىم ۋە كەچۈرمىشلىرىمدە كۆرۈپ كېلىۋاتىمەنكى، ئۇيغۇرلار بىرى تەرىپىدىنغەرەزلىك يوسۇندا تەشكىللەنمىگەن، ۋەزىپە مەجبۇرىيىتى قىستىمىغان ئەھۋالدا (پۇلىنەق تۆلەنمىگەن ئەھۋالدا دېيىشكىمۇ بولۇدۇ) ھەرقانداق ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگەمەسىلىلەرگىمۇ دەرھال ئىنكاس يازىدىغان دەرىجىدە تۇيغۇن ۋە ئىشچان ئەمەسلىكىنىبىلىپ يەتكەن ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ توربەتتە قىزغىن قاناتيېيىپ كەتكەن بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغان ئويۇن ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىشقا بولاتتى. دېمەكچى بولغىنىم مەلۇم شۇم نىيەت ياكى شەخسىي غەرەز بىلەنئۇيۇشتۇرۇلغان بولسا. ئەگەر توغرا ۋە خالىس نىيەتتە، ۋەتەن مىللەتنىڭ مەنپەئەتىتەقەززاسى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلسا ياخشى بولۇپلا قالماي، ئەگەر بۇنداق ئۇيۇشتۇرۇشنىئەپلەشتۈرەلىگەنلەرنىڭ مۇشۇنداق ئىنكاس ياكى بەس-مۇنازىرىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى زۆرۈر ھەم تەخىرسىز،ئەلۋەتتە.
بۇ قاراشلىرىمنىئە. قەشقەرىنىڭ «ۋەتىنىم» دە ئېلانقىلىپ، كېيىن چىقىرىۋېتىلگەن، ھەتتا ئۇنىڭغا مەلۇم خاپىلىق كەلتۈرگەن ماقالىلىرى «ئالدىمىزغا قارايلى» ۋە «ئارقىمىزغىمۇ، ئوڭ سولىمىزغىمۇ قارايلى» قاتارلىقلارتېخىمۇ تولۇقلىدى. دېمەك، بۇ يەردە بىر ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاپتورلار قوشۇنى، بىرقوماندانلىق تەرىپىدىن جامائەت پىكرىنى يۆنلەندۈرۈش ئويۇنى كېتىۋاتاتتى.ئىنكاسلاردا ئاشۇ بەلگىلەنگەن شەخسلەر كۆككە كۆتۈرۈلۈشى كېرەك، ئۇلۇغلۇنۇشىكېرەكتى. ئىنكاسلارمۇ شۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مەركەزلەشكەن ئىدى. كىم بىلىدۇ،ئاپتورمۇ، ئىنكاسچىمۇ بىرلا كىشىمۇ، تېخى!
بىر زامان ۋەتەنئىچىدىكى تور بەتلەردە «تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىۋەتكەنلىكى»نى داپ ئېتىپ چالغان م. ئازات ئەپەندىم، ئۆزىنى بىر كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ بەك تەشنا بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، دەرھال راۋاققا چىقىپ قول پۇلاڭلىتىشقا ئالدىراپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە م. ھەز... ئىكەنلىكىنى، 5- ئىيۇل نامايىشىنىڭ پىلتىسىنى ياققۇچى ئىكەنلىكىنى،... ئاشكارىلاش بىلەن بۇ توربەتتىكى «ئاپتور (لار؟) ھەققىدە ئويلۇنۇش ۋە دىققەت قىلىش ئۈچۈن يۆن بەلگىلەنگەندەك بولدى. ئىلگىرىلىرى مەمەت توختىنىڭ ئون توققۇز ئادەمنىڭ سىياقىدا بولۇپ، بىر-بىرىگە قارشى مۇنازىرىلەرنى قاناتيايدۇرۇۋېتەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىغان ئىدىم؛ ئۇنىڭ بۇنداق تۈرلۈك سالاھىيەتتە، تېخىمۇ موھىمى تۈلۈك مەۋقەدە بولۇپ، «جامائەت»مىش كەبى تۇيغۇ بېرىپ ئىنكاس يېزىش تەجرىبىسى بولغان يەردە، بۇ يېڭىدىن— بىردىنلا پەيدا بولغان مۇلاھىزىچىلەر ھەققىدە مۇشۇ يىپ ئۇچى بويىچە ئويلۇنۇپ بېقىشقا بولامدىغاندۇ؟ كېيىن يەنە «يارقىن» دېگەننىڭمۇ م. ھەز... ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇنى مەنلا پەرەز قىلغاندىمەنمۇ دېسەم، بۇنداق پەرەزدىكىلەر خېلى بارىكەن. بۇ ئادەمغۇ كۆپ ئۆتمەي «ئەسلىدەبۇ مەن» دېمىسە چىداپ تۇرالمايدۇ؛ ئۇنىڭ مەن بىلىدىغان كەچمىشىدە بۇنداق ئىشلار بىرىنچى قېتىم بولۇۋاتمايدۇ. ئۇ مەيلى ئۆزىنى ئەزىمەت ياكى لاتىمەت دېۋالسۇن، دېۋىلىشى قانداق سەۋەپسىز بولغان بولسا، ئاشكارىلىۋېتىشى تېخىمۇ تۇتامسىز. بۇ ئادەم ئۇزاق يوشۇرۇنلۇققا تاقەت قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ خىيالىدا ھەمىشە «داھىلىق چۈشى» زاھىر بولۇپ تۇرۇدۇغان بولغاچقا، «تىيەنمىن ئالدىدا نۇرغۇن قىزىل قوغدىغۇچى»نىڭ جامالىنى كۆرۈشكە تەشنا بولۇپ تۇرغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ۋە بۇ تەسەۋۋۇرىنى ئەپەندىمدەك «راستمىكى؟» دەپ ئويلاپ قالىدۇ-دە، دەرھال راۋاققا چىقىپ قول پۇلاڭلىتىشقا ئالدىرايدۇ. بولمىسا تەشنا بولغان «خوڭۋېيبىڭلار» سېغىنچىدىن ئۆلۈدۈغاندەكلا تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. بۇ ئادەمدە مۇتلەق تۈردە ھېستېرىيە بار دېيىشكە بولۇدۇ. ئۇنىڭ «م.ئازات كىم؟» دېگەن «ئەسىرى»لا ئۇنى تارىخ ئالدىدا لەنەتگەردى قىلىشقا يېتىدىغان بولۇپ، ئۇيۇشتۇرۇلغان ماختاشقا قانائەت قىلماستىن يەڭنى شىمايلاپ ئۆزى ئوتتۇرىغاچىقىپ، ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرى ۋە پەزىلەتلىرىنى ئۆزى تونۇشتۇرۇپ كەتكەن ئىدى.
بەزى ماقالىلارنى ئاپتور بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا چۈشۈنۈشنىڭ تېخىمۇ پايدىسى بار. چۈنكى ئۆتمۈشىدە مەجھۇل تەرەپلىرى بولغان بىرىنىڭ ماقالىلىرىدا كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن، ئويلاندۇرغان، ئىلھاملاندۇرغان،... ئىجابىي تەرەپلەرنىڭ بولۇشى بىلەن بىرگە،يوشۇرۇن يۆنلەندۈرۈش غەرىزى بارلىقى ھەققىدە گۇمانىي نەزەردە قاراش پەقەت ئاپتورئېنىق بولغاندىلا كىشىلەرنىڭ ئېسىگە كېلىدۇ. شۇندىلا كىشىلەر ئۇنىڭدا سەزدۈرمەستىنجامائەت پىكرىنى چالغىتىش نىيىتى بارمۇ-يوق، دىققەتتە بولغان ھالدا ئوقۇيدۇ.
مەجھۇل تەرىپى ھەققىدە ھىچقانداق گۇمانىمىز بولمىغان بىرىنىڭ ماقالىسى ھەققىدە ئۇنىڭ يوشۇرۇن يۆنلەندۈرۈش غەرىزى بولۇشى مۈمكىنلىكىنى ھىچ ئويلاپ باقماسلىقىمىز تەبىئىي ھال. يەنە مەن ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇربىز» بېتىنىڭ لاتىن يېزىقىدىكى «ئۇيغۇرچىسى»غا قارىدىم (ئۇنىڭ رەسمىي ئۇيغۇرچىسى يوقتەك قىلىدۇ، مانا بۇ ئادرېسقا قاراڭ: http://www.uighurbiz.net/forum/index.php). «ۋەتىنىم» بىلەن بىرتۇققاندەكلا ئىكەن. خىتاي ھەقىقەتەنمۇ دېموكراتىيىلىشىپ كەتكەنمۇ قانداق؟ خىتايلار ئۆلگۈدەك قورقۇدۇغان «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسى دادىل ھالدا ئىشلىتىلگەن ماقالىلار، «ۋەتىنىم»دە بولغانلارنىڭ ئوخشاشلىرى ئۇنىڭدىمۇ بارىكەن؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى مىليونلاپ پۇل خەجلەپ، ئۇققىلى بولماس قىلىدىغان خىتايلار، بۇ بەتتە رادىئودىكى جىمى خەۋەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى چەكلىمەيدىكەن! ئاشۇ بىزنىڭ تۇران تەخەللۇسلۇق مەمەتتوختىمىزمۇ ئۆز ئىسمى شەرىپى بىلەن بۇ يەردە كۆزگە چېلىقىپ، بۇ توربەتنى شەرەپلەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ!؟ م. ھەز... ئاشۇ كىشىلەر «كىمدۇر بۇ؟» دەپ ھەيرانۇ-ھەس بولۇپ كەتتى دەپ خىيال قىلغان مەشھۇر يالغان ئىسمى «م. ئازات» ئىمزالىق بارلىق ماقالىلىرىنى ئەسلىدە بۇ يەردە ئېلان قىپتىكەن ئەمەسمۇ!؟ م. ھەز ... ئۆزىنىڭ كىملىكىنى «تەشنا بولۇپ كەتكەن خەلقلەر كۆڭلى ئۈچۈن» ئاشكارىلىغاندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ بۇ چاتما ماقالىلار كارۋىنى يەنىلا بۇ توربەتتە تۇرۇپتۇ. مېنىڭ ئىسمىم ۋەتەندە چەكلەنگەن بولغاچقا مۇشۇنداق تەخەللۇس قوللاندىم دەپ ئىزاھات بەرگەن م. ھەز... نىڭ بۇ مەشھۇر ماقالىلىرى ئۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىشى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە قارىتامۇ گۇمان تۇغدۇرۇدۇ. شۇنداقلا ھېلىقى ئاتالمىش «تېرورچىلار تىزىملىكى» خۇددى بىزئىلگىرى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدەك، بىر رېكلام (ئېلان، تونۇشتۇرۇش) بولۇپ، بۇلارنىڭئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ ئېتىبارىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش مەخسەت قىلىنغانلىقىقارىشىمىزنىمۇ قۇۋۋەتلىمەكتە.
بۇندىن باشقا «ۋەتىنىم»دىكى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ «قۇرۇلتاي» تەرىپىدىن تېلىپۇن ئارقىلىق ئىزدەلگەنلىكى شۇنىڭ بىلەنلا «مۇلاھىزە-تەنقىد»لەرگە ئارا بېرىش شامىلى، خۇددى ئوردىنىڭ نەزىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تاغ-تۇراغاچىقىپ ئوردىغا قارشى تۇرغاندەك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
تېلىپۇن ئارقىلىق ئىزدەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ نېمىنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى قۇرۇلتاي ئوبدان بىلسە كېرەك، دەل شۇ ئېچىشقان يېرىگە مەلھەم سۈرۈپ بۇلارنىڭ ئاغزىنى باستى. «مېنى چىقىرىۋەتمىدى، مەن ئۆزەم تەرك ئەتتىم» دەپ يازغان مەمەت توختى، قۇرۇلتاينىڭ تۇتقان يولىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىدىن تەرك ئەتكەندەك ئىپادىلەردە بولغانلىقىنى بۈگۈنمۇ تېخى تور سەھىپىلىرىدىن ئۆچۈرۈلمىگەن ماقالىلىرىدىن كۆرەلەيمىز. ئەمدى بۇ پىرىنسىپال مەسىلىلەردە يول قويمايدىغان،رادىكال ئىنقىلاپچىمىزنىڭ قۇرۇلتاي تەرىپىدىن ياۋروپادا ۋەكىل بولۇپ ئولتۇرۇدۇغان مائاشلىق ئىنقىلاپچىلىققا تەكلىپ قىلىنغانلىقىغا قارىساقلا، قۇرۇلتاينىڭمۇ، شۇبىرمەھەل ئۆكتىچىلىك شامىلى چىقارغانلارنىڭمۇ ئەتى-مەتى يوقلۇقىنى كۆرۈمىز. يەنە، مەمەت توختىنىڭ كانادادىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى سايلىمىغا چۈشمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى جاكاسى (كى بۇجاناپنىڭ سايلامدىن چۈشۈپ قالسا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا يېتىۋالىدىغانلىقىنى، سايلانماستىن ياشالمايدىغاندەك جاننى تىكىدىغانلىقىنى، بۇ يولدا ھەرقانداق ئىشقا — ئىززەت-نەپىسىنىڭ يەرگە ئۇرۇلىشى، ھاقارەت،... لەرگە چىدايدىغانلىقىنى؛ «داھى» بولالمىسا پەقەتلا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلارغا) ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق بىر مۆجىزە بولۇپ تۇيۇلغانىدى. بۇنىڭغا ئىشىنىش ھەقىقەتەنمۇ قيىن بىر ئىش ئىدى. ئەمدى شۇنى كۆرۈۋاتىمىزكى، ئەسلىدە كىمدۇر بىرى ئۇنى بۈگۈنكى ۋەزىپە ئۈچۈن بىكار بولۇپ، تەييار تۇرۇشقا ئەمىر بەرگەچكىلا «كاتتىۋاش»لىقتىن چۈشۈشكە چىدىغان گەپ بولسا كېرەك.
قىسقىسى، بۇدەۋرىمىزنىڭ ئۇيغۇر سوڭ جىياڭلىرى ئوردىغا خۇشامەت قىلىپ، «ئوردا» ئەگەر ئەپۇ قىلىپ، ئىشقا قويسا، «سەلتەنەت» ئۈچۈن خىزمەت كۆرسۈتۈپ گۇناھىنى يۇيۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئوردىنىڭ خىيانەتچى، «مۇناپىق ۋەزىر گاۋ ئەمىر»لەرنى جازالىشى ياكى جازالىماسلىقى بىلەنمۇ كارى بولمايدىغانلىقىنى (گەرچە ئۇلار تاغتۇراغا چىقىپ كېتىشىگە ئاشۇ مۇناپىق ۋەزىر، خىيانەتچى ئەمەلدارلار سەۋەپ بولۇۋاتقاندەك ئىپادىلەردە بولۇۋاتقىنىغا قارىماي) ئاشۇ تېلىپۇنلاردا بايان قىلغانمىدىكىنە؟
مانا شۇنداق قىلىپ، ئاشۇ بىر مەھەل ئويغاق، مىللىي تەقدىرىمىز خۇسۇسىدا ھۇشيار بولۇپ كۆرۈنگەن ئىنكاسچىلار جىمىقتى! ۋەتىنىمىز، مىللىتىمىز يەنە قانداقتۇر مەجھۇل سىياسىي سودىلارغا قۇربان قىلىنىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇنىسى تارىختىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق سېتىلىش بولۇپ قېلىشى، بۇ زىياننى ھىچمۇ-ھىچ تولدۇرۇۋالغىلى بولماسلىقى مۈمكىن. ئەمما مانا شۇنداق جىددىي، ھايات-ماماتلىقنىڭ «ئارقان تارتىشىپ» تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە بىردىنلا پەسكارىغا چۈشكەن ئاشۇ «ئىنكاسچىلار»نى نېمە دېسەك توغرا بولار؟ نۆۋەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي چېكىنىشتىنمۇ، مىللىي ساتقىنلىقتىنمۇ جىددىيرەك بىر مومېنت بولمىسا كېرەك. مانا شۇنداق بىر پەيتتە خۇددى تاڭگا چىشلىۋالغاندەك، بۇ تېمىنى ئۇنتۇپ، باشقا ئەھمىيەتسىز ماۋزۇلارغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، ھەتتا، ئالدىنقى ئەۋلات ئاپتونومىيەچىلەرنى «مۇناپىق» دەۋاتقان تۇرۇپ، بۈگۈنكىلىرىنى مەدھىيە سۈپەتلىرى، خۇشامەتكارانە ئاتاقلار بىلەن پەدازلاپ كۆككە كۆتۈرۈشلەرگە نېمە دېسەك بولار؟
ئاڭلىسام كېيىنبىر «قازناق» ياسىلىپ، يېقىنلار جامائەسى «قازناق»قا باشلىنىۋاتقان ئىكەنمىش. بۇ قازناقلاردا نېمە سۆھبەتلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ماڭا قاراڭغۇ. بەلكىم، تەقدىرىمىز ھەققىدە مانا شۇ قاراڭغۇ بۇلۇڭلاردا مۇھاكىمىلەر قانات يېيىۋاتامدىكىن؟ ئاللاھ بىلىدۇ. ئەگەر بۇنداق، جامائەتتىن يوشۇرۇن مۇھاكىمىلەر بولدى دېگەندە، بۇنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە بىرەرپايدىسى بارمىدۇ؟
ئەمدى، بۇ بەتنىڭ «ئۇيغۇربىز» تورى بىلەن ئاچا-سىڭىل تىپىدە بولۇشى، رادىئو تەرىپىدىن جامائەت پىكرىگە سۇنۇلۇۋاتقان بىر «كەلگۈسى لېدىر» ھەققىدىكى يۆنلەندۈرۈش ۋە سۆيگۈ تۇغدۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ بۇ يەردە تەكرار جانلاندۇرۇلۇشىمۇ دىققەت چېكىدۇ. تەبىئىيكى، بۇ مەۋزۇدا بىرەر پىكرىمنىڭ تۇغۇلۇشىنى «ئۇيغۇربىز»نى كۆرمىسەم تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتى. «ھەممىگەقارشى تۇرۇدۇغان» مىجەزدىن دەپ قارشىلىققا دۇچ كېلىشىمنى ئويلاپ ئۆزەمنى تۇتۇپ يۈردۈم. ئەمما، «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار»لىقى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇر ئىچىمگە پاتماي، گويا قومۇشلارنىڭ شىلدىرلىشى «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار!.... » دېگەن شىۋىرلاش بولۇپ، ئەتراپقا تاراپ كەتكەندەك، يەنىلا ئوتتۇرىغا چىقماي قالمىدى.
بۇ بەت زادى قانداق بەت؟ پەقەت چەتئەللەردىلا ئېچىلامدىغاندۇ؟ ياكى خىتايدىمۇ ئېچىلامدىغاندۇ؟ ئەمما مەن ئۇنىڭ ۋەتىنىمىز چېگرىسى ئىچىدە ئېچىلىدىغانلىقىغا ھەرگىزمۇ ئىشىنەلمەيمەن! بۇ توربەت ھەققىدە بەزى ئېنىقلاشلاردا بولدۇم. ئاۋال شۇنى بەلگىلىدىم: بۇ تور بەت ۋەتەن ئىچىدىمۇ ئېچىلسا بىر چاتاق؛ پەقەت تاشقىرىدىلا ئېچىلسا يەنە بىر چاتاق! ۋەتەن ئىچىدىمۇ ئېچىلسا، جاسۇسلۇقتىكى «ئەركە بالا» ئۇسۇلى ئارقىلىق، ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئويۇنى ئوينۇلۇۋاتقان بولۇدۇ؛ ئەگەر چەتئەللەردىلا ئېچىلىدىغان بولسا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى كولدۇرۇتۇش ئۈچۈن بولغان بولۇدۇ.
تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇ بولدى. بۇ توربەت چەتئەللەردىلا ئېچىلىدىكەن (ھىچ بولمىغاندىمۇ ھازىر). دېمەك،چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا نېمىنىدۇر تەۋسىيە قىلىپ، ئاستا-ئاستا كاللىلارغا شۇنى سىڭدۈرمەكچى بولسا كېرەك!
ئەمدى، ئىلھام توختىنى چەتئەللەردە مەشھۇر قىلىشنىڭ تۇنجى يىپ ئۇچىنى بەرگۈچى بىلەن «ۋەتىنىم» تورىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى خوجايىنىنىڭ بىر كىشى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت «مۆجىزىۋىي توغرا كېلىپ قېلىش»قا بىرلەشتۈرسەك، ئويۇندىكى «تاشلارنىڭ جاي-جايىغائولتۇرغانلىقى»نى كۆرۈمىز.
ئىككى نۇقتىدىن تېگىش قىلىنغان. بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىنى ئەتراپىدا توپلىيالايدىغان بىر توربەت؛ بىرى رادىئو. ھەممە ئۇيغۇرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئانچە كۈچ كەتمىگەندەك قىلىدۇ. ئاۋال توربەتنى سۆيدۈرۈش، ئاندىن سۆيۈلگەن توربەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان يۆنلەندۈرمىلەرنى ئىشەنچكە ئىگە قىلىش. تەلەيگە يارىشا 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى بولۇپ بەردى. ئۇنىڭ خەۋەر ۋە سۈرەتلىرى ئەڭ ئەۋەل مۇشۇ توربەتتە—«ۋەتىنىم»دە — ئېلان قىلىنغان. بۇنداق دەللىك، دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىمۇ ئاز كۆرۈلۈۋاتقان بىر مۆجىزە ئىدى!
توربەت ھەقىقەتەنمۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەشھۇر بولدى. چۈنكى ھەركۈنى يېڭى نەرسىلەر قويۇلۇپ، يېڭى ئىنكاسلار بىلەن تولۇپ تۇرۇدۇغان بۇنداق بەت كۆرمەكچى بولغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى بېرەلىسە، يەنە باشقىلىرىنى ۋاراقلاپ يۈرۈشكە ھاجەت يوق-تە. ئەمما بۇنداق دائىمىي يېڭىلاپ تۇرۇشلار ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت ۋە ئادەم كۈچى كېتىدىغانلىقى توربەت قىلىپ باققانلارغا ئايان بولغان بىر ئىش.
كۆپچۈلۈك شۇنداق بىر سىناقنى قىلىپ باقسا: ۋەتەن ئىچىدىكى يېقىنلىرىڭىزغا مەيلى تېلىپۇن ياكى باشقا ھەرقانداق بىر ئۇچۇر ۋاسىتىسى ئارقىلىق: «ماڭا رەسىم ۋە خەۋەر كېرەك، سەن مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئەۋەتىپ بەرگىن» دېيەلەمسىز؟ بۇنى ئوچۇق دېمىسىڭىزمۇ بولۇدۇ، ھەرخىل ياپتا گەپلەر بىلەن ئۇقتۇرۇڭ. ئەمما سىزمۇ دېيەلمەيسىز، يېقىنىڭىزنىڭ كاشىلىغا يولۇقۇشىدىن ئەنسىرەيسىز. ئۇمۇ، بۇ ئالاقىنىڭ يوشۇرۇن بىر كۈزەتكۈچى تەرىپىدىنمۇ تىڭشالغانلىقى قورقۇنچى بىلەن، سىزگە «ماڭائەمدى تېلىپۇن قىلمىسىمۇ بولۇدۇ»، دېگەن سالامنى يوللىشى مۈمكىن. ئۇنداقتا، كىملەرگە يۆلۈنۈپ بۇنداق ئاجايىپ سۈرەتلەرگە ئېرىشكىلى بولار؟ بىرەر قارام ياكى جېنىدىن كەچكەن تەلۋە يۇرتىدىن يىراق بىر يەردىكى ئاممىۋىي تېلىپۇندىن بىرەر خەۋەرنى بېرىۋېتىپلا يەنە دەرھال بۇ يەردىن يۈتۈشى مۈمكىن. ئەمما بۇ قەدەر كۆپ رەسىملەرنى يوللاش بىرخاتىرىجەم مۇھىتنى تەقەززا قىلماسمۇ؟
خوش، ئەمىسە مەخسەت نېمىدۇ؟ مېنىڭچە ئىككى مەخسىدى بولۇشى مۈمكىن: بىرى، ئىككىنچى ئەۋلاد «داھى»مىزنى تەقدىم قىلىش؛ يەنە بىرى، جامائەت پىكرىنى كۆزلەنگەن مەنزىلگە ئاستا-ئاستا يېتەكلەش. بۇلارنى بېسىپلا ئارقا-ئارقىدىن، زورۇقۇپ، زورلاپ تېڭىۋاتقاندەك تەقلىدتەئېلىپ بارسا، ھەرقانداق گېرىمۇ بىلىپ قالۇدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا، سانسىزلىغان نورمال نەرسىلەر ئارىسىدا ئارا-سىرا ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، ئىنكاسلار ئارقىلىق دىققەتلەر تارتىلىپ، مۇشۇنداق بىركەيپىيات يارىتىلىدۇ. باشقا نەرسىلەر موھىملىقىدىن قەتئىينەزەر ئىنكاسسىز قالغا چقابېسىلىپ قېلىۋېرىدۇ. ئەمدى شۇنىسىمۇ بىر ئاز ئېنىقلىققا ئىگە بولۇۋاتامدۇ نېمە: ئاشۇ بىر مەزگىل قاناتيايغان «ئۆكتىچىلىك» شامىلىمۇ جامائەتنىڭ دىققىتىنى بۇ تەرەپكە تارتىش ئۈچۈنمىدى-قانداق؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-19 18:23 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.143959 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش