تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1453|ئىنكاس: 1

ۋەزىيەت قانداق ئانالىز قىلىنىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

56

يازما

556

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
556

نۆۋەتتە بىزگە يۈزلۈنۈپ تۇرغان نۇرغۇن ئەھۋاللار بۇ تېمىدا بىر سۆھبەت بايان قىلىشىمنى تەقەززا قىلىۋاتىدۇ. خەلقىمىز بەزى ئىشلارنى بەكمۇ ئاددىي ئويلايدۇ ۋە ئويلاۋاتىدۇ. بۇرۇنقى يازمىشلىرىمدىمۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈنۈمدەك، سىياسىي تاكتىكا بولسۇن، ھەربىي تاكتىكا بولسۇن، ھەرگىزمۇ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغاندەك ئەمەس. بىر ۋەقەنىڭ، بىر ھادىسىنىڭ بىزگە تەسۋىرلەپ بېرىلگىنىدىن باشقا يەنە بىر يۈزى ھەتتا بىرنەچچە يۈزى بولۇدۇ. بىزگە كۆرسۈتۈلۈۋاتقان يۈزى دەل مەلۇم گورۇھنىڭ (ھۆكۈمران گورۇھنىڭ، مەلۇم دۆلەتنىڭ ياكى دۆلەتلەر گورۇھىنىڭ)بىزگە قوبۇل قىلدۇرۇشنى ئىستىگەن يۈزىدۇر؛ دەل بىزگە قوبۇل قىلدۇرۇشنى ئىستەۋاتقان مەزمۇنىدۇر.
يەنە تەكرارلايمەنكى، ئىستىخبارات مېتودى بويىچە، بىر ۋەقە ياكى ھادىسىنىڭ كىملەرتەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى ئۆلچەشتە، كىمگە ئەڭ كۆپ پايدا كەلتۈردى؟ دېگەنگە جاۋاپ تېپىشلا يېتەرلىك ۋە بۇ كۆپ ھاللاردا خاتاسىزدۇر. شۇغۇنىسى خەلقىمىز(بەزىلەرنىڭ قانچىلىك كۆپتۈرۈپ ماختاشلىرىغا قارىماي)، يەنىلا ئوقۇشقا ئەڭ ھورۇن، قۇلاق موللىسى تىپىدە «بىلىملىك» بولۇدۇغان تۈردىكى خەلق بولغۇنى ئۈچۈن، ئۇنداق «بىلىم»لىرىگە تايىنىپ بۇنداق مۇرەككەپ بىر مەسىلىنى چۈشۈنەلىشى بەك تەس. يامان بولغىنى بۇ ئەمەس، بەلكى، ئاشۇ خاتا چۈشەنچىسىنى ئەڭ توغرىسى دەپ ئالىمغىمۇ، داناغىمۇ، داھىغىمۇ، لېدىرغىمۇ گەپ بەرمەي چىڭ تۇرۇۋېلىشىدۇر. بۇ خاتادا چىڭ تۇرۇش، خاتانى داۋام قىلىش دېمەكتۇر. خاتانىڭ داۋام قىلىشى بولسا زىياننىڭ داۋام قىلىشىدۇر.
تۆۋەندە مەن ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان بىرمۇنچە مىسال ھەتتا رەسىم-گرافىكلەر ئارقىلىق چوڭ ۋەزىيەتنى چۈشۈنۈش بىلەن كىچىك دائىرىدىكى چۈشۈنۈش ياكى ئويلاشلارنىڭ پەرقىنى ئىزاھلاشقا ئۇرۇنۇمەن.
file:///C:/Users/Omar/AppData/Local/Temp/msohtmlclip1/01/clip_image002.jpg      
رەسىمدە كۆرۈلگەندەك، ئەگەر سىز مەلۇم ئوبېكتقا بەك يېقىندىن قارىغان چېغىڭىزدا بىر پۈتۈنلۈكنى ئەمەس، قىسمەنلىكنى كۆرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيسىز. يەنى مۇشۇ رەسىمدىكى نۇقتىلاردىن تەشكىل تاپقان كۆز رەسىمىنى ياكى ھەرقانداق باشقا تۈردىكى رەسىمنى كومپيۇتېردا بەك يېقىنلاشتۇرغان چېغىمىزدا بىز ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك بولۇمىز، رەسىمنى تەشكىل قىلغۇچى نۇقتىلاردىن بىرىنىلا كۆرۈشىمىز مۈمكىن. بۇ ھالدا بىز بۇنىڭغا قاراپ بۇنى كۆز رەسىمى دېيەلەمدۇق؟ بۇ مۈمكىن ئەمەس. پەقەت بىز ئۇنىڭغا مەلۇم يۈكسەكلىكتىن تاكى ئۇنىڭ سىرتقى چېگرىلىرى كۆرۈنۈدۇغان ئارىلىقتىن قارىغاندىلا ئۇنى كۆزنىڭ رەسىمىكەن دېيەلەيمىز.
تارىختا بولغان بەزى مۆجىزىۋىي بايقاشلارمۇ بۇ قاراشنى دەلىللەيدۇ. مەسىلەن: ناسكا لېنىيەسى ياسالغىنى نەچچە مىڭ يىل بولغان بولسىمۇ، ئىنسانلار بەلكىم سانسىز قېتىم بۇ لېنىيەنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ يۈرگەن بولسىمۇ بايقالمىغان ئىدى. چۈنكى، ناسكا لېنىيەسى بەك چوڭ، ئىنسانلار بەك كىچىك بولغاچقا، لېنىيەنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالاتتى؛ تاشقىي چېگرىلىرىگىچە كۆرەلمىگەچكە بۇ ئاجايىپ قۇرۇلۇش بايقالمىغان. پەقەت ئايروپلاننىڭ كەشپ قىلىنىشىدىن كېيىن، ناسكانىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقان ئۇچقۇچى تەرىپىدىن بايقالغان. ئۇچقۇچى ناسكانىڭ ئۇ چەت، بۇ چەتلىرىگىچە كۆرەلەيدىغان يۈكسەكلىكتە بولغاچقىلا بۇنى بايقىيالىغان.
يەنە مەسىلەن: سىزنى بىر ئورماننىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر يەرگە تاشلاپ قويسا، بۇ ئورماننىڭ كۆلىمى قانچىلىك؟ ئورمانلىق يۈزى قانداق شەكىلدە؟ قايسى يەرلىرى قويۇق قەيەرلىرى تاقىر؟ قەيەرلىرى ئالا؟ قەيەرلىرىدە كۆل بار، قەيەرلىرىدە تۆپۈلۈك؟ بىلەلەمسىز؟ سىز پەقەتلا ئەتراپىڭىزنىلا كۆرىسىز. كۆرگەنلىرىڭىزگە ئاساسلىنىپلا بۇ ئورمان ھەققىدە بىر خۇلاسە ئوتتۇرىغا قويسىڭىز خاتالىشامسىز يوقمۇ؟
ئەمدى بىزبۇنى ھەربىي ھەركەتلەر ئارقىلىق تەكرار شەرھىلەيلى: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، گېرمانىيە شەرقىي سەپتىكى ئۇرۇشقا 2.5 مىلييون ئەسكەر سەپەرۋەر قىلغان بولۇپ، ئۇرۇش سېپى بالتىق ساھىللىرىدىن تاكى قارا دېڭىز ساھىللىرىغا يېقىن يەرلەرگىچە سوزۇلغان نەچچە يۈز كلومېتېرلىق سەپ ئىدى. بۇنداق بىر سەپتىكى بىر ئەسكەرنى دېمەيلا قويايلى، ئون بېشى، يۈز بېشىمۇ ئەمەس، مىڭبېشىلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىلىپ تۇرۇش ئىھتىماللىقى قانچىلىك؟ ئىككى يېرىم مىليونلۇق بىر سەپتە بەزى يەرلەردە ئۇچرايدىغان قارشىلىقلارنىڭ شىددەتلىك بولۇشى تۈپەيلى ئارمىيە پەقەتلا سىلجىيالماي قېلىشى مۈمكىن؛ ھەتتا پۈتۈنسۈرۈك مىڭلىقلار قىرىلىپ كېتىشىمۈ مۈمكىن. بۇنىڭغا قاراپ ئاشۇ مىڭ بېشى، ئۇرۇش ۋەزىيىتى بىزگە پايدىسىز بولۇۋاتىدۇ، چېكىنمىسەك ئىشىمىز چاتاق! دەپ ئۆز بېشىغا چېكىنسە قانداق بولار؟
ئۇرۇشنىڭ قارشى تەرىپىدىن بىر مىسال بېرەي: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىغا ئائىت بىركىنوسى بار. ئۇنىڭدا بىر گېنېرال (مىڭ بېشىدىن نەچچىسىنىڭ بېشى!) بىلىرۇسسىيە فرونتىنىڭ باش قوماندانى مارشال ژۇكوۋغا تېلىپۇن قىلغان بىر دېتال بار. گېنېرال، مارشال ژۇكوۋقا يالۋۇرۇپ، ئەسكەرلىرىنىڭ بەكلا قىرىلىپ كەتكىنى، يوقۇلۇش گىردابىغا بارغىنى، تىرەجەش ئىمكانىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتىپ چېكىنىشكە رۇخسەت قىلىشىنى تىلەيدۇ. لېكىن، فرونت قوماندانى مىليون كىشىلىك ئارمىيەنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆرۈپ تۇرغاچقا، چېكىنىشكە قەتئىي رۇخسەت بەرمەيدۇ، ھەتتا گېنېرالغا تەھدىت سېلىپ قاتتىق خاپا بولۇدۇ. بۇ دەشناملار قارشىسىدا چارىسىز قالغان گېنېرال چېكىنمەسلىككە سۆز بېرىپ، تېلىپۇننى قويغاندىن كېيىن ئۆز-ئۆزىگە ۋە يېنىدىكى شىتابىستلەرگە: «مەن ئۆزەمنىڭلا قوشۇنىنى كۆرۈپ، شۇنىڭغا قاراپلا ئويلايمەن، مارشال بولسا پۈتۈن ئۇرۇش سېپىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدۇ، شۇنىڭغا كۆرە ئويلايدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ توغرىدۇر»، دەيدۇ.
كېيىنكى ئەمەلىيەت ژۇكوۋنىڭ قەتئىيلىكىدە بىر ئۇزاقنى كۆرەرلىك بارلىقىنى دەلىللىدى. چۈنكى بۇنداق چوڭ قوشۇننىڭ مەلۇم ئۇششاق بۆلەكلىرىدىكى غەلىبىلەر ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمىگەندەك، مەلۇم بۆلەكلەردىكى مەغلۇبىيەتلەرمۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يامانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
بىزنىڭ تارىخىمىزدىن ئېيتساق، يېقىنقى زامان تارىخى تىلغا ئېلىنسىلا ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئەسلىنىدىغان قىسمەتلىرىمىز خېلى بار: «كاشكى شۇ مىللىي ئارمىيە ماناس بويىدا ساقلاپ يېتىشنى رەت قىلىپ، ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن بولسا....؛ كاشكى جەنۇپقا يۆلەنگەن سوپاخۇن پولكى چېكىنىشنى رەت قىلىپ، قەشقەرگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن بولسا... »، دېگەندەكلەرنى بەك كۆپ ئاڭلايمىز ھەتتا ئۆزىمىزمۇ بىلەرمەن كۆرۈنۈش ئىشتىياقى بىلەن بۇ پاراڭلارغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزىمىزچە گەپ قېتىشقا تىرىشىمىز. مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقىدا گەپ يوق ئىدى. گومىنداڭنى يېڭىپ، ئۈرۈمچىنى ئازات قىلالايتى. ئەمما بۇ كىچىك دائىرىدىكى كۆرۈش بولۇپ، ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك بىرمۇنچە تەرەپ نەزەردىن ساقىت قىلىنغان: مىللىي ئارمىيەنىڭ گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى ئۈستۈن شىجائەت بىلەن بېسىپ چۈشۈشلىرى ۋاقىتلىق ھادىسە ئىدى؛ چۈنكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۆز بېشىنىڭ غېمى بىلەن قالغاچقا، بۇ تەرەپكە ياردەمچى ئەسكەر ئەۋەتىشكە ھالى يوقىدى؛ مىللىي ئارمىيە سېپىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەمگە ئەۋەتكەن تەجرىبىلىك ئوفىتسېرلار رولدا ئىدى. بىز دۇچ كېلىدىغان شۇ ئەھۋاللارغا جاۋاپ بېرەلىشىمىز كېرەك بولاتتى: ئەگەر گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئارامىدا بولغان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا بىز ئۈستۈن كېلەلەيتۇقمۇ؟ ئەگەر گومىنداڭ ئارامىدا بولۇش پۇرسىتى تاپالماي، بىزنىڭ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىشىمىزغا شارائىت يارالغان تەقدىردە، ھەممە تۇپرىقىمىزنى ئازات قىلىۋالساقلا ئىش پۈتەمتى؟ كوممۇنىست ئارمىيىسى بوپتىلا، بۇلار ئىشىنى پۈتتۈرۈۋاپتۇ، بولدى قىلايلى، دەمتى ياكى گومىنداڭنىڭ چالا قالغان ئىشىنى كوممۇنىستلار قولىغا ئېلىپ، بەرىبىر باستۇرۇپ كىرەمتى؟ بىز كوممۇنىست ئارمىيىسىگىمۇ ئوخشاشلا تېتىيالامتۇق؟ ئەمدى ئىككىنچى تەرەپتىن ئويلىساق: سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەملىرىنى توختاتقان، ھەربىي مۇتىخەسىسلىرىنى ئېلىپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ بىز ئۇرۇشنى داۋام قىلالامتۇق؟ شۇ چاغدىكى خەلقارا چوڭ كېلىمات قانداق ئىدى؟ بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزغا تەرەپدار چوڭ كۈچلەر بارمىدى؟
بىزنىڭ بۈگۈنگىچە كەلگەن سىياسىي بىلىمدانلىرىمىز سىياسىي تەھلىل-مۇلاھىزىلىرىدە پەقەتلا ھىسىياتچانلىققا تايىنىپ، قاراش ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. ھەقىقەتكە يۈزلۈنۈش ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇچلۇق، ئەمما ھەقىقەتكە يۈزلەنمەي بولمايدۇ. قاچاندا بولمىسۇن بېشىمىزغا كېلىدىغان ئىشلارنى خىيالپەرەستلىك بىلەن كەلمەيدىغان شەكىلدە سىلىقلاشتۇرۇشنىڭ رەسمىي ئىشنى رەسمىي قولغا ئېلىشىمىز، ھىسىيات بىلەن ئەمەس ئەقلەن پىكىر قىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. بىز خالىمىساقمۇ بېشىمىزغا قارا كۈنلەركەلدى، كېلىۋاتىدۇ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇ. شۇڭا مەسىلىلەرگە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
نۆۋەتتە، سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا ئىشتراك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى، ئۇلار يېيىۋاتقان قورقۇنۇچلۇق ئىدىئولوگىيىلىك زەھەرلەر ئوتتۇرۇدا. بۇ زەھەرلەر خەلقىمىز ئەڭ جاندىن ئەزىز كۆرۈدۇغان ئېتىقات چۈمپەردىسىگە ئورالغاچقا، ئېزىقتۇرۇش كۈچى ئىنتايىن زور بولماقتا. بۇ يەردە بولۇۋاتقان ئۇرۇش بىزنىڭ كىشىلىرىمىز ئويلىغاندەك زالىمنىڭ زۇلمىدىن پارتلاپ چىققان ئۇرۇش بولماستىن، سىنارىيىسى سىرتتىكىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان بىر ئويۇندىن ئىبارەتتۇر. بۇ يەردە قانداقتۇر ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ باشقا بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش ياكى ئەسەدنى ساقلاپ قېلىش دېگەندەك مەخسەتلەريوق. سىنارىيە ئاپتورلىرىنىڭ ئىستىكى بۇ يەردىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ داۋام قىلىشى! بۇ داۋام قىلسىلا بولۇدۇ. كىمنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى كىمنىڭ مەغلۇپ بولۇشى خېلى كېيىنكى مەسىلە. تار دائىرىدىكى پايدىلارنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇيەردە مۇسۇلمانلار مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولۇۋاتقان ھىچ ئىش يوق. ئاخىرقى نەتىجىمۇ سىنارىستلارنىڭ كۆزلىگىنىدەك نەتىجىگە ئېلىپ بارىدۇ، بۇ سەھنىدە رول ئېلىۋاتقانلار پەقەت بەلگىلەنگەن رولنىلا ئالۇدۇ، رولى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، سەھنىدىن چۈشۈشى چىراقنىڭ ئۆچۈشى قەدەر تېز ۋە تۇيۇقسىز بولۇدۇ! ئۇ ۋاقىت كەلگەندە نېمە بولۇپ، نېمە پۈتتى، دەپ ھاڭقىيىپلا قېلىشتىن باشقىسى قولىدىن كەلمەيدۇ.

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

39

تېما

56

يازما

556

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
556
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-1 15:11:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە يات قوللار تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلگەن بولۇپ، قايتا يوللاندى. ماۋزۇ باشقىدىن قويۇلدى. كىملەرنىڭ توربەت پارولىنى بۇزۇپ كىرگەنلىكى ھەيران قالارلىق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-19 18:16 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.147760 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش