- مانجۇ سۇلالىسى چىڭ _ خىتاي ئەمەسىدى!
- تور بازىرىدا سېتىۋېلىش مەشغۇلاتى ئاددىيلاشتۇرۇلدى
- ئاللېن داللاسنىڭ مەشھۇر نۇتقىدىن
- قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا (مۇسەددەس)
- قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا (مۇخەممەس)
- رادىئودا نېمىلەرنى قىلغىلى بولاتتى؟
- گېتلىرنىڭ نۇتقى
- قاغىلىق قەتلىئامىدىن كۆرۈنۈشلەر
- سىدىقھاجى روزىنىڭ ئائىلىمىز ھەققىدىكى تۆھمەتلىرىگە جاۋاپ
- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەققىدە تەرتىپسىز دىئالوگلار
- «گۇگۇم» ناملىق رومان نەشىردىن چىقتى
- ئۈمىتسىزلىك ۋە ئەقىل ئۇچقۇنى
- داۋا ۋە نوپۇزنىڭ مۇناسىۋىتى
- قالىغاچ ئۇۋىسىدىكى مەخپىي سۆھبەت
باشبەت
«گۇگۇم» ناملىق رومان نەشىردىن چىقتى
- تەپسىلىي ماتېرىيالى
- كاتېگورىيە: كاتىگورىيەسىز
- 2012 يىل يانۋار-27 جۈمە 23:44 ئېلان قىلىنغان
- ئاپتور: باشقۇرغۇچى
- ئاۋاتلىقى: 2329
زۇلپىقارنىڭ يېڭى رومانى »گۇگۇم« ئىستانبۇلدا بېسىلدى. كىتاپ شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
رومان 11بەتلىك كىرىش سۆزدىن باشقا 643 بەتلىك بولۇپ، قىستۇرما بەتلەر بىلەن جەمئىي 654 بەت. رومان 1937 – يىلىدىن 1987 – يىلىغىچە بولغان ھەقىقىي تارىخىي ۋاقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن. نۇرغۇن تارىخىي كىتاپلار، ئەسلىمىلەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان.
رومان ھازىردىن باشلاپ ئەينەك توربازىرى تەرىپىدىن سېتىلىدۇ. باھاسى 15 كانادا دوللىرى.
تور بازىرىمىز ئايرىم سىستېما بولۇشتەك ئەپسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئاساسىي بەتكە بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى. ھازىر باشبەتكە تىزىملاتقانلار توربازىرى ۋە مۇنبەر ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە بولۇدۇغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن كىتاپ سېتىۋېلىش قەدىمى ئاددىيلاشتۇرۇلدى. ھازىر باشبەتتىكى ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى ستونلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى بۆلۈملەر تور بازىرىمىزغا ئائىت بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكىسىنىڭ يېنىدا + بەلگىسى بار، بۇ كۆپۈيۈش بەلگىسى بولۇپ، ئۈستىگە بېسىلسا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدۇ. سول تەرەپتە مال تۈرلىرىمىز بۆلۈمى ئاستىدا تۈرلەر بويىچە ئۇلۇنۇش بار. بۇندىن باشقا سېتىۋېلىش ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشكىمۇ بىر كۆز تاشلاپ ئۆتسىڭىز ياردىمى بولۇشى مۈمكىن. ئەمدى كىرىدىت كارتى بولمىغانلارمۇ ئادەتتىكى بانكا كارتى ئارقىلىق سېتىۋالالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، سېتىۋېلىش قەدەم باسقۇچلىرى نەتىجىسىدە ئېچىلغان پەي پال بېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر جەدۋىلىنى تولدۇرسىڭىزلا بولۇدۇ.
ئايرىم كىرا ھەققى ئېلىنمايدۇ.
كىتاپنىڭ مۇقاۋىسى (ئالدى يۈزى)

مۇقاۋىنىڭ ئارقىسى

قارا بېسىشقا ئوخشايدىغان تارىخ
— مۇھەررىردىن
دۇنيادا تىل ۋە يېزىق ئارقىلىق تەسۋىرلەش ئەڭ قىيىن بولغان ھالەت قارا بېسىشتۇر. گەرچە ھازىرقى زامان پىسخولوگىيە ئىلمىدە ئادەمنىڭ چۈشى قالايمىقان ۋە لوگىكىسىزدەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ يوشۇرۇن ئاڭدىكى ئىپتىدائى ھاياجانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەر ۋە ئىككى لوگىكىغا ئىگە بولۇدۇ دەپ قارالسىمۇ، لېكىن چۈشنى، بولۇپمۇ قارا بېسىشنى تەسۋىرلەش تا ھازىرغىچە يېزىقچىلىقتىكى ئىنتايىن قىيىن نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە، چۈنكى قارا باسقاندا كۆرگەن چۈشنى ئويغانغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى بويىچە ئەسلەپ چىقىش ئىنتايىن قىيىن. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ئادەم چۈش ئىچىدىكى غەيرى لوگىكىلىق بىر ھالەتتىن ئويغاق ھالەتتىكى ئەقلىي ۋە لوگىكىلىق ھالەتكە كىرگەندە، ناھايىتى ئېنىقكى، چۈشىدىكىنى ئەقىل ۋە لوگىكا بويىچە قايتا تەسەۋۇر قىلىپ چىقىدۇ، ياكى ئويغاق ھالەتتىكى ئەقىلنىڭ سۈزگۈچىدىن ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قايتا - قايتا ئەسلەش جەريانىدا چۈشنىڭ مەزمۇنى تېنىمسىز ئۆزگۈرۈپ ماڭىدۇ. دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا تارىخى خۇددى قارا بېسىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى تەسۋىرلەشمۇ ئىنتايىن قىيىن. چۈنكى ئىنساننىڭ ئەقلى قوبۇل قىلالمايدىغان ۋە كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆز ئالدىدىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ۋەقەلەر كىشىلەرنى كوللېكتىپ ئەقىلنى يوقۇتۇشقا گىرىپتار قىلىپ، تارىخىي ۋەقەلەر ئوتتۇرىسىدىكى لوگىكىلىق باغلىنىشلارنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. كېيىن بۇ ۋەقەلەرنى بىر يىپقا تىزىپ چىقىپ ئۇنى رەتلىك ۋە قايىل قىلارلىق قىلىپ تەسۋىرلەپ چىقماقچى بولغان كىشىلەر ئاشۇ لوگىكىلىق باغلىنىش بولمىغان ۋەقەلەرنى بىر بىرىگە چېتىش ئۈچۈن ئاشۇ جايدىكى باغلىنىش بولمىغان ياكى ئەقىل قوبۇل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن بوشلۇق بولۇپ قالغان جايلارغا مەلۇم بىر نەرسىلەرنى توقۇپ چىقىرىپ ئاشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئۇلارنى باغلىنىشقا ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قارا بېسىپ ئويغۇنۇپ كەتكەن ئادەم چۈشىنى ھەر قېتىم ئەسلىسە بىر ئۆزگۈرۈپ ماڭغاندەك تارىخ ھەركىمنىڭ بايانىدا بىر قېتىم ئۆزگۈرۈپ ماڭىدۇ.
باش ئاخىرى يوق بىر قارا بېسىشقا ئوخشايدىغان ئۇيغۇر تارىخىنى نۇرغۇنلىغان تارىخچىلىرىمىز ئەسلى ھالىتى بويىچە تەسۋىرلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى، لېكىن داۋاملىق مەغلۇپ بولدى. چۈنكى سىز قەلەمنى قولىڭىزغا ئېلىپ ئولتۇرغىنىڭىزدا راست گەپنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنىڭ يالغان گەپكە قارىغاندا نەقەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايسىز. راست سۆزلۈگۈچى ئەمەلىيەتنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز گېپىنى ئۆزى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشتە بەك كۆپ ئىش قوشۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئىنسانىيەتنىڭ راستنى بىلىش ھوقۇقىغا بولغان تەبىئى ئېھتىياجىغا ئادەتتىن تاشقىرى ئىشىنىپ كېتىشتىن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئادەملەر ئىشنىڭ راستىنى ئىزدىگىنى بىلەن داۋاملىق ئۇنى ئەقىلنىڭ تاسقىشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، شۇڭا رېئاللىقتىكى چىن ھادىسىلەرمۇ قارا بېسىشقا ئوخشاش ئەقىلگە سىغمايدىغان ھالەتتە بولسا، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئەقلىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ - دە، ئۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەيدۇ؛ ئۇنىڭغا قارىغاندا، يالغان گەپنى توقۇغۇچى ئۇزاق ۋاقت باش قاتۇرۇش ئارقىلىق ھەر بىر دېتالنى ئىنتايىن ئىنچىكە لوگىكىلىق باغلىنىشقا ئىگە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېيتىۋاتقىنىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولۇدۇ. راست گەپ بولسا داۋاملىق سانسىزلىغان »نىمە ئۈچۈنلەر«نىڭ ئارىسىدا قالىدۇ. دەسلەپ بۇ »نېمە ئۈچۈنلەر«نى سىز ئۆزىڭىزدىن سورايسىز ۋە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە جاۋاب بېرەلمەيسىز، بەلكىم بۇلار مەڭگۈ جاۋابسىز قالىدىغان سوئاللار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن سىز ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى كەچۈرۈۋېتەلمەيسىز. شۇنىڭ بىلەن تارىخ بىر - بىرلەپ بۇرمۇلۇنۇشقا باشلايدۇ ھەمدە كۈلكىلىك ۋە بىمەنە خۇلاسىلار سىزنىڭ مەڭگۈ مەغلۇب ئىكەنلىكىڭىزنى جاكالايدۇ.
نۇرغۇنلىغان يازغۇچىلىرىمىز ئۇيغۇر تارىخىنى بەدىئىي يول بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشىۋاتىدۇ. مېنىڭچە باشقا جايدا ئوخشىشى بولمىغان بىر مىللەتنىڭ قارا باسقاندەك قالايمىقان ۋە لوگىكىسىز تارىخىنى بەدىئىي يول بىلەن يورۇتۇپ بېرىشنىڭ ئىمكانىيىتى ئەلۋەتتە تارىخ تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئىلمىي ئەسەرلەر ياكى ئەسلىمىلەردىن كۆپرەك. چۈنكى، ئىلمىي ئەسەرلەردە لوگىكا ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئەسلىدىلا لوگىكىسىز بولغان تارىخنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بىلەن ھامان بىر ئارىلىقنى ساقلاشقا مەجبۇر بولۇدۇ، ئەدەبىي ئەسەردە بولسا بەدىئىي ۋاستىلار ئارقىلىق قارا باسقاندەك كەيپىيات پەيدا قىلىپ ھېچ بولمىغاندا تارىخنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن بىشارەت بەرگىلى بولۇدۇ. دېمەك بەدىئىي سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن، قۇپ - قۇرۇق ۋەقە بايانلىرى بىلەن تولغان، يا تارىخقا ياكى ئەدەبىياتقا تەۋە بولمىغان ئەسەرلەر، يا ئىلمىي قىممەت يارىتالمايدۇ؛ يا رېئاللىقنىڭ ئەسلى ھالىتىگە يېقىنلىشالمايدۇ. بىزنىڭ تارىخىي رومان يازغان يازغۇچىلىرىمىزدا بۇ كېسەللىك ئىنتايىن ئېغىر.
يازغۇچى زۇلپىقار ئەپەندى »گۇگۇم« رومانىدا تارىخنىڭ ئەسلى ھالىتىنى سادىقلىق بىلەن يورۇتۇشتا بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تارىخ تەتقىقاتىدىكى چوڭقۇر ئىزدىنىشلىرىدىن پايدىلانغان بولسا يەنە بىر تەرپتىن يۇقۇرى بەددىي ۋاستىلەر ئارقىلىق تارىخنىڭ قارا بېسىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان ھالىتىدىن بىشارەت بېرىپ، كىتابخانلاردا ئۇنى بىۋاستە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىنى پەيدا قىلغان. يازغۇچىنىڭ تارىخنىڭ لوگىكىسىزلىقىنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئۇرۇنۇشلىرى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
ۋەتەندىكى بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ باشقا تىللاردا نەشىر قىلىنغاندا ئېرىشكەن باھالارنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇمىز. پەقەت ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە چەتئەلدە ئېلان قىلىنىپ قالغان بىر كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدىكى، ئۇنى ئەدەبىي ئەسەرگە قويۇلۇدۇغان ئەڭ ئادەتتىكى تەلەپلەرگىمۇ يەتمىگەن ھالدا سۈپەتلەش ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلغاندا بىز ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ، ۋەتەندە سۆزلەش ئەركىنلىكى بولمىغاچقا ياخشى ئەسەر چىقمايدۇ دەپ ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز. سۆزلەش ئەركىنلىكى بولمىغاچقا ياخشى ئەسەر يازالمىدۇق دەپ ئاغرىنىپ يۈرگەنلەرنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى بار غەرپ دۇنياسىغا چىققاندىن كېيىن يازغانلىرىنىمۇ كۆرۈپ تۇرۇپتۇمىز. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، ئۇلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى سۆزلەش ئەركىنلىكىگە تايىنىپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇراي دېمەستىن ئەكسىچە، تېخىمۇ كەينىگە چېكىندۈرگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇزاق يىل كوممۇنستلارنىڭ مېڭە يۇيۇشىدىن ئۆتكەن تەپەككۈر ئەندىزىسى يەنىلا سىنىپىي كۆرەش تەپەككۈر ئەندىزىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلغان ھالدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇشىنى ئەمەس، ھەتتا ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىمۇ سىنىپىي كۆرەش ئەندىزىسىدىن ھالقىپ مەسىلىلەرنى كۈزەتكىنىنى ياكى ھەرىكەت ئېلىپ بارغىنىنى كۆرمىدۇق. تارىختىكى ۋە ھازىرقى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۇلارنىڭ قەلىمىدە دائىم ماركىسىزمنىڭ قوشۇمچە قىممەت نەزىرىيىسىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە ئىقتىسادىي ھەقسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي ئادالەت تەلەپ قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە دەپ چۈشەندۈرۈلۈدۇ. مەنىۋي جەھەتتىكى تەلەپلەر زادىلا تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەت ئۇزاق يىللىق كەڭ كۆلەملىك مېڭە يۇيۇشقا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەنىۋي ئېھتىياجنى ماددىي ئېھتىياجدىن يۇقۇرى ئورۇنغا قويۇدۇغان ئەنئەنىسىنى تاشلىۋەتكىنى يوق. مەسىلەن، ئۇيغۇر رايونىدا خىتايلار خەلقنىڭ نارازىلىقىنى بېسىش ئۈچۈن داۋاملىق نامراتلارنى يۆلەش دېگەن ناملار بىلەن كىشىلەرنى سېتىۋېلىشقا تىرىشىدۇ، لېكىن ئۇلارنى مەسخىرە قىلغاندەك، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىق ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچارلارغا قارىغاندا ئۇنچە ناچار ئەمەسلەردە كۆپراق كۆرۈلۈدۇ. خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ھۆكۈمەتكە نارازى بولمايتى دەپ ئويلايدۇ - يۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بايلارنى تاپقان پۇلىنى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئىشلىتىپ سالارمۇ دەپ دائىم قورقۇپ ئۇلارنى پايلاپلا تۇرىدۇ ھەمدە قارا پۇل ئاقلاشقا[1] قارشى تۇرۇش دېگەندەك ناملاردا باستۇرىدۇ. ھازىر يولغا قويۇۋاتقان نامراتلارغا ئاز - تولا پۇل بېرىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ قوش تىل ۋە دىنسىزلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇشى ئىنتايىن ئاخمىقانىلىقتۇر. چۈنكى، ئۇيغۇرلار ھەرقانداق نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىققا چىدىسا چىدايدۇكى، مەنىۋىي جەھەتتىكى نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىققا چىدىمايدۇ. تارىختىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھەقسىزلىق سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى روھىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولۇش ياكى مەنىۋي جەھەتتە ھايۋانلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن بولغانىدى.
»گۇگۇم« رومانىنىڭ باشقا تارىخىي رومانلار بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا مىللىتىمىزنىڭ روھىي تەلەپلەرنى جىسمانىي تەلەپلەردىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇدۇغان خاراكتېرى ئىنتايىن ياخشى ئىپادىلەنگەن. بىز روماننىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە سىڭگەن تەپەككۈر ئۇسۇلىدا بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. مەسىلەن، سابىتنىڭ يۇرتىنى ۋە بالىسىنى تاشلاپ ئۇرۇشقا ئاتلىنىشى ۋە ئۇرۇش جەريانىدا نام نىشانسىز شېھىت بولۇپ كېتىشنى ئىستىشى، پەقەتلا شەخسنىڭ ساپ مەنىۋىي ئېھتىياجىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ شەخسنىڭ مەنىۋىي دۇنياسى تېشىدا ھېچنەرسە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
»گۇگۇم« رومانىدىكى باش قەھرىمان سابىت چوڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىگە قويۇلغان بولۇپ، بىر قەھرىمان سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. لېكىن بۇ قەھرىمان يۇقۇرى خاسلىققا ئىگە. مۇستەقىل ئىددىيىگە ئىگە كىشىلەر داۋاملىق ھەرقانداق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلۇدۇ. چۈنكى شەرقنىڭ ئەنئەنىسىدە ھەرقانداق ھۆكۈمەت كوللېكتىپ ياكى ئومۇملاشقان ئىددىيىگە ئىگە كىشىلەر توپىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەسەردىكى سابىتنىڭ ئىددىيىسى ئەمەلىيەتتە گومىنداڭچىلار، كوممۇنستلار ۋە مىللەتچىلەرنىڭ ئومۇملاشقان ئىددىيىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭرى ئومۇملاشقان يەنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئومۇملاشقان ئىددىيىدۇر، لېكىن ئىددىيىۋىي مۇستەبىتلىكنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتلەرنى داۋاملىق ئاز سانلىقنىڭ غەيرى تىپتىكى نەرسىلىرى قىلىپ كۆرسۈتۈشكە ئامراق ھۆكۈمەتلەردە يەنىلا شەخسكە خاس مۇستەقىل ئىددىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردە بۇ تۈردىكى قەھرىمانلارنى يارىتىش داۋاملىق يازغۇچىلاردىن مۇنداق خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ:
بىرىنچى، ئىنساننى ئەمەس ئىدىيىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش.
»گۇگۇم« رومانىدا سانسىزلىغان كىشىلەر دۇچ كەلگەن سانسىزلىغان غەيرى ئەقلىي قىسمەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئىدىئولوگىيە سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىز بۇ پاجىئەلەرنى ئىدراك قىلغاندىن كېيىن ئىدىئولوگىيىنىڭ ئىنسانلارنى خۇددى بىر ئىبلىستەك چاڭگىلىغا ئېلىپ، ھەممە ئادەمنى ئەقىلنى يوقۇتۇشقا قىستاۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنى ۋەھشىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، يېقىن قېرىنداشلارنىمۇ ئۆز سېھرى بىلەن بىھۇش قىلىپ، ئۆز ئارا ئىختىلاپ ھەتتا جىدەلگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئىچىمىز ئىنتايىن ئاچچىق بولۇدۇ. ئەلۋەتتە ئەسەردىكى سابىتمۇ مەلۇم ئىدىئولوگىيىگە تەۋە ئادەم، لېكىن ئۇ تەۋە بولغان ئىدىئولوگىيە ئەسەردىكى ئۇيغۇر ئادىل ۋە خەمىد تۇردىلار تەۋە بولغان ئىدىئولوگىيىدەك ئىجتىمائىيلىقنى ئاساس قىلغان ئىدىئولوگىيىگە ئوخشىمايدۇ. سابىت تەۋە بولغان ئىدىئولوگىيە ئىنساننى ئاساس قىلغان ئىدىئولوگىيىدۇر. ئۇ مەلۇم بىر شەخسنىڭ ياكى بىر توپنىڭ خام خىيالى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىدىئولوگىيە ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىنساننى خەلىپە قىلىپ يارىتىش ئىرادىسىدىن كەلگەن، ئىنساننىڭ ئەڭ ئەزىز مەخلۇق بولۇشىدەك ئاساستىن كەلگەن. شۇڭا ئۇ بىرەر شەخس ياكى بىرەر توپ ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنساننى ئاساس قىلغان بۇ ئىدىئولوگىيە باشقىلار تەرىپىدىن تېڭىلغان ئىدىئولوگىيە ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىدا پەيدا بولۇدۇغان تەبىئىي روھىي ئېھتىياجنىڭ مەھسۇلىدۇر. خەمىت تۇردى ۋە ئۇيغۇر ئادىل قاتارلىقلار تەۋە بولغان ئىدىئولوگىيە داۋاملىق بىر توپ ئادەمنىڭ، ئاخىرىدا بىر شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئىدىئولوگىيەدۇر. مەسىلەن، خەمىت تۇردى ئىشەنگەن ماركسىزم دۇنيادىكى شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئىشەنگەن ئىددىيە بولسىمۇ لېكىن ھامان ماركىستىن ئىبارەت بىرلا ئادەمنىڭ نەزىرىيىسى، لېكىن ماركس دۇنيادىكى ھەممە ئىشلارنى ھەل قىلالايدىغان خۇدا ئەمەس. شۇڭا مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىددىيىسىنى ئاخىرقى ھەقىقەت دەپ قاراش ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ياشاش پىرىنسىپى قىلىشقا ئۇرۇنۇش داۋاملىق ئىنتايىن ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىرلا ئادەمنىڭ نەزىرىيىسىنى ھەممە جايدا ئومۇملاشتۇرۇش داۋاملىق شۇبھە ۋە سوئاللارغا دۇچ كېلىدۇ. ئاشۇ نەزىرىيىگە مەپتۇن بولۇپ ئەقلىنى يوقاتقانلار ئۈچۈن بۇ خىل شۈبھىگە دۇچ كېلىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ناھايىتى ئېنىقكى، باشقىلارنىمۇ ئەقىلدىن مەھرۇم قىلىش. يەنى، كىشىلەر قانچە دۆت بولسا شۇنچە ئەگىشىدۇ، قانچە ئەخمەق بولسا شۇنچە تەلۋىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بىر »ئومۇمىي خور« باشلىنىپ كېتىدۇ. دىنىي مۇراسىم تۈسىنى ئالغان بۇ »ئومۇمىي خور«دا ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاجىز بولغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقىمۇ قۇدرىتى يەتمىگەن بىر ئىنسان ئاللىقاچان كىشىلەر تەرىپىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مەسىلىرىنى ھەل قىلىدىغان مەبۇدقا ئايلاندۇرۇلۇپ بولۇنغان. ئۇيغۇر ئادىلمۇ سۈن ياتسىن قاتارلىق بىر توپ ئادەمنىڭ مۇكەممەل بولمىغان ھەم مىللەتچىلىك بىلەن تولغان ئىدىئولوگىيىسىنىڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يات بىر مىللەت ۋە يات بىر مەدەنىيەت تەرىپىدىن تېڭىلغان ئىدىئولوگىيىنىڭ قۇلىغا ئايلانغان. سابىت ئۆز ئەتراپىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ ئىددىيىنى دەپ ئىنسانىيلىقتىن ۋاز كەچكىنىدىن ئازابلىنىدۇ. لېكىن سابىتنىڭ تراگىدىيىسى شۇ يەردىكى، ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى روھىي كىرسىزلار پارتلاپ چىققان دەۋرلەردە رادىكال ئىددىيىلەرنىڭ سېھرىي كۈچى ئىنتايىن زور بولىدۇ، سابىتتەك ئىنسانىي ئادەملەر داۋاملىق چەتكە قېقىلىدۇ.
ئىككىنچى، ھەرقانداق قەھرىماننىڭ قەھرىمانلىقى داۋاملىق سىياسى ئارقىلىق كۆتۈرۈپ چىقىلىدۇ.
ناھايى ئېنىقكى سىياسىنىڭ كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ توغرا خاتالىقىدا ئەمەس بەلكى »ئومۇمىي خور« تۈسى ئالغانلىقىدىدۇر.
سىياسى ماھىيەت جەھەتتىن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىكى پەقەتلا بىر ۋاستە، ھەرگىزمۇ ئاخىرقى مەقسەت ئەمەس. لېكىن مەقسەت بىلەن ۋاستىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش تارىختا كۆپ ئۇچراپ تۇرۇدۇ. مەسىلەن، كوممۇنىستلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىش، لېكىن ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىپ زوراۋانلىق مەۋجۇت بولمىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋال زورلۇق ۋاستىسى بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش كېرەك دەپ قارايدۇ، لېكىن كوممۇنستلار ئاخىرىدا، »ئازاد قىلىش«تىن ئىبارەت گۈزەل غايىنى »ئۇنتۇپ« ئەسلىدە ۋاسىتە قىلماقچى بولغان زورلۇقنى مەقسەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. خۇددى ئارگىنتىنا يازغۇچىسى بورخېسنىڭ »كۆزىنى مىت قىلىپ قويماي ئادەم ئۆلتۈرىدىغان بىل« ناملىق ھېكايىسىدە نېگىرلارنى سېتىپ پۇل تېپىپ، شۇ پۇلغا سېتىۋالغان قورال بىلەن بارلىق نېگىرلارنى ئازاد قىلماقچى بولغان باش پىرسۇناژ ئاخىرىدا نېگىر قۇللارنى سېتىشنى ۋاستە قىلىشتىن بىردىن- بىر نىشان قىلىشقا ئۆزگۈرۈپ كەتكىنىنى ئۆزىمۇ تۇيماي قالغاندەك، مەقسەت بىلەن ۋاستىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بىز نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولۇپمۇ شېئىرلاردا ئىستېتىك ۋاستىلارنىڭ بىر خىل ۋاسىتە بولماستىن شېئىرنىڭ ئۆزىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى داۋاملىق ھېس قىلىپ تۇرىمىز. مەسىلەن، بەزىلەرنىڭ شېئىرلىرى بىرلا ئوخشۇتۇشتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ شېئىرلاردا بىرلا ئوخشۇتۇشتىن باشقا نەرسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ئەدەبىي ئەسەرلەردە مەلۇم بىر ئىنساننىڭ قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق سىياسىنى ۋاستە قىلىش كۆپ ئۇچرايدۇ، لېكىن بىزنىڭ دەۋرىمىزدە بولۇپمۇ سىياسى قىزغىنلىقى زىيادە ئېشىپ كەتكەن ئۇيغۇر يازغۇچىلاردا، قەھرىماننى يارىتىش ئۈچۈن ۋاستە قىلغان سىياسى كاللا قىزىپ كېتىش نەتىجىسىدە بارا - بارا ئاساسىي مەقسەتكە ئايلىنىپ قېلىپ، ئەسلىدىكى مەقسەت بولغان قەھرىمان ئاستا - ئاستا سىياسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ياكى مەلۇم سىياسى ئىددىيىنى ئىپادىلەشتىكى ۋاستىگە ئايلىنىپ قالۇدۇ.
»گۇگۇم«دىكى سابىتنىڭ بىزنى تەسىرلەندۈرىدىغان يېرى ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازىنىڭ سىياسىنى مەقسەت قىلىپ ئەمەس بەلكى سىياسىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ يارىتىلغانلىقىدۇر. چۈنكى ھەقسىزلىق ئىچىدە تۇرغان ۋە چىقىش يولىنى تاپالمايۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسى پەيدا قىلغان زىلزىلە چوقۇم ھەممە نەرسىدىن كۈچلۈك بولۇدۇ. لېكىن بىزنى ھەيران قالدۇرۇدۇغىنى سىياسىنىڭ سان - ساناقسىز قايناملىرىدا ئېقىپ يۈرگەن سابىتنىڭ ھېچقانداق ئىدىئولوگىيىنى ئاخىرقى ھەقىقەت دەپ قارىماسلىقى، شۇنداقلا ئۆز ئىددىيىسىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەقىقىتى دەپ قارايدىغانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىشىدۇر. سابىتتەك بۇنداق ئادەمنى يوقىتىشتا بىر - بىرىگە پۈتۈنلەي قارمۇ - قارشى بولغان كۈچلەرمۇ بىرلا ئادەمدەك بىرلىشەلەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى ئىگە بولغان ئەڭ ئاخىرقى ھەقىقەتنى چۇۋۇپ تاشلىغۇچىنىڭ سابىت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئورتاق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى سېزىدۇ. بارلىق ئىدىئولوگىيىنىڭ دۈشمىنى بولغان سابىت بىزگە دۇنيا تارىخىدىكى گىگانىت شەخسلەردىن سولژىنېتسىن ۋە برودىسكىيلارنى ئەسلىتىدۇ. ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئادەم تەرىپىدىن يارىتىلغان ئىددىيە ۋە بۇ ئىددىيىنى ئاساس قىلغان ھەرقانداق تۈزۈمگە گۇمان بىلەن قارايدىغان سولژىنېتسىن ماددىي دۇنيادىن ۋە شەخسلەردىن مۇستەسنا بولغان ساماۋىي ئىدىئولوگىيىنى تاللىغان. زۇلپىقار ئەپەندىنىڭ »گۇگۇم« رومانىدىكى سابىتنىڭ ئوبرازى سولژىنېتسىن بىلەن ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ. لېكىن ئىسلامغا بولغان غەيرى ئەقلىي ۋە لوگىكىسىز قاراشلار تۈپەيلىدىن باشقا قەۋىمگە تەۋە كىشىلەر »گۇگۇم« رومانىدىكى سابىتنىڭ دىنىي مۇھاكىمىلىرىنى ۋە باشقىلار بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنازىرلىرىنى ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان روھىي پاكلىق ۋە تەبىئىي ئىنىستىنكت نۇقتىسىدىن چۈشەنمەستىن غەلىتە بىر خىل تەرىزدە چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. لېكىن بىزنىڭ باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، خۇددى قارا بېسىشتىن ئويغانغان ئادەم قارا باسقاندا چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى قايتا قۇراشتۇرۇش جەريانىدا تېنىمسىز ئۆزگەرتىپ ماڭغاندەك، كەلگۈسىدە غەرپ دۇنياسى مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى بۇ قاراشلىرىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە باشلايدۇ.
ئۈچىنچى، قەھرىماننىڭ ئىشەنچلىكلىكى شۈبھىگە دۇچ كېلىدۇ.
»گۇگۇم«دا يارىتىلغان پىرسۇناژ سابىت پەقەت بۇ ئەسەردە ۋە بىزنىڭ قەلبىمىزدە بىر قەھرىمان، لېكىن رېئاللىقتا ئۇ ئىنتايىن ئاددىي بىر ئادەم. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بىر گېنېرال مۇنداق دېگەن: »سەن بىر ياكى بىر نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرسەڭ بىر نەپرەتلىك قاتىلسەن؛ نەچچە يۈزلەپ ۋە مىڭلاپ ئادەم ئۆلتۈرسەڭ تىللاردا داستان بولۇدۇغان بىر باتۇر ئەزىمەتسەن؛ مىليونلاپ ئادەم ئۆلتۈرسەڭ ئۇلۇغ داھىسەن « (بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقىنى دۇنيا تارىخى ئىسپاتلىمىدىمۇ؟). سابىت ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ھاياتلىقنى بەكراق سۆيىدىغان كىشى. ئۇنىڭ ھېچقانداق ئادەم ئۆلتۈرگۈسى يوق. ئۇنىڭ بىر توپ دوستلىرى تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كەتكەندە ئۆزى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولالمىغانلىقىدىن نومۇس قىلىپ شېھىت بولۇش يولىنى تاللاپ ئۇرۇش سېپىگە قوشۇلۇشى ۋە ئۇرۇشتا ھېچقانداق نام - نىشان قالدۇرماي ئۆلۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىشى بىر خىل ساپ ئېتىقادلىق قەلپنىڭ تاللىشىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ پەقەتلا كوچىدا بىزگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئادەملەرگە ئوخشاشلا بىر ئادەم. ئۇ مەدھىيىگە لايىق بىر داھى ئەمەس، تىل ھاقارەتكە مۇناسىپ بىر قاتىلمۇ ئەمەس. بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئۇنى قەھرىمان قىلىپ تىكلىگىنى ئۇنىڭ ئىدىئولوگىيىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئېچىنىشى، مەيلى ئۆزىگە دۈشمەنلىك قىلسۇن مەيلى ئۆزى بىلەن دوستلاشسۇن ياكى مۇئامىلىسى دائىم ئۆزگۈرۈپ تۇرسۇن، ئۇلارنى يامان كۆرمەسلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلاجىسىزلىقىغا ھېسداشلىق قىلىشى. سابىتنىڭ نەزىرىدە بىر - بىرىگە دۈشمەن بولغان ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىمەنە ئىددىيىلەرگە قۇل بولغان بىچارىلەردۇر. خىلمۇ - خىل ئىددىيىلەر ئۇلارنى ئىنسانىيلىقتىن مەھرۇم قىلغان. سابىتنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئەسكى ئادەملەر ئەمەس، ئەكسىچە ئىنسانىيەتتىكى ئىنسانىيلىقنى يوقۇتۇش تراگىدىيىسىنىڭ قۇربانلىرى، شۇڭا ئۇ ئۇلارغا ئەمەس بەلكى كىشىلەرنى ئالۋاستىدەك يوشۇرۇن ئويۇنغا سېلىۋاتقان ئىددىيىلەرگە نەپرەتلىنىدۇ.
»گۇگۇم«نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ياكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى باشقا سىياسىي رومانلاردىن پەرقلىنىدىغان يېرى ئادەمنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە چەكسىز ئىزتىراپىنى ئاساس قىلغانلىقىدۇر. سىياسىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئادەم بولغىنىدا سىياسى ئىنتايىن گۈزەل نەرسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن، خۇددى شېئىردەك ياكى مۇزىكىدەك. سىياسىي ئادەملەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىگە ئايلىنىپ، ئادەم سىياسىنىڭ قۇلىغا ئايلانغاندا بولسا، ئۇ ئىنتايىن مەينەت بىر نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ھاياتى ۋە ھوقۇقى ھەققىدىكى تىرىشىشلىرى تەنھا ھەرىكەتتىن بىرلەشمە ھەرىكەتكە ئۆتكەندە كىمدۇر بىراۋلار چىقىپ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ مەلۇم چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ، بۇ چارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىردىن - بىر ئۇسۇلى ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش. ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇ »ئومۇمىي خور«غا ئايلىنىدۇ. »ئومۇمىي خور« بولسا داۋاملىق كوللېكتىپ مېڭىسى قىزىپ كېتىش ۋە ئەقلىنى يوقۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىياسى ئەسەبىيلىك پەيدا بولىدۇ. سىياسىنىڭ ئەسلى مەخسىتى ئىنسان بولسىمۇ، لېكىن سىياسى داۋاملىق بىر توپ ئابىستراكىت نەزىرىيىلەر ياكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ سۆز ئويۇنى مەيدانىغا ئايلانغاندا، ناھايىتى ئېنىقكى ئىنسان سىياسىنىڭ مەقسىتى ئەمەس بەلكى قورالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. سۆز ئۈچۈن سۆز، بارا - بارا ئىددىيە ئۈچۈن ئىددىيىگە، ئاخىرىدا سىياسى ئۈچۈن سىياسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ چاغدا ئىنساننىڭ سىياسىدىكى ئەسلى ئورنى ناھايىتى تېزلىكتە تۆۋەنلەپ، ئاخىرىدا غايىپ بولىدۇ ياكى سىز ئىنسان دېگەننىڭ ئەمەلىيەتتە قان ۋە گۆشكە ئىگە ئادەم ئەمەس بەلكى بىر ئۇقۇمدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. قەيەردە سىياسى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە دېتاللىرىغىچە ئارىلىشىپ كىرگەن بولسا بىز ئاشۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز، ئۇنداق جايدا ھەممە ئادەم »سىياسىئون« بولۇپ كەتكەن. قايسى جايدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ سىياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سۇس بولسا، شۇ جايدىكى كىشىلەرنى نىسبەتەن مەئىشەتلىك تۇرمۇشتا دەپ پەرەز قىلساق بولۇۋېرىدۇ. بۇنداق جايدىكى كىشىلەرنىڭ سىياسىدىن ئانچە خەۋىرى يوق، ئۇلار سىياسىنى چۈشەنمەيلا قالماستىن ھەتتا مېڭىسىدە سىياسىدىن باشقا ھېچنەرسە بولمىغان ئادەملەرنىمۇ چۈشەنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە دېتاللىرىغىچە سىياسىنىڭ ئارىلىشىپ كىرگەنلىكى ئۇلارنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەر ئۇلارغا خۇددى ئاجايىپ غارايىپ نەرسىلەر تەسۋىرلەنگەن خىيالىي ئەسەرلەردەكلا قىزىقارلىق تۇيۇلۇدۇ.
ئۇيغۇر رېئاللىقى سىياسى سۇسلىغان بىر رېئاللىق بولسا ئىدى، بىزنىڭ بۇ ۋەتىنىمىز بىر گۈزەل ھەرەمباغقا ئايلانغان بولۇر ئىدى. لېكىن سان - ساناقسىز قەتلىئاملار، سەۋەبسىز ئادەم ئۆلتۈرۈشلەر بىلەن تولغان بۇ ۋەتەندە سىياسىدىن باشقا نەرسە يوق. خۇددى گارسىيا ماركۇز: »لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ رېئاللىقىنى غەرپنىڭ تەسەۋۇر كۈچى ئادەتتىن تاشقىرى يازغۇچىلىرىمۇ توقۇپ چىقىرالمايدۇ« دەپ ئېيتقاندەك، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئىشلارنى باشقىلار توقۇپ چىقىرىش ئەمەس، ئېيتىپ بەرسىڭىز ئىشىنىشمۇ قولىدىن كەلمەيدۇ. قايسىدۇر بىر كىنودا مۇنداق بىر دېئالوگنى ئۇچراتقانىدىم: »ۋەھشىيلىكنى كىشىلەر ئىشەنمىگۈدەك دەرىجىدە قىل، شۇندىلا كىشىلەرگە خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلالايسەن، سېنىڭ زىيانكەشلىكىڭگە ئۇچرىغان كىشىنىڭ دەرت ئېيتىشىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ«. دېمەك بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز بىزگە داۋاملىق ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دۈشمەنلىكلەرنى قىلىدۇ، شۇڭا بۇ ئىشلارنى تەسۋىرلىسەك داۋاملىق كىشىلەرگە توقۇلما بولۇپ تۇيۇلۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىز ئۆز رېئاللىقىمىزنى ئىنتايىن ئۆلۈك ھالدا ھېچقانداق بەدىئىي توقۇلما ۋە ۋاستىلەرسىز خاتىرىلەپلا قويساق ئىشىنىمەنكى، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەرقانداق توقۇلمىلاردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ئىنچىكە دېتاللارغىچە سىياسى ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن سىياسىدىن مۇستەسنا ئەسەر يېزىش كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ساختا رېئاللىقنى توقۇپ چىقىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ۋەتىنىمىزدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئىزچىل مەغلۇبىيەت شۇكى، يازغۇچىلارنىڭ ئوبرازى ساختىلىق ۋە ئالدامچىلىق بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. بىر بولسا سىياسىدىن تامامەن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بىر بولسا سىياسىغا دۈم چۈشۈپ ئەسەرنى قۇرۇق سىياسىي شۇئار ياكى مەدھىيىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇدۇ. قىزىقارلىقى شۇكى، سىياسىدىن مۇستەسنا ئەسەر يېزىش خىيالىدىكىلەرمۇ ھەم سىياسىغا دۈم چۈشكەنلەرمۇ ئوخشاشلا ئىنسانىيەت جەمىيىتىدە مەۋجۇت بولمىغان بىر مۇھىتنى، ئىنسانىيەت جەمىيىتىدە مەۋجۇت بولمىغان ئادەملەرنى تەسۋىرلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسەرنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بولمايدۇ. بۇ يەردە »ساختا بولمايدۇ« دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى فرانز كافكا ياكى بورخېسنىڭ ئەسەرلىرىدەك خىيالىي دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى كوللېكتىپ ئىددىيىۋىي زوراۋانلىق ۋە سىياسىي ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كىشىلەرگە ھەقىقىي رېئاللىق دەپ ھېس قىلدۇرۇلۇپ، ئەكسىكچە ھەقىقىي رېئاللىقتىن بىرەر جۈملە ياكى ئابزاستا ئاز - تولا بىشارەت بېرىپ تاشلىغانلىرى بولسا دەرھال ئاساسىي ئېقىم تەرىپىدىن يالغانغا چىقىرىلىدۇ. بەزىلىرى ھەقىقىي ئىشنى ساپ كۆڭلى بىلەن يېزىش ئىستىكىدە بولسىمۇ، بۇنداقلار ئىنتايىن ئاز، لېكىن داۋاملىق ئۇنى ساختا تۈسكە كىرگۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. مەسىلەن، بەدىئىي ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن دائىم تەكرارلىنىدىغان ئوخشۇتۇش ۋە ئىستېتىك ۋاستىلارنى ئىشلىتىدۇ. مەلۇم بىر پېرسۇناژنىڭ خاراكتېرىنى يورۇتماقكچى بولسا ئۇنى قېلىپقا چۈشۈرۈپ ئەسلىدىكى پېرسۇناژدا ئىپادىلىمەكچى بولغان خاراكتېردىن يىراقلاشتۇرىۋېتىدۇ. بىر گۈزەل ئايالنى تەسۋىرلىگەندە، »ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ ئاسماندىكى ئايمۇ خىجىل بولۇپ بۇلۇتنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كېتەتتى« دەپ تەسۋىرلىسە ناھايىتى روشەنكى، بۇ ساختا، چۈنكى بىز ئۇنى ھەرقانداق ئىستېتىك پىرىنسىپ بىلەن مۇبالىغا ياكى بىر خىل مېتافور دەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشساقمۇ، لېكىن بىر ئايالنى كۆرۈپ ئاسماندىكى ئاينىڭ خىجىل بولۇشى ۋە بۇلۇتنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نۇرغۇن ئەسىرلەپ تەكرارلانغان بۇ تەسۋىرنى ئەگەر قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە ئۇنىڭ تۇنجى ئىجادچىسىنىڭ تەسەۋۇر ئىقتىدارىنى ۋە بەدىئىي دىتىنى قوبۇل قىلىشقا بولۇدۇ، لېكىن كېيىنكىلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىرىنچىدىن، بۇ خىل تەسۋىرلەش كونا ھەم باشقىلارنىڭ، ئىككىنچىدىن، ئەسلىدىكى ئوبرازدىن يىراقلىشىپ كەتكەن، ئۈچىنچىدىن، ھە دىسىلا ئاينىڭ، يۇلتۇزنىڭ، گۈلنىڭ، بۇلبۇلنىڭ گېپىنى قىلىش كىشىدە سۆزلىگۈچىنى چىرايلىق سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر ھىلىگەر ھالىتىدە تەسەۋۇر قىلدۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تارىخنىڭ ئەسلى قىياپىتىگە ئامال بار يېقىنلىشاي دىگۈچىلەرمۇ مەغلۇب بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. »گۇگۇم« رومانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، يازغۇچىنىڭ سەمىمىيلىكى. يەنى بىز بۇ ئەسەردىن ئاپتورنىڭ سەنئەتكە بولغان سەمىمىيلىكى بىلەن ئىنسانىي مېھرى مۇھەببەت ۋە ھەتتا سىياسىغا بولغان سەمىمىيلىكىنى باشتىن ئاخىر كۆرۈپ تۇرۇمىز. روماندا ئۇيغۇر بوۋاي قاتارلىق رېئاللىقتىن ھالقىغان پېرسۇناژ (ئەمەلىيەتتە باش پېرسۇناژ سابىتنىڭ ئۆزىمۇ رېئاللىقتىن ھالقىغان پېرسۇناژ. مەسىلەن، سابىت غايىپ بولۇپ كەتكەندە ئۇيغۇر بوۋاي، »ئۇ ئۆلمىدى« دەيدۇ) تەسۋىرلەنسىمۇ لېكىن كىشىگە ئىنتايىن چىن تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى قانچىلىك رىۋايەت تۈسىگە ئىگە بولسىمۇ، بىز ئۇلارنى دائىم ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدىن تاپالايمىز. ئۇيغۇر بوۋاينى بىز ھېلىلا كوچىدا ئۇچراتقان ياكى مەلۇم بىر يېزا يولىدا كۆرگەندەك ھېس قىلساق، سابىتنىڭ سىيماسىنى كۆز ئالدىمىزدىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدا كېتىۋاتقاندەكلا تۇيغۇدا بولۇمىز. چۈنكى يازغۇچى ئۇلارنى باشتىن ئاخىر ئىنتايىن چىن تەپسىلاتلار ۋە بەدىئىيلىكتىكى سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنى چىن تۇيغۇغا ئىگە قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوردىكى سەمىمىيلىك بىلەن سابىتتىكى سەمىمىيلىك بىرلىشىپ كەتكەن. »گۇگۇم« رومانى بىزنى ئويلاندۇرىدۇ، چۈنكى بىز ئۇنىڭدىكى پېرسۇناژلار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەسەردىكى مۇھىت بىلەنمۇ ئىنتايىن تونۇشلۇق. تۇڭگان يېغىلىقى، مىللەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بۇلاڭ - تالاڭلىرى، »مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى« تارىخىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ۋاقت جەھەتتە بىز بىلەن يىراقلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ ئاتمۇسفرا ھېلىمۇ مەۋجۇت. مىللىتىمىزنى تۈگۈمەس بالايى - ئاپەتلەرگە دۇچار قىلغان ئىدىئولوگىيە كۆرەشلىرى، پىتنە پاساتچىلىق، قورقۇنۇچلۇق مىڭە يۇيۇشلارنى ھېلىمۇ باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز.
رېئاللىقتىن ھالقىغان ئىككى پىرسۇناژنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئۇيغۇر روھىنىڭ سىمۋوللىرى دېيىشكە بولۇدۇ. بىرى ئۇزۇن زاماندىن كېلىۋاتقان كونا ئۇيغۇر روھى، ئۇ ياشاش شەرتلىرىدىن كۈنسېرى مەھرۇم بولۇۋاتقان، زەئىپلىشىپ تۈگەشكە يۈز تۇتقان؛ كېيىنكىسى ئۇيغۇر يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتى بىلەن بىللە مەيدانغا كەلگەن يېڭى ئۇيغۇر روھى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مەنىۋىي ئاتموسفراسى ۋە سىياسىي ئاتموسفراسى ئىچىدە كېڭىيىشكە، كۆكلەشكە، باغجانلاشقا مۇيەسسەر بولالماي غايىپ بولۇشقا يۈز تۇتۇدۇ. بۇمۇ مىللىي تەقدىرىمىزدىكى يەنە بىر ئەمەلىي پاكىت. يەنە بىر ئېچىنىشلىق قىسمەت. ئەمما بىزگە ئۈمىت بېرىدىغان بىر يىپ ئۇچى شۇكى، يېڭى ئۇيغۇر روھىنىڭ سىمۋولى بولغان سابىتنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە جەسەتتىن ئىبارەت رەت قىلىپ بولمايدىغان پاكىت بېرىلمەسلىك بىلەن، ئۇنىڭ تېخى يوشۇرۇن ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىشارەتتۇر!









