غەرپ دۇنياسىدىكى بىر كۈنۈم (ھىكايە)

AddThis Social Bookmark Button

 

يانپۇننىڭ سىگنالى تولىمۇ ئەنسىز چالدى ياكى تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىم ئۈچۈن ماڭا شۇنداق تۇيۇلدى؛ ئەيتاۋۇر بۇ يېقىمسىز ئاۋازدىن دىرىڭڭىدە چۆچۈپ ئويغۇنۇپلا قالماي، چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.

 

ھەتتا كارۋاتتىن چۈشۈپ بولغان ھالدا ئۆزۈمنى كۆردۈم. ئەمدى يانپۇن سىگنالىنىڭ يېقىمسىزلىقىغا كەلسەم، ئەسلىدە ئۆزەم ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان مۇزىكىنى تاللاپ قويغان ئىدىم، دېمەككى بۇ يېقىمسىزلىق رېئال بىر يېقىمسىزلىق ئەمەس، خاھىشچانلىق يېقى بارلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. يەنى ئۇنىڭ تاتلىق ئۇيقۇمنى قاپبەلدىن ئۈزۈپ، ئويغۇنۇشقا مەجبۇر قىلغانلىقى مەسىلىنىڭ تۈگۈنى بولسا كېرەك.

 

بىرنەچچە سېكونت ئىچىدىلا ئاشخانىغا كىرىپ، كىچىك قازىنىمغا بىر تاۋاقچە سۇنى قۇيۇپ، ئوچاققا قويدۇم-دە ئوتنى يېقىۋەتتىم. ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاۋال يۈز يۇيۇش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە ماڭماي، ئاشخانىغا ماڭغان بۇ نېمە گەپ؟ دېگەن سوئال ھەركىمنىڭ كۆڭلىدىن كېچەر بەلكىم. گەپ شۇ يەردىكى ئورنۇمدىن تۇرۇشتىن ئىشقا مېڭىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىشىمغىچە پەقەتلا يېرىم سائەت ۋاقتىم بار. بۇ ۋاقىت ئىچىدە يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇشۇم، ناماز ئوقۇشۇم، ناشتىلىق ھازىرلىشىم، ياتقان ئورنۇمنى يىغىشتۇرۇشۇم، ناشتىلىق قاچىلىرىمنى يۇيۇشۇم، ئاندىن ئىش كىيىملىرىمنى كېيىپ ئشىكتىن چىقىشىم كېرەك. بۇلارغا ۋاقىت يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان چارەم شۇ: ۋاقىتتىن قوش لېنىيەلىك پايدىلىنىش. قازان قاينىغىچە بەرىبىر بىكار ساقلاپ تۇرۇمەن-يا، شۇ ۋاقىتتا تازىلىق ئۆيىدىكى ئىشىمنى تۈگىتىۋېلىشىم كېرەك.

 

ئورنۇمدىن تۇرغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى ئىش-ھەركەتلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇلۇق ھالەتتە بولۇدۇ. كۆزۈمنى غۇۋا ئېچىپ، ئۇياق-بۇياققا سوقۇلۇپ، سەندىرەكلەپ يۈرۈپ قىلىمەن. بۇ خۇددى بالىلىق چاغلىرىمدا قومۇشقا بارغان كەچمىشىمگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ چاغلاردا ئانامنىڭ ئاۋال ئەركىلىتىپ تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئاندىن ئۇنىمىغىنىمغا قويماي سىلكىشلەپ ئويغۇتۇشى ئارقىسىدا كۆزلۈرۈمنى خىرە-شىرە ئېچىپ، چالا - پۇلا يۈزۈمنى يۇيۇپ، ئانام قولۇمغا تۇتقۇزغان بىر پارچە زاغرىنى غاجىغاچ قومۇش ئورۇپ كېلىشكە ماڭغان چاغلىرىم ئەنە شۇنداق ئۇيقۇلۇق، ئۇيقۇغا ھىچ تويۇپ باقمىغاندەك تەسىراتتا سەندىرەكلەپ مېڭىشلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.

 

جەنۇپتا يازدىكى كېچە - كۈندۈزلۈك تېمپۇراتۇرا پەرقى بەك چوڭ بولغاچ، تاڭ سەھەردە تەننى جۇغۇلدۇتۇدۇغان سوغۇق بولاتتى. شۇندىمۇ كۈندۈزدىكى چېقىر ئاپتاپتا ئېغىر كەلمەسلىكى ئۈچۈن كېيىپ يۈرۈدىغان بىر تامبال، بىر كۆينەك بىلەنلا يۈرەتتۇق. ئەتتىگەننىڭ سوغ ھاۋاسىمۇ ئۇيقۇمىزنى ئاچالمايتى. ئەسلىدە ئاخشاملىرى باغمۇ-باغ ئوغۇرلۇققا كىرىپ، قوغۇنلۇقلاردىن سويما ئوغۇرلاپ، كوچىلاردا توپا توزۇتۇپ قوغلاشماق ئويناپ،... دېگەندەك يېرىم كېچىگىچە ئۆيگە كىرمەيتۇق. بولۇپمۇ شۇ چاغلاردا يېزىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىقنى قاق ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئۆتكەن يېڭى يول تۈپەيلى، بەزىلەر يولغا توغرا كەلگەن قەۋرىلەرنى ئېچىپ، ئۇرۇق-جەمەتلىرىنىڭ جەسىدىنى تاغ باغرىغا يۆتكەۋاتاتتى. كۈندۈزلىرى بىز مەكتەپتىكى چاغدا، مەكتىپىمىزگە يېقىن بولغان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەر دەم ئېلىشتا قەۋرىستانلىققا يۈگرۈشۈپ كېلەتتۇق. قەۋرە ئېچىۋاتقان، ئۆلۈكلەرنى چىقىرىۋاتقان بۇ مەنزىرە مۇھىتىمىزغا كۆرە بىزنىڭ قىزىق ئەمەكلىرىمىزدىن بىرى بولۇشى كېرەك، شۇنى تاماشا قىلاتتۇق. بەزى يېڭى ئۆلۈكلەر چىدىغۇسىز سېسىق پۇرايتى. كونىلىرىمۇ پۇرايتى، ئەمما ئۇنىڭ پۇرىقى ئاشۇ يېڭى ئۆلۈكنىڭ پۇرىقىنىڭ كونىراپ قالغىنىدەك بىر تۈرلۈك پۇرايتى. ئاشۇ سېسىقتا سائەتلەرچە تۇراتتۇق. بەزى كونا ئۆلۈكلەر كېپەنلىرى چىرىپ كەتكەچكە يوغان-يوغان ئۇستىخانلىرىلا قالغان بولاتتى. كېيىنچە يول پۈتۈپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېرىققا سۇ باشلاندى. مانا شۇ چاغدا بەزى ئىگىسى چىقماي ئۈستىلا تۈزلىۋېتىلىپ، ئۆتۈپ كېتىلگەن قەۋرىلەرگە سۇ كىرىپ، قورقۇنۇچلۇق گوداڭلارنى شەكىللەردۈرگەن ئىدى. ئېرىقلاردا دائىملا ئادەم باش سۆڭىكى، پاقالچاق سۆڭەكلىرى چىقىپ قالاتتى. باش سۆڭەكلىرىنى تاياققا سانچىۋېلىپ، مەكتەپكە كۆتۈرۈپ كېلىپ، قىزلارنى قورقۇتۇپ، چىقىراتقانچە قوغلاپ يۈرەتتۇق. كۈندۈزىغۇ بۇ ئوبدان ئەمەك بولۇپ، ۋاقتىمىز چاغ ئۆتەتتى. ئەمما كېچىسى ئۇخلىغاندا مانا شۇ ھىڭگىيىپ تۇرغان سىكىلتلار چۈشۈمىزگە كىرىپ ئۇخلىيالمايتۇق. باشقىلارنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچ كەچمىشلىرى بارلىقىغا جەزم قىلالمىساممۇ، مەن بۇ مەزگىلدە ھاياتىمنىڭ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كېچىلىرىنى ياشىدىم دېيەلەيمەن. ھەتتا ساراڭ بولۇپ قېلىش ئىھتىمالىممۇ پات-پات كۆزۈمگە كۆرۈنەتتى. ئۇخلىيالمايتىم. ئۇخلىغاندەك بىرئاز غەپلەت باستىمۇ دەرھال كۆز ئالدىمدا جىنلار ساما سالاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياز بويى ھويلىدا ياتقىنىمىز ئۈچۈن، پۇتىمىز تەرەپتىكى ئۈستى ئوچۇق، ئەسكى تاملىق (بۇ ئىلگىرى يالغۇز ئۆي دەپ ئاتىلىدىغان، ئايرىم بىر يۈرۈش ئۆي ئىكەن، كېيىن ئاچارچىلىقتا يۇرتتىكىلەر ئىگىسىز قالغان ئۆيلىرىمىزنى ئېچىپ، ياغاچلىرىنى سېتىپ قوساق باققان ئىكەن بىز ئۇ چاغلاردا كانسۇ كان رايونىدا ياشايتۇق كېيىن ئائىلىمىزنىڭ يېرىم ئەزاسى يۇرتقا قايتقاندا بۇ ئۆيلەرنى قايتىدىن ياپقان بولساقمۇ، ئۈزۈكچىلىك تۈپەيلى ھەممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي، يالغۇز ئۆي يېپىقسىز قالغان ئىدى) تەرەپتىن جىنلار چىقىپ كېلەتتى. ئاسمانغا قاراپ ئوڭدا ياتقان مېنىڭ قورسۇقۇمنىڭ ئۈستىدە ھاۋا بوشلۇقىدا »ئودوكۇم« ئوينىشاتتى، مېنى بوزەك قىلاتتى. شورلۇق دالىدىكى يامغۇردىن كېيىنكى پاتقاق يولدا بولاتتۇق، دائىملا ھارۋام پاتقاققا پېتىپ قېلىپ، ھەمرالىرىمدىن ئايرىلىپ جىنلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالاتتىم. ئۇچۇپ كېتىشكە ئۇرۇناتتىم... يېنىمدىكىلەرنى بېقىنلاپ ئويغۇتۇپ ياردەمگە چاقىرىشقا ئۇرۇناتتىم. ئەمما ھىچيېرىمنى مىدىرلىتالمايتىم. قاچاي دېسەم خۇددى ئارقامدىن بىرى پېشىمنى چىڭ تارتىپ تۇرۇۋالغاندەك، قەدەملىرىم بەكمۇ كۈچ بولاتتى... بۇ قىينىلىشلار ئىچىدە ئويغۇنۇپ، ياكى ھوشۇمغا كېلىپ، ئەڭ ئەۋەل ئەقلىمگە كەلتۈرگىنىم شۇ بولۇپ، ئەتىسى قەۋرىستانلىققا ئالاقىدار ئويۇنلاردىن نېرى تۇرۇشقا ۋەدە قىلساممۇ، ئەمما كۈندۈزى يەنىلا باشقىلارنىڭ قورقۇنچاقلىقتا ئەيپلىمەسلىكى ئۈچۈن يەنىلا، »قەھرىمانلىق ئۈلگىسى« كۆرسۈتۈشكە ئالدىرايتىم.

 

مانا شۇ سەۋەپلەردىنمۇ ئاخشاملىرى ئۇخلاش دېسە خۇددى قورقۇنۇچلۇق كويىقاپقا ئىتتىرىلىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بىلەن تىرەجىگىم كېلەتتى. ئەگەر مەندەك ئۇخلاشقا يېتىشتىن قورقۇدۇغان باشقا ھەمرالار بولغاندا، ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق ئۇيقۇدىن كېچىپ، تاڭ ئاتقۇچە ئويناشقا رازى ئىدىم. ئەپسۇسكى يېرىم كېچىگىچە ئوينىغاندىن كېيىن بالىلار ئاتا-ئانىلىرى تەرىپىدىن چاقىرىلىپ، بەزىلىرى قۇلاقلىرىدىن چۆجۈلگەنچە ئەكىرىپ كېتىلەتتى ۋە ماڭىمۇ جىمجىت ھوھۇلداپ قالغان كوچىدا تۇرۇۋېرىشنىڭ ئورنى قالمايتى.

 

شۇ سەۋەپتىنمۇ ئەتتىگەندە ئورنۇمىزدىن تۇرماق بەك ئېغىر كېلەتتى. بۇنداق چاغلاردا بۈگۈن بالدۇرراق يېتىپ، راسا بىر ئۇخلىۋالمىسام دەپ ۋەدە قىلساقمۇ، يەنە ئاخشام بولغاندا ئويۇننىڭ قىززىقىدا ۋەدىمىزنى ئۇنتۇپ، »ئەشمىدا قىشلاپ« يۈرۈپ، يېرىم كېچە قىلىۋەتمەي قالمايتۇق.

 

شۇڭا ئاشۇنداق مەستلەرچە ھەركەتلەر بىلەن ئېشەكنى توقۇپ، تۈگۈنەكلەنگەن ئاغامچىنى، ئوغاقنى ئېلىپ، ئېشەككە مىنەتتۇق. ئاندىن زاغرىمىزنى يېگەچ يولغا چۈشەتتۇق. يۇرتنىڭ ئاخىرقى ئۆيلىرىگىچىمۇ ھەمرالار قوشۇلۇپ تۇراتتى. ئۇ چاغقىچە قولىمىزدىكى ناننى يەۋاتقاچقا ھەرھالدا ئويغاق ماڭغاندەك قىلساقمۇ، يۇرتتىن چىقىپ، جاڭگال يولىغا كىرىشىمىزدىن كېيىنلا، ئۇيقۇنىڭ تەخىرسىز ھۇجۇمىدىن قىشىيىپ كېتەتتۇق. مۈگدەش ئىچىدە قىشىيا- قىشىيا ئاخىرى »گۇپ« قىلىپلا يەرگە يىقىلاتتۇق. بىر سېكونت ۋاقىت ئۆتكەندەك بولاتتيۇ، يىقىلغان يېرىمىزدىن سەكرەپ تۇرۇپ، ئوڭ سولىمىزغا ئالاق - جالاق قاراپ، قايسى ياقتىن كېلىپ، قايسى تەرەپكە كېتىۋاتقىنىمىزنى ئىلغا قىلىپ بولغىچە، ئېشىكىمىز ئەللىك مېتېر ئۇزاپ كەتكەن بولاتتى.

 

»ھۇپچۈش! ھۇپچۈش!« دەپ كەينىدىن قوغلاپ يېتىپ، يەنە مىنەتتۇق. ئەمما ئون مىنۇت ئىچىدىلا ئىككىنچى يىقىلىشىمىز ئەمەلىيلىشىپ بولاتتى... ئېشەكنى قوغلاپ يېتىشكە ئۇرۇنۇپ يۈگرىگەندە بەزى ھۈرككەك ئېشەكلەر تۇتۇق بەرمەي قېچىۋېرىپ، تاكى قومۇشلۇققىچە يۈگرەشكە مەجبۇر قىلاتتى؛ بۇنىسى تېخى ياخشى، بەزىلىرى تامامەن تەتۈر يۆنۈلۈشكە قاچىدىغان بولسا، ئېشەكنى يەنە قايتا ئۆيگە بېرىپ تۇتۇپ كېلىشكە توغرا كېلەتتى. قومۇشچىلارنىڭ كۆزلەيدىغىنى كۈن چىققىچە قومۇشنى ئورۇپ بولۇپ، كۈن چىقىشىغىلا ئېشەككە ئارتىپ ئۆيگە يېنىش ئىدى-دە، ئېشەك قوغلاپ تاڭ ئېتىپ كەتسە، ھاۋانىڭ قىزىقىدا ئەسلا ئىش ئاۋۇمايدىغان گەپ.

 

بالىلىقتىكى ئاشۇ ئۇيقۇسىراشلارنىڭ تامامەن ئوخشىشى بولغان بۈگۈنكىسى، ياش بىر يەرگە بارغاندا باشقا كېلىۋاتقان قىسمەت بولغاچقا، ئۇ چاغدىكىدەك، بىردەمدىلا ئۇيقۇ ئېچىلىپ، يەنە شوخ- تېنىمسىزلىشىپ قالىدىغان ئىش ئەمەس، ھاردۇق ئۈگە-ئۈگىلەرگە ئورنۇشۇپ كېتىدىغان گەپ ئىكەن.

 

مەن چاقماق تېزلىكىدە تاھارەت ئېلىپ، ساقىلىمنى قىرىپ، ئاشخانىغا چىققىنىمدا دەل سۇنىڭ قاينىغان ۋاقتى بوپتىكەن. توڭلاتقۇدىن چوڭ قازاننى ئالدىم. ئۇنىڭدا ھەپتە يېتىدىغانغا قاينىتىپ قويۇلغان مەرجىمەكتىن قىلىنغان ئۇماچ بار. ئوماچ خۇددى لەڭپۇڭدەك ئۇيۇپ قالغان ھالەتتە. ئەمدى ئۇنىڭدىن بىرنەچچە قوشۇقنى خۇددى بەلچە بىلەن ئەنجانتامنىڭ لېيىنى كەسكەندەك كېسىپ كىچىك قازاندىكى قايناۋاتقان سۇغا سالدىم. توڭلاتقۇدىن چىققان مۇزدەك ئۇماچنىڭ تەسىرىدە قايناۋاتقان سۈيۈم توختاپ قالدى. ئۇنىڭ تەكرار يەنە شۇ يوقۇرى تېمپۇراتۇرىغا يېتىپ، قاينىشىغىچە ئۇيۇغلۇق ئۇماچنى ئېزىپ، سۈيۈلتۈشكە ئۈلگۈرىمەن. ئەسلىدە پىششىق ئۇماچ بولغاچقا ئۇزاق پىشۇرۇشقا ھاجەت يوق. قاينىسىلا بولدى.

 

ئۇماچ تولۇق سۈيۈلدۈرۈلۈپ بولغاندا، بىر قوشۇق قىزىل مۇچ، بىر چىمدىم ئاشكۆكى، بىرئاز شوخلا قىيامى سېلىپ زىننەتلەپ بولدۇم. ئاندىن قايناشقىمۇ باشلىدى. دەرھال ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئۇماچنى چوڭ چىنەمگە قۇيۇپ، شىرەگە قويدۇم. بۇ قايناق ئۇماچنى پۈۋلەپ ئىچىشكە بىرمۇنچە ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ئارىدىكى ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، ئۇ بىر ئاز ھورىغا جىمىغىچە مەن ناماز ئوقۇۋالىمەن. بۇمۇ ۋاقىتتىن قوش لېنىيەلىك پايدىلىنىش تۈرلىرىمدىن يەنە بىرى.

 

نامازدىن كېيىن ئۇماچنى ئالدىراپ ئىچىشكە باشلىدىم. بەزىدە سەل قىزىق كەلسە بىر ئاز نان چىلىۋەتسەم ئوبدان بولۇدۇ. بەزىدە ئىشتاھام تازا ساز بولمىسا نان بىلەن ئاۋۇپ كەتمىسۇن دەپ، ئۇماچنىڭ ئۆزى بىلەنلا بولدى قىلىمەن. ئۇماچنى ئەسكەرلەردەك تېزلىكتە ئىچىپ بولدۇم-دە چىنەمنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، جۈمەكنى يوغان ئېچىپ، سۇنى بېسىم بىلەن چۈشۈرۈپ، يۇيۇۋەتتىم. ئاندىن ئاخشام ھازىرلاپ قويۇلغان چۈشلۈك تاماق قۇتىلىرىنى تاماق سومكامغا قاچىلىدىم، ئۇسسۇلۇقلىرىمنىمۇ سالدىم.

 

سائەتكە ھىچ قارىمىدىم. ۋاقىت بىر - ئىككى مىنۇت ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ئالدىراشتىن بەكرەك مەڭدەپ كېتىپ، بىرمۇنچە ئىشىم ئوڭى سېپىدە يۈرمەيلا قالىدۇ، تەمتىرەش تۈپەيلى، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت زايا بولۇدۇ، قولۇمدىكى نەرسىنى ئىزدەپ، ھەر يەرنى تىتىۋېتىمەن. شۇڭا ھەرگىز سائەتكە قارىمايمەن. دەرھال ئىش كىيىملىرىمنى كېيىپ، تاماق سومكىسىنى دولامغا ئارتىپ، ئىشىكتىن چىقتىم. كاللامدا باشقا تۈرلۈك ئوي خىيال يوق، بولۇشىمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى. پەقەت »تېز بولۇش كېرەك!« دېگەن بىرلا ئۇقۇم بولاتتى.

 

پەللەمپەيلەردىن ئۇچقاندەك چۈشۈپ، خۇددى ئوغۇرلۇق قىلىپ قېچىۋاتقان ئوغرىلاردەك بىنا ئىشىكىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ماشىنام تەرەپكە يۈگرىدىم. »ئاللاھ ئۆزەڭ قوللا، ئۆزەڭ ياردەم قىل« دەپ پىچىرلايتىم. چۈنكى بەزىدە غەرپ دۇنياسىدا ئېرىشكەن بىردىن-بىر »خوۋلۇق«ۇمىز بولغان نىمكەش ماشىنا دەرھال ئوتئالماي، قۇرقۇتاتتى. قىش كۈنلىرى بولغاندىغۇ تېخىمۇ چاتاق، بەزىدە ماشىنا توڭلاپ قېلىپ، ئادەمنى ئوسال قىلىپمۇ قوياتتى. بەزىدە قار يېغىپ قالغان بولسا بىر نەچچە مىنۇت ماشىنا ئۈستىنى يېپىۋالغان قارلارنى تازىلاشقا كېتەتتى.

 

ماشىنام دەرھال ئوتئالغان ئىدى، »ئۇھ، خۇداغا شۈكرى!«دەۋەتتىم. ماشىنىنى قوزغاپ، ئارىلىقتىن چىقىرىپ، يولغا توغرىلاپ بولغاندىلا، ئادىتىم بويىچە ماشىنا رادىئوسىنىڭ يېنىدىكى ئېلىكترونلۇق سائەتكە كۆز تاشلىدىم. 5:31 ئۆتكەن ئىدى. بۇنى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايتى. ھەر دايىم ئۆيدىكى ئىشنى مۈمكىن بولغىنىچە تېزراق تۈگۈتۈپ، يول ئۈچۈن ئاشۇرۇپ قېلىشقا تىرىشاتتىم. چۈنكى ئارتۇقراق ۋاقىت قولدا بولغان دېگەن بەزى تاسادىپىيلىكلەر ئۈچۈن كاپالەت بولۇپ قالاتتى. مەسىلەن: يولۇمدا دەل زاۋۇتنىڭ كىرىشىگە يېقىن يەردە تۆمۈر يول بار، بەزىدە مانا شۇ ئەتتىگەن سائەتلىرىدە بۇ يەردىن پويېز ئۆتۈپ قالىدۇ. ئەگەر پويېز بىلەن توسۇلۇپ قالساڭ، 15 مىنۇت ئۆلدى دەۋەرسەڭ بولۇدۇ. چۈنكى بۇ يەر ئۇزاق دالا، جاڭگاللار ئەمەس، ئادەملەر ھەركەت قىلىپ تۇرۇدۇغان مۇھىت بولغاچقا پويېز ھەرگىز ئىتتتىك ماڭمايدۇ؛ بەلكىم ئۇنىڭ توختايدىغان مەنزىلى يېقىن يەردە بولغاچقا شۇنداق ئاستا ماڭامدىكىن، بەك ئاستا. بەختكە قارشى بۇ پويېزلار ئۇنداق-مۇنداقلىرىدىن ئەمەس، شۇنچىلىك ئۇزۇنكى، بۇنى ئويلاپ تاپقان ئادەمنىڭ ئاتىسىغا لەنەت دەپ كېتىسەن. بوغۇلۇپ ئۆلەيلا دەيسەن.

 

نېمىشكە؟

 

ئىشقا بەش مىنۇت كېچىكسەڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئىشلەش ھوقۇقۇڭ يوق! ھەپتە ئاخىرى ئىشلىيەلمەسلىك، ھەپتە ئىچىدە تۆرت كۈن ئىشلەپ تاپقىنىڭغا تەڭ پۇلنى زىيان تارتىش دېگەنلىك بولۇدۇ! قارىمامسىلەر، غەرپ دۇنياسىدا 19-ئەسىردە ئىشچىلار ئىش تاشلاپ، ئىش سائىتىنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلىشقانىدى. سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى تەلەپ قىلىشتا، ئۇلارغا ئايلىق (ياكى ھەپتىلىك) مائاش بېكىتىلگەن بولغاچقا، ئوخشاش پۇلغا كۆپ ئىشلەپ بېرىۋاتىمىز دېمەكچى بولاتتى. سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئەقىللىق كاپىتالىستلار بىردىنلا كاللىسىنى ئىشلىتىپ، سائەتلىك مائاش بەلگىلەشتى. مانا ئەمدى، ئىشچىلار ئۆزلىرى كۆپرەك سائەت ئىش تەلەپ قىلىدىغان بولدى. ئون سائەتلىك ھەتتا بەزى ئىشلاردا ئون ئىككى سائەتلىك ئىشلاردا ئىشلەش، بۇنىڭغا چىداشنىڭ سەۋەبى نېمىدە؟ ئىشچىلارنى ئۆزلىرى كۆپرەك سائەت ئىش تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان ئامىل سىستېمدىكى ئۇستۇلۇق بولۇپ، بىرەر ئۆي ئالىسىز، پۇلىڭىز بولمىسىمۇ قەرزگە بېرىۋېرىدۇ. بۇ ئوتتۇز يىلدىن قىرىق بەش يىلغىچە ھەر ئايدا تۆلەيدىغان قەرز سىزنى خۇددى قۇيرۇقىنىڭ ئاستىغا يانتاق قىستۇرۇلغان ئېشەككىلا ئايلاندۇرۇپ قويۇدۇ. ئاشۇ قەرزدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توختىماي ئىشلەش كېرەك! ئىش سائىتىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئارىدا بىكار ۋاقىتنىڭ بەك ئازلىقى، كىشىلەرگە ئويلۇنۇۋېلىش پۇرسىتى بەرمىگەچكە، ئۇلار كۆپ يېقىدىن ماشىنىلارغىلا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۆي سېتىۋالغان تونۇشلۇرۇمدىن بىرى ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ، »ئۆيۈمنىڭ قەرزىنى 95 ياشقا كىرگەن يىلىم تۆلەپ بولۇمەن« دېگەن ئىدى. ئەگەر ئۆيگە ھەۋەس قىلمىغان تەقدىردىمۇ رەڭگا-رەڭ ماشىنىلار زوقنى تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىمۇ قەرزگە بەرگەچكە ئوخشاشلا ئىش ھارۋىسىغا »قوشۇلۇدۇغان« گەپ. بىزدەك سولتەكلارغۇ ھەر ئىككىسىگە ھەۋەس قىلىپ كەتمەيمىز؛ ئەمما يۇرتتا نامرات تۇققانلىرىمىز، ئائىلە ئەزالىرىمىز بولۇدۇ؛ »ياردەمگە كەلگەن« خىتايلارنىڭ سايىسىدە ئۇ بىچارىلارنىڭ تۇرمۇش قامدىغۇدەك ئىشى بولمايدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. مانا شۇلارغا پۇل ئەۋەتىش مەجبۇرىيىتى بىزنىمۇ ئوخشاشلا ھارۋىغا قوشۇدۇ. توختۇماي ماڭىدىغان گەپ. ئىش تاپالماي يۈرگەن بىچارىلارغا قاراپ شۈكرى قىلايلى، ئىشلىسەكلا بىرمۇنچە جاننى باقالايدىغان تۇرساق، تەييار پۇرسەتنى قويۇمىزمۇ؟ دەپ ئۆز - ئۆزىمىزگە قامچا سېلىپ، توختۇيالمايلا قالىمىز.

 

دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى ھەپتىلىك 40 سائەت. بىزدەك ئون سائەتتىن ئىشلەيدىغانلار بۇ نورمىنى پەيشەنبە كۈنى تۈگىتىمىز. ئاندىن جۈمە كۈنى ئارتۇق ئىشلىگەن بولۇمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن يېرىم باھا ئارتۇق بېرىدۇ؛ شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىش كۈنىمىز بولغاچقا، بۇ كۈنلىرى ئىشلىسەك ئىككى باھا بېرىلىدۇ. ئەگەر مەلۇم تەدبىر قوللۇنۇلمىسا، كىم ئىككى باھا ھەق بېرىدىغان كۈندە ئىشلەپ، دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە بىرەر ئىككى كۈن دەم ئېلىشنى ئويلىمايدۇ، دەيسىز؟ مانا شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ھەپتە ئىچى نورمال كۈنلەردە ئىش تاشلىغانلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئىشلەش ھەققى بولمايدۇ. ئىشقا كېچىكسىڭىزمۇ شۇ.

 

تاڭ سۈزۈلۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇزاق بىريەردىن پويېزنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولىۋىدى، يۈرىكىم قارتلا قىلىپ قالدى. ئارقىدىن تاراق-تارۇقلارمۇ ئاڭلانغاندەك قىلدى. ئىختىيارسىز گازغا باستىم. سۈرئىتىم تېز بولۇپ كېتىپ، بىرەر ساقچىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالسام ياكى يوللاردىكى كامېراغا چۈشۈپ قالسام ئوخشاشلا خاپىلىق: ماشىنامنىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىدىن تارتىلغان ئىككى پارچە سۈرەت ۋە بىر ۋاراق قەغەز ئادرېسىمغا كېلىدۇ. ئۇنىڭدا قايسى چىسلادا، قايسى سائەتتە، قايسى كوچىدا قانچە سۈرئەتتە يۈرگەنلىكىم ۋە بۇ يولنىڭ ئەسلى سۈرئەت نورمىسى، مېنىڭ ئاشۇرۇۋەتكەن كېلومېتىرىم قاتارلىقلار يېزىلىپ، غىڭ قىلىشقا ھىچ يوچۇق قالدۇرمىغاندىن كېيىن، 110 دوللار ياكى شۇنىڭ ئەتراپىدا بىر سان جەرىمانە جازاسى بېرىلگەنلىكى ۋە بۇ پۇلنى 14 ئىش كۈنى ئىچىدە تۆلىمىسەم قانچىلىك ئارتىپ ماڭىدىغانلىقى ياخشى چۈشەندۈرۈلگەن بولۇدۇ. قەغەزنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولسا پۇل تۆلىنىدىغان ئادرېسلار، پۇل تۆلەش ئۇسۇللىرى شۇنداق ياخشى تونۇشتۇرۇلغان بولۇدۇكى، بۇ قولايلىققا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايسىز: تېلىپۇن ئارقىلىق تۆلىمەكچى بولسىڭىز:....؛ چەك ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز:....؛ بانكا پرىۋۇتى ئۈچۈن:....؛ ھەتتا تور ئارقىلىق تۆلەشمۇ بار. ماڭا بۇنىسى ھەممىدىن بەك ياقىدۇ.

 

مانا شۇلارنى ئويلىغاندا سۈرئەتنى تېزلەتكەنمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۆتكەندە مانا شۇنداق ئالدىراش نەتىجىسىدە بىر ماشىنىغا سوقۇۋەتتىم. بۇ يەردە سالاغا ئورۇن يوق! بوپتۇلا دېگەننى خەق ئۇنتۇپ كەتكەن. پەقەتلا پۇل! تۆرتمىڭ دوللار بىلەن قۇتۇلغان ئىدىم. بىر ئاي بىكارغا ئىشلىدىم دېسەممۇ بولۇدۇ!

 

ئۆزەمنى بېسىۋالدىم. تۆمۈر يول كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇياقتىن پويېزنىڭ ئالدىراش سويلاپ كېلىۋاتقىنىمۇ كۆرۈندى. يەنە ئىختىيارسىز گازغا پۇتۇم كەتتىيۇ، بېرىپلا دەلمۇ-دەل پويېزنىڭ بېشىغىلا ئۈسۈۋالىدىغاندەك بىر تەسەۋۋۇر بىلەن تېنىم شۈركۈنۈپ كەتتى. يەنە دەرھال بېسىقىمغا چۈشتۈم. مەن دەل پويېز ئۆتۈۋاتقان چاغدىكى ماشىنا توختاش سىزىقىغا دەسسىگەن چاغدا، پويېز يول كېسىشمىسىدىن بەش مېتىرچە ئۆتكەن ئىدى. ئون سېكونتلۇق بىر كېچىكىش! نەقەدەر ئېچىنىشلىق! ئەسلى بەلگىلىمەم بويىچە ئۆيدىن ماشىنىغا چىقىپ بولۇدۇغان ۋاقتىم 5:30 بولۇشى كېرەك ئىدى-دە، بۈگۈنكى ئاشۇ بىر مىنۇتلۇق كېچىكىشنىڭ خاپىلىقى قانداق ئۇلانما خاپىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىنى كۆرۈڭ!

 

ئەمدى، ئون بەش مىنۇت بايىلا تۈگىدى دېگەن گەپ. بۇ سىرتلاننىڭ ئۇزۇنلىقىغا قاراڭلار! ئاخىرى كۆرۈنەي دېمەيدۇ! ۋاگونلارنى ساناپمۇ باقىسەن، يۈزگىچە ساناپ زېرىكىسەن. بەزىلەر زېرىكمەي ساناپتىمىش، 140 ۋاگون سۆرەيدۇ، دېيىشىدۇ. بەزىلەر 170 ۋاگون سانىدىم دەپ قەسەم ئىچىشىدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا بىرەر ئىشنى پۈتتۈرىۋالغىلى بولسا دەپ كېتىسەن. ئۆيدە بولسامغۇ بۇنداق ئونبەش مىنۇت ۋاقىت دېگەن تازىمۇ كېرەكتى. ئەمما بۇ يەردە ئۆز گۆشۈڭنى يەپ كۈتمەكتىن باشقا چارەڭ يوق.

 

توغرا، دېيىلىشى مۈمكىن، »ئۇنداق بولغاندىكىن، سائەتنى بىرئاز بالدۇرراق چالىدىغان قىلىپ توغرۇلاپ قويسا بولۇدۇغۇ«. قارىماققا توغرا. ئەمما ھەركۈنى ئاخشام سائەت توغرىلىغاندا 4:55 كە توغرۇلايمۇ؟ ياكى 5:00 بولسۇنمۇ دەپ خېلى ئارىسالدى بولۇمەن. چۈنكى ئۇخلىمىسام بولمايدۇ. بەش مىنۇت، ئۈچ مىنۇت دېگەندە قانچىلىك ئۇخلاپ كەتكىلى بولار دېيىلگەن بىلەن، بۇنى ياشاپ باققان بىلىدۇ. ئاشۇ ئەتتىگەن باشلانغان ماشىنالاردەك ھەركەت ئاخشىمى توختاپ، »ئۇھ« دەپ كارۋاتقا ئۆزەڭنى تاشلىغىچە قانچە سائەت ئۆتۈدۈغانلىقىنى ئويلىساڭلا، بۇنىڭدا ۋاقىتنى ئاشۇنداق سىقىپ، ئۇخلاش ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىشقا تىرىشىشنىڭ ناھايىتى تەبىئىي بىر ئىنتىلىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايسىز.

 

پويېز ئۆتۈپ بولدى. نېمىلا دېگەن بىلەن بولغۇلۇق بولۇپ بولدى. ئەمدى پەسىللىك ياكى ئايلىق مۇكاپات كارتلىرىممۇ ئۆلدى دېگەن گەپ! ۋاي ئاللاھ، ما قىسمەتنى!

 

ئىش ۋاقتىمىز ئون سائەت دېيىلسىمۇ، ئىش ۋاقتىدىن 15 مىنۇت بۇرۇن كەلگەنلىك سىگنالىمىز كوميۇتېرغا كىرىپ بولۇشى كېرەك. يولدا كېتىدۇ يېرىم سائەتچە ۋاقىت، ئىشتىن چۈشۈدۈغان ۋاقتىمىزمۇ 20 مىنۇت ئۆتكەندە بولۇدۇ، چۈنكى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى چىقىرىۋېتىلەمدۇ قانداق، ئەيتاۋۇر، 6:00 باشلىغان ئىش 4:00 تە تۈگىشى كېرەك بولسىمۇ، 4:20 ئۆتكەندە سىگنال چېلىنىدۇ. يولدا يەنە يېرىم سائەتچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر كەچقۇرۇن يەنە پويېزغا ئۇچراپ قالىدىغان بولساڭ يېرىم سائەت كېتىدۇ. چۈنكى كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشكەنلەرنىڭ ماشىنىلىرى يوللارغا تولۇپ كەتكەچكە، كالا ھارۋىسىدىنمۇ ئاستا مېڭىشقا مەجبۇر بولۇسەن. مانا شۇنداق قىلىپ، سائەت بەشلەردە ئۆيدە بولالىساڭ، ئون ئىككى سائەت ۋاقىت سىرتتا كەتتى دېگەن گەپ!

 

ئىشقۇ ئېغىر ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى خاسىيىتىدە ھېچكىم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا زورلانمايدۇ؛ ئېغىر كۆتۈرۈش، كۈچەپ ئىتتىرىش تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ماشىنا بىلەن قىلىمىز. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا بۇ ئىستراھەت ئەمەس، »ئىش« بولغىنى ئۈچۈن ھېرىپ جۇلۇقۇم چىقىپ كېتىدۇ. بەلكىم ئاشۇ ئۇزاق سائەتنىڭ ئەڭ ئاز توققۇز سائىتىدە پۇتۇمنىڭ ئۈستىدە ئۆرىلا تۇرىدىغىنىم ئۈچۈندۇر، ئاخشىمى ئىشتىن چۈشۈپ ماشىنا ئورۇندۇقىغا ئۆزۈمنى تاشلىغان ۋاقتىمدا چۆلدىن ھېرىپ كەلگەن يولۇچىدەكلا ماجالىمدىن كەتكەن بولۇمەن.

 

ئىشىمىزنى ئېغىر ئەمەس، دېدىم. ئېغىر بولماسلىق بىلەن بىللە نۇرغۇن ئارا ۋاقىتلارمۇ بار. ھىچ ئىش قىلماي بىرسى بىلەن گەپلىشىپ تۇرۇشلار، سايمان كۈتۈشلەر، ماتىرىيال كۈتۈشلەر،... مۇشۇ تۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدىمۇ يەنىلا پۇتنىڭ ئۈستىدىلا تۇرۇدۇغان گەپ. ئولتۇرۇۋالساڭ دەرھال كۆزگە چېلىقىسەن؛ ئىشلىمەيۋاتقان ھورۇندەك بىلىنىپ قالىسەن؛ ئەمما ئۆرە تۇرساڭ ئىشقا ھىساپ. تازىمۇ بىمەنىلىك. ئىش بولمىسىمۇ ئۆرە تۇرۇپ ھېرىشىمىزنىڭ كىمگە كېرىكىكىن، تازىمۇ تېتىقسىزلىق-تە، بۇ!

 

ھە، مانا شۇ تۇرۇشلاردا ئەگەر بىرەرسى ئېغىز تاتىلاپ گەپكە تۇتۇپ، ھالاقىت بەرمىسىلا، خالىغانچە خىيال سۈرسەڭ بولۇدۇ. بۇ خىيالىڭنىڭ قانچىلىك بىمەنە، شەھۋانى، گۇناھلىق ياكى قانچىلىك جىنايى مەزمۇن ئېلىشى بىلەن ھىچكىمنىڭ ئىشى يوق. ھەتتا مەن بۇنداق خىياللىرىمنىڭ كۆپۈنچىسىدە بەھەيۋەت يوغان گىگانت ئادەمگە ئايلىنىشنى، ماڭا ئۇچار تەخسە تېزلىكىدە ئۇچۇدۇغان قابىلىيەتنىڭ ئاتا قىلىنغان بولۇشىنى خىيال قىلىمەن. ئاشۇنداق بولۇپ قالسام دەيمەن، ھەركۈنى ۋەتەنگە ئۇچۇپ بارسام، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ گازارمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، تىرە-پىرەڭ قىلىۋەتسەم؛ ھەتتا خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ تۈزلىۋەتسەم، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل تەرەققىياتىنى، ھازىرقى زامانغا خاس نېمەرسىكى نەرسىسى بولسا ھەممىنى كۇكۇم- تالقان قىلىپ، ئۇلارنى ئىككى مىڭ يىل ئالدىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ۋەتىنىمىزدىن چېكىنىشكە مەجبۇر قىلسام،.... دېگەنلەرنى ئويلاپ كېتىمەن. يەنە تېخى بەزىدە بەكرەك غەزىپىم تۇتۇپ قالغان بولسا ئۇلارنى يەر شارىدىن تامامەن تازىلاپمۇۋېتىمەن. يەرشارى ئۈچۈن خىتاينىڭ نېمە كېرىكى! ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاھانەتقۇ ئۇلار! ھازىرغىچە ئادەم گۆشى يەپ يۈرسە!

 

بۇ رېئال بىر ئارزۇنىڭ تېشىغا تېپىشى دېيىشكىمۇ بولۇدۇغان فانتازىيەلەرگە پېتىپ كەتكەن چاغلىرىمدا بىرەرسى دىققىتىمنى چالغىتىپ قالسا، ئاشۇ خىتايغا قارشى ئۇرۇش سېپىدىن قايتىپ كېلىشكە خۇشياقماي، چاقىرغان ئادەمگە ئالىيىپمۇ قويۇمەن. خىياللىرىمنىڭ 90 پىرسەنتلىك قىسمىنى ئىشغال قىلغان بۇ شېرىن فانتازىيەلىرىم بىلەن بىرگە بەزىدە رېئال تۇرمۇشۇم ھەققىدىمۇ ئويلاپ كېتىمەن. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى كۈندۈلۈك ئىش ھەركەت جەدۋىلىمنى تەكرار ئويلىماي بولمايدۇ. چۈنكى مىنۇت ھايال بولماستىن بۇ ئىشلارغا كىرىشەلمەي، ئارىسالدى بولۇپ ياكى نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي مەڭدەپ قېلىش بىلەن بىرنەچچە مىنۇتنى ئىسراپ قىلسام، بۇ بىر نەچچە مىنۇت سۈرۈلۈپ بېرىپ، بىر چوڭ ئىشنى بەربات قىلىشقىچە بېرىپ يېتىدۇ.

 

مەسىلەن، بۈگۈن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىم ھەققىدە مانا مۇشۇ ئىشقا تەۋە ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئوبدان ئويلۇنۇپ رەتكە تىزىۋېلىشىم كېرەك. بېرىپلا كىرلەرنى ماشىنىغا تاشلايمەن. كىرنىڭ يۇيۇلۇپ بولۇشىغا يېرىم سائەتچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ۋاقىت ئىچىدە دەرھال ئىش چاڭلىرىدىن ئېرىغدىلىش ئۈچۈن يۇيۇنۇۋالىمەن. ئەگەر بۇ كىرنىڭ يۇيۇلۇش ۋاقتىدىن بۇرۇنراق تاماملانسا تاماققا تۇتۇش قىلىپ، ھىچ بولمىغاندا تەييارلىقنى پۈتتۈرىۋېلىشىم كېرەك. قازىنىم قاينىغىچە بىكار كۈتۈپ تۇرۇدۇغان شۇ ۋاقىتتا بەزى زۆرۈر تېلىپۇنلارنى قىلىمەن. يەنى بۈگۈن نېمە تېلىپۇنلارنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئەگەر جاۋاپ تەلەپ قىلىپ سۆز قالدۇرغانلار بولۇپ قالسا، تېلىپۇن ئۈچۈنمۇ خېلى ۋاقىت كېتىدۇ. بەزىدە تۈگىمەس سودا ئېلانچىلىرىنىڭ تېلىپۇنلىرىمۇ ۋاقىت ئالىدۇ. سۆز قالدۇرغان بولسا كىملىكىنى بىلمىگەندىن كېيىن بەرىبىر ئېچىپ، ئاڭلاپ بېقىشقا مەجبۇر بولۇدۇغان گەپ.

 

ئوووو! راست، بۈگۈن ئاينىڭ ئاخىرى، ئۆي ئىجارىسىنى ئۇنۇتماسلىقىم كېرەك! بىر كۈن كېچىكسەم جەرىمانىسىنى قوشۇپ تۆلىشىمگە توغرا كېلىدۇ! مانا شۇنداق ھەممىسى پۇللا دەيدۇ! غەرپ دۇنياسىدا ئىش ھەققى يوقۇرى، پۇلنى كۆپ تېپىۋاتقاندەك قىلىمىز-دە، قارىساڭ بەرگەن پۇلنى يانچۇغۇڭغا دوملاپ قويۇپلا ئېلىۋالىدىغان يوللارمۇ بەك كۆپ. ئاخىرىدا قارايسەنكى، يانچۇقۇڭدا بىرنېمە قالمىغان.

 

توغرا، ئۆي ئىجارىسى تۆلەيدىغان ئىشقا ئون مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ئۇنى بىرەر ئىش بىلەن پاراللېل قىلىشىم كېرەك. قوش لېنىيەلىك پايدىلىنىش ئۇسۇلۇم بىلەن. بولمىسا ۋاقىت توشامدۇ. ئۇيقۇم يېرىم كېچىگە قالىدۇ. ھە توغرا، تامىقىم سوۋۇغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈگرەپ چىقىپلا چەكنى بېرىپ كىرەرمەن.

 

بۈگۈن قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نېمە ئىشلار بارىكىنە؟ تازا بىر ئويلۇنۇۋالاي! ھە، بۇ شەھەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئاغرىق ئىكەنمىش، شۇنى بىر تۈرلۈك يوقلىيالماي كەتتىم. قانداق قىلسام بولۇدىكىن. بۈگۈن شۇنىڭغا ئېشىنالارمەنمۇ؟ بىر شەھەر دېگەن بىلەن ئارىلىقىمىز ئەڭ ئاز ئون كىلومېتېر، نىمكەش ماشىنىنى داراڭلىتىپ بېرىپ كېلىش كېرەك. ئۇغۇ مەيلى، بارغاندىكىن بىر ئاز ئولتۇرمىسا تېخى، ئولتۇردۇڭمۇ بولدى، ۋاقىت دېگەن بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىغان گەپ. ئاندىن ئۇخلاش ۋاقتى كېچىكىدۇ، ئەتتىگەندە كۆزۈڭنى يىرىپمۇ ئاچالماي قالىسەن. ھە، مەيلى، تېلىپۇندا ئەھۋال سوراپ قۇتۇلارمەن بولمىسا. ئىشتىن ئېشىنالمىغىنىمنى دېسەم توغرا چۈشۈنۈدۇ. چۈنكى بۇ يەردە دادا بالا ئارىسىدىمۇ ئەھۋال شۇ تۇرسا، نېمە ئىلاج؟!

 

ھە، يەنە بىر موھىم تېلىپۇن بار: بىرىنىڭ دادىسى كەلگەن ئىدى ئەمەسمۇ، ئۇنى بىرەر قېتىم ئۆيگە چاقىرىپ، ياكى باغچىدا كاۋاپ قىلىپ مىھمان قىلىپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى. بۇنىڭغىغۇ ئەڭ ئاز ئالتە سائەت ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا تېخىمۇ تەس. دەم ئېلىش كۈنىدىمۇ؟ دەم ئېلىش كۈنىدە ھەپتىلىك سودىلىقلىرىمىز بولۇدۇ، ھەپتىلىك تاماق ھازىرلىۋالمىسام بولمايدۇ. يۇرتقا تېلىپۇن قىلىشىم كېرەك....

 

ئۆتكەن يىلى غېنىزاتنىڭ دادىسى كەلگەندە ئۆيگە چاقىرغانىدىم (قانداق قىلىپ بۇنچىلىك ۋاقىت چىقارغىنىمغا ئىشىنەلمەيمەن)، ئۇ ئادەمنىڭ تەسىراتلىرى مېنى ئاجايىپلا ئويلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.

 

ئۇ ئۆيۈمنىڭ بالكۇنىغا چىقىپ، ئەتراپقا قاراپ:

 

ئوھھۇي ي....! دەپ ئۇشقۇيتۇۋەتتى. نېمە بولغاندۇر دەپ يۈگرەپ چىقتىم.

 

نېمە بولدى؟ ئەنسىز سورۇدۇم. دادىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن غېنىزاتمۇ ھېچنەرسىنى چۈشۈنەلمەي دادىسىغا قارىۋىدى، ئۇ ئادەم:

 

ئۆيىڭىزنىڭ ئەتراپى نېمە دېگەن گۈزەل! دېدى، جاۋابەن.

 

شۇندىلا »ئۇھ« دەپ دېمىمنى ئېلىپ، غېنىزاتقا قارىۋىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۈنسىز تىكىلدى. ئۇنىڭ نېمە تەسىراتقا كەلگەنلىكىنى، نېمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلمەيمەن، ئەمما مەن شۇ چاغدىلا ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىغا قاراپ، »پاھ، ھەجەپمۇ گۈزەلكەن، راست!« دەپ ئويلاش بىلەن، يۈرۈكۈمنى نېمىدۇر بىر نەرسە تاتىلاپ ئۆتكەندەك بولدى. ھەقىقەتەنمۇ دېرىزەمنىڭ ئارقىسىدا تىيىنلار ئويناپ يۈرىدىغان ئىگىز ۋە قامەتلىك دەرەخلەر، ئۇياقراقىدا تۈپ-تۈز كەتكەن ياپ يېشىل چىملىق، چىملىقتا پۇتبول مەيدانى، بىر تەرەپتە بالىلار ئوينايدىغان تورنىكلار، سىرىلما تاختىلار، پىقىرىغۇچلار،... ئۇنىڭ قارشىسىدا ياۋا غازلار خاتىرىجەم ئۈزۈپ يۈرگەن كۆپ- كۆك كۆل بارىدى. راستىنى دېسەم مەن بۇلارنى ئەمدىلا كۆرۈۋاتاتتىم ياكى ئەمدىلا دىققەت قىلىۋاتاتتىم! ماشىنىدەك غۇيۇلدىغان ھەركەتلەر بىلەن كۈنۈم ئۆتۈپ، شۇ دېرىزەمنىڭ ئارقىسىدىكى مەنزىرىدىن ھوزۇرلۇنۇش ئەمەس، ئۇ قەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشقىمۇ ھەپسىلەم بولمىغىنىغا ئىچىم ئېچىشىپلا كەتكەن ئىدى.

 

شۇئاندا دادىسى كەلگەن ۋەتەندىشىمىز دادىسى يېڭى كەلگەن كۈنلىرى يۈز كۆرۈشۈش چېيى قىپتىكەن، شەھەرنىڭ ئەڭ كۆركەم باغچىسىدا كاۋاپ سەيلىسى ئارىلاش. مانا شۇ چايغا تەكلىپ بىلەن بېرىشقا توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇمۇ تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ مېنى غەلىتە خىياللارغا پاتۇرۇپلاۋەتتى.

 

نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر خاتىرىجەم دۇنيا، نەقەدەر ئەركىن.... نېمە دېگۈڭلار كەلسە دېيەلەيدىغان، خالىغاننى قىلالايدىغان،....

 

شۇ چاغدا مەن ئەركىنلىكىمىز ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالغان ئىدىم. خالىغىنىمنى قاچاندا دەيدىغاندىمەن؟ خالىغىنىمنى قاچان قىلىدىغاندىمەن؟ دېگەنلەرنى ئويلىسام خۇددى بېخىلنىڭ پۇلى خەجلەنمەي چاشقان تىتىۋەتكەندەكلا بىر ئىش بولۇۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالدىم. بۇنىڭ بىلەن ئىچىمگە جىن كىرىپ، بۇ ئادەمنى گەپكە سالدىم. يەنە قانداق تەسىراتلىرى بارلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم. دوستىمىز دادىسىنى ئوينۇتۇش ئىھتىياجى ئۈچۈن دەم ئېلىش ئېلىپ، ئۇنى ئوينۇتۇپ يۈرگەن كۈنلەر ئىدى (تەبىئىيكى بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىشقا چۈشتى). ئوخشىمىغان بىر دۇنيادىن كەلگەن ئادەم ئۈچۈن بۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ ھەممە نېمىسى قىزىقارلىق، چۈشتىكىدەكلا بىر يەر ئىدى. بىز سېزەلمىگەن نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرنى ئۇ كۆرەلەيتى.

 

ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر ساياھەت رايونىغا ئاپارغان ئىكەن. دوستىمىزمۇ دادىسىنىڭ باھانىسىدا ئەمدىلا بېرىپ ئويناپ كېلىشكە مۇۋەپپەق بولۇپ ئولتۇراتتى. يىللاردىن بېرى مانا بارىمەن، ئەنە بارىمەن دەپ بىر تۈرلۈك نېسىپ بولماي، كونىلارنىڭ دېگىنىدەك »بوسۇغا داۋان«دىن چىقالمايلا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ گۈزەل مەنزىرىلىك جايلاردىن ئالغان بالىلارچە ئوماق تەسىراتىمۇ مېنىڭ كۆزۈمگە يىغا كەلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. مەنمۇ ئاشۇ يېقىنىمىزدىكى ساياھەت رايونىغا بېرىپ ئويناپ كېلىشنى ئارزۇ قىلىپلا تۇراتتىم، ئەمما بىر تۈرلۈك بارالماي يۈرەتتىم. ھازىرقى مۇشۇ ئەھۋالىمدا قانداق بارالارمەن؟ ئىشلەۋاتسام، تېپىۋاتقان پۇلنى قويۇپلا، پۇل خەجلەيدىغان يەرگە بېرىشقا كىم ئۇنايدۇ؟ ساراڭمۇ خەق؟ ئىشتىن توختىسام بارارمەن، دېگەن نىيەت بىلەن ئۆز-ئۆزىمىزنى بەزلىسەكمۇ، ئەمەلىيەتتە نەچچە قېتىم ئىشسىز قالغان چاغلىرىمىز بولدى. ئەگەر بۇ قىش كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن بولسا، »قىشتا ساياھەتنىڭ پەيزى بولامدۇ« دەپ ئۆزىمىزنى گوللىدۇق، ئەگەر يازغا توغرا كەلگەن بولسا دەرھال بىر ئەمەلىي ھىساپ كىتاپ قىلىپ، قورقۇپ كەتتۇق. چۈنكى بۇ يەردە ئالتە ئاي ئىشلەپ، بىرئايلا ئىشسىز قالسا سىدام بولۇپ قالىدىغان گەپ. ئۇنداقكەن، ئىشسىز قالغان ئادەم ساياھەتكە بېرىشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟ ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىن بەلگىلىگەن بىر چېكى بولمىسا، قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ، ئاڭغىچە بۇ ئېغىر ئۆي ئىجارىسىغا نېمە توشايدۇ؟ ئاڭغىچە نېمە يەپ نېمە ئىچىدۇ؟ بۇلارنى ئويلىغاندا ئادەمنىڭ كەيپى ئۇچماي قالامدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن بۇ كەيپسىزلىكتە ساياھەتكە رەغدى بولامدۇ؟

 

مانا شۇنداق قىلىپ، بۈگۈن دەپ، ئەتە دەپ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىغان گەپ.

 

رېئال نەرسىلەرنى ئويلىساڭغۇ ئىشلىرىڭنىڭ كۈنتەرتىبىنى ئوبدان پۇختىلىۋالىسەن، ئەمما شۇ ئادەم كەيپسىزلىنىپ كېتىدۇ-دە. يەنىلا خامخىيالدىن ياخشىسى يوق. بىر كۈن ئىچىدە ۋەتەننى نەچچە قېتىم ئازات قىلىپ بولۇسەن. ھەر قېتىمدىلا بىر-بىرىدىن قىزىق ئۇسۇللار بىلەن. شۇ خىتايلارنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى بۇرنىدىن بۇلاق قىلىش نەقەدەر پەيزى، ئەمما خىيالدىن باش كۆتۈرسەڭلا يېنىڭدىلا بىر خىتاي ھىجىيىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولۇدۇ. ھېچنېمە دېيەلمەيسەن، بۇنىسى تازىمۇ جانغا تېگىدۇ. يەنە ياخشى تەرىپى ۋاقىت خېلى تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئون سائەت ئىش ۋاقتى، كۈنلۈك ئۆمۈرنىڭ يېرىمى دېمەك! بۇ قەدەر ئۇزۇن ۋاقىتتا ئەگەر ئاشۇنداق گۈزەل تەسەۋۋۇرلاردىن تۇغۇلغان خامخىياللار بولمىسىدى، نەقەدەر زېرىكىشلىك، نەقەدەر ئۇزۇن بولاتتى!

 

مانا شۇنداق قىلىپ، ئىش سائىتىنى تۈگىتىپ، ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ھازىر بولدۇق. كارتنى سۇۋاپ، چىققانلىقىمىزنى كومپيۇتېرغا بىلدۈرۈشتىن ساق ئەللىك مىنۇت بۇرۇن ئىشتىن توختايمىز، ئاندىن لەلەڭلەپ يۈرۈپ ئىمزا قويۇش ئۈچۈن توپلۇنۇدۇغان يەرگە كېلىپ، ئىش بېشىنى كۈتۈمىز. نۆۋەت تالاشقان ھالدا ئىمزانى قويۇپ تاماق زالىغا يۈگرەيمىز. ھاپىلا شاپىلا ئىش كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، كاسكىلىرىمىزنى ئېسىپ، تاماق سومكىمىزنى ئېلىپ چىققۇچە، كارت سۇۋايدىغان يەردە ئۇزۇن بىر ئۆچرەت ھاسىل بولۇپ بولۇدۇ. بەش ئون مىنۇت مانا بۇ يەردە ئۆچرەتتە تۇرۇپ، سىگنالنىڭ چېلىنىشىنى كۈتۈشۈمىز كېرەك. بۇ يەردە تۇرغىنىمىز ئىشلىگەنلىكىمىز، ئەمما كارتنى بالدۇر سۇۋاپ چىقىپ كەتسەك، كومپيۇتېر بىزنى بالدۇر كەتتى دەپ خاتىرلەپ قويۇدۇ.

 

سىگنالنىڭ چىقىشى بىلەن كارت سۇۋاش باشلىنىدۇ، بىر كۈنلۈك ئىش ۋاقتىدىن قۇتۇلۇپ، گويا ئازاتلىققا چىقىدىغاندەك تەشنالىق يۈزلىرىدىن پارلاپ تۇرغان ھارغىن چىرايلارنىڭ مەمنۇنىيىتى مانا شۇنداق باشلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ھەپتە ئاخىرى بولۇپ، ئىككى كۈن دەم ئالىدىغان ئىش بولسىغۇ، بىر بىرلىرىگە خوشال ھەپتە ئاخىرى تىلەشلەر بىلەن خوشلىشىلار تونۇشلار ئارىسىدا تەكرارلىنىدۇ. ئاندىن ماشىنا توختۇتۇلغان مەيدانغا قاراپ يۈگرەيدىغان گەپ. بۇ يەردىن قانچە بالدۇر چىقىۋالساڭ، ئۆيگە شۇنچە چاپسان بارىسىەن. بۇ يەردە بىر مىنۇت كېچىككىنىڭ، يېرىم سائەتنىڭ بېشىغا چىقىشى مۈمكىن. چۈنكى ئىشتىن چۈشۈپ ھەرخىل تۆشۈكلەردىن چىقىشقان كىشىلەر، خىلمۇ - خىل ماشىنىلىرى بىلەن كوچىغا بىراقلا تۆكۈلگەچكە، بۇ قىستاڭچىلىقتا ماشىنا ھەيدىگەندىن پىيادە ماڭغان كۆپ تېز بولۇدۇغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. ھەركىم ئالدىرايدۇ، ئالدىرىمايدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق. ھارغىن چىرايلارنىڭ خۇشاللىقى بۇ يەردە تاقەتسىزلىكتىن نېرۋىسى چېچىلىشقا ئايلىنىدۇ.

 

ئاللاھ ساقلىسۇن، بەزىدە مۇشۇنداق چاغدا بىر پويېز ئۆتۈپ قېلىشتىن! بۇنىسى تېخىمۇ ئاستا ماڭغاچقا يېرىلىپ كېتەيلا دەيسەن. ھەتتا بەزىدە توختاپمۇ قالىدۇ.

 

شۈكرىلەر بولسۇنكى، بۈگۈن پويېزغا يولوقمۇدۇق. 35 مىنۇتتا ئۆيگە يېتىپ كەلدىم. ماشىنامنى ئۆزەمگە بەلگىلەنگەن ئورنۇمغا توختۇتۇپ، خۇددى پارتلاپ كېتىش ئالدىدىكى ماشىنىدىن ئايرىلغاندەك تېزلىكتە ئىشىككە يۈگرىدىم. بىنانىڭ ئاساسىي كىرىش ئىشىكى ئىچىدىكى كىچىك زالدا خەت-چەك ساندۇقىمىز بار، ھەركۈن ئىشتىن كېلىپ كىرىپ كېتىۋاتقاچلا خەت ساندۇقۇمنى ئېچىپ، ئۇنىڭدا نېمە بولسا ھەممىسىنى سېرىپ-سۈپۈرۈپ ئېلىپ ماڭىمەن. قاراشقا ئۈلگۈرمەيمەن. چۈنكى بۇ خەتلەرگە قاراشقا ئايرىلغان ۋاقىت ئەمەس. پەقەت لىفىتتىن چىقىپ كېتىۋاتقاچ ئۇنىڭدىكى توۋار ئېلانلىرىنىلا ئايرىپ ئايرىم تۇتۇۋالىمەن دە، ئەخلەتكە تاشلىۋېتىمەن. لىفىتنىڭ ئاستىلىقى يۈرىگىمنى يېدى. ئۆيگە كىرىپلا تاماق سومكامنى ئوتتۇرىغىلا ئېتىپ، قولۇمدىكى خەت-چەكلەرنى شىرەگە قويۇپ، ئاخشام ھازىرلاپ قويغان كىرلەرنى پىلاستىك سۆۋەت بىلەن كۆتۈرگەنچە كىرخانىغا چاپتىم. كىرلەرنى ماشىنىغا سېلىۋېتىپ، قارىسام پارشۇكنى ئۇنتۇپتىمەن. كىملەرنىدۇر مىڭنى تىللاپ يۈگرىگەنچە ئۆيگە يېنىپ، پارشۇكنى ئالدىم. پارشۇكنى ماشىنىغا سېلىپ، ئاغزىنى يېپىۋىددىم، ماشىنا ماڭمىدى. شۇندىلا ماشىنىغا سالىدىغان پۇل ئورنىدىكى تەڭگىنى ئۇنۇتقىنىم بىلىندى. يەنە بىر قېتىم ئۆيگە يېنىشقا توغرا كەلدى. ھېلىمۇ ياخشىكى بىنامىزنىڭ كىرخانىسى ھەر قەۋەتتىلا بار؛ بەزى بىنالاردا يەرئاستىدا بولۇدۇ، ئەڭ ئۈست قەۋەتلەردىن يەر ئاستىغا چۈشۈش كېرەك. بۇمۇ خېلى بولۇدۇ؛ ئەمما بەزى كونا بىنالاردا بۇمۇ يوق، سىرتقا مەھەللە كىرخانىسىغا چىقىشىڭ كېرەك. ئەگەر ئاشۇنداق بولۇپ قالسا، بۈگۈنكىدەك ئەھۋالدا قانچىلىك ۋاقتىم كېتەتتىكىن؟ مانا شۇلارنى ئويلاپ، شۈكرى قىلدىم ۋە قولدىن بېرىۋەتكەن بىرنەچچە مىنۇت ئۈچۈن تەسەللى تاپتىم.

 

ئەمدى ماشىنا يېرىم سائەت ئايلىنىپ، كىرلىرىمنى يۇيۇپ بولغىچە يۇيۇنۇپ چىقىشىم كېرەك. مانا بۇمۇ ۋاقىت ئىشلىتىشتىكى قوشقاتلىق پايدىلىنىش مېتودۇمغا دائىر كۈندىلىك مەشغۇلاتلىرىم.

 

ئۇچقاندەك قايتىپ كىرىپلا توڭلاتقۇدىن پىلتىلانغان خېمىرنى چىقىرىپ قويدۇم. بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتىن ئۈچ قات پايدىلانغان بولاتتىم. مەن يۇيۇنۇپ چىققۇچە خېمىرنىڭ سوغۇقى كېتىپ، بىر ئاز يۇمشايتى. كىرىلىرىمنى ئېلىپ، قۇرۇتۇش ماشىنىسىغا تاشلىۋېتىپ، يەنە كىرەتتىم. ئاندىن قازانغا سۇنى قۇيۇپ، سۇ قاينىغىچە كوميۇتېرنى ئېچىپ، خەتلىرىمگە ۋە بەزى بەتلەردىن يېڭىلىقلارغا كۆز تاشلىشىم كېرەك. مانا شۇ چاغدا ئاشخانىدىن قازان تۇۋىقىنىڭ تاراقلىشى ئاڭلىنىپ، سۇنىڭ قاينىغانلىقىنى خەۋەر بەردى. ئۇچقاندەك چىقىپ، خېمىرنى تارتىپ، ئاشنى سېلىۋەتتىم. مۇزدەك خېمىر بىلەن »ئۆستەڭ بويىغا يانغان« سۇ تەكرار قاينىغىچە يۈگرەپ چىقىپ كىرلىرىمنى ئەكىرىۋالدىم.

 

ئاشنىڭ پىشىشىغا ئۈلگۈرتۈپ، قورۇمامنى قىزىتىشىم كېرەكىدى. توڭلاتقۇدا يەنە ھەپتىلىك قورۇما بىر قازاندا بولاتتى. ئۇنىڭدىن بىر سېلىملىق بۆلۈپ، ئۇنى مىكرو دولقۇنلۇق ئىسسىتقۇچقا قويۇۋېتىپ، ئاندىن ئاشنى سۈزدۈم. ئاشنى چايقاپ، تەخسىگە سېلىپ بولغىچە، ئىككى مىنۇتلۇق قىزىتىش ۋاقتى توشۇپ، ئىسسىتقۇچ سىگنال بەردى. قورۇمىنى ئېلىپ، ئېشىمنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ، تاماق شىرەسىگە كېلىپ ئولتۇردۇم. شۇندىلا 14 سائەتتىن بېرى مېنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن پۇتۇمنىڭ ئارامچىلىقى باشلاندى. مانا شۇندىلا پۇتۇمنىڭ تەقەدەر تېلىپ، ماجالى قالمىغانلىقىنى سەزدىم. تاماقنى يگەچ يەنە قىلىدىغان ئىشلىرىمنى بىر قۇر ئەسلەشكە تىرىشتىم.

 

ئۆي ئىجارىسى! بۇ بەك موھىم بىر ئىشىم. ھە راست، خەت-چەكلەرگىمۇ قارىشىم كېرەك. ئۇنىڭدا بەزىدە جىددىي تۆلىۋەتمىسەم بولمايدىغان تالونلار كېلىدۇ. بۇ ئاي ئاخىرى بولغاچقا چوقۇم بار بۇلار. توك پۇلى، تور پۇلى، تېلىپۇن ھەققى، كىرىدىت كارتى قەرزلىرى دېگەندەكلەردىن چوقۇم بىر ئىككىسى چىقىپ قالىدۇ. ئوي-خىيال بىلەن بولۇپ، تاماقنىڭ تاتقىنىمۇ بىلمەس بولدۇم. تاماقتىن كېيىن قازان-قومۇشلارنى جۈمەك ئاستىدىكى يۇغۇچقا سېلىپ، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدىن تۆكۈپ، ئاندىن بىر ئاز سۇ چۈشۈرۈپ قويدۇم-دە، ئۆزەمچە ئۇ يۇمشاپ تۇرغىچە خەت-چەكلەرگە قارىۋالماقچى بولدۇم. »ۋاقتتىن قوش پايدىلىنىش« ئۇسۇلىنى تاپقىنىمدىن كېيىن گويا بىر ئىشنى يالغۇز قىلسام ۋاقىتنىڭ كۆڭلىگە كەپ قالىدىغاندەكلا بىر تۇيغۇدا بولۇدۇغان، شۇنىڭ بىلەن، ھەر ئىشقا بىر نەرسە قوشۇۋالىدىغان بولدۇم. ھەتتا سۈت پۇشۇرۇشتەك بېشىدا قاراپ تۇرمىسا ھېلىلا تېشىپ، ھەممە يەرنى رەسۋا قىلىۋىتىدىغان ئىشتىمۇ، قاينىغىچە بۇنى قىلغاچ تۇراي، دەيمەن-دە، نەتىجىدە دىققىتىم سۈتتە بولماي قېلىش تۈپەيلى، قاراپ تۇرۇپلا تاشقۇزۇۋېتىمەن. »‹يوق دېسە چېلىپ ئىچىڭ«‹ دېگەندەك، ئەمدى ئوچاق بېشىنى تامامەن يۇيۇشقا توغرا كېلىدىغان يىگىرمە مىنۇتلۇق بىر تازىلىق خىزمىتى كۆپۈيەتتى!

 

خەت-چەكلەرگە قارىدىم. ئىككى دانە تالون بارىكەن. ئۇھ ھېلىمۇ ياخشى ۋاقتىدا ئېچىپتىمەن. كىرىدىت كارتى قەرزلىرىنى ۋاقتىدا تۆلىمىسەڭ ئۆسۈم باشلايدۇ. گۇناكار بولۇسەن. توك پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىمىسەڭ، جازاسى بار. ياخشىكى بۇلارنى تور ئارقىلىقلا تۆلەيمىز. ئەگەر بانكىغا بېرىپ قىلىشقا توغرا كەلسە ياكى شۇ شىركەتنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ تۆلەشكە توغرا كەلسە قانداقمۇ قىلارىدۇق. تور باياتىن بېرى ئوچۇق تۇراتتى. شۇڭا دەرھال بانكا ھىسابىمغا كىرىپ، بۇ ئىككى تالوندىكى ھىساپ نومۇرۇمغا تەلەپ قىلىنغان پۇلنى ئاغدۇرىۋەتتىم. بىرنەچچە مىنۇتتا قۇتۇلدۇم. نەقەدەر قولايلىق!

 

شۇندىلا كۆردۈمكى، ياتاق ئۆيۈمدىكى كارۋات بېشىدا تۇغان تلىپۇننىڭ سۆز قالدۇرۇش چىرىغى لىپىلداپ سىگنال بېرىپ تۇرۇپتۇ. سىگنال بىردە 6 دېگەن ساننى تەكرار كۆرسۈتەتتى. دېمەك ئالتە تېلىپۇن كەلگەن ۋە سۆز قالدۇرغان. بۇلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرمەيلا ئۆچۈرۈۋەتكەن چاغلىرىممۇ بولغان، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ بەك موھىملىرى بولۇپ، چوڭ ئىشلارغا چېتىلىدىغان، پۇلغا چېتىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا بىرنەچچە مىنۇتقا چىداپ، بۇلارنى بىر-بىرلەپ ئاڭلاش كېرەك. بەزىلىرى بەك تېز گەپ قىلغاچقا ھېچنېمىنى ئۇققىلى بولمايمۇ قالىدۇ. تەكرار-تەكرار ئاڭلاشقا توغرا كېلىدۇ. قالدۇرۇلغان تېلىپۇن نومۇرىنى توغرا بىلىپ يېزىۋېلىش ئۈچۈنمۇ نەچچە قېتىم تەكرارلاش كېرەك.

 

ياخشىكى، بۈگۈنكىلىرىنىڭ كۆپى ئېلانلار ئىكەن. بېشىنى باشلىشىغىلا ئۆچۈرۈۋەتتىم. بىرسى مۇشۇ شەھەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلىرىمىزدىن بىرسىنىڭ سۆزى ئىكەن. دەيدۇكى، »ئۇزۇن بولدى كۆرۈشەلمىدۇق، شۇڭا تېلىپۇندا بولسىمۇ كۆرۈشۈپ قوياي دېگەنتىم«. ئەھۋال مانا شۇ. دايىملا دەيدىغىنىمىز، تېلىپۇندا بولسىمۇ ئەھۋاللىشاي دېگەنتىم،... دېگەندەك ياسالما گەپلەر. دېمىسىمۇ بۇ دوستۇم بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئىككى ھەپتىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ كاشكى بىرىمىز قوقاندا، بىرىمىز سەمەرقەندە ياشىساق. بىر شەھەردە ياشايمىزۇ، ئەمما ۋاقتىمىز يوق. ۋاقىت قىسقىراپ كەتكەنمۇ، نېمە بالا؟ بۇ كۈنلەردە ھىچنەرسىگە ئېشىنغىلى بولمايدىغۇ؟ بۇرۇنلاردا بىر كۈن دېگەندە ئالەمنىڭ ئىشى تۈگەيتى، يەنە ئاخشاملىرى ئالاتاغىل ناخشىلارنى توۋلاپ، خاكساردەك كوچىمۇ-كوچا لاغايلاپ يۈرەتتۇق.

 

تېلىپۇننىڭ خاسىيىتى شۇ بولدىكى، ھېلىقى دادىسى كەلگەن ئۇيغۇرىمىزنىڭ دادىسىنى ئۆيگە چاقىرىپ قوياي دەپ ھىچ ئېشىنالماي كەتتىم. شۇ باھانىدە مەنمۇ »تېلىپۇندا بولسىمۇ كۆرۈشەي دېدىم... «دىن بىرنى دەپ، كۆڭۈل ياساپ قويۇپ تۇرمايمەنمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم. بۈگۈنكى ئىشقا كېچىكىشىمنىڭ ۋەجىدىن ھەقىچان ھەپتە ئاخىرىدا ئىشقا بارمايمەن. شۇ چاغدا چاقىرىۋالارمەن. ئۇنىڭدىن ئۆزۈر سوراپ بولۇپ، دوستۇمنىڭ تېلىپۇن سۆزىگىمۇ جاۋاپ بېرىپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم. بىر ئاز گەپلىشىپ بولسىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەش خۇمارىمنى باسقۇم كەلدى.

 

مانا شۇ چاغدا يۇرتتىكى ئىشلار خاتىرەمگە كېچىپ، چوڭقۇر ھەسرەت بىلەن ئۇلۇق-كىچىك تىندىم. ۋەتەننىڭ ئاخشاملىرى نەقەدەر گۈزەل ئىدى. كوچىنىڭ بىر دوقمۇشىدا توپلۇشۇۋېلىپ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشەتتۇق ياكى بىرەرسىمىزنىڭ ئۆيىگە توپلۇنۇپ ئولتۇرۇپ يېرىم كېچىدىن ئۆتكۈزۈۋېتەتتۇۇق. ۋاقىتنىڭ بەكلا بەركىتى بارىدى. كېسەللەرنى يوقلايتۇق؛ دائىملا بولۇپ تۇرۇدۇغان ئۆلۈم مەرىكلىلىرىگە قاتنىشاتتۇق، ھەتتا بەزىدە قەۋرىگىچە ئۇزۇتۇپ بارىدىغان چاغلىرىمىزمۇ بولاتتى. توي-تۆكۈنلەرگە، باشقا ھەر خىل »چاي«لارغا بېرىپ تۇراتتۇق. ھەممىگە يېتىشەتتۇق. گەپلىرىمىز بىر يەردىن چىقىدىغان، بىر ئېغىز گەپتىن تۈمەن مەنا چۈشۈنۈدىغان دوستلىرىمىز بولاتتى. ئەمدىلىكتە بۇ يەردە ئۇيغۇر بار دېسەكمۇ جەمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى زىچلىق تۈپەيلىدىن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرالمىغىنىمىز يەتمىگەندەك، گېپىمىزمۇ بىر يەردىن چىقمايدۇ؛ چۈنكى ئورتاق كەچمىشىمىز يوق. ھەر گەپنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئۇزۇن ھىكايىنى بىلگەنلەرلا ئۇنىڭدىكى مەنالاردىن زوق ئالالايدىغان گەپت-تە. بۇنداق سۆھبەتداشلار چوقۇم ئاشۇ ھىكايىلارنى ئورتاق باشتىن كەچۈرگەن، كەچۈرمىش ئورتاقلىقىغا ئىگە كىشىلەرنى تەقەززا قىلىدۇ. »يولدا قوشۇلغان ھەمرا«غا ھەر سۆزنىڭ ئىزاھاتى ئۈچۈن ھەممە ھىكايىنى ئاڭلىتىپ بولالمايسەن؛ ئاددىيدەك بىرەر سۆزنىڭ ئارقىسىدا ياتقان يومۇرلۇق ۋەقەنى دەپ ئولتۇرالمايسەن. مانا شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سۆھبەتلەر سۈنئىي، رەسمىيەتچىلىك تىپىدا؛ تات يوق، لەززەت يوق؛ ھاردۇقۇڭ چىقمايدۇ. شۇڭا ئۇچراشقىڭ كېلىپ خۇمار بولۇپمۇ كەتمەيسەن. سۆھبەت سۈنئىي بولغان ھالدا مۇناسىۋەتلەر چىن بولامدۇ؟ مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ سۈنئىي. نىمىدۇر يۈرەكنى تاتلايدۇ؛ ئاللىقانداق بىر خۇمار ھىچ يېشىلمەي يىغىلىدۇ، يىغىلىدۇ،... نېرۋىنى بۇزۇدۇ. ئارىلىشاي دېسەڭ »ئۇيغۇرچۇلۇق«؛ ئارىلاشماي دېسەڭ يەنە »ئۇيغۇرچۇلۇق«. موھىمى ھەممە ئادەم غەلىتە خاراكتېرلىك بولۇپ قېلىشقان، ئارانلا تۇرۇدۇ، ھە دېمەيلا دۈشمەن بولۇپ قېلىشىدۇ. يۇرتتىمۇ ئۇرۇشۇپ تۇرۇدۇغان ئىشلار بار، ئەمما ئۇ يەردە قان چېچىشىپ كەتكەنلەرمۇ بىر سەۋەپ بىلەن يارىشىپ، تەكرار قويۇق مۇناسىۋىتىنى قىلىدىغان. ئەمما چەتئەلدە قىلچىلىك بىر ئىشلار ئۈچۈن قېيدىشىپ قالغانلارنىڭ ياراشقىنىنى كۆرمەيسەن؛ شۇ پېتى ئۆمۈربويى دۈشمەن بولۇشۇپ قالىدىغان گەپكەن. نېمانچە نازۇكلۇقكىن بۇ؟ بىلىپ بولمايدۇ. بىر دوستۇم بېيجىڭدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ شۇنداقكەن دەيدۇ. بۇ تەتۈرلۈكنىڭ سەۋەبىدىكى ئورتاقلىق شۇ: باشقا بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي توپى ئىچىدە ياشايدىغان، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي توپىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر مانا شۇنداق بولۇپ قالىدۇ، دېسەك بولۇدىكەن.

 

تېلىپۇننى ئالغان دوستۇمغا:

 

تېلىپۇن قىپتىكەنسەن، ئىشتا ئىدىم، دېدىم. ئىش بۇ يەردە ھەرقانداق موھىم بىر سورۇندىن قالغان گۇناھىمىزغىمۇ كەففارەت بولالايدىغان بىر باھانە ئىدى. چۈنكى، بۇ يەردە ئىشسىز قالساڭ كۆز ئالدىڭ قاپ قاراڭغۇ بولۇپ كېتىدۇ. ئەتەڭ ۋە ئۇنىڭ نېرىسىغا كۆزۈڭ يەتمەي، قورقۇنۇچ باسىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە پەقەت پۇلۇڭ بولغاندىلا ھاياتلىق سېپىدىكى ئورنۇڭ بولۇدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسقاتىدىغان ھېچنېمەڭ يوق: نە تۇققان، نە دوست، نە يۇرتداش،... يۇرتتىكى چاغلىرىمىزنى ئەسلىسەك، مەھەللىمىزدە يېنىدا ئون تىيىن پۇلى يوق قوشنىلار بولاتتى. ئۇ يېرىدىن چىققان ئاشلىقىنى كېتىغا بېسىۋالغاچقا، پۇلى بولمىسىمۇ خاتىرىجەم ھالدا دوقمۇشلاردا باشقا يۇرتداشلار بىلەن خوشال-خۇررام قەرت ئويناپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئىشەنگىنى ئۆز ئۆيىدە، ئۆز يۇرتىدا، ئۆز قېرىنداشلىرى ئارىسىدا بولغىنى بولسا كېرەك. دادىسى يامان كۈنگە قالسا بالىسى ئەسقاتمايدىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتساق، ئىش مەۋزۇسىدا شۇنداق سەزگۈر بولماسلىقىمىز مۈمكىنمۇ؟

 

جاھاندارچىلىقنىڭ زورىنى قارىمامسەن، پۇل تاپىمىز دەپ شۇ، بىر شەھەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ ئايلاپ كۆرۈشەلمىسەك، قانداق بوپ كەتكىنى بۇ؟ بۈگۈن ئىشقا كېچىكىپ، نۇرغۇن زىيانغا قالدىم، دېگىنە، بەلكىم ھەپتە ئاخىرىدىكى كۈنلەردە ئىشلىمەسمەن. شۇ چاغدا بىر ۋاقىت چىقىرىپ، بىريەردە بىرەر دەم بىللە ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشەرمىز،....

 

يادىمنىڭ بېرىدا ھېلىقى دادىسى كەلگەن ئاداشقا تېلىپۇن قىلىپ قوياي، تېلىپۇننىڭ يېنىدىن كەتسەملا ئۇنتۇپ كەتمەي يەنە.

 

ئىش بىلەن بولۇپ يا بىر بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلەلمىدىم، يا بىر چاقىرىۋالالمىدىم، بۇ ھەپتە ئاخىرى بىر بولسا تېلىپۇن قىلىپ قالىمەن، داداڭنى ئېلىپ كېلىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كېتەرسەن... تېلىپۇندا بولسىمۇ كۆرۈشۈپ تۇرايلى،...

 

ئەمدى ھېلىقى ئاغرىپ قالغانغا بىر دەم ياسالمىلىق قىلاي.

 

....

 

تېلىپۇنلاردىن قۇتۇلدۇم. ئەمدى ئەتە ئىشقا ئېلىپ بارىدىغان تاماقلىرىمنى ھازىرلىشىم كېرەك. تاماق ھازىرلاشتىمۇ بىرمۇنچە ماشىنىلىشىش، زامانىۋىيلىشىشلىرىم بولدى. سامساق توغراش ياكى پىياز سوقۇش دېگەندەك، بەك ئۇششاق توغراشنى تەقەززا قىلىدىغان ئىشلارنى ماشىنا بىلەن قىلىمەن، »گاژ«قىلىپلا ئالسام بولۇدۇ. ئەمما يەنە شۇنداق بولسىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇخلايدىغان ۋاقىتلىرىم كەتمەكتە. بۇنى ئويلىساملا تېزرەك تۈگۈتۈپ، بالدۇرراق يېتىۋالغۇم كېلىدۇ. بايا 14 سائەتلىك مېنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن ئازات بولغان پۇتلۇرۇم ھەققىدە زىكرى قىلغان ئەمەسمىدىم، مانا ماۋۇلىرى 14 سائەتنىڭ تېشىدىكىلىرى. ئاشخانىدا قازان بېشىدا ئۆرە تۇرۇشلۇرۇم ئۇ ھىساپقا كىرگۈزۈلمىگەنىكەن. تاماقلارنى قۇتۇلارغا، ئىچىدىغىنىمنى بوتۇلكىغا قاچىلاپ، توڭلاتقۇغا قويۇۋەتكەندىن كېيىن، بىردەم ئوڭ-سولۇمغا قاراپ، يەنە نېمىلەر چالا قالدىكىن، نېمىنى ئۇنۇتتۇمكىن دېگەندەك مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم. بۇنىڭغىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما مۇشۇنداق بىر تەسبىت قىلىشنى تەرك ئەتسەم، ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇ ئاخشام قىلمىسام بولمايدىغان بىرەر ئىش ئۇنتۇلغان بولۇپ چىقسا، ھېلى ياتقان يېرىمدىن قاڭقىپ تۇرۇپ كېتىدىغان گەپ. »ئۇھ« دەپ ئەمدى يېتىپ، بىردەملىك خىياللاردىن كېيىن ئۇيقۇ دېڭىزىغا پاتاي دەۋاتقاندا بىردىنلا ئەسكە كەلگەن ئىش بىلەن قايتا ئورنىدىن تۇرماقنىڭ قانچىلىك مۈشكۈللىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ-دە!

 

ھازىرچە ھىچنەرسە ئەقلىمگە كەلمىدى. ئەمدى يېتىشقا ماڭساممۇ بولۇدۇغاندەك قىلىدۇ. پەقەت خۇپتەن نامىزىمنىلا تۈگەتسەم بۈگۈنلۈك ھايات مۇششەققەتلىرىدىن قۇتۇلدۇم دېگەن گەپ. كىم بىلىدۇ، نامازدا تۇرغاندا كىشىنىڭ ئېسىگە ئۇنتۇلغان نۇرغۇن نەرسىلەر كېلىدىغان، بىرەر نەرسە ئۇنتۇلغان بولسا نامازدا ئەسلىۋالسام ئەجەپ ئەمەس! كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، بۇ تەقلىتتە نامازدىمۇ ئىخلاس ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ!

 

ئاللاھقا شۈكرىكى، ھېچنەرسە يادىمغا كەلمىدى. دېمەك، بۈگۈنلۈك ھەممىدىن قۇتۇلۇپتىمەن! كارۋاتقا، ھۇررا!

 

بىرقانچە مىنۇتلا خىيال سەھراسىدا تېڭىرقىسام ئۇيقۇغا كېتىمەن، بۈگۈنۈم شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

 

 

 

Powered by Bullraider.com

ئۇچۇر