- مانجۇ سۇلالىسى چىڭ _ خىتاي ئەمەسىدى!
- تور بازىرىدا سېتىۋېلىش مەشغۇلاتى ئاددىيلاشتۇرۇلدى
- ئاللېن داللاسنىڭ مەشھۇر نۇتقىدىن
- قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا (مۇسەددەس)
- قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا (مۇخەممەس)
- رادىئودا نېمىلەرنى قىلغىلى بولاتتى؟
- گېتلىرنىڭ نۇتقى
- قاغىلىق قەتلىئامىدىن كۆرۈنۈشلەر
- سىدىقھاجى روزىنىڭ ئائىلىمىز ھەققىدىكى تۆھمەتلىرىگە جاۋاپ
- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەققىدە تەرتىپسىز دىئالوگلار
- «گۇگۇم» ناملىق رومان نەشىردىن چىقتى
- ئۈمىتسىزلىك ۋە ئەقىل ئۇچقۇنى
- داۋا ۋە نوپۇزنىڭ مۇناسىۋىتى
- قالىغاچ ئۇۋىسىدىكى مەخپىي سۆھبەت
قان ئىچىدىكى بوۋاق (ھىكايە)
- تەپسىلىي ماتېرىيالى
- كاتېگورىيە: ئەدەبىي ئەسەرلەر
- كاتېگورىيە: نەسرىي ئەسەرلەر
- 2011 يىل ئۆكتەبىر-10 دۈشەنبە 22:45 ئېلان قىلىنغان
- ئاپتور: باقى
- ئاۋاتلىقى: 636
(بارىن ئىنقىلابىنىڭ 20 يىللىقىغا)
سەۋدايى
— بىزگە سىڭدۈرۈلگەن مەپكۈرە تۈپەيلى شۇنداق بىر خىل كەسكىن ئىشەنچ ۋە يا قاراشقا كەلگەنمىزكى، ئەر- ئايال، ياش قېرى، بوۋاق ياكى ئۆي ھايۋانلىرىنى ئايرىپ ئولتۇرماستىن قارا- قويۇق ئېتىۋېرىشتىن ئىبارەت ۋەھشىيلىك پەقەت ياپون باسقۇنچىلىرىغا، جاھانگىرلارغا ۋە فاشىستلارغىلا خاس تەبىئەت بولۇپ، بۇنى «ئازادلىق ئارمىيە» نامى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتۇق...
—(جاڭ جۈنتاۋ[0]نىڭ ئادۋۇكاتىغا دېگەنلىرىدىن(
خىتايلاردا كەم بولىۋاتقىنى ۋىجدان ۋە ئادالەت تۇيغۇسى.
— جاڭ جۈنتاۋنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ سۆزىدىن
—ھە،... كەلدىلىمۇ؟ ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن، — دېدى ئايال خۇپتەندىن قايتىپ كەلگەن ئېرى ئىشىكتىن كىرىشىگىلا، — بۇ كېچە نېم بولۇدۇغاندەك، مەخەتقارى، تېنچ ئۆتەمۇ، يا...؟ — دەپ سورىدى ئارقىدىنلا.
تالادا ھىچقانداق ئۈن-تىۋىش يوق ئىدى. بۇ جىملىق نورمال زامانلاردىمۇ مانا شۇنداقمىدى؟ ياكى كىشىلەر بولغۇسى بۈيۈك بىر غەۋغانى كۈتۈۋاتقاندا مانا شۇنداق تۇيۇلامدۇ، بىلىپ بولمايتى. ئىشقىلىپ بۇ جىملىق شۇنچىلىك يۈرەكنى سىقاتتىكى، ئۇندىن كۆرە ئالەمنى مالەم قىلىۋەتكۈدەك گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەن بولسا، دېگۈسى كېلەتتى. تېخى باھارنىڭ باشلىرى بولغاچقا كۆللەردە پاقىلارنىڭ كۇرۇلداشلىرىمۇ، چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرىمۇ ئاڭلانمايتى، بۇ ھال بۇ جىم-جىت كېچىنى تېخىمۇ مۇكەممللەشتۈرۈپ، كىشىنى قورقۇتقۇدەك سۈرلۈك قىلىۋەتكەن ئىدى.
مورا بېشىدا ئىس چىقىرىپ يېنىپ تۇرغان جىن چىراق ئۆينى بەك غۇۋا يورۇتقاچقا، سىرتتىن كىرگەن ئادەمگە دەرمەھەل بىرنېمە كۆرۈنمەيتى. مەخەتقارى شۇڭلاشقا دەرھال جاۋاپ بەرمىدىمۇ، ياكى دەيدىغانلارىنى ئوبدانراق ئويلىنىۋالماقچى بولدىمۇ، ئەيتاۋۇر ئىشىكتىلا تۇرۇپ، بىر-ئىككى مىنۇتچە غۇۋا قاراڭغۇلۇقتىكى كىچىككىنە ئۆيىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا قاراپ تۇردى، كېيىن ئاستا سۇپا تەرەپكە سىلجىپ:
— ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ، — دېدى مەخەتقارى چوڭقۇر ھەسرەت يوشۇرۇنغان ئاۋازدا، — سادىسەن-دە، زىبىخان، سادىسەن،... زەيدىنقارىمنىڭ دېگەنلىرىنى ئۇنتۇدۇڭما؟ شۇ خىتايلار يۇرتىمىزدا بولغان مۇددەتتە بىز خەققە تېچلىق بوممايدۇ، دېمەپمىدى؟ — جىن چىراقنىڭ يورۇقىدا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنى تۈزۈكرەك كۆرۈشكە ئىمكان يوقىدى. پەقەت ئاۋازلىرىدىنلا ياش ئەر-خوتۇنلار ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلغىلى بولاتتى. ئۆيمۇ چىراقنىڭ ئىسى ياكى ھەمىشەمكى سامان ئوتىنىڭ تۈتەشلىرىدىن قارىداپ كەتكەندەك، تورۇستىكى ۋاسا بورىلىرى قارىداپ كەتكەن، ئىستىن ھاسىل بولۇدۇغان قارا تور ھەر يەردە ئېسىلىپ تۇراتتى. ئۆي پاكار، شۈدىگەرلىكنىڭ چالمىسىدىنلا قوپۇرۇلغان تامدىن ئىبارەت ئىدى. ھەر نەرسىدىن نامراتچىلىقنىڭ ئىزناسى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى.
ئاڭغىچە تەم-تىم ماڭغان ئوغلى سۇپىنى تۇتۇپ مېڭىپ كېلىپ، دادىسىنىڭ پاچىقىغا ئېسىلدى.
مەخەتقارى بالىنى قولىغا ئالدى، ئاندىن سۇپىغا ئاۋايلاپقىنا ئولتۇرۇپ، ئوغلىنى تىزلىرى ئۈستىگە دەسسىتىپ تۇرۇپ، باغرىغا چىڭ باستى. شۇ بىر نەچچە ئېغىز سۆزدىن كېيىن ئارىغا چۆككەن جىملىقنى بالىنىڭ ئۆزىگە خاس چۈشۈنۈكسىز تىلىدا بىرنېمىلەرنى دېيىشىلا بۇزۇپ تۇراتتى. ئەمما مەخەتقارى بۇلارنى ئاڭلىمايتى. ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئاللىنېمە مۇجۇپ تۇراتتى. خىياللىرى قالايمىقان، تەرتىپسىز ئويلار كاللىسىنى چولغىۋالغان ئىدى. بالىنىڭ كۈچۈنۈپ تىپىرلىشى ۋە نارازىلىققا ھىساپ قىلىشقا بولۇدۇغان ۋارقىرىشى بىلەنلا ئاندىن بالىنى باغرىغا باسقاندا بەك چىڭ سىقىۋەتكىنىنى بىلدى. بۇ مەھكەم قۇچاغلاشتا ئاتىلىق سۆيگۈسى ئۈستۈن كېلەتتىمۇ ياكى قورقۇش ھىسسىمۇ؟ بىلىپ بولمايتى. ئاشۇ بۇدرۇق كىچىككىنە جاننىڭ نېمە بولۇشى ھەققىدىكى قورقۇنۇچلۇق خىيال ئۈستۈنلۈكتەمىدى؟ ياكى ئاشۇ سۈنئىي ۋە ئەنسىز جىملىقنىڭ سەۋەپچىسى بولغان ھادىسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش تۇيغۇسى ئۈستۈنلۈكتىمىدى؟ بۇنىمۇ ئىلغا قىلىش تەس ئىدى.
ئۇ مەخەتقارى دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قارى ئەمەس ئىدى. ئۇنى قارى قىلىش دادىسىنىڭ ئارزۇسى ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئوقۇش يىللىرىدا دىن بەكمۇ قاتتىق چەكلەنگەن زامانلار بولغاچقا، قارى بولماق تۈگۈل، ناماز ئوقۇغۇدەكمۇ ئىمكانى قالمىغان كىشىلەردىن كىم ئۇنىڭغا دەرس بېرىشكە پېتىنسۇن؟ ئۇ كىچىك چاغدىلا دادىسى ناھىيە بازىرىدا شېھىت بولدى. بۇ يۇرتتا ئەزەلدىن شېھىت ئائىلىلىرى قەدىرلىنەتتى. گەرچە كوممۇنىست خىتايلار، ئۆتمۈشتىكى خىتايلاردىنمۇ ۋەھشىي، ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھاياتلاردىن، ئۆلگەنلەرنىڭ بالىلىرىدىن ھىساپ ئالىدىغان دەرىجىدە شۇمپەن بولسىمۇ، شېھىتلەرنى »خەلق دۈشمىنى، ۋەتەن ساتقۇچ، بۇزۇق ئۇنسۇر،... « دەپ قارىلاپ، خەلققە يامان كۆرسۈتۈشكە تىرىشسىمۇ، قېنى پاكىز بۇ يېزا خەلقى يەنىلا شېھىتلەرنى بېشىدا كۆتۈرەتتى. شۇڭا كىچىك يىتىم قالغان مەخەتقارى يۇرتنىڭ بالىسى بولۇپ، كۆپنىڭ كۆيۈنۈشى ئاستىدا ئۆستى.
مەكتەپتە چالا-پۇلا ئوقۇدى، خەت-ساۋادى چىققاندەكمۇ بولدى، ئەمما ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئوقۇغىنى خىتايلار چىقىرىپ بەرگەن يېڭى ئېلىپبە بولغاچقا، كېيىن يەنە ساۋاتسىز بولۇپ قالغان ئىدى.
سىياسەت بىرئاز ياخشىلاندى دېيىلگەن يىللاردىن كېيىن ئۇ ئىشتىن كېيىن كەچلىرى قارىلارغا بېرىپ، بىرئاز قۇرئان ساۋادىنى چىقاردى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى زەيدىنقارىنىڭ يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان ۋەزلىرىگە ھېرىسمەن بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىلەيلەن سادىق مۇرتلارغا ئايلاندى. دىننى خېلى تۈزۈك چۈشۈنۈپ قالدى. ئېتىقادى رۇسلاندى. ئاللاھنىڭ بۇنچىلىك ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگىنى ئۈچۈن شۈكرانلىرى ھىساپسىز ئىدى. ئىلگىرىكى غەپلەتلىك كۈنلىرىگە نىسبەتەن كۆڭلى يورۇغان، نېمىشكە ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قىلىدىغان بولغان ئىدى. زەيدىنقارىنىڭ ساھابىلەر ھەققىدىكى تەسىرلىك ھىكايىلىرىدىن يۈرەكلىرى لەرزىگە كەلگەن ياش ئەر – خوتۇنلار جىمىكى ئۈمىد ئارزۇلىرىنى مۇجەسسەملىگەن ھالدا تۇنجى پەرزەنتى تۇغۇلىشى ھامان مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا ئۇنىڭغا خالىد دېگەن ئىسىمنى قويۇشنى مۇۋاپىق تاپقان ئىدى. بەلكىم ئۇلار ئوغلىنىڭ ئاشۇ يېڭىلمەس ئىسلام سەركەردىسى خالىد ئىبنى ۋەلىدكە ئوخشاش يۇرتنىڭ بېشى، ئازاتلىق قوشۇنىمىزنىڭ سەردارى بولۇشىنى ئۈمىت قىلىشقاندۇر.
زەيدىقارىمۇ ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىنى، جاپاغا چىداملىقلىقنى ياقتۇرۇپ قالغاچقا خېلى موھىم ئىشلارغا ئۇنى بۇيرۇيتى. زەيدىن يۈسۈپ سىياسىۋىيلىكى كۈچلۈك ۋەزلىرىنى باشلىغىلى بىر يىلدىن ئاشقان، ئەڭ يېقىنلىرى ئىچىدە جىددىي قوزغۇلاڭ ھازىرلىقى ۋە پىلانى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە ئىدى. مەخەتقارى مانا شۇ ئىشلارنىڭ ئىچىدە بولغىنىدىن پەخىرلىنەتتى. ئۇنى قەشقەرگە بومبا ئۈچۈن چۆيۈندىن قاپاق شەكىللىك نەرسىلەرنى قۇيدۇرۇش، ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىغاندا، ئۇمۇ ئۇستازنىڭ جامائەت فوندىنى ئاسراش روھىنى دوراپ، قەشقەرگە پىيادە بېرىپ، پىيادە كەلگەن، ھەتتا كۆتۈرەلمىگۈدەك يۈك بولمىسىلا، يېنىكرەك يۈكلەرنىمۇ كۆتۈرۈپ پىيادە يۈرگەن ئىدى.
كېيىن ئىشەنچىلىك ئائىلىلەردە پوروخ ئۈچۈن »شورى[①]« ئايرىش ئىشى ئېلىپ بېرىلغاندا، مەخەتقارى ۋە ئايالى ئەڭ ئەۋەل ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. ئىشتىن كېلىپ، كېچىلىرى چىرىمدان قاينىتىپ، شورى ئايرىدى. شورى پوروخنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ماددىسى ئىدى. ئەمما ئۇلار بۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى، پەقەت پىشقەدەم ئوۋچىلار ئۆزىگە لازىملىق ئوقلىرىنى ئۆزلىرى ياسايدىغان بولغاچقا، قەدىمدىن كېلىۋاتقان بىر رېتسىپ بارىدى. رېتسىپقا كۆرە يۇلغۇن تۈۋىگە چۈشكەن چىرىمدان توپلۇنۇپ قازاندا قاينىتىلاتتى، ياكى قوينىڭ قىغىنى كەتمەندە يوغان- يوغان قومۇرغاندا ئاستى قەۋەتلىرىدە ئاق چېچەكلىگەن يەرلىرى بولاتتى، مانا شۇ ئاق نەرسىلەر توپلانسىمۇ بولاتتى. ئاندىن ئەخلەت چاۋىرى سۈزۈۋېتىلىپ، ئاستىدىكى لايمۇ ئايرىۋېتىلىپ، سۈيى داۋاملىق قاينىتىلسا ئاق كىرىستال ھاسىل بولاتتى. مۇشۇسى شورى ياكى شور دېيىلەتتى. ئاندىن بۇنى تارشا گۇگۇت ياسايدىغانلار ئىشلىتىدىغان گۇگۇت پوقى (گۇڭگۇرت) بىلەن ياغاچ كېپىكى (ھەرە كېپىكى — پوزەك)كە ئارىلاشتۇرسا پوروخ بولاتتى. ئۇلار بۇنىڭ ئىچكىي قانۇنىيىتىنى بىلمىسىمۇ، بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئادەت بويىچە ئىشلەيتى. ھەر ئاخشىمى بىر قازان قاينىتىپ تۇراتتى. ئوتۇن قىس ئىدى، سامان، كۆتىچەك،... دېگەندەك تېۋى يوق يېقىلغۇلار بىلەن بىر قازان قاينىتىپ، كىرىستال تۇتتۇرماق ئاسان ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى »ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن! « دەپلا قىلاتتى.
ئۇلاردا زەيدىنقارىغا ئاجايىپ ئىخلاس بارىدى. بۇ پەزىلەتلىك ئادەمگە چوڭقۇر ئىشىنەتتى. ئۇلار ھەرگىز ساختا بىلىمدانلارچە »مۇشۇنچىلىك ئىشلار بىلەن خىتايدەك بۈيۈك كۈچ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولامدۇ؟« دەپ سوراپ ئولتۇرمايتى. ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن دەپ يولغا ئاتلاندۇقمۇ، بولدى. ماڭغىنىمىزمۇ، ياتقىنىمىزمۇ ساۋاپ، جەڭدە ئۆلسەكمۇ، ئۇيقۇدا ئۆلسەكمۇ ئوخلاشلا ساۋاپ. چۈنكى ئاللاھ ئىشىمىزنىڭ مېۋىسىگە قاراپ ئەمەس، نىيىتىمىزگە كۆرە ئەجىر بېرىدۇ، دېگەنگە شەكسىز ئىشىنەتتى. بۇ ئىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بىر پىلان ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشەتتى. پۈتۈن مەملىكەتتە بىر ھەركەت ئورتاقلىقى، ئىدىيە ئورتاقلىقى ئۈچۈن خىزمەتلەر كېتىۋاتاتتى. بەزىدە تۇرپاندىن قەمەرىدددىن دېگەن بىرى كېلەتتى. كۇچادىن كېلىشەتتى. پىچاندىن كېلەتتى، خوتەندىن كېلەتتى. مەملىكەت مىقياسىدا بىرلا ۋاقىتتا كۆتۈرۈلۈدىغان بۇ ئىنقىلاپنىڭ رەھبىرى بولسا ئاشۇ ئاددىي-ساددە دىھقان زەيدىقارى ئىدى. ئۇمۇ قارى ئاتالغىنى بىلەن قارى ئەمەس، نە پەننىي مەكتەپتە، نە دىنىي ئوقۇشتا تۈزۈكرەك ئوقۇمىغان بولۇشىغا قارىماي، ئاللاھ سۆيگۈسى، ئاللاھنىڭ مۆمىن قۇللىرى بولغان مىللىتىگە، مۆمىنلەرگە تەۋە زېمىن بولغان ۋەتىنىگە مۇھەببىتىنىڭ ماگمىدەك ھارارىتىدىن ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىشقا جۈرئەت قىلىۋاتقان بىر ئىنسان ئىدى. تەشكىللەش تالانتى، جەزىبىدار نۇتۇق قابىلىيىتى، لېدىرغا خاس روھىي ئۈستۈنلۈك بىلەن كىشىلەرنى ھېيىقتۇرۇش كۈچى، نىيىتىگە كۆرە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىلتىپات قىلىنغان تەبىئىي تالانت ئىدى دېيىشلا مۈمكىن.
ئىش تېخى خام ئىدى. يەنە نەچچە يىللىق تەييارلىق دەۋرى بار ئىدى. ئەمما، دانىش موللامدەك ئىماننى زەرگە ساتىدىغان مۇناپىقلارنىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن ئىش پاش بولۇپ قالغاچقا، قولقوشتۇرۇپ تۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتكەندىن كۆرە، »يېتىپ قالغىچە، ئېتىپ قال «نى تاللىغان زەيدىنقارى، مەغلۇبىيەتلىك بۇ تاللاشتا ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەتراپىدىكىلەر، دانىش موللام بىۋاسىتە بىلىدىغانلار بىلەنلا قارشىلىق كۆرسۈتۈپ شېھىت بولۇشقا قارار قىلغان، باشقا كۈچلەرنى يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈپ، ئىلاجى بار ساقلىنىپ قېلىشقا، كەلگۈسى ئىسيانلارنىڭ ئۇرۇقى بولۇشقا بۇيرىغان ئىدى.
مەخەتقارىلارنىڭ ئۆيى تۆۋەن ھويلا مەھەللىسىدە بولغاچقا يېزا مەركىزىگە يېقىن ئىدى. كۈندۈزى ئادەملەر ئارىسىدا ئۇچۇرلار شىۋىر-شىۋىر يەكۈزۈلۈپ تۇراتتى. خىتاي ساقچىلىرى مۇجاھىتلارنى قورشىۋالغان بولسا، كېيىن سىرتقى بىر ھالقا بىلەن مۇجاھىتلار خىتاي ساقچىلىرىنى قورشىۋالغان ئىدى. ئىچىدىكى مۇجاھىتلار قولدا ياسالغان بومبىلىرىنىڭ پىلىكىگە ئوت يېقىپ، تامدىن ئارتىلدۇرۇپ سىرتقا ئاتاتتى. »گۇم!« قىلغان ھەيۋەتلىك پارتلىغان ئاۋاز چىقاتتىيۇ، ئەمما ئۆلۈۋاتقان خىتايلارنىڭ »ئەييا- ئەييا«لىرى تۇيۇلمايتى؛ گۈمبۈرلەش ساداسى بىلەنلا بىر نەرسە ھۇشقۇيتۇپ ھاۋاغا ئۇچقانلىقى بىلىنەتتى.
مەخەتقارى ئۆزىنىڭ ئاشۇ قورشاۋدىكىلەر ئىچىدە بولمىغىنىغا، شۇلار بىلەن بىللە شېھىت بولمىغىنىغا ئىچى پۇشاتتى. ئەمما بۇ زەيدىنقارىنىڭ بۇيرۇقى ئىدى. ئۇنىڭ ھايات قېلىشىمۇ ئوخشاشلا موھىم ئىدى. ئەگەر ھايات قالالىسا،... بىرمۇنچە ئادەم تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن يېزىلىق ھۆكۈمەت ھويلىسىدا شېھىت بولغانىدى. بۇلارنىڭ شېھىت بولىشى ۋاقىت مەسىلىسى ئىدى. قاچانلا بولمىسۇن شېھىت بولىشى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئوق ئاللىقاچان يايدىن چىققان ئىدى.
ئۇلارنىڭ شېھىت بولۇشتىن بىر قورقۇنچىسى يوق ئىدى. چۈنكى زەيدىن قارىنىڭ تەبلىغلىرىدىن شۇنى بىلەتتىكى، مۆمىن ئەگەر جىھات قىلىپ ئۆلسە سوئال-سوراقسىز جەننەتكە كىرەتتى، مەڭگۈلۈك نىمەتلەردىن بەھرىمەن بولاتتى، ئۇ ئاللاھ نەزىرىدە شۇنچىلىك ئەتىۋارلىق بولاتتىكى، خالىغان كىشىلىرىدىن 70نى جەننەتكە ئېلىپ كىرىشكە ھوقۇقلۇق بولاتتى. شۇڭا ئۆلۈمنىڭ قورققىدەك نېمىسى بار؟ ئۆلسە تېخى ياخشى، ھايات قالسا تېخىمۇ كۆپ ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن تىرىشاتتى.
يېڭىدىن توي قىلىپ، ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرگىدەكمۇ بولماي ئىككى يىل ئۆتكەن، يەنە ئۇزۇن- ئۇزۇن شېرىن كۈنلەر ئالدىدا بولىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇلار بۇنىڭغىمۇ ئۆكۈنۈپ كەتمەيتى. پەقەت بىر تاللا ئوغلى بارىدى، ئەمدىلا تەم-تىم ماڭغان بۇ بودرۇق بوۋاقنىڭ نېمە بولىشى ئەندىشىگە سالاتتى. ئەمما دەرھاللا يەنە بۇنداق بىھۇدە پىكىرلەرنى ئۆزىدىن نېرى قىلىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى ياراتقان ئاللاھ بار، ئۇ ھەممىنىڭ ئىگىسى، ئۆلمىسە چوڭ بولۇپ قالىدۇ، ئۇلارمۇ شېھىتلەرنىڭ يىتىم قالغان بالىسى ئىدى، ئۆلمەي چوڭ بولدىغۇ؟ بىرەر مۆمىننىڭ كۆڭلىگە سالسا بېقىۋالار... ھەدىسلەردە: »بىر ئوبدان ئائىلىسى ۋە بالىلىرىنى تاشلاپ كېتىپتۇ، دېگەن پىتنىلەرگە قۇلاق سالماڭلار،... « دېيىلمىگەنمىدى؟
— بىردەم يامباشلىۋالاملا، مەخەتقارى؟ — سادىق ھەمراھىنىڭ پىچىرلىغاندەك ئۈندىشى بىلەن ئېسىگە كەلگەن مەخەتقارى، ئايالىنىڭ كۆڭلىگە قورقۇنۇچ سالماسلىق ئۈچۈن، ئۆزىنى خاتىرىجەم كۆرسۈتۈشكە تىرىشىپ:
— شۇنداق قىلماي، ئەمىسە، —دېدى، — ئۇخلايمىز، ئانىسى، ئۇخلىماي نېمە بوپتىكەن؟
ئەمما ئۇنىڭ غەشلىكى قورقۇنۇچتىن ئەمەس، بەلكى يېزا مەركىزىدىكى ئىشلارنىڭ ئويلىغاندەك بولمىشىدىن ئىدى. بۇ غەشلىكتە ئۇزۇن زامان پەرۋىش قىلغان بىر ئىشنىڭ ئاز قالغاندا بەرباد بولىشىدا پەيدا بولۇدۇغان ئىچى ئېچىشىش ھىسسى ياتاتتى؛ ھەممە ئىش جايىدا بولۇدۇغىنىغا ئىشىنىلگەن بىر ئىشنىڭ ئويلىمىغانلا بىر چاتاق بىلەن كۈتمىگەن نەتىجە بەرگىنىدە تۇغۇلۇدۇغان ئاچچىق بارىدى. مەخەتقارى ئايالى بىلەن كېچىلىرى ئۇخلىماي شورى قاينىتىپ ھازىرلىغان، كېيىن قەشقەردە مەشچىلەرگە قۇيدۇرۇپ كەلگەن چۆيۈن »قاپاق«لارغا قاچىلىغان ياكى كالتە-كالتە كېسىلگەن تۇربىلارغا قاچىلاپ، ئېغىزىغا ياغاچ قېقىپ ھازىرلانغان بومبىلىرىنىڭ پەقەتلا ئاۋاز چىقىرىشتىن باشقىغا يارىمىشى يۈرەكنى مۇجاتتى. ئۇلار مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، ئەسكەرلىك تەربىيىسى ئېلىشقا پۇرسىتى بولمىغان ساددا دىھقانلار تۇرسا، پوروخ بىلەن پارتىلىتىش قورالى ياسىسا بولمىشىنى، پوروخنىڭ پەقەت ئوق ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟ كاشكى بۇ مىللەتنىڭ بىلەرمەنلىرىدە ئاشۇنچىلىك جۈرئەت، ئاشۇنچىلىك روھ بولغان بولسا، ئۇلارغا قېتىلىپ، بىرەر ئىلمىي مەسلىھەت بەرگەن بولسىچۇ؟ پوروخنىڭ بوشلۇققا ئىنتىلىش خۇسۇسىيىتى بولىشىنى، شۇنداق ئىكەن، چۆيۈن قاپاقنى يېرىش ئەمەس، پەقەتلا ئاغزىغا قېقىلغان ياغاچنىلا ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن بولسا،...
مەخەتقارىنى غەش قىلىۋاتقىنى مانا شۇ ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە خىتاي جاللاتلىرىدىن بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈرۈش ھىسابىغا ئاندىن شېھىت بولماي، بىكاردىن –بىكارغا، بىھۇدە قۇربان بولۇش ئىدى. گەرچە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە كۆرە ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئەجرى كېمەيمىسىمۇ، يەنىلا كىشى قىلغان ئەجرىنىڭ بوشقا كېتىۋاتقىنىنى، جېنىنىڭ ئەرزان قۇربانلىق بولۇشىنى كۆرسە چىدىيالمايدىغان گەپكەن!
***
گۈلدۈرمامىلىق شىددەتلىك يامغۇر ھارپىسىدا ھاۋا دىمىقلىشىپ، بوشلۇقنى نېمىدۇر قاماللىۋالغاندەك بىلىنىدىغۇ، بۇ كېچە پەۋقۇلئاددە بىر غەۋغاغا ھامىلىدەك، پۈتۈن جانلىقلار، دەريالار، سايلار، شۈدىگەرلىكنىڭ چالمىسىدىن ياسالغان ئەسكى ئۆيلەرمۇ، پۈتۈن جىسمى مىڭ كۆز ۋە قۇلاق بولۇپ، نىمىنىدۇر كۈتۈۋاتقاندەك ئىدى.
يېڭىساردىن چىققان بىر قوشۇن ئاتۇشباغ كەنتىنى ئايلىنىپ، كۈسەن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گۈلباغ ۋە تاشمىلىق تەرەپتىن يېيىلىپ، جەنۇپ ۋە غەربىي جەنۇپتىن شىمالغا سىلجىماقتا ئىدى. ئوپال، بۆرىخىتاي تەرەپلەردىنمۇ قارا چۆمۈلىلەردەك قىمىلدىغان سانسىز ئەسكەرنىڭ شەپىسى كېلەتتى. ئەمما، ئۇلار ئۇزاقتا بولغاچ بارىندىكى سۈنئىي جىملىقنى بۇزالمايتى.
***
ئىككى كۈندىن بېرىكى پارتلاش ۋە ئېتىشما ئاۋازلىرىدىن كېيىن ئەتراپنى قاپلىغان قەۋرىستان جىملىقى كۈسەن ۋە گەز دەرياسى ئارىسىدىكى بۇ ۋادىنى قۇچىقىغا ئالغان ئىدى.. گەز دەرياسىنىڭ كەڭ يېيىقلىرىدا پاخپىيىپ ئۆسكەن يۇلغۇن ۋە بالغۇنلار ئارىسىدا ئوۋ قىلىشقا كۆنگەن مۈشۈكياپىلاقنىڭ ھوقۇلدىشىمۇ ئاڭلانمايتى. ئادەملەرنىڭ تۇيغۇسى بۇ جىملىققا ئىشىنەلمەيۋاتقان يەردە، تەبىئەتنىڭ بۇ تۇيغۇن جانۋىرى قانداقمۇ خاتىرىجەم بولالىسۇن؟ خۇددى كىشىلىك جەمىيىتىدە ياخشى ئىش قىلىپمۇ ياخشى بولالمايدىغان ئادەملەردەك، ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرىدىغان بۇ جانۋارنىڭ »شۇملۇقنىڭ سىمۋولى« دېيىلىپ، »ھۇقۇش« ئاتىلىشىمۇ ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان سانسىز ناھەقچىلىكلەردىن بىرى ئىدى. ئەگەر ئۇ راستىنلا شۇملۇقنىڭ سىمۋولى بولۇدۇغان بولسىدى، بۈگۈنكىدەك كېچىدە توختىماستىن ھۇۋلىغان بولاتتى. ئەمما بۇ تۇيغۇن مەخلۇق قان ھىدى ئېلىۋاتاتتى. ئىگىز كۆكتىن بېقىپ، كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغان ئاشۇ توپا چىراي، يالاڭاياق يېزا كىشىلىرىنىڭ پاجىئەسىنى ئالدىن سېزىۋاتقاندەك، يا كۈسەن دەرياسىنىڭ يوقۇرى تەرەپلىرىگە، چاتقال، زېرىقلارنىڭ ئارىسىغا، يا گەز دەرياسىنىڭ يوقۇرىسىدىكى تاغ ئارىلىرىغا كەتكەن، شۇ يەرلەردە بىرەر قىيانىڭ يېرىقلىرىدا ئولتۇرۇپ، جىم-جىت، تېنچ – ئاسايىش كۈنلەرنى ئارزۇلاۋاتقاندەك قىلاتتى. چۈنكى، ئېتىشمىلار قىزىيدىغان بولسا ئۇنىڭ ئوۋ ئوبېكتلىرى مۆكۈنۈۋالماي تۇراتتىمۇ؟
ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى بۇ ۋادا يېقىنقى يېرىم ئەسىر ئىچىدە قانچىلىغان جەڭگە-جىدەللەرگە سەھنە بولدى؛ قانچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ قەتلىئاملىرىغا شاھىت بولدى؛ مىليون يىللاردىن بېرى توختىماي ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيىگە قانمىغاندەك، ئەنە شۇ گۇناھسىزلارنىڭ قانلىرىنىمۇ جىممىدە ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتاتتى.
40-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوپال، تاشمىلىق، بارىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان »ئويتاغ ئىنقىلابى«نى باشتىن كەچۈرگەن بۇ تۇپراق، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئويۇنىغا قۇربان بولۇپ، مىڭلاپ شېھىت بەرگەنىدى. پۇتلىرى يالاڭاياق، چىرايىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرۇدۇغان بۇ كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئانا تۇپراقتەكلا پاك، ئاپتاپتا كۆيۈپ قىزغۇچ قارمتۇللاشقان بەدەنلەرنىڭ ئىچىدىكى تومۇرلاردا ئابىكەۋسەردەك ئېسىل قان ئېقىپ تۇرغاچقا، زاتىدىن قۇللۇقنى تەن ئالمايتى. مىڭلارنى قۇربان بېرەتتى-يۇ، ئۈستى- ئۈستىگە مەغلۇبىيەتلەر بىلەن نەتىجىلىنىپ تۇرۇدۇغان ئىسيانلىرىنى داۋام قىلىۋېرەتتى.
ئاشۇ يىللاردىكى شېھىتلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئاققان پاك قانلاردىن يەنە يېڭى مۇجاھىدلار تۆرەلگەن ئىدى. كوممۇنىست ئىستىلاسىنىڭ دەسلىۋىدە، ئۆزىمىزدىن بولغان مۇناپىقلارنىڭ »كوممۇنىزىم«نى سۈپەتلەشلىرىدىن سۈكۈتكە پاتقان بۇ يۇرتلار، ئانچە ئۆتمەيلا ئالدانغانلىقلىرىنى بىلىپ، 50 يىللارنىڭ باشلىرىدا يەنە بىر قېتىم ئىسيان تۇغى كۆتۈرۈشكەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا جاللات ۋاڭ جىننىڭ چىقارغان پەرمانىغا كۆرە بىر خىتاي ئەسكىرىنىڭ جېنى ئۈچۈن بەش ئەر كىشى ئۆلتۈرۈلەتتى. شۇنداق دېيىلگىنى بىلەن، ئۆلگەنلەرنىڭ ھىسابىنى ھىچكىم بىلمەيتى.
ئاللاھ يولىدا بېرىلگەن جاننىڭ، ئاققۇزغان قاننىڭ خاسىيىتى شۇ بولۇدۇكى، ھاياتلارنىڭ قانلىرى پاكلىنىدۇ. شېھىتلەرنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن 70 يېقىنىنى جەننەتكە باشلىشىغا مەرھىمەت قىلىشقا ۋەدە قىلغان ئاللاھ، ئاشۇ يېقىنلارنى جەننەتكە لايىق قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى پاكلىغاچقا، يېڭى مۇجاھىتلار مەيدانغا كەلدى.
60 –يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ يۇرتنىڭ ئەركەكلىرى يەنە بىر قېتىم ئارا-كۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىسيان ئەتتى! ئاخىرى ئۈزۈلمىگەن يالغان ۋەدىلەر بىلەن بىللە ئاخىرى ئۈزۈلمىگەن زۇلۇمغا »تۇر!« دەپ ۋاقىراش ئۈچۈن، قۇرۇق قولى بىلەن مىلتىققا قارشى چىقىشقان ئىدى. ئۇلار ئاقتۇ ناھىيە بازىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ، قوراللىق بۆلۈم ئامبارلىرىدىن قوراللارنى تالاشقا، ئاندىن قوراللىنىپ، ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىشقا، تاجاۋۇزچى خىتايلارغا زەربە بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى جاكارلاشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئەنە شۇ چاغدىمۇ، خىتاي جاللاتلىرى دەرۋازىۋەن ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە پىلىمۇت قۇرىۋېلىپ، بۇ يالاڭتۆش دىھقانلارنى قارا-قويۇقلا ئوققا تۇتقان ئىدى. تۇپراق يەنە بىر قېتىم شېھىت قېنى بىلەن بويۇلۇپ، قىممىتى ئاشقان، شېھىت ئائىلىلىرى ۋە تىرىك قالغان غازىلارنىڭ قەلبىگە مىللىي نەپرەت تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىدى.
مەخەتقارىنىڭ دادىسى مانا شۇ قېتىمقى يۈزلىگەن شېھىتنىڭ بىرى ئىدى.
***
مانا شۇ زۇلمەتلىك كېچىدە بارىننىڭ مەركىزىنى نىشانلاپ ئوغرىلاردەك تىمسىقىلاپ كېتىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى بارىن يېزىسىنىڭ چېگرىسىغا بارغانلىرىدا توختاشتى. ھۇجۇم مومېنتلىرى كۈتۈلەتتى.
ئەسكەرلەرنىڭ ئىچىدە خېنەننىڭ مەلۇم نامرات يېزىسىدىن كېلىپ، بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بېرى دالا ئارمىيە گازارمىسى (36 مىڭ قانچىنچى قىسىم) ئىچىدە ئاق موما يەپ ياتقان جاڭ جۈنتاۋ دېگەن ئەسكەرمۇ بار ئىدى. ئۇ ئەسلىدە نامرات يېزىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرەر يولى بولۇپ قالار ھىچ بولمىغاندا ئۈچ يىل بىكارلىق موما يېۋالغىنىم قالار دېگەن ئۈمىتتە ئەسكەر بولغان ئىدى. بايراق جايلاردىن كەلگەن ئەسكەرلەر بۇنداق نامرات يېزىدىن كەلگەنلەرنى ياراتمايتى. شۇڭا قوشۇن ئىچىدە ئۇنىڭ تۈزۈكرەك دوستلىرىمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇنىڭ بىردىن بىر يېقىنى شياۋ جۇ ئىدى. ئۇ جاڭ جۈنتاۋدەك ساددا يېزىلىق مىجەز ئەمەس، تىپىك خىتاي خاراكتېرىدىكى بىرى بولۇپ، بەك ھىلىگەر، پۇرسەتپەرەست، ئۆزىنى كۆرسۈتۈشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان، دائىم ئۆسۈشنى، ئەمەلدار بولۇشنىلا ئويلايدىغان بىرى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ جاڭ جۈنتاۋنى نېمىشكە ياقتۇرۇپ قالدىكىن، ئۇنىڭغا خېلى ئىچەكىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بەلكىم ئۇ بۇ ساددا خىتايدىن بەزى چاغلاردا قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشنى ئويلىغاندۇر. خىتاي دېگەننىڭ ھىلىسى تولا نېمە، بىلىپ بولمايتى. شىياۋجۇ بىر يىل ئىچىدىلا مۇئاۋىن ئۇنبېشى بولغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئىچكىي پىلانلىرىدىكى بىرىنچى قەدەم بولۇشى كېرەك.
جاڭ جۈنتاۋلارنىڭ قىسىمى بارىن يېزىسى ئەتراپىغا يۆتكەپ كېلىنگەندە، ئۇلارغا پەقەت »جىددىي ۋەزىپە بار، تېز يىغىلىڭلار!« دېيىلگەن ئىدى. ئۇ كۆڭلىنىڭ يېقىنلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش نىيىتىدە شىياۋجۇدىن پىچىرلاپ سورىدى:
— نىمىشلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ بۇ تېنچ يەرلەردە نېمىمۇ بولاردى، دەيمەن.
— بەلكىم باردۇر، ياكى مانىۋېر بولۇشىمۇ مۈمكىن، ئۆزەڭگە پۇختا بول، خىزمەت كۆرسۈتۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى. ئەگەر مەن ئونبېشى بولۇپ قالسام مۇئاۋىنلىققا سېنى كۆرسۈتۈمەن؛ سەندىن چاتاق چىقسا ماڭىمۇ گەپ كېلىدۇ، چۈنكى سەن دېگەن مېنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىمدا، — دېدى شىياۋجۇ ئۇستىلىق بىلەن ئۆزىنى ئوخشۇتۇپ، — بەلكىم، — دېدى شىياۋجۇ ئۆزىنىڭ ھەممىدىن خەۋەردار ئەرباپلىقىنى كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن، — ماۋۇ ئايلامباش ئۇيغۇر خەق بەك يامان، چاتاق چىقارغان بولسا بەلكىم شۇلارنى تىنچىتقىلى بارامدۇق تېخى.
مانا ئەمدى ئۇلار بىر مەنزىلگە كېلىپ چىپپىدە توختىغانلىرىدا، نېمىشلىقىنى ئاڭقىرالماي تۇرغانلارغا كوماندىرلار يۈزلۈك بىرلىكلەر بويىچە ۋەزىپە ھەققىدە ئېنىقراق ئىزاھات بېرىدىغان ۋاقىت بولغانىدى.
شىياۋجاڭ ۋە شىياۋجۇلارنىڭ يۈز بېشىسى سەپنىڭ ئالدىغا چىقتى:
— ئالدىمىزدىكى يېزىدا ئىنتايىن خەتەرلىك دۈشمەن بار، ھىلىگەرلىكتە ئۇچىغا چىققان. شۇڭا بېسىپ كىرگەندە ئەر ـ ئايال، ياش ـ قېرى دەپ ئايرىپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ رەھىمدىللىك قىلغۇچىلار دەرھال ئېتىپ تاشلىنىدۇ. جەسەتلەر ئارىسىدا ساق قالغانلار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەستايىدىل تەكشۈرۈش كېرەك. ئەگەر بىرەرسى ساق قالسا پىتنە تارقىتىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ياكى چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ كەتسە، بۇ يەردە بولغانلارنى چەتئەل جاھانگىرلىرىغا سۆزلەپ بېرىپ، جاھانگىرلارنىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى تەشۋىقاتى ئۈچۈن دەسمى تېپىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىرمۇ جاننىڭ ساق قېلىشىغا بولمايدۇ. كوماندىرلار مەسئۇل بولۇپ مەيداننى تەكشۈرىدۇ ۋە رەھىمدىللىك قىلىپ بىرەر جاننى ساق قالدۇرغانلار بولسا قاتتىق جازالىنىدۇ. بۇ ھەركەت جەريانىدا ئاتقان ئوقنىڭ، ئۆلتۈرۈلگەن جاننىڭ ھېسابى قىلىنمايدۇ. ئوقنى سىلەرگە ئېتىش ئۈچۈن بېرىۋاتىمىز، يېيىش ئۈچۈن ئەمەس!...[②]
جاڭ جۈنتاۋنىڭ ۋۇجۇدى شۇررىدە قىلىپ كەتتى. ئۇ يەنىلا ئىشىنەلمەيتى. بۇ ئوتتۇرۇلۇقتىكى بىر يېزىغا نەدىن كېلىپ قالغان مۇنچە دۈشمەن؟ يا بۇ چېگرا بويى بولمىسا؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يېزىلاردىكى ئۆيلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا, بولسا باردۇر 10 مىڭ نوپۇس؛ ئەمما خىل قوراللانغان يۈزمىڭ كىشىلىك بىر قوشۇن بىلەن باستۇرۇپ بېرىشىمىزدىن قارىغاندا ھەقىقەتەنمۇ خەتەرلىك دۈشمەنمۇ نېمە؟ جاھانگىرلار تەرىپىدىن زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇلغان، ئۈستۈن ھەربىي سەۋىيەدىكى بىر قوشۇن بارمۇ تېخى! ۋاي تەڭرىم، ساق-سالامەت چىقالارمەنمىكىنە!؟
ئۇلار ھەر بىر قارىيىپ كۆرۈنگەن نەرسىگە قورال بەتلەپ يېزا ئۆيلىرىگە يېقىنلاپ كېتىۋاتقاندا، جاڭ جۈنتاۋ يەنە بىر پۇرسەت تېپىپ، شىياۋجۇدىن سورىدى:
— قانداق بىر ئىشتەك قىلىدۇ؟ مانىۋىرمىكەن؟
— ياق، پەرىزىم توغرىكەن، ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئايلامباشلار چاتاق چىقىرىپتۇ. ھەقىقىي جەڭ بولۇدۇ، بىزگە ياخشى پۇرسەت، دېگىنىمدەك قىل،...
— بۇ كېتىشىمىزدىن قارىغاندا ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ بەك ياماندەك قىلامدۇ، نېمە؟ ساق قالامدۇق يوق، شۇنى بى دېگىنە...
— ۋاي ئەخمەق، ئۇلاردا نېمە كۈچ بولاتتى؟ بولسا بېرى شۇ بىرنەچچە تال قورالى باردۇر، ساقچىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ ئېلىۋاپتىكەن. ئۇندىن باشقا قولدا ياسالغان بومبىلىرى بارىمىش، ھاھا...
— ئەمىسە نىمانچىلا جىق قوشۇن بىلەن بۇ قەدەر ھەيۋەت بىلەن يۈرۈمەك؟
— ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق سۈر كۆرسەتمەي بولمايدۇ!بولدى، ئەمدى ئۈنۈڭنى ئۆچەر، ئالدىڭغا قارا، ھەر بىر ئۆينى بىر دۈشمەن قەلئەسى بىل!
جاڭ جۈنتاۋ ھەم قورقاتتى، ھەم ھاياجانلىناتتى. قورقۇشى خىتاي بولغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئىي ئىچىدىن كېلىۋاتقان تۇغما سەزگۈ ئىدى؛ ھاياجىنى مەكتەپ دەرسلىكلىرى، جەمىيەتتىكى تەشۋىقات ۋە ئەسكەرلىكتىكى ئىدىيىۋىي قۇرۇلۇشلار نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، خەلق قەھرىمانى بولۇش، دوڭ سۇنرۇي، خۇاڭ جىژگۇاڭلاردەك ئۈلگە تىكلەش ئىستىكىنىڭ تېشىغا تېپىشى ئىدى. خەلقنىڭ بەخت-سائادەتلىك ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن مىڭ ئۆلۈشكە رازى بولۇش ھەققىدە ئۆگۈتۈلگەن ياكى شۇنىڭغا ۋەدە ئېلىنغان ئىدى.
ئۇ ئۇرۇش كىنولىرىنى ئەسلەپ ئۆزىنى شۇلاردىكى قەھرىمان ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىگە سېلىشتۇراتتى ۋە چوقۇم شۇلاردەك خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلىشقا ئۆز-ئۆزىگە رىغبەت بېرەتتى. خەلق دۈشمەنلىرىگە رەھىمسىز بولۇش، خەلق مەنپەتىگە، ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە دەخلى تەرۇز قىلغان بۇ ئىسيانچىلارغا يۇمشاق بولماسلىققا ئۆز-ئۆزىنى ئاگاھلاندۇراتتى.
قىسىمنىڭ رەسمىي ھوجۇمغا ئۆتۈشى بىلەنلا قەيەردىدۇر يەرنىڭ تېگىدىن كېلىۋاتقاندەك ماتۇر ئاۋازى كېلىشكە باشلىدى. بۇ يا تانكىنىڭ ماتۇرى ياكى تىك ئۇچار ئايروپلانلارنىڭ ماتۇر ئاۋازى بولۇشى مۈمكىن ئىدى.
ئارقىدىن تۇنجى ئوقلارمۇ ئېتىلىشقا باشلىدى. كېچىنىڭ سۈرلۈك جىملىقى تۇيۇقسىزلا بۇزۇلغان ئاشۇ بىرىنچى دەقىقىدە شۇنداق بولۇشىنى بىلىدىغان تۇرۇپمۇ بۇ ياقتىكى خىتاي ئەسكەرلىرى چۆچۈپ كېتىشتى ۋە يۈرەكلىرى شىددەت بىلەن سالغىلى تۇردى.
»ۋاي توۋا، كىملەر بىلەن توقۇنۇشتىكىنە؟ ئەڭ ئاۋالقى ئۆلۈم كىملەرنىڭ بېشىغا كەلدىكىنە؟« دېگەن خىياللارنى قىلىشتىن ئۆزىنى تۇتالمىغان جاڭ جۈنتاۋ، ئۆلۈم قورقۇنچىسىدا باياتىنقى ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىغان خەلق قەھرىمانى بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ تىترەشكە باشلىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ياقتا ئادەم قارىسىدەك كۆرۈنۈپ كەتكەن بىر نەرسىگە ئىختىيارسىز ھالدا بىر تالاي ئوق ئۈزۈپ، قولىدىكى قورالنىڭ ئەمەلىي مەۋجۇتلۇقۇنى ھىس قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىگە مەدەت بەرمەكچى بولدى.
ئۇنىڭ تەرىپىدە ئۇزاق بولمىغان ئارىلىقتا كېتىۋاتقان شىياۋجۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاپ:
— بىرەر ئادەم كۆرگەنمىدىڭ؟ نىم بولدى؟ — دەپ سورىدى. ئۇنىڭ ئۆز كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋەل دۈشمەن ئۆلتۈرگەن بولۇشىنى كۆرۈش ئارزۇسى بار ئىدى.
— بىلمەيمەن، ئادەمگە ئوخشاپ كەتتى....
— شۇ تەرەپكە يېقىنلاش، دىققەتلىك بول، ئوقنى ئايىما، چالا بولۇپ قېلىپ سېنى ئېتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن جىقراق ئوق ئېتىپ ئاندىن يېقىنلاش، — دېدى مۇئاۋىن ئونبېشى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ.
جاڭ جۈنتاۋنىڭ جەنۇبىي سەپتە تۇنجى ئوقنى ئېتىشى بىلەن جاسارەتلەنگەن جۈرئەتسىز خىتاي لەشكەرلىرى ھەر كۆرۈنگەن قارىغا ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. نورمالدا ئوقنىڭ ھىسابى قاتتىق تۇتۇلاتتى. ئۈچ يىل ئەسكەرلىك جەريانىدا ئۈچ ياكى بەش قېتىم رەسمىي ئېتىش مەشقى بولاتتى. بەزىدە ئۈچتالدىن، بەزىدە بەش تالدىن ئوق بېرىلەتتى. ئوق ئېتىش ھەركىم ئۈچۈن جەلپكار بىر مەشغۇلات بولغانلىقى ئۈچۈن ھىچكىم خۇماردىن چىقمايتى. سورىقى يوق ئوق بولسا راسا ئېتىش ئارزۇسى ھەر ئەسكەردىلا ئەمەس، قورالغا ئۆگەنگەن ھەر ئەركەكتە كۈچلۈك بولاتتى.
شۇنداق ئىكەن ئەمدى ھىسابى قىلىنمايدىغان ئوق، سورىقى يوق جاھان بولسا كىممۇ ئاتمىسۇن؟ كوممۇنىستلارنىڭ ھىچ سۆزى راست چىقمايدىغانغا كۆنۈپ قېلىشقاچقا، تاكى يېنىدىكىلەردىن بىرىنچى ئوقنى ئاتمىغۇچە يەنىلا كۆڭۈل توختىتالمىغاندەك بىر خىل روھىي ھالەت ھۆكۈمران ئىدى. ئەمدى كۆنۈۋېلىشتى. ئېتىش شاتلىقىدىن مەست بولۇشقان خىتايلارنىڭ ياغدۇرغان ئوقلىرىنىڭ زىچلىقىدىن بەزىدە دەرەخ شاخلىرى ئۇشتۇلۇپ، قارسىلداپ چۈشەتتى. دەرەخ غوللىرىدا ساناقسىز ئوق ئىزلىرى قالماقتا ئىدى.
نامرات يېزىدىن كەلگەن جاڭ جۈنتاۋ نابۇت بولۇۋاتقان دەل – دەرەخلەرگە قاراپ، ئەخمىقانە ھالدا كۆڭلىدىن شۇنداق كەچۈردى: »ئەگەر بۇ دەرەخلەردىن تاۋۇت ياسىماقچى بولسا ئىچىدە قالغان سانسىزلىغان مىتال پارچىلىرىغا پۇتلۇشۇپ، بىچارە ياغاچچىنىڭ تىغى كېرەكتىن چىقىدۇ-دە!« ئەسلىدە ئۇنىڭ يېزىسىدا قېرى خىتايلارنىڭ قايغۇسى تاۋۇت ھازىرلاشتا بولۇپ، ياغاچ بەك قىممەت، بەك قىس بولغاچقا، تاۋۇتىنى ھازىرلاپ قويالىغان قېرى خىتاي، بەختلىك خىتاي ھىساپلىناتتى. بۇ ئىش ئۇنىڭ بوۋىسى ئۆلۈدىغان چاغدا ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەچكە، ياغاچنىڭ قىممەتلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.
ئارقىدىن زىچ ئېتىلغان ئۈلگۈجە ئوقلار دەستىدىن بەزى ئاران تۇرغان ئەسكى تاملار »گۈلدۈر-غالاپ« قىلىپ يىقىلىشقا باشلىدى. ئوق تەككەن ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە جېنى چىڭراق بولغان كالا-بۇقىلارنىڭ ئېچىنىشلىق بۆقىرەشلىرى ئومۇمىي غەۋغا، قىقاس-سۈرەنلەرگە قوشۇلۇپ كەتتى. تېمى ئۆرۈلگەن كاتەكلەردىن ئۇچۇپ چىققان توخۇلار ئەنسىز ۋاقىلداپ، يېرىم ئۇچۇپ، يېرىم پالاقلاپ جان ھەلەكچىلىكىگە چۈشكەندە، بۇ ئەمدى يۈرەكلىرى بىرئاز توختىغان خىتاي ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئويۇن بولۇپ بەردى. ئۇلار قاراڭغۇلۇقتا بىر كۆرۈنۈپ، بىر كۆرۈنمەي قالىدىغان بۇ كىچىك جانۋارنى سوقۇۋېلىش بويىچە ئۈنسىز مۇسابىقە باشلىغاندەك بىر كەيپىيات بارلىققا كەلدى. بۇنچە ئەسكەرنىڭ بەس-بەستە ئاتقان ئوقلىرىدا ئۆلمەي ساق قۇتۇلۇش مۈمكىنمىدى؟
تۇنجى ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىشلەر، ئادەمگە قارىتىپ ئېتىشلارمۇ جاڭ جۈنتاۋنىڭ يېنىدىكىلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئومۇمىي شاۋقۇنغا ئەمدى بالىلارنىڭ چىرقىراشلىرى، ئاياللارنىڭ ئاھ-زارى، ئەركەكلەرنىڭ ھەسرەتلىك نىداسى قوشۇلۇلغىلى تۇردى!
تۇنجى قېتىم ئوققا تۇتۇلۇپ، تاملىرى ھەرە كۆنۈكىدەك قىلىۋېتىلگەن ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەردە ئۆلمەي چالا قالغان دۈشمەن بارمۇ يوق، تىنتىش باشلاندى. بىر – بىرلەپ سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزگەندەك تەكشۈرۈش كېرەك ئىدى. بولمىسا بىرەرسى تىرىك قالسا، چەتئەلگە قېچىپ چىقىۋالسا بەختىيار سوتسيالىستىك جەمىيەتكە قارا سۇۋايدىغان تەشۋىقاتلار ئۈچۈن شاھىت بولۇشاتتى.
جاڭ جۈنتاۋ بىر ئۆينىڭ مىڭلارچە ئوق تەككەنلىكتىن ئۈلگۈجىكىدىن ئاجرىلىپ، ئۆرۈلەيلا دەپ قالغان ئىشىكىنى قاتتىق تېپىپ ئېچىپ، ئۆيگە بىر دىسكا ئوقنى يەلپۈگۈچ شەكىللىك ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆتكۈر نۇرلۇق قول چىرىغىنى كىلاشىنكوفنىڭ سىتۋولى بىلەن پاراللېل تۇتقان ھالدا سانتىمۇ-سانتى كۈزىتىشكە باشلىدى.
سۇپىدا يالاڭ تامبال كىيگەن ئۈستى ئوچۇق، ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر دىھقىنى قانغا مىلىنىپ ياتاتتى. ئۇنىڭ قولىدا قورال بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆزىگە بىرەرسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى كۈتكەن ھازىرلىقتىكى بىرىدەكمۇ قىلمايتى. ئەكسىچە ئۈستىنى سېلىۋېتىپ، يېرىم يالىڭاچ ئۇخلاۋاتقانلىقى، تالادىكى تۇنجى سادالاردىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ، قاراپ بېقىش ئۈچۈن ئۇخلاۋاتقان ئىچكىرىكى ئۆيدىن دالان ئۆيگە چىقىشىغىلا ئوق تېگىپ سۇپىغا يىقىلغانلىقى ئېنىق بىلىنەتتى. ئوق تېگىپمۇ ئاز دېگەندە ئوتتۇز پاي ئوق تەككەندەك قىلاتتى. ئالدى تەرىپى تامامەن تىتىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئىچكىي ئەزالىرىنىڭمۇ پارچە-پارچە بولۇپ، ئەتراپقا چاچراپ كەتكىنىنى بىلگىلى بولاتتى.
جاڭ جۈنتاۋ شۇنچە قىزىققان، قورقۇپ تۇرىۋاتسىمۇ قىزىقىشى گاھى-گاھى ئۈستۈن كېلىپ بىلىپ باققىسى كەلگەن دۈشمەن مۇشۇ بولغىيمىدى؟ ياكى بۇنىسى دۈشمەنلەر مەجبۇرىي تۈردە ئىشىكىنى ئېچىشقا زورلاپ كىرىۋالغان مۇشۇ ئۆينىڭ بىگۇناھ ئىگىسىمىدى؟ ئۇنداقتا بۇ ئۆي ئىگىسىنى قورال كۈچى بىلەن زورلاپ، باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ ئۆينى ئۆزىگە دالدى قىلىۋالغان دۈشمەن نەدە؟
ئىككى تەرەپتە ئىككى ئىشىك كۆرۈنەتتى. بۇ ئۆيلەر تىپىك جەنۇپ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆي پىچىمى بولۇپ، تالادىن دالان ئۆيگە كىرىلەتتى. ئاندىن ئۇنىڭدىن ئىككى تەرەپتىكى ئىككى ئۆيگە كىرىلەتتى. بۇلاردىن بىرى مىھمانخانا دېيىلىپ، قولىدا بارلار بىرئاز ياخشىراق ياساپ قويۇدىغان ئۆي، يەنە بىر تەرەپتىكىسى ئاشخانا دېيىلىدىغان ئۆي، ئۇنىسى بارلىق كۈندىلىك پائالىيەتلەرنىڭ بولۇدۇغان يېرى ئىدى. ھەم تاماق ئېتىش، تاماق يېيىش، ھەتتا ئۆيدىكى ئاساسلىق بولمىغان ئەزالار ياتىدىغانغىچە. ئەگەر ئۆيدە ئاتا-ئانا (قېرىلار) بولسا مىھمانخانا ئۆيدە، ئوغۇل-كېلىن ئاشخانا ئۆيدە يېتىشاتتى. قىش كۈنلىرى ھەممە ئۆيگە ئوت يېقىپ ئىسسىتىشقا چامى بولمىغاچقا ھەممەيلەن بىر ئۆيكە قاپلىشىپ ياتاتتى. ياز ئايلىرىدا ھويلىدا، ئۆگزىدە يېتىشقىمۇ بولاتتى.
جاڭ جۈنتاۋ دۈشمەننى ئىككى تەرەپتىكى ئۆيدە دەپ پەرەز قىلدى. شۇغىنىسى ھىچ تاۋۇش، تىرىك جان بارلىقىنى دەلىللەيدىغان سادا يوق ئىدى. بەلكىم ئۆلگەندۇر، بۇنچە ئوقتا ساق قالسا مۇكەممەل بىر مۆجىزە بولمامدۇ، دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈرگەچ، شۇندىمۇ ئىھتىيات بىلەن قورالىنى بەتلەپ، چىرىقىنى قورالىنىڭ ستۋولى بىلەن پاراللېل تۇتۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى ئۆينىڭ ئىشىكىدىن شىددەتلىك تېز ھەركەت بىلەن كىرىپ، چاققانلىق بىلەن ھەممە ئەتراپنى يەلپۈگۈچ شەكىللىك كۈزۈتۈپ چىقتى. ئاندىن قارشىلىقنىڭ يوقلۇقىغا كۆزى يېتىپ، ئالدىرىمايراق، قايتىدىن تەپسىلىي تەكشۈردى. كۆردىكى، بۇ ئۆيدىمۇ ئۇلارغا تەسۋىرلەپ بېرىلگەن دۈشمەن يوق، ئەكسىچە بەش-ئالتە ياشلاردىكى نەۋرىسىنى باغرىغا بېسىۋالغان بىر موماي قان ئىچىدە ياتاتتى. موماي ئۆز تېنى بىلەن نەۋرىسىنى قوغداشقا تىرىشىپ، ئۇنى دالدى قىلىپ تۇرىۋالغىنى بىلىنەتتى. لېكىن نورمىسىز ئېتىلغان ئوقلار ئۇنىڭ ۋىجىك تېنىنى تىتما-تالاڭ قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلىرى كىچىك قىزنىڭ بېشىنىڭ يېرىمىنى ئۇچۇرىۋەتكەن، مېڭىسىنىڭ قېتىقى يۈزى تەرەپكە ئېقىپ چۈشكەن ئىدى!
جاڭ جۈنتاۋ كۆڭلىنىڭ ئېلىشقىنىدىن بىرنەچچە قېتىم قۇرۇق قەي قىلىپ، بېشى پىررىدە قېيىپ، تامغا يۆلۈنۈۋالدى. بۇ مەنزىرىگە تەكرار قاراشقا رەغدىمۇ، جۈرئىتىمۇ يوق ئىدى. مەسلەردەك كالامپاي دەسسەپ، سەندىرەكلىگەنچە دالان ئۆيگە قايتىپ چىقتى. ئۇ ياقتىكى ئۆيدىمۇ مانا شۇنداق »خەتەرلىك دۈشمەن« بولۇش ئىھتىمالى ئېنىق تۇراتتى. شۇنداق بولسىمۇ بۇ بىر ئۇرۇش ئىدى، كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ ياقتىكىسىدە راستىنلا بىرنەچچە دۈشمەن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسا، ئارقامغا بۇرۇلۇشۇمغىلا بېشىمنى ئۇچۇرىۋەتسە،...
شۇلارنى ئويلاپ تېنى شۈركۈنۈپ كەتكەن جاڭ خىتاي يەنىلا چىداپ، بۇ ئۆيگىمۇ قارىۋېتىشكە قارار قىلدى. ئەمما ئۇنىڭدا ھازىر ھايات قورقۇنچى تۈگىگەندەك، ئەقلى قېتىپ قالغاندەك قىلاتتى. شۇڭا ئۇ قەدەر جىددىي پوزىتسىيىدە بولۇپ كەتمەستىن ئېرەڭسىمەيرەك كىردى. قورالىمۇ بەك جىددىي بەتلەكلىك ھالدا ئەمەس، يېرىم چۈشۈرۈلگەن ھالدا ئىدى. نېمە قىلىۋاتقىنىنى بەزەن ئاڭقىرىپ، بەزەن يەنە غەلىتە ئەقلىي تۇمان ئىچىدە يۈتتۈرۈپ قويىۋاتقاندەك قىلاتتى. قورالنى جىددىيەت بىلەن بەتلىمىدى-يۇ، قول چىرىقىنى بەكمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئەتراپقا تۇتتى.
ئۇنىڭ كۆرگىنى بۆشۈك ئۈستىگە ئارتىلغانچە ئۆلۈپ قالغان بىر ئانا ئىدى. ئۆينىڭ دەرىزىلىرىدىن ئوقلار ئۇچۇپ كىرىشكە باشلىغان ھامان، بۇ ئانا، ئانىلارغا بېغىشلانغان ئاشۇ چەكسىز پەرزەنت سۆيگۈسىدىن، ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، بالىسىنى قۇتقۇزۇش پىكرىگە كەلگىنى ۋە تېنى بىلەن بۆشۈكنى دالدا قىلىپ تۇرغاندا شېھىت بولغىنى بىر قاراشتىلا بىلىنىپ تۇراتتى. كاشكى ئۇنىڭ ئاشۇ پىداكارلىقىغا تەسىرلىنىپ بولسىمۇ، تەقدىر ئۇنىڭ بالىسىنى ئامان قالدۇرغان بولسىچۇ؟ بىر تەرىپى تىتىلىپ كەتكەن بۆشۈكنىڭ ئولتۇرۇپ قالغىنىغا قاراپلا بالىنىڭ ئانىسىدىنمۇ بالدۇر ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئۇلاشقىنىنى جەزم قىلغىلى بولاتتى.
جاڭ جۈنتاۋ بۇھالنى، بۇ »دۈشمەنلەر«نى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ رېئاللىقتا ياشاۋاتقىنى ياكى چۈش كۆرۈۋاتقىنىنى پەرق قىلالماي قالدى. بۇ بولىۋاتقان ئىشلار ھىچ مۈمكىنسىز ئىشلار ئىدى. »خەلقنىڭ پارتىيىسى« بولغان كوممۇنىستلار، خەلقنىڭ قۇتقازغۇچىسى بولغان كوممۇنىستلار، خەلقنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۆزلىرىنىڭ غايىسى قىلغان كوممۇنىستلار بۇنداق قىلمايتى. شۇڭا بۇنى رېئاللىق دېيەلەمدۇ؟ بۇ چوقۇم قورقۇنۇچلۇق چۈش ئىدى. ئۇنىڭ ئالغان تەربىيىسىگە كۆرە پەقەت ياپون ئالۋاستىلىرى، جاھانگىرلارلا ئەنە شۇنداق ۋەھشىي ئىدى، ئەنە شۇلارلا ئەر-ئايال، قېرى - ياش، ھايۋان ياكى ئادەم دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي قىرغىن قىلاتتى. بۇنى قانداقمۇ »ئازاتلىق ئارمىيە« دەپ ئاتىلىدىغان خەلق ئەسكەرلىرى قىلسۇن؟ بۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى....
ئۇ ئۆيدىن چىقىپلا ھويلىدا تامغا يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ماجالى كەتكەن، بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرۈشكە ئەمدى تاقىتى يوق، ئەگەر يەنە مۇشۇنداق مەنزىرىنى كۆرسە ئېلىشىپ قالىدىغاندەكلا ئىدى....
***
تۆۋەن ھويلا مەركەزدە بولغاچقا ئەڭ سىرتتىكى قورشاۋ ھالقىسىدا باشلانغان ئېتىشما ئاۋازلىرى خۇددى تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى. ئەمما ئۇيقۇدىن ياكى غەم ئىچىدە ئۇخلىيالمىغانلار مۈگدەشلىرىدىن چۆچۈپ باش كۆتۈرگەنلىرىدە ئۇنچىلىك يىراقتىن ئېتىلغاندەك ئاڭلانمىدى.
مەخەتقارى ئايالى بىلەن يا گەپلىشەلمىدى، يا ئۇخلىيالمىدى. ھەر ئىككىسى بۇنداق تاتسىز مىنۇتلاردا مىلىكە بولۇشقا ئاللاھ بەرگەن بۇدرۇق ئوغلى خالىد بىلەنلا ھەپىلىشىپ يېتىشتى. سۆزلەشكۈدەك نېمە بار دەيسىز. بۇ شۇنداق مىنۇتلارىدىكى، نېمە دەرىڭنى بىلمەيسەن. لەتىپە ئېيتىشاتتىمۇ؟ چاخچاقلىشاتتىمۇ؟ ئوينىشاتتىمۇ؟ ھەر ئىككىسى زىكرى تەسبىھ ئېيتىشنى ئەۋزەل كۆرگەندەك، بالىسىنى پەپىلىگەچ، ئېغىزلىرى شىۋىر-شىۋىر پىچىرلايتى.
ئۇلار ئويغاق بولغاچقا تۇنجى ئوق ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدىلا ئاڭلانغاندەك بولدى. بۇ بىرتال ئوقنىڭ ئەمەس، ئۈلگۈجە ئېتىلغان ئوقلارنىڭ ئاۋازى بولغاچقا، يۈرەكلەرنى شۈركەندۈرىۋەتتى. مەخەتقارىنىڭ كۆڭلى دەرھال ئېغىر بىر مۇسىبەتنى تۇيغاندەك بولۇپ، يۈرىكى گۈپۈلدەپ ئۇرۇشقا باشلىدى. ئوق ئاۋازى يېزا مەركىزىدىن ئەمەس، سىرتىدىن ئاڭلاندى. بۇ دېمەك، سىرىتتىن يېزىغا قاراپ زور بىر قوشۇن كېلىۋاتقانلىقىدىن دالالەت ئىدى. ئۇ ئەمدىلا ئاخشامدىن بېرىقى جىملىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندى ۋە ئىختىيارىدىن تاشقىرى دەھشەت بېسىپ كەتتى. ئەسلىدە خىتايلار زور كۈچ ئىشلىتىپ قىلىدىغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن، يېزا مەركىزىنى قورشىۋالغان ساقچىلىرىنى چېكىندۈرىۋەتكەن، قارشى تەرەپتە ھەركەت بولمىغاچقا مۇجاھىتلارمۇ بىكاردىن ئوق ئېتىپ يۈرمىگەن! جىملىقنىڭ سەۋەبى مانا بۇ ئىكەن ئەمەسمۇ!
بۇ قېتىمقىسى ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەسلىكى مانا مەن دەپ تۇراتتى. خىتاي ئۇنداق مۆكۈشمەك ئويناشنى ئۇزاققا سوزمايتى. مىڭ پاتمان ئېغىرلىق بىلەن بىرلا بېسىپ، مىجىقىنى چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلىنى ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتقىنى ئېنىق ئىدى. ئەمدى بۇ قۇربانلىقنىڭ چېكى زادى قانداق بولار؟ مانا شۇنداق ئولتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتمەكتىنمۇ تەس ئىش يوق. ۋاقىتنىڭ ئاستىلىقى، گويا ئۆمۈر كېتىۋاتقاندەك. بالىنىڭ قەغىش قىلىپ ئۇخلىمىشى،... ئەر-خوتۇن ئارىسىدا خۇددى ئۇرۇشۇپ قالغاندەك گەپنىڭ قولاشمىشى،... بۇنىڭدىنمۇ ئېغىرراقى بولماس. كاشكى شۇ بولۇدۇغان ئىش بولۇپلا كەتسە، بىراقلا قۇتۇلسام دېگۈسى كېلەتتى.
مانا شۇنداق يۈرەكنى سىققۇچى كەيپىيات ئىچىدىكى كۈتۈشتە قانچىلىك ۋاقتى ئۆتتىكىن؟ بەلكىم تاڭ سەھەر بولۇپ قالغاندۇر، نېمىلىكى بولمىسۇن، مەخەتقارى ناماز ئوقۇش بىلەن بىرئاز ۋاقىت كەچۈرمەكچى بولدى. يېرىم كېچىدىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. بامدات ۋاقتى بولغاندۇر بەلكىم، دەپ، بىرنەچچە رەكئەت نەفىل ناماز ئوقۇپ بولۇپ، بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇدى ۋە تېخىچە بالا بىلەن ھەپىلىشىپ ئولتۇرغان ئايالىغا:
— نېمىلا بولمىسۇن، نامازنى ئوقۇۋالىلى زىبىخان، ئوغاق ئوتتۇراپ ناماز ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەيلى، يەنە. قويۇڭلا، بالىنى، بالا دېگەن بىردەم يىغلاپ تۇرسا ھېچنېمە بوممايدا، — دېدى.
ئايالى تاھارەت ئالغىلى ھويلىغا چىقىپ كىرگەندە كالپۇكلىرى بەزگەكتەك تىترەپ تۇرۇپ:
— نىمىشتۇ بۇ، مەخەتقارى، قىيامەتمۇ بۇ؟ ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان يورۇق شوينىلانى دەيمىنا؟ نىمانداق جىق!؟.... —دېدى. ئۇنىڭ دېگىنى يىپتەك ئىز قالدۇرۇپ ئۇچۇۋاتقان سانسىز ئوقلار ئىدى. مەخەتقارى ئۇنىڭدىن جىقراق نەرسىنى بىلىپ تۇرىۋاتسا، بۇ گەپنىڭ يېڭى بىر تەسىرى بولارمىدى؟
— بىسمىللا دەپ نامىزىڭلانى ئوقۇڭلا، خوتۇن، ئاللاھ با... —دېدى ئۇ ۋەزىيەت ھەققىدە ئىشەشسىزلىك بىلەن.
— بىر يەرگە قېچىپ كېتەملىيا؟...
— ساراڭمۇ سەن؟ قېچىپ نەگىمۇ بارامەن؟ قاچسام گۇنايىم با دېگىنىم بولۇدۇ شۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە تۇرۇۋەسەم ياخشىراق، ئاللاھ ساقلىسا ھىچ ئىش بوممايدا،....
— ئاللاھ ساقلا، ئەممازە،... قاراپ تۇرۇپ ئۆلەمنى ساقلىغاندىن دەيمىنا،...
— بولدى، نامىزىڭلىنى ئوقۇڭلا،...
ئەسلىدە، مەخەتقارىدا بامداتقىچە ساق قېلىشىغىمۇ ئىشەنچ تۈگەپ كېتىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ مۇشۇنچىلىك چېغىمىزدا ئاخىرقى نامىزىمىزنى بولسىمۇ قازاسىز ئوقۇۋالىلى، دەپ ئويلاپ، نامازنى ئوقۇۋەرگەن ئىدى. بەلكىم بىرئاز بالدۇر بولىشىمۇ مۈمكىن. ئەمما ئوقۇۋالغىنى ياخشى بولغان بولىشى مۈمكىن.
بۇ ۋاقىتتا ئوق ئاۋازلىرى يېقىنلاپ قالدى. مەخەتقارى ئاۋازلاردىكى جىددىيلىك، پەسىيىش، يېقىنلاش قاتارلىقلارغا قاراپ، دىھقانلارچە »كۆزچەن«بىلەن ئۇلارنىڭ يېزا مەركىزىنى باسقانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغان ئىدى. ئەمدى ئېتىشما تىنچىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئەسكەرلەر يېزا مەركىزىدە قاپسىلىپ قالغانلارنى يوقاتماقچى، ئۇلارنى يوقاتقاندىكىن، ئىشى تۈگىشى كېرەك ئىدى. ئەمما قاتتىق جىددىيلەشكەن ئېتىشما ئاۋازلىرىدىن كېيىن ھەرخىل ئاۋازلار: ۋارقىراشلار، تەگبىر ئاۋازلىرى، قىقاسلار، نالە-پەريادلار پەلەككە يېتىپ جىمىغاندىن كېيىنمۇ جىمجىتلىق باشلانمىدى. يەنە ئۈلگۈجە ئېتىشلار داۋام قىلىپ، مەخەتقارىلارغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك بىلىندى!
— نىم بولاپ كېتىۋاتقاندۇ، ما جاھان؟ — دەپ كۇسۇلدىدى، مەخەتقارى ئۆز-ئۆزىگە، بۇ يانغا كېلىۋاتقاندەك قىلىۋاتىدۇغۇ؟ بىر كېچە ئېتىپمۇ تۈگىمىگەن قانچىلىك ئادەم باتىكى، مەن بىلمەيدىغان؟ ئەستاغ-...
— نىم دىلە؟
— ھە، ... ئۆزەمچە، ... باشقا ئىشمۇغۇ يوق....
قوشنىلارنىڭ دېرىزە ئەينەكلىرىنىڭ چۇل-چۇل بولغان ئاۋازى، تونۇش ئاۋازدىكى پەريادلار ئوق ئاۋالىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەندىلا مەخەتقارى زەيدىنقارىنىڭ دېگەنلىرىنى دەرھال ئەقلىگە كەلتۈردى: »خىتاينىڭ مەخسىدى بىزنىڭ نەسلىمىزنى قۇرۇتۇش، ياۋاش بولساق چېقىلمايدۇ، دەپ خام خىيال قىلىپ قالماڭلار، ئۇ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي دۈشمىنىمىز، ئاللاھنىڭمۇ دۈشمىنى...!« دېگەن ئىدى. دېمەك، بۇ ئادەملەرنى تۈرگە ئايرىپ ئولتۇرۇدۇغان تىپتىكى ئۇرۇش ئەمەسكەن!
ئۇ تامدەك تاتىرىپ كەتتى. خالىددىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورققاندەك ئىتتىك سۇپىغا چىقىپ، بالىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى...
****
— تۇرە يارىماس، ئۆلگۈر ئەبلەخ!
— ھە!؟... — جاڭ جۈنتاۋ ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماستىن مۇئاۋىن ئونبېشىنىڭ تېپىشى بىلەن گاڭگىراپ ئورنىدىن تۇردى.
— يارىلاندىڭمۇ؟ نېمىشكە ئوق تەككەن تۇرنىدەك بوينۇڭنى پۈكۈپ مۈكچىيىۋالدىڭ، ھايۋان؟
جاڭ خىتاي ھىچنېمە دېيەلمەيتى، ئۈنى چىقماي، گېلىغا بىرنېمە كەپلىشىۋالغاندەك ئۆي ئىچىنى ئىشارە قىلاتتى.
— ھە، چۈشەندىم، دەسلەپتە كۆرۈپ تۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرمەك نېرۋىغا ئېغىر كېلىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال، ئەمدى كۆنۈپ كېتىسەن، ھەتتا خۇمار بولۇپمۇ قالىسەن، تۇر، ماز پاينەك. لاپچىيىپ تۇرۇۋەرمەي، مارش! ۋەزىپە ئالدىمىزدا!
— ياق،... مەن ئەمەس،...
— گەپ سېتىپ تۇرۇدۇغان ۋاقىت ئەمەس دېدىممۇ، تامام، مارش!
ئونبېشى ئۇنى ئالدىغا ئىتتىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ كىرىپ چىققان ئۆيىدە چالا قالغان ئادەملەر بولسا تازىلىۋېتىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى. بۇيرۇق شۇنداق ئىدى. كوماندىرلار ھەر ئۆينى تەكرار تەكشۈرۈشلىرى كېرەك ئىدى.
سەندىرەكلەپ يۈرۈپ كەتكەن جاڭ، سەھەرنىڭ نەمخۇش سوغۇق ھاۋاسىدىن كاللىسى بىر ئاز ئېچىلىپ، تېتىكلىشىپ قالغاندەك بولسىمۇ، ھەر قېتىم ئاشۇ دەھشەتلىك مەنزىرىلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىدە يەنە بىر قېتىم قارا باسقاندەك تەرلەپ كېتەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ مېڭىشلىرى ئەسكەرلەردەك چەبدەس ئەمەس، مەسلەردەك كالامپاي ئىدى. خىزمەت كۆرسۈتۈپ ئۆسۈش ھەلەكچىلىكىدە جان-پېنى بىلەن يۈگرەپمۇ كەتمەي، لوپۇلداپ مېڭىپ، يەنە بىر غېرىپ كەپىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ۋەزىپىسىنى يادىغا ئالدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۆينى ئوققا تۇتمىدى. قورالىنىمۇ بەتلىمىدى. خۇددى گېلى قۇرۇپ، سۇ ئىچىۋالغىلى كىرىۋاتقاندەك، بولۇمسىز ھەركەتلەر بىلەن ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ ئېچىپ، بوسۇغىدىن ئاتلىدى.
چۈنكى ئۇ ئەمدى بۇ ئەسكى غېرىۋانە ئۆيلەردە دۈشمەن بارلىقىغا ئىشەنمەيتى. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى فاشىستلارغا ئۈلگە بولالىغۇدەك ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق ئىدى. بۇلارنى قىرىپ كىمنى ئازات قىلاتتىكىنە؟ ئۇنىڭ بۇلار ھەققىدە كاللا قاتۇرغىدەكمۇ ھەپسىلىسى قالمىغان ئىدى. ئۇ تامامەن جان ھەلەكچىلىكىدە قېلىش بىلەن، ساراڭ بولۇپ قالماستىن، كۆزگە يامان كۆرۈنۈپ، جازالىنىپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىش، قانداق قىلىپ تىرىك چىقىش ۋە ئەسكەرلىكنى تۈگۈتۈپ ئۆيىگە تېنچ ئامان بېرىۋېلىش كويىدىلا ئىدى. شۇڭا ئۇ باشقىلار ئاللىقاچان باسقىن قىلىپ بولغان ئۆيلەرگە كىرىپ، يالغاندىن ۋەزىپە ئۆتەپ چىققاندەك بولۇۋېلىشنى كۆزلەيتى. چۈنكى، بۇ ئېتىشلاردا بۇ يېزىدا يەنە تىرىك جان قالدى دېسە، ئۇ ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيتى. ئۇنداقكەن، ئۇنىڭ »دۈشمەن« ۋەھىمىسىدە بولۇشىنىڭ ئورنى يوق ئىدى. ئەپلەپ كۆز بوياپ، بۇ ئىشنى تۈگۈتۈۋالسىلا...
ئۇ ئەنە شۇنداق گاراڭ ھىسلار ئىسكەنجىسىدە ئۆيگە كىرىپ كەلگەندە دالان ئۆينىڭ سۇپىسىدا ئەر-خوتۇننىڭ تىتىلىپ كەتكەن جەسەتلىرىنى كۆرۈپ، يەنە بىر قېتىم قۇرۇق قەي قىلىپ، ئۈچەي-باغرى يېنىپ چىقىدىغاندەكلا قىينىلىپ كەتتى. بىردىنلا جەسەتلەرنىڭ ئارىسىدا مىدىرلىغان بىرنەرسىنىڭ ھەركىتى كۆزىگە چېلىقتى. دەسلەپ قورقۇپ كېتىپ قورالىنى بەتلەي دېدى-يۇ، كېيىن بۇنچە قان ئىچىدە ئۇنىڭغا زىيان سالالىغۇدەك جان قالمايدىغانلىقىنى ئەقلىگە كەلتۈرۈپ، بۇ مىدىرلىغان بەلكىم ئۆينىڭ مۈشۈكىمىكىن، دەپ ئويلاپ، جەسەتتىن بىرىنى بىر تەرەپكە سىلجىتتى. قولى قانغا بۇلۇنۇپ كېتىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى. ئەمما راست دېگەندەك، بىر ئاز كۆنۈكۈپ قېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ھىس قىلىپ يەتتى.
ئىككى جەسەت ئارىلىقىغا قىسىلىۋالغىنى مۈشۈك ئەمەس، تەم-تىم ماڭغان بىر ئوغۇل بوۋاق ئىدى! بالىنىڭ ئۈستى بېشى قان ئىدىيۇ، ئەمما بۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قېنى ئىدى. بالا، ئەسكەرگە چەكچىيىپ قارىدى. ئۇ قورقۇپ كېتىپ ئەقلى تورمۇزلۇنۇپ قالغاندەك، ياكى چالا ئۇيقۇلۇق ھالىتىدىن ئېسىگە كېلەلمەيۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ قان ئىچىدىن ئاستا ھەركەتلەر بىلەن نەچچە مۈدۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەسكەر تەرەپكە ئۈمتۈلدى. بالا ئاللاھ ئاتا قىلغان تۇغما سەزگۈسى بىلەن، ئەسكەرنىڭ زىيانداش ئەمەسلىكىگە ئىشەنچ قىلغاندەك، كېلىپ ئۇنىڭغا ئېسىلدى. ئەسلىدىمۇ ئارقىمۇ-ئارقا روھىي زەربىلەردىن لەرزىگە كېلىپ، پۈتۈن مەنىۋىيىتى يېمىرىلىپ كەتكەن جاڭ، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى، بالىنىڭ كىملىكىنى بىردەمگە ئۇنۇتۇپ، خاس ئادىمىيلىك ھىسسى ئىچىدە بالىنىڭ مەسۇمانە ئىنتىلىشىگە چىداپ تۇرالماي، قولىغا ئالدى. بالا ئۇنىڭ بوينىغا مەھكەم يېپىشىۋالدى. سەبى جان، پەرىشتىدەك پاك بوۋاق، كۆز ئالدىدىكىنىڭمۇ ئاشۇ ۋەھشىي ئەسكەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەرمىدى؟
جاڭ ئاڭسىز ھالدا قولىغا ئېلىۋالغان بالىنىڭ خۇددى دادىسىغا تىۋىنغاندەك مەسۇمانە يېپىشىشى، مېنى قۇتقۇزۇۋالغىن دېگەندەك سەبىي مۆلدۈرلىشىگە بەرداشلىق بەرگۈدەك ھالى قالمىدى. ساراڭ بولايلا دەپ قالدى. بالا بۇ قورقۇنۇچلۇق ئۆيدىن كېتىشنى، پاتراق تاشقىرىدىكى ساپ ھاۋاغا، سەھەرنىڭ سالقىن ساپ ھاۋاسىغا ئۇلۇشىۋېلىشنى ئىستىگەندەك، كىچىك پۇتلىرى بىلەن تىپچەكلەيتى. خۇددى چەۋەندازنىڭ شىپۇر قېقىلغان ئۆتۈكلىرى بىلەن ئاتنىڭ بېقىنىنى ئۆكچىلىگىنىگە ئوخشاش ئۇنى مېڭىشقا ئۈندەيتى. جاڭ ئۇنى كۆتۈرۈپ تاشقىرى چىقالارمىدى؟ بۇ ئۆلۈم دېمەك بولاتتى! ۋەھشىيلەرنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق ئىدى. بالىنى قويۇپ قويۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنىڭدا تاغدەك جاسارەت، مىڭ پاتمانلىق كۈچ بولۇشى كېرەك ئىدى. سەبى بوۋاقنىڭ مەسۇمانە ھەركەتلىرى يوغان قوي كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان يېشى، ئۆمچۈيۈپ يىغلىشى ئۇنىڭ جاسارىتىنى قۇرۇتۇۋەتكەن، قويۇپ قويۇش قولىدىن كەلمەسلا بولغان ئىدى.
ئۇ چۈش ۋە رېئاللىق ئارىسىدىكى ئاشۇ تۇمانلىق تۇيغۇلار ئەسىرلىكىدە، بالىنى بوينىغا گېرە سالدۇرغان پېتى قاققان قوزۇقتەك پەگادا قېتىپ قالغان ئاشۇ مىنۇتتا تاشقىرىدىن تومۇزدىكى ئىتتەك ھاسىراپ كىرگەن بىرى بۇ ھالنىڭ ئۈستىدىن چۈشتى.
— ھۇ، ئىتنىڭ بالىسى! —دېگەن ئاۋاز ئۇنى ئەندىكتۈرىۋەتتى. بۇ مۇئاۋىن ئونبېشىنىڭ، ئاتالمىش دوستىنىڭ ئاۋازى ئىدى، — نېمە قىلىۋاتىسەن ھاماقەت!
جاڭ ھىچنەرسىگە تىلى كەلمەي ساراڭلاردەك چەكچىيىپ قالغان ئىدى.
ئونبېشىنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقىنى ئۇزاققىچە كاللىسىغا ئولتۇرمىدى. ئۇ خۇددى مىڭلارچە كىلومېتر ئۇزاقتا سۆزلەيتى، ئاغزىنىڭ مىدىرلىغىنى كۆرۈنەتتى، ئاۋازى ئۇقۇلمايتى. خۇددى بىرسى چۈشىدە، كويىقاپتىن گەپ قىلاتتى؛ ئەمما بۇ تىلسىملانغان يەردە ئاۋازلار بەھەيۋەت مەخلۇقلار تەرىپىدىن شورۇلۇپ كېتىلگەچكە مەۋھۇملىشاتتى.
ئاخىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىگە قەھىرلىك بىر شاپىلاق تەككەندە ئاندىن ئۇ ئۆزىگە كەلدى.
— ھۇ، يارىماس ئۆلۈك! نىم قىلىۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن؟ ئۆزەڭنىڭ جېنى تاتلىقمۇ ياكى بۇ كىچىك ئايلامباشنىڭمۇ؟ ئۆزەڭ تاللا! تېز! — دېگەن ۋارقىراش ئەمدىلا ئېنىق ئاڭلاندى، — ياخشىكى مەن كۆرۈپ قالدىم، باشقا بىرسى بولۇدۇغان بولسا سېنى دەرھال ئېتىپ تاشلىسا ھوقۇقى بار ئىدى. بۇيرۇق يادىڭدا باردۇ؟ ئاغىنىدارچىلىقىمىزنىڭ يۈز-خاتىرىسى بولسۇن، مەن بىلمىگەن بولاي، دەرھال سەپكە يېتىش! — دېدى ۋە بالىنى تارتقۇشلىدى.
جاڭ ئاڭسىز بىر ھەركەت بىلەن بالىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ، ئاۋايلاپقىنا يەرگە قويۇپ، بالىنڭ مەھكەم پاچىقىنى سىقىمدىۋالغان كىچىك قوللىرىنى ئاچچىق ئەلەم ئىچىدە ئاجرىتىۋېتىپ، سىرتقا چىقىپ كەتتى. تەبىئىيكى، ئۆزىنىڭ جېنى تېخىمۇ تاتلىق ئىدى!
ئون بېشى ئۆي ئىچىدە قالدى. جاڭ »ئۇ نېمىشكە چىقمايدۇ؟« دېگەندەك قىلىپ، ئىختىيارسىز ئارقىسىغا بۇرۇلغان چېغىدا، ئۆي ئىچىدىن »گۇم!« قىلغان بىر پاي ئوق ئېنىق ئاڭلاندى!
جاڭ جۈنتاۋ ئەمدىلا چىققان ھويلا سىرتىدا دەم كۆتە بولغاندەك ئولتۇرۇپلا قالدى. ئۆي ئىچىدىن خۇددى بۈيۈك بىر ئىشنى روياپقا چىقىرىۋەتكەندەك، غالىپلىق مەغرۇرلىقى بىلەن چىقىۋاتقان مۇئاۋىن ئونبېشىنىڭ تاپانچىسىنى غىلابىغا سالغاچ بۇ تەرەپكە كېلىشىگە نەپرەت بىلەن قاراپ، كۆڭلى ئاينىپلا كەتتى. مۇزدەك بىرنەرسە ئىچىنى مۇزلاتقانچە مېڭىسىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى. بۇنىڭ ئاشۇ سانسىزلىغان ئوق ئاۋالىرى ئىچىدىن ئالاھىدە بىلىنگەن، ئۆي ئىچىدىن ئاڭلانغان بىر تال ئوق ئاۋازى تۈپەيلىدىن ياكى سەھەرنىڭ سوغ ھاۋاسىدىن بولغىنىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتى. ئۇ كۆتۈرەلمىگۈدەك ھاراق ئىچكەن پىيەنچۈكتەك، مۈكچۈيۈپ ئولتۇرۇپ، قۇرۇق قەي قىلاتتى. كۈچىنىۋېرىپ ھالى كەتكەن ئىدى. ئاخىرى شاقىرىتىپ قۇسۇۋەتتى!
— ۋاي مازپاينەك، بوپتۇ، بىرئاز ئېسىڭگە كېلىۋېلىپ ئارقىمىزدىن يەت، سېنى مىجەزى يوق بولۇپ قالدى دەرمەن، ئەمما بۇ ياخشىلىقىمغا چوقۇم جاۋاپ بېرىشىڭ كېرەك!... — شۇنداق دېگەنچە ئۆز سېپى تەرەپكە تېز-تېز قەدەم تاشلاپ كەتتى.
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، شەرق تەرەپ ئاقىرىشقا باشلىشى بىلەن، شەرقنىڭ ئۇپۇق سىزىقىدا قاندەك قىزىللىق كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. خۇددى قان كەلكۈنى ئالەمنى باسىدىغاندەكلا سۈرلۈك، مەھزۇن كۆرۈنەتتى. يەنە جاننى قىينىغۇچى جىمجىتلىق يۇرتقا ئېتەك يېيىپ، يۈرەكلەرنى مۇجۇماقتا ئىدى. ئەگەر سوقۇۋاتقان يۈرەك قالغان بولسا....
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى
2002 –يىلى 10- ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى »ئەركىن ئاسىيا« رادىيوسىنىڭ پروگراممىسىدا بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان سابىق خىتاي ئەسكىرى جاڭ جۈنتاۋ ۋە ئۇنىڭ سېغىنما ئادۋۇكاتى زىيارەت قىلىنغان ئىدى. بۇ ھىكايە ئەنە شۇ زىيارەتتە جاڭجۈنتاۋنىڭ دېگەنلىرىنى ئاساسىي مەنبە قىلغان بولسىمۇ يېزىش ئىشى بۈگۈنگىچە كېچىككەن ئىدى.
[0]جاڭ جۈنتاۋ —بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان سابىق خىتاي ئەسكىرى بولۇپ، كېيىن ئامېرىكىغا سېغىنغان، — ئا.









