ئەرزان جانلار (پوۋېست)

AddThis Social Bookmark Button


تېكسىت نورمال كۆرۈنمىگەن بولسا ۋە چوڭايتىپ كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ

ئەلۋىدا، ئانا يۇرت!

 

1

1992-يىلى، 20-ئاۋغۇست، ئەتتىگەن.

ئۇششاقباشنىڭ ئادەتتىكى كۈز ئەتىگىنى، ئۇزاقتىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئەسكەن سالقىن دەرەخ شاخلىرىنى مەيىن لىڭشىتىپ، خۇددى سانسىز قۇشلارنىڭ ئۇزاقلاردا شىۋىر-شىۋىر قىلغىنىغا ئوخشاش شىۋىرلىغان ئاۋاز چىقىراتتى. سەھەرنىڭ سالقىنى جانغا ئارام بېرىپ شۇنچىلىك خۇشياقاتتىكى، سۈمۈرۈپ-سۈمۈرۈپ نەپەسلەنگۈسىنى كەلتۈرەتتى.

شۇ يەرنىڭ ئادەتتىكىچە دىھقان ئائىلىلىرىنىڭ بىرىدە ئەتتىگەندە كۈندىلىك تىرىكچىلىكى ئۈچۈن ئۆيدىن چىققان ئىدرىسخان دەرۋازىنىڭ قىسىلچىقىدا كىچىككىنە قەغەز باغاقچىنى كۆرگىنىدە يۈرىكى »قارت«تىدە قىلىپ قالدى. بۇنى شاماللار ئەكىلىپ قىستۇرۇپ قويغانمىدۇ؟ ياكى ئاخباراتمىدۇ؟ ئۇ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرغانلارنىڭ يوقلۇقىغا ئەمىن بولۇش ئۈچۈن كەينىگە شارتتىدە قارىۋېتىپ، ئاندىن باغاقچىنى ئاچتى. ئاچتىيۇ، يۈرىكى »شۇررىدە« قىلىپ كەتتى. بۇنى ھاياجان دېيىشكىمۇ، قورقۇنۇچ دېيىشكىمۇ ئاساس يوقىدى. پەقەت، باغاقچىغا يېزىلغان ئۇچۇرنىڭ پۇچۇركىسى تونۇش ئىدى. بۇنداق تونۇش پۇچۇركا بىلەن بىرلا كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان ئۇچۇر تەكرارلىقى ئاسانلا سېزىلىپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى. ئۇ باغاقچىنى سىقىمداپلا يانچۇقىغا سالدى. چۈنكى ئارقىسىدىنلا ھويلىغا چىققان ئىنىسى قولىدىكى نەرسىنى كۆرۈپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى. شۇڭا دەرھال قازناققا ماڭدى.

ئۇ تاسادىپىي كۆرۈپ قالغان بىر كىنودا يەر ئاستى پائالىيەتچىلىرىنىڭ شىفىرلىق يېزىشىدىغانلىقى، بۇ »شىفىر« دېگەننى تەرجىمە قىلىپ ئاندىن ئوقۇيدۇغانلىقىنى، باشقىلار كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، ۋۇجۇدىنى بىر تۈرلۈك ھاياجان لەرزىگە كەلتۈرگەن ئىدى. »شۇ شىفىر دېگەن قانداق نەرسىدۇ؟ كاشكى بىزمۇ شۇنى بىلگەن بولساق قانداق ياخشى بولاتتى؟ ساۋاتنىڭ تۆۋەنلىكىدىن قىلغان ئىشىمىزنىڭ تايىنى يوق ھە دېمەيلا تۇتۇلۇپ، خىتاينىڭ قولىدا نابۇت بولۇپ كېتىۋاتقان نەۋقىران باللىغا ئېست!« شۇندىن كېيىن ئۇ سەبداشلىرىغا بۇ ھەقتە كۆپ گەپ قىلدى. »مۇشۇنداق بىر ئالاقە ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش يولىدا ئىزدىنىپ بېقىشقا تىرىشىپ باقايلى، مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى تاپايلى«، دەپ قاخشىدى، ئەمما كۆڭۈل قويۇشمىدى. ھەتتا ئۇنىڭ »كىنودىن كۆردۈم« دېگىنىمۇ تالىپ بالىلارغا غەلىتە ئاڭلاندى. »توۋا ئىدرىسخان كىنولارغىمۇ بېرىپ تۇرۇدۇكەن ئەمەسما؟« دېيىشىپ، ئۇنى ئەيپلەشتى. ئەمما ئىدرىسخان ئۇلارغا »ئاللا رىزاسى ئۈچۈن نىيىتىمنى چۈشۈنۈڭلا، مەن نېمە دەۋاتىمەن، سىلەر نېمە ئاڭلاۋاتىسىلە؟« دەپ قاخشاپ كەتكەنىدى. ھەتتا شۇنداق تالىپلارمۇ بارىدىكى، ئۇلار باشقا پەننىي كىتاپلارنى ئوقۇشنىمۇ خالاپ كەتمەيتى. يامان دېيەلمىسىمۇ، ھەر ھالدا تۇمشۇقلىرىنى پۈرۈشتۈرەتتى.

ئۇ قازناققا كىرىپ ئاندىن باغاقچىنى چىقىرىپ ئاچتى. ئۇچۇردا شۇلار يېزىلغان ئىدى:

»شاھيار ئەتراپلىرىدىكى ھەركەتكە داخىل بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. سىز ئۆزىڭىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، قالغانلار سىزنى ئىزدەپ بارغۇچە سىز قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ تۇرۇڭ. مۈمكىن بولغىنىچە چېگرىغا ئەڭ يېقىن يەرگىچە بارالايدىغان بولسۇن. سەبداشلىرىڭىز سىزنى ئىزدەيدۇ. K سىلەرگە باشلامچىلىق قىلىدۇ. ھەممىسى تونۇشلىرىڭىز بولغاچ پارولغا ئىھتىياج يوق. كۆرۈشۈش بۇرۇنقى يەردە«.

شۇغۇنىسى ئاشۇ K كىمكىنا؟ ئۇ بىز تونۇمايدىغان بىرى بولسا كېرەك، شۇڭا ئىھتىيات يۈزىسىدىن ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان گەپ-تە.

بۇ بۇيرۇق ئىدى. بۇنىڭغا ئارىسالدىلىق قىلىشقا بولمايتى. ئۇ ھويلىغا قايتىپ چىقىپ ئىنىسىگە زۆرۈر ئۆي ئىشلىرىنى تاپشۇردى ۋە:

مېنىڭ ناھىيىگە بارىدىغان زۆرۈر ئىشىم چىقىپ قالدى، بىر بولسا ھايالشىپ قالىمەن، بىر بولسا قايتىپ كېلىمەن، دېدى.

ئاندىن ئاساسىي ئۆيلەرگە يۆلەپ باغ تەرەپكە سېلىنغان ئايرىم ئىككى ئېغىز ئۆيگە ئۆزىنىڭ ھوجرىسىغا كىردى. ئايالى بۇ چاغدا بۇدرۇق ئوغلىنى ئىمىتىپ ئولتۇراتتى. بۇ ھال ئۇنىڭغا بەكمۇ ئازاپلىق بىلىندى. ئۇ تېخى ئۆيلەنگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى. مۇھەببەتنىڭ سىرلىق دېڭىزىدا پىلتىڭلاپ ئۈزۈۋاتقان مەزگىلى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇنداق ئوماق بىر ئوغۇل ئاتا قىلغانىدىكى، ئۇنىڭ جانلىق، ھەركەتچانلىقى، دايىملا شۈك تۇرماستىن دىرىڭلاپ تۇرۇشى، ھەتتا ياش دادىنىمۇ ھارغۇزۇپ قويۇدۇغان دەرىجىدە تىنىمسىز ئىدى. ئۇنىڭ تاتلىقلىقىمۇ دەل ئاشۇ شوخلۇقىدا بولۇپ، شوخ قارا كۆزلىرىنىڭ مەسۇمانە چاقنىشى، ئۈچبۇرجەك بولۇپ كۆرۈنۈدىغان ئاغزىنىڭ ئوماقلىقىغا چىداپ بولمايتى. ئاخشاملىرى يوتقان ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن ئويناشماق شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ئىدىكى، ئۇ ئاللاھقا بولغان شۈكرانلىرىنى شۇنداق ئىپادە قىلىشقا ئادەتلەنگەنىدى: »ئىھ ئاللاھ، ماڭا مۇشۇنچىلىك چوڭلۇقتا ئالتۇن بەرگەن بولساڭمۇ، مېنى بۇنچىلىك بەختىيار قىلالماس ئىدى!« ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق دېگۈچىلىكى بار ئالتۇنغا بەرگۈسىز بالا ئىدى.

مانا ئەمدى بۇيرۇق بويىچە ئۇ بىر قانچە سەبدىشىنى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى كېرەك ئىدى! ياش ۋە تىپىك سەھرا گۈزىلى بولغان ئايالىنى، ئاشۇ »ئالتۇنغا بەرگۈسىز« ئوغلىنى تەرك ئېتىشى كېرەك ئىدى! ئايالىغا نېمە دېيىشى كېرەك؟ ئالداش كېرەكمۇ؟ راستىنى ئېيتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇنىڭ بېشى پىرقىراپ كەتتى. ئۇ ھىجرەتكە كەتسە قايتىپ كېلەلەمدۇ؟ بۇ پەقەت مۇشۇ مۇدھىش ئىستىلاچى ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلغاندىلا مۈمكىن بولۇدۇغان ئىش ئىدى؛ ئۇ تېنچ ئامان چىقىپ كېتەلىسە، بارغان يەرلىرىدە پۇت تىرەپ تۇرغىدەك ئىمكانغا ئېرىشسە، بۇلارنى ئىلىپ كېتەلەرمۇ؟ بۇمۇ خىتايلارنىڭ ئىنساۋىغا باغلىق ئىش ئىدى. ئومۇمىي جەمئىي شۇ ئىدى: بۇ جۇدالىق كەمكوتىسىز جۇدالىق ئىدى! ئاخىرىغا كۆز يەتكۈزگىلى بولمايتى.

ئۇنىڭ بوسۇغىدىلا مەڭدەپ تۇرۇشى ئايالغا بەكمۇ يوچۇن تۇيۇلدى.

سىلىگە بىر نېمە بولدىما؟ گاڭسا ئادەمدەك تۇرۇپلا كەتلە، ھەمزە سىلىگە ئۆمتۈلۈپ، ئۆمتۈلۈپ، جاۋاپ بولمىغاچقا نەچچە كالپۇك چۆجەپ يىغلامسىراپلا كەتتى.

ھە،.... كەل بالام، دېدى ئۇ ئوخشاشلا ئاشۇ تۇمانلىق روھىي ھالەتتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن ھالدا، نېمە، سىلە مېنىڭ تۇرۇقلۇرۇمغا دىققەت قىلىپ قالدىڭلا؟

دىققەت قىلمىغۇلۇقما ئەمىسە؟ شۇندا ئاجايىپلا تۇرۇپ كەتتىلە-يا؟

ھەقىقەتەنمۇ قىيىن مەسىلە ئىدى. بۇ ئىشلارنى قانداقمۇ چۈشەندۈرگۈلۈككىنە؟ ئۇنداق ئادەم نېمىشكىمۇ ئۆيلەندىكىن؟ ماڭغان يولۇڭ بارسا كەلمەس يول تۇرسا، ئاقىۋىتىڭ بىر كۈنى مۇشۇنداق بولۇشى كۆڭلۈڭگە ئايان تۇرسا، خەقنىڭ قىزىغا ئۇۋال قىلىپ، بىگۇنا بىر نارەسىدىگە ئۇۋال قىلىپ نېمىشكىمۇ ئۆيلەندىڭكىنە؟ »ئى ئاللاھ، ماڭا ئۆزەڭ ياردەم قىل، بۇ مېنىڭ ماڭغان يولۇمدىن پۇشايمان نالەم ئەمەس، مۇشۇ قىيىن مەسىلىدىن چىقىشىمغا ياردەم قىل« دېگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ. ياش جۇۋاننىڭ پەدازسىز يۈزىدىكى تەبىئىي گۈزەللىكلەرنى تاماشا قىلغىنىدا ئۇنىڭ ئازابى تېخىمۇ ئارتتى. ئايالنىڭ يوغان كۆزلىرى ئۈستىدە قايرىلما كىرپىكلىرى كۆز بۇلاقلىرىغا سايە تاشلاپ، خۇددى سۈزۈك بۇلاق سۈيىگە بۇلاق بويىدىكى مەجنۇنتاللار سايە تاشلاپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى؛ ئىلىپتەك ئىنچىكە ۋە قۇسۇرسىز تۈز قاڭشىرى بۇ كۆزلەرنى خۇددى ئىككى سۈزۈك كۆلچەكنى ئايرىغان قىرلىق ئىدىرغا ئوخشايتى. ئېغىزلىرىدىكى نەپسلىك دەل ئاشۇ ئوماق ئوغۇلنىڭ ئاغزىدا ئەكسىنى تاپقان ئېرسىي ئالاھىدىلىكتىن بىرى ئىدى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى مانا مۇشۇنداق بىر پەرىزاتنى ئىدرىسخاننىڭ ئىمانى كامىللىقى، ئەخلاقىي پەزىلىتى، دىنىي ئىلمى ئانچە يۈكسەك بولمىسىمۇ، ئاللاھ سۆيگۈسى ئۈچۈن ياشايدىغان پاك روھىنى دەپلا بەرگەن ئىدى.

ئەمما بۇ پاك يىگىتنىڭ كىشىلەر، ھەتتا ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئانچە بىلمەيدىغان بىر تەرىپى بار ئىدى. ئۇ ئاللاھ سۆيگۈسى ئۈچۈن ياشىغان ئىكەن، ئاللاھ بۇيرىغان ئىشتىن باش تارتالمايتى. ۋەتەندە تاجاۋۇزچى خىتاي بارىكەن، ئۇ تېنچ-خاتىرىجەم ناماز ئوقۇش بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ، دىنىي بۇرچۇمنى ئورۇندۇدۇم دېيەلمەيتى. ئۇنىڭ تېخىمۇ موھىم بۇرچى، ۋەتەننى تاجاۋۇزچىدىن قۇتۇلدۇرماق، بەندىنىڭ قۇللۇقىدا قالغان ئاللاھنىڭ قۇللىرىنى ئازات قىلماق ئىدى. بۇ يولنىڭ ئەنە شۇنداق شەرىپى بارىدى، ئەمما ئەنە شۇنداق خەتىرى بارىدى. كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئايال تۇل، بالا يىتىم بولاتتى.

زىلەيخان، ماڭا قاراڭلا، مېنىڭ ناھىيە بازىرىدا ئىشىم چىقىپ قالدى، مەن دىككىدا شۇ يان چىرىپ چىقاي، ئۇزۇنىمۇ سەپەر، قىسقىسىمۇ سەپەر، »سەپەر دېگەن خەتەر« دېگەن گەپ بار ئەمەسما، ئەگەر ھالىمادىس ماڭا بىر نەرسە بولۇپ قالسا، خالىساڭلا مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ قېلىڭلا، بولمىسا ئۆزەڭلارنىڭكىگە كەتسەڭلامۇ مەيلى، ياش بوغاندىكىن قايتا ياتلىق بولساڭلىمۇ مەن رازى، دېدى. بۇ گەپلەرنى ئۇ بىر يولىلا دەۋەتتى. نېمىشكە بۇنداق دېگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، ئەمما شۇنى بىلەتتىكى، يەنە ئىككىلىنىپ، تىل چايناپ تۇرسا، ئايالى تېخىمۇ يامان گۇمانلارغا مۇپتىلا بولاتتى. شۇڭا ئۇ ئالدىراپ-سالدىراپ دەيدىغىنىنى دەۋەتتى.

نىمانداق گەپلەرنى قىلىلا، ئىشت پوق يىمەستە؟ قارا بېسىپ قاپتۇ-يا؟ يامان چۈش كۆرۈپ قالغان بولسىلا باشلىرىدىن بىر نان ئۆرۈپ دىۋانىغا بېرىۋېتىلى. ئاخشام ھىچ خەۋىرى يوق ئىش، ئەتتىگەن قوپقاندا خەۋىرى بولمىغان ئىش، تالاغا بى چىقىپ چىرىپلا نەدىن چىقتى؟ ئۇنىڭغىمۇ خوپ، ئەمما نېمە شۇم ئېغىزلىق قىلىپ كەتتىلە؟ خۇددى بۇرۇن ھىچ قاغىلىق بازىرىغا بېرىپ باقمىغاندەك؟! خوتۇننىڭ نېپىز لەۋلىرى ئۆمچەيگىلى تۇرۇۋاتاتتى، كىيىك كۆزلىرىدىمۇ ياش دۇردانىلىرى لىغىرلاپ، ھېلىلا تۆكۈلۈشكە تەييار تۇرغاندەك ئىدى.

بۇرۇنمۇغۇ باغان، توغرا، بامىغان يەر ئەمەستى. ئەمما ھازىر دېگەن چوڭ ئادەم بولدۇق، بۇرۇنقى ساياق باللادەك كېتىۋەرسەك بوممايدۇ، شۇڭا... باشقا بى تەرىپى يوق، يامىنىغا ئەپ كەتمەڭلا، ئۇ شۇنداق دېگەچ كېلىپ ئايالىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى. ئاندىن خۇددى مودا ئارتىسلىرىدەك ئىنچىكە بېلىنىدىن ئۆزىگە تارتتى. بۇنداق ئەۋرىشىم بەللەرگە چوڭ شەھەرلەرنىڭ خېنىملىرى مىڭلارچە سوم پۇل خەجلەپ، گۈزەللىك گىمناستىكىسىغا خەتلىنىپ، ھەم ۋاقىت ھەم پۇل زايا قىلىپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان گۈزەللىك ئىدى. بۇ گۈزەل قامەت ناۋايى تىلىدا: »تالى مەجنۇن قامىتىڭنى باغدا شەمشاد ئەيلىگىل« دەپ تەرىپلەنگەن بولسا، خەلق داستانلىرىدا »ئەۋرىشىمدەك بويلارىڭغا چىرماشىپ ئۆلسەم كاشكى« دەپ كۈيلەنگەن ئىدى.

نازۇك قامەت يىگىتنىڭ بىجىرىم قامىتى بىلەن يۆگەشكەندە، ئۇنىڭ توم لەۋلىرى ئۆمچۈيۈشكە باشلىغان نېپىز لەۋلەرگە جۈپلەشتى. لەۋلەر ھەتتا دەم تارتىلغاندەك ئۇنىڭ ئاغزى ئىچىگە خۇددى ئېمىزگىنىڭ ئېغىزلىقىدەك شورۇلۇپ كىرىپلا كەتكەنىدى. قۇۋۋەتلىك قوللىرى بولسا نازۇك بەدەننى ئارقىسىدىن سىلاشقا باشلىغانىدى. ئايالنىڭ دۈمبىسىنى سىلاۋاتقان قوللىرى مۈرىلىرىدىن باشلاپ، زىلۋا بەلدىن ئۆتكەندە، زىلۋا بەلگە نىسبەتەن ئالاھىدە تولغان ۋە گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمىگە ئاجايىپ جىپىس كەلگەن ساغرىسىغا كەلگەندە يۇمشاق، تولغان ساغرىلاردىن قولى ئارقىلىق ئۆتكەن كۈچلۈك بىر ئېلىكتىر ئېقىمى يۈرەكلىرىنى جىغىلدىتىۋەتتى. بۇ چاغدا بولسا ئىدرىسخاننىڭ يىگىتلىك ۋۇجۇدى ئەسەبىي بىر ئوت تەرىپىدىن ۋەسۋەسە قىلىنىپ، تىنىقلىرى تېزلىشىشكە باشلىغان ئىدى. ئەمما ئۇ يەنە بىر ئاز كۆڭۈلنىڭ مەيلىگە بېرىلسە نېمىلەر بولۇشىنى پەملەپ، ئايالىنىڭ لەۋلىرىدىن ئاجراتقان ئاغزىنى ئىتتىك-ئىتتىك ئىككى مەڭزىگە ئۇزۇتۇپ، چوكۇلدۇتۇپ سۆيۈپلا، ئايالنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇردى. ھەر ئىككى كۆزدە خۇددى يانارتاغدەك قۇدرەتتە، بەس كەلگىلى بولمايدىغان شەھۋانىي ئوت يېنىپ تۇراتتى.

كۆڭلۈڭلىگە ھەقىسما يامان ئوينى كەلتۈرمەڭلا، خوتۇن، ئاللاھ ساقلىسا ئامانچىلىق، دەپ ئىڭەكلىرىدىن ئەركىلىتىپلا، سۇپا ئۈستىدە ئۆمۈلەپ يۈرگەن ئوغلىنى چاقىردى، ھەمزە، ھەمزە، كەل بالام، بىر سۆيۈۋېتەي!

بالا دادىسى بىلەن ئوينۇشۇپ كۆنۈپ قالغاچقا دەرھال بۇ ياققا ئۆمۈلەپ كەلدى. ئىدرىسخان ئوغلىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بويۇنلىرىنى، چاچلىرىنى، يۈز كۆزلىرىنى پۇراپ چىقتى، ئاندىن يەنە شۇ يوسۇن بىر خىل ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۇتتۇر كەلگەن يەرلىرىگە سۆيۈپ چىقتى. ئاندىن بالىنى ئانىنىڭ قولىغا بېرىپ:

دۇئا قىلىڭلا، دېدى دە، ھوجرىسىدىن چىقىپ كەتتى. شۇنداق تېز، تۇيۇقسىزلا، ئېتىلغاندەك چىقىپ كەتتى. ئۇ چاناقلىرىنى ئېچىشتۇرۇۋاتقان جۇدالىق ياشلىرىنىڭ لىغىرلىشىنى ئايالىغا كۆرسۈتۈپ، ئاجىزلىق ئىپادىلەشنى خالىمىغاندىمۇ؟ بۇنداق قىلىش ئۇيغۇر ئەركەكلىرىگە ئەسلا ياراشمايدىغان قىلىق بولغاچقا، ئەنئەنىلەر قېنىغا سىڭىپ كەتكەن يىگىتنىڭ غۇرۇرى بۇنىڭغا يول قويمىغانمىدۇ؟ ياكى چىرايلىق ئايالنىڭ، ئوماق ئوغۇلنىڭ كۆزلىرىدە ئەكس ئېتىۋاتقان تەئەججۈپكە، سوئاللارغا تولغان گۈزەل نىگاھلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي بەل قويۇۋېتىشىدىن قورققانمىدۇ؟ ھەممە ئىھتىماللىق بولۇشى مۈمكىن ئىدى.

ئەمدى بۇ ئائىلىنىڭ ئاساسىي ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى. ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلۇشۇشى كېرەك ئىدى. دادىسى خۇددى ئىدرىسخانغا ئوخشاش بەقۇۋۋەت، جاپاغا بوي بەرمەيدىغان بىجىرىم ئادەم ئىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلمىغاچقا، نەگە بارىمەن دېسىمۇ دۇئا قىلىپ قېلىۋېرەتتى. بۇ ئوغلىدىن بەكمۇ پەخىرلىنىدىغان دادا، ئەل-يۇرت ئالدىدا يېشىغا باققاندا ھۆرمىتى چوڭ بولغان ئوغلىنىڭ، ئۆي ئىشىنى قويۇپ مېڭىشىدا چوقۇم جامائەتكە پايدىلىق بىر مەخسەت بار دەپلا بىلەتتى. شۇڭا سۈرۈشتە قىلىپمۇ كەتمەيتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى:

ئاللاھ ئىشىڭنى ئوڭ قىلسۇن، بالام، دېدى ئۇ ئوغلىنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ.

ئەمما ئانىنىڭ تۇيغۇن كۆڭلى ئۇنىڭغا نېمىلەرنى شىۋىرلىدىكىن، ئۇ بىر ئاز خوتۇن كىشىچە چىڭگىسلىك قىلىپ كەتتى. ئوغلىنىڭ يۈزلىرىنى سىلايتى، كۆزىگە مۆلدۈرلەپ قارايتى، سورىمىغىنى قالمايتى.

بولدى قىلىڭلا، ئانىسى! دېدى ھەمرىيى ئۇنىڭ قىلىقلىرىدىن ئىچى پۇشۇپ، ئوغۇل بالا دېگەنگە ئانچىۋالا قىلىپ كەتكۈلۈك ئەمەس! ئاقيول تىلەپ دۇئا قىلىڭلا، ماندا.

ئوغۇل ئانىنىڭ پىشانىسىدىن، ئانىمۇ ئوغۇلنىڭ پىشانىسىدىن سۆيۈشۈپ خوشلاشتى. بۇ ھال دادىغا تازىمۇ مىجىمەرۇق قىلىقتەك تۇيۇلۇپ، مەسخىرىلىك كۈلۈپ، ئۇ ياققا قارىۋالدى. چۈنكى، ئىلگىرىلىرى قاغىلىق بازىرىغا كىرىپ چىقىدىغان ئىشلار ئۈچۈن نە ئىدرىسخان، نە ئانىسى بۇنداق ئۆمچۈيۈشۈپ يۈرمەيتى. بۈگۈن نېمە بالا، بۇ قەدەر مىچىلداش!

ئىدرىسخان ئاخىرقى قېتىم »خوش« دەپ، ئىشكتىن چىقتى. ھويلىدا ئىشەكنى توقۇپ، تىرىكچىلىك ئىشى ئۈچۈن جابدۇنۇۋاتقان ئىنىسى ئۇنىڭغا بەكلا يوچۇن قارىغاندەك قىلدى. ئۇمۇ ئىنىسىغا خۇددى »ئەمدى سىلەرنى يەنە كۆرەلەمدىمكىن؟« دەۋاتقاندەك غەلىتە پارقىراپ قارىغان ئىدى، ئىنىسى ئۇنىڭدىن بىرنېمە سورايدىغاندەك ئېغىز ئۆمەللىدى. ئۇنىڭ گەپ سوراپ ۋاقىتنى ئېلىشىدىنمۇ تولا، ئۇنىڭ كۆڭلىگە يوشۇرۇۋاتقان سىرىنى ئېچىۋېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىپ، دەرھال دەرۋازىنىڭ سىرتىغا ئۆزىنى ئالدى. تا ئارقىسىدىن دەرۋازا يېپىلغاندىلا »ئۇھ« دېدى. ئەمدى نېفىتلىكنىڭ ماشىنىلىرىغا ئۇچقۇشۇۋېلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

 

2

 

دايىم قاغىلىق تىبەت تاشيولىدا قاتناپ تۇرۇدۇغان مەجىد تۇراپ ئىدرىسخان بىلەن يېڭى تونۇشلاردىن ئەمەس، خېلى گېپىنى ئېلىشىدىغان يېقىنلاردىن ھىساپلىناتتى. مەجىد تۇراپ ئىدرىسخان ۋە ئۇنىڭ يولداشلىرىنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرۈدۇغانلىقىنى پەرەز قىلالمىغۇدەك قاپاقباشلاردىن ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. قورقۇپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ بەزى ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ تۇراتتى. ئەمما ھىچ زامان ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقمايتى. ياكى »مەنمۇ قېتىلاي« دېيىشكە جۈرئىتى يوق ئىدى. جەمىيەتتە ئەنە شۇنداق نۇرغۇن كىشىلەر ئىنقىلاپچىلارغا ھىسىداشلىق قىلسىمۇ، ئۆزى قاتنىشىشقا جۈرئەت قىلالمايتى.

مەجىد تۇراپ ماشىنا سېتىۋېلىپ، تىبەتكە بۇغداي، گۈرۈچ ئاپىرىپ سېتىپ، ئۇ ياقتىن تېرە-تەسەك ئېلىپ كېلىپ سېتىشتىن خېلى پايدا كۆرۈپ، قولىدا ئازدۇر-كۆپتۇر ئېشىنچا ھاسىل بولۇشقا باشلىغاندىن بېرى، ئىدرىسخاندەك دوستلىرىغا ئانچە-مۇنچە ئىئانە بېرىپمۇ تۇرۇدۇغان بولۇپ قالغان ئىدى.

نېمىگە بېرىۋاتىسىلە ئادېش؟ دەپ سورىغان ئىدى ئىدرىسخان دەسلەپتە ئۆزىگە پۇل تەڭلىگەن مەجىددىن، ئۇنى سىناش ئۈچۈن، سەدىقەڭلىمۇ؟ زاكىتىڭلىمۇ؟ مېنى بىرسىنىڭ قولىغا قاراپ قالغان نامرات كۆرۈپ قالمىغانسىلە؟

ئا...، تولا گەپكە سالماڭلا، ئېلىۋېرىڭلا، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىشلىتىسىلە، دېگەن ئىدى مەجىد تۇراپ.

ئىدرىسخان ئارتۇقچە كوچىلاپ يۈرمىگەن ئىدى. دېمەك، ئۇنىڭ بەزى ئىشلارنى پەرەز قىلىدىغانلىقىنى، ياردەم قىلىشقا ھەرقاچان تەييار ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۇششاقباشتىن يولغا چىقىۋاتقاندىلا مەجىدنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن ئىدى. ئەگەر مەجىد يېڭىلا سەپەردىن قايتىپ كەلگەن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنى ھاپىلا-شاپىلا جابدۇتۇپ، يەنە بىر قېتىم ئاتلاندۇرۇش كېرەك ئىدى. باشقا يول يوق. ئەمما بۇنىڭغا بىرنەچچە كۈن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى شۇ.

ئىدرىسخان ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە مەجىد تۇراپ ماشىنىسىغا گۈرۈچ بېسىپ قويغان ئىكەن. ئۇنىڭ پىلانى ئەتىسى ئەتتىگەندە »يا بىسمىللاھ« دەپ يولغا چىقىش ئىكەن. ئىدرىسخان بۇنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتتىكى، »بەلكىم بۇ بىر خۇش بىشارەتتۇر« دەپ ئويلىدى.

ئادېش، خاپا بولماي بىر - شىككى كۈن تۇرۇڭلا، مەنمۇ سىلى بىلەن ماڭىدىغاندەك تۇرۇمەن، دېدى ئۇ.

چاخچاقمۇ-يا؟

يا، يا،... چاخچاق ئەمەس، راست دەۋاتىمەن. مېنىڭ تەييارلىقىم پۈتكىچە ساقلاپ تۇراسىلە؟

نېمىشقا ئەمدى؟ ماڭىدىغان بولساڭلا ئەتىلا ماڭىلى، نىيەت قىلغان يولدىن قېلىشمۇ ياخشى ئەمەس، شىككى كۈننىڭ نېمە لازىمى؟ نېمە جىق تەييارلىق بۇ سىلىدىكى؟

مەنغۇ تەييا، مېنىڭ يەنە بىرقانچە ھەمرالىرىم باتى.

نەگە بارىسىلە؟ تىبەتكە تىجارەتكە بارمايدىغانسىلە؟

ياق، تىبەتكە ئەمەس، يولنىڭ يېرىمىغىراق،...

قەيە ئۇ؟

مازا داۋاندىن ئۆتكۈزۈپ قويساڭلا بولدى.

مەجىد تۇراپ بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدى. قاراقۇرۇمنىڭ بۇ قاقاس تاغلىقلىرىدا سەيلى قىلغۇدەك سەيلىگاھ بولمىسا، بىر توپ ياش بالا ئوينىغىلى باراتتىمۇ؟ گىيا ئۈنمەيدىغان بۇ تاغلاردا ئوتۇنچىلىق قلاتتىمۇ؟ مەجىد تۇراپنىڭ ئىچىگە بىر قورقۇنۇچ چۈشتى. نارېسىدە بالىلىرىنى، ناتاۋان ئايالىنى، قېرىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنى ئويلىماي تۇرالمايتى. ئەمما بۇ ئىشتىن باش تارتىشقىمۇ ۋىجدانى چىدىمايتى. شۇڭا دوستىنىڭ تەلىپىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى.

بۇ يامان تەس ئىش جۇما، دېدى ئۇ ئاخىرىدا بۇرۇنلىرى تەرلەپ.

تەسلىكىنى مەن بىلمەيمەنما ئادېش؟ بىلىمەن، باشقا چارىمىز يوق. ئۆلەمنى ساقلاپ ئولتۇرۇمىزما؟

شۇنچىۋالا يامانمۇ زۆرۈرما؟

دېدىم-يا، ئۆلەمنى ساقلاپ تۇساق بولۇدۇ شۇ.

ئانچىۋالا بوسا، ... ئاللاھقا تەۋەككۈل قىپ باقىلى، ئادەم سانىچۇ؟

ئەڭ كۆپ بولغاندا يەتتە.

يەتتە!؟ ساراڭمۇ سىلە؟ يەتتە ئادەمنى قەيەگە قويۇمەن؟ ئەنە كۆدۈڭلا، ماشىنىدا ژۈك، يەتتە ئادەمنى نەگە سىغدۇرىمەن؟ يول تىژ ئەمەس، ئاقازدىن باشلاپ ھەر دوبەندە[]تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىدۇ. چېگرا خېتى ئالاممايسىلە، قاندا قىلىمىزكى؟

بى چارىسىنى تاپامىز، سىلە ماقۇ دەڭلا بى.

ھە ماقا، نېمە چارە قىلىمىز ئەمىسى؟

كېچىسى تاغالانى بىر تەرەپكە ئەپ تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا بىر كاۋاك چىقاساق، شۇ كاۋاككا چىرىپ ياتساق، ئۈستىگە يەنە چەللە قىلىپ تاغا باسۇرۇپ يېپىۋەتسەك بومماسما؟

...

بۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئىشقا ئېنىق قىلىپ »بولۇدۇ« دېگەن جاۋاپنى بېرىشمۇ تەس گەپ ئىدى. شۇڭا مەجىد تۇراپنىڭ شۈك تۇرۇشىنى »ماقۇل«غا ھىساپ قىلىشقا بولاتتى. ئەمما ئۇ سەلدىن كېيىن ئەندىشىسىنى ئېيتماي تۇرالمىدى:

كېيىن چاتىقى چىقىپ قاسا، مەن دېگەن بالا-چاقىلىق ئادەم تۇسام،... نېمە دەپ قۇتۇلغىلى بولۇدىكى؟...

ئاللاھ ساقلا، ئادېش، تولا ئەنسىرىمەڭلا، ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا، »مەن دېگەن تىجارەتچى، پۇل تېپىشقا تۇغان ئادەم، كىشى بېشىغا 200 كويدىن بېرىمىز دېسە، پۇلغا قىزىقىپ شۇ پوقنى يەپ ساپتىمەن« دەسىلە، قانداق قىلىمىز ئەمدى؟

ئەمىسە شۇندا دەيلى، بىر ئىش بولاپ قاسا سىلىمۇ شۇندا دېيىشسىلە.

ئىدرىسخان بۇ ئىشنى شۇنداق ھەل قىلدى. ئىش ھەل بولغاندىن كېيىن »ئۇھ«دەپ تىنىپ، مەجىد تۇراپ بىلەن بىردەم كونا-يېڭى پارڭلارنى سېلىشىپ ئولتۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئىشى تۈگۈگەن ھامانلا قوپۇپ كېتىپ قالسىمۇ سەت تۇرۇدۇغاندەك بىلىنگەن ئىدى. شۇنداقلا نورمالدا ئۇچرۇشۇش يېرىگىمۇ كەچرەك بارىدىغان ئىش بولغاچقا بىردەم بۇ يەردە ۋاقىت ئۆتكەزمەكچىدى. مەجىد تۇراپ ئايالىغا تاماق بۇيرۇتتى. ئىدرىسخانمۇ ياسالما تەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرمىدى. شۇنداق قىلىپ، تاماق پىشقىچە ئۇلارغا پاراڭلىشىدىغان ۋاقىت چىقتى.

بىز بارىدىغان ئارىلىقتا چېگرا قاراۋۇلخانىسى يوققۇ؟ شۇنچىۋالا قىپ كېتىشىمىز كېرەكما؟ دەپ سورىدى ئىدرىسخان پاراڭ ئارىلىقىدا قىزىقىشىنى يوشۇرالماي.

دېدىمغۇ، دوبەنلەر بار، ھەر دوبەندە قارىغىلى تۇرۇدۇ، دېدى مەجىد تۇراپ.

بۇنىڭ تاشيول ئاسرايدىغان خەق بىلەن نېمە ئالاقىسىكى؟

ئۇلار قوشۇمچە قاراپ قويۇدۇ، قوشۇمچە قاراپ قويۇڭلا، دەپ تاپشۇرۇلغان دە.

ۋاي توۋا، قوشۇمچە قاراپ قويغانغا قوشۇمچە ھەق ئالامدىغاندۇ؟

قوشۇمچە ھەق بېرەمدا، ئادېش؟ بىلمەمسىلە بۇ خەقنى؟ »خو« دەپ قويغانغىلا قىلىۋېرىدىغان گەپ. »ۋاي، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار بەك موھىم، ۋەتەننىڭ چېگرا ئالدىنقى سېپىدىكى قاراۋۇلسىلەر، نامسىز قەھرىمانلارسىلەر، فورمىسىز جەڭچى سىلەر،... « دېگەندەك ماختاپ، »ئىشتىن سىرت قوشۇمچە قاراپ قويۇڭلا« دېگەنگىلا مانا شۇنداق ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ، تولۇقى بىلەن ئورۇندايدىغان گەپ.

سىلە ھەپتىدە بىر بوممىسىمۇ ئايدا ئۈچ قاتناپ تۇرۇسىلە، تونۇش بولاپ كەتكەنسىلە؟ سىلىنىمۇ تەشكۈرۈپ ئولتاماس؟

نېمە دەيدىغانسىلە، ئادېش؟ بىز خەقنى بىلمىسەڭلىكەن، ئى بى »بەنجاڭ« دەپ ئاتنى قوياپ قويغانغا »كۆكتاشقا مىنىدۇ« دەيمەن، كۆزىگە ھىچنېمە كۆرۈنمەيدا.

ئۇيان-بۇيان ئۆتكىچە بى نەسىلە ئالغاچ بارىدىغانسىلە؟

ھە، ئالغاچ بارمامتۇق، ھەر قېتىمدىلا قۇرۇق بامايمەن، ئۆزلىرىمۇ ئۇنى-بۇنى بۇرۇتۇپ تۇرۇدۇ. شۇندا بوسىمۇ بەسەڭ ئالۇدۇ، ئىشىنىمۇ ئوخشاشلا قىلىۋېرىدۇ.

»توۋا، قانداق خەلقمىز-ھە؟ قېنى بىزدىكى ئۆچمەنلىك؟ خىتاي ئاتا قىلغان قايسى خوۋلۇقلار ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغاندۇق؟ كاشكى بۇ تاغلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنى ئادەم قاتارىدا كۆرسە!؟ ياخشىغۇ بۇ تاغلارنىڭ ئارىسىدا ئىشلەيدىغان بىرمۇ خىتاي يوق، ھەممىسى ناھىيىدە ئولتۇرۇپ رەھبەرلىك قىلىدۇ، بىرەرسى بولۇپ قالسا قانچىلىك خوشامەت قىلىشىپ كېتەتتىكىنا؟ تېخى ئاڭلىسام قاراقۇرۇم تاشيولىدا ئىشلەيدىغانلار 50 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرەلمەيدىكەن، يوقۇرى ھاۋا تەسىرىدىن شۇنداقمىش. شۇنىڭغا شۇنچىۋالا قىلامدىغاندۇ؟« دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتى ئىدرىسخان.

تاماقتىن كېيىن ئۇ دوستى بىلەن خوشلۇشۇپ، باشقا يولداشلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن »بۇرۇنقى جاي«غا قاراپ كەتتى.

 

3

 

ئىدرىسخان بازارغا قاراپ كېتىۋېتىپ، »ئەگەر باشقا ھەمرالا كەممىگەن بوسا دىككىدا ئۆيگە چىقىپ بىر قوناپ چىسەممىكى« دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى. دېگەن بىلەن، ئۇ تېخى ياش، كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان يىگىت ئىدى. تېخى ئائىلە ھاياتىنىڭ لەززەتلىرىگە كۆزى تويمىغان تۇرسا شۇنداق ئويلىماي قالامدۇ؟ نىمىلىكى بولمىسۇن ئۇمۇ قان بىلەن گۆشتىن پۈتكەن ئىنسان-دە. ئىنسان دېگەن نەپس بىلەن يارىتىلغان تۇرسا سېغىنماي قالاتتىمۇ؟ ئۇ ھېلىمۇ ھېلىقى ئەتتىگەن ئايالى بىلەن خوشلۇشۇۋاتقان چاغدا ئۇنىڭ ئارقىلىرىنى سىلاشتىن ھاسىل بولغان ھارارەت تەسىرىدە يېنىۋاتاتتى؛ ئاشۇ تەخىرسىز ئىستەك ئۇنى ئىنتىلدۈرۈپ تۇراتتى.

»بۇرۇنقى جاي« بىر كەچلىك دۇكان بولۇپ، بۇ يەردە پىۋا، ھاراق، ۋە سوغۇق ئىچىملىكلەر سېتىلاتتى. تالىپلار ئۈچۈن بۇنداق بىر يەردە ئۇچرۇشۇشتىن مەخسەت بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئىدى. كىشىلەر ئۇلارنى ھاراقكەش بالىلار ئىكەن دەپ ئويلاپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى. ئۇ كىرىپ كەلگەندە پىۋەخانىنىڭ بۇلۇڭ تەرىپىدىكى شىرەنى چۆرۈدەپ ئولتۇرۇشقان يىگىتلەرگە كۆزى چۈشتى. ئۇلارنىڭ ئالدىلىرىدا قۇتۇلۇق سوغۇق ئىچىملىك بارىدى. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى پىۋە ئىچىۋاتقان لۈكچەكلەرگە تەقلىت قىلىپ تەرتىپسىزرەك شەكىلدە ئولتۇرۇشقان ئىدى. ئىدرىسخانمۇ بىر قۇتا سوغۇق ئىچىملىك ئېلىپ، شۇلارغا قاراپ كەلدى.

ئۇلار ئابدۇلھەمىد قارى (ھەمىد تالىپ)، خېلىل ئالتۇن، مۇھەممەد ئېمىن يۇنۇس، مۇھەممەدئېمىن سىيىت، مۇھەممەدئېمىن ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۇچارلىق يىگىتلەر بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى بىرلىكتە شاھيار، توقسۇ ئەتراپلىرىدا بەزى قارشىلىق ھەركەتلىرى، پۇل بۇلاش ئىشلىرىنى قىلغان ئىدى. پۇل، ئىنقىلاپنىڭ مەبلىخى قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر لازىم ئىدى. بۇلاردىن ئابدۇلھەمىد قارىنىڭ يېشى 27لەردە بولۇپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان، خۇددى ئىدرىسخانغا ئوخشاش يېڭىلا دادا بولغان يىگىت ئىدى. باشقىلىرى تېخى توي قىلمىغان نەۋقىرانلار ئىدى. ئۇلار خۇددى كۈندە بىرگە ئىچىشىپ تۇرۇدۇغان لۈكچەك بالىلاردەك نايناق ھەركەتلەر بىلەن كۆرۈشتى.

سىلە كۆپ ساقلاپ كەتتىڭلاما يا؟ قاچان كەلگەنتىڭلا؟ دەپ سورىدى ئىدرىسخان كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن. ئەمما شۇئان ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىر ۋەھىمە ھۇجۇم قىلدى: »نەقەدەر نادان خەلقمىز-ھە؟ شۇئاندا ئۈستۈمۈزدىنلا باسىدىغان بولسا بىرلا نۆۋەتتە ئالتە ئەركەك تۈگىدى، دېگەن گەپ-تە! مۇشۇنداقمۇ قاراملىق بولامدۇ؟ يالغۇز-يالغۇزدىن كۆرۈشۈدىغان ئىشكەندۇق. ھازىر قاغىلىق بازىرى، غەيرى-غەيرى دىۋانىلە، دەرۋىشلە، تىجارەتچىلە، يەنە ئاللىقانداق سالاھىيەتتىكى تىڭ-تىڭچىلا بىلەن تولاپ كەتكەن تۇسا، ھېلىمۇ ئاللاھ ساقلاپتا«.

بىز تۈنۈگۈن كەلدۇق، تۈنۈگۈن كېلىپلا بۇ يەرگە بىر يولۇقۇپ بېقىپ، سارايغا كەتكەن، بۈگۈن يەنە بىر كەپ باقايلى دەپ كەلگەنتۇق، دەپ جاۋاپ بەردى ئابدۇلھەمىد قارى.

ھەممىڭلار بىللە كەلدىڭلارمۇ؟ ياكى بۇ يەردە تېپىشتىڭلارمۇ؟

كۇچاردا تېپىشىپ، بىللە كەلدۇق.

بىللە يېتىۋاتامسىلەر؟

ھەئە، ساددا بالىلار ھىچنەرسە ئويلىمايلا جاۋاپ بېرەتتى.

ئەمما ئىدرىسخان بۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە يېشى چوڭراق بولغاچمىكىن ياكى كىچىكىدىن تولا ئويلايدىغان، بولغاچمىكىن، ياكى بىرقانچە كىتاپنى ئارتۇق ئوقۇغاننىڭ خاسىيىتىمىكىن، دايىملا تەپەككۈر قىلىپ تۇراتتى. ھەر ھەرىكىتى، سۆزى توغرىسىدا ئويلاپ، ئۇنىڭدا خاتالار، يوچۇقلار بار-يوقلۇقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ تۇراتتى. شۇئان يەنە ئۇ قورقۇپ كەتتى. »قارىمامسىلەر، بۇلارنى خىتايلار ئىزدەپ يۈرۈۋاتسا، كۇچاردىلا تېپىشىپ، بىللە كەپتۇ! يەنە تېخى بىللە يېتىپتۇ! بۇ يەردىمۇ توپلۇشۇپ ئولتۇرۇپتۇ! ئاھ ئاللاھ، سۇبھان ۋەتائالا، بىزلەرگە ئىشىمىزغا لازىملىق ئىلىم ئاتا قىلغايسەن، دۈشمەنلىرىمىزنى غەپلەتتە قالدۇرغايسەن!...«

بۈگۈن ئاخشام بۇ ئادرېسقا بېرىڭلار، ئۇ ئېڭىشىپ تۇرۇپ پىچىرلىدى، بەك كېچە بولۇپ كەتسە كوچىدا چارلايدىغانلار گەپ سوراپ قالسا، كۇچاچە گېپىڭلار دەرھال چېنىپ قالۇدۇ، ھازىر بۇ يەردىن چىقىپلا شۇ يەرگە بېرىڭلا، ئاندىن خالادىمۇ، بىريەلەدە خۇپتەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئۆيگە چىرىڭلا، دېدى ئۇ ئۆزىچە بىر ئاز تەدبىر قىلىپ.

ھازىر ماڭايلىمۇ؟

يەنە بىر ھەمرىيىمىز با، شۇ كەلسۇنمىكىن، ھە، ياق، سىلە مېڭىۋېرىڭلا، مەن ئۆزەم ساقلاي، دېدى ئۇ.

بۇرادەرلەرنىڭ چىقىپ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك بىردىنلا بىر چالا تونۇش يىگىت پەيدا بولدى:

سالامۇئەلەيكۇم، ئىدرىسخان، دېدى ئۇ قۇلىقىغا ئېڭىشىپ پىچىرلاپ، مەن ئاشۇ K بولۇمەن. ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلدىلىمۇ؟ بۇ يەردە بەك ئۇزاق تۇغىلى بوممايدا جۇما.

قىلدىم، ئەتە سەھەردە ماڭساق بولۇدۇ.

ئەمىسە مەن باشقا تەييارلىقنى قىلاي، قەيەردە؟

ئىدرىسخان ئادرېسنى پىچىرلىدى.

بولۇدۇ، سىلى كېتىۋەسىلە، ئاشۇ يەدە كۆرۈشىلى، ئۇ شۇنداق دېدى-دە دەرھال چىقىپ كەتتى.

ئىدرىسخان ئادىتى بويىچە يەنە خىيالغا كەتتى. يولدا كېتىۋېتىپ ئاشۇ ئىسمىنى مەلۇم قىلمىغان يىگىتنى ئويلىدى. »ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ ئادەممىدۇ؟ ياكى مەلۇماتتىن يوچۇق چىققان بولسا، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ ئادىمى سەپلىنىۋالغانمىدۇ؟ ئەجەپ دەرھاللا ئىشىنىپ كېتىپتىمەنا! ۋاي، ئاللاھ، شۇ بىز خەقنىڭ مۇشۇ ساددىلىقىمىز شۇنچە بېشىمىزغا چىقسىمۇ يەنە ئۆزگەرمەيدىكەنمىزغۇ-تاڭ«. ئۇ بۇ ناتونۇش يىگىتنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەردە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىدىكى سەۋەپنى چۈشۈنۈپ بېقىشقا تىرىشتى. ئىلگىرىلىرى سەبداشلاردىن بەزىلەر چەتئەلگە قاچۇرۇلغان ئىدى. شۇ چاغلاردىكى مىش-مىشلاردا قاغىلىقلىق بىر يىگىت يوللارنى ئوبدان بىلەرمىشكەن. ئۇ تاغدا كۆپ يۈرگەچكە خېلى تەجرىبىسى بارىكەن. ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ ھەركەتلەرگە قاتنىشىپ، ئامان قالغان، بىردىن بىر قورقۇمسىز يىگىتمىش. بەلكىم بۇ ئاشۇ يىگىت بولۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ گورۇپتىكىلەرنىڭ ھىچبىرى كۆكيانىڭ ئۇ يېقىغا ئۆتۈپ باقمىغان تۇسا، بۇ ھىسابى يوق تاغلارنىڭ ئارىسىدا ئېزىپ قالماستىن چېگرىنى تېپىشى مۈمكىنما؟

تالادا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى. ئۇ خۇپتەننى مەسجىدتە ئوقۇيمۇ-قانداق دەپ بىردەم ئىككىلەندى. ئەمما دەرھال: »ياق، بوممايدىكەن، مەن مەجىدنىڭ ئۆيىدە كۈتۈپ تۇمىسام، مەجىد باللىنى تونۇمايدۇ ئەمەسما، چاتاق چىقمىسۇن« دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈرۈپ، دەرھال دوستىنىڭ ئۆيىگە يول ئالدى. مەجىد ئۇنى كۈتۈپلا تۇرغاندەك ئىشكنى چېكە-چەكمەيلا ئاچتى. ئۇنىڭ ساراسىمىلىك چىرايىدىن قورقۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. تىت-تىت بولۇپ، قولى ئىشقا بارماي، ئوتتۇرىدا گاڭسادەك چۆگۈلەپ يۈرگەنلىكىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئىدرىسخاننىڭمۇ ئىچىگە قورقۇنۇچ چۈشتى. »ما ئاداش نىماندا قىلىدىغاندا؟ يېنىۋالامدۇ-نېمە؟« تېزراق ۋاقىت بولسا، يولغا چىقىپ كەتسە ئىش تۈگەيتى، مانا مۇشۇنداق كۈتۈش جاننى سىقىدۇ-دە!

خۇپتەنگە ئەزەن ئېيتىلىپ، بۇ ئىككەيلەن بىرلىكتە نامازلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىشك ئارقا-ئارقىدىن چېكىلىپ، بالىلار كىرىپ كېلىشتى. مەجىد تۇراپنىڭ بۇيرۇتمىسى بىلەن ئايالى بىر قازان سۈيقاش قىلغان ئىدى. نان-پان چىلاپ ئىچىۋېلىشتى. ئاندىن ئىدرىسخان ئۇلارغا:

خۇپتەن ئوقۇمىغان بولساڭلا ئوقۇۋېلىڭلا، ئاندىن ئىشىمىز با، دېدى.

ئۇلار ناماز ئوۇۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى نامەلۇم سەبدىشىمۇ كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ قولىدىمۇ ئېغىر بىر سومكا بارىدى.

نامازدىن كېيىن ئۇلار تىۋىشسىز ھالدا ماشىنا ئۈستىگە چىقىپ، گۈرۈچ تاغارلىرىنى پەسكە چۈشۈردى. يېرىمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن قالغان تاغارلارنى كوزۇپنى ئايلاندۇرۇپ تىزىپ، ئوتتۇرىنى بىكار قويۇشتى. ئىككى قاتار تاغار تىزىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن بىرنەچچە تال كالتەكنى ئىككى تەرەپتىكى تاغارلارغا چىشلىتىپ، ئىشكبېشى شەكلىدە قويغاندىن كېيىن، ئۈستىگە قالغان تاغارلارنى قويۇپ، ھېلىقى بوشلۇقنىڭ ئۈستىنى يېپىشتى. ئالدى تەرەپتىن بىر ئادەم پاتقۇدەك، بىر تاغار بىلەن يېپىلغۇدەك كىرىش ئېغىزى قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىدرىسخان مەجىد تۇراپقا:

قانداق قىلىمىز؟ ھازىرلا چىرىۋالىمىزما؟ دېدى.

ھەئە، ھازىرلا. بامداتنى ئوقۇپلا ماڭىدىغىنىمنى قوشنىلارمۇ بىلىدۇ، مېڭىشىم كېرەك، ئۇ چاغقىچە ما يەنى ئوچۇق قويساق ھالىمادىس بىرەسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالسا بوممايدا، دېدى ئۇ.

شۇنىڭ بىلەن K ئۇلارغا:

  راست دەيدۇ، تېچلىق ئەۋزەل ھازىرلا كىرەيلى، دېدى. ئۇنىڭ بۇ سەپەردە ئەمىر ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ھىچكىم ھىچنېمە دېمىدى. ئۇلار سومكىلىرى بىلەن بىللە تۆشۈكتىن ئىچىگە كىرىپ، ئاستىدىكى ئاشۇ باشنى كۆتۈرگىلى بولمايدىغان، پەقەت سوزۇلۇپلا يېتىشقا بولۇدۇغان تارچۇققا كىرىشكە باشلىغانىدى، ئەمىر Kبۇ قەدەر يوغان سومكىلار بىلەن ھەم بۇ كىچىككىنە بوشلۇققا يەتتە ئادەمنىڭ پاتمايدىغانلىقىنى، ھەم ئۇزاققا سوزۇلغان تاغ يولىدا بۇنچىۋالا يۈك بىلەن پىيادە مېڭىشمۇ مۈشكۈللۈكىنى بىلگەچكە، بالىلارنى توختاتتى، توختاڭلا، باللا، بۇ سومكىلا بىلەن بۇنىڭ ئىچىدە تىقىلىپ قالىمىز، ھەممەڭلار سومكاڭلارنى تۆكۈڭلا، مەن نېمىنىڭ لازىم، نېمىنىڭ لازىم ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بېرىمەن، لازىم بولمايدىغان نەرسەڭلا ھەرقانچە قىممەتلىك بوسىمۇ تاشلايسىلە! دېدى.

ھىچكىم قارشى گەپ قىلمىدى، چۈنكى بۇ بۇيرۇق ئىدى ھەم زۆرۈرىيەت ئىدى. ئاندىن K ئۆزىنىڭ سومكىسى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ:

مېنىڭكىسىدە ھەممەيلەنگە كېرەكلىك نەرسىلە با، شۇڭا بۇ نېمىشقا ئۆزى بىكا قىممايدىغاندۇ دەپقامماڭلا، دېدى.

 يەتتە ئاەم ئۈچۈن بۇ يەر تولىمۇ تارلىق قىلاتتى، بىراق ئىككى قېتىم توشۇشنىڭ ئىمكانى بولمىغاچقا ئۇلار بۇ يەرگە توغرىسىغا تىزىلدى. بۇ تىزىلىشتا پۇت-قولنى يىغىپ تۈگۈلۈۋېلىش كېرەك ئىدى، شۇندىلا ئاران پاتاتتى. ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن مەجىد تۇراپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇزۇن سەپەردە قانچىلىك قىينىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئىچى ئاغرىپ كەتتى.

بولدىمۇ، باللا؟ ئاغزىنى ئېتەيمۇ؟ دەپ سورىدى ئۇ قىيمىغاندەك ئاۋازدا.

ئەتسىلە، ئەمما خاپا بومماي، ھازىرلا ماڭسىلا، ۋاقىت ئۇزۇراپ كەتسە بىز بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ قالىدىغاندەك قىلىمىز، دېدى K.

ئۇلارنىڭ نېمە بولۇشىنى ئاللىقاچان ئەقلىگە كەلتۈرۈپ بولغان مەجىد تۇراپ ئەتتىگەنگىچە بۇلارنى ئارتۇق ئازاپلىغاندىن كۆرە يولغا چىقىپ كېتىشنى ئۆزىمۇ ئويلاپ تۇراتتى. شۇڭا دەرھال مېڭىشقا ماقۇل بولۇپ، تاغارنى ئوچۇق يەرگە يۇمۇلۇتۇپ ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئۆيىگە خوشلۇشۇش ۋە سەپەردە كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى.

 

قان قىرغاق

1

 

قەدىمىي لاداق كارۋان يولىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان قاغىلىق-تىبەت تاشيولى دۇنيادا داڭقىسى بار خەتەرلىك يوللارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى بولسا كېرەك. ئۇزاق قەدىم زامانلاردا بۇ يوللاردا ئاتلىق، ياياق ھىندىستانغا، كەشمىرگە، ئەرەبىستانغا ھەجگە ماڭغان ئەجداتلىرىمىزدىن قانچىلار مانا مۇشۇ يوللاردا شېھىت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا يول دېگۈدەكقۇ يولمۇ يوقىدى، پەقەت كارۋان ئۇلاغلىرىنىڭ مېڭىۋېرىشىدىن شەكىللەنگەن تۇتۇق ئىز يول دەپ ئاتىلاتتى. مانا شۇ ئىزلاردا ئىنسانلار ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مېڭىپ، يارغا يىقىلغانلارنى يەرلىكسىز، تاشلار بىلەن كۆمۈپ داۋام قىلىۋەرگەن ئىدى. سۇلتان سۇتۇق تەختكە چىقىپ، كەشمىرگە قوشۇن تارتقاندا مۇشۇ يولدىن ماڭغان...

ئەمدىلىكتە ئۆزلىرىنى »خەلقنىڭ غەمگۈزارلىرى« دەپ سۈپەتلىۋالغان كوممۇنىست خىتايلارمۇ بۇ يەردە ھىچقانداق »سوتيالىزمنىڭ داغدام يولى«نى  ياسىۋەتكىنى يوق. يولنىڭ خەتەرلىك ئەگىملىرى، تىكلىك گرادۇسىدا ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغاچقا، يول يەنىلا ئەجەل بىلەن ئېلىشىش مەيدانى بولۇشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. قوزايايلاق ئوچاستىكىسىدىن چىققىنىڭىزدىن كېيىنلا بۇلۇتلارغا تاقاشقان تىك داۋان باشلىنىدۇ، بۇ ئاقاز داۋىنى دەپ ئاتىلىدىغان داۋان. داۋاننىڭ تىكلىكىدىن 10 كلومېتېرلىق سۈرئەت بىلەن تاشپاقىچە ئۆمۈلەپ بۇ داۋانغا ياماشقاندا، خۇددى يىلاننىڭ سويلىشىدەك ئەگىلىپ، ھەر مىنۇت يۇمۇلاپ چۈشۈش خەۋپى ئاستىدا داۋانغا چىقىدىغان گەپ. داۋاننىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى، ھەرزامان چىقماقتىن چۈشمەك تەس! يەنە ئاشۇنداق تۈگىمەس ئەگىشلەردىن نەچچىنى ئەگىپ، خۇددى پىلسىراتتىن ئۆتۈۋاتقاندەك قورقۇنۇچ ۋە ئىھتىيات بىلەن تۆۋەنگە چۈشكىنىڭىزدە  ئاقاز ئوچاستىكىسىغا كېلىسىز. ئاقاز ئوچاستىكىسى خالاستان دەرياسىنىڭ بويىدا بولۇپ، دەريا ئاقاز داۋاننىڭ غەربىي جەنۇپ ئېتىكىدە شىددەت بىلەن ئاقىدۇ. شۇندىن كېيىن يول ئاسراش نۇقتىلىرى دەريانى بويلاپ، خۇددى دەريا ۋە يولنى ئېشىپ قىلىنغان يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مارجانلاردەك، كۈدە، جۇداق، قارا كۆۋرۈك نۇقتىلىرى چېلىقىدۇ. يول دەريادىن ئايرىلىپ غەرپكە ئەگىپ، تەخمىنەن ئونبەش كىلومېتېر (تۈز سىزىق بويىچە)، ئەمەلىيەتتە تاغ ئەگىملىرى بىلەن يەنىمۇ ئۇزۇنراق مۇساپىدىن كېيىن جەنۇپقا بۇرۇلۇدۇ. ئەنە شۇ بۇرۇلۇشنىڭ دوقمۇشىغا جايلاشقان يول ئاسراش نۇقتىسى سېرىق داۋان دېيىلىدۇ. ئەمما بۇ يەرنىڭ يەنە »قان قىرغاق« دېگەن ئاجايىپ نامىمۇ بار.

قان قىرغاق! قانلىق قىرغاق، قان بىلەن بويالغان قىرغاق دېمەكتۇر. بۇ يەرنىڭ بۇ نامنى ئېلىشىدا ئالاھىدە بىر ھىكايىسى بار.  1980-يىللارنىڭ بېشىدا ۋەتىنىمىزدە تارقالغان »قوتاز ۋەقەسى«نى ئاڭلىغان بولغىيدىڭىز؟ بىر خىتاي ئەسكىرى يەرلىكنىڭ قوتىزىنى ئېتىپتۇ، ھاي دېگىنى ئۈچۈن ئىگىسىنى ئېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىغان بولسىڭىز مانا شۇ ۋەقەدە بۇ يەر ئەنە شۇنداق دەھشەت چېچىپ تۇرۇدىغان بىر نامنى ئالغان ئىدى. ۋەقە ئاڭلىغىنىڭىزدىن تېخىمۇ دەھشەتلىكراق بولۇپ، قۇربان ھاپىز ئابدۇللاھ بىزلەرگە ئۇقۇلغىنىدەك ئۆزىنىڭ كالىسىنى دەپ ئەمەس، كوللىكتىپ (ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى)نىڭ كالىسىنى دەپ قۇربان بولغانلىقى مەسىلىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ پىسخولۇگىيىلىك مەنا قاتلاملىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

تىبەتكە قاتنايدىغان، كۇچاردا تۇرۇشلۇق يۈك ئاپتوموبىلى قىسىملىرى مانا ئاشۇ جەھەننەمگە مەنىداش بولۇپ كەتكەن تاشيولدا ماڭاتتى. تاشيول ئۇيغۇر ئىشچىلار تەرىپىدىن ئاسرىلاتتى. چۈنكى »ياردەمگە چىققان« خىتايلار بۇنداق يەردە ئىشلەشنى خالامدۇ؟ بۇ يەرلەردە ئىشلەيدىغانلار ئەللىك ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرەلمەيتى؛ ئىگىز ھاۋا بوشلۇقى كېسىلى تۈپەيلى ئۆلۈم يىتىم بولۇپلا تۇراتتى. ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكتىن، ئاغزى-بۇرنىدىن قان كېتىپ ئۆلۈش، كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا روي بېرەتتى. بۇنداق بىر يەردە خىتاي ئىشلەمدۇ؟ قاراقۇرۇم تاغلىرى دېگەندە ئىنسانلار كۆز ئالدىغا قانداق تاغنى كەلتۈرىدىكىن؟ بۇ تاغلاردا باشقا تاغلاردىكىدەك تاغ چاتقاللىرى، ئارچا، قارىغاي دېگەندەك دەرەخلەر، ئومۇمەن ياغاچ غوللۇق ھىچنەرسە ئۆسمەيدىغان، ئاندا-ساندا قۇرغاق كېلىمات سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈدىغان، شۇندىمۇ بەك شالاڭ، ئۇزاق-ئۇزاق ئارىلىقلاردا بىرەر تال ئۇچرايدىغان، سىپ-سىدام، كۆيۈك تۇپراقلىق بىر تاغ. تاغنىڭ تاشلىرىمۇ خۇددى كۆيۈپ كەتكەندەك قارا. تاغنىڭ سىداملىقى، تىك قىيالار، ئۆڭكۈرلەر،... بولماسلىقى، تاغنىڭ يانباغرلىرىدا بىر قاغا بولسا ئۇزاقلاردىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇدۇغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

بۇنداق بىر تەبىئىي شارائىتتا، شۇ يەرگە ماسلاشقان ھايۋانلارلا ياشىيالايتى. بولۇپمۇ قوتاز، پەقەت قوتازلا بۇ ھاۋا شارائىتىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ھايۋان ئىدى. شۇڭا قاغىلىق 2- چارۋىچىلىق مەيدانى بۇ يەرلەردە قوتاز باقاتتى. قوتاز باقىدىغانلارمۇ تاشيول ئىشچىلىرىغا ئوخشاش ساپلا ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپاتتى. مانا شۇ قوتازلار 1982-يىلى 2-ئاۋغۇستتا »ئازاتلىق ئارمىيە« تەرىپىدىن »ئوۋلانغان« ئىدى. ئەسكەرلەرنىڭ قوتازنى ئېتىپ، ماشىنىغا بېسىۋاتقانلىقىنى ئۇزاقتىن كۆرگەن پادىچى، »دۆلەت مۈلكى«نى قوغداش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئاتلانسىمۇ، ماشىنىغا يېتىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ئاتلىق تۈز كېسىپ، قىسقا يولدىن ئۇدۇللاپ چېپىپ، سېرىق داۋان يول ئاسراش نۇقتىسىغا كېلىپ، نۇ نۇقتىنىڭ مەسئۇلى ئونبېشى (بەنجاڭ) ھاپىز ئابدۇللاھقا ئەھۋالنى بايان قىلدى. ساپ نىيەت، ساددا دىللىق بۇ ئادەملەر »تاغار باينىڭ، ئېشەك باينىڭ، يىقىلسا يۆلۈمەيمەن، ئۆلسە تۆلۈمەيمەن« دېگەن پوزىتسىيە تۇتسىمۇ، »قوتازمۇ خىتاينىڭ، ئوغۇرلىغانمۇ خىتاي، ماڭا نېمە؟« دېسىمۇ بولۇدۇغان. »سەن نېمىشكە قاراپ تۇرۇپ كارىڭ بولمايدۇ؟« دەيدىغان بېشىدا قاراپ تۇرغان خىتاي يوق ئىدى، ئەمما ساددىلىقى تۈپەيلى، كوللىكتىپنىڭ مۈلكىنى قوغداش ساداقىتى بىلەن مەيدىسىنى كېرىپ چىقىشقانىدى. يەنە كېلىپ، ھاپىز ئابدۇللاھ تاشيولچى ئىدى، »قوتاز بىلەن نېمە ئىشىم؟« دېيىشكە تامامەن ھەقلىق ئىدى. ئەمما، ئاشۇ ئونبېشىلىق ئەمەل ئۇنىڭغا گويا بۇ »كوللىكتىپ« دېگەننى، بۇ »ھۆكۈمەت« دېيىلگەن تاجاۋۇزچى گورۇھنى »ئۆز« قىلغان ئىدى. ئۆزىنى بۇ ئاتاقنى ئىلتىپات قىلغان بۇ ھۆكۈمران گورۇھنىڭ بىر پارچىسىدەك ساددا ھىسىياتقا كەلتۈرگەنىدى. ئاشۇنچىلىك بىر ئاتاق ئۇنىڭغا جاننى ئالقانغا ئېلىشقا يەتكۈدەك مەسئۇلىيەت يۈكلىگەن ئىدى. ئۇ نەدىن بىلسۇنكى، بۇ خىتاي دېگەننىڭ نەقەدەر رەزىللىكىنى؟ »خاتا ھالدا ياۋا قوتازنى ئوۋلىدۇق دەپ قىلىپ سالغان بولسا، خاتا قىلغىنىنى، بۇنىڭ ياۋا قوتاز ئەمەسلىكىنى بىلگەن ھامان، ئەپۇ سوراش ئارىلاش قوتازنى چۈشۈرۈپ بېرىپ كېتىدۇ، چۈنكى، ئۇلار دېگەن جەپاڭجۈن تۇرسا« دەپ ئويلاپ قالغانلىقى چوقۇم.

ھاپىز ئابدۇللاھ بايراقنى چىقىرىپ ئەسكەر ماشىنىلىرىنى توستى. ماشىنىلار ئارقىمۇ-ئارقا تىزىلىپ توختاشتى. ھاپىز بەنجاڭ ئۆزىگە خۇددى بىر قوماندان ئىدى، ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ھىچكىم يىرالمايدىغاندەك، يىرغانلارغىمۇ تېتىيالايدىغاندەك ئەخمىقانە بىر ھىسمۇ يوق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ ئويلايتىكى، ئۇ ھەق تەرەپتارى ئىدى؛ كوللىكتىپنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتاتتى؛ بۇنىڭغا كىم غىڭ قىلالايتى؟ شۇڭا ئىشەنچ بىلەن، قوتاز يۈكلەنگەن گاۋ شۈينىڭ ماشىنىسىغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ چالا خىتايچىسى بىلەن بۇ ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىسىنى سالاملىدى ۋە ئۇنىڭ خاتا ھالدا ياۋا قوتاز دەپ ئاتقىنى ئەمەلىيەتتە كوللىكتىپنىڭ ئىكەنلىكىنى، ئاتقىنىغا بوپتۇ قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، ئەمما قوتازنى چۈشۈرۈۋېتىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

كىم بىلسۇن، خىتاي، خىتايغا خاس كىبرى بىلەن دىمىقىنى قېقىپ، ياراتماسلىق ئىپادىلەپ، ماشىنىسىنى تەكرار ئوت ئالدۇرۇپ، مېڭىشقا تەمشەلدى. ھاپىز بەنجاڭ، كۆڭلىدە »جەپاڭجۈننىڭ ئىچىدىمۇ ماندا ياغاچ قۇلاقلىرى باكەن-يا؟« دەپ ئويلاپ، دىككىدە سەكرەپ، كاپىنكىگە چىقىدىغان باسقۇچقا چىقىپ، گاۋ شۈي بىلەن روبىرو كەلدى ۋە بۇ بەڭۋاش جەڭچىگە كوللىكتىپنىڭ مۈلكى ھەققىدىكى ئۇلۇغ نەزىرىيىلەردىن ئۆزى بىلىدىغانلىرىنى، كىچىك ۋاقىتلىرىدا مەكتەپتە ئۆگۈتۈلگەن ئازاتلىق ئارمىيە ناخشىلىرىدىن »ئۈچ چوڭ ئىنتىزام، سەككىز دىققەت«نى ئەسلىتىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى »ئاممىنىڭ يىپ-يىڭنىسىنىمۇ ئالماسلىق« دېگەن ماددىنى سۆزلەپ، ئۇنى قايىل قىلماقچى بولۇۋىدى، كىم بىلسۇن، گاۋ خىتاي يېنىدىكى كىلاشىنكوۋ[]نى ئېلىپلا ھاپىز ئابدۇللانىڭ ئاغزىغا تاقىدى. »جەپاڭجۈن دېگەن خەلقنىڭ ئەسكىرى، خەلق جەڭچىسى خەلقنى قۇتقۇزۇدۇغان تۇرسا، خەلقنى ئاتامدۇ؟« دېگەنگە قەتئىي ئىشىنىشكە ئۆگۈتۈلگەن ھاپىز بەنجاڭ، گاۋنىڭ بۇ قىلمىشىنى چاخچاق ھىسابىدا كۆرۈپ، ئېڭىكى ئاستىغا كىلاشنىكوۋنىڭ ستۋولى تاقالغان ھالدا يەنىلا ئۆز گېپىنى تەكرارلىدى.

گاۋ خىتاينىڭ دىلىدىكى شوۋىنىست ئوتلار لاۋۇلداپ، ئۆزىگە تاجاۋۇزچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن شوۋىنىستلىق تەربىيە ئۆز رولىنى كۆرسۈتۈپ، كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىت ئىچىدە بىر جاسارەت ئۇرغۇدى-دە، ئاشۇ جاسارەت تۈرتكىسىدە ئاپتوماتنىڭ تەپكىسىنى بېسىۋەتتى! 30 تال ئوق سىغىدىغان دىسكىدا قوتاز ئېتىشتىن ئېشىپ قالغان 27 پاي ئوق بارىدى. ئاپتوماتنىڭ تاللاش كونۇپكىسى ئۈلگۈجە ئېتىش نۇقتىسىدا بولغاچقا 27 پاي ئوق بىر نەچچە سېكونت ئىچىدە چىقىپ بولدى. چىقىپ بولدى! نەقەدەر ئاددىي گەپ-ھە؟ چىقىپ بولدى! ئەمما ھاۋا بوشلۇقىغا ئەمەس، دەل ھاپىز ئابدۇللاھ بەنجاڭنىڭ بېشىغا! ئاغزى تەرەپتىن كىرگەن ئوقلار ئۇنىڭ باش سۆڭىگىنى پاختا ئاتقاندەك ئېتىپ، پۈتۈن ئەتراپقا توزۇتۇپ چېچىۋەتتى! سېرىق داۋان تاشيول ئاسراش نۇقتىسى بەنجاڭنىڭ قان، مېڭىسىنىڭ قېتىقى، گۆش ۋە ئۇستىخانلىرىنىڭ ئۇگۇتۇلغان پارچىلىرى بىلەن بويۇلۇپ كەتتى! ھەر تاش، يولنىڭ ھەر سانتىمېتېر يۈزى، ئىشچى ياتاقلىرىنىڭ تاملىرى مېڭە قېتىقى ۋە قىزىل قان بىلەن بويالدى! ئەگەر ھاپىز ئابدۇللاھ كوللىكتىپنىڭ مۈلكىنى بىرەر ئۇيغۇر بۇزۇق ئۇنسۇردىن قوغدايمەن دەپ بۇ ھالغا كەلگەن بولسا ئىدى، ئۇ قەھرىمان بولۇپ گېزىتلەردە تەشۋىق قىلىنغان بولاتتى. ئەمما ئۇ »ئازاتلىق ئارمىيە«دىن قوغدىماقچى بولدى. ئەمدى نېمە بولار؟

گاۋ شۈي خىتاي ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ باشسىز گەۋدىسى يول ئۈستىگە ئوڭدىسىغا يىقىلغاندىن كېيىن، خاتىرىجەم ھالدا ماشىنىسىنى خوتقا سېلىپ، يولغا ئاتلاندى! ئەسلىدە ئىنتايىن قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز كېلىدىغان خىتاينىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلىشىنى بىر چەتتە قويۇپ تۇرايلى، بۇ نورمال بولمىغان ئۆلتۈرۈشتىن، كۆرگەن ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرۈدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان پەۋقۇلئاددە ۋەھشىيلىك سەھنىسىدىن ھىچ قانداق ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويماي، مەڭدەپ كەتمەي، خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك ماشىنىنى ھەيدەپ كېتەلىشىدىن بۇنىڭ ئاستىدا ياتقان تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر مەنانى چۈشۈنۈۋېلىشقا بولاتتى: ئۆلگۈچى خىتاينىڭ نەزىرىدە ئادەم ئەمەس ئىدى!

بۇ ۋەقە قانداق بىر تەرەپ قىلىنغاندۇ؟ بۇ تاشيول ئاسراش نۇقتىسىدىكىلەر ھاپىز بەنجاڭنىڭ ئىشداشلىرى بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالغاندۇ؟

ئىككى سوئالنىڭ جاۋاپلىرىنى ئومۇمىي مەنتىقە بويىچە پەرەز قىلغىلىمۇ بولۇدۇ. خىتايدەك بۇنداق ئادالەت تۇيغۇسىدىن مەھرۇم، يىرتقۇچ تەبىئەت، نومۇسنى بىلمەيدىغان بىر مىللەتنىڭ مەنتىقىسى بويىچە ھەر كىم ھىس قىلالايدۇكى، ئومۇمنىڭ مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆزىنى پىدا قىلغان ھاپىز بەنجاڭ بىر چىۋىنچىلىكمۇ قەدىر قىممەتسىز كەتكەن بولۇدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغىمۇ خۇددى چىۋىننى ئۆلتۈرگەن ئادەم قاتىل ھىساپلانمىغاندەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتىمۇ خۇددى شۇنداق بولدى. ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ باشسىز گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىشلارنىڭ ھىچقانداق رولى بولمىدى. ھەتتا خىتايلار گاۋشۈينى ھەربىي سوتتىن ئېلىپ قاچتى. بۇ ئەسلىدە خىتاي ھەربىي سوتىغا قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ، ئۇنىڭ قاتىللىقى بىر ياندا تۇرسۇن، قاتىلنى سوتتىن ئېلىپ قاچقانلارنىڭمۇ سوتقا ھاقارەت كەلتۈرگەن جىنايىتى ئۈچۈن جازالىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما نېمە ئامال؟ خىتاي دېگەن شۇ: نومۇس، ۋىجدان دېگەنلەرگە ناتونۇش بولغان بۇ مىللەت بۇ ئىشتا بېزىرىۋېلىش، داۋانى كونارتىپ، قىزغىنلىقنى پەسەيتىش، داۋاگەرلەرنى زېرىكتۈرۈش تاكتىكىسى ئىشلىتىشتى. ھەتتا قەشقەر يېڭىشەردىكى خىتاي پۇخرالىرى نامايىش قىلىشتى. ئادالەت ئۈچۈنمۇ؟ ياق، قاتىل ئۈچۈن! يەنى، قاتىلنى جازالىماسلىق تەلىپى بىلەن! ئۇلارنىڭ شۇئارى شۇ ئىدى: ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش ئاخىرقى نىشانىمىزغۇ؟ بىر ئاز بۇرۇن قول سالسا نېمىسى خاتا؟

مانا شۇنداق قىلىپ، قاتىلنى جازالاشنىڭ شەكلى ئۆزگۈرۈپ، »مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەربىيىسى«، »ئارمىيە خەلق ئىتتىپاقى تەربىيىسى« تولا ئىشلىنىپ، پەقەت خىتاي مىللىتىگىلا خاس بولغان بىزەڭلىك، زېرىكمەي زېرىكتۈرۈشتەك بۇدۇشقاقلىق بىلەن، ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ ئانىسى قەمبەرخاننىڭ بېشى ئاغرىتىۋېرىلىش نەتىجىسىدە، ئىزا دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ھىچ بىلمەيدىغان كوممۇنىست خىتايلارنىڭ »شىنجاڭ گېزىتى« 1985-يىلى 5- ئاۋغۇستتىكى سانىدا نومۇسسىزلىقنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى ئۈچۈن مىسال بولۇپ، جىنىس رېكورد قامۇسىغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر يالغاننى باستى: »ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ ئانىسى قاتىلنى ئۆلتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى، ئۇنى ئۆز ئوغلى ئورنىدا بېقىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى«!

ئەمدى ئىككىنچى سوئال ھاپىز بەنجاڭنىڭ ئىشداشلىرى ياكى شۇنىڭدەك بارلىق خىزمەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالغاندۇ؟ دېگەنگە كەلسەك، بۇمۇ ئۆز مەنتىقىسى بويىچە بولدى. خەلق ساددا ئىدى، ئۆز خەلقىمىز بولغىنى ئۈچۈن ساددا دېدۇق، ئەسلىدە »ئەخمەق بولغاچقا« دېسەك تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلەتتى. بۇنىڭدىن »خىتاي دېگەن بەرىبىر بىز خەقنى ئادەم ھىساپلىمايدىكەن، بۇ خەققە ھەلا دەپ قويۇپ ئىشىمىزنى قىلساق بولۇدۇكەن، ئۇنىڭ ئىشىغا جان كۆيدۈرۈپ كەتكەنننىڭ پايدىسى يوقكەن« دېگەن ساۋاقنى ئېلىشى مۈمكىنمۇ؟ ھىچ مۈمكىن ئەمەسىدى.

ئۇلار دەسلەپكى قىزغىنلىقلىرى بىلەن بۇ ئوچاستىكىغا بىر سىمۋوللۇق قەۋرە قاتۇرۇشتى. گەرچە ھاپىز ئابدۇللاھ يۇرتىغا ئاپىرىپ دەپنە قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقەنى ئۇنۇتماسلىق ئۈچۈن، قان بىلەن بويالغان تاشلاردىن قەۋرە قاتۇرۇشقا كۈچى يەتتى. شۇنداقلا بۇ يەرنىڭ ئىسمىنى »قان قىرغاق« دەپ ئالماشتۇردى. ئەمما خىتاي دېگەن ھەرقانداق ئۇششاق چۈششەك ئىشلارغىمۇ ئەھمىيەتسىز نەزەردە قارىمايدىغان چىڭگىس مىللەت بولغاچقا، قەۋرە ۋە يېڭى ئىسىمنىڭ بۇ ۋەقەنى ئەسلىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك تەربىيىسى بېرىدىغان، ئەۋلاتلارنى ئۇنۇتماسلىققا چاقىرىدىغان رولىنى بايقىماي قالمايتى. شۇڭا قەۋرىنى مەجبۇرىي چېقىۋەتتى. ياساش-چېقىش بىرنەچچە قېتىم تەكرارلاندى. ئاخىرىدا بۇلارغىمۇ بىر خىزمەت گورۇپپىسى كەلدى ۋە ئۇلارنى تولا قىستاپ، ئىپادە بىلدۈرۈشكە زورلاپ، ... ئاخىرىدا قەۋرىنى تەكرار ياسىماسلىققا، سېرىقداۋان دېگەن نامنى تەكرار قوللۇنۇشقا، قان قىرغاق دېگەننى تىلغا ئالماسلىققا ماقۇلغا كەلتۈرۈپ، يازما ئىپادىلىرىنى يازدۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە قەسەميات قىلدۇرۇپ كېتىشتى. مۇشۇ ئاغزاكىي شەپقەتلەر، خىزمەتلەر نەتىجىسىدە ئەمەلىي بىر ۋەقە تېزلا خاتىرىلەردىن ئۆچۈرۈلدى!

ئەخمەق خەلق، بۇ خىتاي دېگەنگە مەڭگۈ نەپرەتلىنىشكە يېتىپ ئاشىدىغان مۇشۇنداق بىر مىسالدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا ئەخمەقلىقىدە، چۆگۈلۈتۈپ قويۇپ بېرىلگەندەك گاڭسالىقىدا قېلىۋەردى. بىر ئېغىز ماختاشقا، ھېلىقىدەك پوققا ئەرزىمەيدىغان ئونبېشىلىقلارغا شاپاشلاشتىن ھىچ توختاپ قالمىدى!

1992-يىلىنىڭ 21-ئاۋغۇستىغا كەلگەندە بولسا، بۇ ئاچچىق ساۋاقلاردىن ھىچ ئىزنامۇ، ئەسەرمۇ قالمىغاچقا ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ »ئونبېشى«لىق »مەنسىپى«گە ۋارىسلىق قىلغان يېڭى بەنجاڭ يىراقتىن قارىسى كۆرۈنگەن ماشىنىنى كۆرۈپلا:

تۇغۇناخۇن، بايراقنى ئاچىقسىلا، ماشىنا كېلىۋاتىدا، دېدى جىددىي ئەستايىدىللىق بىلەن.

مەجىد تۇراپنىڭ ماشىنىسىغۇ، دېدى تۇرغۇناخۇن ماشىنىنى يىراقتىنلا تونۇپ.

مەجىد تۇراپنىڭ بوسا نىم بولۇدا؟ دادامنىڭ بوسىمۇ بى پەقى يوق يا! تۈزۈم دېگەن تۈزۈم، دېدى بەنجاڭ.

تۇرغۇناخۇن ياتاققا كىرىپ كېتىپ چاپسانلا بايراقنى ئېلىپ چىقتى. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا غۇدراپ قويدى:

مەجىد تۇراپ دېگەننى بىلمەمدىلا، ئايدا ئەڭ ئاز تۆرت قېتىم ئۆتەۋاتقان ئادەم تۇسا، ئۇ دېگەن يامان ئىش قىلىدىغان ئادەممۇ ئەمەسقۇ؟

ماندا دېمەيمىز، تۇغۇناخۇن، جۇمۇسۇلا! ماندا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىساق تەشكىلگە قاسى يۈزۈمىز بىلەن جاۋاپ بىيىمىز؟ دېدى بەنجاڭ قاتناش بايرىقىنىڭ قىزىل رەڭلىكىنى كۆتۈرۈپ، ماشىنىغا توختاش ئىشارىسى قىلىۋېتىپ.

 

2

 

گۈرۈچ تاغارلىرىنىڭ ئاستىدا ياتقانلارغا گويا مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا قىيامەت بولغاندەك ئىدى. كېچىنىڭ يېرىمىدا ماشىنا قوزغالغاندىلا مۇشۇنداق بولۇشى بەلگىلىك بولسىمۇ، كېچىنىڭ سالقىنىدا ئاللاھقا شۈكرىكى، يامان ئەمەس دېيىشكە بولۇدۇكەندۇق. ئۇلارغۇ شۇ چاغدىلا قاقشىغىلى تۇرغان، ئەمما ئىدرىسخان بالىلارغا مەدەت بېرىپ:

خۇداغا شۈكرى دەڭلا، باللا، ھازىر تېخى كېچە، كېچىنىڭ سالقىنىدا مۇشۇنچىلىك. ھېلى كۈن چىقىپ، چۈشكە يېقىن بولغاندا قانداق قىلىمىز؟ مانىڭدىن ۋايسىغىلى تۇساق ئۇ چاغدا »بولدى جان ئالساڭمۇ ئال« دەپ چىقىپلا كېتىمىزما؟ دېدى.

شۇندىلا ھەممەيلەن بۇ تەرىپىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، جىم بولۇشتى. يەتتە ئادەم خۇددى ياپسا كەلتۈرۈپ قاچىلىغاندەك جىپىسلا تولدۇرۇلغاچقا، ئارىلىرىدا ئازراقمۇ بوشلۇق يوق ئىدى. تاغارنىڭ، گۈرۈچنىڭ، يەنە كوزۇپ ياغىچىنىڭ ئۆزىگە خاس پۇرىقى نەپەسلەرنى قاقشىتاتتى. بۇغۇ تېخى ياخشىدى، بىر ئازدىن كېيىنلا تەرلەش باشلىنىپ، بەزىلەرنىڭ تېنىدىن چىققان چىدىغۇسىز پۇراق ئۇلار نەپەسلىنىدىغان ھاۋانى تولدۇرۇۋەتتى! مانا شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى رەسمىي باشلانغان بولدى. ئۇلار كۆزى تېڭىپ قويۇلغان قارىغۇ چاشقاندەك نەگە كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتى. پەقەت ئۆزلىرى قاچىلانغان ئاشۇ »ئۆلۈك ساندۇقى«نىڭ ئىچىدە ئەمدى ئۆلۈدىغان بولدۇق، دەپ ئۆلۈمگە تامامەن ھازىرلانغان چاغدا بولسا، چۈش ۋاقتى بولغانلىقىنى بىلىشتى. ئەتتىگەنلا ۋايساشقا باشلىغانلارنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ھالىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەر ھالدا تەس بولمىسا كېرەك. كوزۇپ ئاستىدىكى شالنىڭ بەزى يېرىقلىرىدىن ئازراق يورۇق كۆرۈنەتتى، شۇنداقلا غۇيۇلداپ ئارقا تەرەپكە ئۆتۈۋاتقان يول غۇۋا بىلىنەتتى. يان تەرەپلەردىنمۇ تاغارلارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇچراشقان يەرلىرىدە قالغان كىچىك يوچۇقلاردىن ئازراق يورۇقلۇق كۆرۈنەتتى. ئەمما ئۇ يەردىن ھىچنەرسىنى كۆرگىلى بولمايتى.

ساق بارالمايدىغان ئوخشىمامدۇق؟ دېدى بىرى بوغۇلغان ئاۋازدا، شۇئاندا بۇ يەردە خېمىر بولسا چوقۇم پىشاتتى، دېدى ئۇ نالە قىلىپ.

ئاللاھقا شۈكرى قىلايلى، باللا، دېدى يەنە ئىدرىسخان مەدەت ئىيتىپ، بۇ دوزاق ئۈچۈن بىر كەففارەت، ئاللاھ بىزنىڭ ئەجرىمىزنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بېرىۋاتقان بىر پۇرسەت، باللا. بۇ ئىسسىق، دوزاقتىنمۇ ئىسسىقمىتى؟ ئويلاڭلا، باللا، بىلالنى[]ئويلاڭلا، ئەرەبىستاننىڭ ئاشۇ تۇخۇم پىشىدىغان ئىسسىقىدا قىزىپ كەتكەن تاشلارنى بىلالنىڭ يالىڭاچ قورسۇقىغا ئېلىپ قويۇپ قىينىغان ئەمەسمىدى؟ بۇ ئىسسىق شۇنىڭدىنمۇ يامانمىدۇ؟

ياش يىگىتلەر بىر دەم جىم بولدى. چىدىماي باشقا بىر تاللاش ئىمكانىمۇ يوق ئىدى. پەقەت ئۇلار ھۇشىدىن كەتكەن بولۇشى مۈمكىنكى، ۋايساشلار تامامەن توختاپ قالدى. چېگرا رايون تەۋەسى ھىساپلىنىدىغان ئاقاز داۋانغا ياماشقاندا بولسا يەنە بىر ئاز سالقىنلىغاندەك بولۇپ قېلىشتى. داۋانغا يامىشىۋاتقاندا كۈچۈنۈۋاتقاندەك ماشىنىنىڭ  غىڭىلداپ، تاشپاقىدەك ئاستا مېڭىشى داۋاننىڭ قانچىلىك تىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەتتى. تاغ ھاۋاسى ھەرھالدا سالقىن ئىدى. تاغار تېگىدە ياتقانلار ئۈچۈن ئالاھىدە راھەتتەك بىلىنگىنى پەقەت ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر ئاز پەرقلىق بولغانلىقىلا ئىدى. بولمىسا بۇ تىقىنچىلىقنىڭ ئىچىدىكى ئاللىقاچان سېسىپ كەتكەن ھاۋانى سالقىن دېگىلى بولمايتى. تاغ ئۈستىگە يېقىنلاشقانسېرى بۇرۇن تۆشۈكلىرى ئېچىشىپ، نەپەس سىقىلغاندەك بولۇۋىدى، بۇ تەرەپلەر ھەققىدە بىردىن-بىر مەلۇماتى بولغان K ھەمرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى:

بۇ يەرلەردە تۈتەك بار، ئۇخلاپ قالساڭلار تۈتەك ئېلىپ كېتىدۇ، ھەرگىز ئۇخلىماڭلار.

دېمىسىمۇ بۇ دوزاقتا ئۇخلىغىلى بولاتتىمۇ؟ ھەر كىم ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى ئۇنتۇپ قلېىش ئۈمىدىدە ئۆز خىياللىرىغا غەرق بولۇشقان ئىدى. تەبىئىيكى، ئايالى بولغانلار ئايالى بالىلىرى ھەققىدە شېرىن كەچمىشلىرىنىڭ ۋاراقلىرىنى ۋاراقلاپ، ئەڭ بەختىيار دەملىرىنى قايتىدىن روھەن باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆزىگە ھوزۇر بېرىشكە تىرىشاتتى. ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەرنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق شېرىن خاتىرىلىرى بارىدى. ئېلىشقا پۈتۈشكەن لايىقلىرى، مەكتەپ ھاياتىدا بىللە ئوقۇغان چاغلىرىدا كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەن قىزلار؛ ياكى ئىنقىلاپ سېپىگە قانداق قوشۇلغانلىق جەريانىنى ئەسلىگىنىدە، ئۆزلىرىنىڭ بىلگىسىز، نادان بىر ساياق بالىدىن قانداق ھىدايەت تاپقانلىقى، ئىمانى قانداق كۈچلەنگەنلىكى، قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ مۆمىنلىك ۋە ئىنسانلىق بۇرچىنى تونۇپ يەتكەنلىكى قاتارلىق سىياسىي ھاياتى ئىچىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدىمۇ تالاي ھاياجانلىق مومېنتلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى. ئەمدى مۇشۇنداق بارسا كەلمەس يولغا جابدۇپ كېتىۋاتقاندا بولسا ئاتا-ئانىسىغا، يۇرت ماكانىغا، سۆيگەن ۋە سۆيۈلگەن كىشىلىرىگە قىيماسلىق تۇيغۇسى قىسمەن باش كۆتۈرمەيمۇ قالمىدى. چۈنكى ئادەم دېگەن قان بىلەن گۆشتىن پۈتكەن تۇرسا، ماشىنا بولمىسا، جاپاغا، ئۆلۈم تەھلىكىسىگە دۇچ كەلگەندە ماڭغان يولى ھەققىدە قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ئېلىپ بارمايدۇ دېگىلى بولامدۇ؟ ئەمما ئۇلار »ئەجەبا، خاتا يولغا ماڭغانمىدىم؟ قىلغانلىرىم خاتا بولغاچقا ئاللاھ بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن بېشىمغا بۇ دىشۋارچىلىقنى، غۇربەتكە سۈرۈلۈشنى سالغانمىدۇر؟« دېگەنلىرىنى ئويلىغىنىدا دەرھال جاۋاپلىرى كەسكىن تۈس ئالاتتى: »ياق، بۇ ھەق يول، بۇ ئاللاھ رازى بولۇدۇغان يول، ئاللاھ ئۆزى بۇيرىغان يول. مۈشكۈلاتنىڭ بولۇشى ھەرگىزمۇ يولۇمىزنىڭ خاتاسىدىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىنىڭ ئەجرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن مۈشكۈل سىناقلارغا مۇپتىلا قىلىدىغانلىقىدىن«.

ئوي ئويلاش بىلەن ۋاقىت ھەر ھالدا تېز ئۆتەتتى. ئۇلار ئاقاز داۋاندىن ئېشىپ، ئۇ تەرەپكە ئاقاز يول ئاسراش نۇقتىسىغا چۈشۈپ بولغان ئىدى. بۇنى ئۇلار ماشىنىنىڭ توختىغانلىقىدىنلا ئەمەس، مەجىد تۇراپنىڭ كابىنكىنىڭ ئارقىسىنى »توك-توك« ئۇرۇپ قويۇشىدىنمۇ بىلگەن ئىدى. ماشىنا يېنىغا كەلگەن بىرلىرىنىڭ مەجىد تۇراپ بىلەن سۆزلەشكەنلىرى ئاڭلاندى:

ھە، مىجىتاخۇن يەنە ماڭغان ئوخشىمامدۇق؟ پايدا دېگەن ئادەمنى ئوتتاغۇزمايدا-ھە؟

تىرىكچىلىك، قاندا قىلىمىز؟ تىرىكچىلىك دېمىسەك باللىنىڭ ئىسسىق قوينىدىن ئارىلىپ، مۇشۇ يوللادا مېڭىپ ژۈگۈمىز باما، دەڭلا، سىلىنىڭ مۇشۇ تۈتەكتە، تاغ ئارىسىدا ئىشلەپ ژۈگۈڭلا باما؟

راست دەيسىلە، ئادې، راست دەيسىلە. جاھاننىڭ قاتتىقچىلىقى شۇ، قىسقا ھاللىشىشلاردىن كېيىن يول ئىشچىسى رەسمىي گەپكە ئۆتۈپ، ھە، مىجىتاخۇن، ماشىناڭلىدا غەيرى ئادەم يوقتۇ؟

كۆرەۋاتقانسىلە، ئاينا؟

كۆرەشنىغۇ كۆرەۋاتىمىز، كەبىنكەڭلا قۇرۇق تۇرۇدۇ، ئاينىكا، ما تاغانىڭ تېگىدە بىر نېمە يوقتۇ؟

چىك-چىك... ئادې، بىز بى بىلىشمەيدىغان ئادەملىدىن بوممىساق، شۇندامۇ دېيىشىپ كېتىمىزما؟ تاغانىڭ تېگىدە نېمە بولا سىلىنىڭچە؟

ياق، دەيمىنا، نەپس شەيتان دېگەن گەپ با ئەمەسما؟ پۇلنىڭ كەينىگە چىرىپ بى يامان پوق يەپ قالدىڭلىمىكى دەيمىنا!

قارىۋېلىڭلا، ئادې! ئاينا ماشىنا، مەن تىقىۋاممىدىم، ئاينا تۇرۇدۇ، ئوبدانراق تەشكۈرۈڭلا.

غاراس-غۇرۇس ئاۋاز بىلەن بىرىنىڭ كوزۇپقا ياماشقىنى بىلىندى. ئىچىدىكىلەرگە يورۇق چۈشۈدىغان تۆشۈكلەردىن بىرى ھېلىقى ئادەمنىڭ بېشى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. ئۇنىڭ بىر كۆزى ئاشۇ تۆشۈكتە كۆرۈندى. ئىچىدىكىلەر ئۇنىڭ كۆزىنى كۆردى، ئەمما تېشىدىكىسى قاراڭغۇلۇقتىن ھىچنېمە كۆرەلمىدى. ئىدرىسخان يەنە بايىقىدەك خىياللارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزەتتى. »مۇشۇ خەققە نېمە يوق؟ كىم ئۈچۈن شۇنچە جان كۆيدۈرۈپ كېتىدىكىنا؟ خۇددى چوڭ دادىسىنىڭ ئىشىغا كۆيگەندەك! بوممىسا كۆرۈۋاتقان خوۋلۇقى بۇ. ھەجەپ خەقكەنمىزا، ھەجەپ خەقكەنمىز! ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت، بىز خەقكە ھېلىمۇ تېخى ئاز ئوخشايدا«.

ئاقاز داۋان نۇقتىسىدىن قوزغۇلۇپ ماڭغاندا خۇددى چىڭ تارتىلغان تار ئۈزۈلەي دەپ قالغاندا بىردىنلا بوشۇتۇلغاندەك بىر ھال تاغار تېگىدىكىلەردە روي بەردى. ھەممىسى »ئۇھ، ئۇھ« دېيىشىپ كەتتى. ئەمما بۇ تېخى قۇتۇلۇش ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە كۈدە، سۆگەتلىك داۋان، جۇداق، قارا كۆۋرۈك دېگەن نۇقتىلار بارىدى. ئاندىن ئۇلار خالاستان دەرياسىغا خۇددى يىپقا تىزىلغان مارجانلاردەك تىزىلغان نۇقتىلاردىن ئايرىلىپ، غەرپكە بۇرۇلۇشتى. غەرپكە قاراپ 15 كلومېتېرچە ماڭغاندىن كېيىن ماشىنا يەنە تاشيولچىلار تەرىپىدىن توسۇلدى. بۇ تاشيولنىڭ دەل جەنۇپقا ئەگىلگەن دوقمۇشىدىكى سېرىق داۋان نۇقتىسى ئىدى؛ سېرىق داۋان دەل بىز ھەققىدە يېقىن ئۆتمۈشنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ھىكايىسىنى ئاڭلاتقان ئاشۇ »قان قىرغاق« شۇ ئىدى.

 قان قىرغاقتا ئۇزاقتىن مەجىد تۇراپنىڭ ماشىنىسى كۆرۈنۈشى بىلەنلا بەنجاڭنىڭ تۇرغۇناخۇنغا بايراقنى ئاچىقتۇرغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بولغانىدى. ماشىنا كېلىپ توختىدى. ئۇلار ئۆز ئارا ياخشى تونۇشاتتى.

ھە، ئادې، يەنە ماڭدۇقما؟ ماشىنىدا نېمە بار بۇ دا؟ سورىدى بەنجاڭ.

نىم بولۇدۇ دەيسىلە، ئادېش، گۇرۇچ، دېدى مەجىد تۇراپ. ئۇ ئىچىدىكى قورقۇنچىسىنىڭ تېشىغا تېپىپ بىلىنىپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەپ تۇرغاچقا، ئىلاج قىلىپ، تەبىئىيرەك كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۇلارنى گەپكە تۇتۇشقا تىرىشاتتى.

شۇنداق بولسىمۇ ئۆز ئىشىغا پۇختا بەنجاڭ، مەجىد تۇراپنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە ماشىنىنى تەكشۈرۈشنىمۇ جايىدا بېجىرىۋاتاتتى:

تۇغۇناخۇن، ماشىنىنىڭ تېگىگە چىرىڭلا، قاراپ چىقىڭلا ماندا بى، دېدى ئۇ يېنىدىكى ھەمراھىغا.

يائاللاھ، دېدى مەجىد تۇراپ ئۇنى جىملىگەندەك قىلىپ ھەم يېقىنلىقىنى قېيداش ئارقىلىق ئېسىگە سېلىپ، شۇنچىۋالا قىپ كەتمىسەڭلا مەن بى يات ئادەم بوممىغاندىكىن،... تىك-تىك،... ئەمەلىيەتتە مەجىد تۇراپ ئۈچۈن ماشىنا ئاستىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ئىدى. پەقەت تاغارنى ئۆرۈپ چۆرۈپ قالارمۇ دەپلا يۈرىكى سۇ ئىدى.

شۇندا بوسىمۇ، خىزمەت ئەمەسما، توغرا چۈشۈنۈسىلە-دە، ئادې، دېدى بەنجاڭ. ئۇ يەنە مەجىد تۇراپنىڭ توختىماي گەپ قىلىشلىرىغا قۇلاق سېلىپ تۇرۇپمۇ ماشىنا ئۈستىگە چىقىپ بېقىشنى ئۇنۇتمىدى. ئاۋالقى نۇقتىلاردىكى تەكشۈرۈشلەردە ئۈستىگە چىقماي، يېنىدىن ئېسىلىپ، بىر ئاز كۆتۈرۈلۈپلا ئۈستىگە قاراپ باققان بولسا، مانا ئەمدى رەسمىي ئۈستىگە چىقىشتى. مەجىد تۇراپنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى. بەنجاڭ تاغارلارنىڭ ئۈستىدە لەڭ ئۇرۇپ، ئېغىرلىقىنى سېلىپ، بىرەر يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتەمدۇ-قانداق دېگەندەك قىلىپ، ھەممە تاغار ئۈستىدە يۈرگەندىن كېيىن، ئارىلىقلاردىن سىنچىلىدى. مەجىد تۇراپ شۇئان »ئۆلدۈم!« دەپلا ئويلىدى. ئۇ ئۈستىگە يېپىلغان تاغارلارنى كېچىدە ياپقانلىقلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، كېچىدە ئارىلىقلارنىڭ ھىم بولغان-بولمىغىنىغا ئانچە ئەمىن بولغىلى بولمايتى، ئەمدى بۇنىڭغا كۈندۈزى قارىسا »كامار كۆرۈنۈپ قالارما« دەپ قورقۇشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. شۇڭا ئۇ بەنجاڭنىڭ دىققىتىنى ھىچ بولمىغاندا يېرىم ياتا بولسىمۇ چالغىتىش ئۈچۈن داۋاملىق گەپ قىلىپلا تۇردى. قاغىلىقتىكى يېڭىلىقلار، ھەتتا ئاياللار ھەققىدە ئۇ قەدەر بەتقىلىق ھىكايىلارنى توقۇپ سۆزلىدىكى، گويا شۇ بەتقىلىقلارنى ئۆزى قىلغاندەك دەپ بېرىۋاتاتتى.

ۋې! مىجىتاخۇن، بولدى قىلىڭلا، دېدى بەنجاڭ ئاخىرى چىدىيالماي، نىمانداغ يالغان گەپلەنى قىلىدىغان بولاپ كەتتىڭلا؟ سىلىنى بىز بىلمەمدۇق يا؟ سىلى دېگەن بى بەش ناماز ئادەم تۇساڭلا، ئاشۇ گېپىڭلاغا ئىشىنەمىزما؟

»ئىم، مانا تۈگەشتىم!« دەپ ئويلىدى ئۇ. »نېمە دەپ بۇنچىۋالا تاپتىن چىكەتتىمكىنە؟ خۇدۇمنى بىلمەي، چەتنەپ، مانا ئەمدى رەسمىي گۇمانغا قالىدىغان بولدۇم، جۇما«.

ئەمما بەنجاڭ باشقىچە گۇمان قىلغاندەك قىلمايتى. ئۇ ماشىنا كوزۇپىدىن چۈشتى.

بىزگە ھىچنېمە ئاغاچ كەممىدىڭلىماۋا ئادېش؟ دەپ سورىدى ئۇ ئىشىنى تۈگۈتۈپ بولۇپ.

سىلىگە قاچان بى قۇرۇق كەپ باققان بىز، دېدى كۆڭلى تىنغان مەجىد تۇراپ يىنىكلەپ ۋە كابىنكىدىن بىر تۈگۈنچەكنى ئېلىپ بەنجاڭغا ئۇزاتتى. ئۇنىڭدا بازارنىڭ گىردىلىرى ھەم ئازراق قۇرۇق يىمىش بارىدى. ئەسلىدە قوغۇن ئېلىۋالماقچىدى، بەرىبىر يولدا يىيىلىپ كېتەتتى.

جۈڭلا، بىردەم ئوتتۇراسىلە، دېدى تۇرغۇناخۇنمۇ ئەمدى مەجىد تۇراپنى تەكلىپ قىلىپ.

ياق، مەن ماڭاي، ما قېتىم ئالدىراپ قالدىم، ئىشتىگرەك كەلمىسەم بولمايدىغان ئىشىم بېيىدى، دېدى مەجىد تۇراپ ئۇلارغا ئىگىلىپ تۇرۇپ خوش ئېيتىپ.

مانا شۇنداق قىلىپ، ئاللاھ نېسىپ قىلغان بولسا، مەجىد تۇراپ ئەڭ يامان توساقتىنمۇ قۇتۇلدى.ئۇ ئەمدى جەنۇپ تەرەپكە بۇرالغان يولدىن يۈرۈپ كەتتى. ئىچىدە ئاللاھقا ھەمد ئېيتىشقا، تەسبىھ ئېيتىشقا باشلىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاخىرقى توساق مازار داۋان قالغان ئىدى. مازار داۋاندىن ئۆتۈپلا ئاشۇ ئېغىر يۈكلەردىن قۇتۇلۇۋالسىلا، ئىككىنچى بۇنداق كۆڭۈلچەكلىكنى قىلمايدىغانغا ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە قىلىۋەتتى. »ما قېتىم بى پوق يەپ قاپتىمەن، ئەمدى بۇندا پوقنى ئىككىنچى يىمەسمەنا!« دەپ ئويلىدى ئۇ.

مازار داۋانغىمۇ كەلدى. بۇ ناھايىتى شۇ 20 كلومېتېرچە يول ئىدى. يېرىم سائەت ئۆتكەندە ئۇنىڭ نېرۋىلىرى ئىككىنچى قېتىم چىڭقىلىشقا باشلىدى. ئۇنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغىنى بۇ يەردە بىر »بېيجىڭ« جىپ توختۇتۇپ قويۇلغان بولۇپ، ئادەتتە بۇنداق جىپلاردا يا باشلىقلار ئولتۇراتتى، يا بولمىسا ساقچىلار مەلۇم جىددىي ۋەزىپە ئۆتىگەندە مىنىشەتتى. بۇ جىپنىڭ بۇ يەرلەردە توختاپ تۇرۇشى نىمىلىكىم بولمىسۇن ياخشىلىقتىن بىشارەت ئەمەس ئىدى.

ھە، بەنجاڭ، مىھمىنىڭلا با ئوخشىمامدا؟ دەپ سورىدى مەجىد تۇراپ جىپنى ئىشارە قىلىپ، ئۇستۇلۇق بىلەن ماشىنىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىپ.

ھە، ناھىيىدىن يەتتە-سەككىز كادىر چىقىپتىكەن، ما تاشقوغان بىلەن ئارىمىزدىكى يايلاق ماجراسىنى ھەل قىلىشقا، ماشىنىسىنى قويۇپ پىشادە كېتىشتى. چېگراغىچە بارىمىش. بۈگۈن تۆرت-بەش كۈن بولۇپ قالدى.

يايلاق تەشكۈرەمدىكەن؟ دېدى مەجىد تۇراپ ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە گۇمانلىنىشنىمۇ، ئىشىنىشنىمۇ بىلەلمەي.

ماشىنا قان قىرغاقتا تەكشۈرۈپ ماڭدۇرۇلۇدۇغانلىقىنى ئۇلارمۇ بىلگەچكە، ئارىدىكى 20 كلومېتېردىن كېيىن يەنە ئۇنچىۋالا قاتتىق تەكشۈرۈپ كەتمەيتى. مەجىد تۇراپ بۇ يەردىكىلەر بىلەنمۇ ئەنە شۇنداق خوشلۇشۇپ، ئەمدى شەرق تەرەپكە بۇرالغان يولدىن يۈرۈپ كەتتى. كەچقۇرۇن بولغاندا توختىدى. بۇ يەر ئالاھىزەل مازاردىن ئون كىلومېتېر ئۇزاقتا ئىدى. كەچ كىرىپ قالغاچقا يولۇچىلارنىڭ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. مازاردىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ قارىسىنى كۆرەلمەيتى. مانا بۇ يەردە ئۇ يىنىك تىن ئېلىپ، ماشىنا كوزۇپىغا چىقتى.

باللا، باللا! بامۇ يا سىلى؟ دېدى ئۇ، كەلدۇق، تېگىدىن تاغانى يۆلۈشۈپ بەمىسەڭلا مەن كۇچۇيالمايمەن جۇما، مەۋە تۈتەك، كۇچۇغىلى بوممايدا، ھە مانا ماۋۇ باشتىكى تاغا، تەڭ كۇچايلى، ھە!

ئۇلار شۇنداق قىلىپ بىرىنچى تاغارنى ئۈستىگە ئۆرۈپ، كاۋاكنىڭ ئاغزىنى ئاچتى. ئالدىراپ كەتكەن يىگىتلەر بىرى ئارقىسىدىن بىرى ئالدىرىشىپ چىقىشتى. ئۇلارنىڭ پاكىز ھاۋانى قانداق ئاچكۆزلۈك بىلەن دەم تارتىپ كېتىشكەنلىكىنى دەپ ئولتۇرۇشقا ھاجەت بولمىسا كېرەك. ئۇلار خېلى ئۇزاق ئېسىنى ئالدى. سۇ ئىچىشتى. بىرەر بۇردىدىن نان يىيىشتى. ئاندىن مەجىد تۇراپنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن ئىشقا كىرىشتى.

باللا، كېلىڭلا ئەمدى قولمۇ-قول تاغالارنى ئۆرۈپ، كامارنى »تىندۇرۇۋېتىلى« يۈك چۈشۈگەن يەدىكىلەر، نىم كامادۇ بۇ دەپ گۇمان قىپ قاممىسۇن.

ئۇلار ئۈستىگە ياپقان تاغارلارنى ئاغدۇرۇپ تۇرۇپ، ئاۋال ئاستىغا بالداق قىلىپ قويغان كالتەكلەرنى ئېلىۋەتتى. ئاندىن تاغارنى ئاستىدىن تىزىپ چىقىشتى. مەجىد تۇراپنىڭ رازىلىقىنى ئالغۇچە ئوڭشاپ بولۇپ، ئاندىن ماشىنىدىن چۈشتى.

باللا، دېدى مەجىد تۇراپ دوستلىرىغا ئاخىرقى تاپىلاشلىرىنى تەكرارلاپ، مازاردا بىر »بېيجىڭ« پەر جىپ تۇرۇدۇ، نېمە دېيىشكەنلىكىمنى ئاڭلىغانسىلە ھەقىچان؟ بىر گورۇپ ئادەم يايلاق تەشكۈرۈش دەپ كەپتۇمىش، چېگرا بويلىرىغا كەتتى دەيدۇ. ئاللا بىلىدۇ، ئۇ خەقنىڭ نېمە تەشكۈرىدىغىنىنى! ئاللاغا ئامانەت، دىققەت قىلىڭلا، ئاشۇ خەقتىن كۆڭلەم تازا خاتىرىجەم ئەمەس.

ئۇلار مەجىت تۇراپنىڭ بۇ سەمىمىي ئاگاھلاندۇرشىغا رەخمەت ئېيتتى. رەخمەتقۇ ئېيتتى، ئەمما بۇنى كۆڭۈللىرىدە بىر دىققەت نۇقتىسى سۈپىتىدە تۇتتىمۇ؟ ياكى دەرھاللا ئۇنتۇپ كەتتىمۇ؟ بىلىپ بولمايتى.

ئۇلار ئۆز ئارا قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. بالىلارنىڭ تەرەپ تۇيغۇلىرى قالايمىقان بولۇپ كەتكەچكە ماڭىدىغان يۆنۈلۈشىنىمۇ بىلمەلمەي بېشى چۆگۈلەپ كەتكەنىدى. مەجىد تۇراپ ئۇلارغا غەرپ تەرەپنى كۆرسەتتى. شۇئانكى يول زەرەپشان دەرياسىنى بويلاپ كېتىۋاتاتتى. يولنىڭ دەريا ياقىلىغان بۇ بۆلىكى مازاردىن باشلىناتتى. بۇ ئەتراپلاردىكى چوڭ كىچىك ئېقىن-دەريالارنىڭ ھەممىسىلا يەكەن دەرياسىنىڭ شاخچىسى ئىدى. بۇ زەرەپشان دەرياسى بولسا شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ غوللۇقى ئىدى. ئاللاھقا شۈكرىكى، بۇنىسى خالاستان دەرياسىدەك شىددەتلىك ئەمەس، يېيىلىپ ئاقاتتى.

يىگىتلەر تاڭ ئاتقۇچە تاشيول بويىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتمىسە بولمايتى. شۇڭا دەريانىڭ ساياز يەرلىرىدىن كېچىپ ئۆتتى. ئاندىن دەريانىڭ غەربى ياقىسىنى بويلاپ دەريا بىلەن پاراللېل سوزۇلغان تاغدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن ياماشتى. تاغ بارلىق قارا قۇرۇم تاغلىرىدەك كۆيۈك تۇپراقلىق، سىدام، قاقاس ئىدى. بىر ئادەمنى يوشۇرغۇدەكمۇ دالدىسى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇھ دېگۈدەك ماجالى بولمىسىمۇ، غەيرەت قىلىپ تاغدىن ئارتىلىپ ئۆتمىگىچە ئارام ئېلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.

 

قەھرىمانمۇ؟ قەھرىمەندمۇ؟

 

ئۇزاق چېگرىلىرىمىزنىڭ كەشمىرگە تۇتاشقان يەرلىرىدە بىر-بىرىگە يانداش چېگرىسى بولغان تاشقورغان ۋە قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ ئانچە-مۇنچە كۆرۈلۈپ قالىدىغان يايلاق جېدىلى بولۇپ تۇراتتى. بۇ يەرلەر يەكەن دەرياسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىلىرى بولۇپ، تاغ سۈيى شىددەت بىلەن ئاقاتتى. نۇرغۇن تارماق شەخچىلىرى بارىدى. بەزىلىرى تاشقورغان تەۋەسىدىن باشلانسا، بەزىلىرى قاغلىق ناھىيىسىنىڭ تەۋەلىرىدىن باشلىناتتى. ھەتتا خوتەن تەۋەسىگىچە ئىچكىرىلەپ كەتكەن غولراق ئېقىنلىرىمۇ بولاتتى.

ئاشۇ چېگرا بويلىرىدا بولۇدۇغان ئىككى ناھىيەنىڭ يايلاق تالاشلىرىنى تەكشۈرۈش، ناھىيە چېگراسىنى بېكىتىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىككى ناھىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلىرى تىلىپۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىرلىكتە تەكشۈرۈشكە چىقىدىغان بولۇشتى. قاغلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى توختى مۇھەممەد سىيىت (بۇ كىشى قاغىلىق يىتىم لوقۇملۇق ئىدى) تاشقورغاندىكى كەسپدىشى مۇنى تابىلدىغا تېلىپۇن قىلىپ، قاچان قەيەردە ئۇچرۇشۇش ھەققىدە كېلىشتى. مۇنى تابىلدى ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر يازىدىغان تاجىك شائىر ئىدى.

ۋاقىت ۋە ئورۇن پۈتۈشۈۋېلىنغاندىن كېيىن توختى مۇھەممەد سىيىت مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن يەتتىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ، 16-ئاۋغۇستتا قاغىلىقتىن يولغا چىقتى. ئۇلار »بېيجىڭ« ماركىلىق سەككىز كىشىلىك جىپقا مىنىشكەن ئىدى. جىپنىڭ بېرزېنت ئۈست قاپلىمىسىدىن تومۇزنىڭ ئىسسىقى ئۆتۈپ، زىچ ئولتۇرغان سەككىز ئادەمنى تەرلىتىپ تۇراتتى. ئەمما بۇ سەككىز نەپەر يەرلىك كادىر دۆلەت خىزمىتى ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا تەييار ئاكتىپ، ئىنقىلابىي يولداشلار بولغاچقا ئىسسىقتىن زارلانماي، جاپاغا يولۇققاندا لېي فىڭ روھىنى ئەسلەپ كېتىۋاتاتتى. بۇ گورۇپپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېقى جېلىل تاجىك بولۇپ، ناھىيىلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى. قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئىنقىلابىي ئۇيغۇر كادىرلار ئىدى.

ئۇلار مازارغىچە ماشىنا بىلەن كېلىشتى. يول شۇندىن كېيىن جەنۇپقا بۇرۇلۇپ كېتەتتى. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ يەردە ماشىنىنى توختۇتۇپ قويۇپ، زەرەپشان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پىيادە غەرپكە قاراپ كېتىشتى. باشلىقلار ئانچە ياشمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي كوممۇنىستىك روھىغا تارىختا ئۆتكەن كوممۇنىست قەھرىمانلارنىڭ روھى مەنىۋىي ئوزۇق بولۇپ تۇرغاچقا، قەتئىي تەۋرەنمەستىن يولنى داۋام قىلدى. چۈنكى بۇ خىزمەتنى ئۇلارغا كومپارتىيە ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئىدى. ئۇلار كومپارتىيىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاقلاش، ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماسلىقى كېرەك ئىدى.

بۇ ئىنقىلابىي ئۇيغۇر ۋە تاجىك كادىرلار ئىنقىلابىي روھىنى جارى قىلىپ، »يۈگوڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى«دەك جاسارەت بىلەن تاغ ئېشىپ، 36 كلومېتېر يول باسقاندىن كېيىن، تاشقورغان چېگرىسى ئىچىدىكى ئۈزۈككە كەلدى. ئۈزۈك تاجىكلار تەرىپىدىن رەسكەم دەپ ئاتىلاتتى. بۇ يەردە ئون توققۇز ئائىلە ئۇيغۇر ياشايتى. بۇ ئون توققۇز ئائىلىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 119 جان ئىدى.  بۇ ئائىلىلەر ئۈزۈك خەلقى موھىم تاغ يولى ئۈستىدە بولغاچقا، تارىختىن بېرى چېگرىدىن ئۆتۈپ چەتئەلگە چىقىدىغانلار مۇشۇ كىشىلەرنىڭ تىرىكچىلىك پائالىيەت دائىرىسىدىن ئۆتمەي قالمايتى. چېگرا ساقلايدىغان ئەسكەر دېگىنىمىز نورمالدا يوغان بىر تاشقىي ھۇجۇمغا قارىتىلغان كۈچ ئىدى؛ چېگرا ساقچىسى دېگەندە ئۇلارمۇ تاغ ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا تۇرۇپ، يولدىن ئۆتكەنلەرنى تەكشۈرەتتى. ئەمما، بىرەر ئىككىدىن بولۇپ چېگرىدىن چىقىدىغان، كىرىدىغان شەخسلەرنى نە ئارمىيە، نە ساقچى توسۇپ قالالمايتى؛ يەنى بايقىيالمايتى. بۇنداقلارنى مانا شۇ چېگرا بويلىرىدا ياشايدىغان خەلق ھەرگىزمۇ كۆزدىن قاچۇرمايتى. چۈنكى ئۇلار مۇشۇ مۇھىتتا ياشايدىغانلار بولغاچقا ئوي-چوڭقۇرنىڭ ھەممىسىنى بىلەتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىمۇ شۇڭقارنىڭكىدەك ئۆتكۈر بولغاچقا ئۇزاقتا كۆرۈنگەن قارا نېمىنىڭ قارىسى؟ دەرھال ھۆكۈم قىلالايتى. يەرلىك ئادەم ياكى يوچۇن ئادەملىكىنى دەرھال تونۇيالايتى.

شۇڭا تارىختىن بېرى ھۆكۈمرانلار بۇلاردىن پايدىلىنىپ چېگرانىڭ ئامانلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. كومپارتىيە كەلگەندىن بېرى ئۇلارغا »غەمخورلۇق« قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرغاچقا، ئۇلار يۈزلىگەن، مىڭلىغان بۇزۇق ئادەملەرنىڭ چەتئەلگە قېچىش ئۇرۇنۇشلىرىنى ۋاقتىدا تەشكىلگە خەۋەر قىلىپ، بالا-قازانىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى. پارتىيىنىڭ ئۇلارغا »غەمخورلۇق«ى بىرەر لەۋھە، شاھادەتنامە، »ئىلغار چارۋىچى«، »بەشتە ياخشى چارۋىچى« دېگەندەكلەر؛ ياكى »نامسىز چېگرا قاراۋۇلى« دېگەندەك »شەرەپلىك نام« بېرىش شەكلىدە ئىپادىلىنەتتى. ئۇلارنىڭ ۋەيرانە كەپىلىرىنىڭ تۆر تېمىدا ھەر قاچان مۇشۇ تىپتىكى »پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقلىرى«دىن بىرەر ئۆرنەكنىڭ ئېسىغلىق تۇرغىنىنى كۆرەتتىڭىز. ئۇلار گويا بېشىغا كۈن چۈشكەندە ساتسا پۇل بولۇدۇغان ئالتۇندەك كۆرۈپ، مۇشۇ شاھادەتنامىلەردىن كۆڭلى توق، خۇددى كۆڭۈل ئاۋۇندۇرغۇچى بىر خوشلۇقتەك ھىسىياتتا ئىدى. مانا شۇ روھىي شاتلىق تۈپەيلىدىن ئۇلار چېگرىنى خۇددى ئۆز ئۆيىنى قوغدىغاندەك ساداقەتتە، بەلكىم تېخى ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈدىغان قىزغىن، پىداكارلىق بىلەن قوغدايتى. ئەمما شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، ئۇلار »ۋەتەن« دېگەننى، ئۇنىڭ كونكېرېت مەنىلىرىنى ھىچ چۈشەنمەيتى-يۇ، خىتايلار تەرىپىدىن »ۋەتەننىڭ چېگرىسىنى قوغدىغان قىران بۈركۈت« دېگەندەك »شەرەپلىك نام« بېرىلسە سۆيۈنۈپ كېتىشەتتى.

توختى مۇھەممەد سىيىتلەر ئۈزۈككە يېتىپ كېلىپ، ئەنە شۇ توپا چىراي، ئۈستىبېشى جۇل-جۇل، نامراتلىقتىن ئېغىزلىرى شورلۇشۇپ تۇرۇدۇغان ئاھالە بىلەن كۆرۈشتى. بىچارە ساددا ئاھالە »كادىرلار كەپتۇ« دېيىشىپ ھەر تەرەپتىن يۈگرۈشۈپ كېلىپ كۆرۈشتى. ئۇلار خۇددى ماجۇشى بىلەن كۆرۈشۈپ بەختىيارلىققا چۆمگەن قۇربان تۇلۇمدەك شاتلىنىپ كېتىۋاتاتتى. گويا بۇ كادىرلار ئۇلارغا »ئىنجۇلۇق ئىشتان« ئالغاچ كەلگەندەك بەختىيارلىققا چۆمۈلۈشكەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە كادىرلار ئۇلارغا »پارتىيەنىڭ غەمخورلۇق سالىمى«نىلا ئېلىپ كەلگەن بولاتتى. ساددا خەلق يىللار بويى ئۆزلىرىمۇ ئېغىز تېگەلمەيدىغان، مانا مۇشۇنداق ئەزىز مىھمانلارنى دەپ ساقلاپ قويۇدۇغان ئېسىل نەرسىلىرىنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئوتتۇرىغا تۆكۈپ، ئۇلارنى مىھمان قىلىشتى. بۇ يەردە ئۇلار تاشقورغان گورۇپپىسى بىلەن ئۇچراشتى.

مۇنى تابىلدى باشچىلىقىدىكى تاشقورغان گورۇپپىسىمۇ 8  كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مۇئاۋىن گورۇپپا باشلىقى بىر خىتاي ئىدى، قالغانلىرى تاجىكلار ئىدى. بۇنداق قىيىن تەبىئىي شارائىتتىكى جايلاردا قىلىدىغان ئىشلارغا خىتاينى باشلىق قىلىپ ئەۋەتمەي، مۇئاۋىن قىلىپ قويۇشمۇ، تۈلكە خىتايلارنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇستۇلۇقى ئىدى. بىزنىڭكىلەر ئۆزلىرىنى »بىز شۇئاندا خەنزۇ يولداشتىنمۇ ئۈستۈن مەۋقەدەمىز، پارتىيە نەقەدەر ئادىل، كەڭ قوساق-ھە؟« دەپ ئويلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ شاپاشلىسۇن دېگەن قۇۋلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ خىتاي مەيلى بىر گورۇپپىنىڭ باشلىقى ياكى ھەتتا ئەزاسى بولسۇن، بەرىبىر ئۇنىڭ گېپى گەپ بولۇدۇغانلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى بىزنىڭكىلەر ئادەتلەندۈرۈلگىنى بويىچە بۇنداق سورۇنلاردا خىتايغا ياخشى كۆرۈنۈش بويىچە ئومۇمىي مۇسابىقە شەكىللەندۈرەتتى. مەسىلەن ھەتتا ھېلىقى تاغلىق مەھەللىدە مىھمان بولۇشۇۋاتقان چاغدىمۇ، ئۇلار داسقان ئۈستىدە:

لاۋۋاڭ، بۇنىڭدىن يەپ بېقىڭ، بۇ دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق-مۇنداق،... تامىقى.

لاۋۋاڭ، بۇنىڭدىن تېتىپ بېقىڭ، بۇ چارۋىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى،...

دېيىشىپ، گويا سورۇندا ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم يوقتەك قىلىشىپ كېتىشەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئادىتى بويىچە تەبئىي ھالدا بۇ سۆھبەتلەر خىتاي تىلىدا بولاتتى. چۈنكى ئۇيغۇرلاردىن ئوتتۇزى ئارىسىدا بىر نەپەرلا باشقا مىللەت كىشىسى بولسا، ئىلاجىكى بار ئۇنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان، ھەتتا بىلمىسىمۇ قىينىلىپ تۇرۇپ بولسىمۇ يامىدايدىغان ئادەت بويىچە، بۇ يەردىمۇ ئەنە شۇنداق بولۇۋاتاتتى. ھەتتا يەرلىك ئاھالىمۇ گورۇپپىنىڭ باشلىقى كىم؟ دەپ سوراپ ئولتۇرمايلا، »ھەقىچان خىتاي بار يەردە شۇسى چوڭ بولۇدۇغۇ« دېگەن كىلاسسىك قاراش بويىچە ئەڭ ئەزىز مىھمان سۈپىتىدە ئۇنى خوش قىلىشقا تىرىشاتتى. ئۇزاپ ماڭماقچى بولغاندىمۇ بالىلىرىغا بەرمەي ساقلىغان ئېسىل نەرسىلىرىدىن بىرەر سوغاتلىق يوللۇق تۇتماي كۆڭلى ئۇنىمايتى. بۇنچىۋالا خۇشامەتنى نېمىشكە، قايسى مەخسەت ئۈچۈن قىلىۋاتقىنىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيتى. بۇ ئومۇمەن قانغا سىڭىپ قالغان قۇلچۇلۇق ئۇدۇمى ئىدى، خالاس!

ئىككى گورۇپپا ئۇچرۇشۇپ، تاماگەر نەپسلىرىمۇ ئوبدان تويۇپ، بىرەر ئىككى كۈن خۇماردىن چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلار نېمىلەر قىلىش، قەيەرلەرنى چارلاش ھەققىدە كونكېرېت مەسلىھەتكە ئېشىندى. ئۇلارنىڭ خىزمەتكە بولغان كۆيۈنۈشى ھەر ھالدا ئاۋۇ نامرات، ساددا خەلققە قارىغاندا كۆپ تۆۋەن دېيىشكە بولاتتى. ھىچ بولمىغاندىمۇ، ئۇلار ئۆز شەخسىي نەپسىدىن كېيىنلا خىزمەتنى ئويلىشاتتى. ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇزاكىرىسىدىن شۇ نەرسە مەلۇم بولدىكى، ئۇلار يايلاق تەكشۈرۈش نىقاۋى ئاستىدا چېگرا ئامانلىقى مەسىلىرىنى تەكشۈرۈش، يەرلىك ئاھالىگە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش؛ تاغ يوللىرىدىكى يوشۇرۇن يوچۇقلارنى، ئاجىز ھالقىلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، شۇنىڭغا قارىتا تەدبىر بەلگىلەش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئىدى. ئۇلار يەرلىك ئاھالىدىن بىرمۇنچە قىممەتباھا چارۋا مەھسۇلاتلىرىدىن سوۋغاتلارنى ئېلىش ھىسابىغا، ئۇلارغا قۇرۇق »شەرەپلىك نام«لارنى بېرىپ، ھىچنېمىگە پايدىسى يوق رىغبەتلەندۈرۈشلەرنى تۆكۈپ، خىزمەتنىڭ نۆۋەتتىكى زىچلىقى ۋە جىددىيلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇلارغا بىرمۇنچە مەجبۇرىيەت يۈكلەشتى. بىر تۈركۈم خەتەرلىك بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ مەملىكەت ئىچىدە ياشاش شارائىتلىرى تارىيىپ، چەتئەلگە قېچىش ئىھتىماللىقى يۈكسەلگەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇردى. بۇ بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئادەتتىكى قاچقۇنلارغا ئوخشىمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كۆپ قېتىم دىلو سادىر قىلغانلىقى، ئادەم ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەتكارلىقى، قولىدا قورال، پارتىلىتىش ئۈسكۈنۈلىرى بولۇشى ئىھتىماللىقى ھەققىدە تاپىلاشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ بىرلەشمە گورۇپپا بىرلىكتە يەنە باشقا يوشۇرۇن يول ۋە يوچۇقلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاتلىنىشتى. بۇ 21-ئاۋغۇست ئىدى.

بۇ گورۇپپا 1992-يىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست كۈنىدە كەچكە يېقىن ئوپران دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كېلىشتى. بۇ يەر كەشمىر تەرەپكە 15-16 كلومېتېرلا كېلىدىغان ئىنتايىن موھىم جاي ئىدى. ھەققىقىي كومپارتىيە ئەزاسىغا خاس جاسارەت بىلەن ئۆز قوشۇنىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان توختى مۇھەممەد سىيىت دەريانىڭ بىر قېشىنى تەشكىل قىلغان تۆپۈلۈكتىن چىقىشىغىلا دەريا بويىدا ئىككى يۈز مېتېرچە يانتۇ تۆۋەندە بىر كىشىنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ قالدى-دە، دەرھال كەينىگە چېكىنىپ، ھەمرالىرىغا ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشقا ئىشارەت قىلدى. توختى جۇجاڭ ئۆزىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرىدىن دۇربۇننى ئېلىپ، دۆڭنىڭ ئارقىسىدا يېتىپ، بىر ئازلا بېشىنى چىقىرىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۈزۈتۈشكە باشلىدى. بۇ چاغدا باشقىلارمۇ يېتىپ كېلىشىپ، ئۆمۈلۈگەنچە ئىگىزلىكنىڭ ئارقىسىغا يېتىپ، ئىھتىيات بىلەن باشلىرىنى چىقىرىپ، پەسكە ئوپران دەريا بويىغا قارىشىۋاتاتتى. توختىنىڭ دۇربۇندا كۆرگىنى ياش بىر يىگىت ئىدى. ئۈستىبېشىدىن قارىغاندا تاغدىكى چارۋىچىلارغا ھىچ ئوخشىمايتى. شەھەرلىك ياشلاردەك كېيىنگەن بۇ يىگىتنىڭ بۇ يەرلەردە نېمە ئىشى بولۇشى مۈمكىن؟ بۇ ناھايىتى ئاسان گۇمان قوزغايدىغان ئەھۋال ئىدى.

تېخىمۇ گۇماننى تەستىقلىغان ئىش شۇ بولدىكى، قاياقتىندۇر يەنە ئالتە يىگىت پەيدا بولۇشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە لىق بىرنەرسە قاچىلانغان سومكا بارىدى. سومكىلىرىدا نېمىلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق سومكىلار، بۇنداق ئۈستىباش پەقەتلا بۇ تاغ ئارىسىدا يوچۇن، ئالاھىدە بىلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پىچاق ئېسىۋالغانلىقىمۇ بىلىنەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىلىقى 200 مېتىر تۆۋەندە بولسىمۇ، دۇربۇندا قارىغان كادىرلار ئۇلارنى يېنىدىكىدەكلا كۆرۈپ تۇرغاچقا ئۇلارنىڭ گۇمانلىق ھەركەتلىرىگە دىققەت قىلماي قالمايتى. يىگىتلەر كەچ كىرىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، دەريادىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى. دەريانىڭ بېشى تەرەپ بەك ئىگىز بولغاچقا، ئېقىم تىك، بەكمۇ شىددەتلىك ئىدى. سۇ ئانچە ئۇلۇق بولمىغان بىلەن تېز ئاققاچقا قوقۇنۇچلۇق تۇيۇلاتتى. كېچىدە دەريادىن ئۆتۈشكە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ بىر زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ خەتەرنى ئويلىغاندا ھىچكىم بۇنداق تەۋەككۈلچىلىكنى قىلمايتى.

ئۇلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشكە تەمشىلىپ بېقىپ كېيىن يالتايغانلىقىنى جەزم قىلغان توختى مۇھەممەد سىيىت، ھەقىقەتەنمۇ پورۇلېتارىيات جەڭچىسىگە خاس ھۇشيارلىق بىلەن، ۋەزىيەتنى خاتاسىز مۆلچەرلىدى. بۇلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشنى ئەتىگە قالدۇرغانلىقىغا تولۇق ئىشەندى. بۇ دېمەك، ئەتىگىچە بىزنىڭ قەھرىمان ساقچى قىسىملىرىمىز يېتىپ كېلىپ، بۇ قاچقۇن بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بار دېگەنلىك ئىدى.

دەرھال سىمسىز ئاپپارات ئارقىلىق مەلۇمات يوللايلى، دېدى ئۇ لاۋ ۋاڭ خىتايغا قاراپ. گەرچە كەسپىي تەڭتۇشى مۇنى تابىلدى بولسىمۇ ئۇ يەنىلا خىتاي دېگەن ئۇلۇغ بولۇدۇ ئەمەسمۇ دېگەن ھىسىياتتا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئېلىۋاتاتتى.

تو جۇجاڭ، بۇ دېگەن چاخچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئەگەر مەلۇمات خاتا بولۇپ قالسا، دۆلەتنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپلانى نۇرغۇن چىقىم بىلەن ئاۋارە بولۇدۇغان گەپ، شۇڭا سالماقراق بولساق. يەنە كۆزۈتۈپ باقايلى، بۇلار ھەقىقەتەنمۇ يامان ئادەملەرمۇ، ئەمەسمۇ؟

ۋاڭ زۇجاڭ، قەتئىي ئىشەنچىم كامىل دەيمەن، بۇلار شەھەرنىڭ باللىرىدەكلا تۇرمامدۇ ئاينا، دەپ تۇرۇۋالدى توختى.

ئۇلار خېلى ئۇزاق تالاش-تارتىش قىلىشتى. توختى مۇھەممەد سىيىت، مۇنى تابىلدىلارنىڭ پوزىتسىيەسى قاتتىق بولدى. پەقەت ئاچچىق مۇچنى تولا يەپ، كۆزىنىڭ خۇنى قالمىغان يۇمۇق خىتاينىڭ كۆزى ھىچنېمە كۆرمەيۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ كۆرۈنگەن قارىلارنى ھەتتا پەرق قىلغۇدەكمۇ ھالدا ئەمەس ئىدى. ئەمما توختى جۇجاڭنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان چەكسىز ساداقىتى ئۇنى قەتئىيرەك بولۇشقا ئۈندەپ، خىتاينىڭ ئىككىلىنىش، ئارىسالدىلىقلىرىغىمۇ پىسەنت قىلماي، بۆلگۈنچىلەر ھەققىدە دەرھال مەلۇمات بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشىغا تۈرتكە بولدى:

خاتا بولۇپ قالسا مەسئۇلىيەتنى ئۆزەم ئۈستۈمگە ئالىمەن، دېدى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن، ئەكە، ئاپاراتنى ئاچە، دەپ بۇيرۇدى خىزمەتچى خادىمىغا.

ئاپارات تەڭشەلدى، قاغىلىق ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئۇلاندى. قارشى تەرەپتە بىر رادىست ئۇلارنى گەپ قىلىشقا سۈيلەپ تۇراتتى. توختى مۇھەممەد سىيىت ھەتتا خىتايچە سۆزلەشتە چالا بىلگەن خىتايچىسى بىلەن بىرەر ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، رادىستقا:

جۇجاڭ گو جىشەنگە بېرىلىدىغان جىددىي مەلۇمات بار، مەن مەلۇماتنى كەشمىر چېگرىسىغا يېقىن يەردىن بېرىۋاتىمەن، شۇڭا بىر ئۇيغۇر تېپىپ سۆزلىرىمنى ئاڭلىتىڭ، ئۇقۇشماسلىق بولۇشىدىن قورقۇمەن، مەلۇمات بەك جىددى. ئەتە سەھەردىن قالسا ئەھمىيىتى قالمايدۇ، بەك جىددىي، دېدى.

رادىست ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ دەرھال بىر ئۇيغۇر ساقچىنى تېپىپ كەلدى. قارشى تەرەپتىن ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى كەلگەندىن كېيىنلا، توختى ئاندىن خاتىرىجەم بولۇپ رەسمىي سۆزگە ئۆتتى.

تولۇق ئاڭلاپ ئاندىن خاتىرىلىۋالسىلا ۋە شۇئان گو جۇجاڭنى ئۆيدىن ئۇخلاۋاتقان بولسىمۇ ئويغۇتۇپ، يەتكۈزۈڭ، سەۋەنلىك كۆرۈلسە كاللىلىرى بىلەن جاۋاپ بېرىلا، دەپ تاپىلاشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، مەن توختى مۇھەممەد سىيىت، ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ جۇجاڭى، شۇئاندىكى ۋەزىپەم چېگرا تەكشۈرۈش گورۇپپىسىنىڭ زۇجاڭى، مەن ھازىر كەشمىرگە 16 كىلومېتېر كېلىدىغان ئوپران دەرياسى بويىدا. دەريا بويىدا يەتتە نەپەر گۇمانلىق ئادەم بايقالدى. ئەتە ئەتتىگەن يېتىپ كېلەلمىسەڭلا ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ، توسۇشقا ئامالسىزمىز. يەتتە نەپەر ئادەم، ئۇلاردا قورال باردەك قىلىدۇ. مەن ھازىر ئاپاراتنى تېخنىكىمىزغا بېرىمەن، ئۇ سىزگە خەرىتىدىكى رەسمىي ئورنىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، خاتىرىلىۋالسىلا. خاتا بولۇپ قالسا تاپالماي چۆگۈلەپ كەتسە، ۋاقىت زايا بولۇدۇ. ئاڭغىچە بۇزۇق ئادەملەرگە قېچىپ كېتىش ئۈچۈن پۇرسەت چىقىدۇ، شۇڭا بەك دىققەتلىك بولسىلا.

توختى جۇجاڭ بارلىق كوممۇنىست باشلىقلارغا ئوخشاش ھۇرراچىلىقتىن يېتىشىپ چىققان ئاكتىپ بولغاچقا، ساۋادى يېتەرلىك ئەمەسىدى. خەرىتە دېگەننى چۈشەنمەيتى. شۇڭا سۆزلۈشۈش ئاپاراتىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن تېخنىڭ خادىمغا ئۇزاتتى.

رەسمىي ئورنىمىز °76 مېردىيان، °36 پاراللېل ئەتراپىدا. دەريا كۆرۈندۇ، دەريانىڭ ئەتراپىدىكى يەر تۈزۈلۈشى مۇنداق،...

مەلۇمات يوللاندى. مەلۇمات ئۇيغۇر تىلى بىلەن يوللاندى. ئۇيغۇر تىلى بىلەن مۇشۇ تىلنىڭ دۈشمەنلىرىگە مەلۇمات بېرىلدى. سۆيۈملۈك ئانا تىلنى سۆيۈملۈك ئانىلارنىڭ ۋە گۈزەل تىلىمىزنىڭ دۈشمەنلىرىگە مەلۇمات يەتكۈزۈشكە ئىشلەتتى! قانداق دەھشەت! بۇ ئادەملەر نېمىنى ئۈمىت قىلىپ ياشايدىغاندۇر؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىدىن قانچىلىك ئېمىندۇ؟

 

»ۋەزىپە بەك موھىم، دۇئا قىلسىلا، دادا«

1

 

گو جىشەننىڭ تۇيۇقسىز چاقىرتىشى بىلەن ئۈستىبېشىنى تولۇقراقمۇ كەيمەي چېپىپ چىقىپ كەتكەن ئوغلى سىيىت ھوشۇرنى كۆز نۇرى بىلەن ئۇزۇتۇپ قالغان ھوشۇر بوۋاي، تېخى بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا سەھرادىن كېلىپ، پەخىرلىك ئوغلى سىيىتنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. بوۋاي ئوغلىنىڭ ئەمەلدار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغىنىنى، بىرمۇنچە ساقچىلارنىڭ »ۋاي جۇجاڭ« دەپ قول باغلاپ تۇرۇشلىرىنى كۆرگىنىدە كۆڭلىنى پەۋەس ئىپتىخار ھىسسى تولدۇرغان ئىدى. شۇغۇنىسى ئوغلىنىڭ ئىشى مانا شۇنداق ۋاقىت قەرەلى يوق ئىشكەن ئەمەسمۇ؟

ئۇ نامازلىرىدا ئوغلىغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭ »كۆپنىڭ ئىشى ئۈچۈن« چېپىپ يۈرگەن پاچاقلىرىغا كۈچ-قۇۋۋەت تىلەيتى. شۇغۇنىسى بالىسى ئۇنىڭدەك نامازخان بولمىدى. بولمىدىلا ئەمەس، دادىسىنىڭ ناماز ئوقۇشىنىمۇ دايىملا مەسخىرە قىلىپ قوياتتى.

دادا، شۇ قىلىقلىرىنى ئىدارىدىكىلەر كۆرسە، قولۇمدا ئىشلەيدىغان ئادەملەر نېمە دەپ قالا؟ »بۇ سىيىت جۇجاڭ-زە، بىزگە ماركىسزىمنى سۆزلىگەن بىلەن، دادىسىنى ئۆزگەرتەلمەپتۇ« دېمەسما؟ دەپ خاپا بولۇپمۇ كېتەتتى. ئۇنى جۇجاڭ دەپ ئۆيلىرىگە مىھمانغا چاقىرىپ تۇرۇدۇغانلارمۇ كۆپ بولغاچقا، ئۇ ھەر ئاخشىمى دېگۈدەك تەڭشەلگەن ھالدا شىر كەيپ ئۆيگە كېلەتتى. بۇ بوۋاينىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى. بالىسى ئۈچۈن نېمىدىندۇر ئەندىشە قىلاتتى.

شۇنداق بولسىمۇ دادا ئەمەسمۇ، ئوغلىنىڭ »كۆپنىڭ ئامانلىقى« ئۈچۈن كۆيۈپ پىشىدىغان بىر ئىشتا ئىكەنلىكىدىن كۆڭلى قانائەت تاپاتتى. بەلكىم بۇنداق »ساۋاپلىق ئىش« نامازنىڭ ئورنىغا كەففارەت بولۇدۇغاندۇ، دەپ ئويلايتى ساددا ئادەم. ئائىلىدىكىلەر سىيىت جۇجاڭنىڭ ئالدىراش ئىشلىرىغا كۆنۈك بولغاچقا كۆرۈۋاتقان تېلىۋىزىيە فىلىمىنى تۈگۈتۈپلا ئۇخلاپ قېلىشتى. ئەمما بۇنداق ئالدىراشلىقلارغا كۆنۈكمىگەن سەھرالىق دادا بولسا ئوغلى ھەققىدە ۋايىم يەپ ئۇخلىيالمىدى. ئۇ خۇپتەندىن كېيىن بىرمۇنچە نەفل ناماز ئوقۇپ، ئوغلىنىڭ ئامان - ئېسەنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. دۇئادىن كېيىن پەقەت ئۆيدىكى كېلىن، بالىلارنى خاپا بولمىسۇن دەپلا ئورۇنغا كىرىپ ياتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇيقۇسى كەلمەي، جاھاننى سورۇپ، ئوي ئويلاپ ئۇيقۇسىز ياتتى. يازنىڭ تۈنلىرى شۇنچىلىك قىسقا بولۇدۇغان بولسىمۇ، ئۇيقۇسىز ئادەم ئۈچۈن شۇنچىلىك ئۇزۇن ۋە ئازاپلىق ئىدى.

ئۇ مۇشۇنداق ئۇيقۇسىز تولغۇنۇپ يېتىۋېرىشتىن زېرىكىپ، ناماز بامداتتىن خېلى بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئاۋايلاپ ئىشكنى ئېچىپ ھويلىغا چىقىپ تاھارەت ئالدى. بامداتقا ئەزان چىققۇچە يەنە بىر نەچچە رەكئەت تەۋەججۇد نامىزى ئوقۇشنى نىيەت قىلغان ئىدى. ئۇ تەۋەججۇد نامىزدىن ئىككى رەكئەت ئوقۇپ، سالام بېرىپ، يەنە ئىككى رەكئەت ئۈچۈن تۇرغاندا ھويلا ئىشىكى قېقىلدى. سىيىت قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ھوشۇر بوۋاي نامازنى بۇزالمايتى. كېلىن بولسا شېرىن ئۇيقۇدا تاكى سائەت توققۇز بولمىغۇچە ئورنىدىن تۇرمايتى، ھەتتا ئىشقا بارىدىغان ئوغلىغىمۇ ناشتىلىق داستىخان سالمايدىغانغا كۆنگەن، تازىمۇ ئېسىلزادىلەردىن ئىدى. ئوغلى ھەر كۈنى دېگۈدەك ناشتىسىز ئىشقا كېتەتتى، بىچارە. ئەمما بوۋاي بىلمەيتىكى، ئوغلىنىڭ جەمىيەتتىكى »يۈز -ئابرويى« تۈپەيلىدىن ناھىيىنىڭ كوچىلىرىدا سەھەر ئېچىلغان ھەر چايخانا ناشتىغا تەكلىپ قىلىپ خۇشامەت قىلىدىغانلىقىنى.

نەتىجىدە بوۋاي نامازدىن كېيىن ئىشكنى ئاچتى. كېچىكىپ ئېچىلغان ئىشىك سىيىت جۇجاڭنى خاپا قىلغان ئىدى.

نىمانچە ئۇيقۇڭلار قاتتىق! مەن كەلگىلى نەۋاق، دېدى ئۇ غۇدراپ.

مەن ئۇخلىمىغانتىم، بالام، نامازدىتىم.

ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، ئاندىن كەچكىچە ئوقۇۋالسىلا بولمامتى؟ دېدى ئۇ ئۆزىنى باسالماي. ئوغلى ئادەتتە دادىسىغا خېلى كۆيۈنۈپ مۇئامىلە قىلاتتى. بۈگۈنكى مۇئامىلە ئۇنىڭ جىددىي روھى ھالىتىدىن بولۇۋاتقىنىنى چۈشەنگەن بوۋاي خاپا بولمىدى، ئەكسىچە ئوغلىنى قانداق بىر ئىشنىڭ خاپا قىلغانلىقىنى بىلگۈسى كېلىپ تىت-تىت بولدى.

بىرە خاپىلىق بولمىغاندۇ، بالام؟ چېچىلىپ قاپسەن، شۇڭا دەيمىنا،... دېدى بوۋاي.

بولدى، باشقا ئىش يوق. مەن بىر يەرگە كېتىپ بارىمەن. جىددىي ۋەزىپە بىلەن. ئۆيگە ئالدىراپلا كەلدىم، ئالىدىغان نەرسىلىرىم بارىدى، دېدى ئۇ.

بۇنچە سەھەردە ماڭمىسا بوممايدىغان قاندا ئىشتۇ، بالام؟ سېنىڭ ئىشىڭنىڭمۇ شۇ،... ئەجەپ تەس ئىشكەن،...

بۇزۇق ئادەملەرنى تۇتۇدۇغان ئىش، دادا، قاچقان بۇزۇقلارنى! دېدى جۇجاڭ دادىسىغا ئاسانراق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن.

خەتىرى يوقتۇ، بالام؟ سورىدى دادا ئەنسىرەپ.

ھىچنېمە دەپ بولمايدۇ، دېدى سىيىت جۇجاڭ بىر يەرلەرنى ئاختۇرۇپ، بىر نېمىلەرنى ئېلىپ سومكىغا سالغاچ، ئاڭلىساق، بۇزۇقلاردا قورال بارىمىش.

ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت بالام، ئىھتىيات قىلاسەن، كۆپنىڭ ئامانلىقىنى دەپ قىلىۋاتقان خاسىيەتلىك ئىش بوغاندىكىن ئاللاھ ئۆزى ساقلا، دېدى ئۇ يەنە ئىشەنچ بىلەن.

ۋەزىپە جىددىي ھەم مۈشكۈل، دۇئا قىلسىلا، دادا، دېدى ئۇ مېيىغىدا كۈلۈپ، دادىسىغا قاراپ، ئىشىك تۈۋىدە خوشلۇشۇۋېتىپ.

ئىنشائاللا، بالام، دۇئا قىلمامدىغان، قىلىمەن، سېنى ئاللاھقا تاپشۇدۇم.

سىيىت شۇنچە ئالدىراشلا چىقىپ كەتتى. بوۋاي، ھىچنېمە بىلەن ئىشى يوق كالىدەك ياتقان كېلىنىدىن شۇ بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا خوشى كەتتى. »ئېرى جاننى ئالقانغا ئېلىپ كېتىۋاتسىمۇ خوش دېيىشكە يارىماي، سېسىق ئوسۇرۇپ ياتقان قانداق خوتۇن بۇ!؟ مۇشۇ كەمنىڭ قىز-كېلىنلىرىمۇ شۇ!... « ئەمما بوۋاي ئوغلىنىڭ ئۆزىدىن دۇئا تەلەپ قىلغانلىقىنى بىر ياخشى باشلىنىش دەپ ئويلاپ بەك سۆيۈندى. چۈنكى بۇ ساددا ئادەم ئوغلىنىڭ بۇ گەپلەرنى دېگەن چاغدىكى مەسخىرىلىك كۈلۈمسىرىشىنى كۆرمىگەن ياكى دىققەت قىلمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىلگىرىلىرى نامازنى خۇراپاتلىق دەپ ئاچچىغى بىلەن سۆكۈپ تۇرۇدۇغان ئوغلىنىڭ دۇئاغا مۇھتاج بولغانلىقى، دۇئاغا ئىشەنگەنلىكى دېگەن پەرەز بىلەن بۇنى ياخشىلىققا جورۇپ، ئۆزىچە ئوغلىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا يەنىلا مۇسۇلمانلىقنىڭ بىخى ئۆلمىگەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. دېمەك ھازىر مودا بولۇۋاتقان، كادىرلارنىڭ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن نامازخان بولۇۋېلىشىغا ئوخشاش، ئوغلىنىڭمۇ ئاخىرى بىر كۈنى مەسجىد ئەھلىدىن بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلدى.

 

2

قاسساپتا ماي قايغۇسى، ئۆچكىدە جان قايغۇسى.

خەلق تەمسىلى

 

سىيىت ھوشۇر ئىدارىغا كەلگەندە باشلىق گو جىشەن ۋە بىرنەچچە ساقچى ئۇ يەردە ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق قوراللانغان، ئۈستىلىرىدە ئوق ئۆتمەس جىلىتكە بار ئىدى. ئۇ كەلگەن ئارىلىقتا يەنە بىرنەچچەيلەن كېلىشتى. سىيىت ھوشۇرمۇ دەرھال ئىشخانىغا كىرىپ، ئوق ئۆتمەس جىلىتكىنى كىيىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمى قىسقا ستۋوللۇق ئاپتومات (كىلاشنىكوۋنى ئىسلاھ قىلىپ ياسالغان)، بەزىلىرى كىلاشنىكوۋ ئاسقان ئىدى. پەۋقۇلئاددە مەرگەن ئاتىقى بار ئىككىيلەندە دۇربۇن بېكىتىلگەن ئۇزۇن ستۋوللۇق مىلتىق بار ئىدى.

ئۇقتۇرۇش ئالغانلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ بولدى، دېدى گوجىشەن، تەييارلىقلىرىمىز پۈتتى. بىز ھازىر دالا ئارمىيە گازارمىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىزنى ساقلاۋاتقان تىك ئۇچار بىلەن دەرھال ئاتلىنىمىز. باشقا ئىشلار بارمۇ؟

يوق، دېدى سىيىت ھوشۇر. راستىنى دېگەندە بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەرنى جەھەننەمگە يوللىشى مۈمكىن ئىدى. ئەمما ھاياتلا قالغانلار بۇنىڭدىن شۇنچىلىك پايدا ئالاتتىكى، بۇنداق ئامەت ئىنسانغا ئەر ئۆمرىدە بىر كېلىشى مۈمكىن. قانچىلار مۇكاپات پۇلى، قانچىلار ئەمەل، قانچىلار شەرەپ نامى ئالىدىغانلىقىدا گەپ يوق.

سەپەرگە ھازىر بولغانلار ئالتە خىتاي، ئالتە ئۇيغۇر، بىر تاجىكتىن ئىبارەت 13 نەپەر خىتاي ساقچىسى ئىدى. ئۇلار ساقچى ماشىنىلىرىغا چىقىپ دالا ئارمىيە گازارمىسىغا كېتىۋاتقان چېغىدا گوجىشەن بىر ئەپ پۇرسەت تېپىپ، خىتاي ساقچى شياۋ خۇغا ئىھتىيات بىلەن پىچىرلىدى:

باشقا يولداشلارغا يەتكۈزۈپ قوي، ھەر قاچان ماۋۇ ئايلامباشلارنىڭ ئارقىسىدا بولۇشقا دىققەت قىلىڭلار، بۇلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ھەتتا بۇلار جان پىدا قىلىۋاتقان تەقدىردىمۇ بىر پۇرسەتتە ئاينىپ، قورالنى بىزگە قاراتمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا نازارەتنى بوشاشتۇرماڭلار، ئارقىسىدىن ھەركەت قىلىڭلار.

شياۋخۇ بۇرۇن ئۆزىگە بېرىلگەن تەلىمنى ئەسلىدى. ئۇلار دەسلەپتە شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلارغا مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش ھەققىدىكى قىزىلتاشلىق كىتاپ بېرىلگەن ئىدى. بۇ تەلىمدە: »ئۇيغۇرنىڭ رەئىس بولغىنىنىمۇ دۈشمەن دەپ قاراڭلار، پەقەت ھە دەپ قويۇسىلەر، ھالقىلىق ۋاقىتلارغا توغرا كەلگەندە ئۇلارنى ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇر قاتارىدا كۆرسەڭلار بولۇدۇ، غەيرى ئەھۋال سېزىلسە ھىچ ئىككىلەنمەي ئاتىسىلەر« دېگەن مەزمۇندا شوۋىنىست تەلىم-تەربىيىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

شياۋخۇ يېنىدىكى باشقا خىتايلارغا پىچىرلىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەركەت پىرىنىسىنى ئەسلىرىگە ئېلىۋېلىشتى. خىتايلار ئۈچۈن بۇ بەكمۇ كۆڭۈللۈك بىر ئوۋ پائالىيىتى بولۇپ ھىساپلىناتتى. ئادەتتە ھىسابىنى ئېلىپ، بىر تېلى ئۈچۈن خىزمەتتىن ھەيدىلىشكىچە سەۋەپ بولۇدۇغان ئوق، بۇ ھەركەتتە ھىساپسىز ئىدى. قانچىلىك ئاتسا مەيلى ئىدى. بولۇپمۇ بۇ ئوۋنىڭ ئوبېكتى ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان، مۇشۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغاندا بۇ تېخىمۇ قىزىق بولۇشىدا گەپ يوق. شىياۋخۇلار ئامېرىكىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان دەۋرلىرىدىكى »كالىچى«لار (كاۋبوي)نىڭ ھىندىيانلارنى خۇددى ياۋايى غازنى ئاتقاندەك ئېتىپ يۈرگەن كىنولىرىنى كۆرگەن چاغلىرىدا شۇنچىلىك ھاياجانلانغانلىقىنى ئەسلىدى. بۇنداق كىنولارنى كۆرگەندە ئادەتتە ياۋروپالىق كۆچمەن كاۋبويلارغا ئۆزلىرىنى، يەرلىك ھىندىيانلارغا ئۇيغۇرلارنى تىمسال قىلىپ، خۇددى ئاشۇ ئاتلىقلارنىڭ بىپايان ئامېرىكا چۆللىرىدە، جاڭگاللىرىدا، يايلاقلىرىدا ھىندىيان ئوۋلاشلىرىدىن بەكمۇ ھوزۇرلۇنۇپ كېتىشەتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشۇنداق بىر پۇرسەت بولۇشىنى، راسا پۇخادىن چىققۇدەك ئېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىشقان ئىدى.

مانا ئەمدى ئاشۇ پۇرسەت كەلگەندەك قىلاتتى. شۇغۇنىسى بۇ كۆڭۈللۈك كىنو بەك قىسقا بولۇپ قالىدىغاندەك ئىدى. چۈنكى ئوۋلىنىدىغان ئۇيغۇر پەقەت يەتتە، ئۇلار بولسا 13 ئوۋچى ئىدى. شۇڭا تەلەيلىكلەرگە بىرەردىن توغرا كېلىپ، باشقىلىرىنىڭ قولى تەگمەستىنلا ئىش ئاخىرلىشاتتى. يەنە كېلىپ، پىرىنسىپ بويىچە ئۇيغۇرلار ئالدى سەپ بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاچقا، شىياۋخۇلار قوراللىرىنى بەتلەپ بولغىچىلا بۇ ئايلامباشلار ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى بىز ئۈچۈن ئېتىپ بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئۇ ھالدا بىر پايمۇ ئوق ئاتالماي قالساڭ نەقەدەر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇدۇ-ھە! ئىھ، بىر كۈنلىرى كېلىپ، مۇشۇ خەقنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ قىرىپلاۋېتىدىغان ئىش بولسا نەقەدەر پۇخادىن چىقاتتۇق-ھە!

ئەمدى شىياۋخۇ قاتارلىق خىتايلار جەڭدىن كېيىن كېلىدىغان پايدا ھەققىدە ئويلاشقا باشلىغان ئىدى. مەيلى بىرەرسىنى ئاتالىسۇن، ئاتالمىسۇن، بۇ ئوپېراتسىيىگە قاتنىشىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە بىر نەرسە تەگمەي قالمايتى. بەلكىم گو جۇجاڭ ۋىلايەتكە ياكى بىۋاسىتىلام ئۈرۈمچىگە ئۆستۈرۈلەر؛ ئۇنىڭ بوشىغان ئورنىغا سىيىت ھوشۇر ئۆسەرمۇ؟ ياق-ياق، بۇ مۈمكىن ئەمەس، ئايلامباشلارنىڭ تەقدىرى مەڭگۈ مۇئاۋىن بولۇش. ئۇ ئۆسۈشى مۈمكىن ئەمما يەنىلا مۇئاۋىن بولۇپ ئۆسۈدۇ. ئۇنداقتا ئىككى ئورۇن بىكار بولۇدۇ. كىم جۇجاڭ بولار؟ بەلكى مەن؟ ھىچ بولمىسا مۇئاۋىن بولارمەن. ياق، مۇئاۋىن دېگەن ئايلامباشلارنىڭ ئىشى. ماۋۇ قارشىمدا ئولتۇرغان ئەخمەق قەھرىمانلاردىن بىرى بولۇپ قالار. بۇلار شۇ تاپتا قانچىلىك ھاياجاندىكىن؟ بىز ئۈچۈن جان پىدا قىلىۋاتقىنىنى، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭمۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە يەنىلا دۈشمەن ھىساپلىنىشتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟

قارشىدا ئولتۇرغان ئۇيغۇرلاردىن سىياسىي بۆلۈمنىڭ ساقچىسى ساۋۇت ئۇزۇن ستۋوللۇق، دۇربۇن تاقالغان يېرىم ئاپتوماتىك مىلتىقىنى باغرىدا تۇتۇپ ھىچكىمنى كۆزگە ئىلمەيدىغان روھى ئۈستۈنلۈك بىلەن گىدىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مەرگەن دېگەن ئاتىقى بار ئىدى. دۇربۇن بېكىتىلگەن قورال تۇرۇۋەرسۇن، دۇربۇنسىزمۇ بەشتە بەش نىشانغا ئاتالايتى. شۇڭا ئۇ مەغرۇر ھالدا ئويلايتى. »ئوۋلايدىغىنىمىز پەقەتلا يەتتە بۆلگۈنچى تۇرسا، ماۋۇلارغا نېمە ئىش بارىكىنە؟ مەن بىلەن بىرەر قارىشىپ بېرىدىغان بىرسى بولسىلا خۇددى تېزەك تەرگەندەك بىر-بىرلەپ تىرىۋەتمەمدىم. مۇشۇ خەنزۇ يولداشلارنىڭ قورقۇنچاقلىقىمىدۇ بۇ؟ ياكى ئارتۇقچە ئىھتىياتچانلىقىمىدۇ؟ بۇنچە ئادەمگە نېمە كېرەك بارىكىنە؟ ھېلى كۆرۈمىز، خەنزۇ يولداشلار قورقۇپ ئارقىمىزغا مۆككىلى تۇرۇدۇ، ئاڭغىچە بىزلەر كوملا قويۇمىز، بۇلار قوراللىرىنى بىكاردىن بىكار كۆتۈرۈپ بېرىپ، كۆتۈرۈپ ياندۇرۇپ كېلىدۇ. يەنە تېخى بۇلار خىزمەت كۆرسەتكەن بولۇپ باھالىنىشىمۇ مۈمكىن. قاندا قىلىمىز، تەقدىر شۇنداق، ھوقۇق مۇشۇلارنىڭ قولىدا تۇرسا، ئۇلار ئاكا مىللەت بولغاندىكىن، شۇلاردىن ئاشسا بىزنىڭ-دە! بۇ قېتىم سىيىت جۇجاڭ ئۆسەپ قەشقەگە كېتىپ قاسا، ماڭا ئۇنىڭ ئورنى تېگىپ قالامدۇ، تېخى! بۇ قېتىمقى ئىشتا مەن خىزمەت كۆرسىتەلمىسەم، بۇنداق جاننىڭ نېمە كېرىكى! مەندە گەپ يوق. ئۇزاقتىكىلەر دېمىسىمۇ مېنىڭ! قىسقا سىتۋوللۇق قورال بىلەن ئۇزاقتىكى نىشاننى ئاتىمەن دېگەن بىكارلا ئاۋارىچىلىق. يېقىندىكىلىرىمۇ بىزلىدىن ئاشسا ئاندىن باشقىسىغا تېگىدۇ-دە!... «

دۇربۇنلۇق يەنە بىر مىلتىق تاجىكنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇنىڭمۇ ئۆز خامچوتلىرى بارىدى. ئۇ قاغىلىقتا ئازسانلىق مىللەت بولۇپمۇ يەنە ئازسانلىق بولغاچقا، خەنزۇ يولداشلار ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئېتىۋار بېرىپ تۇراتتى. ئەممازە مۇشۇ ئۇيغۇر ئاداشلارنىڭ ئۇنىڭغا تارلىقى كېلىپ، ئۇ ئېرىشكەن ئېتىۋارنى قىزغىنىپ، پۇرسەت تاپسىلا غاجىشىپ تۇرۇدۇغانلىقىنى سېزەتتى. شۇڭا ئۇ ئويلايتىكى، »ياخشىمۇ بەختىمىزگە خەنزۇ يولداشلار بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا مۇشۇ ئۇيغۇر خەقنىڭ قولىغا قالساق بىزدەك ئازسانلىقلارنى مىجىپلا قويۇدۇ جۇما! ياخشىمىغۇ، خەنزۇ يولداشلار ئۇيغۇرلارغا بەك ئىشىنىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ھەمىشە بۆلگۈنچىلەر مۇشۇ خەقتىن چىقىۋاتسا، بۇزغۇنچۇلۇق ھەركەتلىرىنى قىلىدىغان يامان نىيەتتىكى دۈشمەن ئۇنسۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خەقتىن چىقىۋاتسا، ... ھېلىمۇ ما خەنزۇ خەقنىڭ قورسىقى كەڭ، بولمىسا بۇ خەقنى ئوتتۇرىدىن يوقلا قىلىۋەتسىمۇ قىلىۋېتەلەيدۇ جۇما. بۇ قېتىم بۇ ھەركەتكە قاتناشقان بىردىن-بىر تاجىك مەن ئىكەنمەن، ھىچ ئىش قىلالمىساممۇ ئېتىۋار بېرىش يۈزىسىدىن بولسىمۇ بىرنېمە تەگمەي قالمايدىغۇ«

ئۇنىڭ يېنىدىكى باشقا ئۇيغۇرلاردىمۇ خۇددى ئەينەن شۇ تىپتىكى مەغرۇرلۇق بارىدى. ئۇلار تىك ئۇچار يەرگە قونۇپ بولغۇچىلا يەرگە سەكرەپ چۈشۈپ، دۈشمەنلەرگە ئوت ئېچىشنى كۆڭلىگە پۈكەتتى. خەنزۇ يولداشلار چوقۇم مىس-مىس ھەركەتلەر بىلەن ۋاقىتنى ئېلىپ، جاننى ئايايدىغاننىڭ قازىنىنى ئاسىدۇ، بىز دېگەن قارام ئۇيغۇر تۇرساق، جانغا تەۋەككۈل قىلىش دېگەن قانچىلىك ئىش!؟ »قېرى خوتۇن شاپتۇل يەپ، ئۈچكىسىنى ئايرىغۇچە« ئىشنى تۈگۈتۈپ قاراپ ئولتۇرۇمىز چوقۇم!

بۇنداق شېرىن ئويلار سىيىت ھوشۇر بىلەن گوجىشەندە بولمايتىمۇ؟ ئۇلار دېگەن بۇ قېتىمقى ھەركەتنىڭ قوماندانلىرى تۇرسا، ئەلۋەتتە تۆھپىنىڭ توم بېشى ئۇلارغا تېگىدۇ-دە! سىيىت ھوشۇرنىڭ ئارزۇسى قەشقەر شەھرىدە ئىشلەش ئىدى. سۆيۈملۈك خانىمى قەشقەر كوچىلىرىدا غىتتىڭشىپ مېڭىپ كەتسە، ئاخشاملىرى باغچىدا سەيلى قىلسا، ھەممە ئادەم ھېلىقى قاغىلىقنىڭ چېگرا رايونىدا خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان شۇكەن، دېيىشىپ، شىۋىرلىشىپ، بىر-بىرىگە كۆرسۈتۈپ كېتىشسە، خانىمى بىر قەھرىماننىڭ خوتۇنى بولۇپ قالغىنىدىن ئىپتىخارغا چۆمۈلۈپ كەتسە. دادىسىنى ئەكىلىپ، ھەپتە-ئون كۈن تۇرغۇزۇپ، مۇشۇنداق بىر قەھرىمان ئوغۇلنى تاپقىنىدىن مەمنۇنلۇققا چۆمدۈرۈۋەتسە،... ئۇھ بۇلارنى ئويلىغاندا قانداقمۇ ھاياجانلانماي تۇرغىلى بولسۇن؟

ئۇلار يولغا چىقىپ ئون مىنۇتقىمۇ قالماي گازارمىغا كېلىشتى. گازارمىنىڭ كەڭ ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىك ئۇچار ئايروپلان قاناتلىرى ئىشلەۋاتقان ھالەتتە كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. بىرنەچچە ئەسكەرمۇ تىك ئۇچارنىڭ يېقىنراق يېرىدە بۇلارنى كۈتۈپ تۇرغانىدى. ساقچىلار ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئەسكەرلەرگە ئۆزلىرىنىڭمۇ ئەسكەرلەردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ قويماقچى بولۇۋاتقاندەك جەڭگىۋار سەپ بولۇپ تىزىلىپ، تىك ئۇچارغا قاراپ مېڭىشتى. كۈتۈپ تۇرغان ئەسكەرلەر گوجىشەننى سالاملىدى، سالام تاما قىلىپ ھىجايغان سىيىت ھوشۇرغا پەس بىر نەرسىگە قارىغاندەك، ياراتماسلىق بىلەن قاراپ قويۇپ، گوجىشەنگە:

كەلدىڭلارمۇ؟ ھەممىڭلار مۇشۇمۇ؟ دەپ سورىدى.

ھە، كەلدۇق، ھەممە تەييارلىقىمىز تەق. ماڭساقلا بولۇدۇ.

بولۇدۇ، ئەمىسە، ئەگەر ياردەم كېرەك بولسا ئۇچقۇچىغا ئېيتساڭلار، ئۇ سىمسىز ئاپارات بىلەن بىزگە يەتكۈزۈدۇ.

بولۇدۇ، رەخمەت، تۈەنجاڭ، مېنىڭچە ئۇنچىۋالامۇ بولۇپ كەتمەس، ئۆزىمىز يېتىشىپ كەتسەك كېرەك.

بولۇدۇ ئەمىسە، مېڭىڭلار، مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن!

ئۇلار تېزلىك بىلەن تىك ئۇچارغا چىقىپ جايلاشقىلى تۇردى. ئاۋال كىرگەنلەرنىڭ ئارقا ئورۇندۇققا جايلىشىدىغانلىقىنى پەم ئەتكەن خىتايلار بۇ يەردە ئۇستۇلۇق بىلەن ئالدى قاتار بولۇۋېلىشقاچقا ھىچ چانماستىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىسىدىن ئورۇن ئېلىشتى.

ئۇلار جايلىشىپ بولۇپ، تىك ئۇچار ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغاندىلا سىيىت ھوشۇر بايا دالا ئارمىيە تۈەنجاڭىنىڭ ئىلتىپاتسىزلىقىنى يادىغا ئالدى. ئەمما ئۇ ئۇنىڭدىن ئاغرىنمىدى. ئەكسىچە »ھەربىي يولداشلاغىمۇ تەس جۇمۇ، يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ مۇشۇنداق چەت-ياقا جايلارغا كېلىپ، بىز خەقنى دەپ خىزمەت قىلىۋاتسا، يەنە بىز بەغەرەز خەق ياخشىلىققا يامانلىق قىلىپ، دايىملا بىچارىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ تۇرۇۋاتقاندىكىن، كۆڭلىدە مېنىمۇ سەنمۇ شۇ تائىپىدىنغۇ دەپ شۇنداق قىلسىمۇ قىلغاندۇ. ئەمما بۇ قېتىمقى ھەركەتتە تولۇق غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەن چېغىمىزدا كۆرۈمىزغۇ، مېنىڭ ئۇنداق بۇزۇق ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايدىغان، ئىنقىلابىي ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ يېتىپ، ئەپۇ سوراپ كېتەمدۇ تېخى!... «

تىك ئۇچار ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، غەرپ تەرەپكە قاراپ ئۇچۇشقا باشلىغاندا، قاغىلىقنىڭ مەسجىدلىرىدىن بامداتنىڭ ئەزىنى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇ 24-ئاۋغۇستنىڭ تېڭى ئىدى.

 

قان بولۇپ ئاققان ئوپران دەرياسى

 

تۈنۈگۈن دەريادىن ئۆتۈشتە كەچ قېلىپ، دەريادىن ئۆتۈشنى ئەتىسىگە قويغان يىگىتلەر، 24-ئاۋغۇستنىڭ تاڭ سەھەرىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇق تاغ سۈيىدە تاھارەت ئېلىشتى. ئاندىن جامائەت بولۇپ نامازلىرىنى ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن ئۇزاق دۇئا قىلىشتى. ئاندىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، دەريانىڭ ئۆتۈشكە ئەپلىكرەك يېرىنى تېپىش ئۈچۈن بىر تۆۋەنگە، بىر يوقۇرىغا مېڭىپ، ئاخىرى بىر يەرنى مۇۋاپىق دەپ قاراشتى. Kنىڭ بۇ يەرلەردىكى شىددەتلىك ئاقىدىغان دەريالاردىن ئۆتۈشتە مەلۇم تەجرىبىسى بارىدى. ئۇ مۇشۇنداق گورۇپپىلاردىن بىرنەچچىنى يولغا سالغان بولغاچقا، ئۇ كېچىكنى بېكىتتى.

كېچىكنى بېكىتىپ، شۇ يەردىن ئۆتۈش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن Kئۆزى ئۆتۈپ سىناپ باقماقچى بولدى. ھەر ئىھتىمالغا قارشى سومكىسىنى قويۇپ، سۇغا كىردى. سۇ تاغلاردىكى قارلارنىڭ ئېرىشىدىن كەلگەنلىكى، شۇنداقلا بۇ يەرلەرمۇ ئىگىزلىكتە بولغاچقا تومۇز بولۇشىغا قارىماي سۆڭەككە ئۆتۈپ كېتىدىغان سوغۇق ئىدى. ئۇ ئېقىننىڭ ئەڭ ئۇلۇق ئاققان ئوتتۇرا قىسمىغا قەدەر بېرىپ، ئۆتۈشكە بولۇدۇكەن دېگەننى جەزملەپ قايتىپ كەلدى. ئاندىن سومكىسىنى ئېلىپ، مۈرىسىگە ئاستى-دە:

ئەمىسە ئارقامدىن مېڭىڭلار، بىسمىللاھ دەپ، دېدى ۋە ئۆزى »بىسمىللاھ« دەپ سۇغا پۇتىنى تىقتى. بايامقى سوغۇق تېخىچە جېنى قاخشىتىپ تۇراتتى، شۇڭا ئۇ چىدىغۇسىز توڭۇپ كەتتى. ئارقىدىكىلەرمۇ توختىماي سۈرىلەرنى پىچىرلاپ كېلىشەتتى. دەريا گەرچە كىچىك بولسىمۇ تېز ئاققاچقىلا شۇنچە خەتەرلىك ئىدى.

دەريادىن ئۆتۈۋېلىشتى. پاچاققا ئۇرۇلغان سۇلار تۈرۈلۈپ، ئۆرلەپ بەلگىچە چىقىپ كەتكەچكە، ئۈستىبېشى ھۆل بولۇپ كەتكەن، سەھەرنىڭ سوغۇق ھاۋاسى قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ چىشلىرى بىر-بىرىگە تېگىپ كاسىلداپ تۇراتتى. بىر ئاز ئوغرى تىكەن، قامغاقتەك بىرنېمىلەرنى تېپىپ كېلىپ بىر يەرگە دۆۋىلەپ، ئوت يېقىپ ئىسسىنىۋالمىسا چىدىغۇسىز ئىدى. كېسەل بولۇپ قېلىشىمۇ مۈمكىن ئىدى. شۇڭا ئەمىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەر كىم سومكىلىرىنى تاشلاپ ھەر تەرەپكە يۈگرۈشۈپ يۈرۈپ سامان غوللۇق چۆل ئۆسۈملۈكلىرىدىن توپلاشقا باشلىدى. بۇ چاغدا تاڭ سۈزۈلۈپ، ئەتراپ تامامەن يورۇپ كەتكەن ئىدى.

بۇ سىدام تاغلاردىن ئوت قالىغۇدەك بىرنەرسە تېپىشمۇ تەس ئىدى. خۇددى تازنىڭ بېشىدەك تاقىر تاغنىڭ يانباغرىدا يۈگرەپ يۈرگەن يىگىتلەر ھەم ھەرىكەت بىلەن ئىسىپ قېلىشنى ئۈمىت قىلىشاتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق سومكىسنى قويغان يەرگە بېرىپ كېلىپ، قۇرۇق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ يۈرگەندە ئۇزاق يەرنىڭ تېگىدىن كېلىۋاتقاندەك موتۇرنىڭ ئاۋازى كەلدى. ئەڭ ئەۋۋەل بۇ ئاۋازنى تۇيغان K قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ، قۇلىقىنى دىڭ قىلىپ بىردەم تىڭشىدى. ھەقىقەتەنمۇ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان موتۇر ئاۋازى ئىدى. بۇ يەرلەردە يول بولمىغاچقا بۇنىڭ ماشىنا موتۇرى بولۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.

Kنىڭ جىم تۇرۇپ تىڭشاۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان ئىدرىسخانمۇ جىم تۇرۇپ تىڭشاپ، ئۇمۇ موتۇر ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئاڭلىدى-يۇ، تاتىرىپ كەتتى! بىر دەقىقە ئىچىدە كۆز ئالدىدىن نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر تىزىلىپ ئۆتۈشكە ئۈلگۈردى: زىلۋا بويلۇق سەھرا گۈزىلى ئايالى، ئوماققىنە ئوغلى، ھاياتى بويى جاپادىن باشقا كۆرگۈلۈكى بولمىغان جاپاكەش دادىسى، دايىم ئېزىلىپ ياش تۆكۈپلا تۇرۇدۇغان ناتاۋان ئانىسى، ئىنىسى، باشقا كىچىكلەر،... قاغىلىق بازىرى، قەشقەر شەھرى، ئۇششاقباش يېزىسى، كۆك ئاسمان، قاقاس ۋە ئۇچ-چېكى كۆرۈنمەيدىغان تاغلار، تۈرمە، ئازاپلىق قىيىن-قىستاقلار، جازا مەيدانى،... تۇل قالغان چىرايلىق ئايال، يىتىم بولغان ئوماق ئوغۇل ۋە يىتىملىكتە، يوقسۇزلۇقتا نىمجان، كېسەلچان بولۇپ ئۆسۈش، غېرىپچىلىق،....

تېز بولۇڭلا، باللا، تىك ئۇچار! ۋارقىرىدى K. ئۆزىمۇ دەر ھال يۈگرەپ سومكىسىغا يېتىشىشكە تىرىشتى.

بۇ كەمگىچە تىك ئۇچار ئۆزىمۇ كۆرۈندى ۋە ئۇلارنىڭ سومكىسىغا يېقىنلىشىشىغا يول بەرمەي، ئۈلگۈجىسىگە ئېتىشقا باشلىدى. بىر تەرەپتىن ئېتىپ، بىر تەرەپتىن پەسلەپ، دەريا بويىدىكى كىچىككىنە تەكشىلىككە قوندى. تىك ئۇچار قونغان يەر بىلەن بالىلارنىڭ ئارىلىقى 100 مېتېرچە كېلەتتى. تىك ئۇچار قونا-قونماي ئېتىلىپ سىرتقا چىققان ساقچىلار ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىپ، بۇلار تەرەپكە ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. بىرلىرى ئوق ئېتىپ مىلىكە قىلغان پۇرسەتتە بىرلىرى يىگىتلەرگە يېقىنلىشىپ، ئىمكان بار تىرىك تۇتۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى.

تېز، دەرياغا يېقىنلىشىڭلار، يۇمۇلاپ مېڭىڭلار، دەپ ۋارقىرايتى K.

ئۇ جىددىي ئۆمۈلەپ سومكىسىغا يەتتى. سومكىسىنى ئېچىپ نېمىنىدۇر ئىزدەپ تېپىپ ئېلىشقا تىرىشاتتى. ئەمما ئۈلگۈجە ياغدۇرۇلغان ئوقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ ھەركىتى تازا قولاشمايتى. بۇ ئارىدا ئەڭ دەسلەپكى تۇرشاۋۇل ساقچىلار يەردە سوزۇلۇپ يېتىۋالغان يىگىتلەردىن بەزىلىرىگە يېتەي دەپلا قالغان ئىدى. مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە K سومكىسىدىن بىر تال قول بومبىسىنى ئېلىپ ساقچىلار تەرەپكە ئېتىۋەتتى.

قول بومبىسى! دېگەن ۋەھىمىلىك چوقان بىلەن تەڭ، ئوق ياغدۇرغاچ بېسىپ كېلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ ھەممىسى »گۈپپىدە« يەرگە يېتىۋېلىشتى. بۇ پۇرسەتتە K قولىغا بىر تاپانچا ئېلىشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى.

دەرياغا قاراپ يۇمۇلاڭلار! دەپ توۋلىغاچ ئۆزىمۇ دەريا تەرەپكە قاراپ يۇمۇلىدى. ئارىدىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، قول بومبىسى پارتلىمىدى. ئەسلىدە ئالتە سېكونتتا پارتلىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىن ساقچىلار دەرھال ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. قول بومبىسىنىڭ بىخەتەر قۇلۇپى تارتىلمايلا تاشلانغان ئىدى!

ئەمدى تامامەن خاتىرىجەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن ساقچىلاردىن ساۋۇت مەرگەن دەريا بويىغا يېقىنلاشقان خېلىل ئالتۇننى قارىغا ئېلىپ، »گۇم« قىلىپلا ئېتىۋىدى، خېلىل ئالتۇن بېشىنى زورىغا بىر كۆتۈرۈپ، ئارقىدىن گىرۋەكتىكى سۇغا پالاققىدە چۈشتى. ساقچىلار يېقىنلاشماقتا ئىدى! ئۇلار مۈمكىن قەدەر تىرىك تۇتۇشنى كۆزلىگەچكە ئاتقان ئوقلىرى نىشانلىق دېيىشكە بولمايتى. پەقەت دەريا ئېقىنى بىلەن ئېقىپ، كۆزدىن يۈتۈش ئۇرۇنۇشلىرى تۇغۇلغاندىلا ئاتمىسا بولمايتى. بىر سەبدىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن K تاپانچىسىنى ساقچىلارغا قارىتىپ ئاتتى. ئەمما ئۇ بەك جىددىيلىشىپ كەتكەچكە ھىچ نىشان ئېلىپ ئاتمىغان ئىدى. شۇڭا ھىچبىر ئوقى بىرەر ساقچىغا تېگىپ كەتمىدى. ئۇيغۇر ساقچىدىن بىرى ھەمىد تالىپنى بېسىۋالدى. ھەمىد تالىپ خېلى كۈچلۈك بولغاچقا ساقچىنىڭ قولىغا كويزا سېلىۋېلىشىغا ئىمكان بەرمەي، يېنىدىن پىچىقىنى چىقاردى. پىچاقنى كۆرگەن ساقچى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا جىددىي قارار ئېلىپ، كويزا سېلىشتىن ۋاز كەچتى-دە، ئۆزىنى يان تەرەپكە ئاتتى. يەر تۈزۈلۈشىمۇ دەريا دەرەپكە قىسايغان بولغاچقا، تېزلا سۇ يېنىغا چۈشتى. ئابدۇلھەمىد قارى قولىدىكى پىچاقنى ئۇنىڭغا تىقىش ئۈچۈن گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئېتىلاي دېيىشىگىلا، ئارقىدىكى يەنە بىر ساقچى سەبدىشىغا يۈزلەنگەن خەتەرنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭغا قارىتىپ تەپكىنى بېسىۋەتتى! ئابدۇلھەمىد قارى توپتەك نەچچە قاڭقىپ، دەلدەڭلەپ بېرىپ، دەريانىڭ ئوتتۇرىغا يېقىن يەرگە چۈشتى. ئۇنىڭ جەسىدى بىر ئاز ئاققاندەك قىلدىيۇ، ئېقىننىڭ ئىچىدە چوقچۇيۇپ تۇرغان بىر تاشقا بېرىپ تاقىلىپ تۇرۇپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭدىن ئېقىۋاتقان قىزىل قان مۇزدەك تاغ سۈيىنى قىزىلغا بوياشقا تىرىشىۋاتقاندەك، بەسلىشىپ ئېقىۋاتقاندەك قىلاتتى.

بۇ چاغدا K نىشانسىز ئېتىپ يەتتە تال ئوقىنى تۈگەتتى. ئۇنىڭدا ئارتۇق ئوقمۇ يوق ئىدى. ياخشى بولغىنى ئۇ بۇ ئېتىش خاسىيىتىدە دەريا بويىغا كېلىۋالغان ئىدى. ۋەزىيەتنىڭ چاتاقلىقىغا كۆزى يەتتى. ئۆزىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دۈشمەننىڭ چاڭگىلىدا دېسىمۇ بولۇدۇغان ئارىلىقتا بولۇپ، Kنىڭ ئۇلارغا ھىچقانداق ياردىمى تەگمەيتى. دۈشمەننىڭ دىققىتى ئۇلاردا بولۇۋاتقان پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن K ئۆزىنى سۇنىڭ ئۇلۇق يېرىگە ئېتىپ، يېتىق ھالەتتە شىددەتلىك ئېقىۋاتقان دەريادا ئېقىپ، ئۇزاقلىشىپ كەتتى.

تاغ ئارىسىدا ئوق ئاۋازلىرىنىڭ ئەكس ساداسى شۇنچىلىك شاۋقۇنلۇق ئاڭلىناتتىكى، گويا بۇ يەردە تۈمەن كىشىلىك بىر قوشۇننىڭ ئېلىشىشى بولۇۋاتقاندەك. خىتايلارنىڭ ساقچىلىرى مۇجاھىدلارغا يېقىنلاپ، تىرىك تۇتۇشقا ئۇرۇنۇنماقتىدى. ئەمما ئۇلارمۇ بوش كەلمەي، قولىغا پىچاق ئېلىۋالغاچقا، قورقۇپ يېقىن كېلىشەلمەي، ئېتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتاتتى. مۇجاھىدلارنىڭ مەخسىدىمۇ ئۇلارنى ئېتىشقا مەجبۇر قىلىپ شېھىت بولۇش ئىدى. چۈنكى قۇتۇلۇشتىن ئۈمىد يوق ئىدى. بۇ ھالدا تىرىك قولغا چۈشسە خىتايلارنىڭ قىيىن قىستاقلىرى فاشستلارنىڭكىدىنمۇ ئون قات ۋەھشىي ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. تىرىك قولغا چۈشمەسلىك ئەڭ ياخشى چارە ئىدى. شۇڭا ئۇلار پىچاقنى تۇتۇپ »كېلىشە لالما ئىتلار!« ۋارقىراپ ھەيۋە قىلىپ تۇراتتى.

تىرىك تۇتۇش كېرەك! دەپ ۋارقىرىدى خىتاي گو جىشەن.

قولىدا پىچاق تۇرسا، قانداق يېقىنلىشىمىز؟

قولىغا ئېتىپ، قولىنى ئۈزۈۋېتىڭلار! ئەمدى ئۇلارغا قولنىڭ لازىمى بولمايدۇ!

بۇ بۇيرۇق خىتاينىڭ ساقچىلىرىغا جۈرئەت بەردى. شۇڭا ئۇلار قولىغا ئاتتۇق دەپ قالايمىقان ئېتىشقا باشلىۋىدى، قول بەدەنگە يېقىن بولغاندىكىن ئۇنى ئايرىم ئېتىش تەس بولۇپ، ئاتقان ئوقلار بەدەنلەرنى تىتىپ تاشلاپ، بىرنەچچەيلەن دەريا بويىدىكى دۆڭ سايازغا يىقىلدى. پەقەت ساۋۇت مەرگەنلا ئىدرىسخاننىڭ پىچاق تۇتقان قولىنى بېغىشىدىن ئۈزۈۋەتتى-دە، شۇئان تەييار تۇرغان يەنە بىر ئۇيغۇر ساقچى ئۇنى قۇچاقلاپلا تۇتۇۋالدى.

جەڭ ئاخىرلاشتى. تەڭسىز بىر سىناق مەيدانى ئىدى. بىر تەرەپتە ھەممە قورال بارىدى. بىر تەرەپتە بولسا بىر قول بومبىسى بىلەن بىر تاپانچىلا بارىدى. شۇندىمۇ تېخى قول بومبىسى پارتلىمىدى. تاپانچىدىكى ساناقلىقلا ئوق ھىچ نەتىجىسىز ئېتىلىپ تۈگىدى. تەربىيىسىز، مەشقسىز، تەجرىبىسىز مۇجاھىدلار خۇددى بىرنەچچە تال دان بىلەنلا قاپقانغا چۈشكەن قۇشقاچتەك، چىقىمسىز بىر شەكىلدە خىتايلارنىڭ ئوۋچىلىرى تەرىپىدىن ئوۋلاندى. ئالتەيلەننىڭ قانچىسى ئۆلۈك؟ قانچىسى تىرىك بىلىپ بولمايتى. چۈنكى شۇئاندا ئۇلارنىڭ ھەممە يېرىدىن قان ئېقىۋاتقاچقا، ئۆلمىگەنلەرمۇ ھۇشىدىن كەتكەن بولۇشىدا گەپ يوق. بۇ ھالدا قانچە تىرىك بارلىقىنى كىم بىلسۇن؟

ئانا ۋەتەننىڭ ئەڭ چوڭ دەرياسى بولغان تارىمغا بېرىپ قوشۇلۇدۇغان يەكەن دەرياسىنىڭ بۇ كىچىككىنە شاخچىسى ئوپران ئالتە مۇجاھىدنىڭ قانلىرىدىن قىزىل بولۇپ ئاقتى. بۇ قىزىل قانلار يەكەن دەرياسىغا، ئاندىن تارىمغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئانا دىيارنى سۇغۇرۇدۇ، چۆللەرگە سىڭىپ كېتىدۇ. تاغلار، بۇ سىدام تاغلار مۇجاھىدلارغا خائىنلىق قىلغانلىقىدىن خىجىل بولۇۋاتقاندەك مۇسىبەت ئىلكىدە ھوھۇلداپ تۇراتتى. بايىقى سۈرەن-شاۋقۇنلاردىن كېيىن ئەتراپتا جىم-جىتلىق ئۆز سەلتەنىتىنى يايغان ئىدى. بۇ جىملىقتا يالغۇز قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك، پۈتكۈل قاراقۇرۇمدا بىر ئۆكسۈش سېزىلەتتى. ئۇ سىدام بولۇپ قالغىنى، قىيالار، يارلار، ھاڭلار، ياكى چاتقاللار، دەرەخلەر بىلەن قاپلانمىغان سىداملىقىدىن بۇ جانلارغا زامىن بولغىنى ئۈچۈن ئۆزۈر سوراۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇنداقلا پاك جانلارنىڭ روھىغا بىر تەسەللىي ئۇ تاغلارنىڭ ھوھۇلدىغان تىلىدىن تۆكۈلۈۋاتاتتى: »سىدام يۈزۈمدە يوشۇرۇنغىدەك يەر تاپالماي، مۇداپىئەگە قولايسىزلىقتىن ئەرزان كەتتۇق، قىيا تاشلار، ئورمانلار بولغان بولسا ھىچ بولمىسا بىرەر ئىككى خىتاي ساقچىسىنىڭ جېنىنى ئېلىپ ئاندىن جان تەسلىم ئەتمەسمىدۇق، قانداق شۇم تاغلار بولغىيدىڭ دەپ ئاغرىنماڭلار، سىلەرنى بۈك-باراقسان جەننەتلەرنىڭ سەككىز دەرۋازىسىدىن چاقىرماقتا؛ ئەي پالانچى بۇ يەردىن كىر! ئەي پوكۇنچى بۇ دەرۋازىدىن كىر دەپ تالىشىپ كېتىلىدىغان دەرىجىلەرگە ئېرىشتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەڭ يۈكسەك ماقام ئىلتىپات قىلدى« دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

قۇرئاندا »ئۆلمەيدۇ« دەپ كېسىپلا ئېيتىلغان شېھىتلارنىڭ روھلىرى بولسا تاغلارنىڭ ئۈنسىز سادالىرىغا شۇنداق جاۋاپ بېرەتتى: »بىز شېھىت بولغانلىقىمىزدىن چەكسىز بەختىيارمىز، قىلغان ئىشىمىزدىن ئۆكۈنۈشۈمىز يوق. پەقەتلا ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ھىچقانداق شىكەست يەتكۈزەلمەي ئەرزان كەتكىنىمىز ئۈچۈن ئەپسۇسلۇنىمىز«.

ئانا ۋەتەننىڭ تاغلىرى بىلەن ئانا ۋەتەننىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىنىڭ روھلىرى ئارىسىدا ئاشۇ ساماۋىي سۆھبەت بولۇۋاتقان چاغدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورقۇنۇچلىرى پەسكارىغا چۈشكەن، جىددىلىشىشتىن ئۆپكىلىرى ئېچىپ ھاسىراپ قالغان ساراسىمىلىك كەيپىياتلىرىمۇ پەسەيگەن بولۇپ، ئەمدى ئۇلار غەلىبىلىرىنى خوجايىنلىرىغا مەلۇم قىلىپ، تاما قىلغان يۇندىلىرىنى ئىچىشكە ئالدىراشتى.

ئۆلۈك-تىرىك ھەممىسىنى بېسىڭلار، ھىچنەرسە چۈشۈپ قالمىسۇن، دېدى گوجىشەن.

تېز، تېز! دەپ بۇيرۇقنى يېڭىلىدى سىيىت ھوشۇر. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بىر قوماندان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى ئىدى. شۇنداق دەپ بولۇپ، خۇددى شەنى ئالغان نوچىدەك تايتاڭلاپ ماڭغاچ، بىرەر »خو« ئاڭلاش ئۈمىدىدە گوجىشەنگە قارىدى.

干的好! (ياخشى قىلدىڭلار) ، دەپ ماختاپ قويدى ئۇمۇ خوجايىنلارچە تەلەپپۇزدا رىغبەتلەندۈرۈپ.

ساقچىلار مۇجاھىدلارنىڭ جەسەتلىرىنى، لاكاسلاپ قالغان تەنلىرىنى، تەنلىرىنىڭ پارچىلىرىنى، سومكىلىرىنى تىك ئۇچارغا ئاپىرىپ باستى. شۇندىن كېيىنمۇ بۇيرۇق بويىچە جەڭ مەيدانىنى چالا قويماي، غېرىچمۇ-غېرىچ ئارىلاپ، ھەر ئۇششاق تاشلار ئارىسىغا سىنچىلاپ، ھەر يەرنى ئوۋچى ئىتلىرىدەك پۇراپ تەكشۈرۈپ چىقىشتى. ئاندىن تىك ئۇچار يېنىغا بېرىپ تىزىلىشتى. مۇئاۋىن بولۇش سالاھىيىتى بىلەن باشلىقىغا سىيىت ھوشۇر راپورت بەردى:

گورۇپپىدىكى ھەممە جەڭچى ھازىر بولدى! ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلار يوق!

ياخشى! ياخشى قىلدىڭلار ئەزىمەتلەر! پارتىيە ۋە ھەر مىللەت خەلقى سىلەرنىڭ قىلغان بۇ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىڭلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ! قېنى ئەمىسە ئاتلىنايلى!

ئەمدى ئۇلار تىك ئۇچاردىن ئورۇن ئېلىشتى. شۇنچىلىك قىسقا مۇددەت ئىچىدە تاغ-جىرالارنى شاۋقۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان ئوپېراتسىيە ئاخىرلىشىپ، تىك ئۇچار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ئوپېراتسىيىنىڭ مۇزەپپەرلىرى يۈز-كۆزلىرى، ئۈستىبېشى مەينەت، مۇجاھىتلارنىڭ ئۈستىدىن يۇققان قانلار بىلەن ئىپلاسلانغان بولۇشىغا قارىماي، چىرايىدىن غەلىبە شاتلىقى يېغىپ تۇراتتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ كېلىۋاتقىچە قىلىشقان شېرىن خىياللىرى تېخىمۇ كونكرېت تۈس ئالغان ئىدى. ئەمدى ئۇلار بۇنداق خىياللارنى قىلىشقا، بولغۇسى نىمەتلەردىن ئاغزىنى تاتلىق قىلىشقا تامامەن ھەق قازانغان ئىدى.

ساۋۇت ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنىڭ ھەممىدىن زورلىقىنى ھىس قىلىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ بۇ يەردىكى ھەممەيلەندىن ئىگىزلەپ كەتكەن ھىسىياتتا، ھەمرالىرىغا يوقۇرىدىن قاراپ، مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈمسىرەيتى. ئۇنىڭ بىلەن قارىشىپ ئولتۇرغان شىياۋخۇ بولسا، »توۋا، ما ئايلامباشنىڭ ئەقلىنى! ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى ھىچ ئىككىلەنمەيلا ئاتتى-يا! شۇئاندا تېخى ئۇ قەھرىمان بولدۇم دېگەن تۇيغۇدا شۇنچىلىك خوشال كۆرۈنۈۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ ئەگەر ئۇنىڭ قىلغىنىنى مەن قىلىپ قالغان بولسام ئىشىم پۈتۈتتى-دە. مەملىكەت بويىچە داڭقىم چىقاتتى. بۇ بىچارىگىمۇ بىر نەرسىلەر تېگەر، ئەمما، ئۇ بۇنىڭ نەقەدەر رەزىللىك ئىكەنلىكىنى، ئۆز مىللىتىگە خائىنلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەمدىغاندۇ؟ ياكى چۈشەنسىمۇ، نەپسىنى دەپ قىلىۋېرەمدىغاندۇ؟ بىزدىمۇ بولمىغانمىدى، ياپونلار بېسىۋالغان چاغلاردا، ياپونلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغان خىتايلار ئاز ئەمەس ئىدىغۇ؟ ئۇلارنى خەلق ياپونلارنىڭ لالما ئىتى دەپ ئاتايتى. ئەمما بۇلارنى نېمە دەپ ئاتايدىغاندۇ؟ بۇلارنى لالما ئىت دەيدىغانلار بەك ئاز بولسا كېرەك. بۇ ئايلامباشلاردا ۋەتەن، مىللەت دېگەن ئۇقۇممۇ بەك تۆۋەنكەن ئەمەسمۇ، چوقۇم بۇلارنى بىز بىلەن ئوخشاشلا قەھرىمان دەپ بىلىدىغان بېشى ئايلىنىپ قالغانلىرى كۆپ ساندا بولسا كېرەك. ئەگەر بىر كۈنلىرى كېلىپ، بۇ يۇرت بىزنىڭ مۇستەملىكىمىزدىن چىقىپ كەتسە، ئۇ چاغدا بۇ سىيىت ھوشۇرلار، بۇ ساۋۇتلار نېمە ئاتاقلاردا تىلغا ئېلىنىشىنى ئويلاپ كۆرەمدىغاندۇ؟« شياۋ خۇ ئۇيغۇر كادىرلارنى ئىلگىرىدىن بىلەتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ كۈلكە چىراي كۆرسۈتۈپ، خوشامەتگۇيلۇق بىلەن تۇرۇشلىرىنى ھارامزادىلىك، ئىچىدە خىتايلارغا ئۆچ، يالغاندىن ئاشۇنداق كۆرۈنۈدۇ، دەپ قارايتى. بۈگۈنكى ئەمەلىي جەڭ ئۈستىدە بۇلارنىڭ ئۇ قەدەر جان پىدالىق بىلەن، خۇددى بىكارغا تارقىتىۋاتقان مەلۇم بىر ماددىي مەنپەئەت تۈگەپ كېتىدىغاندەك ئالدىراپ، تالىشىپ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۆلۈمگە قاراپ يۈگرەشلىرىنى كۆرۈپ، بۇ خەقنىڭ نەقەدەر رەزىللىكىگە ھەيران قالغان ئىدى. ئاشۇنداق ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان روھى بار تۇرۇپ، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، غالچىلىق بىلەن، خوجايىنلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشى ئۇنىڭغا تازىمۇ ئەقىل قوبۇل قىلغۇسىز تۇيۇلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئالدىدىكىلەرگە »ئەجەبا بۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەممۇ، يا باشقا مەخلۇقمۇ؟« دەپ ئىشىنەلمەيۋاتقاندەك قاراپ-قاراپ قويۇۋاتاتتى. »دېمەك مۇشۇنداق بىر توپ لالمىمىز بولۇپ تۇرۇدۇكەن، بۇ زېمىندا مەڭگۈ خوجايىن بولۇشىمىزدا گەپ يوقكەن«، دېگەن كەسكىن قىياسقا كەلگەنىدى.

ئۈستى-ئۈستىگە دۆۋىلەنگەن ئۆلۈكلەرنىڭ يېنىدا ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلەپ، يەرگىلا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان ئىدرىسخان، ئالدىراپ-تېنەپلا باغلاپ قويۇلغان قول بېغىشىنىڭ مېڭىنى زىڭىلدىتىۋېتىدىغان ئاغرىقىدىن ھۇشىغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا تىك ئۇچاردا ئولتۇرغىنىنى كۆردى. ئۇ ئۆزىدىن باشقا ساق قالغانلار يوقتەك پەرەز قىلدى. قارشىسىدا ئولتۇرغان ساۋۇتنى تونۇدى. مۇشۇ ساۋۇت ئۆزىنىڭ مەرگەنلىك ھۈنىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ پىچاق تۇتقان قولىنى بېغىشىدىن ئۇچۇرۇۋەتكەن ئىدى. بولمىسا ئۇمۇ باشقىلاردەك شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن بولاتتى. ئەمدى تىرىك قېلىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئويلاشمۇ بىر دەھشەت ئىدى!

» بۇلار شۇنچە تېز، شۇنچە دەل قانداق يىتىپ كەلدى؟ تۈنۈگۈن بىزنى كۆرگەن ئادەملەرنىڭ ئىچىدە خىتايلار يوقتەك ئىدى، كىملەر مەلۇم قىلغاندۇ؟  بۇنچە چەكسىز تاغلىقلاردىكى چېگرىنى بىرنەچچە يەردىكى قاراۋۇل پونكىتى ئارقىلىق كونترول قىلىش مۈمكىن ئەمەس، خىتايلار ئاساسەن ئۆزىمىزگە تايىنىپ بۇ مەخسەتكە يېتىدۇ. تۇتۇلغان ھىساپسىز مۇجاھىتلارنىڭ ھىچبىرىنى خىتاي ئەسكەرلىرى، ساقچىلىرى كۆرۈپ قالغان ئەمەس، شۇ تاغلاردا ياشايدىغان يەرلىك كىشىلىرىمىز بايقىغان. ئۇلار نېمە ئۈچۈن؟ كىم ئۈچۈن دېگەن سوئاللارنى قويۇپ ئويلاپ باقمايلا مۇشۇنداق ئىشنى قىلامدىغاندۇ؟ ئۇلار بىزنى ھەقىقەتەنمۇ خەلقنىڭ، ۋەتەننىڭ دۈشمەنلىرى دېگەنگە ئىشەنگەچكە شۇنداق قىلامدىغاندۇ؟ قانداق دەھشەت! بۇ ئادەملەر نېمىنى ئۈمىت قىلىپ ياشايدىغاندۇ؟ ئۇلار بىزنى نېمە كۆرۈدۈغاندۇ؟« دەپ ئويلايتى ئىدرىسخان. ئاشۇ مەلۇم قىلىپ قويغۇچىلار نېمىنى بولمىسۇن بىر نېمىنى ئويلىسىلا ياخشىدىغۇ، ئەمما ئۇلاردا ئويلاشمۇ يوقىدى. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت، كۆز ئالدىدىكى دۇنيالا ھۆكۈمران ئىدى. ئۇلار كەم-كۇتىسىز ماڭقۇرتلار ئىدى.

»ھەي، بىزغۇ نىمىلا بولمىسۇن ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۈپتۇق، نېمە بولسا ئۆزىمىزنىڭ تاللىغىنى شۇ، بىچارە مەجىد تۇراپ ئاداشقا يامان بولۇدۇغان بولدى-دە! بالا چاقىلىق ئادەمدى، ئائىلىسى ۋەيران بولۇدۇغان بولدى! ئەمما ئۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. توغرا، ئۇنى بىلىدىغان بىرلا مەن بار. ئەمما مەن تىرىك، مانا شۇنىسى يامان-دە! شۇڭا دەيمەن، بۇنداق ھايات قېلىشىمدىن ئۆلۈپ كەتكىنىم كۆپ ياخشىدى! ئاللاھ، ئۆزەڭ بىر چىقىش يولى بەرگىن. قىلغان ئەجرىمنى مۇناپىقلىق بىلەن ژۇيۇپ تاشلايدىغان شەرمەندە بىر قىسمەتكە قويمىغىن ئاللاھ! مەن تىرىك قولغا چۈشتۈم، ئەمدى مەن بىلىدىغانلارنى دېمەي قۇتۇلالامدىم؟ مىڭ تۈرلۈك ئازاپلارغا چىدامدىم؟ ئاللاھ مەدەت بەرسە چىدايمەن! ئەمما، ھەرخىل بىھۇش قىلىش ئۇسۇللىرى، جۆيلۈتۈش ئۇسۇللىرى بارىمىش، ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلغىلى بولۇدۇ؟... مەجىد تۇراپتىن باشقا نېمىنى بىلىمەن؟ ھىچنېمىنى! ماڭا رەھبەرلىك قىلغۇچىنى كۆرۈپ باقمىدىم، خۇداغا شۈكرى. بىلمەيمەن دېگىنىمگە خىتاي ئىشەنمەي بەرىبىر قىينايدۇ-دە!... «

»ئى،... زىلەيخان نېمە بولۇپ كېتەر؟ قانداق لىۋەن خوتۇن ئىدى. ئۇنىڭ بەلەنلىكىنى بىرلا ئۆزەم بىلىمەن-دە. مانا ئەمدى ئۇنىڭغا نېمە بولار؟ مېنى ساقلاپ ئۆمرى ئۆتەرمۇ؟ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپلا كەتسە باشقا ئەرگە بېرىدۇ دېگەن گەپ! ئۇنىڭ باشقا ئەرگە تېگىشى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ئۇنىڭ يۈرىكىدە يانارتاغچە رەشق ئوتى ياقتىكى، تولغۇشۇپ كەتتى! ھەتتا قولىنىڭ ئاغرىقىنىمۇ ئۇنۇتقۇزۇۋەتتى! ياق، زىلەيخان مېنى ساقلايدۇ. مەن دېگەن ھەمزىنىڭ دادىسى تۇسام، بالىنى يىتىم قىلغۇسى كېلەمدا؟ ئەمما، بالىنى يىتىم قىلمايمەن دەپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈۋېتەمدا؟ ئۇ تېخى ئەمدىلا يىگىرمە ياشقا تولۇۋاتقان بىر غۇنچە تۇرۇپ، ئاشۇنداقلا سولۇشۇپ كېتەما؟ ياق، كونىدىن كېلىۋاتقان ئۇدۇم شۇ: ئاكىسى ئۆلسە، بالىنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن ئىنىسىگە نىكاھلايدىغان ئىش بار. بەلكىم ئىككى ئائىلىدىكىلەر ھەمزىنىڭ بەختىنى ئويلاپ، زىلەيخاننى ئىنىمگە نىكاھلاپ قويامىكى؟«  بەرىبىر ئۆزىدىن باشقا بىرىنىڭ زىلەيخانغا يېقىنلىشىشىنى ئويلىغىنىدا ئۇنىڭ قەلبىدىكى رەشق ماگمىسى پارتلىماي قالمىدى! زىلەيخاننىڭ كېلىشكەن زىلۋا بويى، شەھەر ئاياللىرىنىڭ سۈنئىي ئىشلەملەر بىلەن چوقچايتىۋالىدىغان كۆكسىدەك، ئەمما ھىچقانداق سۈنئىيلىك ئارىلاشمىغان كۆكسى، بويۇنلىرىنىڭ سۈزۈكلىكى، يىڭىچكە بەلدىن ئۆتۈپلا بىردىن دومبۇيۇپ كۆتۈرۈلگەن تولۇق، بىجىرىم ساغرىلار ۋە ئۇنىڭ قان تومۇرلىرى كۆرۈنگىدەك سۈزۈكلىكىنى،...نى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدا رەشقتىن ئۆرتۈنۈپ كەتتى.

»ھەمزە نېمە بولا؟ ئۇنىڭ ئويۇنچىلىقى، ئەكىلىكى، ئادەمنى مەھلىيا قىلىپ ئۆزىگە ئامراق قىلىۋالىدىغان جىمىكى خۇلقى ئەمدى بەرباد بولاما؟ مەن نۇرغۇن يىتىملەنى كۆمۈدۈممۇ؟ ئۇلارنىڭ ساغىرىپ، بويۇن قىسىپ تۇرۇشلىرى، باشقىلانىڭ قولىدىكى يەيدىغان نەسىلەگە مۆلدۈلەپ تىكىلىشلىرىنى كۆرمۈدۈممۇ؟ ھە،.... ئىسلامدىكى يىتىملەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، يىتىمگە تاماق بېرىش، يىتىمنىڭ بېشىنى سىلاش ھەققىدىكى تاپىلاشلارنىڭ ھىكمىتى بۇ يەردە ئىكەن ئەمەسمۇ؟! كاشكى شۇ بىزنىڭ خەلق ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغان بوسىغۇ، دىنىمىزنىڭ ھەممە تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان بوسىغۇ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتىمۇ بولمايدىكەندۇق، ھەي،... ئەمما بىزنىڭ خەلق نامازنى بىر ئۇدۇم، ياكى كۆنۈپ قالغان ئادەت ھىسابىدىلا داۋام قىلىۋاتقان بىلەن، ئەمەلىيەتتە دىننى چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا ھەتتا بىزدەك ئاللاھ يولىدا، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى كۆزلەپ، ئاشۇ مەزلۇم خەلقنى دەپ مۇشۇنداق كۈنلەرگە قالغىنىمىزنىمۇ چۈشەنگۈدەك ھالى يوق. خىتاي قىلغان تەشۋىقاتقا ئىشىنىپ، بىزنى يامان ئادەملەر دەپ قارايدۇ تېخى! سىڭگەن نېنىنى يېسە بولمامدۇ؟ دەپ ئەيپلىشىپ بېرىدۇ. ئەمما ئۇلار بىر مۇسۇلمان، كاپىرلار ۋەتىنىنى بېسىۋالغان ئەھۋالدا سىڭگەن نېنىنى يەپ ئولتۇرسا گۇناھكار بولۇدۇغانلىقىنى، بەندىنىڭ قۇللۇقىنى تەن ئېلىشنىڭ ئاللاھنىڭ قۇللۇقىنى رەت قىلىشقا بارابەر بولۇشىنى چۈشەنمەيدۇ ئەمەسمۇ!... ھەي، ھەمزە، ھەي ھەمزە، ھازىر نېمە قىلىۋاتىدىكىن؟ ئانىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلا-ئارامنى سۈپۈرۈپ، سۇ سېپىپ بىكار بولغۇچە ئۇخلايدىغان، بەلكىم، بۇ ئۇلارنىڭ ناشتا ۋاقتىغۇ دەيمەن؟ ياق، بىز جەڭ بىلەن بولۇپ ۋاقتنىمۇ ئۇنتۇپتۇق، ئاللىقاچان قوزاچۈش ۋاقتى بولۇپ قالغاندەك تۇرۇدۇ. ھە بۇ چاغدا ھەمزە نېمە قىلاتتى؟ ئانىسىچۇ؟ زىلەيخان مالغا ئوت ئالۇدۇ، ئوت سالۇدۇ، سۇ بېرىدۇ،... شۇنىڭدەك باشقا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ. ئانىسى ئۆي ئىشلىرى بىلەن بولۇۋاتقان چاغلاردا ھەمزە بەزىدە ھويلىدا ئۆمۈلەپ يۈرۈدۇ، ياكى سۇپىنى تۇتۇپ مېڭىپ يۈرۈدۇ. يىقىلىپ قوپۇپ، ئۈستىبېشى توپا تەرەت، ئاللا-ئاللا، يېزىنىڭ بالىسى-دە! قانداق تاتلىق. توپا-چاڭغا مىلىنىپ كەتكەن يۈزلىرىمۇ شۇنداق ئوماقتى-دە جانۋارنىڭ! ئانىسىچۇ، خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاش، ئانىسىمۇ شۇ، پەردازنى بىلمەيدۇ، سەھراچە، يۈز-كۆزى كۈيە، توپا ياكى ئوتنىڭ كۆكى چىقىپ قالغان، شۇنداق بولسىمۇ شۇنداق يېقىملىق،... ئىدرىسخاننىڭ ھەمزىدىن باشلىغان خىياللىرى قاناتلىنىپ، ھەرتەرەپكە ئات چېپىپ كەتكەن ئىدى. بۇنى كېيىن سەزگەن ئىدرىسخان، قايتىدىن ھەمزە ھەققىدە ئويلاپ، ئۇنىڭ ئىشىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىپ باقماقچى بولدى، گويا ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلىشقا قۇربى يېتىدىغاندەك! ئانىسى ھەمزىگە داداڭ ساڭا بازاردىن ئويۇنچۇق ئەكىلىدۇ دەۋاتامدىغاندۇ؟ مېنىڭ بازاردا ئەمەس، مازاردا ئىكەنلىكىم ئۇخلىسا چۈشىگە چىمەيدۇ-دە، ئۇلانىڭ. ئاڭلىسا قورقۇپ ژۈرىكى چىقىپ كېتە! ھەي، شۇ ھەمزىنى دېگەندە يەنىلا زىلەيخاننىڭ ئىنىمگە ياتلىق بولۇشى ئەڭ ياخشىسىدەك تۇرۇدۇ. بۇ ئىشلا بولۇپ بولغاندا مەن قۇتۇلۇپ چىقىپ قالسام نېمە بولۇپ كېتە؟ ياق، مۈمكىنما؟ مۇشۇ خىتايلا مېنى قويۇۋېتەما؟... «

تىك ئۇچار قاراقۇرۇم تاغلىرىدىكى قورقۇنۇچلۇق داۋانلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، دەسلەپكى يۇرتلار ئۈستىدە كېتىۋاتقاندا، ئىدرىسخاننىڭ كۆزى ئىختىيارسىز ھالدا پەستە كۆرۈنۈۋاتقان ئېتىزلار، يوللار، ئورمانلار بىلەن زىننەتلەنگەن ئېرىقلارغا چۈشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى رەڭلىك قېرىنداش بىلەن قەغەزگە سىزغان رەسىمدەكلا كۆرۈنەتتى. ئېتىزلاردىكى زىرائەتلەرنىڭ رەڭگى ياكى زىرائىتى ئورۇۋېلىنغان ئېڭىزلىقلار بويىچە ئايرىلىپ، خۇددى يېشىل مەخمەلگە سېرىق تاۋاردىن ياماق سالغاندەك؛ ياكى سېرىق تاۋار يوتقانغا يېشىل مەخمەلدىن ياماق سالغاندەك كۆرۈنەتتى.

»ئۇششاقباشنىڭ ئاسمىنىدىن ئۆتتۇقمىكىن؟« دەپ ئويلىدى ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا. ۋە يۇرتىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئىستىكىدە كۆزلىرىنى پەستىن ئالماي تىكىلىپلا قالدى. ئەسلىدە ئۇ يۇرتىنىلا ئەمەس، ئۆزى ئۆسكەن ئاشۇ ئەسكى كېسەك ئۆينى، ھويلىدا يۈرگەن بولسا ئۆيدىكىلەرنى، زىلەيخاننى، ھەمزىنى كۆرۈۋېلىشنى تاما قىلاتتى. خۇددى بۇ ئىگىزلىكتىن پەستىكى ئادەملەرنى كۆرگىلى، تونۇغىلى بولۇدۇغاندەك! ئۇ ئۈمىدى ئەمەلگە ئېشىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بىلەن لەرزىگە كەلدى. چىدىغۇسىز ئاغرىپ تۇرۇۋاتقان قولىنىڭ ئاغرىقىنى يەنە بىر كەررە ئۇنتۇپ قالدى! ئۇ ئۇششاقباشنى تونۇپ قالغان ئىدى! شۇڭا ئۇ ئەمدى باشقا ئارزۇلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا ئاشىدىغاندەك بېشىنى تېخىمۇ پەسكە ئىگىپ، ئۆيىنى ئىزدەشكە باشلىدى، ئۆيىنى تېپىۋالسىلا ھويلىدا ھەممەيلەن ئۇنى كۈتۈپلا ئاسمانغا قارىشىپ تۇرغاندەك بىر ئەخمىقانە ھىس بارىدى.

 

2

 

زىلەيخان كۈندىلىك ئادەت بويىچە قوزا چۈش مەھەلدە ئۇلاغلارنى سۇغۇرۇپ، ئوقۇرلارغا ئوت سېلىش ئۈچۈن ھويلىغا چىقتى. ھەمزە پاچىقىغا ئېسىلىپ ئەركىلەپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇنى كۆتۈرۈپ چىقتى. تالادا كۆيدۈرگۈچى چېقىر ئاپتاپ قايناپ كەتكەن ئىدى. بالىنى ھويلا سۇپىسى تۈۋىدە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن گەپلەشكەچ ئىشىغا تۇتۇندى.

مېنىڭ بالام بەك ئەقىللىق، خاپا قىلمايدۇ، ئۆزى ئويناپ تۇرۇدۇ، مەن ئىشىمنى تۈگۈتۈپ بالامنى ئوينۇتۇمەن، زىلەيخان سۇپا تۈۋىدىن قوتان تەرەپكە يىراقلاپ كېتىشى بىلەنلا ھەمزە يىغلاشقا تەمشەلدى. سۇپىنى تۇتۇپ بىر ئۇياققا، بىر بۇياققا مېڭىۋاتقان بالا، قانداق قىلسىمۇ ئانىسى تەرەپكە كېلەلمەيۋاتقىنىنى چۈشەنمەستىن جىلى بولغانىدى.

مانا ھازىر كېلىمەن، جېنىم بالام، بىردەم ئويناپ تۇر، زىلەيخان ئۇنى بىردەم گوللاپ، ئىشىغا داۋام قىلدى.

زىلەيخاننىڭ ئىشىمۇ تۈگەپ تۇرۇشىغا، ھەمزە سۇپا تۈۋىدە سەندىرەكلەپ، سۇپىنى تۇتۇۋېلىشقا ئۈلگۈرمەي، بۇ ياق تەرەپكە يىقىلىپ، يىغلاپ كەتتى.

خاپا بولما، بالام، ئاناڭ ئەسكى، خاپا بولما، دېدى زىلەيخان يۈگرەپ كېلىپ، ۋە بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ شېرىن ئەركىلىتىشلەر بىلەن بەزلەشكە تىرىشتى، بالامنىڭ دادىسى بازاردىن ياخشى ئويۇنچۇق ئەكىلىدۇ، بالام ئوينايدۇ، ساڭا ماشىنا ئەكەلسۇنمۇ بالام؟ ھويلىدا ھەيدەپ ئوينامسەن؟ زىلەيخان بالىنى قۇچىقىدا ئىككى يانغا چايقاپ گول قىلغاچ، ئويۇنچۇق ھەققىدە ئويلاپ قالغان ئىدى. »ھەي ي، ئەتتىگەن ئاۋۇ كۈنى نېمىشكە بالىغا ئويۇنچۇق ئالغاچ كېلىڭلا دەپ بۇيرۇمۇغاندىمەن؟« دەپ ئۆكۈندى ئۇ. ئەمما تېزلا، »ئۇ چوقۇم بىر نەرسە ئېلىپ كېلىدۇ، بالىسىنى يەپ قويغۇدەك ياخشى كۆرۈدۇ ئەمەسمۇ، چوقۇم بىر نەرسە ئەكىلىدۇ« دەپ ئىشەندى. دەل شۇ چاغدا قاراقۇرۇم تەرەپتىن تىك ئۇچارنىڭ ئاۋازى غوڭۇلداپ ئاڭلىنىپ، ئارقىدىن ئاق بۇلۇتلار پاختىدەك تازا، توپ-توپ لەيلەپ يۈرگەن، ئەمما بۇلۇتسىز يەرلىرى زەڭگەررەڭ كۆك ئاسماندا بىر تىك ئۇچار پەيدا بولدى. زىلەيخاننىڭ ئويۇنچۇق ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىغا ئەمدى كونكرېت بىر نەرسە قوشۇلغان ئىدى، قارا، بالام، كۆردۇڭمۇ ئۇ تىك ئۇچارنى؟ سەنمۇ تىك ئۇچاردا ئۇچامسەن؟ داداڭ ساڭا تىك ئۇچار ئەكىلىدۇ، سەن ئۇنى ھويلىدا ئۇچۇرۇسەن، دېدى ۋە بالىنىڭ قولىنىڭ بېغىشىدىن تۇتۇپ ئىگىز كۆتۈرۈپ، ھەي، ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلار! دەپ توۋلاپ، بالىنىڭ قولىنى پۇلاڭلاتتى، مەنمۇ بىر كۈنى ئۇچۇمەن، سىلەردىنمۇ ئىگىز ئۇچالايمەن! بالا ئۈچۈن، ئۇنىڭ تىلىدا بۇ خىتاپنى قىلىپ، يىغىدىن توختاپ دىرىڭلاپ، ئەركىلەشكە باشلىغان ئوغلىنى باغرىغا باسقىنىچە، ئۇنى ئۇخلۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى.

 

»تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى« تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان »بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىلى« ناملىق كىتاپچىدا بېرىلگەن ئاخباراتلار ئاساس قىلىندى.

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى



   [①]دوبەن خىتايچە (道班) نىڭ بۇزۇلغان شەكلى بولۇپ، يول ئاسراش نۇقتىسىنى بىلدۈرىدۇ، ئا.

   [②]كىلاشنىكوۋ ئوكرائىنالىق قورال مۇتىخەسىسى، بۇ يەردە ئۇ كەشپ قىلغان ئاپتومات كۆزدە تۇتۇلۇدۇ. ئەللىكىنچى يىللاردا بارلىق كوممۇنىست دۆلەتلەر قورال تۈرلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇرۇش پەيتلىرىدە ئۆزئارا ماسلىشىشقا پايدىلىق بولۇدۇغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ خىل قورالنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىنى خىتايغىمۇ بەرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق قوراللىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى، ئا.

   [③]بىلال رەسۇلىللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن. قارا تەنلىك مۇسۇلمان. نەبەۋىي مەسجىدىنىڭ تۇنجى مۇئەززىنى، ھايات ۋاقتىدىلا جەننەتتىن خۇشبىشارەت بېرىلگەن ساھابىنىڭ بىرى، ئا.

Powered by Bullraider.com

ئۇچۇر