- سىدىقھاجى روزىنىڭ ئائىلىمىز ھەققىدىكى تۆھمەتلىرىگە جاۋاپ
- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەققىدە تەرتىپسىز دىئالوگلار
- «گۇگۇم» ناملىق رومان نەشىردىن چىقتى
- «قارلىغاچ ئۇۋىسىدىكى باچكىلارنىڭ شىۋىر-شىۋىرى»نى قايتا ئېلان قىلىش توغرىسىدا
- ئۈمىتسىزلىك ۋە ئەقىل ئۇچقۇنى
- داۋا ۋە نوپۇزنىڭ مۇناسىۋىتى
- RFA غا ياقىدىغان تېمىلاردىن بىرى بۇ ئىدى
- يالتادا نېمە بولغان؟ (يالتا كېلىشىمى)
- قان ئىچىدىكى بوۋاق (ئاۋازلىق)
- خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى
- ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى نېمىگە باغلىق؟
- ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم مۇناپىقلار
بارلىق يوللانمىلار
بارلىق يوللانمىلار
تور بېتىمىزگە قويۇلغان يوللانمىلارنىڭ ھەممىسى _ تۈرىدىن قەتئىينەزەر _ بۇ ئانا كاتىگورىيىدە
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەققىدە تەرتىپسىز دىئالوگلار
- تەپسىلاتلار
- كاتىگورىيىسى: سىياسىي ئەسەرلەر
- نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: شەنبە, 04 فىۋرال 2012 20:59
- يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى
- تىكلاش سانى: 259
(oqungText normal korunmise bu yerdin )
يېڭى قوشۇلغان ئىلاۋە: ئەينەك تورىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى گەۋدىسى بولغان تور بەتتە بەزى تەنقىدلىرىم ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان 2004 ۋە 2005 ئارىلىقلىرىدا بەزىلەر ئامېرىكىدىكى مەشھۇر »پىت بازىرى«دا ماڭا قاراتقان بەزى سوئاللارنى ئېلان قىلىشتى. بۇ سوئاللار مېنىڭ رادىئو بىلەن مۇناسىۋىتىم، رادىئوغا قارىشىم، ئومۇمەن مەن ۋە رادىئونى چۆرىدىگەن مەزمۇنلاردا ئىدى. بۇ سوئاللارغا ئۇزاققىچە ئېتىبار قىلمايمۇ يۈردۈم، ئاخىرىدا يەنىلا سوئاللارنى رەتلەپ، بىر سوئال -جاۋاپ قۇراشتۇرۇپ چىقتىم. بۇ مەزگىلدە رادىئودىكى دولقۇن قەمبىرى ئەپەندىنىڭ دوكتورلۇقى پەش قىلىنىپ، ئۇنىڭ قارا قوساقلاردىن ئەمەسلىكى ھەققىدىكى ئاقلاشلارمۇ مۇشۇ پىت بازىرىدا كۆرۈنگەن ئىدى.
بۇ تەرتىپسىز دىئالوگلار قوراشتۇرۇپ چىقىلغان بولسىمۇ شۇنچە ئۇزۇن يىلنى باشتىن كەچۈرۈپ، »يارىماس ماقالىلار« توپلامىم ئىچىگە بەنت قىلىنىپ، ئېلان قىلىنماسلىققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. سەۋەبى باشقا بەزىلەرگە، بەزى ساھەلەرگە ئىستەككە قارشى ھالدا »دەز كېتىش« نەزەردە تۇتۇلغان ئىدى. ئەمدى بۇ كۈنلەرگە كەلگەندە تۇيۇقسىز بۇنى ئەسلەپ قېلىشىمغا نۆۋەتتە مەيدانغا كەلگەن ئاتموسفرا — ئېنىقراقىنى دېسەم »قالىغاچ ئۇۋىسى...« خاپىلىقى سەۋەپ بولدى. مەن بۇ دولقۇن قەمبىرى دېگەن جاناپ ھەققىدە چوقۇم توختالمىسام بولمايدىغانلىقىنى، بۇ جاناپنى خەلققە، تارىخقا ئەسلى سۈپەتلىرى بىلەن تونۇتۇپ قويمىسام بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ زۆرۈر بىر مىللىي مەجبۇرىيەت ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. بۇ ئادەمنىڭ نەقەدەر ئەخلاقسىز، پەزىلەتسىز بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ھىچنېمە دېمەسلىك خۇددى بىر »تامايى بار«دەك ھاۋا ئەستۈرۈدۇغان تۈرى بار. شۇڭا، بۇ يەردە بۇ ئىلاۋە ئارقىلىق، ئەسلىدە ئېلان قىلماسلىق قارارىغا كېلىنگەن بۇ تەرتىپسىز دىئالوگلارنى ئېلان قىلىش قارارىغا كېلىپ قېلىشىمدىكى يېڭى سەۋەپلىرىمنى ئېيتىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر ھىساپلىدىم.
ئىلگىرى مەن ئىستانبۇلدا بىر ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئودىن نېمىلەرنى كۈتۈدۇغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغانىدىم. بۇ ئىمزا توپلانغان قەغەزلەر ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەنمۇ بولدى. ئەمما بۇ ئادەم بۇنىڭدىن بىر نىشاننىڭ ئۇپۇقىنى كۆرەي دېمىدى؛ كېيىن بەزى يېنىك تەنقىدلەر بىلەن غىدىقلاپمۇ باقتىم؛ بۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئەۋەتىلگەن بەزى مەتۇ خەۋەرلەر پايدا-زىيىنى ئويلاپ كۆرۈلمەستىنلا ئېلان قىلىندى: بىرى قازاقىستاندا بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن، بىرىنچى سېكرىتار بولغان بىر مۇناپىق ئۇيغۇرنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئىدى. كوممۇنىست دەۋرىدە يوقۇرى ئەمەل تۇتقان، كوممۇنىستلارنىڭ ئەتىۋار بالىسى بولغانلار ئومۇمەن خەلق دۈشمىنى ھىساپلانمامدۇ؟ بەك ئاددىي بىر فورمۇلا بىلەن بۇنى ئايرىغىلى بولۇدۇغان بولسىمۇ، ئەمما دولقۇن ئەپەندىدە بۇنى ئاڭقارغىدەك ئۇماچنىڭ يوقلۇقى بىلىندى، توغرىسى بۇنداق نىيەتنىڭ، سەزگۈر قەلبنىڭ يوقلۇقى تېخىمۇ ئېنىق ئىدى؛ كېيىن بىر ئۇيغۇر جاسۇس تونۇشتۇرۇلدى. ئۇ مىللىي مەنپەئەتىمىزگە قارشى سوۋېت ك گ ب سىدە ئىشلىگەن پىشقەدەم جاسۇس ئىدى؛ تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، مەنسۇر روزىيېۋ دېگەن يەنە بىر مۇناپىق، شىڭ شىسەي جاللاتنىڭ سوۋېتلىك مەسلىھەتچىسىنىڭ »ئۇيغۇر زېمىنىدە« ناملىق كىتابىنىڭ خەۋىرى بولدى. بۇ كىتاپتا بىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى بارلىق قەھرىمانلىرىمىز قارىلانغان بولۇپ، شىڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر بايان قىلغان كىتاپ ئىدى! بۇ قەدەر ۋىجدانسىزلىقلارغىمۇ سۈكۈت قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇردىن باشقا بىر مىللەت بولۇدۇغان بولسا، مىللىي مەنپەئەتلىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇنداق بىر ئورۇندا بۇنداق بىر قارا قوساق ياكى تېخىمۇ توغرىسى بۇنداق بىر نىيىتى بۇزۇقنىڭ ئىشلىشىگە ھەرگىز سۈكۈت قىلمىغان بولاتتى. ئەمما بىز دەپ ئۆتكۈنۈمىزدەك لامزەللە »دىپلومات مىجەز« بولغانلىقىمىزدىنلا بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىدى ياكى بىز ئۈچۈن ئەزەلدىن »تەرەپ« مىللىي مەنپەئەتتىنمۇ ئۈستۈن تۇرغاچقا مانا شۇنداق مىللىي زىيانداشلار مۇشۇنداق بىر ئورۇندا داۋاملىق تۇرۇپ، تېخىمۇ زور خىزمەتلەرنى قىلغىلى بولۇدۇغان يوشۇرۇن پوتانسىيال ئەۋزەللىكلەر زايا كەتمەكتە ئىدى.
بۇ بىچارىنىڭ نەقەدەر قارا قوساقلىقىنى »قالىغاچ ئۇۋىسى... « ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بۇ يۈزى قېلىن ئادەم قىلچە ئىككىلەنمەي، سىدىقھاجىنى ئوبزورچۇلۇقتىن توختۇتۇپ قويدى! گەرچە سىدىقھاجىنىڭ قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرىنى ئوبزور دەپ كەتكۈدەك بىر نېمە بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ خەلققە مەلۇم پايدا بېرىشىنى جەزم قىلغىلى بولمىسىمۇ، نېمىلىكى بولمىسۇن دولقۇن قەمبىرىگە بۇرۇن يارىغان، رادىئونىڭ ئەھۋالىغا يارىشا بىر ئوبزورچى ئىدى-دە. ئەمما شەخسىي خۇسۇمەتتىن توختۇتۇپ قويۇشى ھەقىقەتەنمۇ پەسكەشلىك بولغان! ئەخلاقسىزلىق بولغان! دەل كوممۇنىست خىتايلاردىن يۇقتۇرۇپ كەلگەن بۇنداق رەزىل ئەخلاقسىزلىقنى ھۆر دۇنيادىمۇ تارتىنماستىن ئىشلەتكەن. كاشكى بۇنىڭغا ھەققى بولسا! چوڭ دادىسىدىن قالغان مۈلۈك بولغان بولسا!
رادىئودا شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى، رادىئودا دولقۇن قەمبىرىنىڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى، ھىچ بولمىغاندا شۇنداق كۆرۈنۈدۇ؛ بەلكىم بۇ دەسلەپتە رادىئوغا كىرىشتە تۈركىيەدىن ئالغاچ كەلگەن جاۋاھىراتلارنىڭ يۈزىدىن ياكى بىللە يېگەن ئۆپكە ھېسىپنىڭ يۈزىدىن بولۇشىمۇ مۈمكىن. يەنە بىر تەرەپتە بۇ ئادەملەر سىدىقھاجىنىڭمۇ يېقىنى بولۇپ، رادىئونىڭ ئىچكىي سىرلىرىنى تەمىنلەپ، رادىئونىڭ »قىزىلچىراق رايونى«غا ئايلىنىپ قالغانلىقىدەك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، ئۇنى قۇترۇرۇتۇپ، »قالىغاچ ئۇۋىسى... « دەك »ماقالە«لەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە كۈشكۈرتكۈچىمۇ بولالايدۇ.
بۇ ئادەملەرنىڭ ۋەتەندىن چىقىشىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ كۆرۈدۇغان بولساق شۇنداق ئاجايىباتلار بىلەن روبىرو كېلىمىز: ۋەتەندىكى بارلىق مال-مۈلكىنى ساتىدۇ، نۇرغۇن كىتاپنى يۈكلەپ، پۈتۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ يولغا چىقىدۇ؛ ئەمما خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ دىققىتى قوزغالمايدۇ! بالىلارغا پاسپورت بېجىرىش ئەزەلدىن ئاسان ئەمەس ئىدى، بۇنى كۆپچۈلۈك بىلىدۇ. پۈتۈن ئائىلە بىرلا قېتىمدا يولغا چىقىدۇ، كەلمەسكە كېتىۋاتقىنى بىلىنىپلا تۇرسىمۇ، ھاماقەت خىتايلار بىلەلمەيدۇ! مانا مۇشۇنداق مۆجىزە يارىتالايدىغان ئۇلۇغ ئەرباپلارغا تولغان بۇ رادىئو قىلىشى مۈمكىن بولغان ئىشلارنى تولۇق قىلالىدىمۇ؟ ياق!
مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر بىلەن بۇ دىئالوگنى ئېلان قىلىشنى قارار قىلدىم. ۋە بۇنىڭغا »قالىغاچ ئۇۋىسى... « ۋەقەسىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن سوئاللارنىمۇ قوشتۇم.
ئۈمىتسىزلىك ۋە ئەقىل ئۇچقۇنى
- تەپسىلاتلار
- كاتىگورىيىسى: سىياسىي ئەسەرلەر
- نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: پەيشەنبە, 19 يانۋار 2012 01:05
- يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى
- تىكلاش سانى: 210
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇلۇشى دۈشمەنلىكمۇ؟ ياكى دۆتلۈكمۇ؟« دېگەن ماۋزۇدا بەس-مۇنازىرە قوزغاشقا ئۇرۇنۇپ، بۇ ماۋزۇنى توربەتكە ئېسىپ قويۇپ، ئىنكاسلارنى ساقلىدىم. بىر ئايغا يەتمەيلا 535 قېتىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ بىر قۇر ئىنكاس بېرىلمىدى. بۇ ھال مېنى قاتتىق ئۈمىتسىزلەندۈرۈۋەتتى. ئىلگىرىكى بىر يازمىشىمدا توردىكى يوللانمىلار، ئىنكاسلار ھەققىدە مەلۇم كۈچلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن، ھەتتا ھەققى ئالدىن بېرىلگەن »ئىنكاسچىلار« ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قىياسىمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بۇ قېتىمقى سىناق بۇنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولۇپ قالدى.
يالتادا نېمە بولغان؟ (يالتا كېلىشىمى)
- تەپسىلاتلار
- كاتىگورىيىسى: سىياسىي ئەسەرلەر
- نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: دۇشەنبە, 14 نۇيابىر 2011 17:46
- يوللىغۇچى: جاللات
- تىكلاش سانى: 413
يالتا — بۈگۈنكى ئوكرائىنانىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى ساياھەت شەھرى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غالىپلىرى بىلىنگەن بىر مەزگىلدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى — ستالىن، چۇرچىل، روزۋېلتلار بۇ يەردە ئۇچرۇشۇپ، ئۇرۇش غەنىمەتلىرى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا خەرىتىسىنىڭ قانداق سىزىلىشى تېمىلىرىدا كېلىشىم قىلىشقان.
ۋەتىنىمىزدە زىيالىلار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرى مۇشۇ يالتادا پىچىلغان، يالتا كېلىشىمىگە ئاساسەن خىتايغا بېرىۋېتىلگەن دېگەن قاراش مەۋجۇت. بۇ قاراشنىڭ ئەڭ دەسلەپ كىملەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقى، بۇنىڭ نېمىگە ئاساسلانغانلىقى قىزىق بىر تېما. يەنە نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزلىرىنى دۇنيا سىياسىسىنى چۈشۈنۈدۇغان بىلەرمەن قىلىپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن مانا شۇ يالتا يىغىنى تېرمىنىنى كۆتۈرۈۋالىدۇ ۋە بەزى سورۇنلاردا ئەنە شۇنداق لاپ ئېتىپ تۇرۇدۇ.
داۋا ۋە نوپۇزنىڭ مۇناسىۋىتى
- تەپسىلاتلار
- كاتىگورىيىسى: سىياسىي ئەسەرلەر
- نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: سەيشەنبە, 17 يانۋار 2012 03:17
- يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى
- تىكلاش سانى: 343
ئىككى قەدەم ئارقىغا
خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باش بولۇپ، باشقا تەشكىلاتلار، مەتبۇئاتلارمۇ قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋا ھەركىتى (خەلقارادا تونۇلۇشى) ئۈچۈن بەك ياخشى بىر كوزۇر ياراتقان ئىدى. بۇ كوزۇر رابىيە قادىر ئىدى. ئەمما رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىغا يولغا سېلىنىشى بولسا كوزۇرىمىزنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشىدىكى بىرىنچى قەدەم، يەنى، خاتىمىسىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەركىزىدىكى خىتايغا مەسئۇل بۆلۈمدىكى مايكقا (ئەسلىدە 1999-يىلىدىن باشلاپ بىزنىڭ كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتىمىز قويۇق بولغان، ئۇ چاغلاردا ئالەت لەيدىگۇي خانىم باشلىق ئىدى، كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا مايك تەيىنلىنىپتىكەن) شۇنداق ئېلخەت ئەۋەتكەنتىم: »بىز ئۈچۈن ياراتقان كوزۇرۇڭلارنىڭ قىممىتى تۈگىدى، شۇڭا ئەمدى يېڭىدىن يەنە بىرنى ياراتساڭلار،... «
ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى نېمىگە باغلىق؟
- تەپسىلاتلار
- كاتىگورىيىسى: سىياسىي ئەسەرلەر
- نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: جۈمە, 04 نۇيابىر 2011 04:20
- يوللىغۇچى: جاللات
- تىكلاش سانى: 877
مەزكۇر ماقالىنى ئۇيغۇر ئامېرىكان بېتىدىن كۆچۈرۋىلىنغان بولۇپ، ئەپسۇس، ھازىر ئۇنىڭغا ئائېت مەنبەلەر پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ تاشلىنىپتۇ. : بۇنىڭغا قارىغاندا ئۇ يەر بەزىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك راستلا پېت بازىرى ئوخشايدۇ.
تەۋسىيە: بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ مەزكۇر ماقالىنى تەپسىيلى ئوقۇپ چىقىپ، چۇڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
يازغۇچىنىڭ كىملىكى ئەسكەرتىلمەپتۇ. شۇنداقتىمۇ، قەلەم ئېگىسىگە اللە دىن ئەجېرلەر تېلەيمىز.
پىدائيلار تورى
تېخىمۇ كۆپ تېمىلار...
- خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى
- شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇلۇشى دۈشمەنلىكمۇ؟ دۆتلۈكمۇ؟ (ماقالە)
- بۇ رىياكارلىقمۇ ياكى شۇملۇقمۇ؟
- خىيانەت قىلىنغان دېموگراتىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان كۆرىشى
- ئوز تەقدىرىنى ئوزى بەلگىلەش تاللىشى ئاقىلانە تاللاشمۇ ؟
- كونا يول، كونا كەش
- ئەرزان جانلار (پوۋېست)
- قان ئىچىدىكى بوۋاق (ھىكايە)
- غەرپ دۇنياسىدىكى بىر كۈنۈم (ھىكايە)
- ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﮕﯩﻢ؟ (شېئىر)
Subcategories
-
توربەت ئۇقتۇرۇشلىرى
- بۇ كاتىگورىيىدىكى يوللانما سانى:
- 0
-
سىياسىي ئەسەرلەر
- بۇ كاتىگورىيىدىكى يوللانما سانى:
- 12
-
ئەدەبىي ئەسەرلەر
- بۇ كاتىگورىيىدىكى يوللانما سانى:
- 5
-
نەسرىي ئەسەرلەر
ھىكايە، نەسىر، رومان، ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي خاتىرە،... قاتارلىقلار بۇ يەرگە قويۇلۇدۇ.
- بۇ كاتىگورىيىدىكى يوللانما سانى:
- 3
-
نەزمىي ئەسەرلەر
شېئىرىي ئەسەرلەر ب يەرگە توپلۇنۇدۇ.
- بۇ كاتىگورىيىدىكى يوللانما سانى:
- 2
-
ئۈن - سىن دۇنياسى
- بۇ كاتىگورىيىدىكى يوللانما سانى:
- 4
-
ئاۋازلىق ھۆججەتلەر
- بۇ كاتىگورىيىدىكى يوللانما سانى:
- 3
-
سىن ھۆججەتلىرى
- بۇ كاتىگورىيىدىكى يوللانما سانى:
- 1
-
ئىلمىي ئەسەرلەر
بۇ كاتىگورىيىدە ئىلمىي ئەسەرلەر توپلۇنۇدۇ.
- بۇ كاتىگورىيىدىكى يوللانما سانى:
- 0











