- مانجۇ سۇلالىسى چىڭ _ خىتاي ئەمەسىدى!
- تور بازىرىدا سېتىۋېلىش مەشغۇلاتى ئاددىيلاشتۇرۇلدى
- ئاللېن داللاسنىڭ مەشھۇر نۇتقىدىن
- قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا (مۇسەددەس)
- قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا (مۇخەممەس)
- رادىئودا نېمىلەرنى قىلغىلى بولاتتى؟
- گېتلىرنىڭ نۇتقى
- قاغىلىق قەتلىئامىدىن كۆرۈنۈشلەر
- سىدىقھاجى روزىنىڭ ئائىلىمىز ھەققىدىكى تۆھمەتلىرىگە جاۋاپ
- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەققىدە تەرتىپسىز دىئالوگلار
- «گۇگۇم» ناملىق رومان نەشىردىن چىقتى
- ئۈمىتسىزلىك ۋە ئەقىل ئۇچقۇنى
- داۋا ۋە نوپۇزنىڭ مۇناسىۋىتى
- قالىغاچ ئۇۋىسىدىكى مەخپىي سۆھبەت
بارلىق يوللانمىلار
ئەدەبىي ئەسەرلەر
ئەرزان جانلار (پوۋېست)
- تەپسىلىي ماتېرىيالى
- كاتېگورىيە: نەسرىي ئەسەرلەر
- 2011 يىل ئۆكتەبىر-10 دۈشەنبە 22:50 ئېلان قىلىنغان
- ئاپتور: باقى
- ئاۋاتلىقى: 581
ئەلۋىدا، ئانا يۇرت!
1
1992-يىلى، 20-ئاۋغۇست، ئەتتىگەن.
ئۇششاقباشنىڭ ئادەتتىكى كۈز ئەتىگىنى، ئۇزاقتىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئەسكەن سالقىن دەرەخ شاخلىرىنى مەيىن لىڭشىتىپ، خۇددى سانسىز قۇشلارنىڭ ئۇزاقلاردا شىۋىر-شىۋىر قىلغىنىغا ئوخشاش شىۋىرلىغان ئاۋاز چىقىراتتى. سەھەرنىڭ سالقىنى جانغا ئارام بېرىپ شۇنچىلىك خۇشياقاتتىكى، سۈمۈرۈپ-سۈمۈرۈپ نەپەسلەنگۈسىنى كەلتۈرەتتى.
شۇ يەرنىڭ ئادەتتىكىچە دىھقان ئائىلىلىرىنىڭ بىرىدە ئەتتىگەندە كۈندىلىك تىرىكچىلىكى ئۈچۈن ئۆيدىن چىققان ئىدرىسخان دەرۋازىنىڭ قىسىلچىقىدا كىچىككىنە قەغەز باغاقچىنى كۆرگىنىدە يۈرىكى »قارت«تىدە قىلىپ قالدى. بۇنى شاماللار ئەكىلىپ قىستۇرۇپ قويغانمىدۇ؟ ياكى ئاخباراتمىدۇ؟ ئۇ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرغانلارنىڭ يوقلۇقىغا ئەمىن بولۇش ئۈچۈن كەينىگە شارتتىدە قارىۋېتىپ، ئاندىن باغاقچىنى ئاچتى. ئاچتىيۇ، يۈرىكى »شۇررىدە« قىلىپ كەتتى. بۇنى ھاياجان دېيىشكىمۇ، قورقۇنۇچ دېيىشكىمۇ ئاساس يوقىدى. پەقەت، باغاقچىغا يېزىلغان ئۇچۇرنىڭ پۇچۇركىسى تونۇش ئىدى. بۇنداق تونۇش پۇچۇركا بىلەن بىرلا كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان ئۇچۇر تەكرارلىقى ئاسانلا سېزىلىپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى. ئۇ باغاقچىنى سىقىمداپلا يانچۇقىغا سالدى. چۈنكى ئارقىسىدىنلا ھويلىغا چىققان ئىنىسى قولىدىكى نەرسىنى كۆرۈپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى. شۇڭا دەرھال قازناققا ماڭدى.
ئۇ تاسادىپىي كۆرۈپ قالغان بىر كىنودا يەر ئاستى پائالىيەتچىلىرىنىڭ شىفىرلىق يېزىشىدىغانلىقى، بۇ »شىفىر« دېگەننى تەرجىمە قىلىپ ئاندىن ئوقۇيدۇغانلىقىنى، باشقىلار كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، ۋۇجۇدىنى بىر تۈرلۈك ھاياجان لەرزىگە كەلتۈرگەن ئىدى. »شۇ شىفىر دېگەن قانداق نەرسىدۇ؟ كاشكى بىزمۇ شۇنى بىلگەن بولساق قانداق ياخشى بولاتتى؟ ساۋاتنىڭ تۆۋەنلىكىدىن قىلغان ئىشىمىزنىڭ تايىنى يوق ھە دېمەيلا تۇتۇلۇپ، خىتاينىڭ قولىدا نابۇت بولۇپ كېتىۋاتقان نەۋقىران باللىغا ئېست!« شۇندىن كېيىن ئۇ سەبداشلىرىغا بۇ ھەقتە كۆپ گەپ قىلدى. »مۇشۇنداق بىر ئالاقە ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش يولىدا ئىزدىنىپ بېقىشقا تىرىشىپ باقايلى، مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى تاپايلى«، دەپ قاخشىدى، ئەمما كۆڭۈل قويۇشمىدى. ھەتتا ئۇنىڭ »كىنودىن كۆردۈم« دېگىنىمۇ تالىپ بالىلارغا غەلىتە ئاڭلاندى. »توۋا ئىدرىسخان كىنولارغىمۇ بېرىپ تۇرۇدۇكەن ئەمەسما؟« دېيىشىپ، ئۇنى ئەيپلەشتى. ئەمما ئىدرىسخان ئۇلارغا »ئاللا رىزاسى ئۈچۈن نىيىتىمنى چۈشۈنۈڭلا، مەن نېمە دەۋاتىمەن، سىلەر نېمە ئاڭلاۋاتىسىلە؟« دەپ قاخشاپ كەتكەنىدى. ھەتتا شۇنداق تالىپلارمۇ بارىدىكى، ئۇلار باشقا پەننىي كىتاپلارنى ئوقۇشنىمۇ خالاپ كەتمەيتى. يامان دېيەلمىسىمۇ، ھەر ھالدا تۇمشۇقلىرىنى پۈرۈشتۈرەتتى.
ئۇ قازناققا كىرىپ ئاندىن باغاقچىنى چىقىرىپ ئاچتى. ئۇچۇردا شۇلار يېزىلغان ئىدى:
»شاھيار ئەتراپلىرىدىكى ھەركەتكە داخىل بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. سىز ئۆزىڭىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، قالغانلار سىزنى ئىزدەپ بارغۇچە سىز قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ تۇرۇڭ. مۈمكىن بولغىنىچە چېگرىغا ئەڭ يېقىن يەرگىچە بارالايدىغان بولسۇن. سەبداشلىرىڭىز سىزنى ئىزدەيدۇ. K سىلەرگە باشلامچىلىق قىلىدۇ. ھەممىسى تونۇشلىرىڭىز بولغاچ پارولغا ئىھتىياج يوق. كۆرۈشۈش بۇرۇنقى يەردە«.
شۇغۇنىسى ئاشۇ K كىمكىنا؟ ئۇ بىز تونۇمايدىغان بىرى بولسا كېرەك، شۇڭا ئىھتىيات يۈزىسىدىن ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان گەپ-تە.
بۇ بۇيرۇق ئىدى. بۇنىڭغا ئارىسالدىلىق قىلىشقا بولمايتى. ئۇ ھويلىغا قايتىپ چىقىپ ئىنىسىگە زۆرۈر ئۆي ئىشلىرىنى تاپشۇردى ۋە:
— مېنىڭ ناھىيىگە بارىدىغان زۆرۈر ئىشىم چىقىپ قالدى، بىر بولسا ھايالشىپ قالىمەن، بىر بولسا قايتىپ كېلىمەن، — دېدى.
ئاندىن ئاساسىي ئۆيلەرگە يۆلەپ باغ تەرەپكە سېلىنغان ئايرىم ئىككى ئېغىز ئۆيگە — ئۆزىنىڭ ھوجرىسىغا كىردى. ئايالى بۇ چاغدا بۇدرۇق ئوغلىنى ئىمىتىپ ئولتۇراتتى. بۇ ھال ئۇنىڭغا بەكمۇ ئازاپلىق بىلىندى. ئۇ تېخى ئۆيلەنگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى. مۇھەببەتنىڭ سىرلىق دېڭىزىدا پىلتىڭلاپ ئۈزۈۋاتقان مەزگىلى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇنداق ئوماق بىر ئوغۇل ئاتا قىلغانىدىكى، ئۇنىڭ جانلىق، ھەركەتچانلىقى، دايىملا شۈك تۇرماستىن دىرىڭلاپ تۇرۇشى، ھەتتا ياش دادىنىمۇ ھارغۇزۇپ قويۇدۇغان دەرىجىدە تىنىمسىز ئىدى. ئۇنىڭ تاتلىقلىقىمۇ دەل ئاشۇ شوخلۇقىدا بولۇپ، شوخ قارا كۆزلىرىنىڭ مەسۇمانە چاقنىشى، ئۈچبۇرجەك بولۇپ كۆرۈنۈدىغان ئاغزىنىڭ ئوماقلىقىغا چىداپ بولمايتى. ئاخشاملىرى يوتقان ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن ئويناشماق شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ئىدىكى، ئۇ ئاللاھقا بولغان شۈكرانلىرىنى شۇنداق ئىپادە قىلىشقا ئادەتلەنگەنىدى: »ئىھ ئاللاھ، ماڭا مۇشۇنچىلىك چوڭلۇقتا ئالتۇن بەرگەن بولساڭمۇ، مېنى بۇنچىلىك بەختىيار قىلالماس ئىدى!« ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق دېگۈچىلىكى بار — ئالتۇنغا بەرگۈسىز بالا ئىدى.
مانا ئەمدى بۇيرۇق بويىچە ئۇ بىر قانچە سەبدىشىنى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى كېرەك ئىدى! ياش ۋە تىپىك سەھرا گۈزىلى بولغان ئايالىنى، ئاشۇ »ئالتۇنغا بەرگۈسىز« ئوغلىنى تەرك ئېتىشى كېرەك ئىدى! ئايالىغا نېمە دېيىشى كېرەك؟ ئالداش كېرەكمۇ؟ راستىنى ئېيتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇنىڭ بېشى پىرقىراپ كەتتى. ئۇ ھىجرەتكە كەتسە قايتىپ كېلەلەمدۇ؟ بۇ پەقەت مۇشۇ مۇدھىش ئىستىلاچى ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلغاندىلا مۈمكىن بولۇدۇغان ئىش ئىدى؛ ئۇ تېنچ ئامان چىقىپ كېتەلىسە، بارغان يەرلىرىدە پۇت تىرەپ تۇرغىدەك ئىمكانغا ئېرىشسە، بۇلارنى ئىلىپ كېتەلەرمۇ؟ بۇمۇ خىتايلارنىڭ ئىنساۋىغا باغلىق ئىش ئىدى. ئومۇمىي جەمئىي شۇ ئىدى: بۇ جۇدالىق كەمكوتىسىز جۇدالىق ئىدى! ئاخىرىغا كۆز يەتكۈزگىلى بولمايتى.
ئۇنىڭ بوسۇغىدىلا مەڭدەپ تۇرۇشى ئايالغا بەكمۇ يوچۇن تۇيۇلدى.
— سىلىگە بىر نېمە بولدىما؟ گاڭسا ئادەمدەك تۇرۇپلا كەتلە، ھەمزە سىلىگە ئۆمتۈلۈپ، ئۆمتۈلۈپ، جاۋاپ بولمىغاچقا نەچچە كالپۇك چۆجەپ يىغلامسىراپلا كەتتى.
— ھە،.... كەل بالام، — دېدى ئۇ ئوخشاشلا ئاشۇ تۇمانلىق روھىي ھالەتتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن ھالدا، — نېمە، سىلە مېنىڭ تۇرۇقلۇرۇمغا دىققەت قىلىپ قالدىڭلا؟
— دىققەت قىلمىغۇلۇقما ئەمىسە؟ شۇندا ئاجايىپلا تۇرۇپ كەتتىلە-يا؟
ھەقىقەتەنمۇ قىيىن مەسىلە ئىدى. بۇ ئىشلارنى قانداقمۇ چۈشەندۈرگۈلۈككىنە؟ ئۇنداق ئادەم نېمىشكىمۇ ئۆيلەندىكىن؟ ماڭغان يولۇڭ بارسا كەلمەس يول تۇرسا، ئاقىۋىتىڭ بىر كۈنى مۇشۇنداق بولۇشى كۆڭلۈڭگە ئايان تۇرسا، خەقنىڭ قىزىغا ئۇۋال قىلىپ، بىگۇنا بىر نارەسىدىگە ئۇۋال قىلىپ نېمىشكىمۇ ئۆيلەندىڭكىنە؟ »ئى ئاللاھ، ماڭا ئۆزەڭ ياردەم قىل، بۇ مېنىڭ ماڭغان يولۇمدىن پۇشايمان نالەم ئەمەس، مۇشۇ قىيىن مەسىلىدىن چىقىشىمغا ياردەم قىل« دېگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ. ياش جۇۋاننىڭ پەدازسىز يۈزىدىكى تەبىئىي گۈزەللىكلەرنى تاماشا قىلغىنىدا ئۇنىڭ ئازابى تېخىمۇ ئارتتى. ئايالنىڭ يوغان كۆزلىرى ئۈستىدە قايرىلما كىرپىكلىرى كۆز بۇلاقلىرىغا سايە تاشلاپ، خۇددى سۈزۈك بۇلاق سۈيىگە بۇلاق بويىدىكى مەجنۇنتاللار سايە تاشلاپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى؛ ئىلىپتەك ئىنچىكە ۋە قۇسۇرسىز تۈز قاڭشىرى بۇ كۆزلەرنى خۇددى ئىككى سۈزۈك كۆلچەكنى ئايرىغان قىرلىق ئىدىرغا ئوخشايتى. ئېغىزلىرىدىكى نەپسلىك دەل ئاشۇ ئوماق ئوغۇلنىڭ ئاغزىدا ئەكسىنى تاپقان ئېرسىي ئالاھىدىلىكتىن بىرى ئىدى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى مانا مۇشۇنداق بىر پەرىزاتنى ئىدرىسخاننىڭ ئىمانى كامىللىقى، ئەخلاقىي پەزىلىتى، دىنىي ئىلمى ئانچە يۈكسەك بولمىسىمۇ، ئاللاھ سۆيگۈسى ئۈچۈن ياشايدىغان پاك روھىنى دەپلا بەرگەن ئىدى.
ئەمما بۇ پاك يىگىتنىڭ كىشىلەر، ھەتتا ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئانچە بىلمەيدىغان بىر تەرىپى بار ئىدى. ئۇ ئاللاھ سۆيگۈسى ئۈچۈن ياشىغان ئىكەن، ئاللاھ بۇيرىغان ئىشتىن باش تارتالمايتى. ۋەتەندە تاجاۋۇزچى خىتاي بارىكەن، ئۇ تېنچ-خاتىرىجەم ناماز ئوقۇش بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ، دىنىي بۇرچۇمنى ئورۇندۇدۇم دېيەلمەيتى. ئۇنىڭ تېخىمۇ موھىم بۇرچى، ۋەتەننى تاجاۋۇزچىدىن قۇتۇلدۇرماق، بەندىنىڭ قۇللۇقىدا قالغان ئاللاھنىڭ قۇللىرىنى ئازات قىلماق ئىدى. بۇ يولنىڭ ئەنە شۇنداق شەرىپى بارىدى، ئەمما ئەنە شۇنداق خەتىرى بارىدى. كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئايال تۇل، بالا يىتىم بولاتتى.
— زىلەيخان، ماڭا قاراڭلا، مېنىڭ ناھىيە بازىرىدا ئىشىم چىقىپ قالدى، مەن دىككىدا شۇ يان چىرىپ چىقاي، ئۇزۇنىمۇ سەپەر، قىسقىسىمۇ سەپەر، »سەپەر دېگەن خەتەر« دېگەن گەپ بار ئەمەسما، ئەگەر ھالىمادىس ماڭا بىر نەرسە بولۇپ قالسا، خالىساڭلا مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ قېلىڭلا، بولمىسا ئۆزەڭلارنىڭكىگە كەتسەڭلامۇ مەيلى، ياش بوغاندىكىن قايتا ياتلىق بولساڭلىمۇ مەن رازى، — دېدى. بۇ گەپلەرنى ئۇ بىر يولىلا دەۋەتتى. نېمىشكە بۇنداق دېگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، ئەمما شۇنى بىلەتتىكى، يەنە ئىككىلىنىپ، تىل چايناپ تۇرسا، ئايالى تېخىمۇ يامان گۇمانلارغا مۇپتىلا بولاتتى. شۇڭا ئۇ ئالدىراپ-سالدىراپ دەيدىغىنىنى دەۋەتتى.
— نىمانداق گەپلەرنى قىلىلا، ئىشت پوق يىمەستە؟ قارا بېسىپ قاپتۇ-يا؟ يامان چۈش كۆرۈپ قالغان بولسىلا باشلىرىدىن بىر نان ئۆرۈپ دىۋانىغا بېرىۋېتىلى. ئاخشام ھىچ خەۋىرى يوق ئىش، ئەتتىگەن قوپقاندا خەۋىرى بولمىغان ئىش، تالاغا بى چىقىپ چىرىپلا نەدىن چىقتى؟ ئۇنىڭغىمۇ خوپ، ئەمما نېمە شۇم ئېغىزلىق قىلىپ كەتتىلە؟ خۇددى بۇرۇن ھىچ قاغىلىق بازىرىغا بېرىپ باقمىغاندەك؟! — خوتۇننىڭ نېپىز لەۋلىرى ئۆمچەيگىلى تۇرۇۋاتاتتى، كىيىك كۆزلىرىدىمۇ ياش دۇردانىلىرى لىغىرلاپ، ھېلىلا تۆكۈلۈشكە تەييار تۇرغاندەك ئىدى.
— بۇرۇنمۇغۇ باغان، توغرا، بامىغان يەر ئەمەستى. ئەمما ھازىر دېگەن چوڭ ئادەم بولدۇق، بۇرۇنقى ساياق باللادەك كېتىۋەرسەك بوممايدۇ، شۇڭا... باشقا بى تەرىپى يوق، يامىنىغا ئەپ كەتمەڭلا، — ئۇ شۇنداق دېگەچ كېلىپ ئايالىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى. ئاندىن خۇددى مودا ئارتىسلىرىدەك ئىنچىكە بېلىنىدىن ئۆزىگە تارتتى. بۇنداق ئەۋرىشىم بەللەرگە چوڭ شەھەرلەرنىڭ خېنىملىرى مىڭلارچە سوم پۇل خەجلەپ، گۈزەللىك گىمناستىكىسىغا خەتلىنىپ، ھەم ۋاقىت ھەم پۇل زايا قىلىپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان گۈزەللىك ئىدى. بۇ گۈزەل قامەت ناۋايى تىلىدا: »تالى مەجنۇن قامىتىڭنى باغدا شەمشاد ئەيلىگىل« دەپ تەرىپلەنگەن بولسا، خەلق داستانلىرىدا »ئەۋرىشىمدەك بويلارىڭغا چىرماشىپ ئۆلسەم كاشكى« دەپ كۈيلەنگەن ئىدى.
نازۇك قامەت يىگىتنىڭ بىجىرىم قامىتى بىلەن يۆگەشكەندە، ئۇنىڭ توم لەۋلىرى ئۆمچۈيۈشكە باشلىغان نېپىز لەۋلەرگە جۈپلەشتى. لەۋلەر ھەتتا دەم تارتىلغاندەك ئۇنىڭ ئاغزى ئىچىگە خۇددى ئېمىزگىنىڭ ئېغىزلىقىدەك شورۇلۇپ كىرىپلا كەتكەنىدى. قۇۋۋەتلىك قوللىرى بولسا نازۇك بەدەننى — ئارقىسىدىن سىلاشقا باشلىغانىدى. ئايالنىڭ دۈمبىسىنى سىلاۋاتقان قوللىرى مۈرىلىرىدىن باشلاپ، زىلۋا بەلدىن ئۆتكەندە، زىلۋا بەلگە نىسبەتەن ئالاھىدە تولغان ۋە گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمىگە ئاجايىپ جىپىس كەلگەن ساغرىسىغا كەلگەندە يۇمشاق، تولغان ساغرىلاردىن قولى ئارقىلىق ئۆتكەن كۈچلۈك بىر ئېلىكتىر ئېقىمى يۈرەكلىرىنى جىغىلدىتىۋەتتى. بۇ چاغدا بولسا ئىدرىسخاننىڭ يىگىتلىك ۋۇجۇدى ئەسەبىي بىر ئوت تەرىپىدىن ۋەسۋەسە قىلىنىپ، تىنىقلىرى تېزلىشىشكە باشلىغان ئىدى. ئەمما ئۇ يەنە بىر ئاز كۆڭۈلنىڭ مەيلىگە بېرىلسە نېمىلەر بولۇشىنى پەملەپ، ئايالىنىڭ لەۋلىرىدىن ئاجراتقان ئاغزىنى ئىتتىك-ئىتتىك ئىككى مەڭزىگە ئۇزۇتۇپ، چوكۇلدۇتۇپ سۆيۈپلا، ئايالنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇردى. ھەر ئىككى كۆزدە خۇددى يانارتاغدەك قۇدرەتتە، بەس كەلگىلى بولمايدىغان شەھۋانىي ئوت يېنىپ تۇراتتى.
— كۆڭلۈڭلىگە ھەقىسما يامان ئوينى كەلتۈرمەڭلا، خوتۇن، ئاللاھ ساقلىسا ئامانچىلىق، — دەپ ئىڭەكلىرىدىن ئەركىلىتىپلا، سۇپا ئۈستىدە ئۆمۈلەپ يۈرگەن ئوغلىنى چاقىردى، — ھەمزە، ھەمزە، كەل بالام، بىر سۆيۈۋېتەي!
بالا دادىسى بىلەن ئوينۇشۇپ كۆنۈپ قالغاچقا دەرھال بۇ ياققا ئۆمۈلەپ كەلدى. ئىدرىسخان ئوغلىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بويۇنلىرىنى، چاچلىرىنى، يۈز –كۆزلىرىنى پۇراپ چىقتى، ئاندىن يەنە شۇ يوسۇن بىر خىل ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۇتتۇر كەلگەن يەرلىرىگە سۆيۈپ چىقتى. ئاندىن بالىنى ئانىنىڭ قولىغا بېرىپ:
— دۇئا قىلىڭلا، — دېدى –دە، ھوجرىسىدىن چىقىپ كەتتى. شۇنداق تېز، تۇيۇقسىزلا، ئېتىلغاندەك چىقىپ كەتتى. ئۇ چاناقلىرىنى ئېچىشتۇرۇۋاتقان جۇدالىق ياشلىرىنىڭ لىغىرلىشىنى ئايالىغا كۆرسۈتۈپ، ئاجىزلىق ئىپادىلەشنى خالىمىغاندىمۇ؟ بۇنداق قىلىش ئۇيغۇر ئەركەكلىرىگە ئەسلا ياراشمايدىغان قىلىق بولغاچقا، ئەنئەنىلەر قېنىغا سىڭىپ كەتكەن يىگىتنىڭ غۇرۇرى بۇنىڭغا يول قويمىغانمىدۇ؟ ياكى چىرايلىق ئايالنىڭ، ئوماق ئوغۇلنىڭ كۆزلىرىدە ئەكس ئېتىۋاتقان تەئەججۈپكە، سوئاللارغا تولغان گۈزەل نىگاھلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي بەل قويۇۋېتىشىدىن قورققانمىدۇ؟ ھەممە ئىھتىماللىق بولۇشى مۈمكىن ئىدى.
ئەمدى بۇ ئائىلىنىڭ ئاساسىي ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى. ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلۇشۇشى كېرەك ئىدى. دادىسى خۇددى ئىدرىسخانغا ئوخشاش بەقۇۋۋەت، جاپاغا بوي بەرمەيدىغان بىجىرىم ئادەم ئىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلمىغاچقا، نەگە بارىمەن دېسىمۇ دۇئا قىلىپ قېلىۋېرەتتى. بۇ ئوغلىدىن بەكمۇ پەخىرلىنىدىغان دادا، ئەل-يۇرت ئالدىدا يېشىغا باققاندا ھۆرمىتى چوڭ بولغان ئوغلىنىڭ، ئۆي ئىشىنى قويۇپ مېڭىشىدا چوقۇم جامائەتكە پايدىلىق بىر مەخسەت بار دەپلا بىلەتتى. شۇڭا سۈرۈشتە قىلىپمۇ كەتمەيتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى:
— ئاللاھ ئىشىڭنى ئوڭ قىلسۇن، بالام، — دېدى ئۇ ئوغلىنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ.
ئەمما ئانىنىڭ تۇيغۇن كۆڭلى ئۇنىڭغا نېمىلەرنى شىۋىرلىدىكىن، ئۇ بىر ئاز خوتۇن كىشىچە چىڭگىسلىك قىلىپ كەتتى. ئوغلىنىڭ يۈزلىرىنى سىلايتى، كۆزىگە مۆلدۈرلەپ قارايتى، سورىمىغىنى قالمايتى.
— بولدى قىلىڭلا، ئانىسى! — دېدى ھەمرىيى ئۇنىڭ قىلىقلىرىدىن ئىچى پۇشۇپ، — ئوغۇل بالا دېگەنگە ئانچىۋالا قىلىپ كەتكۈلۈك ئەمەس! ئاقيول تىلەپ دۇئا قىلىڭلا، ماندا.
ئوغۇل ئانىنىڭ پىشانىسىدىن، ئانىمۇ ئوغۇلنىڭ پىشانىسىدىن سۆيۈشۈپ خوشلاشتى. بۇ ھال دادىغا تازىمۇ مىجىمەرۇق قىلىقتەك تۇيۇلۇپ، مەسخىرىلىك كۈلۈپ، ئۇ ياققا قارىۋالدى. چۈنكى، ئىلگىرىلىرى قاغىلىق بازىرىغا كىرىپ چىقىدىغان ئىشلار ئۈچۈن نە ئىدرىسخان، نە ئانىسى بۇنداق ئۆمچۈيۈشۈپ يۈرمەيتى. بۈگۈن نېمە بالا، بۇ قەدەر مىچىلداش!
ئىدرىسخان ئاخىرقى قېتىم »خوش« دەپ، ئىشكتىن چىقتى. ھويلىدا ئىشەكنى توقۇپ، تىرىكچىلىك ئىشى ئۈچۈن جابدۇنۇۋاتقان ئىنىسى ئۇنىڭغا بەكلا يوچۇن قارىغاندەك قىلدى. ئۇمۇ ئىنىسىغا خۇددى »ئەمدى سىلەرنى يەنە كۆرەلەمدىمكىن؟« دەۋاتقاندەك غەلىتە پارقىراپ قارىغان ئىدى، ئىنىسى ئۇنىڭدىن بىرنېمە سورايدىغاندەك ئېغىز ئۆمەللىدى. ئۇنىڭ گەپ سوراپ ۋاقىتنى ئېلىشىدىنمۇ تولا، ئۇنىڭ كۆڭلىگە يوشۇرۇۋاتقان سىرىنى ئېچىۋېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىپ، دەرھال دەرۋازىنىڭ سىرتىغا ئۆزىنى ئالدى. تا ئارقىسىدىن دەرۋازا يېپىلغاندىلا »ئۇھ« دېدى. ئەمدى نېفىتلىكنىڭ ماشىنىلىرىغا ئۇچقۇشۇۋېلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.
2
دايىم قاغىلىق تىبەت تاشيولىدا قاتناپ تۇرۇدۇغان مەجىد تۇراپ ئىدرىسخان بىلەن يېڭى تونۇشلاردىن ئەمەس، خېلى گېپىنى ئېلىشىدىغان يېقىنلاردىن ھىساپلىناتتى. مەجىد تۇراپ ئىدرىسخان ۋە ئۇنىڭ يولداشلىرىنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرۈدۇغانلىقىنى پەرەز قىلالمىغۇدەك قاپاقباشلاردىن ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. قورقۇپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ بەزى ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ تۇراتتى. ئەمما ھىچ زامان ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقمايتى. ياكى »مەنمۇ قېتىلاي« دېيىشكە جۈرئىتى يوق ئىدى. جەمىيەتتە ئەنە شۇنداق نۇرغۇن كىشىلەر ئىنقىلاپچىلارغا ھىسىداشلىق قىلسىمۇ، ئۆزى قاتنىشىشقا جۈرئەت قىلالمايتى.
مەجىد تۇراپ ماشىنا سېتىۋېلىپ، تىبەتكە بۇغداي، گۈرۈچ ئاپىرىپ سېتىپ، ئۇ ياقتىن تېرە-تەسەك ئېلىپ كېلىپ سېتىشتىن خېلى پايدا كۆرۈپ، قولىدا ئازدۇر-كۆپتۇر ئېشىنچا ھاسىل بولۇشقا باشلىغاندىن بېرى، ئىدرىسخاندەك دوستلىرىغا ئانچە-مۇنچە ئىئانە بېرىپمۇ تۇرۇدۇغان بولۇپ قالغان ئىدى.
— نېمىگە بېرىۋاتىسىلە ئادېش؟ — دەپ سورىغان ئىدى ئىدرىسخان دەسلەپتە ئۆزىگە پۇل تەڭلىگەن مەجىددىن، ئۇنى سىناش ئۈچۈن، سەدىقەڭلىمۇ؟ زاكىتىڭلىمۇ؟ مېنى بىرسىنىڭ قولىغا قاراپ قالغان نامرات كۆرۈپ قالمىغانسىلە؟
— ئا...، تولا گەپكە سالماڭلا، ئېلىۋېرىڭلا، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىشلىتىسىلە، — دېگەن ئىدى مەجىد تۇراپ.
ئىدرىسخان ئارتۇقچە كوچىلاپ يۈرمىگەن ئىدى. دېمەك، ئۇنىڭ بەزى ئىشلارنى پەرەز قىلىدىغانلىقىنى، ياردەم قىلىشقا ھەرقاچان تەييار ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۇششاقباشتىن يولغا چىقىۋاتقاندىلا مەجىدنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن ئىدى. ئەگەر مەجىد يېڭىلا سەپەردىن قايتىپ كەلگەن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنى ھاپىلا-شاپىلا جابدۇتۇپ، يەنە بىر قېتىم ئاتلاندۇرۇش كېرەك ئىدى. باشقا يول يوق. ئەمما بۇنىڭغا بىرنەچچە كۈن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى شۇ.
ئىدرىسخان ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە مەجىد تۇراپ ماشىنىسىغا گۈرۈچ بېسىپ قويغان ئىكەن. ئۇنىڭ پىلانى ئەتىسى ئەتتىگەندە »يا بىسمىللاھ« دەپ يولغا چىقىش ئىكەن. ئىدرىسخان بۇنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتتىكى، »بەلكىم بۇ بىر خۇش بىشارەتتۇر« دەپ ئويلىدى.
— ئادېش، خاپا بولماي بىر - شىككى كۈن تۇرۇڭلا، مەنمۇ سىلى بىلەن ماڭىدىغاندەك تۇرۇمەن، — دېدى ئۇ.
— چاخچاقمۇ-يا؟
— يا، يا،... چاخچاق ئەمەس، راست دەۋاتىمەن. مېنىڭ تەييارلىقىم پۈتكىچە ساقلاپ تۇراسىلە؟
— نېمىشقا ئەمدى؟ ماڭىدىغان بولساڭلا ئەتىلا ماڭىلى، نىيەت قىلغان يولدىن قېلىشمۇ ياخشى ئەمەس، شىككى كۈننىڭ نېمە لازىمى؟ نېمە جىق تەييارلىق بۇ سىلىدىكى؟
— مەنغۇ تەييا، مېنىڭ يەنە بىرقانچە ھەمرالىرىم باتى.
— نەگە بارىسىلە؟ تىبەتكە تىجارەتكە بارمايدىغانسىلە؟
— ياق، تىبەتكە ئەمەس، يولنىڭ يېرىمىغىراق،...
— قەيە ئۇ؟
— مازا داۋاندىن ئۆتكۈزۈپ قويساڭلا بولدى.
مەجىد تۇراپ بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدى. قاراقۇرۇمنىڭ بۇ قاقاس تاغلىقلىرىدا سەيلى قىلغۇدەك سەيلىگاھ بولمىسا، بىر توپ ياش بالا ئوينىغىلى باراتتىمۇ؟ گىيا ئۈنمەيدىغان بۇ تاغلاردا ئوتۇنچىلىق قلاتتىمۇ؟ مەجىد تۇراپنىڭ ئىچىگە بىر قورقۇنۇچ چۈشتى. نارېسىدە بالىلىرىنى، ناتاۋان ئايالىنى، قېرىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنى ئويلىماي تۇرالمايتى. ئەمما بۇ ئىشتىن باش تارتىشقىمۇ ۋىجدانى چىدىمايتى. شۇڭا دوستىنىڭ تەلىپىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى.
— بۇ يامان تەس ئىش جۇما، — دېدى ئۇ ئاخىرىدا بۇرۇنلىرى تەرلەپ.
— تەسلىكىنى مەن بىلمەيمەنما ئادېش؟ بىلىمەن، باشقا چارىمىز يوق. ئۆلەمنى ساقلاپ ئولتۇرۇمىزما؟
— شۇنچىۋالا يامانمۇ زۆرۈرما؟
— دېدىم-يا، ئۆلەمنى ساقلاپ تۇساق بولۇدۇ شۇ.
— ئانچىۋالا بوسا، ... ئاللاھقا تەۋەككۈل قىپ باقىلى، ئادەم سانىچۇ؟
— ئەڭ كۆپ بولغاندا يەتتە.
— يەتتە!؟ ساراڭمۇ سىلە؟ يەتتە ئادەمنى قەيەگە قويۇمەن؟ ئەنە كۆدۈڭلا، ماشىنىدا ژۈك، يەتتە ئادەمنى نەگە سىغدۇرىمەن؟ يول تىژ ئەمەس، ئاقازدىن باشلاپ ھەر دوبەندە[①]تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىدۇ. چېگرا خېتى ئالاممايسىلە، قاندا قىلىمىزكى؟
— بى چارىسىنى تاپامىز، سىلە ماقۇ دەڭلا بى.
— ھە ماقا، نېمە چارە قىلىمىز ئەمىسى؟
— كېچىسى تاغالانى بىر تەرەپكە ئەپ تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا بىر كاۋاك چىقاساق، شۇ كاۋاككا چىرىپ ياتساق، ئۈستىگە يەنە چەللە قىلىپ تاغا باسۇرۇپ يېپىۋەتسەك بومماسما؟
— ...
بۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئىشقا ئېنىق قىلىپ »بولۇدۇ« دېگەن جاۋاپنى بېرىشمۇ تەس گەپ ئىدى. شۇڭا مەجىد تۇراپنىڭ شۈك تۇرۇشىنى »ماقۇل«غا ھىساپ قىلىشقا بولاتتى. ئەمما ئۇ سەلدىن كېيىن ئەندىشىسىنى ئېيتماي تۇرالمىدى:
— كېيىن چاتىقى چىقىپ قاسا، مەن دېگەن بالا-چاقىلىق ئادەم تۇسام،... نېمە دەپ قۇتۇلغىلى بولۇدىكى؟...
— ئاللاھ ساقلا، ئادېش، تولا ئەنسىرىمەڭلا، ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا، »مەن دېگەن تىجارەتچى، پۇل تېپىشقا تۇغان ئادەم، ›كىشى بېشىغا 200 كويدىن بېرىمىز‹ دېسە، پۇلغا قىزىقىپ شۇ پوقنى يەپ ساپتىمەن« دەسىلە، قانداق قىلىمىز ئەمدى؟
— ئەمىسە شۇندا دەيلى، بىر ئىش بولاپ قاسا سىلىمۇ شۇندا دېيىشسىلە.
ئىدرىسخان بۇ ئىشنى شۇنداق ھەل قىلدى. ئىش ھەل بولغاندىن كېيىن »ئۇھ«دەپ تىنىپ، مەجىد تۇراپ بىلەن بىردەم كونا-يېڭى پارڭلارنى سېلىشىپ ئولتۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئىشى تۈگۈگەن ھامانلا قوپۇپ كېتىپ قالسىمۇ سەت تۇرۇدۇغاندەك بىلىنگەن ئىدى. شۇنداقلا نورمالدا ئۇچرۇشۇش يېرىگىمۇ كەچرەك بارىدىغان ئىش بولغاچقا بىردەم بۇ يەردە ۋاقىت ئۆتكەزمەكچىدى. مەجىد تۇراپ ئايالىغا تاماق بۇيرۇتتى. ئىدرىسخانمۇ ياسالما تەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرمىدى. شۇنداق قىلىپ، تاماق پىشقىچە ئۇلارغا پاراڭلىشىدىغان ۋاقىت چىقتى.
— بىز بارىدىغان ئارىلىقتا چېگرا قاراۋۇلخانىسى يوققۇ؟ شۇنچىۋالا قىپ كېتىشىمىز كېرەكما؟ — دەپ سورىدى ئىدرىسخان پاراڭ ئارىلىقىدا قىزىقىشىنى يوشۇرالماي.
— دېدىمغۇ، دوبەنلەر بار، ھەر دوبەندە قارىغىلى تۇرۇدۇ، — دېدى مەجىد تۇراپ.
— بۇنىڭ تاشيول ئاسرايدىغان خەق بىلەن نېمە ئالاقىسىكى؟
— ئۇلار قوشۇمچە قاراپ قويۇدۇ، قوشۇمچە قاراپ قويۇڭلا، دەپ تاپشۇرۇلغان –دە.
— ۋاي توۋا، قوشۇمچە قاراپ قويغانغا قوشۇمچە ھەق ئالامدىغاندۇ؟
— قوشۇمچە ھەق بېرەمدا، ئادېش؟ بىلمەمسىلە بۇ خەقنى؟ »خو« دەپ قويغانغىلا قىلىۋېرىدىغان گەپ. »ۋاي، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار بەك موھىم، ۋەتەننىڭ چېگرا ئالدىنقى سېپىدىكى قاراۋۇلسىلەر، نامسىز قەھرىمانلارسىلەر، فورمىسىز جەڭچى سىلەر،... « دېگەندەك ماختاپ، »ئىشتىن سىرت قوشۇمچە قاراپ قويۇڭلا« دېگەنگىلا مانا شۇنداق ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ، تولۇقى بىلەن ئورۇندايدىغان گەپ.
— سىلە ھەپتىدە بىر بوممىسىمۇ ئايدا ئۈچ قاتناپ تۇرۇسىلە، تونۇش بولاپ كەتكەنسىلە؟ سىلىنىمۇ تەشكۈرۈپ ئولتاماس؟
— نېمە دەيدىغانسىلە، ئادېش؟ بىز خەقنى بىلمىسەڭلىكەن، ئى بى »بەنجاڭ« دەپ ئاتنى قوياپ قويغانغا »كۆكتاشقا مىنىدۇ« دەيمەن، كۆزىگە ھىچنېمە كۆرۈنمەيدا.
— ئۇيان-بۇيان ئۆتكىچە بى نەسىلە ئالغاچ بارىدىغانسىلە؟
— ھە، ئالغاچ بارمامتۇق، ھەر قېتىمدىلا قۇرۇق بامايمەن، ئۆزلىرىمۇ ئۇنى-بۇنى بۇرۇتۇپ تۇرۇدۇ. شۇندا بوسىمۇ بەسەڭ ئالۇدۇ، ئىشىنىمۇ ئوخشاشلا قىلىۋېرىدۇ.
»توۋا، قانداق خەلقمىز-ھە؟ قېنى بىزدىكى ئۆچمەنلىك؟ خىتاي ئاتا قىلغان قايسى خوۋلۇقلار ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغاندۇق؟ كاشكى بۇ تاغلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنى ئادەم قاتارىدا كۆرسە!؟ ياخشىغۇ بۇ تاغلارنىڭ ئارىسىدا ئىشلەيدىغان بىرمۇ خىتاي يوق، ھەممىسى ناھىيىدە ئولتۇرۇپ ›رەھبەرلىك‹ قىلىدۇ، بىرەرسى بولۇپ قالسا قانچىلىك خوشامەت قىلىشىپ كېتەتتىكىنا؟ تېخى ئاڭلىسام قاراقۇرۇم تاشيولىدا ئىشلەيدىغانلار 50 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرەلمەيدىكەن، يوقۇرى ھاۋا تەسىرىدىن شۇنداقمىش. شۇنىڭغا شۇنچىۋالا قىلامدىغاندۇ؟« دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتى ئىدرىسخان.
تاماقتىن كېيىن ئۇ دوستى بىلەن خوشلۇشۇپ، باشقا يولداشلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن »بۇرۇنقى جاي«غا قاراپ كەتتى.
3
ئىدرىسخان بازارغا قاراپ كېتىۋېتىپ، »ئەگەر باشقا ھەمرالا كەممىگەن بوسا دىككىدا ئۆيگە چىقىپ بىر قوناپ چىسەممىكى« دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى. دېگەن بىلەن، ئۇ تېخى ياش، كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان يىگىت ئىدى. تېخى ئائىلە ھاياتىنىڭ لەززەتلىرىگە كۆزى تويمىغان تۇرسا شۇنداق ئويلىماي قالامدۇ؟ نىمىلىكى بولمىسۇن ئۇمۇ قان بىلەن گۆشتىن پۈتكەن ئىنسان-دە. ئىنسان دېگەن نەپس بىلەن يارىتىلغان تۇرسا سېغىنماي قالاتتىمۇ؟ ئۇ ھېلىمۇ ھېلىقى ئەتتىگەن ئايالى بىلەن خوشلۇشۇۋاتقان چاغدا ئۇنىڭ ئارقىلىرىنى سىلاشتىن ھاسىل بولغان ھارارەت تەسىرىدە يېنىۋاتاتتى؛ ئاشۇ تەخىرسىز ئىستەك ئۇنى ئىنتىلدۈرۈپ تۇراتتى.
»بۇرۇنقى جاي« بىر كەچلىك دۇكان بولۇپ، بۇ يەردە پىۋا، ھاراق، ۋە سوغۇق ئىچىملىكلەر سېتىلاتتى. تالىپلار ئۈچۈن بۇنداق بىر يەردە ئۇچرۇشۇشتىن مەخسەت بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئىدى. كىشىلەر ئۇلارنى ھاراقكەش بالىلار ئىكەن دەپ ئويلاپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى. ئۇ كىرىپ كەلگەندە پىۋەخانىنىڭ بۇلۇڭ تەرىپىدىكى شىرەنى چۆرۈدەپ ئولتۇرۇشقان يىگىتلەرگە كۆزى چۈشتى. ئۇلارنىڭ ئالدىلىرىدا قۇتۇلۇق سوغۇق ئىچىملىك بارىدى. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى پىۋە ئىچىۋاتقان لۈكچەكلەرگە تەقلىت قىلىپ تەرتىپسىزرەك شەكىلدە ئولتۇرۇشقان ئىدى. ئىدرىسخانمۇ بىر قۇتا سوغۇق ئىچىملىك ئېلىپ، شۇلارغا قاراپ كەلدى.
ئۇلار ئابدۇلھەمىد قارى (ھەمىد تالىپ)، خېلىل ئالتۇن، مۇھەممەد ئېمىن يۇنۇس، مۇھەممەدئېمىن سىيىت، مۇھەممەدئېمىن ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۇچارلىق يىگىتلەر بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى بىرلىكتە شاھيار، توقسۇ ئەتراپلىرىدا بەزى قارشىلىق ھەركەتلىرى، پۇل بۇلاش ئىشلىرىنى قىلغان ئىدى. پۇل، ئىنقىلاپنىڭ مەبلىخى قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر لازىم ئىدى. بۇلاردىن ئابدۇلھەمىد قارىنىڭ يېشى 27لەردە بولۇپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان، خۇددى ئىدرىسخانغا ئوخشاش يېڭىلا دادا بولغان يىگىت ئىدى. باشقىلىرى تېخى توي قىلمىغان نەۋقىرانلار ئىدى. ئۇلار خۇددى كۈندە بىرگە ئىچىشىپ تۇرۇدۇغان لۈكچەك بالىلاردەك نايناق ھەركەتلەر بىلەن كۆرۈشتى.
— سىلە كۆپ ساقلاپ كەتتىڭلاما يا؟ قاچان كەلگەنتىڭلا؟ — دەپ سورىدى ئىدرىسخان كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن. ئەمما شۇئان ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىر ۋەھىمە ھۇجۇم قىلدى: »نەقەدەر نادان خەلقمىز-ھە؟ شۇئاندا ئۈستۈمۈزدىنلا باسىدىغان بولسا بىرلا نۆۋەتتە ئالتە ئەركەك تۈگىدى، دېگەن گەپ-تە! مۇشۇنداقمۇ قاراملىق بولامدۇ؟ يالغۇز-يالغۇزدىن كۆرۈشۈدىغان ئىشكەندۇق. ھازىر قاغىلىق بازىرى، غەيرى-غەيرى ›دىۋانىلە‹، ›دەرۋىشلە‹، تىجارەتچىلە، يەنە ئاللىقانداق سالاھىيەتتىكى تىڭ-تىڭچىلا بىلەن تولاپ كەتكەن تۇسا، ھېلىمۇ ئاللاھ ساقلاپتا«.
— بىز تۈنۈگۈن كەلدۇق، تۈنۈگۈن كېلىپلا بۇ يەرگە بىر يولۇقۇپ بېقىپ، سارايغا كەتكەن، بۈگۈن يەنە بىر كەپ باقايلى دەپ كەلگەنتۇق، — دەپ جاۋاپ بەردى ئابدۇلھەمىد قارى.
— ھەممىڭلار بىللە كەلدىڭلارمۇ؟ ياكى بۇ يەردە تېپىشتىڭلارمۇ؟
— كۇچاردا تېپىشىپ، بىللە كەلدۇق.
— بىللە يېتىۋاتامسىلەر؟
— ھەئە، — ساددا بالىلار ھىچنەرسە ئويلىمايلا جاۋاپ بېرەتتى.
ئەمما ئىدرىسخان بۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە يېشى چوڭراق بولغاچمىكىن ياكى كىچىكىدىن تولا ئويلايدىغان، بولغاچمىكىن، ياكى بىرقانچە كىتاپنى ئارتۇق ئوقۇغاننىڭ خاسىيىتىمىكىن، دايىملا تەپەككۈر قىلىپ تۇراتتى. ھەر ھەرىكىتى، سۆزى توغرىسىدا ئويلاپ، ئۇنىڭدا خاتالار، يوچۇقلار بار-يوقلۇقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ تۇراتتى. شۇئان يەنە ئۇ قورقۇپ كەتتى. »قارىمامسىلەر، بۇلارنى خىتايلار ئىزدەپ يۈرۈۋاتسا، كۇچاردىلا تېپىشىپ، بىللە كەپتۇ! يەنە تېخى بىللە يېتىپتۇ! بۇ يەردىمۇ توپلۇشۇپ ئولتۇرۇپتۇ! ئاھ ئاللاھ، سۇبھان ۋەتائالا، بىزلەرگە ئىشىمىزغا لازىملىق ئىلىم ئاتا قىلغايسەن، دۈشمەنلىرىمىزنى غەپلەتتە قالدۇرغايسەن!...«
— بۈگۈن ئاخشام بۇ ئادرېسقا بېرىڭلار، — ئۇ ئېڭىشىپ تۇرۇپ پىچىرلىدى، — بەك كېچە بولۇپ كەتسە كوچىدا چارلايدىغانلار گەپ سوراپ قالسا، كۇچاچە گېپىڭلار دەرھال چېنىپ قالۇدۇ، ھازىر بۇ يەردىن چىقىپلا شۇ يەرگە بېرىڭلا، ئاندىن خالادىمۇ، بىريەلەدە خۇپتەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئۆيگە چىرىڭلا، — دېدى ئۇ ئۆزىچە بىر ئاز تەدبىر قىلىپ.
— ھازىر ماڭايلىمۇ؟
— يەنە بىر ھەمرىيىمىز با، شۇ كەلسۇنمىكىن، ھە، ياق، سىلە مېڭىۋېرىڭلا، مەن ئۆزەم ساقلاي، — دېدى ئۇ.
بۇرادەرلەرنىڭ چىقىپ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك بىردىنلا بىر چالا تونۇش يىگىت پەيدا بولدى:
— سالامۇئەلەيكۇم، ئىدرىسخان، — دېدى ئۇ قۇلىقىغا ئېڭىشىپ پىچىرلاپ، مەن ئاشۇ K بولۇمەن. ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلدىلىمۇ؟ بۇ يەردە بەك ئۇزاق تۇغىلى بوممايدا جۇما.
— قىلدىم، ئەتە سەھەردە ماڭساق بولۇدۇ.
— ئەمىسە مەن باشقا تەييارلىقنى قىلاي، قەيەردە؟
ئىدرىسخان ئادرېسنى پىچىرلىدى.
— بولۇدۇ، سىلى كېتىۋەسىلە، ئاشۇ يەدە كۆرۈشىلى، — ئۇ شۇنداق دېدى-دە دەرھال چىقىپ كەتتى.
ئىدرىسخان ئادىتى بويىچە يەنە خىيالغا كەتتى. يولدا كېتىۋېتىپ ئاشۇ ئىسمىنى مەلۇم قىلمىغان يىگىتنى ئويلىدى. »ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ ئادەممىدۇ؟ ياكى مەلۇماتتىن يوچۇق چىققان بولسا، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ ئادىمى سەپلىنىۋالغانمىدۇ؟ ئەجەپ دەرھاللا ئىشىنىپ كېتىپتىمەنا! ۋاي، ئاللاھ، شۇ بىز خەقنىڭ مۇشۇ ساددىلىقىمىز شۇنچە بېشىمىزغا چىقسىمۇ يەنە ئۆزگەرمەيدىكەنمىزغۇ-تاڭ«. ئۇ بۇ ناتونۇش يىگىتنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەردە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىدىكى سەۋەپنى چۈشۈنۈپ بېقىشقا تىرىشتى. ئىلگىرىلىرى سەبداشلاردىن بەزىلەر چەتئەلگە قاچۇرۇلغان ئىدى. شۇ چاغلاردىكى مىش-مىشلاردا قاغىلىقلىق بىر يىگىت يوللارنى ئوبدان بىلەرمىشكەن. ئۇ تاغدا كۆپ يۈرگەچكە خېلى تەجرىبىسى بارىكەن. ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ ھەركەتلەرگە قاتنىشىپ، ئامان قالغان، بىردىن بىر قورقۇمسىز يىگىتمىش. بەلكىم بۇ ئاشۇ يىگىت بولۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ گورۇپتىكىلەرنىڭ ھىچبىرى كۆكيانىڭ ئۇ يېقىغا ئۆتۈپ باقمىغان تۇسا، بۇ ھىسابى يوق تاغلارنىڭ ئارىسىدا ئېزىپ قالماستىن چېگرىنى تېپىشى مۈمكىنما؟
تالادا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى. ئۇ خۇپتەننى مەسجىدتە ئوقۇيمۇ-قانداق دەپ بىردەم ئىككىلەندى. ئەمما دەرھال: »ياق، بوممايدىكەن، مەن مەجىدنىڭ ئۆيىدە كۈتۈپ تۇمىسام، مەجىد باللىنى تونۇمايدۇ ئەمەسما، چاتاق چىقمىسۇن« دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈرۈپ، دەرھال دوستىنىڭ ئۆيىگە يول ئالدى. مەجىد ئۇنى كۈتۈپلا تۇرغاندەك ئىشكنى چېكە-چەكمەيلا ئاچتى. ئۇنىڭ ساراسىمىلىك چىرايىدىن قورقۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. تىت-تىت بولۇپ، قولى ئىشقا بارماي، ئوتتۇرىدا گاڭسادەك چۆگۈلەپ يۈرگەنلىكىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئىدرىسخاننىڭمۇ ئىچىگە قورقۇنۇچ چۈشتى. »ما ئاداش نىماندا قىلىدىغاندا؟ يېنىۋالامدۇ-نېمە؟« تېزراق ۋاقىت بولسا، يولغا چىقىپ كەتسە ئىش تۈگەيتى، مانا مۇشۇنداق كۈتۈش جاننى سىقىدۇ-دە!
خۇپتەنگە ئەزەن ئېيتىلىپ، بۇ ئىككەيلەن بىرلىكتە نامازلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىشك ئارقا-ئارقىدىن چېكىلىپ، بالىلار كىرىپ كېلىشتى. مەجىد تۇراپنىڭ بۇيرۇتمىسى بىلەن ئايالى بىر قازان سۈيقاش قىلغان ئىدى. نان-پان چىلاپ ئىچىۋېلىشتى. ئاندىن ئىدرىسخان ئۇلارغا:
— خۇپتەن ئوقۇمىغان بولساڭلا ئوقۇۋېلىڭلا، ئاندىن ئىشىمىز با، — دېدى.
ئۇلار ناماز ئوۇۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى نامەلۇم سەبدىشىمۇ كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ قولىدىمۇ ئېغىر بىر سومكا بارىدى.
نامازدىن كېيىن ئۇلار تىۋىشسىز ھالدا ماشىنا ئۈستىگە چىقىپ، گۈرۈچ تاغارلىرىنى پەسكە چۈشۈردى. يېرىمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن قالغان تاغارلارنى كوزۇپنى ئايلاندۇرۇپ تىزىپ، ئوتتۇرىنى بىكار قويۇشتى. ئىككى قاتار تاغار تىزىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن بىرنەچچە تال كالتەكنى ئىككى تەرەپتىكى تاغارلارغا چىشلىتىپ، ئىشكبېشى شەكلىدە قويغاندىن كېيىن، ئۈستىگە قالغان تاغارلارنى قويۇپ، ھېلىقى بوشلۇقنىڭ ئۈستىنى يېپىشتى. ئالدى تەرەپتىن بىر ئادەم پاتقۇدەك، بىر تاغار بىلەن يېپىلغۇدەك كىرىش ئېغىزى قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىدرىسخان مەجىد تۇراپقا:
— قانداق قىلىمىز؟ ھازىرلا چىرىۋالىمىزما؟ — دېدى.
— ھەئە، ھازىرلا. بامداتنى ئوقۇپلا ماڭىدىغىنىمنى قوشنىلارمۇ بىلىدۇ، مېڭىشىم كېرەك، ئۇ چاغقىچە ما يەنى ئوچۇق قويساق ھالىمادىس بىرەسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالسا بوممايدا، — دېدى ئۇ.
شۇنىڭ بىلەن K ئۇلارغا:
— راست دەيدۇ، تېچلىق ئەۋزەل ھازىرلا كىرەيلى، — دېدى. ئۇنىڭ بۇ سەپەردە ئەمىر ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ھىچكىم ھىچنېمە دېمىدى. ئۇلار سومكىلىرى بىلەن بىللە تۆشۈكتىن ئىچىگە كىرىپ، ئاستىدىكى ئاشۇ باشنى كۆتۈرگىلى بولمايدىغان، پەقەت سوزۇلۇپلا يېتىشقا بولۇدۇغان تارچۇققا كىرىشكە باشلىغانىدى، — ئەمىر Kبۇ قەدەر يوغان سومكىلار بىلەن ھەم بۇ كىچىككىنە بوشلۇققا يەتتە ئادەمنىڭ پاتمايدىغانلىقىنى، ھەم ئۇزاققا سوزۇلغان تاغ يولىدا بۇنچىۋالا يۈك بىلەن پىيادە مېڭىشمۇ مۈشكۈللۈكىنى بىلگەچكە، بالىلارنى توختاتتى، — توختاڭلا، باللا، بۇ سومكىلا بىلەن بۇنىڭ ئىچىدە تىقىلىپ قالىمىز، ھەممەڭلار سومكاڭلارنى تۆكۈڭلا، مەن نېمىنىڭ لازىم، نېمىنىڭ لازىم ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بېرىمەن، لازىم بولمايدىغان نەرسەڭلا ھەرقانچە قىممەتلىك بوسىمۇ تاشلايسىلە! — دېدى.
ھىچكىم قارشى گەپ قىلمىدى، چۈنكى بۇ بۇيرۇق ئىدى ھەم زۆرۈرىيەت ئىدى. ئاندىن K ئۆزىنىڭ سومكىسى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ:
— مېنىڭكىسىدە ھەممەيلەنگە كېرەكلىك نەرسىلە با، شۇڭا بۇ نېمىشقا ئۆزى بىكا قىممايدىغاندۇ دەپقامماڭلا، —دېدى.
يەتتە ئاەم ئۈچۈن بۇ يەر تولىمۇ تارلىق قىلاتتى، بىراق ئىككى قېتىم توشۇشنىڭ ئىمكانى بولمىغاچقا ئۇلار بۇ يەرگە توغرىسىغا تىزىلدى. بۇ تىزىلىشتا پۇت-قولنى يىغىپ تۈگۈلۈۋېلىش كېرەك ئىدى، شۇندىلا ئاران پاتاتتى. ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن مەجىد تۇراپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇزۇن سەپەردە قانچىلىك قىينىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئىچى ئاغرىپ كەتتى.
— بولدىمۇ، باللا؟ ئاغزىنى ئېتەيمۇ؟ — دەپ سورىدى ئۇ قىيمىغاندەك ئاۋازدا.
— ئەتسىلە، ئەمما خاپا بومماي، ھازىرلا ماڭسىلا، ۋاقىت ئۇزۇراپ كەتسە بىز بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ قالىدىغاندەك قىلىمىز، — دېدى K.
ئۇلارنىڭ نېمە بولۇشىنى ئاللىقاچان ئەقلىگە كەلتۈرۈپ بولغان مەجىد تۇراپ ئەتتىگەنگىچە بۇلارنى ئارتۇق ئازاپلىغاندىن كۆرە يولغا چىقىپ كېتىشنى ئۆزىمۇ ئويلاپ تۇراتتى. شۇڭا دەرھال مېڭىشقا ماقۇل بولۇپ، تاغارنى ئوچۇق يەرگە يۇمۇلۇتۇپ ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئۆيىگە خوشلۇشۇش ۋە سەپەردە كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى.
قان قىرغاق
1
قەدىمىي لاداق كارۋان يولىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان قاغىلىق-تىبەت تاشيولى دۇنيادا داڭقىسى بار خەتەرلىك يوللارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى بولسا كېرەك. ئۇزاق قەدىم زامانلاردا بۇ يوللاردا ئاتلىق، ياياق ھىندىستانغا، كەشمىرگە، ئەرەبىستانغا ھەجگە ماڭغان ئەجداتلىرىمىزدىن قانچىلار مانا مۇشۇ يوللاردا شېھىت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا يول دېگۈدەكقۇ يولمۇ يوقىدى، پەقەت كارۋان ئۇلاغلىرىنىڭ مېڭىۋېرىشىدىن شەكىللەنگەن تۇتۇق ئىز — يول دەپ ئاتىلاتتى. مانا شۇ ئىزلاردا ئىنسانلار ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مېڭىپ، يارغا يىقىلغانلارنى يەرلىكسىز، تاشلار بىلەن كۆمۈپ داۋام قىلىۋەرگەن ئىدى. سۇلتان سۇتۇق تەختكە چىقىپ، كەشمىرگە قوشۇن تارتقاندا مۇشۇ يولدىن ماڭغان...
ئەمدىلىكتە ئۆزلىرىنى »خەلقنىڭ غەمگۈزارلىرى« دەپ سۈپەتلىۋالغان كوممۇنىست خىتايلارمۇ بۇ يەردە ھىچقانداق »سوتيالىزمنىڭ داغدام يولى«نى ياسىۋەتكىنى يوق. يولنىڭ خەتەرلىك ئەگىملىرى، تىكلىك گرادۇسىدا ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغاچقا، يول يەنىلا ئەجەل بىلەن ئېلىشىش مەيدانى بولۇشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. قوزايايلاق ئوچاستىكىسىدىن چىققىنىڭىزدىن كېيىنلا بۇلۇتلارغا تاقاشقان تىك داۋان باشلىنىدۇ، بۇ ئاقاز داۋىنى دەپ ئاتىلىدىغان داۋان. داۋاننىڭ تىكلىكىدىن 10 كلومېتېرلىق سۈرئەت بىلەن تاشپاقىچە ئۆمۈلەپ بۇ داۋانغا ياماشقاندا، خۇددى يىلاننىڭ سويلىشىدەك ئەگىلىپ، ھەر مىنۇت يۇمۇلاپ چۈشۈش خەۋپى ئاستىدا داۋانغا چىقىدىغان گەپ. داۋاننىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى، ھەرزامان چىقماقتىن چۈشمەك تەس! يەنە ئاشۇنداق تۈگىمەس ئەگىشلەردىن نەچچىنى ئەگىپ، خۇددى پىلسىراتتىن ئۆتۈۋاتقاندەك قورقۇنۇچ ۋە ئىھتىيات بىلەن تۆۋەنگە چۈشكىنىڭىزدە ئاقاز ئوچاستىكىسىغا كېلىسىز. ئاقاز ئوچاستىكىسى خالاستان دەرياسىنىڭ بويىدا بولۇپ، دەريا ئاقاز داۋاننىڭ غەربىي جەنۇپ ئېتىكىدە شىددەت بىلەن ئاقىدۇ. شۇندىن كېيىن يول ئاسراش نۇقتىلىرى دەريانى بويلاپ، خۇددى دەريا ۋە يولنى ئېشىپ قىلىنغان يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مارجانلاردەك، كۈدە، جۇداق، قارا كۆۋرۈك نۇقتىلىرى چېلىقىدۇ. يول دەريادىن ئايرىلىپ غەرپكە ئەگىپ، تەخمىنەن ئونبەش كىلومېتېر (تۈز سىزىق بويىچە)، ئەمەلىيەتتە تاغ ئەگىملىرى بىلەن يەنىمۇ ئۇزۇنراق مۇساپىدىن كېيىن جەنۇپقا بۇرۇلۇدۇ. ئەنە شۇ بۇرۇلۇشنىڭ دوقمۇشىغا جايلاشقان يول ئاسراش نۇقتىسى سېرىق داۋان دېيىلىدۇ. ئەمما بۇ يەرنىڭ يەنە »قان قىرغاق« دېگەن ئاجايىپ نامىمۇ بار.
قان قىرغاق! قانلىق قىرغاق، قان بىلەن بويالغان قىرغاق دېمەكتۇر. بۇ يەرنىڭ بۇ نامنى ئېلىشىدا ئالاھىدە بىر ھىكايىسى بار. 1980-يىللارنىڭ بېشىدا ۋەتىنىمىزدە تارقالغان »قوتاز ۋەقەسى«نى ئاڭلىغان بولغىيدىڭىز؟ بىر خىتاي ئەسكىرى يەرلىكنىڭ قوتىزىنى ئېتىپتۇ، ھاي دېگىنى ئۈچۈن ئىگىسىنى ئېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىغان بولسىڭىز مانا شۇ ۋەقەدە بۇ يەر ئەنە شۇنداق دەھشەت چېچىپ تۇرۇدىغان بىر نامنى ئالغان ئىدى. ۋەقە ئاڭلىغىنىڭىزدىن تېخىمۇ دەھشەتلىكراق بولۇپ، قۇربان — ھاپىز ئابدۇللاھ بىزلەرگە ئۇقۇلغىنىدەك ئۆزىنىڭ كالىسىنى دەپ ئەمەس، كوللىكتىپ (ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى)نىڭ كالىسىنى دەپ قۇربان بولغانلىقى مەسىلىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ پىسخولۇگىيىلىك مەنا قاتلاملىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
تىبەتكە قاتنايدىغان، كۇچاردا تۇرۇشلۇق يۈك ئاپتوموبىلى قىسىملىرى مانا ئاشۇ جەھەننەمگە مەنىداش بولۇپ كەتكەن تاشيولدا ماڭاتتى. تاشيول ئۇيغۇر ئىشچىلار تەرىپىدىن ئاسرىلاتتى. چۈنكى »ياردەمگە چىققان« خىتايلار بۇنداق يەردە ئىشلەشنى خالامدۇ؟ بۇ يەرلەردە ئىشلەيدىغانلار ئەللىك ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرەلمەيتى؛ ئىگىز ھاۋا بوشلۇقى كېسىلى تۈپەيلى ئۆلۈم يىتىم بولۇپلا تۇراتتى. ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكتىن، ئاغزى-بۇرنىدىن قان كېتىپ ئۆلۈش، كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا روي بېرەتتى. بۇنداق بىر يەردە خىتاي ئىشلەمدۇ؟ قاراقۇرۇم تاغلىرى دېگەندە ئىنسانلار كۆز ئالدىغا قانداق تاغنى كەلتۈرىدىكىن؟ بۇ تاغلاردا باشقا تاغلاردىكىدەك تاغ چاتقاللىرى، ئارچا، قارىغاي دېگەندەك دەرەخلەر، ئومۇمەن ياغاچ غوللۇق ھىچنەرسە ئۆسمەيدىغان، ئاندا-ساندا قۇرغاق كېلىمات سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈدىغان، شۇندىمۇ بەك شالاڭ، ئۇزاق-ئۇزاق ئارىلىقلاردا بىرەر تال ئۇچرايدىغان، سىپ-سىدام، كۆيۈك تۇپراقلىق بىر تاغ. تاغنىڭ تاشلىرىمۇ خۇددى كۆيۈپ كەتكەندەك قارا. تاغنىڭ سىداملىقى، تىك قىيالار، ئۆڭكۈرلەر،... بولماسلىقى، تاغنىڭ يانباغرلىرىدا بىر قاغا بولسا ئۇزاقلاردىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇدۇغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
بۇنداق بىر تەبىئىي شارائىتتا، شۇ يەرگە ماسلاشقان ھايۋانلارلا ياشىيالايتى. بولۇپمۇ قوتاز، پەقەت قوتازلا بۇ ھاۋا شارائىتىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ھايۋان ئىدى. شۇڭا قاغىلىق 2- چارۋىچىلىق مەيدانى بۇ يەرلەردە قوتاز باقاتتى. قوتاز باقىدىغانلارمۇ تاشيول ئىشچىلىرىغا ئوخشاش ساپلا ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپاتتى. مانا شۇ قوتازلار 1982-يىلى 2-ئاۋغۇستتا »ئازاتلىق ئارمىيە« تەرىپىدىن »ئوۋلانغان« ئىدى. ئەسكەرلەرنىڭ قوتازنى ئېتىپ، ماشىنىغا بېسىۋاتقانلىقىنى ئۇزاقتىن كۆرگەن پادىچى، »دۆلەت مۈلكى«نى قوغداش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئاتلانسىمۇ، ماشىنىغا يېتىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ئاتلىق تۈز كېسىپ، قىسقا يولدىن ئۇدۇللاپ چېپىپ، سېرىق داۋان يول ئاسراش نۇقتىسىغا كېلىپ، نۇ نۇقتىنىڭ مەسئۇلى ئونبېشى (بەنجاڭ) ھاپىز ئابدۇللاھقا ئەھۋالنى بايان قىلدى. ساپ نىيەت، ساددا دىللىق بۇ ئادەملەر »تاغار باينىڭ، ئېشەك باينىڭ، يىقىلسا يۆلۈمەيمەن، ئۆلسە تۆلۈمەيمەن« دېگەن پوزىتسىيە تۇتسىمۇ، »قوتازمۇ خىتاينىڭ، ئوغۇرلىغانمۇ خىتاي، ماڭا نېمە؟« دېسىمۇ بولۇدۇغان. »سەن نېمىشكە قاراپ تۇرۇپ كارىڭ بولمايدۇ؟« دەيدىغان بېشىدا قاراپ تۇرغان خىتاي يوق ئىدى، ئەمما ساددىلىقى تۈپەيلى، كوللىكتىپنىڭ مۈلكىنى قوغداش ساداقىتى بىلەن مەيدىسىنى كېرىپ چىقىشقانىدى. يەنە كېلىپ، ھاپىز ئابدۇللاھ تاشيولچى ئىدى، »قوتاز بىلەن نېمە ئىشىم؟« دېيىشكە تامامەن ھەقلىق ئىدى. ئەمما، ئاشۇ ئونبېشىلىق ئەمەل ئۇنىڭغا گويا بۇ »كوللىكتىپ« دېگەننى، بۇ »ھۆكۈمەت« دېيىلگەن تاجاۋۇزچى گورۇھنى »ئۆز« قىلغان ئىدى. ئۆزىنى بۇ ئاتاقنى ئىلتىپات قىلغان بۇ ھۆكۈمران گورۇھنىڭ بىر پارچىسىدەك ساددا ھىسىياتقا كەلتۈرگەنىدى. ئاشۇنچىلىك بىر ئاتاق ئۇنىڭغا جاننى ئالقانغا ئېلىشقا يەتكۈدەك مەسئۇلىيەت يۈكلىگەن ئىدى. ئۇ نەدىن بىلسۇنكى، بۇ خىتاي دېگەننىڭ نەقەدەر رەزىللىكىنى؟ »خاتا ھالدا ›ياۋا قوتازنى ئوۋلىدۇق‹ دەپ قىلىپ سالغان بولسا، خاتا قىلغىنىنى، بۇنىڭ ياۋا قوتاز ئەمەسلىكىنى بىلگەن ھامان، ئەپۇ سوراش ئارىلاش قوتازنى چۈشۈرۈپ بېرىپ كېتىدۇ، چۈنكى، ئۇلار دېگەن ›جەپاڭجۈن‹ تۇرسا« دەپ ئويلاپ قالغانلىقى چوقۇم.
ھاپىز ئابدۇللاھ بايراقنى چىقىرىپ ئەسكەر ماشىنىلىرىنى توستى. ماشىنىلار ئارقىمۇ-ئارقا تىزىلىپ توختاشتى. ھاپىز بەنجاڭ ئۆزىگە خۇددى بىر قوماندان ئىدى، ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ھىچكىم يىرالمايدىغاندەك، يىرغانلارغىمۇ تېتىيالايدىغاندەك ئەخمىقانە بىر ھىسمۇ يوق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ ئويلايتىكى، ئۇ ھەق تەرەپتارى ئىدى؛ كوللىكتىپنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتاتتى؛ بۇنىڭغا كىم غىڭ قىلالايتى؟ شۇڭا ئىشەنچ بىلەن، قوتاز يۈكلەنگەن گاۋ شۈينىڭ ماشىنىسىغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ چالا خىتايچىسى بىلەن بۇ ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىسىنى سالاملىدى ۋە ئۇنىڭ خاتا ھالدا ياۋا قوتاز دەپ ئاتقىنى ئەمەلىيەتتە كوللىكتىپنىڭ ئىكەنلىكىنى، ئاتقىنىغا بوپتۇ قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، ئەمما قوتازنى چۈشۈرۈۋېتىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
كىم بىلسۇن، خىتاي، خىتايغا خاس كىبرى بىلەن دىمىقىنى قېقىپ، ياراتماسلىق ئىپادىلەپ، ماشىنىسىنى تەكرار ئوت ئالدۇرۇپ، مېڭىشقا تەمشەلدى. ھاپىز بەنجاڭ، كۆڭلىدە »جەپاڭجۈننىڭ ئىچىدىمۇ ماندا ياغاچ قۇلاقلىرى باكەن-يا؟« دەپ ئويلاپ، دىككىدە سەكرەپ، كاپىنكىگە چىقىدىغان باسقۇچقا چىقىپ، گاۋ شۈي بىلەن روبىرو كەلدى ۋە بۇ بەڭۋاش جەڭچىگە كوللىكتىپنىڭ مۈلكى ھەققىدىكى ئۇلۇغ نەزىرىيىلەردىن ئۆزى بىلىدىغانلىرىنى، كىچىك ۋاقىتلىرىدا مەكتەپتە ئۆگۈتۈلگەن ئازاتلىق ئارمىيە ناخشىلىرىدىن »ئۈچ چوڭ ئىنتىزام، سەككىز دىققەت«نى ئەسلىتىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى »ئاممىنىڭ يىپ-يىڭنىسىنىمۇ ئالماسلىق« دېگەن ماددىنى سۆزلەپ، ئۇنى قايىل قىلماقچى بولۇۋىدى، كىم بىلسۇن، گاۋ خىتاي يېنىدىكى كىلاشىنكوۋ[②]نى ئېلىپلا ھاپىز ئابدۇللانىڭ ئاغزىغا تاقىدى. »جەپاڭجۈن دېگەن خەلقنىڭ ئەسكىرى، خەلق جەڭچىسى خەلقنى قۇتقۇزۇدۇغان تۇرسا، خەلقنى ئاتامدۇ؟« دېگەنگە قەتئىي ئىشىنىشكە ئۆگۈتۈلگەن ھاپىز بەنجاڭ، گاۋنىڭ بۇ قىلمىشىنى چاخچاق ھىسابىدا كۆرۈپ، ئېڭىكى ئاستىغا كىلاشنىكوۋنىڭ ستۋولى تاقالغان ھالدا يەنىلا ئۆز گېپىنى تەكرارلىدى.
گاۋ خىتاينىڭ دىلىدىكى شوۋىنىست ئوتلار لاۋۇلداپ، ئۆزىگە تاجاۋۇزچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن شوۋىنىستلىق تەربىيە ئۆز رولىنى كۆرسۈتۈپ، كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىت ئىچىدە بىر جاسارەت ئۇرغۇدى-دە، ئاشۇ جاسارەت تۈرتكىسىدە ئاپتوماتنىڭ تەپكىسىنى بېسىۋەتتى! 30 تال ئوق سىغىدىغان دىسكىدا قوتاز ئېتىشتىن ئېشىپ قالغان 27 پاي ئوق بارىدى. ئاپتوماتنىڭ تاللاش كونۇپكىسى ئۈلگۈجە ئېتىش نۇقتىسىدا بولغاچقا 27 پاي ئوق بىر نەچچە سېكونت ئىچىدە چىقىپ بولدى. چىقىپ بولدى! نەقەدەر ئاددىي گەپ-ھە؟ چىقىپ بولدى! ئەمما ھاۋا بوشلۇقىغا ئەمەس، دەل ھاپىز ئابدۇللاھ بەنجاڭنىڭ بېشىغا! ئاغزى تەرەپتىن كىرگەن ئوقلار ئۇنىڭ باش سۆڭىگىنى پاختا ئاتقاندەك ئېتىپ، پۈتۈن ئەتراپقا توزۇتۇپ چېچىۋەتتى! سېرىق داۋان تاشيول ئاسراش نۇقتىسى بەنجاڭنىڭ قان، مېڭىسىنىڭ قېتىقى، گۆش ۋە ئۇستىخانلىرىنىڭ ئۇگۇتۇلغان پارچىلىرى بىلەن بويۇلۇپ كەتتى! ھەر تاش، يولنىڭ ھەر سانتىمېتېر يۈزى، ئىشچى ياتاقلىرىنىڭ تاملىرى مېڭە قېتىقى ۋە قىزىل قان بىلەن بويالدى! ئەگەر ھاپىز ئابدۇللاھ كوللىكتىپنىڭ مۈلكىنى بىرەر ئۇيغۇر بۇزۇق ئۇنسۇردىن قوغدايمەن دەپ بۇ ھالغا كەلگەن بولسا ئىدى، ئۇ قەھرىمان بولۇپ گېزىتلەردە تەشۋىق قىلىنغان بولاتتى. ئەمما ئۇ »ئازاتلىق ئارمىيە«دىن قوغدىماقچى بولدى. ئەمدى نېمە بولار؟
گاۋ شۈي خىتاي ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ باشسىز گەۋدىسى يول ئۈستىگە ئوڭدىسىغا يىقىلغاندىن كېيىن، خاتىرىجەم ھالدا ماشىنىسىنى خوتقا سېلىپ، يولغا ئاتلاندى! ئەسلىدە ئىنتايىن قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز كېلىدىغان خىتاينىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلىشىنى بىر چەتتە قويۇپ تۇرايلى، بۇ نورمال بولمىغان ئۆلتۈرۈشتىن، كۆرگەن ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرۈدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان پەۋقۇلئاددە ۋەھشىيلىك سەھنىسىدىن ھىچ قانداق ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويماي، مەڭدەپ كەتمەي، خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك ماشىنىنى ھەيدەپ كېتەلىشىدىن بۇنىڭ ئاستىدا ياتقان تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر مەنانى چۈشۈنۈۋېلىشقا بولاتتى: ئۆلگۈچى خىتاينىڭ نەزىرىدە ئادەم ئەمەس ئىدى!
بۇ ۋەقە قانداق بىر تەرەپ قىلىنغاندۇ؟ بۇ تاشيول ئاسراش نۇقتىسىدىكىلەر — ھاپىز بەنجاڭنىڭ ئىشداشلىرى بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالغاندۇ؟
ئىككى سوئالنىڭ جاۋاپلىرىنى ئومۇمىي مەنتىقە بويىچە پەرەز قىلغىلىمۇ بولۇدۇ. خىتايدەك بۇنداق ئادالەت تۇيغۇسىدىن مەھرۇم، يىرتقۇچ تەبىئەت، نومۇسنى بىلمەيدىغان بىر مىللەتنىڭ مەنتىقىسى بويىچە ھەر كىم ھىس قىلالايدۇكى، ئومۇمنىڭ مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆزىنى پىدا قىلغان ھاپىز بەنجاڭ بىر چىۋىنچىلىكمۇ قەدىر قىممەتسىز كەتكەن بولۇدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغىمۇ خۇددى چىۋىننى ئۆلتۈرگەن ئادەم قاتىل ھىساپلانمىغاندەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتىمۇ خۇددى شۇنداق بولدى. ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ باشسىز گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىشلارنىڭ ھىچقانداق رولى بولمىدى. ھەتتا خىتايلار گاۋشۈينى ھەربىي سوتتىن ئېلىپ قاچتى. بۇ ئەسلىدە خىتاي ھەربىي سوتىغا قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ، ئۇنىڭ قاتىللىقى بىر ياندا تۇرسۇن، قاتىلنى سوتتىن ئېلىپ قاچقانلارنىڭمۇ سوتقا ھاقارەت كەلتۈرگەن جىنايىتى ئۈچۈن جازالىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما نېمە ئامال؟ خىتاي دېگەن شۇ: نومۇس، ۋىجدان دېگەنلەرگە ناتونۇش بولغان بۇ مىللەت بۇ ئىشتا بېزىرىۋېلىش، داۋانى كونارتىپ، قىزغىنلىقنى پەسەيتىش، داۋاگەرلەرنى زېرىكتۈرۈش تاكتىكىسى ئىشلىتىشتى. ھەتتا قەشقەر يېڭىشەردىكى خىتاي پۇخرالىرى نامايىش قىلىشتى. ئادالەت ئۈچۈنمۇ؟ ياق، قاتىل ئۈچۈن! يەنى، قاتىلنى جازالىماسلىق تەلىپى بىلەن! ئۇلارنىڭ شۇئارى شۇ ئىدى: ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش ئاخىرقى نىشانىمىزغۇ؟ بىر ئاز بۇرۇن قول سالسا نېمىسى خاتا؟
مانا شۇنداق قىلىپ، قاتىلنى جازالاشنىڭ شەكلى ئۆزگۈرۈپ، »مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەربىيىسى«، »ئارمىيە خەلق ئىتتىپاقى تەربىيىسى« تولا ئىشلىنىپ، پەقەت خىتاي مىللىتىگىلا خاس بولغان بىزەڭلىك، زېرىكمەي زېرىكتۈرۈشتەك بۇدۇشقاقلىق بىلەن، ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ ئانىسى قەمبەرخاننىڭ بېشى ئاغرىتىۋېرىلىش نەتىجىسىدە، ئىزا دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ھىچ بىلمەيدىغان كوممۇنىست خىتايلارنىڭ »شىنجاڭ گېزىتى« 1985-يىلى 5- ئاۋغۇستتىكى سانىدا نومۇسسىزلىقنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى ئۈچۈن مىسال بولۇپ، جىنىس رېكورد قامۇسىغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر يالغاننى باستى: »ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ ئانىسى قاتىلنى ئۆلتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى، ئۇنى ئۆز ئوغلى ئورنىدا بېقىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى«!
ئەمدى ئىككىنچى سوئال — ھاپىز بەنجاڭنىڭ ئىشداشلىرى ياكى شۇنىڭدەك بارلىق خىزمەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالغاندۇ؟ دېگەنگە كەلسەك، بۇمۇ ئۆز مەنتىقىسى بويىچە بولدى. خەلق ساددا ئىدى، ئۆز خەلقىمىز بولغىنى ئۈچۈن ساددا دېدۇق، ئەسلىدە »ئەخمەق بولغاچقا« دېسەك تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلەتتى. بۇنىڭدىن »خىتاي دېگەن بەرىبىر بىز خەقنى ئادەم ھىساپلىمايدىكەن، بۇ خەققە ›ھە‹لا دەپ قويۇپ ئىشىمىزنى قىلساق بولۇدۇكەن، ئۇنىڭ ئىشىغا جان كۆيدۈرۈپ كەتكەنننىڭ پايدىسى يوقكەن« دېگەن ساۋاقنى ئېلىشى مۈمكىنمۇ؟ ھىچ مۈمكىن ئەمەسىدى.
ئۇلار دەسلەپكى قىزغىنلىقلىرى بىلەن بۇ ئوچاستىكىغا بىر سىمۋوللۇق قەۋرە قاتۇرۇشتى. گەرچە ھاپىز ئابدۇللاھ يۇرتىغا ئاپىرىپ دەپنە قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقەنى ئۇنۇتماسلىق ئۈچۈن، قان بىلەن بويالغان تاشلاردىن قەۋرە قاتۇرۇشقا كۈچى يەتتى. شۇنداقلا بۇ يەرنىڭ ئىسمىنى »قان قىرغاق« دەپ ئالماشتۇردى. ئەمما خىتاي دېگەن ھەرقانداق ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارغىمۇ ئەھمىيەتسىز نەزەردە قارىمايدىغان چىڭگىس مىللەت بولغاچقا، قەۋرە ۋە يېڭى ئىسىمنىڭ بۇ ۋەقەنى ئەسلىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك تەربىيىسى بېرىدىغان، ئەۋلاتلارنى ئۇنۇتماسلىققا چاقىرىدىغان رولىنى بايقىماي قالمايتى. شۇڭا قەۋرىنى مەجبۇرىي چېقىۋەتتى. ياساش-چېقىش بىرنەچچە قېتىم تەكرارلاندى. ئاخىرىدا بۇلارغىمۇ بىر خىزمەت گورۇپپىسى كەلدى ۋە ئۇلارنى تولا قىستاپ، ئىپادە بىلدۈرۈشكە زورلاپ، ... ئاخىرىدا قەۋرىنى تەكرار ياسىماسلىققا، سېرىقداۋان دېگەن نامنى تەكرار قوللۇنۇشقا، قان قىرغاق دېگەننى تىلغا ئالماسلىققا ماقۇلغا كەلتۈرۈپ، يازما ئىپادىلىرىنى يازدۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە قەسەميات قىلدۇرۇپ كېتىشتى. مۇشۇ ئاغزاكىي شەپقەتلەر، خىزمەتلەر نەتىجىسىدە ئەمەلىي بىر ۋەقە تېزلا خاتىرىلەردىن ئۆچۈرۈلدى!
ئەخمەق خەلق، بۇ— خىتاي دېگەنگە مەڭگۈ نەپرەتلىنىشكە يېتىپ ئاشىدىغان مۇشۇنداق بىر مىسالدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا ئەخمەقلىقىدە، چۆگۈلۈتۈپ قويۇپ بېرىلگەندەك گاڭسالىقىدا قېلىۋەردى. بىر ئېغىز ماختاشقا، ھېلىقىدەك پوققا ئەرزىمەيدىغان ئونبېشىلىقلارغا شاپاشلاشتىن ھىچ توختاپ قالمىدى!
1992-يىلىنىڭ 21-ئاۋغۇستىغا كەلگەندە بولسا، بۇ ئاچچىق ساۋاقلاردىن ھىچ ئىزنامۇ، ئەسەرمۇ قالمىغاچقا ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ »ئونبېشى«لىق »مەنسىپى«گە ۋارىسلىق قىلغان يېڭى بەنجاڭ يىراقتىن قارىسى كۆرۈنگەن ماشىنىنى كۆرۈپلا:
— تۇغۇناخۇن، بايراقنى ئاچىقسىلا، ماشىنا كېلىۋاتىدا، — دېدى جىددىي ئەستايىدىللىق بىلەن.
— مەجىد تۇراپنىڭ ماشىنىسىغۇ، — دېدى تۇرغۇناخۇن ماشىنىنى يىراقتىنلا تونۇپ.
— مەجىد تۇراپنىڭ بوسا نىم بولۇدا؟ دادامنىڭ بوسىمۇ بى پەقى يوق يا! تۈزۈم دېگەن تۈزۈم، — دېدى بەنجاڭ.
تۇرغۇناخۇن ياتاققا كىرىپ كېتىپ چاپسانلا بايراقنى ئېلىپ چىقتى. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا غۇدراپ قويدى:
— مەجىد تۇراپ دېگەننى بىلمەمدىلا، ئايدا ئەڭ ئاز تۆرت قېتىم ئۆتەۋاتقان ئادەم تۇسا، ئۇ دېگەن يامان ئىش قىلىدىغان ئادەممۇ ئەمەسقۇ؟
— ماندا دېمەيمىز، تۇغۇناخۇن، جۇمۇسۇلا! ماندا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىساق تەشكىلگە قاسى يۈزۈمىز بىلەن جاۋاپ بىيىمىز؟ — دېدى بەنجاڭ قاتناش بايرىقىنىڭ قىزىل رەڭلىكىنى كۆتۈرۈپ، ماشىنىغا توختاش ئىشارىسى قىلىۋېتىپ.
2
گۈرۈچ تاغارلىرىنىڭ ئاستىدا ياتقانلارغا گويا مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا قىيامەت بولغاندەك ئىدى. كېچىنىڭ يېرىمىدا ماشىنا قوزغالغاندىلا مۇشۇنداق بولۇشى بەلگىلىك بولسىمۇ، كېچىنىڭ سالقىنىدا ئاللاھقا شۈكرىكى، يامان ئەمەس دېيىشكە بولۇدۇكەندۇق. ئۇلارغۇ شۇ چاغدىلا قاقشىغىلى تۇرغان، ئەمما ئىدرىسخان بالىلارغا مەدەت بېرىپ:
— خۇداغا شۈكرى دەڭلا، باللا، ھازىر تېخى كېچە، كېچىنىڭ سالقىنىدا مۇشۇنچىلىك. ھېلى كۈن چىقىپ، چۈشكە يېقىن بولغاندا قانداق قىلىمىز؟ مانىڭدىن ۋايسىغىلى تۇساق ئۇ چاغدا »بولدى جان ئالساڭمۇ ئال« دەپ چىقىپلا كېتىمىزما؟ — دېدى.
شۇندىلا ھەممەيلەن بۇ تەرىپىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، جىم بولۇشتى. يەتتە ئادەم خۇددى ياپسا كەلتۈرۈپ قاچىلىغاندەك جىپىسلا تولدۇرۇلغاچقا، ئارىلىرىدا ئازراقمۇ بوشلۇق يوق ئىدى. تاغارنىڭ، گۈرۈچنىڭ، يەنە كوزۇپ ياغىچىنىڭ ئۆزىگە خاس پۇرىقى نەپەسلەرنى قاقشىتاتتى. بۇغۇ تېخى ياخشىدى، بىر ئازدىن كېيىنلا تەرلەش باشلىنىپ، بەزىلەرنىڭ تېنىدىن چىققان چىدىغۇسىز پۇراق ئۇلار نەپەسلىنىدىغان ھاۋانى تولدۇرۇۋەتتى! مانا شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى رەسمىي باشلانغان بولدى. ئۇلار كۆزى تېڭىپ قويۇلغان قارىغۇ چاشقاندەك نەگە كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتى. پەقەت ئۆزلىرى قاچىلانغان ئاشۇ »ئۆلۈك ساندۇقى«نىڭ ئىچىدە ئەمدى ئۆلۈدىغان بولدۇق، دەپ ئۆلۈمگە تامامەن ھازىرلانغان چاغدا بولسا، چۈش ۋاقتى بولغانلىقىنى بىلىشتى. ئەتتىگەنلا ۋايساشقا باشلىغانلارنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ھالىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەر ھالدا تەس بولمىسا كېرەك. كوزۇپ ئاستىدىكى شالنىڭ بەزى يېرىقلىرىدىن ئازراق يورۇق كۆرۈنەتتى، شۇنداقلا غۇيۇلداپ ئارقا تەرەپكە ئۆتۈۋاتقان يول غۇۋا بىلىنەتتى. يان تەرەپلەردىنمۇ تاغارلارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇچراشقان يەرلىرىدە قالغان كىچىك يوچۇقلاردىن ئازراق يورۇقلۇق كۆرۈنەتتى. ئەمما ئۇ يەردىن ھىچنەرسىنى كۆرگىلى بولمايتى.
— ساق بارالمايدىغان ئوخشىمامدۇق؟ — دېدى بىرى بوغۇلغان ئاۋازدا، — شۇئاندا بۇ يەردە خېمىر بولسا چوقۇم پىشاتتى، — دېدى ئۇ نالە قىلىپ.
— ئاللاھقا شۈكرى قىلايلى، باللا، — دېدى يەنە ئىدرىسخان مەدەت ئىيتىپ، — بۇ دوزاق ئۈچۈن بىر كەففارەت، ئاللاھ بىزنىڭ ئەجرىمىزنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بېرىۋاتقان بىر پۇرسەت، باللا. بۇ ئىسسىق، دوزاقتىنمۇ ئىسسىقمىتى؟ ئويلاڭلا، باللا، بىلالنى[③]ئويلاڭلا، ئەرەبىستاننىڭ ئاشۇ تۇخۇم پىشىدىغان ئىسسىقىدا قىزىپ كەتكەن تاشلارنى بىلالنىڭ يالىڭاچ قورسۇقىغا ئېلىپ قويۇپ قىينىغان ئەمەسمىدى؟ بۇ ئىسسىق شۇنىڭدىنمۇ يامانمىدۇ؟
ياش يىگىتلەر بىر دەم جىم بولدى. چىدىماي باشقا بىر تاللاش ئىمكانىمۇ يوق ئىدى. پەقەت ئۇلار ھۇشىدىن كەتكەن بولۇشى مۈمكىنكى، ۋايساشلار تامامەن توختاپ قالدى. چېگرا رايون تەۋەسى ھىساپلىنىدىغان ئاقاز داۋانغا ياماشقاندا بولسا يەنە بىر ئاز سالقىنلىغاندەك بولۇپ قېلىشتى. داۋانغا يامىشىۋاتقاندا كۈچۈنۈۋاتقاندەك ماشىنىنىڭ غىڭىلداپ، تاشپاقىدەك ئاستا مېڭىشى داۋاننىڭ قانچىلىك تىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەتتى. تاغ ھاۋاسى ھەرھالدا سالقىن ئىدى. تاغار تېگىدە ياتقانلار ئۈچۈن ئالاھىدە راھەتتەك بىلىنگىنى پەقەت ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر ئاز پەرقلىق بولغانلىقىلا ئىدى. بولمىسا بۇ تىقىنچىلىقنىڭ ئىچىدىكى ئاللىقاچان سېسىپ كەتكەن ھاۋانى سالقىن دېگىلى بولمايتى. تاغ ئۈستىگە يېقىنلاشقانسېرى بۇرۇن تۆشۈكلىرى ئېچىشىپ، نەپەس سىقىلغاندەك بولۇۋىدى، بۇ تەرەپلەر ھەققىدە بىردىن-بىر مەلۇماتى بولغان K ھەمرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى:
— بۇ يەرلەردە تۈتەك بار، ئۇخلاپ قالساڭلار تۈتەك ئېلىپ كېتىدۇ، ھەرگىز ئۇخلىماڭلار.
دېمىسىمۇ بۇ دوزاقتا ئۇخلىغىلى بولاتتىمۇ؟ ھەر كىم ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى ئۇنتۇپ قلېىش ئۈمىدىدە ئۆز خىياللىرىغا غەرق بولۇشقان ئىدى. تەبىئىيكى، ئايالى بولغانلار ئايالى بالىلىرى ھەققىدە شېرىن كەچمىشلىرىنىڭ ۋاراقلىرىنى ۋاراقلاپ، ئەڭ بەختىيار دەملىرىنى قايتىدىن روھەن باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆزىگە ھوزۇر بېرىشكە تىرىشاتتى. ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەرنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق شېرىن خاتىرىلىرى بارىدى. ئېلىشقا پۈتۈشكەن لايىقلىرى، مەكتەپ ھاياتىدا بىللە ئوقۇغان چاغلىرىدا كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەن قىزلار؛ ياكى ئىنقىلاپ سېپىگە قانداق قوشۇلغانلىق جەريانىنى ئەسلىگىنىدە، ئۆزلىرىنىڭ بىلگىسىز، نادان بىر ساياق بالىدىن قانداق ھىدايەت تاپقانلىقى، ئىمانى قانداق كۈچلەنگەنلىكى، قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ مۆمىنلىك ۋە ئىنسانلىق بۇرچىنى تونۇپ يەتكەنلىكى قاتارلىق سىياسىي ھاياتى ئىچىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدىمۇ تالاي ھاياجانلىق مومېنتلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى. ئەمدى مۇشۇنداق بارسا كەلمەس يولغا جابدۇپ كېتىۋاتقاندا بولسا ئاتا-ئانىسىغا، يۇرت ماكانىغا، سۆيگەن ۋە سۆيۈلگەن كىشىلىرىگە قىيماسلىق تۇيغۇسى قىسمەن باش كۆتۈرمەيمۇ قالمىدى. چۈنكى ئادەم دېگەن قان بىلەن گۆشتىن پۈتكەن تۇرسا، ماشىنا بولمىسا، جاپاغا، ئۆلۈم تەھلىكىسىگە دۇچ كەلگەندە ماڭغان يولى ھەققىدە قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ئېلىپ بارمايدۇ دېگىلى بولامدۇ؟ ئەمما ئۇلار »ئەجەبا، خاتا يولغا ماڭغانمىدىم؟ قىلغانلىرىم خاتا بولغاچقا ئاللاھ بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن بېشىمغا بۇ دىشۋارچىلىقنى، غۇربەتكە سۈرۈلۈشنى سالغانمىدۇر؟« دېگەنلىرىنى ئويلىغىنىدا دەرھال جاۋاپلىرى كەسكىن تۈس ئالاتتى: »ياق، بۇ ھەق يول، بۇ ئاللاھ رازى بولۇدۇغان يول، ئاللاھ ئۆزى بۇيرىغان يول. مۈشكۈلاتنىڭ بولۇشى ھەرگىزمۇ يولۇمىزنىڭ خاتاسىدىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىنىڭ ئەجرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن مۈشكۈل سىناقلارغا مۇپتىلا قىلىدىغانلىقىدىن«.
ئوي ئويلاش بىلەن ۋاقىت ھەر ھالدا تېز ئۆتەتتى. ئۇلار ئاقاز داۋاندىن ئېشىپ، ئۇ تەرەپكە ئاقاز يول ئاسراش نۇقتىسىغا چۈشۈپ بولغان ئىدى. بۇنى ئۇلار ماشىنىنىڭ توختىغانلىقىدىنلا ئەمەس، مەجىد تۇراپنىڭ كابىنكىنىڭ ئارقىسىنى »توك-توك« ئۇرۇپ قويۇشىدىنمۇ بىلگەن ئىدى. ماشىنا يېنىغا كەلگەن بىرلىرىنىڭ مەجىد تۇراپ بىلەن سۆزلەشكەنلىرى ئاڭلاندى:
— ھە، مىجىتاخۇن يەنە ماڭغان ئوخشىمامدۇق؟ پايدا دېگەن ئادەمنى ئوتتاغۇزمايدا-ھە؟
— تىرىكچىلىك، قاندا قىلىمىز؟ تىرىكچىلىك دېمىسەك باللىنىڭ ئىسسىق قوينىدىن ئارىلىپ، مۇشۇ يوللادا مېڭىپ ژۈگۈمىز باما، دەڭلا، سىلىنىڭ مۇشۇ تۈتەكتە، تاغ ئارىسىدا ئىشلەپ ژۈگۈڭلا باما؟
— راست دەيسىلە، ئادې، راست دەيسىلە. جاھاننىڭ قاتتىقچىلىقى شۇ، — قىسقا ھاللىشىشلاردىن كېيىن يول ئىشچىسى رەسمىي گەپكە ئۆتۈپ، — ھە، مىجىتاخۇن، ماشىناڭلىدا غەيرى ئادەم يوقتۇ؟
— كۆرەۋاتقانسىلە، ئاينا؟
— كۆرەشنىغۇ كۆرەۋاتىمىز، كەبىنكەڭلا قۇرۇق تۇرۇدۇ، ئاينىكا، ما تاغانىڭ تېگىدە بىر نېمە يوقتۇ؟
— چىك-چىك... ئادې، بىز بى بىلىشمەيدىغان ئادەملىدىن بوممىساق، شۇندامۇ دېيىشىپ كېتىمىزما؟ تاغانىڭ تېگىدە نېمە بولا سىلىنىڭچە؟
— ياق، دەيمىنا، نەپس شەيتان دېگەن گەپ با ئەمەسما؟ پۇلنىڭ كەينىگە چىرىپ بى يامان پوق يەپ قالدىڭلىمىكى دەيمىنا!
— قارىۋېلىڭلا، ئادې! ئاينا ماشىنا، مەن تىقىۋاممىدىم، ئاينا تۇرۇدۇ، ئوبدانراق تەشكۈرۈڭلا.
غاراس-غۇرۇس ئاۋاز بىلەن بىرىنىڭ كوزۇپقا ياماشقىنى بىلىندى. ئىچىدىكىلەرگە يورۇق چۈشۈدىغان تۆشۈكلەردىن بىرى ھېلىقى ئادەمنىڭ بېشى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. ئۇنىڭ بىر كۆزى ئاشۇ تۆشۈكتە كۆرۈندى. ئىچىدىكىلەر ئۇنىڭ كۆزىنى كۆردى، ئەمما تېشىدىكىسى قاراڭغۇلۇقتىن ھىچنېمە كۆرەلمىدى. ئىدرىسخان يەنە بايىقىدەك خىياللارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزەتتى. »مۇشۇ خەققە نېمە يوق؟ كىم ئۈچۈن شۇنچە جان كۆيدۈرۈپ كېتىدىكىنا؟ خۇددى چوڭ دادىسىنىڭ ئىشىغا كۆيگەندەك! بوممىسا كۆرۈۋاتقان خوۋلۇقى بۇ. ھەجەپ خەقكەنمىزا، ھەجەپ خەقكەنمىز! ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت، بىز خەقكە ھېلىمۇ تېخى ئاز ئوخشايدا«.
ئاقاز داۋان نۇقتىسىدىن قوزغۇلۇپ ماڭغاندا خۇددى چىڭ تارتىلغان تار ئۈزۈلەي دەپ قالغاندا بىردىنلا بوشۇتۇلغاندەك بىر ھال تاغار تېگىدىكىلەردە روي بەردى. ھەممىسى »ئۇھ، ئۇھ« دېيىشىپ كەتتى. ئەمما بۇ تېخى قۇتۇلۇش ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە كۈدە، سۆگەتلىك داۋان، جۇداق، قارا كۆۋرۈك دېگەن نۇقتىلار بارىدى. ئاندىن ئۇلار خالاستان دەرياسىغا خۇددى يىپقا تىزىلغان مارجانلاردەك تىزىلغان نۇقتىلاردىن ئايرىلىپ، غەرپكە بۇرۇلۇشتى. غەرپكە قاراپ 15 كلومېتېرچە ماڭغاندىن كېيىن ماشىنا يەنە تاشيولچىلار تەرىپىدىن توسۇلدى. بۇ تاشيولنىڭ دەل جەنۇپقا ئەگىلگەن دوقمۇشىدىكى سېرىق داۋان نۇقتىسى ئىدى؛ سېرىق داۋان دەل بىز ھەققىدە يېقىن ئۆتمۈشنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ھىكايىسىنى ئاڭلاتقان ئاشۇ »قان قىرغاق« شۇ ئىدى.
قان قىرغاقتا ئۇزاقتىن مەجىد تۇراپنىڭ ماشىنىسى كۆرۈنۈشى بىلەنلا بەنجاڭنىڭ تۇرغۇناخۇنغا بايراقنى ئاچىقتۇرغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بولغانىدى. ماشىنا كېلىپ توختىدى. ئۇلار ئۆز ئارا ياخشى تونۇشاتتى.
— ھە، ئادې، يەنە ماڭدۇقما؟ ماشىنىدا نېمە بار بۇ دا؟ — سورىدى بەنجاڭ.
— نىم بولۇدۇ دەيسىلە، ئادېش، گۇرۇچ، — دېدى مەجىد تۇراپ. ئۇ ئىچىدىكى قورقۇنچىسىنىڭ تېشىغا تېپىپ بىلىنىپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەپ تۇرغاچقا، ئىلاج قىلىپ، تەبىئىيرەك كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۇلارنى گەپكە تۇتۇشقا تىرىشاتتى.
شۇنداق بولسىمۇ ئۆز ئىشىغا پۇختا بەنجاڭ، مەجىد تۇراپنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە ماشىنىنى تەكشۈرۈشنىمۇ جايىدا بېجىرىۋاتاتتى:
— تۇغۇناخۇن، ماشىنىنىڭ تېگىگە چىرىڭلا، قاراپ چىقىڭلا ماندا بى، — دېدى ئۇ يېنىدىكى ھەمراھىغا.
— يائاللاھ، — دېدى مەجىد تۇراپ ئۇنى جىملىگەندەك قىلىپ ھەم يېقىنلىقىنى قېيداش ئارقىلىق ئېسىگە سېلىپ، — شۇنچىۋالا قىپ كەتمىسەڭلا مەن بى يات ئادەم بوممىغاندىكىن،... تىك-تىك،... — ئەمەلىيەتتە مەجىد تۇراپ ئۈچۈن ماشىنا ئاستىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ئىدى. پەقەت تاغارنى ئۆرۈپ –چۆرۈپ قالارمۇ دەپلا يۈرىكى سۇ ئىدى.
— شۇندا بوسىمۇ، خىزمەت ئەمەسما، توغرا چۈشۈنۈسىلە-دە، ئادې، — دېدى بەنجاڭ. ئۇ يەنە مەجىد تۇراپنىڭ توختىماي گەپ قىلىشلىرىغا قۇلاق سېلىپ تۇرۇپمۇ ماشىنا ئۈستىگە چىقىپ بېقىشنى ئۇنۇتمىدى. ئاۋالقى نۇقتىلاردىكى تەكشۈرۈشلەردە ئۈستىگە چىقماي، يېنىدىن ئېسىلىپ، بىر ئاز كۆتۈرۈلۈپلا ئۈستىگە قاراپ باققان بولسا، مانا ئەمدى رەسمىي ئۈستىگە چىقىشتى. مەجىد تۇراپنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى. بەنجاڭ تاغارلارنىڭ ئۈستىدە لەڭ ئۇرۇپ، ئېغىرلىقىنى سېلىپ، بىرەر يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتەمدۇ-قانداق دېگەندەك قىلىپ، ھەممە تاغار ئۈستىدە يۈرگەندىن كېيىن، ئارىلىقلاردىن سىنچىلىدى. مەجىد تۇراپ شۇئان »ئۆلدۈم!« دەپلا ئويلىدى. ئۇ ئۈستىگە يېپىلغان تاغارلارنى كېچىدە ياپقانلىقلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، كېچىدە ئارىلىقلارنىڭ ھىم بولغان-بولمىغىنىغا ئانچە ئەمىن بولغىلى بولمايتى، ئەمدى بۇنىڭغا كۈندۈزى قارىسا »كامار كۆرۈنۈپ قالارما« دەپ قورقۇشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. شۇڭا ئۇ بەنجاڭنىڭ دىققىتىنى ھىچ بولمىغاندا يېرىم ياتا بولسىمۇ چالغىتىش ئۈچۈن داۋاملىق گەپ قىلىپلا تۇردى. قاغىلىقتىكى يېڭىلىقلار، ھەتتا ئاياللار ھەققىدە ئۇ قەدەر بەتقىلىق ھىكايىلارنى توقۇپ سۆزلىدىكى، گويا شۇ بەتقىلىقلارنى ئۆزى قىلغاندەك دەپ بېرىۋاتاتتى.
— ۋې! مىجىتاخۇن، بولدى قىلىڭلا، — دېدى بەنجاڭ ئاخىرى چىدىيالماي، — نىمانداغ يالغان گەپلەنى قىلىدىغان بولاپ كەتتىڭلا؟ سىلىنى بىز بىلمەمدۇق يا؟ سىلى دېگەن بى بەش ناماز ئادەم تۇساڭلا، ئاشۇ گېپىڭلاغا ئىشىنەمىزما؟
»ئىم، مانا تۈگەشتىم!« دەپ ئويلىدى ئۇ. »نېمە دەپ بۇنچىۋالا تاپتىن چىكەتتىمكىنە؟ خۇدۇمنى بىلمەي، چەتنەپ، مانا ئەمدى رەسمىي گۇمانغا قالىدىغان بولدۇم، جۇما«.
ئەمما بەنجاڭ باشقىچە گۇمان قىلغاندەك قىلمايتى. ئۇ ماشىنا كوزۇپىدىن چۈشتى.
— بىزگە ھىچنېمە ئاغاچ كەممىدىڭلىماۋا ئادېش؟ — دەپ سورىدى ئۇ ئىشىنى تۈگۈتۈپ بولۇپ.
— سىلىگە قاچان بى قۇرۇق كەپ باققان بىز، — دېدى كۆڭلى تىنغان مەجىد تۇراپ يىنىكلەپ ۋە كابىنكىدىن بىر تۈگۈنچەكنى ئېلىپ بەنجاڭغا ئۇزاتتى. ئۇنىڭدا بازارنىڭ گىردىلىرى ھەم ئازراق قۇرۇق يىمىش بارىدى. ئەسلىدە قوغۇن ئېلىۋالماقچىدى، بەرىبىر يولدا يىيىلىپ كېتەتتى.
— جۈڭلا، بىردەم ئوتتۇراسىلە، — دېدى تۇرغۇناخۇنمۇ ئەمدى مەجىد تۇراپنى تەكلىپ قىلىپ.
— ياق، مەن ماڭاي، ما قېتىم ئالدىراپ قالدىم، ئىشتىگرەك كەلمىسەم بولمايدىغان ئىشىم بېيىدى، — دېدى مەجىد تۇراپ ئۇلارغا ئىگىلىپ تۇرۇپ خوش ئېيتىپ.
مانا شۇنداق قىلىپ، ئاللاھ نېسىپ قىلغان بولسا، مەجىد تۇراپ ئەڭ يامان توساقتىنمۇ قۇتۇلدى.ئۇ ئەمدى جەنۇپ تەرەپكە بۇرالغان يولدىن يۈرۈپ كەتتى. ئىچىدە ئاللاھقا ھەمد ئېيتىشقا، تەسبىھ ئېيتىشقا باشلىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاخىرقى توساق — مازار داۋان قالغان ئىدى. مازار داۋاندىن ئۆتۈپلا ئاشۇ ئېغىر يۈكلەردىن قۇتۇلۇۋالسىلا، ئىككىنچى بۇنداق كۆڭۈلچەكلىكنى قىلمايدىغانغا ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە قىلىۋەتتى. »ما قېتىم بى پوق يەپ قاپتىمەن، ئەمدى بۇندا پوقنى ئىككىنچى يىمەسمەنا!« دەپ ئويلىدى ئۇ.
مازار داۋانغىمۇ كەلدى. بۇ ناھايىتى شۇ 20 كلومېتېرچە يول ئىدى. يېرىم سائەت ئۆتكەندە ئۇنىڭ نېرۋىلىرى ئىككىنچى قېتىم چىڭقىلىشقا باشلىدى. ئۇنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغىنى بۇ يەردە بىر »بېيجىڭ« جىپ توختۇتۇپ قويۇلغان بولۇپ، ئادەتتە بۇنداق جىپلاردا يا باشلىقلار ئولتۇراتتى، يا بولمىسا ساقچىلار مەلۇم جىددىي ۋەزىپە ئۆتىگەندە مىنىشەتتى. بۇ جىپنىڭ بۇ يەرلەردە توختاپ تۇرۇشى نىمىلىكىم بولمىسۇن ياخشىلىقتىن بىشارەت ئەمەس ئىدى.
— ھە، بەنجاڭ، مىھمىنىڭلا با ئوخشىمامدا؟ — دەپ سورىدى مەجىد تۇراپ جىپنى ئىشارە قىلىپ، ئۇستۇلۇق بىلەن ماشىنىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىپ.
— ھە، ناھىيىدىن يەتتە-سەككىز كادىر چىقىپتىكەن، ما تاشقوغان بىلەن ئارىمىزدىكى يايلاق ماجراسىنى ھەل قىلىشقا، ماشىنىسىنى قويۇپ پىشادە كېتىشتى. چېگراغىچە بارىمىش. بۈگۈن تۆرت-بەش كۈن بولۇپ قالدى.
— يايلاق تەشكۈرەمدىكەن؟ — دېدى مەجىد تۇراپ ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە گۇمانلىنىشنىمۇ، ئىشىنىشنىمۇ بىلەلمەي.
ماشىنا قان قىرغاقتا تەكشۈرۈپ ماڭدۇرۇلۇدۇغانلىقىنى ئۇلارمۇ بىلگەچكە، ئارىدىكى 20 كلومېتېردىن كېيىن يەنە ئۇنچىۋالا قاتتىق تەكشۈرۈپ كەتمەيتى. مەجىد تۇراپ بۇ يەردىكىلەر بىلەنمۇ ئەنە شۇنداق خوشلۇشۇپ، ئەمدى شەرق تەرەپكە بۇرالغان يولدىن يۈرۈپ كەتتى. كەچقۇرۇن بولغاندا توختىدى. بۇ يەر ئالاھىزەل مازاردىن ئون كىلومېتېر ئۇزاقتا ئىدى. كەچ كىرىپ قالغاچقا يولۇچىلارنىڭ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. مازاردىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ قارىسىنى كۆرەلمەيتى. مانا بۇ يەردە ئۇ يىنىك تىن ئېلىپ، ماشىنا كوزۇپىغا چىقتى.
— باللا، باللا! — بامۇ يا سىلى؟ — دېدى ئۇ، — كەلدۇق، تېگىدىن تاغانى يۆلۈشۈپ بەمىسەڭلا مەن كۇچۇيالمايمەن جۇما، مەۋە تۈتەك، كۇچۇغىلى بوممايدا، ھە مانا ماۋۇ باشتىكى تاغا، تەڭ كۇچايلى، ھە!
ئۇلار شۇنداق قىلىپ بىرىنچى تاغارنى ئۈستىگە ئۆرۈپ، كاۋاكنىڭ ئاغزىنى ئاچتى. ئالدىراپ كەتكەن يىگىتلەر بىرى ئارقىسىدىن بىرى ئالدىرىشىپ چىقىشتى. ئۇلارنىڭ پاكىز ھاۋانى قانداق ئاچكۆزلۈك بىلەن دەم تارتىپ كېتىشكەنلىكىنى دەپ ئولتۇرۇشقا ھاجەت بولمىسا كېرەك. ئۇلار خېلى ئۇزاق ئېسىنى ئالدى. سۇ ئىچىشتى. بىرەر بۇردىدىن نان يىيىشتى. ئاندىن مەجىد تۇراپنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن ئىشقا كىرىشتى.
— باللا، كېلىڭلا ئەمدى قولمۇ-قول تاغالارنى ئۆرۈپ، كامارنى »تىندۇرۇۋېتىلى« يۈك چۈشۈگەن يەدىكىلەر، نىم كامادۇ بۇ دەپ گۇمان قىپ قاممىسۇن.
ئۇلار ئۈستىگە ياپقان تاغارلارنى ئاغدۇرۇپ تۇرۇپ، ئاۋال ئاستىغا بالداق قىلىپ قويغان كالتەكلەرنى ئېلىۋەتتى. ئاندىن تاغارنى ئاستىدىن تىزىپ چىقىشتى. مەجىد تۇراپنىڭ رازىلىقىنى ئالغۇچە ئوڭشاپ بولۇپ، ئاندىن ماشىنىدىن چۈشتى.
— باللا، — دېدى مەجىد تۇراپ دوستلىرىغا ئاخىرقى تاپىلاشلىرىنى تەكرارلاپ، — مازاردا بىر »بېيجىڭ« پەر جىپ تۇرۇدۇ، نېمە دېيىشكەنلىكىمنى ئاڭلىغانسىلە ھەقىچان؟ بىر گورۇپ ئادەم يايلاق تەشكۈرۈش دەپ كەپتۇمىش، چېگرا بويلىرىغا كەتتى دەيدۇ. ئاللا بىلىدۇ، ئۇ خەقنىڭ نېمە تەشكۈرىدىغىنىنى! ئاللاغا ئامانەت، دىققەت قىلىڭلا، ئاشۇ خەقتىن كۆڭلەم تازا خاتىرىجەم ئەمەس.
ئۇلار مەجىت تۇراپنىڭ بۇ سەمىمىي ئاگاھلاندۇرشىغا رەخمەت ئېيتتى. رەخمەتقۇ ئېيتتى، ئەمما بۇنى كۆڭۈللىرىدە بىر دىققەت نۇقتىسى سۈپىتىدە تۇتتىمۇ؟ ياكى دەرھاللا ئۇنتۇپ كەتتىمۇ؟ بىلىپ بولمايتى.
ئۇلار ئۆز ئارا قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. بالىلارنىڭ تەرەپ تۇيغۇلىرى قالايمىقان بولۇپ كەتكەچكە ماڭىدىغان يۆنۈلۈشىنىمۇ بىلمەلمەي بېشى چۆگۈلەپ كەتكەنىدى. مەجىد تۇراپ ئۇلارغا غەرپ تەرەپنى كۆرسەتتى. شۇئانكى يول زەرەپشان دەرياسىنى بويلاپ كېتىۋاتاتتى. يولنىڭ دەريا ياقىلىغان بۇ بۆلىكى مازاردىن باشلىناتتى. بۇ ئەتراپلاردىكى چوڭ –كىچىك ئېقىن-دەريالارنىڭ ھەممىسىلا يەكەن دەرياسىنىڭ شاخچىسى ئىدى. بۇ زەرەپشان دەرياسى بولسا شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ غوللۇقى ئىدى. ئاللاھقا شۈكرىكى، بۇنىسى خالاستان دەرياسىدەك شىددەتلىك ئەمەس، يېيىلىپ ئاقاتتى.
يىگىتلەر تاڭ ئاتقۇچە تاشيول بويىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتمىسە بولمايتى. شۇڭا دەريانىڭ ساياز يەرلىرىدىن كېچىپ ئۆتتى. ئاندىن دەريانىڭ غەربى ياقىسىنى بويلاپ دەريا بىلەن پاراللېل سوزۇلغان تاغدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن ياماشتى. تاغ بارلىق قارا قۇرۇم تاغلىرىدەك كۆيۈك تۇپراقلىق، سىدام، قاقاس ئىدى. بىر ئادەمنى يوشۇرغۇدەكمۇ دالدىسى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇھ دېگۈدەك ماجالى بولمىسىمۇ، غەيرەت قىلىپ تاغدىن ئارتىلىپ ئۆتمىگىچە ئارام ئېلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
قەھرىمانمۇ؟ قەھرىمەندمۇ؟
ئۇزاق چېگرىلىرىمىزنىڭ كەشمىرگە تۇتاشقان يەرلىرىدە بىر-بىرىگە يانداش چېگرىسى بولغان تاشقورغان ۋە قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ ئانچە-مۇنچە كۆرۈلۈپ قالىدىغان يايلاق جېدىلى بولۇپ تۇراتتى. بۇ يەرلەر يەكەن دەرياسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىلىرى بولۇپ، تاغ سۈيى شىددەت بىلەن ئاقاتتى. نۇرغۇن تارماق شەخچىلىرى بارىدى. بەزىلىرى تاشقورغان تەۋەسىدىن باشلانسا، بەزىلىرى قاغلىق ناھىيىسىنىڭ تەۋەلىرىدىن باشلىناتتى. ھەتتا خوتەن تەۋەسىگىچە ئىچكىرىلەپ كەتكەن غولراق ئېقىنلىرىمۇ بولاتتى.
ئاشۇ چېگرا بويلىرىدا بولۇدۇغان ئىككى ناھىيەنىڭ يايلاق تالاشلىرىنى تەكشۈرۈش، ناھىيە چېگراسىنى بېكىتىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىككى ناھىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلىرى تىلىپۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىرلىكتە تەكشۈرۈشكە چىقىدىغان بولۇشتى. قاغلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى توختى مۇھەممەد سىيىت (بۇ كىشى قاغىلىق يىتىم لوقۇملۇق ئىدى) تاشقورغاندىكى كەسپدىشى مۇنى تابىلدىغا تېلىپۇن قىلىپ، قاچان قەيەردە ئۇچرۇشۇش ھەققىدە كېلىشتى. مۇنى تابىلدى ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر يازىدىغان تاجىك شائىر ئىدى.
ۋاقىت ۋە ئورۇن پۈتۈشۈۋېلىنغاندىن كېيىن توختى مۇھەممەد سىيىت مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن يەتتىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ، 16-ئاۋغۇستتا قاغىلىقتىن يولغا چىقتى. ئۇلار »بېيجىڭ« ماركىلىق سەككىز كىشىلىك جىپقا مىنىشكەن ئىدى. جىپنىڭ بېرزېنت ئۈست قاپلىمىسىدىن تومۇزنىڭ ئىسسىقى ئۆتۈپ، زىچ ئولتۇرغان سەككىز ئادەمنى تەرلىتىپ تۇراتتى. ئەمما بۇ سەككىز نەپەر يەرلىك كادىر دۆلەت خىزمىتى ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا تەييار ئاكتىپ، ئىنقىلابىي يولداشلار بولغاچقا ئىسسىقتىن زارلانماي، جاپاغا يولۇققاندا لېي فىڭ روھىنى ئەسلەپ كېتىۋاتاتتى. بۇ گورۇپپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېقى جېلىل تاجىك بولۇپ، ناھىيىلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى. قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئىنقىلابىي ئۇيغۇر كادىرلار ئىدى.
ئۇلار مازارغىچە ماشىنا بىلەن كېلىشتى. يول شۇندىن كېيىن جەنۇپقا بۇرۇلۇپ كېتەتتى. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ يەردە ماشىنىنى توختۇتۇپ قويۇپ، زەرەپشان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پىيادە غەرپكە قاراپ كېتىشتى. باشلىقلار ئانچە ياشمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي كوممۇنىستىك روھىغا تارىختا ئۆتكەن كوممۇنىست قەھرىمانلارنىڭ روھى مەنىۋىي ئوزۇق بولۇپ تۇرغاچقا، قەتئىي تەۋرەنمەستىن يولنى داۋام قىلدى. چۈنكى بۇ خىزمەتنى ئۇلارغا كومپارتىيە ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئىدى. ئۇلار كومپارتىيىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاقلاش، ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماسلىقى كېرەك ئىدى.
بۇ ئىنقىلابىي ئۇيغۇر ۋە تاجىك كادىرلار ئىنقىلابىي روھىنى جارى قىلىپ، »يۈگوڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى«دەك جاسارەت بىلەن تاغ ئېشىپ، 36 كلومېتېر يول باسقاندىن كېيىن، تاشقورغان چېگرىسى ئىچىدىكى ئۈزۈككە كەلدى. ئۈزۈك تاجىكلار تەرىپىدىن رەسكەم دەپ ئاتىلاتتى. بۇ يەردە ئون توققۇز ئائىلە ئۇيغۇر ياشايتى. بۇ ئون توققۇز ئائىلىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 119 جان ئىدى. بۇ ئائىلىلەر — ئۈزۈك خەلقى موھىم تاغ يولى ئۈستىدە بولغاچقا، تارىختىن بېرى چېگرىدىن ئۆتۈپ چەتئەلگە چىقىدىغانلار مۇشۇ كىشىلەرنىڭ تىرىكچىلىك پائالىيەت دائىرىسىدىن ئۆتمەي قالمايتى. چېگرا ساقلايدىغان ئەسكەر دېگىنىمىز نورمالدا يوغان بىر تاشقىي ھۇجۇمغا قارىتىلغان كۈچ ئىدى؛ چېگرا ساقچىسى دېگەندە ئۇلارمۇ تاغ ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا تۇرۇپ، يولدىن ئۆتكەنلەرنى تەكشۈرەتتى. ئەمما، بىرەر – ئىككىدىن بولۇپ چېگرىدىن چىقىدىغان، كىرىدىغان شەخسلەرنى نە ئارمىيە، نە ساقچى توسۇپ قالالمايتى؛ يەنى بايقىيالمايتى. بۇنداقلارنى مانا شۇ چېگرا بويلىرىدا ياشايدىغان خەلق ھەرگىزمۇ كۆزدىن قاچۇرمايتى. چۈنكى ئۇلار مۇشۇ مۇھىتتا ياشايدىغانلار بولغاچقا ئوي-چوڭقۇرنىڭ ھەممىسىنى بىلەتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىمۇ شۇڭقارنىڭكىدەك ئۆتكۈر بولغاچقا ئۇزاقتا كۆرۈنگەن قارا نېمىنىڭ قارىسى؟ دەرھال ھۆكۈم قىلالايتى. يەرلىك ئادەم ياكى يوچۇن ئادەملىكىنى دەرھال تونۇيالايتى.
شۇڭا تارىختىن بېرى ھۆكۈمرانلار بۇلاردىن پايدىلىنىپ چېگرانىڭ ئامانلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. كومپارتىيە كەلگەندىن بېرى ئۇلارغا »غەمخورلۇق« قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرغاچقا، ئۇلار يۈزلىگەن، مىڭلىغان بۇزۇق ئادەملەرنىڭ چەتئەلگە قېچىش ئۇرۇنۇشلىرىنى ۋاقتىدا تەشكىلگە خەۋەر قىلىپ، بالا-قازانىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى. پارتىيىنىڭ ئۇلارغا »غەمخورلۇق«ى بىرەر لەۋھە، شاھادەتنامە، »ئىلغار چارۋىچى«، »بەشتە ياخشى چارۋىچى« دېگەندەكلەر؛ ياكى »نامسىز چېگرا قاراۋۇلى« دېگەندەك »شەرەپلىك نام« بېرىش شەكلىدە ئىپادىلىنەتتى. ئۇلارنىڭ ۋەيرانە كەپىلىرىنىڭ تۆر تېمىدا ھەر قاچان مۇشۇ تىپتىكى »پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقلىرى«دىن بىرەر ئۆرنەكنىڭ ئېسىغلىق تۇرغىنىنى كۆرەتتىڭىز. ئۇلار گويا بېشىغا كۈن چۈشكەندە ساتسا پۇل بولۇدۇغان ئالتۇندەك كۆرۈپ، مۇشۇ شاھادەتنامىلەردىن كۆڭلى توق، خۇددى كۆڭۈل ئاۋۇندۇرغۇچى بىر خوشلۇقتەك ھىسىياتتا ئىدى. مانا شۇ روھىي شاتلىق تۈپەيلىدىن ئۇلار چېگرىنى خۇددى ئۆز ئۆيىنى قوغدىغاندەك ساداقەتتە، بەلكىم تېخى ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈدىغان قىزغىن، پىداكارلىق بىلەن قوغدايتى. ئەمما شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، ئۇلار »ۋەتەن« دېگەننى، ئۇنىڭ كونكېرېت مەنىلىرىنى ھىچ چۈشەنمەيتى-يۇ، خىتايلار تەرىپىدىن »ۋەتەننىڭ چېگرىسىنى قوغدىغان قىران بۈركۈت« دېگەندەك »شەرەپلىك نام« بېرىلسە سۆيۈنۈپ كېتىشەتتى.
توختى مۇھەممەد سىيىتلەر ئۈزۈككە يېتىپ كېلىپ، ئەنە شۇ توپا چىراي، ئۈستىبېشى جۇل-جۇل، نامراتلىقتىن ئېغىزلىرى شورلۇشۇپ تۇرۇدۇغان ئاھالە بىلەن كۆرۈشتى. بىچارە ساددا ئاھالە »كادىرلار كەپتۇ« دېيىشىپ ھەر تەرەپتىن يۈگرۈشۈپ كېلىپ كۆرۈشتى. ئۇلار خۇددى ماجۇشى بىلەن كۆرۈشۈپ بەختىيارلىققا چۆمگەن قۇربان تۇلۇمدەك شاتلىنىپ كېتىۋاتاتتى. گويا بۇ كادىرلار ئۇلارغا »ئىنجۇلۇق ئىشتان« ئالغاچ كەلگەندەك بەختىيارلىققا چۆمۈلۈشكەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە كادىرلار ئۇلارغا »پارتىيەنىڭ غەمخورلۇق سالىمى«نىلا ئېلىپ كەلگەن بولاتتى. ساددا خەلق يىللار بويى ئۆزلىرىمۇ ئېغىز تېگەلمەيدىغان، مانا مۇشۇنداق ئەزىز مىھمانلارنى دەپ ساقلاپ قويۇدۇغان ئېسىل نەرسىلىرىنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئوتتۇرىغا تۆكۈپ، ئۇلارنى مىھمان قىلىشتى. بۇ يەردە ئۇلار تاشقورغان گورۇپپىسى بىلەن ئۇچراشتى.
مۇنى تابىلدى باشچىلىقىدىكى تاشقورغان گورۇپپىسىمۇ 8 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مۇئاۋىن گورۇپپا باشلىقى بىر خىتاي ئىدى، قالغانلىرى تاجىكلار ئىدى. بۇنداق قىيىن تەبىئىي شارائىتتىكى جايلاردا قىلىدىغان ئىشلارغا خىتاينى باشلىق قىلىپ ئەۋەتمەي، مۇئاۋىن قىلىپ قويۇشمۇ، تۈلكە خىتايلارنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇستۇلۇقى ئىدى. بىزنىڭكىلەر ئۆزلىرىنى »بىز شۇئاندا خەنزۇ يولداشتىنمۇ ئۈستۈن مەۋقەدەمىز، پارتىيە نەقەدەر ئادىل، كەڭ قوساق-ھە؟« دەپ ئويلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ شاپاشلىسۇن دېگەن قۇۋلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ خىتاي مەيلى بىر گورۇپپىنىڭ باشلىقى ياكى ھەتتا ئەزاسى بولسۇن، بەرىبىر ئۇنىڭ گېپى گەپ بولۇدۇغانلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى بىزنىڭكىلەر ئادەتلەندۈرۈلگىنى بويىچە بۇنداق سورۇنلاردا خىتايغا ياخشى كۆرۈنۈش بويىچە ئومۇمىي مۇسابىقە شەكىللەندۈرەتتى. مەسىلەن ھەتتا ھېلىقى تاغلىق مەھەللىدە مىھمان بولۇشۇۋاتقان چاغدىمۇ، ئۇلار داسقان ئۈستىدە:
— لاۋۋاڭ، بۇنىڭدىن يەپ بېقىڭ، بۇ دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق-مۇنداق،... تامىقى.
— لاۋۋاڭ، بۇنىڭدىن تېتىپ بېقىڭ، بۇ چارۋىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى،...
دېيىشىپ، گويا سورۇندا ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم يوقتەك قىلىشىپ كېتىشەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئادىتى بويىچە تەبئىي ھالدا بۇ سۆھبەتلەر خىتاي تىلىدا بولاتتى. چۈنكى ئۇيغۇرلاردىن ئوتتۇزى ئارىسىدا بىر نەپەرلا باشقا مىللەت كىشىسى بولسا، ئىلاجىكى بار ئۇنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان، ھەتتا بىلمىسىمۇ قىينىلىپ تۇرۇپ بولسىمۇ يامىدايدىغان ئادەت بويىچە، بۇ يەردىمۇ ئەنە شۇنداق بولۇۋاتاتتى. ھەتتا يەرلىك ئاھالىمۇ گورۇپپىنىڭ باشلىقى كىم؟ دەپ سوراپ ئولتۇرمايلا، »ھەقىچان خىتاي بار يەردە شۇسى چوڭ بولۇدۇغۇ« دېگەن كىلاسسىك قاراش بويىچە ئەڭ ئەزىز مىھمان سۈپىتىدە ئۇنى خوش قىلىشقا تىرىشاتتى. ئۇزاپ ماڭماقچى بولغاندىمۇ بالىلىرىغا بەرمەي ساقلىغان ئېسىل نەرسىلىرىدىن بىرەر سوغاتلىق يوللۇق تۇتماي كۆڭلى ئۇنىمايتى. بۇنچىۋالا خۇشامەتنى نېمىشكە، قايسى مەخسەت ئۈچۈن قىلىۋاتقىنىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيتى. بۇ ئومۇمەن قانغا سىڭىپ قالغان قۇلچۇلۇق ئۇدۇمى ئىدى، خالاس!
ئىككى گورۇپپا ئۇچرۇشۇپ، تاماگەر نەپسلىرىمۇ ئوبدان تويۇپ، بىرەر ئىككى كۈن خۇماردىن چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلار نېمىلەر قىلىش، قەيەرلەرنى چارلاش ھەققىدە كونكېرېت مەسلىھەتكە ئېشىندى. ئۇلارنىڭ خىزمەتكە بولغان كۆيۈنۈشى ھەر ھالدا ئاۋۇ نامرات، ساددا خەلققە قارىغاندا كۆپ تۆۋەن دېيىشكە بولاتتى. ھىچ بولمىغاندىمۇ، ئۇلار ئۆز شەخسىي نەپسىدىن كېيىنلا خىزمەتنى ئويلىشاتتى. ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇزاكىرىسىدىن شۇ نەرسە مەلۇم بولدىكى، ئۇلار يايلاق تەكشۈرۈش نىقاۋى ئاستىدا چېگرا ئامانلىقى مەسىلىرىنى تەكشۈرۈش، يەرلىك ئاھالىگە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش؛ تاغ يوللىرىدىكى يوشۇرۇن يوچۇقلارنى، ئاجىز ھالقىلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، شۇنىڭغا قارىتا تەدبىر بەلگىلەش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئىدى. ئۇلار يەرلىك ئاھالىدىن بىرمۇنچە قىممەتباھا چارۋا مەھسۇلاتلىرىدىن سوۋغاتلارنى ئېلىش ھىسابىغا، ئۇلارغا قۇرۇق »شەرەپلىك نام«لارنى بېرىپ، ھىچنېمىگە پايدىسى يوق رىغبەتلەندۈرۈشلەرنى تۆكۈپ، خىزمەتنىڭ نۆۋەتتىكى زىچلىقى ۋە جىددىيلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇلارغا بىرمۇنچە مەجبۇرىيەت يۈكلەشتى. بىر تۈركۈم خەتەرلىك بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ مەملىكەت ئىچىدە ياشاش شارائىتلىرى تارىيىپ، چەتئەلگە قېچىش ئىھتىماللىقى يۈكسەلگەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇردى. بۇ بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئادەتتىكى قاچقۇنلارغا ئوخشىمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كۆپ قېتىم دىلو سادىر قىلغانلىقى، ئادەم ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەتكارلىقى، قولىدا قورال، پارتىلىتىش ئۈسكۈنۈلىرى بولۇشى ئىھتىماللىقى ھەققىدە تاپىلاشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ بىرلەشمە گورۇپپا بىرلىكتە يەنە باشقا يوشۇرۇن يول ۋە يوچۇقلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاتلىنىشتى. بۇ 21-ئاۋغۇست ئىدى.
بۇ گورۇپپا 1992-يىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست كۈنىدە كەچكە يېقىن ئوپران دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كېلىشتى. بۇ يەر كەشمىر تەرەپكە 15-16 كلومېتېرلا كېلىدىغان ئىنتايىن موھىم جاي ئىدى. ھەققىقىي كومپارتىيە ئەزاسىغا خاس جاسارەت بىلەن ئۆز قوشۇنىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان توختى مۇھەممەد سىيىت دەريانىڭ بىر قېشىنى تەشكىل قىلغان تۆپۈلۈكتىن چىقىشىغىلا دەريا بويىدا — ئىككى يۈز مېتېرچە يانتۇ تۆۋەندە بىر كىشىنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ قالدى-دە، دەرھال كەينىگە چېكىنىپ، ھەمرالىرىغا ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشقا ئىشارەت قىلدى. توختى جۇجاڭ ئۆزىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرىدىن دۇربۇننى ئېلىپ، دۆڭنىڭ ئارقىسىدا يېتىپ، بىر ئازلا بېشىنى چىقىرىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۈزۈتۈشكە باشلىدى. بۇ چاغدا باشقىلارمۇ يېتىپ كېلىشىپ، ئۆمۈلۈگەنچە ئىگىزلىكنىڭ ئارقىسىغا يېتىپ، ئىھتىيات بىلەن باشلىرىنى چىقىرىپ، پەسكە — ئوپران دەريا بويىغا قارىشىۋاتاتتى. توختىنىڭ دۇربۇندا كۆرگىنى ياش بىر يىگىت ئىدى. ئۈستىبېشىدىن قارىغاندا تاغدىكى چارۋىچىلارغا ھىچ ئوخشىمايتى. شەھەرلىك ياشلاردەك كېيىنگەن بۇ يىگىتنىڭ بۇ يەرلەردە نېمە ئىشى بولۇشى مۈمكىن؟ بۇ ناھايىتى ئاسان گۇمان قوزغايدىغان ئەھۋال ئىدى.
تېخىمۇ گۇماننى تەستىقلىغان ئىش شۇ بولدىكى، قاياقتىندۇر يەنە ئالتە يىگىت پەيدا بولۇشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە لىق بىرنەرسە قاچىلانغان سومكا بارىدى. سومكىلىرىدا نېمىلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق سومكىلار، بۇنداق ئۈستىباش پەقەتلا بۇ تاغ ئارىسىدا يوچۇن، ئالاھىدە بىلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پىچاق ئېسىۋالغانلىقىمۇ بىلىنەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىلىقى 200 مېتىر تۆۋەندە بولسىمۇ، دۇربۇندا قارىغان كادىرلار ئۇلارنى يېنىدىكىدەكلا كۆرۈپ تۇرغاچقا ئۇلارنىڭ گۇمانلىق ھەركەتلىرىگە دىققەت قىلماي قالمايتى. يىگىتلەر كەچ كىرىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، دەريادىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى. دەريانىڭ بېشى تەرەپ بەك ئىگىز بولغاچقا، ئېقىم تىك، بەكمۇ شىددەتلىك ئىدى. سۇ ئانچە ئۇلۇق بولمىغان بىلەن تېز ئاققاچقا قوقۇنۇچلۇق تۇيۇلاتتى. كېچىدە دەريادىن ئۆتۈشكە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ بىر زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ خەتەرنى ئويلىغاندا ھىچكىم بۇنداق تەۋەككۈلچىلىكنى قىلمايتى.
ئۇلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشكە تەمشىلىپ بېقىپ كېيىن يالتايغانلىقىنى جەزم قىلغان توختى مۇھەممەد سىيىت، ھەقىقەتەنمۇ پورۇلېتارىيات جەڭچىسىگە خاس ھۇشيارلىق بىلەن، ۋەزىيەتنى خاتاسىز مۆلچەرلىدى. بۇلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشنى ئەتىگە قالدۇرغانلىقىغا تولۇق ئىشەندى. بۇ دېمەك، ئەتىگىچە بىزنىڭ قەھرىمان ساقچى قىسىملىرىمىز يېتىپ كېلىپ، بۇ قاچقۇن بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بار دېگەنلىك ئىدى.
— دەرھال سىمسىز ئاپپارات ئارقىلىق مەلۇمات يوللايلى، — دېدى ئۇ لاۋ ۋاڭ خىتايغا قاراپ. گەرچە كەسپىي تەڭتۇشى مۇنى تابىلدى بولسىمۇ ئۇ يەنىلا خىتاي دېگەن ئۇلۇغ بولۇدۇ ئەمەسمۇ دېگەن ھىسىياتتا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئېلىۋاتاتتى.
— تو جۇجاڭ، بۇ دېگەن چاخچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئەگەر مەلۇمات خاتا بولۇپ قالسا، دۆلەتنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپلانى نۇرغۇن چىقىم بىلەن ئاۋارە بولۇدۇغان گەپ، شۇڭا سالماقراق بولساق. يەنە كۆزۈتۈپ باقايلى، بۇلار ھەقىقەتەنمۇ يامان ئادەملەرمۇ، ئەمەسمۇ؟
— ۋاڭ زۇجاڭ، قەتئىي ئىشەنچىم كامىل دەيمەن، بۇلار شەھەرنىڭ باللىرىدەكلا تۇرمامدۇ ئاينا، — دەپ تۇرۇۋالدى توختى.
ئۇلار خېلى ئۇزاق تالاش-تارتىش قىلىشتى. توختى مۇھەممەد سىيىت، مۇنى تابىلدىلارنىڭ پوزىتسىيەسى قاتتىق بولدى. پەقەت ئاچچىق مۇچنى تولا يەپ، كۆزىنىڭ خۇنى قالمىغان يۇمۇق خىتاينىڭ كۆزى ھىچنېمە كۆرمەيۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ كۆرۈنگەن قارىلارنى ھەتتا پەرق قىلغۇدەكمۇ ھالدا ئەمەس ئىدى. ئەمما توختى جۇجاڭنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان چەكسىز ساداقىتى ئۇنى قەتئىيرەك بولۇشقا ئۈندەپ، خىتاينىڭ ئىككىلىنىش، ئارىسالدىلىقلىرىغىمۇ پىسەنت قىلماي، بۆلگۈنچىلەر ھەققىدە دەرھال مەلۇمات بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشىغا تۈرتكە بولدى:
— خاتا بولۇپ قالسا مەسئۇلىيەتنى ئۆزەم ئۈستۈمگە ئالىمەن، — دېدى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن، — ئەكە، ئاپاراتنى ئاچە، — دەپ بۇيرۇدى خىزمەتچى خادىمىغا.
ئاپارات تەڭشەلدى، قاغىلىق ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئۇلاندى. قارشى تەرەپتە بىر رادىست ئۇلارنى گەپ قىلىشقا سۈيلەپ تۇراتتى. توختى مۇھەممەد سىيىت ھەتتا خىتايچە سۆزلەشتە چالا بىلگەن خىتايچىسى بىلەن بىرەر ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، رادىستقا:
— جۇجاڭ گو جىشەنگە بېرىلىدىغان جىددىي مەلۇمات بار، مەن مەلۇماتنى كەشمىر چېگرىسىغا يېقىن يەردىن بېرىۋاتىمەن، شۇڭا بىر ئۇيغۇر تېپىپ سۆزلىرىمنى ئاڭلىتىڭ، ئۇقۇشماسلىق بولۇشىدىن قورقۇمەن، مەلۇمات بەك جىددى. ئەتە سەھەردىن قالسا ئەھمىيىتى قالمايدۇ، بەك جىددىي، — دېدى.
رادىست ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ دەرھال بىر ئۇيغۇر ساقچىنى تېپىپ كەلدى. قارشى تەرەپتىن ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى كەلگەندىن كېيىنلا، توختى ئاندىن خاتىرىجەم بولۇپ رەسمىي سۆزگە ئۆتتى.
— تولۇق ئاڭلاپ ئاندىن خاتىرىلىۋالسىلا ۋە شۇئان گو جۇجاڭنى ئۆيدىن ئۇخلاۋاتقان بولسىمۇ ئويغۇتۇپ، يەتكۈزۈڭ، سەۋەنلىك كۆرۈلسە كاللىلىرى بىلەن جاۋاپ بېرىلا، — دەپ تاپىلاشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، — مەن توختى مۇھەممەد سىيىت، ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ جۇجاڭى، شۇئاندىكى ۋەزىپەم چېگرا تەكشۈرۈش گورۇپپىسىنىڭ زۇجاڭى، مەن ھازىر كەشمىرگە 16 كىلومېتېر كېلىدىغان ئوپران دەرياسى بويىدا. دەريا بويىدا يەتتە نەپەر گۇمانلىق ئادەم بايقالدى. ئەتە ئەتتىگەن يېتىپ كېلەلمىسەڭلا ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ، توسۇشقا ئامالسىزمىز. يەتتە نەپەر ئادەم، ئۇلاردا قورال باردەك قىلىدۇ. مەن ھازىر ئاپاراتنى تېخنىكىمىزغا بېرىمەن، ئۇ سىزگە خەرىتىدىكى رەسمىي ئورنىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، خاتىرىلىۋالسىلا. خاتا بولۇپ قالسا تاپالماي چۆگۈلەپ كەتسە، ۋاقىت زايا بولۇدۇ. ئاڭغىچە بۇزۇق ئادەملەرگە قېچىپ كېتىش ئۈچۈن پۇرسەت چىقىدۇ، شۇڭا بەك دىققەتلىك بولسىلا.
توختى جۇجاڭ بارلىق كوممۇنىست باشلىقلارغا ئوخشاش ھۇرراچىلىقتىن يېتىشىپ چىققان ئاكتىپ بولغاچقا، ساۋادى يېتەرلىك ئەمەسىدى. خەرىتە دېگەننى چۈشەنمەيتى. شۇڭا سۆزلۈشۈش ئاپاراتىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن تېخنىڭ خادىمغا ئۇزاتتى.
— رەسمىي ئورنىمىز °76 مېردىيان، °36 پاراللېل ئەتراپىدا. دەريا كۆرۈندۇ، دەريانىڭ ئەتراپىدىكى يەر تۈزۈلۈشى مۇنداق،...
مەلۇمات يوللاندى. مەلۇمات ئۇيغۇر تىلى بىلەن يوللاندى. ئۇيغۇر تىلى بىلەن مۇشۇ تىلنىڭ دۈشمەنلىرىگە مەلۇمات بېرىلدى. سۆيۈملۈك ئانا تىلنى سۆيۈملۈك ئانىلارنىڭ ۋە گۈزەل تىلىمىزنىڭ دۈشمەنلىرىگە مەلۇمات يەتكۈزۈشكە ئىشلەتتى! قانداق دەھشەت! بۇ ئادەملەر نېمىنى ئۈمىت قىلىپ ياشايدىغاندۇر؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىدىن قانچىلىك ئېمىندۇ؟
»ۋەزىپە بەك موھىم، دۇئا قىلسىلا، دادا«
1
گو جىشەننىڭ تۇيۇقسىز چاقىرتىشى بىلەن ئۈستىبېشىنى تولۇقراقمۇ كەيمەي چېپىپ چىقىپ كەتكەن ئوغلى سىيىت ھوشۇرنى كۆز نۇرى بىلەن ئۇزۇتۇپ قالغان ھوشۇر بوۋاي، تېخى بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا سەھرادىن كېلىپ، پەخىرلىك ئوغلى سىيىتنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. بوۋاي ئوغلىنىڭ ئەمەلدار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغىنىنى، بىرمۇنچە ساقچىلارنىڭ »ۋاي جۇجاڭ« دەپ قول باغلاپ تۇرۇشلىرىنى كۆرگىنىدە كۆڭلىنى پەۋەس ئىپتىخار ھىسسى تولدۇرغان ئىدى. شۇغۇنىسى ئوغلىنىڭ ئىشى مانا شۇنداق ۋاقىت قەرەلى يوق ئىشكەن ئەمەسمۇ؟
ئۇ نامازلىرىدا ئوغلىغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭ »كۆپنىڭ ئىشى ئۈچۈن« چېپىپ يۈرگەن پاچاقلىرىغا كۈچ-قۇۋۋەت تىلەيتى. شۇغۇنىسى بالىسى ئۇنىڭدەك نامازخان بولمىدى. بولمىدىلا ئەمەس، دادىسىنىڭ ناماز ئوقۇشىنىمۇ دايىملا مەسخىرە قىلىپ قوياتتى.
— دادا، شۇ قىلىقلىرىنى ئىدارىدىكىلەر كۆرسە، قولۇمدا ئىشلەيدىغان ئادەملەر نېمە دەپ قالا؟ »بۇ سىيىت جۇجاڭ-زە، بىزگە ماركىسزىمنى سۆزلىگەن بىلەن، دادىسىنى ئۆزگەرتەلمەپتۇ« دېمەسما؟ — دەپ خاپا بولۇپمۇ كېتەتتى. ئۇنى جۇجاڭ دەپ ئۆيلىرىگە مىھمانغا چاقىرىپ تۇرۇدۇغانلارمۇ كۆپ بولغاچقا، ئۇ ھەر ئاخشىمى دېگۈدەك تەڭشەلگەن ھالدا شىر كەيپ ئۆيگە كېلەتتى. بۇ بوۋاينىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى. بالىسى ئۈچۈن نېمىدىندۇر ئەندىشە قىلاتتى.
شۇنداق بولسىمۇ دادا ئەمەسمۇ، ئوغلىنىڭ »كۆپنىڭ ئامانلىقى« ئۈچۈن كۆيۈپ پىشىدىغان بىر ئىشتا ئىكەنلىكىدىن كۆڭلى قانائەت تاپاتتى. بەلكىم بۇنداق »ساۋاپلىق ئىش« نامازنىڭ ئورنىغا كەففارەت بولۇدۇغاندۇ، دەپ ئويلايتى ساددا ئادەم. ئائىلىدىكىلەر سىيىت جۇجاڭنىڭ ئالدىراش ئىشلىرىغا كۆنۈك بولغاچقا كۆرۈۋاتقان تېلىۋىزىيە فىلىمىنى تۈگۈتۈپلا ئۇخلاپ قېلىشتى. ئەمما بۇنداق ئالدىراشلىقلارغا كۆنۈكمىگەن سەھرالىق دادا بولسا ئوغلى ھەققىدە ۋايىم يەپ ئۇخلىيالمىدى. ئۇ خۇپتەندىن كېيىن بىرمۇنچە نەفل ناماز ئوقۇپ، ئوغلىنىڭ ئامان - ئېسەنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. دۇئادىن كېيىن پەقەت ئۆيدىكى كېلىن، بالىلارنى خاپا بولمىسۇن دەپلا ئورۇنغا كىرىپ ياتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇيقۇسى كەلمەي، جاھاننى سورۇپ، ئوي ئويلاپ ئۇيقۇسىز ياتتى. يازنىڭ تۈنلىرى شۇنچىلىك قىسقا بولۇدۇغان بولسىمۇ، ئۇيقۇسىز ئادەم ئۈچۈن شۇنچىلىك ئۇزۇن ۋە ئازاپلىق ئىدى.
ئۇ مۇشۇنداق ئۇيقۇسىز تولغۇنۇپ يېتىۋېرىشتىن زېرىكىپ، ناماز بامداتتىن خېلى بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئاۋايلاپ ئىشكنى ئېچىپ ھويلىغا چىقىپ تاھارەت ئالدى. بامداتقا ئەزان چىققۇچە يەنە بىر نەچچە رەكئەت تەۋەججۇد نامىزى ئوقۇشنى نىيەت قىلغان ئىدى. ئۇ تەۋەججۇد نامىزدىن ئىككى رەكئەت ئوقۇپ، سالام بېرىپ، يەنە ئىككى رەكئەت ئۈچۈن تۇرغاندا ھويلا ئىشىكى قېقىلدى. سىيىت قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ھوشۇر بوۋاي نامازنى بۇزالمايتى. كېلىن بولسا شېرىن ئۇيقۇدا تاكى سائەت توققۇز بولمىغۇچە ئورنىدىن تۇرمايتى، ھەتتا ئىشقا بارىدىغان ئوغلىغىمۇ ناشتىلىق داستىخان سالمايدىغانغا كۆنگەن، تازىمۇ ئېسىلزادىلەردىن ئىدى. ئوغلى ھەر كۈنى دېگۈدەك ناشتىسىز ئىشقا كېتەتتى، بىچارە. ئەمما بوۋاي بىلمەيتىكى، ئوغلىنىڭ جەمىيەتتىكى »يۈز -ئابرويى« تۈپەيلىدىن ناھىيىنىڭ كوچىلىرىدا سەھەر ئېچىلغان ھەر چايخانا ناشتىغا تەكلىپ قىلىپ خۇشامەت قىلىدىغانلىقىنى.
نەتىجىدە بوۋاي نامازدىن كېيىن ئىشكنى ئاچتى. كېچىكىپ ئېچىلغان ئىشىك سىيىت جۇجاڭنى خاپا قىلغان ئىدى.
— نىمانچە ئۇيقۇڭلار قاتتىق! مەن كەلگىلى نەۋاق، — دېدى ئۇ غۇدراپ.
— مەن ئۇخلىمىغانتىم، بالام، نامازدىتىم.
— ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، ئاندىن كەچكىچە ئوقۇۋالسىلا بولمامتى؟ — دېدى ئۇ ئۆزىنى باسالماي. ئوغلى ئادەتتە دادىسىغا خېلى كۆيۈنۈپ مۇئامىلە قىلاتتى. بۈگۈنكى مۇئامىلە ئۇنىڭ جىددىي روھى ھالىتىدىن بولۇۋاتقىنىنى چۈشەنگەن بوۋاي خاپا بولمىدى، ئەكسىچە ئوغلىنى قانداق بىر ئىشنىڭ خاپا قىلغانلىقىنى بىلگۈسى كېلىپ تىت-تىت بولدى.
— بىرە خاپىلىق بولمىغاندۇ، بالام؟ چېچىلىپ قاپسەن، شۇڭا دەيمىنا،... — دېدى بوۋاي.
— بولدى، باشقا ئىش يوق. مەن بىر يەرگە كېتىپ بارىمەن. جىددىي ۋەزىپە بىلەن. ئۆيگە ئالدىراپلا كەلدىم، ئالىدىغان نەرسىلىرىم بارىدى، — دېدى ئۇ.
— بۇنچە سەھەردە ماڭمىسا بوممايدىغان قاندا ئىشتۇ، بالام؟ سېنىڭ ئىشىڭنىڭمۇ شۇ،... ئەجەپ تەس ئىشكەن،...
— بۇزۇق ئادەملەرنى تۇتۇدۇغان ئىش، دادا، قاچقان بۇزۇقلارنى! — دېدى جۇجاڭ دادىسىغا ئاسانراق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن.
— خەتىرى يوقتۇ، بالام؟ — سورىدى دادا ئەنسىرەپ.
— ھىچنېمە دەپ بولمايدۇ، — دېدى سىيىت جۇجاڭ بىر يەرلەرنى ئاختۇرۇپ، بىر نېمىلەرنى ئېلىپ سومكىغا سالغاچ، — ئاڭلىساق، بۇزۇقلاردا قورال بارىمىش.
— ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت بالام، ئىھتىيات قىلاسەن، كۆپنىڭ ئامانلىقىنى دەپ قىلىۋاتقان خاسىيەتلىك ئىش بوغاندىكىن ئاللاھ ئۆزى ساقلا، — دېدى ئۇ يەنە ئىشەنچ بىلەن.
— ۋەزىپە جىددىي ھەم مۈشكۈل، دۇئا قىلسىلا، دادا، — دېدى ئۇ مېيىغىدا كۈلۈپ، دادىسىغا قاراپ، ئىشىك تۈۋىدە خوشلۇشۇۋېتىپ.
— ئىنشائاللا، بالام، دۇئا قىلمامدىغان، قىلىمەن، سېنى ئاللاھقا تاپشۇدۇم.
سىيىت شۇنچە ئالدىراشلا چىقىپ كەتتى. بوۋاي، ھىچنېمە بىلەن ئىشى يوق كالىدەك ياتقان كېلىنىدىن شۇ بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا خوشى كەتتى. »ئېرى جاننى ئالقانغا ئېلىپ كېتىۋاتسىمۇ خوش دېيىشكە يارىماي، سېسىق ئوسۇرۇپ ياتقان قانداق خوتۇن بۇ!؟ مۇشۇ كەمنىڭ قىز-كېلىنلىرىمۇ شۇ!... « ئەمما بوۋاي ئوغلىنىڭ ئۆزىدىن دۇئا تەلەپ قىلغانلىقىنى بىر ياخشى باشلىنىش دەپ ئويلاپ بەك سۆيۈندى. چۈنكى بۇ ساددا ئادەم ئوغلىنىڭ بۇ گەپلەرنى دېگەن چاغدىكى مەسخىرىلىك كۈلۈمسىرىشىنى كۆرمىگەن ياكى دىققەت قىلمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىلگىرىلىرى نامازنى خۇراپاتلىق دەپ ئاچچىغى بىلەن سۆكۈپ تۇرۇدۇغان ئوغلىنىڭ دۇئاغا مۇھتاج بولغانلىقى، دۇئاغا ئىشەنگەنلىكى دېگەن پەرەز بىلەن بۇنى ياخشىلىققا جورۇپ، ئۆزىچە ئوغلىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا يەنىلا مۇسۇلمانلىقنىڭ بىخى ئۆلمىگەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. دېمەك ھازىر مودا بولۇۋاتقان، كادىرلارنىڭ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن نامازخان بولۇۋېلىشىغا ئوخشاش، ئوغلىنىڭمۇ ئاخىرى بىر كۈنى مەسجىد ئەھلىدىن بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلدى.
2
قاسساپتا ماي قايغۇسى، ئۆچكىدە جان قايغۇسى.
— خەلق تەمسىلى
سىيىت ھوشۇر ئىدارىغا كەلگەندە باشلىق گو جىشەن ۋە بىرنەچچە ساقچى ئۇ يەردە ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق قوراللانغان، ئۈستىلىرىدە ئوق ئۆتمەس جىلىتكە بار ئىدى. ئۇ كەلگەن ئارىلىقتا يەنە بىرنەچچەيلەن كېلىشتى. سىيىت ھوشۇرمۇ دەرھال ئىشخانىغا كىرىپ، ئوق ئۆتمەس جىلىتكىنى كىيىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمى قىسقا ستۋوللۇق ئاپتومات (كىلاشنىكوۋنى ئىسلاھ قىلىپ ياسالغان)، بەزىلىرى كىلاشنىكوۋ ئاسقان ئىدى. پەۋقۇلئاددە مەرگەن ئاتىقى بار ئىككىيلەندە دۇربۇن بېكىتىلگەن ئۇزۇن ستۋوللۇق مىلتىق بار ئىدى.
— ئۇقتۇرۇش ئالغانلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ بولدى، — دېدى گوجىشەن، — تەييارلىقلىرىمىز پۈتتى. بىز ھازىر دالا ئارمىيە گازارمىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىزنى ساقلاۋاتقان تىك ئۇچار بىلەن دەرھال ئاتلىنىمىز. باشقا ئىشلار بارمۇ؟
— يوق، — دېدى سىيىت ھوشۇر. راستىنى دېگەندە بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەرنى جەھەننەمگە يوللىشى مۈمكىن ئىدى. ئەمما ھاياتلا قالغانلار بۇنىڭدىن شۇنچىلىك پايدا ئالاتتىكى، بۇنداق ئامەت ئىنسانغا ئەر ئۆمرىدە بىر كېلىشى مۈمكىن. قانچىلار مۇكاپات پۇلى، قانچىلار ئەمەل، قانچىلار شەرەپ نامى ئالىدىغانلىقىدا گەپ يوق.
سەپەرگە ھازىر بولغانلار ئالتە خىتاي، ئالتە ئۇيغۇر، بىر تاجىكتىن ئىبارەت 13 نەپەر خىتاي ساقچىسى ئىدى. ئۇلار ساقچى ماشىنىلىرىغا چىقىپ دالا ئارمىيە گازارمىسىغا كېتىۋاتقان چېغىدا گوجىشەن بىر ئەپ پۇرسەت تېپىپ، خىتاي ساقچى شياۋ خۇغا ئىھتىيات بىلەن پىچىرلىدى:
— باشقا يولداشلارغا يەتكۈزۈپ قوي، ھەر قاچان ماۋۇ ئايلامباشلارنىڭ ئارقىسىدا بولۇشقا دىققەت قىلىڭلار، بۇلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ھەتتا بۇلار جان پىدا قىلىۋاتقان تەقدىردىمۇ بىر پۇرسەتتە ئاينىپ، قورالنى بىزگە قاراتمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا نازارەتنى بوشاشتۇرماڭلار، ئارقىسىدىن ھەركەت قىلىڭلار.
شياۋخۇ بۇرۇن ئۆزىگە بېرىلگەن تەلىمنى ئەسلىدى. ئۇلار دەسلەپتە شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلارغا مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش ھەققىدىكى قىزىلتاشلىق كىتاپ بېرىلگەن ئىدى. بۇ تەلىمدە: »ئۇيغۇرنىڭ رەئىس بولغىنىنىمۇ دۈشمەن دەپ قاراڭلار، پەقەت ھە دەپ قويۇسىلەر، ھالقىلىق ۋاقىتلارغا توغرا كەلگەندە ئۇلارنى ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇر قاتارىدا كۆرسەڭلار بولۇدۇ، غەيرى ئەھۋال سېزىلسە ھىچ ئىككىلەنمەي ئاتىسىلەر« دېگەن مەزمۇندا شوۋىنىست تەلىم-تەربىيىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
شياۋخۇ يېنىدىكى باشقا خىتايلارغا پىچىرلىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەركەت پىرىنىسىنى ئەسلىرىگە ئېلىۋېلىشتى. خىتايلار ئۈچۈن بۇ بەكمۇ كۆڭۈللۈك بىر ئوۋ پائالىيىتى بولۇپ ھىساپلىناتتى. ئادەتتە ھىسابىنى ئېلىپ، بىر تېلى ئۈچۈن خىزمەتتىن ھەيدىلىشكىچە سەۋەپ بولۇدۇغان ئوق، بۇ ھەركەتتە ھىساپسىز ئىدى. قانچىلىك ئاتسا مەيلى ئىدى. بولۇپمۇ بۇ ئوۋنىڭ ئوبېكتى ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان، مۇشۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغاندا بۇ تېخىمۇ قىزىق بولۇشىدا گەپ يوق. شىياۋخۇلار ئامېرىكىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان دەۋرلىرىدىكى »كالىچى«لار (كاۋبوي)نىڭ ھىندىيانلارنى خۇددى ياۋايى غازنى ئاتقاندەك ئېتىپ يۈرگەن كىنولىرىنى كۆرگەن چاغلىرىدا شۇنچىلىك ھاياجانلانغانلىقىنى ئەسلىدى. بۇنداق كىنولارنى كۆرگەندە ئادەتتە ياۋروپالىق كۆچمەن كاۋبويلارغا ئۆزلىرىنى، يەرلىك ھىندىيانلارغا ئۇيغۇرلارنى تىمسال قىلىپ، خۇددى ئاشۇ ئاتلىقلارنىڭ بىپايان ئامېرىكا چۆللىرىدە، جاڭگاللىرىدا، يايلاقلىرىدا ھىندىيان ئوۋلاشلىرىدىن بەكمۇ ھوزۇرلۇنۇپ كېتىشەتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشۇنداق بىر پۇرسەت بولۇشىنى، راسا پۇخادىن چىققۇدەك ئېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىشقان ئىدى.
مانا ئەمدى ئاشۇ پۇرسەت كەلگەندەك قىلاتتى. شۇغۇنىسى بۇ كۆڭۈللۈك كىنو بەك قىسقا بولۇپ قالىدىغاندەك ئىدى. چۈنكى ئوۋلىنىدىغان ئۇيغۇر پەقەت يەتتە، ئۇلار بولسا 13 ئوۋچى ئىدى. شۇڭا تەلەيلىكلەرگە بىرەردىن توغرا كېلىپ، باشقىلىرىنىڭ قولى تەگمەستىنلا ئىش ئاخىرلىشاتتى. يەنە كېلىپ، پىرىنسىپ بويىچە ئۇيغۇرلار ئالدى سەپ بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاچقا، شىياۋخۇلار قوراللىرىنى بەتلەپ بولغىچىلا بۇ ئايلامباشلار ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى بىز ئۈچۈن ئېتىپ بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئۇ ھالدا بىر پايمۇ ئوق ئاتالماي قالساڭ نەقەدەر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇدۇ-ھە! ئىھ، بىر كۈنلىرى كېلىپ، مۇشۇ خەقنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ قىرىپلاۋېتىدىغان ئىش بولسا نەقەدەر پۇخادىن چىقاتتۇق-ھە!
ئەمدى شىياۋخۇ قاتارلىق خىتايلار جەڭدىن كېيىن كېلىدىغان پايدا ھەققىدە ئويلاشقا باشلىغان ئىدى. مەيلى بىرەرسىنى ئاتالىسۇن، ئاتالمىسۇن، بۇ ئوپېراتسىيىگە قاتنىشىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە بىر نەرسە تەگمەي قالمايتى. بەلكىم گو جۇجاڭ ۋىلايەتكە ياكى بىۋاسىتىلام ئۈرۈمچىگە ئۆستۈرۈلەر؛ ئۇنىڭ بوشىغان ئورنىغا سىيىت ھوشۇر ئۆسەرمۇ؟ ياق-ياق، بۇ مۈمكىن ئەمەس، ئايلامباشلارنىڭ تەقدىرى مەڭگۈ مۇئاۋىن بولۇش. ئۇ ئۆسۈشى مۈمكىن ئەمما يەنىلا مۇئاۋىن بولۇپ ئۆسۈدۇ. ئۇنداقتا ئىككى ئورۇن بىكار بولۇدۇ. كىم جۇجاڭ بولار؟ بەلكى مەن؟ ھىچ بولمىسا مۇئاۋىن بولارمەن. ياق، مۇئاۋىن دېگەن ئايلامباشلارنىڭ ئىشى. ماۋۇ قارشىمدا ئولتۇرغان ئەخمەق قەھرىمانلاردىن بىرى بولۇپ قالار. بۇلار شۇ تاپتا قانچىلىك ھاياجاندىكىن؟ بىز ئۈچۈن جان پىدا قىلىۋاتقىنىنى، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭمۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە يەنىلا دۈشمەن ھىساپلىنىشتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟
قارشىدا ئولتۇرغان ئۇيغۇرلاردىن سىياسىي بۆلۈمنىڭ ساقچىسى ساۋۇت ئۇزۇن ستۋوللۇق، دۇربۇن تاقالغان يېرىم ئاپتوماتىك مىلتىقىنى باغرىدا تۇتۇپ ھىچكىمنى كۆزگە ئىلمەيدىغان روھى ئۈستۈنلۈك بىلەن گىدىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مەرگەن دېگەن ئاتىقى بار ئىدى. دۇربۇن بېكىتىلگەن قورال تۇرۇۋەرسۇن، دۇربۇنسىزمۇ بەشتە بەش نىشانغا ئاتالايتى. شۇڭا ئۇ مەغرۇر ھالدا ئويلايتى. »ئوۋلايدىغىنىمىز پەقەتلا يەتتە بۆلگۈنچى تۇرسا، ماۋۇلارغا نېمە ئىش بارىكىنە؟ مەن بىلەن بىرەر قارىشىپ بېرىدىغان بىرسى بولسىلا خۇددى تېزەك تەرگەندەك بىر-بىرلەپ تىرىۋەتمەمدىم. مۇشۇ خەنزۇ يولداشلارنىڭ قورقۇنچاقلىقىمىدۇ بۇ؟ ياكى ئارتۇقچە ئىھتىياتچانلىقىمىدۇ؟ بۇنچە ئادەمگە نېمە كېرەك بارىكىنە؟ ھېلى كۆرۈمىز، خەنزۇ يولداشلار قورقۇپ ئارقىمىزغا مۆككىلى تۇرۇدۇ، ئاڭغىچە بىزلەر كوملا قويۇمىز، بۇلار قوراللىرىنى بىكاردىن –بىكار كۆتۈرۈپ بېرىپ، كۆتۈرۈپ ياندۇرۇپ كېلىدۇ. يەنە تېخى بۇلار خىزمەت كۆرسەتكەن بولۇپ باھالىنىشىمۇ مۈمكىن. قاندا قىلىمىز، تەقدىر شۇنداق، ھوقۇق مۇشۇلارنىڭ قولىدا تۇرسا، ئۇلار ئاكا مىللەت بولغاندىكىن، شۇلاردىن ئاشسا بىزنىڭ-دە! بۇ قېتىم سىيىت جۇجاڭ ئۆسەپ قەشقەگە كېتىپ قاسا، ماڭا ئۇنىڭ ئورنى تېگىپ قالامدۇ، تېخى! بۇ قېتىمقى ئىشتا مەن خىزمەت كۆرسىتەلمىسەم، بۇنداق جاننىڭ نېمە كېرىكى! مەندە گەپ يوق. ئۇزاقتىكىلەر دېمىسىمۇ مېنىڭ! قىسقا سىتۋوللۇق قورال بىلەن ئۇزاقتىكى نىشاننى ئاتىمەن دېگەن بىكارلا ئاۋارىچىلىق. يېقىندىكىلىرىمۇ بىزلىدىن ئاشسا ئاندىن باشقىسىغا تېگىدۇ-دە!... «
دۇربۇنلۇق يەنە بىر مىلتىق تاجىكنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇنىڭمۇ ئۆز خامچوتلىرى بارىدى. ئۇ قاغىلىقتا ئازسانلىق مىللەت بولۇپمۇ يەنە ئازسانلىق بولغاچقا، خەنزۇ يولداشلار ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئېتىۋار بېرىپ تۇراتتى. ئەممازە مۇشۇ ئۇيغۇر ئاداشلارنىڭ ئۇنىڭغا تارلىقى كېلىپ، ئۇ ئېرىشكەن ئېتىۋارنى قىزغىنىپ، پۇرسەت تاپسىلا غاجىشىپ تۇرۇدۇغانلىقىنى سېزەتتى. شۇڭا ئۇ ئويلايتىكى، »ياخشىمۇ بەختىمىزگە خەنزۇ يولداشلار بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا مۇشۇ ئۇيغۇر خەقنىڭ قولىغا قالساق بىزدەك ئازسانلىقلارنى مىجىپلا قويۇدۇ جۇما! ياخشىمىغۇ، خەنزۇ يولداشلار ئۇيغۇرلارغا بەك ئىشىنىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ھەمىشە بۆلگۈنچىلەر مۇشۇ خەقتىن چىقىۋاتسا، بۇزغۇنچۇلۇق ھەركەتلىرىنى قىلىدىغان يامان نىيەتتىكى دۈشمەن ئۇنسۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خەقتىن چىقىۋاتسا، ... ھېلىمۇ ما خەنزۇ خەقنىڭ قورسىقى كەڭ، بولمىسا بۇ خەقنى ئوتتۇرىدىن يوقلا قىلىۋەتسىمۇ قىلىۋېتەلەيدۇ جۇما. بۇ قېتىم بۇ ھەركەتكە قاتناشقان بىردىن-بىر تاجىك مەن ئىكەنمەن، ھىچ ئىش قىلالمىساممۇ ئېتىۋار بېرىش يۈزىسىدىن بولسىمۇ بىرنېمە تەگمەي قالمايدىغۇ«
ئۇنىڭ يېنىدىكى باشقا ئۇيغۇرلاردىمۇ خۇددى ئەينەن شۇ تىپتىكى مەغرۇرلۇق بارىدى. ئۇلار تىك ئۇچار يەرگە قونۇپ بولغۇچىلا يەرگە سەكرەپ چۈشۈپ، دۈشمەنلەرگە ئوت ئېچىشنى كۆڭلىگە پۈكەتتى. خەنزۇ يولداشلار چوقۇم مىس-مىس ھەركەتلەر بىلەن ۋاقىتنى ئېلىپ، جاننى ئايايدىغاننىڭ قازىنىنى ئاسىدۇ، بىز دېگەن قارام ئۇيغۇر تۇرساق، جانغا تەۋەككۈل قىلىش دېگەن قانچىلىك ئىش!؟ »قېرى خوتۇن شاپتۇل يەپ، ئۈچكىسىنى ئايرىغۇچە« ئىشنى تۈگۈتۈپ قاراپ ئولتۇرۇمىز چوقۇم!
بۇنداق شېرىن ئويلار سىيىت ھوشۇر بىلەن گوجىشەندە بولمايتىمۇ؟ ئۇلار دېگەن بۇ قېتىمقى ھەركەتنىڭ قوماندانلىرى تۇرسا، ئەلۋەتتە تۆھپىنىڭ توم بېشى ئۇلارغا تېگىدۇ-دە! سىيىت ھوشۇرنىڭ ئارزۇسى قەشقەر شەھرىدە ئىشلەش ئىدى. سۆيۈملۈك خانىمى قەشقەر كوچىلىرىدا غىتتىڭشىپ مېڭىپ كەتسە، ئاخشاملىرى باغچىدا سەيلى قىلسا، ھەممە ئادەم ھېلىقى قاغىلىقنىڭ چېگرا رايونىدا خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان شۇكەن، دېيىشىپ، شىۋىرلىشىپ، بىر-بىرىگە كۆرسۈتۈپ كېتىشسە، خانىمى بىر قەھرىماننىڭ خوتۇنى بولۇپ قالغىنىدىن ئىپتىخارغا چۆمۈلۈپ كەتسە. دادىسىنى ئەكىلىپ، ھەپتە-ئون كۈن تۇرغۇزۇپ، مۇشۇنداق بىر قەھرىمان ئوغۇلنى تاپقىنىدىن مەمنۇنلۇققا چۆمدۈرۈۋەتسە،... ئۇھ بۇلارنى ئويلىغاندا قانداقمۇ ھاياجانلانماي تۇرغىلى بولسۇن؟
ئۇلار يولغا چىقىپ ئون مىنۇتقىمۇ قالماي گازارمىغا كېلىشتى. گازارمىنىڭ كەڭ ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىك ئۇچار ئايروپلان قاناتلىرى ئىشلەۋاتقان ھالەتتە كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. بىرنەچچە ئەسكەرمۇ تىك ئۇچارنىڭ يېقىنراق يېرىدە بۇلارنى كۈتۈپ تۇرغانىدى. ساقچىلار ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئەسكەرلەرگە ئۆزلىرىنىڭمۇ ئەسكەرلەردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ قويماقچى بولۇۋاتقاندەك جەڭگىۋار سەپ بولۇپ تىزىلىپ، تىك ئۇچارغا قاراپ مېڭىشتى. كۈتۈپ تۇرغان ئەسكەرلەر گوجىشەننى سالاملىدى، سالام تاما قىلىپ ھىجايغان سىيىت ھوشۇرغا پەس بىر نەرسىگە قارىغاندەك، ياراتماسلىق بىلەن قاراپ قويۇپ، گوجىشەنگە:
— كەلدىڭلارمۇ؟ ھەممىڭلار مۇشۇمۇ؟ — دەپ سورىدى.
— ھە، كەلدۇق، ھەممە تەييارلىقىمىز تەق. ماڭساقلا بولۇدۇ.
— بولۇدۇ، ئەمىسە، ئەگەر ياردەم كېرەك بولسا ئۇچقۇچىغا ئېيتساڭلار، ئۇ سىمسىز ئاپارات بىلەن بىزگە يەتكۈزۈدۇ.
— بولۇدۇ، رەخمەت، تۈەنجاڭ، مېنىڭچە ئۇنچىۋالامۇ بولۇپ كەتمەس، ئۆزىمىز يېتىشىپ كەتسەك كېرەك.
— بولۇدۇ ئەمىسە، مېڭىڭلار، مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن!
ئۇلار تېزلىك بىلەن تىك ئۇچارغا چىقىپ جايلاشقىلى تۇردى. ئاۋال كىرگەنلەرنىڭ ئارقا ئورۇندۇققا جايلىشىدىغانلىقىنى پەم ئەتكەن خىتايلار بۇ يەردە ئۇستۇلۇق بىلەن ئالدى قاتار بولۇۋېلىشقاچقا ھىچ چانماستىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىسىدىن ئورۇن ئېلىشتى.
ئۇلار جايلىشىپ بولۇپ، تىك ئۇچار ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغاندىلا سىيىت ھوشۇر بايا دالا ئارمىيە تۈەنجاڭىنىڭ ئىلتىپاتسىزلىقىنى يادىغا ئالدى. ئەمما ئۇ ئۇنىڭدىن ئاغرىنمىدى. ئەكسىچە »ھەربىي يولداشلاغىمۇ تەس جۇمۇ، يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ مۇشۇنداق چەت-ياقا جايلارغا كېلىپ، بىز خەقنى دەپ خىزمەت قىلىۋاتسا، يەنە بىز بەغەرەز خەق ياخشىلىققا يامانلىق قىلىپ، دايىملا بىچارىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ تۇرۇۋاتقاندىكىن، كۆڭلىدە مېنىمۇ ›سەنمۇ شۇ تائىپىدىنغۇ‹ دەپ شۇنداق قىلسىمۇ قىلغاندۇ. ئەمما بۇ قېتىمقى ھەركەتتە تولۇق غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەن چېغىمىزدا كۆرۈمىزغۇ، مېنىڭ ئۇنداق بۇزۇق ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايدىغان، ئىنقىلابىي ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ يېتىپ، ئەپۇ سوراپ كېتەمدۇ تېخى!... «
تىك ئۇچار ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، غەرپ تەرەپكە قاراپ ئۇچۇشقا باشلىغاندا، قاغىلىقنىڭ مەسجىدلىرىدىن بامداتنىڭ ئەزىنى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇ 24-ئاۋغۇستنىڭ تېڭى ئىدى.
قان بولۇپ ئاققان ئوپران دەرياسى
تۈنۈگۈن دەريادىن ئۆتۈشتە كەچ قېلىپ، دەريادىن ئۆتۈشنى ئەتىسىگە قويغان يىگىتلەر، 24-ئاۋغۇستنىڭ تاڭ سەھەرىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇق تاغ سۈيىدە تاھارەت ئېلىشتى. ئاندىن جامائەت بولۇپ نامازلىرىنى ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن ئۇزاق دۇئا قىلىشتى. ئاندىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، دەريانىڭ ئۆتۈشكە ئەپلىكرەك يېرىنى تېپىش ئۈچۈن بىر تۆۋەنگە، بىر يوقۇرىغا مېڭىپ، ئاخىرى بىر يەرنى مۇۋاپىق دەپ قاراشتى. Kنىڭ بۇ يەرلەردىكى شىددەتلىك ئاقىدىغان دەريالاردىن ئۆتۈشتە مەلۇم تەجرىبىسى بارىدى. ئۇ مۇشۇنداق گورۇپپىلاردىن بىرنەچچىنى يولغا سالغان بولغاچقا، ئۇ كېچىكنى بېكىتتى.
كېچىكنى بېكىتىپ، شۇ يەردىن ئۆتۈش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن Kئۆزى ئۆتۈپ سىناپ باقماقچى بولدى. ھەر ئىھتىمالغا قارشى سومكىسىنى قويۇپ، سۇغا كىردى. سۇ تاغلاردىكى قارلارنىڭ ئېرىشىدىن كەلگەنلىكى، شۇنداقلا بۇ يەرلەرمۇ ئىگىزلىكتە بولغاچقا تومۇز بولۇشىغا قارىماي سۆڭەككە ئۆتۈپ كېتىدىغان سوغۇق ئىدى. ئۇ ئېقىننىڭ ئەڭ ئۇلۇق ئاققان ئوتتۇرا قىسمىغا قەدەر بېرىپ، ئۆتۈشكە بولۇدۇكەن دېگەننى جەزملەپ قايتىپ كەلدى. ئاندىن سومكىسىنى ئېلىپ، مۈرىسىگە ئاستى-دە:
— ئەمىسە ئارقامدىن مېڭىڭلار، بىسمىللاھ دەپ، — دېدى ۋە ئۆزى »بىسمىللاھ« دەپ سۇغا پۇتىنى تىقتى. بايامقى سوغۇق تېخىچە جېنى قاخشىتىپ تۇراتتى، شۇڭا ئۇ چىدىغۇسىز توڭۇپ كەتتى. ئارقىدىكىلەرمۇ توختىماي سۈرىلەرنى پىچىرلاپ كېلىشەتتى. دەريا گەرچە كىچىك بولسىمۇ تېز ئاققاچقىلا شۇنچە خەتەرلىك ئىدى.
دەريادىن ئۆتۈۋېلىشتى. پاچاققا ئۇرۇلغان سۇلار تۈرۈلۈپ، ئۆرلەپ بەلگىچە چىقىپ كەتكەچكە، ئۈستىبېشى ھۆل بولۇپ كەتكەن، سەھەرنىڭ سوغۇق ھاۋاسى قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ چىشلىرى بىر-بىرىگە تېگىپ كاسىلداپ تۇراتتى. بىر ئاز ئوغرى تىكەن، قامغاقتەك بىرنېمىلەرنى تېپىپ كېلىپ بىر يەرگە دۆۋىلەپ، ئوت يېقىپ ئىسسىنىۋالمىسا چىدىغۇسىز ئىدى. كېسەل بولۇپ قېلىشىمۇ مۈمكىن ئىدى. شۇڭا ئەمىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەر كىم سومكىلىرىنى تاشلاپ ھەر تەرەپكە يۈگرۈشۈپ يۈرۈپ سامان غوللۇق چۆل ئۆسۈملۈكلىرىدىن توپلاشقا باشلىدى. بۇ چاغدا تاڭ سۈزۈلۈپ، ئەتراپ تامامەن يورۇپ كەتكەن ئىدى.
بۇ سىدام تاغلاردىن ئوت قالىغۇدەك بىرنەرسە تېپىشمۇ تەس ئىدى. خۇددى تازنىڭ بېشىدەك تاقىر تاغنىڭ يانباغرىدا يۈگرەپ يۈرگەن يىگىتلەر ھەم ھەرىكەت بىلەن ئىسىپ قېلىشنى ئۈمىت قىلىشاتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق سومكىسنى قويغان يەرگە بېرىپ كېلىپ، قۇرۇق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ يۈرگەندە ئۇزاق يەرنىڭ تېگىدىن كېلىۋاتقاندەك موتۇرنىڭ ئاۋازى كەلدى. ئەڭ ئەۋۋەل بۇ ئاۋازنى تۇيغان K قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ، قۇلىقىنى دىڭ قىلىپ بىردەم تىڭشىدى. ھەقىقەتەنمۇ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان موتۇر ئاۋازى ئىدى. بۇ يەرلەردە يول بولمىغاچقا بۇنىڭ ماشىنا موتۇرى بولۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
Kنىڭ جىم تۇرۇپ تىڭشاۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان ئىدرىسخانمۇ جىم تۇرۇپ تىڭشاپ، ئۇمۇ موتۇر ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئاڭلىدى-يۇ، تاتىرىپ كەتتى! بىر دەقىقە ئىچىدە كۆز ئالدىدىن نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر تىزىلىپ ئۆتۈشكە ئۈلگۈردى: زىلۋا بويلۇق سەھرا گۈزىلى ئايالى، ئوماققىنە ئوغلى، ھاياتى بويى جاپادىن باشقا كۆرگۈلۈكى بولمىغان جاپاكەش دادىسى، دايىم ئېزىلىپ ياش تۆكۈپلا تۇرۇدۇغان ناتاۋان ئانىسى، ئىنىسى، باشقا كىچىكلەر،... قاغىلىق بازىرى، قەشقەر شەھرى، ئۇششاقباش يېزىسى، كۆك ئاسمان، قاقاس ۋە ئۇچ-چېكى كۆرۈنمەيدىغان تاغلار، تۈرمە، ئازاپلىق قىيىن-قىستاقلار، جازا مەيدانى،... تۇل قالغان چىرايلىق ئايال، يىتىم بولغان ئوماق ئوغۇل ۋە يىتىملىكتە، يوقسۇزلۇقتا نىمجان، كېسەلچان بولۇپ ئۆسۈش، غېرىپچىلىق،....
— تېز بولۇڭلا، باللا، تىك ئۇچار! —ۋارقىرىدى K. ئۆزىمۇ دەر ھال يۈگرەپ سومكىسىغا يېتىشىشكە تىرىشتى.
بۇ كەمگىچە تىك ئۇچار ئۆزىمۇ كۆرۈندى ۋە ئۇلارنىڭ سومكىسىغا يېقىنلىشىشىغا يول بەرمەي، ئۈلگۈجىسىگە ئېتىشقا باشلىدى. بىر تەرەپتىن ئېتىپ، بىر تەرەپتىن پەسلەپ، دەريا بويىدىكى كىچىككىنە تەكشىلىككە قوندى. تىك ئۇچار قونغان يەر بىلەن بالىلارنىڭ ئارىلىقى 100 مېتېرچە كېلەتتى. تىك ئۇچار قونا-قونماي ئېتىلىپ سىرتقا چىققان ساقچىلار ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىپ، بۇلار تەرەپكە ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. بىرلىرى ئوق ئېتىپ مىلىكە قىلغان پۇرسەتتە بىرلىرى يىگىتلەرگە يېقىنلىشىپ، ئىمكان بار تىرىك تۇتۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى.
— تېز، دەرياغا يېقىنلىشىڭلار، يۇمۇلاپ مېڭىڭلار، — دەپ ۋارقىرايتى K.
ئۇ جىددىي ئۆمۈلەپ سومكىسىغا يەتتى. سومكىسىنى ئېچىپ نېمىنىدۇر ئىزدەپ تېپىپ ئېلىشقا تىرىشاتتى. ئەمما ئۈلگۈجە ياغدۇرۇلغان ئوقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ ھەركىتى تازا قولاشمايتى. بۇ ئارىدا ئەڭ دەسلەپكى تۇرشاۋۇل ساقچىلار يەردە سوزۇلۇپ يېتىۋالغان يىگىتلەردىن بەزىلىرىگە يېتەي دەپلا قالغان ئىدى. مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە K سومكىسىدىن بىر تال قول بومبىسىنى ئېلىپ ساقچىلار تەرەپكە ئېتىۋەتتى.
— قول بومبىسى! — دېگەن ۋەھىمىلىك چوقان بىلەن تەڭ، ئوق ياغدۇرغاچ بېسىپ كېلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ ھەممىسى »گۈپپىدە« يەرگە يېتىۋېلىشتى. بۇ پۇرسەتتە K قولىغا بىر تاپانچا ئېلىشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى.
— دەرياغا قاراپ يۇمۇلاڭلار! — دەپ توۋلىغاچ ئۆزىمۇ دەريا تەرەپكە قاراپ يۇمۇلىدى. ئارىدىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، قول بومبىسى پارتلىمىدى. ئەسلىدە ئالتە سېكونتتا پارتلىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىن ساقچىلار دەرھال ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. قول بومبىسىنىڭ بىخەتەر قۇلۇپى تارتىلمايلا تاشلانغان ئىدى!
ئەمدى تامامەن خاتىرىجەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن ساقچىلاردىن ساۋۇت مەرگەن دەريا بويىغا يېقىنلاشقان خېلىل ئالتۇننى قارىغا ئېلىپ، »گۇم« قىلىپلا ئېتىۋىدى، خېلىل ئالتۇن بېشىنى زورىغا بىر كۆتۈرۈپ، ئارقىدىن گىرۋەكتىكى سۇغا پالاققىدە چۈشتى. ساقچىلار يېقىنلاشماقتا ئىدى! ئۇلار مۈمكىن قەدەر تىرىك تۇتۇشنى كۆزلىگەچكە ئاتقان ئوقلىرى نىشانلىق دېيىشكە بولمايتى. پەقەت دەريا ئېقىنى بىلەن ئېقىپ، كۆزدىن يۈتۈش ئۇرۇنۇشلىرى تۇغۇلغاندىلا ئاتمىسا بولمايتى. بىر سەبدىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن K تاپانچىسىنى ساقچىلارغا قارىتىپ ئاتتى. ئەمما ئۇ بەك جىددىيلىشىپ كەتكەچكە ھىچ نىشان ئېلىپ ئاتمىغان ئىدى. شۇڭا ھىچبىر ئوقى بىرەر ساقچىغا تېگىپ كەتمىدى. ئۇيغۇر ساقچىدىن بىرى ھەمىد تالىپنى بېسىۋالدى. ھەمىد تالىپ خېلى كۈچلۈك بولغاچقا ساقچىنىڭ قولىغا كويزا سېلىۋېلىشىغا ئىمكان بەرمەي، يېنىدىن پىچىقىنى چىقاردى. پىچاقنى كۆرگەن ساقچى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا جىددىي قارار ئېلىپ، كويزا سېلىشتىن ۋاز كەچتى-دە، ئۆزىنى يان تەرەپكە ئاتتى. يەر تۈزۈلۈشىمۇ دەريا دەرەپكە قىسايغان بولغاچقا، تېزلا سۇ يېنىغا چۈشتى. ئابدۇلھەمىد قارى قولىدىكى پىچاقنى ئۇنىڭغا تىقىش ئۈچۈن گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئېتىلاي دېيىشىگىلا، ئارقىدىكى يەنە بىر ساقچى سەبدىشىغا يۈزلەنگەن خەتەرنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭغا قارىتىپ تەپكىنى بېسىۋەتتى! ئابدۇلھەمىد قارى توپتەك نەچچە قاڭقىپ، دەلدەڭلەپ بېرىپ، دەريانىڭ ئوتتۇرىغا يېقىن يەرگە چۈشتى. ئۇنىڭ جەسىدى بىر ئاز ئاققاندەك قىلدىيۇ، ئېقىننىڭ ئىچىدە چوقچۇيۇپ تۇرغان بىر تاشقا بېرىپ تاقىلىپ تۇرۇپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭدىن ئېقىۋاتقان قىزىل قان مۇزدەك تاغ سۈيىنى قىزىلغا بوياشقا تىرىشىۋاتقاندەك، بەسلىشىپ ئېقىۋاتقاندەك قىلاتتى.
بۇ چاغدا K نىشانسىز ئېتىپ يەتتە تال ئوقىنى تۈگەتتى. ئۇنىڭدا ئارتۇق ئوقمۇ يوق ئىدى. ياخشى بولغىنى ئۇ بۇ ئېتىش خاسىيىتىدە دەريا بويىغا كېلىۋالغان ئىدى. ۋەزىيەتنىڭ چاتاقلىقىغا كۆزى يەتتى. ئۆزىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دۈشمەننىڭ چاڭگىلىدا دېسىمۇ بولۇدۇغان ئارىلىقتا بولۇپ، Kنىڭ ئۇلارغا ھىچقانداق ياردىمى تەگمەيتى. دۈشمەننىڭ دىققىتى ئۇلاردا بولۇۋاتقان پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن K ئۆزىنى سۇنىڭ ئۇلۇق يېرىگە ئېتىپ، يېتىق ھالەتتە شىددەتلىك ئېقىۋاتقان دەريادا ئېقىپ، ئۇزاقلىشىپ كەتتى.
تاغ ئارىسىدا ئوق ئاۋازلىرىنىڭ ئەكس ساداسى شۇنچىلىك شاۋقۇنلۇق ئاڭلىناتتىكى، گويا بۇ يەردە تۈمەن كىشىلىك بىر قوشۇننىڭ ئېلىشىشى بولۇۋاتقاندەك. خىتايلارنىڭ ساقچىلىرى مۇجاھىدلارغا يېقىنلاپ، تىرىك تۇتۇشقا ئۇرۇنۇنماقتىدى. ئەمما ئۇلارمۇ بوش كەلمەي، قولىغا پىچاق ئېلىۋالغاچقا، قورقۇپ يېقىن كېلىشەلمەي، ئېتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتاتتى. مۇجاھىدلارنىڭ مەخسىدىمۇ ئۇلارنى ئېتىشقا مەجبۇر قىلىپ شېھىت بولۇش ئىدى. چۈنكى قۇتۇلۇشتىن ئۈمىد يوق ئىدى. بۇ ھالدا تىرىك قولغا چۈشسە خىتايلارنىڭ قىيىن قىستاقلىرى فاشستلارنىڭكىدىنمۇ ئون قات ۋەھشىي ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. تىرىك قولغا چۈشمەسلىك ئەڭ ياخشى چارە ئىدى. شۇڭا ئۇلار پىچاقنى تۇتۇپ »كېلىشە لالما ئىتلار!« ۋارقىراپ ھەيۋە قىلىپ تۇراتتى.
— تىرىك تۇتۇش كېرەك! — دەپ ۋارقىرىدى خىتاي گو جىشەن.
— قولىدا پىچاق تۇرسا، قانداق يېقىنلىشىمىز؟
— قولىغا ئېتىپ، قولىنى ئۈزۈۋېتىڭلار! ئەمدى ئۇلارغا قولنىڭ لازىمى بولمايدۇ!
بۇ بۇيرۇق خىتاينىڭ ساقچىلىرىغا جۈرئەت بەردى. شۇڭا ئۇلار قولىغا ئاتتۇق دەپ قالايمىقان ئېتىشقا باشلىۋىدى، قول بەدەنگە يېقىن بولغاندىكىن ئۇنى ئايرىم ئېتىش تەس بولۇپ، ئاتقان ئوقلار بەدەنلەرنى تىتىپ تاشلاپ، بىرنەچچەيلەن دەريا بويىدىكى دۆڭ سايازغا يىقىلدى. پەقەت ساۋۇت مەرگەنلا ئىدرىسخاننىڭ پىچاق تۇتقان قولىنى بېغىشىدىن ئۈزۈۋەتتى-دە، شۇئان تەييار تۇرغان يەنە بىر ئۇيغۇر ساقچى ئۇنى قۇچاقلاپلا تۇتۇۋالدى.
جەڭ ئاخىرلاشتى. تەڭسىز بىر سىناق مەيدانى ئىدى. بىر تەرەپتە ھەممە قورال بارىدى. بىر تەرەپتە بولسا بىر قول بومبىسى بىلەن بىر تاپانچىلا بارىدى. شۇندىمۇ تېخى قول بومبىسى پارتلىمىدى. تاپانچىدىكى ساناقلىقلا ئوق ھىچ نەتىجىسىز ئېتىلىپ تۈگىدى. تەربىيىسىز، مەشقسىز، تەجرىبىسىز مۇجاھىدلار خۇددى بىرنەچچە تال دان بىلەنلا قاپقانغا چۈشكەن قۇشقاچتەك، چىقىمسىز بىر شەكىلدە خىتايلارنىڭ ئوۋچىلىرى تەرىپىدىن ئوۋلاندى. ئالتەيلەننىڭ قانچىسى ئۆلۈك؟ قانچىسى تىرىك بىلىپ بولمايتى. چۈنكى شۇئاندا ئۇلارنىڭ ھەممە يېرىدىن قان ئېقىۋاتقاچقا، ئۆلمىگەنلەرمۇ ھۇشىدىن كەتكەن بولۇشىدا گەپ يوق. بۇ ھالدا قانچە تىرىك بارلىقىنى كىم بىلسۇن؟
ئانا ۋەتەننىڭ ئەڭ چوڭ دەرياسى بولغان تارىمغا بېرىپ قوشۇلۇدۇغان يەكەن دەرياسىنىڭ بۇ كىچىككىنە شاخچىسى ئوپران ئالتە مۇجاھىدنىڭ قانلىرىدىن قىزىل بولۇپ ئاقتى. بۇ قىزىل قانلار يەكەن دەرياسىغا، ئاندىن تارىمغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئانا دىيارنى سۇغۇرۇدۇ، چۆللەرگە سىڭىپ كېتىدۇ. تاغلار، بۇ سىدام تاغلار مۇجاھىدلارغا خائىنلىق قىلغانلىقىدىن خىجىل بولۇۋاتقاندەك مۇسىبەت ئىلكىدە ھوھۇلداپ تۇراتتى. بايىقى سۈرەن-شاۋقۇنلاردىن كېيىن ئەتراپتا جىم-جىتلىق ئۆز سەلتەنىتىنى يايغان ئىدى. بۇ جىملىقتا يالغۇز قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك، پۈتكۈل قاراقۇرۇمدا بىر ئۆكسۈش سېزىلەتتى. ئۇ سىدام بولۇپ قالغىنى، قىيالار، يارلار، ھاڭلار، ياكى چاتقاللار، دەرەخلەر بىلەن قاپلانمىغان سىداملىقىدىن بۇ جانلارغا زامىن بولغىنى ئۈچۈن ئۆزۈر سوراۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇنداقلا پاك جانلارنىڭ روھىغا بىر تەسەللىي ئۇ تاغلارنىڭ ھوھۇلدىغان تىلىدىن تۆكۈلۈۋاتاتتى: »سىدام يۈزۈمدە يوشۇرۇنغىدەك يەر تاپالماي، مۇداپىئەگە قولايسىزلىقتىن ئەرزان كەتتۇق، قىيا تاشلار، ئورمانلار بولغان بولسا ھىچ بولمىسا بىرەر ئىككى خىتاي ساقچىسىنىڭ جېنىنى ئېلىپ ئاندىن جان تەسلىم ئەتمەسمىدۇق، قانداق شۇم تاغلار بولغىيدىڭ دەپ ئاغرىنماڭلار، سىلەرنى بۈك-باراقسان جەننەتلەرنىڭ سەككىز دەرۋازىسىدىن چاقىرماقتا؛ ›ئەي پالانچى بۇ يەردىن كىر! ئەي پوكۇنچى بۇ دەرۋازىدىن كىر‹ دەپ تالىشىپ كېتىلىدىغان دەرىجىلەرگە ئېرىشتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەڭ يۈكسەك ماقام ئىلتىپات قىلدى« دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
قۇرئاندا »ئۆلمەيدۇ« دەپ كېسىپلا ئېيتىلغان شېھىتلارنىڭ روھلىرى بولسا تاغلارنىڭ ئۈنسىز سادالىرىغا شۇنداق جاۋاپ بېرەتتى: »بىز شېھىت بولغانلىقىمىزدىن چەكسىز بەختىيارمىز، قىلغان ئىشىمىزدىن ئۆكۈنۈشۈمىز يوق. پەقەتلا ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ھىچقانداق شىكەست يەتكۈزەلمەي ئەرزان كەتكىنىمىز ئۈچۈن ئەپسۇسلۇنىمىز«.
ئانا ۋەتەننىڭ تاغلىرى بىلەن ئانا ۋەتەننىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىنىڭ روھلىرى ئارىسىدا ئاشۇ ساماۋىي سۆھبەت بولۇۋاتقان چاغدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورقۇنۇچلىرى پەسكارىغا چۈشكەن، جىددىلىشىشتىن ئۆپكىلىرى ئېچىپ ھاسىراپ قالغان ساراسىمىلىك كەيپىياتلىرىمۇ پەسەيگەن بولۇپ، ئەمدى ئۇلار غەلىبىلىرىنى خوجايىنلىرىغا مەلۇم قىلىپ، تاما قىلغان يۇندىلىرىنى ئىچىشكە ئالدىراشتى.
— ئۆلۈك-تىرىك ھەممىسىنى بېسىڭلار، ھىچنەرسە چۈشۈپ قالمىسۇن، — دېدى گوجىشەن.
— تېز، تېز! — دەپ بۇيرۇقنى يېڭىلىدى سىيىت ھوشۇر. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بىر قوماندان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى ئىدى. شۇنداق دەپ بولۇپ، خۇددى شەنى ئالغان نوچىدەك تايتاڭلاپ ماڭغاچ، بىرەر »خو« ئاڭلاش ئۈمىدىدە گوجىشەنگە قارىدى.
—干的好! (ياخشى قىلدىڭلار) ، — دەپ ماختاپ قويدى ئۇمۇ خوجايىنلارچە تەلەپپۇزدا رىغبەتلەندۈرۈپ.
ساقچىلار مۇجاھىدلارنىڭ جەسەتلىرىنى، لاكاسلاپ قالغان تەنلىرىنى، تەنلىرىنىڭ پارچىلىرىنى، سومكىلىرىنى تىك ئۇچارغا ئاپىرىپ باستى. شۇندىن كېيىنمۇ بۇيرۇق بويىچە جەڭ مەيدانىنى چالا قويماي، غېرىچمۇ-غېرىچ ئارىلاپ، ھەر ئۇششاق تاشلار ئارىسىغا سىنچىلاپ، ھەر يەرنى ئوۋچى ئىتلىرىدەك پۇراپ تەكشۈرۈپ چىقىشتى. ئاندىن تىك ئۇچار يېنىغا بېرىپ تىزىلىشتى. مۇئاۋىن بولۇش سالاھىيىتى بىلەن باشلىقىغا سىيىت ھوشۇر راپورت بەردى:
— گورۇپپىدىكى ھەممە جەڭچى ھازىر بولدى! ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلار يوق!
— ياخشى! ياخشى قىلدىڭلار ئەزىمەتلەر! پارتىيە ۋە ھەر مىللەت خەلقى سىلەرنىڭ قىلغان بۇ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىڭلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ! قېنى ئەمىسە ئاتلىنايلى!
ئەمدى ئۇلار تىك ئۇچاردىن ئورۇن ئېلىشتى. شۇنچىلىك قىسقا مۇددەت ئىچىدە تاغ-جىرالارنى شاۋقۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان ئوپېراتسىيە ئاخىرلىشىپ، تىك ئۇچار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ئوپېراتسىيىنىڭ مۇزەپپەرلىرى يۈز-كۆزلىرى، ئۈستىبېشى مەينەت، مۇجاھىتلارنىڭ ئۈستىدىن يۇققان قانلار بىلەن ئىپلاسلانغان بولۇشىغا قارىماي، چىرايىدىن غەلىبە شاتلىقى يېغىپ تۇراتتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ كېلىۋاتقىچە قىلىشقان شېرىن خىياللىرى تېخىمۇ كونكرېت تۈس ئالغان ئىدى. ئەمدى ئۇلار بۇنداق خىياللارنى قىلىشقا، بولغۇسى نىمەتلەردىن ئاغزىنى تاتلىق قىلىشقا تامامەن ھەق قازانغان ئىدى.
ساۋۇت ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنىڭ ھەممىدىن زورلىقىنى ھىس قىلىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ بۇ يەردىكى ھەممەيلەندىن ئىگىزلەپ كەتكەن ھىسىياتتا، ھەمرالىرىغا يوقۇرىدىن قاراپ، مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈمسىرەيتى. ئۇنىڭ بىلەن قارىشىپ ئولتۇرغان شىياۋخۇ بولسا، »توۋا، ما ئايلامباشنىڭ ئەقلىنى! ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى ھىچ ئىككىلەنمەيلا ئاتتى-يا! شۇئاندا تېخى ئۇ قەھرىمان بولدۇم دېگەن تۇيغۇدا شۇنچىلىك خوشال كۆرۈنۈۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ ئەگەر ئۇنىڭ قىلغىنىنى مەن قىلىپ قالغان بولسام ئىشىم پۈتۈتتى-دە. مەملىكەت بويىچە داڭقىم چىقاتتى. بۇ بىچارىگىمۇ بىر نەرسىلەر تېگەر، ئەمما، ئۇ بۇنىڭ نەقەدەر رەزىللىك ئىكەنلىكىنى، ئۆز مىللىتىگە خائىنلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەمدىغاندۇ؟ ياكى چۈشەنسىمۇ، نەپسىنى دەپ قىلىۋېرەمدىغاندۇ؟ بىزدىمۇ بولمىغانمىدى، ياپونلار بېسىۋالغان چاغلاردا، ياپونلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغان خىتايلار ئاز ئەمەس ئىدىغۇ؟ ئۇلارنى خەلق ›ياپونلارنىڭ لالما ئىتى‹ دەپ ئاتايتى. ئەمما بۇلارنى نېمە دەپ ئاتايدىغاندۇ؟ بۇلارنى لالما ئىت دەيدىغانلار بەك ئاز بولسا كېرەك. بۇ ئايلامباشلاردا ۋەتەن، مىللەت دېگەن ئۇقۇممۇ بەك تۆۋەنكەن ئەمەسمۇ، چوقۇم بۇلارنى بىز بىلەن ئوخشاشلا قەھرىمان دەپ بىلىدىغان بېشى ئايلىنىپ قالغانلىرى كۆپ ساندا بولسا كېرەك. ئەگەر بىر كۈنلىرى كېلىپ، بۇ يۇرت بىزنىڭ مۇستەملىكىمىزدىن چىقىپ كەتسە، ئۇ چاغدا بۇ سىيىت ھوشۇرلار، بۇ ساۋۇتلار نېمە ئاتاقلاردا تىلغا ئېلىنىشىنى ئويلاپ كۆرەمدىغاندۇ؟« شياۋ خۇ ئۇيغۇر كادىرلارنى ئىلگىرىدىن بىلەتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ كۈلكە چىراي كۆرسۈتۈپ، خوشامەتگۇيلۇق بىلەن تۇرۇشلىرىنى ھارامزادىلىك، ئىچىدە خىتايلارغا ئۆچ، يالغاندىن ئاشۇنداق كۆرۈنۈدۇ، دەپ قارايتى. بۈگۈنكى ئەمەلىي جەڭ ئۈستىدە بۇلارنىڭ ئۇ قەدەر جان پىدالىق بىلەن، خۇددى بىكارغا تارقىتىۋاتقان مەلۇم بىر ماددىي مەنپەئەت تۈگەپ كېتىدىغاندەك ئالدىراپ، تالىشىپ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۆلۈمگە قاراپ يۈگرەشلىرىنى كۆرۈپ، بۇ خەقنىڭ نەقەدەر رەزىللىكىگە ھەيران قالغان ئىدى. ئاشۇنداق ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان روھى بار تۇرۇپ، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، غالچىلىق بىلەن، خوجايىنلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشى ئۇنىڭغا تازىمۇ ئەقىل قوبۇل قىلغۇسىز تۇيۇلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئالدىدىكىلەرگە »ئەجەبا بۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەممۇ، يا باشقا مەخلۇقمۇ؟« دەپ ئىشىنەلمەيۋاتقاندەك قاراپ-قاراپ قويۇۋاتاتتى. »دېمەك مۇشۇنداق بىر توپ لالمىمىز بولۇپ تۇرۇدۇكەن، بۇ زېمىندا مەڭگۈ خوجايىن بولۇشىمىزدا گەپ يوقكەن«، دېگەن كەسكىن قىياسقا كەلگەنىدى.
ئۈستى-ئۈستىگە دۆۋىلەنگەن ئۆلۈكلەرنىڭ يېنىدا ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلەپ، يەرگىلا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان ئىدرىسخان، ئالدىراپ-تېنەپلا باغلاپ قويۇلغان قول بېغىشىنىڭ مېڭىنى زىڭىلدىتىۋېتىدىغان ئاغرىقىدىن ھۇشىغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا تىك ئۇچاردا ئولتۇرغىنىنى كۆردى. ئۇ ئۆزىدىن باشقا ساق قالغانلار يوقتەك پەرەز قىلدى. قارشىسىدا ئولتۇرغان ساۋۇتنى تونۇدى. مۇشۇ ساۋۇت ئۆزىنىڭ مەرگەنلىك ھۈنىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ پىچاق تۇتقان قولىنى بېغىشىدىن ئۇچۇرۇۋەتكەن ئىدى. بولمىسا ئۇمۇ باشقىلاردەك شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن بولاتتى. ئەمدى تىرىك قېلىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئويلاشمۇ بىر دەھشەت ئىدى!
» بۇلار شۇنچە تېز، شۇنچە دەل قانداق يىتىپ كەلدى؟ تۈنۈگۈن بىزنى كۆرگەن ئادەملەرنىڭ ئىچىدە خىتايلار يوقتەك ئىدى، كىملەر مەلۇم قىلغاندۇ؟ بۇنچە چەكسىز تاغلىقلاردىكى چېگرىنى بىرنەچچە يەردىكى قاراۋۇل پونكىتى ئارقىلىق كونترول قىلىش مۈمكىن ئەمەس، خىتايلار ئاساسەن ئۆزىمىزگە تايىنىپ بۇ مەخسەتكە يېتىدۇ. تۇتۇلغان ھىساپسىز مۇجاھىتلارنىڭ ھىچبىرىنى خىتاي ئەسكەرلىرى، ساقچىلىرى كۆرۈپ قالغان ئەمەس، شۇ تاغلاردا ياشايدىغان يەرلىك كىشىلىرىمىز بايقىغان. ئۇلار نېمە ئۈچۈن؟ كىم ئۈچۈن دېگەن سوئاللارنى قويۇپ ئويلاپ باقمايلا مۇشۇنداق ئىشنى قىلامدىغاندۇ؟ ئۇلار بىزنى ھەقىقەتەنمۇ خەلقنىڭ، ۋەتەننىڭ دۈشمەنلىرى دېگەنگە ئىشەنگەچكە شۇنداق قىلامدىغاندۇ؟ قانداق دەھشەت! بۇ ئادەملەر نېمىنى ئۈمىت قىلىپ ياشايدىغاندۇ؟ ئۇلار بىزنى نېمە كۆرۈدۈغاندۇ؟« دەپ ئويلايتى ئىدرىسخان. ئاشۇ مەلۇم قىلىپ قويغۇچىلار نېمىنى بولمىسۇن بىر نېمىنى ئويلىسىلا ياخشىدىغۇ، ئەمما ئۇلاردا ئويلاشمۇ يوقىدى. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت، كۆز ئالدىدىكى دۇنيالا ھۆكۈمران ئىدى. ئۇلار كەم-كۇتىسىز ماڭقۇرتلار ئىدى.
»ھەي، بىزغۇ نىمىلا بولمىسۇن ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۈپتۇق، نېمە بولسا ئۆزىمىزنىڭ تاللىغىنى شۇ، بىچارە مەجىد تۇراپ ئاداشقا يامان بولۇدۇغان بولدى-دە! بالا –چاقىلىق ئادەمدى، ئائىلىسى ۋەيران بولۇدۇغان بولدى! ئەمما ئۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. توغرا، ئۇنى بىلىدىغان بىرلا مەن بار. ئەمما مەن تىرىك، مانا شۇنىسى يامان-دە! شۇڭا دەيمەن، بۇنداق ھايات قېلىشىمدىن ئۆلۈپ كەتكىنىم كۆپ ياخشىدى! ئاللاھ، ئۆزەڭ بىر چىقىش يولى بەرگىن. قىلغان ئەجرىمنى مۇناپىقلىق بىلەن ژۇيۇپ تاشلايدىغان شەرمەندە بىر قىسمەتكە قويمىغىن ئاللاھ! مەن تىرىك قولغا چۈشتۈم، ئەمدى مەن بىلىدىغانلارنى دېمەي قۇتۇلالامدىم؟ مىڭ تۈرلۈك ئازاپلارغا چىدامدىم؟ ئاللاھ مەدەت بەرسە چىدايمەن! ئەمما، ھەرخىل بىھۇش قىلىش ئۇسۇللىرى، جۆيلۈتۈش ئۇسۇللىرى بارىمىش، ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلغىلى بولۇدۇ؟... مەجىد تۇراپتىن باشقا نېمىنى بىلىمەن؟ ھىچنېمىنى! ماڭا رەھبەرلىك قىلغۇچىنى كۆرۈپ باقمىدىم، خۇداغا شۈكرى. بىلمەيمەن دېگىنىمگە خىتاي ئىشەنمەي بەرىبىر قىينايدۇ-دە!... «
»ئى،... زىلەيخان نېمە بولۇپ كېتەر؟ قانداق لىۋەن خوتۇن ئىدى. ئۇنىڭ بەلەنلىكىنى بىرلا ئۆزەم بىلىمەن-دە. مانا ئەمدى ئۇنىڭغا نېمە بولار؟ مېنى ساقلاپ ئۆمرى ئۆتەرمۇ؟ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپلا كەتسە باشقا ئەرگە بېرىدۇ دېگەن گەپ! — ئۇنىڭ باشقا ئەرگە تېگىشى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ئۇنىڭ يۈرىكىدە يانارتاغچە رەشق ئوتى ياقتىكى، تولغۇشۇپ كەتتى! ھەتتا قولىنىڭ ئاغرىقىنىمۇ ئۇنۇتقۇزۇۋەتتى! — ياق، زىلەيخان مېنى ساقلايدۇ. مەن دېگەن ھەمزىنىڭ دادىسى تۇسام، بالىنى يىتىم قىلغۇسى كېلەمدا؟ ئەمما، بالىنى يىتىم قىلمايمەن دەپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈۋېتەمدا؟ ئۇ تېخى ئەمدىلا يىگىرمە ياشقا تولۇۋاتقان بىر غۇنچە تۇرۇپ، ئاشۇنداقلا سولۇشۇپ كېتەما؟ ياق، كونىدىن كېلىۋاتقان ئۇدۇم شۇ: ئاكىسى ئۆلسە، بالىنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن ئىنىسىگە نىكاھلايدىغان ئىش بار. بەلكىم ئىككى ئائىلىدىكىلەر ھەمزىنىڭ بەختىنى ئويلاپ، زىلەيخاننى ئىنىمگە نىكاھلاپ قويامىكى؟« بەرىبىر ئۆزىدىن باشقا بىرىنىڭ زىلەيخانغا يېقىنلىشىشىنى ئويلىغىنىدا ئۇنىڭ قەلبىدىكى رەشق ماگمىسى پارتلىماي قالمىدى! زىلەيخاننىڭ كېلىشكەن زىلۋا بويى، شەھەر ئاياللىرىنىڭ سۈنئىي ئىشلەملەر بىلەن چوقچايتىۋالىدىغان كۆكسىدەك، ئەمما ھىچقانداق سۈنئىيلىك ئارىلاشمىغان كۆكسى، بويۇنلىرىنىڭ سۈزۈكلىكى، يىڭىچكە بەلدىن ئۆتۈپلا بىردىن دومبۇيۇپ كۆتۈرۈلگەن تولۇق، بىجىرىم ساغرىلار ۋە ئۇنىڭ قان تومۇرلىرى كۆرۈنگىدەك سۈزۈكلىكىنى،...نى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدا رەشقتىن ئۆرتۈنۈپ كەتتى.
»ھەمزە نېمە بولا؟ ئۇنىڭ ئويۇنچىلىقى، ئەكىلىكى، ئادەمنى مەھلىيا قىلىپ ئۆزىگە ئامراق قىلىۋالىدىغان جىمىكى خۇلقى ئەمدى بەرباد بولاما؟ مەن نۇرغۇن يىتىملەنى كۆمۈدۈممۇ؟ ئۇلارنىڭ ساغىرىپ، بويۇن قىسىپ تۇرۇشلىرى، باشقىلانىڭ قولىدىكى يەيدىغان نەسىلەگە مۆلدۈلەپ تىكىلىشلىرىنى كۆرمۈدۈممۇ؟ ھە،.... ئىسلامدىكى يىتىملەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، يىتىمگە تاماق بېرىش، يىتىمنىڭ بېشىنى سىلاش ھەققىدىكى تاپىلاشلارنىڭ ھىكمىتى بۇ يەردە ئىكەن ئەمەسمۇ؟! كاشكى شۇ بىزنىڭ خەلق ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغان بوسىغۇ، دىنىمىزنىڭ ھەممە تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان بوسىغۇ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتىمۇ بولمايدىكەندۇق، ھەي،... ئەمما بىزنىڭ خەلق نامازنى بىر ئۇدۇم، ياكى كۆنۈپ قالغان ئادەت ھىسابىدىلا داۋام قىلىۋاتقان بىلەن، ئەمەلىيەتتە دىننى چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا ھەتتا بىزدەك ئاللاھ يولىدا، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى كۆزلەپ، ئاشۇ مەزلۇم خەلقنى دەپ مۇشۇنداق كۈنلەرگە قالغىنىمىزنىمۇ چۈشەنگۈدەك ھالى يوق. خىتاي قىلغان تەشۋىقاتقا ئىشىنىپ، بىزنى يامان ئادەملەر دەپ قارايدۇ تېخى! ›سىڭگەن نېنىنى يېسە بولمامدۇ؟‹ دەپ ئەيپلىشىپ بېرىدۇ. ئەمما ئۇلار بىر مۇسۇلمان، كاپىرلار ۋەتىنىنى بېسىۋالغان ئەھۋالدا ›سىڭگەن نېنىنى يەپ‹ ئولتۇرسا گۇناھكار بولۇدۇغانلىقىنى، بەندىنىڭ قۇللۇقىنى تەن ئېلىشنىڭ ئاللاھنىڭ قۇللۇقىنى رەت قىلىشقا بارابەر بولۇشىنى چۈشەنمەيدۇ ئەمەسمۇ!... ھەي، ھەمزە، ھەي ھەمزە، ھازىر نېمە قىلىۋاتىدىكىن؟ ئانىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلا-ئارامنى سۈپۈرۈپ، سۇ سېپىپ بىكار بولغۇچە ئۇخلايدىغان، بەلكىم، بۇ ئۇلارنىڭ ناشتا ۋاقتىغۇ دەيمەن؟ ياق، بىز جەڭ بىلەن بولۇپ ۋاقتنىمۇ ئۇنتۇپتۇق، ئاللىقاچان قوزاچۈش ۋاقتى بولۇپ قالغاندەك تۇرۇدۇ. ھە بۇ چاغدا ھەمزە نېمە قىلاتتى؟ ئانىسىچۇ؟ زىلەيخان مالغا ئوت ئالۇدۇ، ئوت سالۇدۇ، سۇ بېرىدۇ،... شۇنىڭدەك باشقا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ. ئانىسى ئۆي ئىشلىرى بىلەن بولۇۋاتقان چاغلاردا ھەمزە بەزىدە ھويلىدا ئۆمۈلەپ يۈرۈدۇ، ياكى سۇپىنى تۇتۇپ مېڭىپ يۈرۈدۇ. يىقىلىپ قوپۇپ، ئۈستىبېشى توپا –تەرەت، ئاللا-ئاللا، يېزىنىڭ بالىسى-دە! قانداق تاتلىق. توپا-چاڭغا مىلىنىپ كەتكەن يۈزلىرىمۇ شۇنداق ئوماقتى-دە جانۋارنىڭ! ئانىسىچۇ، خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاش، ئانىسىمۇ شۇ، پەردازنى بىلمەيدۇ، سەھراچە، يۈز-كۆزى كۈيە، توپا ياكى ئوتنىڭ كۆكى چىقىپ قالغان، شۇنداق بولسىمۇ شۇنداق يېقىملىق،... — ئىدرىسخاننىڭ ھەمزىدىن باشلىغان خىياللىرى قاناتلىنىپ، ھەرتەرەپكە ئات چېپىپ كەتكەن ئىدى. بۇنى كېيىن سەزگەن ئىدرىسخان، قايتىدىن ھەمزە ھەققىدە ئويلاپ، ئۇنىڭ ئىشىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىپ باقماقچى بولدى، گويا ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلىشقا قۇربى يېتىدىغاندەك! — ئانىسى ھەمزىگە ›داداڭ ساڭا بازاردىن ئويۇنچۇق ئەكىلىدۇ‹ دەۋاتامدىغاندۇ؟ مېنىڭ بازاردا ئەمەس، مازاردا ئىكەنلىكىم ئۇخلىسا چۈشىگە چىمەيدۇ-دە، ئۇلانىڭ. ئاڭلىسا قورقۇپ ژۈرىكى چىقىپ كېتە! ھەي، شۇ ھەمزىنى دېگەندە يەنىلا زىلەيخاننىڭ ئىنىمگە ياتلىق بولۇشى ئەڭ ياخشىسىدەك تۇرۇدۇ. بۇ ئىشلا بولۇپ بولغاندا مەن قۇتۇلۇپ چىقىپ قالسام نېمە بولۇپ كېتە؟ ياق، مۈمكىنما؟ مۇشۇ خىتايلا مېنى قويۇۋېتەما؟... «
تىك ئۇچار قاراقۇرۇم تاغلىرىدىكى قورقۇنۇچلۇق داۋانلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، دەسلەپكى يۇرتلار ئۈستىدە كېتىۋاتقاندا، ئىدرىسخاننىڭ كۆزى ئىختىيارسىز ھالدا پەستە كۆرۈنۈۋاتقان ئېتىزلار، يوللار، ئورمانلار بىلەن زىننەتلەنگەن ئېرىقلارغا چۈشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى رەڭلىك قېرىنداش بىلەن قەغەزگە سىزغان رەسىمدەكلا كۆرۈنەتتى. ئېتىزلاردىكى زىرائەتلەرنىڭ رەڭگى ياكى زىرائىتى ئورۇۋېلىنغان ئېڭىزلىقلار بويىچە ئايرىلىپ، خۇددى يېشىل مەخمەلگە سېرىق تاۋاردىن ياماق سالغاندەك؛ ياكى سېرىق تاۋار يوتقانغا يېشىل مەخمەلدىن ياماق سالغاندەك كۆرۈنەتتى.
»ئۇششاقباشنىڭ ئاسمىنىدىن ئۆتتۇقمىكىن؟« دەپ ئويلىدى ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا. ۋە يۇرتىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئىستىكىدە كۆزلىرىنى پەستىن ئالماي تىكىلىپلا قالدى. ئەسلىدە ئۇ يۇرتىنىلا ئەمەس، ئۆزى ئۆسكەن ئاشۇ ئەسكى كېسەك ئۆينى، ھويلىدا يۈرگەن بولسا ئۆيدىكىلەرنى، زىلەيخاننى، ھەمزىنى كۆرۈۋېلىشنى تاما قىلاتتى. خۇددى بۇ ئىگىزلىكتىن پەستىكى ئادەملەرنى كۆرگىلى، تونۇغىلى بولۇدۇغاندەك! ئۇ ئۈمىدى ئەمەلگە ئېشىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بىلەن لەرزىگە كەلدى. چىدىغۇسىز ئاغرىپ تۇرۇۋاتقان قولىنىڭ ئاغرىقىنى يەنە بىر كەررە ئۇنتۇپ قالدى! ئۇ ئۇششاقباشنى تونۇپ قالغان ئىدى! شۇڭا ئۇ ئەمدى باشقا ئارزۇلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا ئاشىدىغاندەك بېشىنى تېخىمۇ پەسكە ئىگىپ، ئۆيىنى ئىزدەشكە باشلىدى، ئۆيىنى تېپىۋالسىلا ھويلىدا ھەممەيلەن ئۇنى كۈتۈپلا ئاسمانغا قارىشىپ تۇرغاندەك بىر ئەخمىقانە ھىس بارىدى.
2
زىلەيخان كۈندىلىك ئادەت بويىچە قوزا چۈش مەھەلدە ئۇلاغلارنى سۇغۇرۇپ، ئوقۇرلارغا ئوت سېلىش ئۈچۈن ھويلىغا چىقتى. ھەمزە پاچىقىغا ئېسىلىپ ئەركىلەپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇنى كۆتۈرۈپ چىقتى. تالادا كۆيدۈرگۈچى چېقىر ئاپتاپ قايناپ كەتكەن ئىدى. بالىنى ھويلا سۇپىسى تۈۋىدە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن گەپلەشكەچ ئىشىغا تۇتۇندى.
— مېنىڭ بالام بەك ئەقىللىق، خاپا قىلمايدۇ، ئۆزى ئويناپ تۇرۇدۇ، مەن ئىشىمنى تۈگۈتۈپ بالامنى ئوينۇتۇمەن، — زىلەيخان سۇپا تۈۋىدىن قوتان تەرەپكە يىراقلاپ كېتىشى بىلەنلا ھەمزە يىغلاشقا تەمشەلدى. سۇپىنى تۇتۇپ بىر ئۇياققا، بىر بۇياققا مېڭىۋاتقان بالا، قانداق قىلسىمۇ ئانىسى تەرەپكە كېلەلمەيۋاتقىنىنى چۈشەنمەستىن جىلى بولغانىدى.
— مانا ھازىر كېلىمەن، جېنىم بالام، بىردەم ئويناپ تۇر، — زىلەيخان ئۇنى بىردەم گوللاپ، ئىشىغا داۋام قىلدى.
زىلەيخاننىڭ ئىشىمۇ تۈگەپ تۇرۇشىغا، ھەمزە سۇپا تۈۋىدە سەندىرەكلەپ، سۇپىنى تۇتۇۋېلىشقا ئۈلگۈرمەي، بۇ ياق تەرەپكە يىقىلىپ، يىغلاپ كەتتى.
— خاپا بولما، بالام، ئاناڭ ئەسكى، خاپا بولما، — دېدى زىلەيخان يۈگرەپ كېلىپ، ۋە بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ شېرىن ئەركىلىتىشلەر بىلەن بەزلەشكە تىرىشتى، — بالامنىڭ دادىسى بازاردىن ياخشى ئويۇنچۇق ئەكىلىدۇ، بالام ئوينايدۇ، ساڭا ماشىنا ئەكەلسۇنمۇ بالام؟ ھويلىدا ھەيدەپ ئوينامسەن؟ — زىلەيخان بالىنى قۇچىقىدا ئىككى يانغا چايقاپ گول قىلغاچ، ئويۇنچۇق ھەققىدە ئويلاپ قالغان ئىدى. »ھەي ي، ئەتتىگەن ئاۋۇ كۈنى نېمىشكە بالىغا ئويۇنچۇق ئالغاچ كېلىڭلا دەپ بۇيرۇمۇغاندىمەن؟« دەپ ئۆكۈندى ئۇ. ئەمما تېزلا، »ئۇ چوقۇم بىر نەرسە ئېلىپ كېلىدۇ، بالىسىنى يەپ قويغۇدەك ياخشى كۆرۈدۇ ئەمەسمۇ، چوقۇم بىر نەرسە ئەكىلىدۇ« دەپ ئىشەندى. دەل شۇ چاغدا قاراقۇرۇم تەرەپتىن تىك ئۇچارنىڭ ئاۋازى غوڭۇلداپ ئاڭلىنىپ، ئارقىدىن ئاق بۇلۇتلار پاختىدەك تازا، توپ-توپ لەيلەپ يۈرگەن، ئەمما بۇلۇتسىز يەرلىرى زەڭگەررەڭ كۆك ئاسماندا بىر تىك ئۇچار پەيدا بولدى. زىلەيخاننىڭ ئويۇنچۇق ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىغا ئەمدى كونكرېت بىر نەرسە قوشۇلغان ئىدى، — قارا، بالام، كۆردۇڭمۇ ئۇ تىك ئۇچارنى؟ سەنمۇ تىك ئۇچاردا ئۇچامسەن؟ داداڭ ساڭا تىك ئۇچار ئەكىلىدۇ، سەن ئۇنى ھويلىدا ئۇچۇرۇسەن، — دېدى ۋە بالىنىڭ قولىنىڭ بېغىشىدىن تۇتۇپ ئىگىز كۆتۈرۈپ، — ھەي، ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلار! — دەپ توۋلاپ، بالىنىڭ قولىنى پۇلاڭلاتتى، — مەنمۇ بىر كۈنى ئۇچۇمەن، سىلەردىنمۇ ئىگىز ئۇچالايمەن! — بالا ئۈچۈن، ئۇنىڭ تىلىدا بۇ خىتاپنى قىلىپ، يىغىدىن توختاپ دىرىڭلاپ، ئەركىلەشكە باشلىغان ئوغلىنى باغرىغا باسقىنىچە، ئۇنى ئۇخلۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى.
»تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى« تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان »بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىلى« ناملىق كىتاپچىدا بېرىلگەن ئاخباراتلار ئاساس قىلىندى.
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
[②]كىلاشنىكوۋ — ئوكرائىنالىق قورال مۇتىخەسىسى، بۇ يەردە ئۇ كەشپ قىلغان ئاپتومات كۆزدە تۇتۇلۇدۇ. ئەللىكىنچى يىللاردا بارلىق كوممۇنىست دۆلەتلەر قورال تۈرلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇرۇش پەيتلىرىدە ئۆزئارا ماسلىشىشقا پايدىلىق بولۇدۇغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ خىل قورالنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىنى خىتايغىمۇ بەرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق قوراللىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى، — ئا.
قان ئىچىدىكى بوۋاق (ھىكايە)
- تەپسىلىي ماتېرىيالى
- كاتېگورىيە: نەسرىي ئەسەرلەر
- 2011 يىل ئۆكتەبىر-10 دۈشەنبە 22:45 ئېلان قىلىنغان
- ئاپتور: باقى
- ئاۋاتلىقى: 637
(بارىن ئىنقىلابىنىڭ 20 يىللىقىغا)
سەۋدايى
— بىزگە سىڭدۈرۈلگەن مەپكۈرە تۈپەيلى شۇنداق بىر خىل كەسكىن ئىشەنچ ۋە يا قاراشقا كەلگەنمىزكى، ئەر- ئايال، ياش قېرى، بوۋاق ياكى ئۆي ھايۋانلىرىنى ئايرىپ ئولتۇرماستىن قارا- قويۇق ئېتىۋېرىشتىن ئىبارەت ۋەھشىيلىك پەقەت ياپون باسقۇنچىلىرىغا، جاھانگىرلارغا ۋە فاشىستلارغىلا خاس تەبىئەت بولۇپ، بۇنى «ئازادلىق ئارمىيە» نامى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتۇق...
—(جاڭ جۈنتاۋ[0]نىڭ ئادۋۇكاتىغا دېگەنلىرىدىن(
خىتايلاردا كەم بولىۋاتقىنى ۋىجدان ۋە ئادالەت تۇيغۇسى.
— جاڭ جۈنتاۋنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ سۆزىدىن
—ھە،... كەلدىلىمۇ؟ ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن، — دېدى ئايال خۇپتەندىن قايتىپ كەلگەن ئېرى ئىشىكتىن كىرىشىگىلا، — بۇ كېچە نېم بولۇدۇغاندەك، مەخەتقارى، تېنچ ئۆتەمۇ، يا...؟ — دەپ سورىدى ئارقىدىنلا.
تالادا ھىچقانداق ئۈن-تىۋىش يوق ئىدى. بۇ جىملىق نورمال زامانلاردىمۇ مانا شۇنداقمىدى؟ ياكى كىشىلەر بولغۇسى بۈيۈك بىر غەۋغانى كۈتۈۋاتقاندا مانا شۇنداق تۇيۇلامدۇ، بىلىپ بولمايتى. ئىشقىلىپ بۇ جىملىق شۇنچىلىك يۈرەكنى سىقاتتىكى، ئۇندىن كۆرە ئالەمنى مالەم قىلىۋەتكۈدەك گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەن بولسا، دېگۈسى كېلەتتى. تېخى باھارنىڭ باشلىرى بولغاچقا كۆللەردە پاقىلارنىڭ كۇرۇلداشلىرىمۇ، چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرىمۇ ئاڭلانمايتى، بۇ ھال بۇ جىم-جىت كېچىنى تېخىمۇ مۇكەممللەشتۈرۈپ، كىشىنى قورقۇتقۇدەك سۈرلۈك قىلىۋەتكەن ئىدى.
مورا بېشىدا ئىس چىقىرىپ يېنىپ تۇرغان جىن چىراق ئۆينى بەك غۇۋا يورۇتقاچقا، سىرتتىن كىرگەن ئادەمگە دەرمەھەل بىرنېمە كۆرۈنمەيتى. مەخەتقارى شۇڭلاشقا دەرھال جاۋاپ بەرمىدىمۇ، ياكى دەيدىغانلارىنى ئوبدانراق ئويلىنىۋالماقچى بولدىمۇ، ئەيتاۋۇر ئىشىكتىلا تۇرۇپ، بىر-ئىككى مىنۇتچە غۇۋا قاراڭغۇلۇقتىكى كىچىككىنە ئۆيىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا قاراپ تۇردى، كېيىن ئاستا سۇپا تەرەپكە سىلجىپ:
— ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ، — دېدى مەخەتقارى چوڭقۇر ھەسرەت يوشۇرۇنغان ئاۋازدا، — سادىسەن-دە، زىبىخان، سادىسەن،... زەيدىنقارىمنىڭ دېگەنلىرىنى ئۇنتۇدۇڭما؟ شۇ خىتايلار يۇرتىمىزدا بولغان مۇددەتتە بىز خەققە تېچلىق بوممايدۇ، دېمەپمىدى؟ — جىن چىراقنىڭ يورۇقىدا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنى تۈزۈكرەك كۆرۈشكە ئىمكان يوقىدى. پەقەت ئاۋازلىرىدىنلا ياش ئەر-خوتۇنلار ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلغىلى بولاتتى. ئۆيمۇ چىراقنىڭ ئىسى ياكى ھەمىشەمكى سامان ئوتىنىڭ تۈتەشلىرىدىن قارىداپ كەتكەندەك، تورۇستىكى ۋاسا بورىلىرى قارىداپ كەتكەن، ئىستىن ھاسىل بولۇدۇغان قارا تور ھەر يەردە ئېسىلىپ تۇراتتى. ئۆي پاكار، شۈدىگەرلىكنىڭ چالمىسىدىنلا قوپۇرۇلغان تامدىن ئىبارەت ئىدى. ھەر نەرسىدىن نامراتچىلىقنىڭ ئىزناسى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى.
ئاڭغىچە تەم-تىم ماڭغان ئوغلى سۇپىنى تۇتۇپ مېڭىپ كېلىپ، دادىسىنىڭ پاچىقىغا ئېسىلدى.
مەخەتقارى بالىنى قولىغا ئالدى، ئاندىن سۇپىغا ئاۋايلاپقىنا ئولتۇرۇپ، ئوغلىنى تىزلىرى ئۈستىگە دەسسىتىپ تۇرۇپ، باغرىغا چىڭ باستى. شۇ بىر نەچچە ئېغىز سۆزدىن كېيىن ئارىغا چۆككەن جىملىقنى بالىنىڭ ئۆزىگە خاس چۈشۈنۈكسىز تىلىدا بىرنېمىلەرنى دېيىشىلا بۇزۇپ تۇراتتى. ئەمما مەخەتقارى بۇلارنى ئاڭلىمايتى. ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئاللىنېمە مۇجۇپ تۇراتتى. خىياللىرى قالايمىقان، تەرتىپسىز ئويلار كاللىسىنى چولغىۋالغان ئىدى. بالىنىڭ كۈچۈنۈپ تىپىرلىشى ۋە نارازىلىققا ھىساپ قىلىشقا بولۇدۇغان ۋارقىرىشى بىلەنلا ئاندىن بالىنى باغرىغا باسقاندا بەك چىڭ سىقىۋەتكىنىنى بىلدى. بۇ مەھكەم قۇچاغلاشتا ئاتىلىق سۆيگۈسى ئۈستۈن كېلەتتىمۇ ياكى قورقۇش ھىسسىمۇ؟ بىلىپ بولمايتى. ئاشۇ بۇدرۇق كىچىككىنە جاننىڭ نېمە بولۇشى ھەققىدىكى قورقۇنۇچلۇق خىيال ئۈستۈنلۈكتەمىدى؟ ياكى ئاشۇ سۈنئىي ۋە ئەنسىز جىملىقنىڭ سەۋەپچىسى بولغان ھادىسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش تۇيغۇسى ئۈستۈنلۈكتىمىدى؟ بۇنىمۇ ئىلغا قىلىش تەس ئىدى.
ئۇ مەخەتقارى دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قارى ئەمەس ئىدى. ئۇنى قارى قىلىش دادىسىنىڭ ئارزۇسى ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئوقۇش يىللىرىدا دىن بەكمۇ قاتتىق چەكلەنگەن زامانلار بولغاچقا، قارى بولماق تۈگۈل، ناماز ئوقۇغۇدەكمۇ ئىمكانى قالمىغان كىشىلەردىن كىم ئۇنىڭغا دەرس بېرىشكە پېتىنسۇن؟ ئۇ كىچىك چاغدىلا دادىسى ناھىيە بازىرىدا شېھىت بولدى. بۇ يۇرتتا ئەزەلدىن شېھىت ئائىلىلىرى قەدىرلىنەتتى. گەرچە كوممۇنىست خىتايلار، ئۆتمۈشتىكى خىتايلاردىنمۇ ۋەھشىي، ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھاياتلاردىن، ئۆلگەنلەرنىڭ بالىلىرىدىن ھىساپ ئالىدىغان دەرىجىدە شۇمپەن بولسىمۇ، شېھىتلەرنى »خەلق دۈشمىنى، ۋەتەن ساتقۇچ، بۇزۇق ئۇنسۇر،... « دەپ قارىلاپ، خەلققە يامان كۆرسۈتۈشكە تىرىشسىمۇ، قېنى پاكىز بۇ يېزا خەلقى يەنىلا شېھىتلەرنى بېشىدا كۆتۈرەتتى. شۇڭا كىچىك يىتىم قالغان مەخەتقارى يۇرتنىڭ بالىسى بولۇپ، كۆپنىڭ كۆيۈنۈشى ئاستىدا ئۆستى.
مەكتەپتە چالا-پۇلا ئوقۇدى، خەت-ساۋادى چىققاندەكمۇ بولدى، ئەمما ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئوقۇغىنى خىتايلار چىقىرىپ بەرگەن يېڭى ئېلىپبە بولغاچقا، كېيىن يەنە ساۋاتسىز بولۇپ قالغان ئىدى.
سىياسەت بىرئاز ياخشىلاندى دېيىلگەن يىللاردىن كېيىن ئۇ ئىشتىن كېيىن كەچلىرى قارىلارغا بېرىپ، بىرئاز قۇرئان ساۋادىنى چىقاردى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى زەيدىنقارىنىڭ يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان ۋەزلىرىگە ھېرىسمەن بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىلەيلەن سادىق مۇرتلارغا ئايلاندى. دىننى خېلى تۈزۈك چۈشۈنۈپ قالدى. ئېتىقادى رۇسلاندى. ئاللاھنىڭ بۇنچىلىك ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگىنى ئۈچۈن شۈكرانلىرى ھىساپسىز ئىدى. ئىلگىرىكى غەپلەتلىك كۈنلىرىگە نىسبەتەن كۆڭلى يورۇغان، نېمىشكە ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قىلىدىغان بولغان ئىدى. زەيدىنقارىنىڭ ساھابىلەر ھەققىدىكى تەسىرلىك ھىكايىلىرىدىن يۈرەكلىرى لەرزىگە كەلگەن ياش ئەر – خوتۇنلار جىمىكى ئۈمىد ئارزۇلىرىنى مۇجەسسەملىگەن ھالدا تۇنجى پەرزەنتى تۇغۇلىشى ھامان مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا ئۇنىڭغا خالىد دېگەن ئىسىمنى قويۇشنى مۇۋاپىق تاپقان ئىدى. بەلكىم ئۇلار ئوغلىنىڭ ئاشۇ يېڭىلمەس ئىسلام سەركەردىسى خالىد ئىبنى ۋەلىدكە ئوخشاش يۇرتنىڭ بېشى، ئازاتلىق قوشۇنىمىزنىڭ سەردارى بولۇشىنى ئۈمىت قىلىشقاندۇر.
زەيدىقارىمۇ ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىنى، جاپاغا چىداملىقلىقنى ياقتۇرۇپ قالغاچقا خېلى موھىم ئىشلارغا ئۇنى بۇيرۇيتى. زەيدىن يۈسۈپ سىياسىۋىيلىكى كۈچلۈك ۋەزلىرىنى باشلىغىلى بىر يىلدىن ئاشقان، ئەڭ يېقىنلىرى ئىچىدە جىددىي قوزغۇلاڭ ھازىرلىقى ۋە پىلانى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە ئىدى. مەخەتقارى مانا شۇ ئىشلارنىڭ ئىچىدە بولغىنىدىن پەخىرلىنەتتى. ئۇنى قەشقەرگە بومبا ئۈچۈن چۆيۈندىن قاپاق شەكىللىك نەرسىلەرنى قۇيدۇرۇش، ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىغاندا، ئۇمۇ ئۇستازنىڭ جامائەت فوندىنى ئاسراش روھىنى دوراپ، قەشقەرگە پىيادە بېرىپ، پىيادە كەلگەن، ھەتتا كۆتۈرەلمىگۈدەك يۈك بولمىسىلا، يېنىكرەك يۈكلەرنىمۇ كۆتۈرۈپ پىيادە يۈرگەن ئىدى.
كېيىن ئىشەنچىلىك ئائىلىلەردە پوروخ ئۈچۈن »شورى[①]« ئايرىش ئىشى ئېلىپ بېرىلغاندا، مەخەتقارى ۋە ئايالى ئەڭ ئەۋەل ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. ئىشتىن كېلىپ، كېچىلىرى چىرىمدان قاينىتىپ، شورى ئايرىدى. شورى پوروخنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ماددىسى ئىدى. ئەمما ئۇلار بۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى، پەقەت پىشقەدەم ئوۋچىلار ئۆزىگە لازىملىق ئوقلىرىنى ئۆزلىرى ياسايدىغان بولغاچقا، قەدىمدىن كېلىۋاتقان بىر رېتسىپ بارىدى. رېتسىپقا كۆرە يۇلغۇن تۈۋىگە چۈشكەن چىرىمدان توپلۇنۇپ قازاندا قاينىتىلاتتى، ياكى قوينىڭ قىغىنى كەتمەندە يوغان- يوغان قومۇرغاندا ئاستى قەۋەتلىرىدە ئاق چېچەكلىگەن يەرلىرى بولاتتى، مانا شۇ ئاق نەرسىلەر توپلانسىمۇ بولاتتى. ئاندىن ئەخلەت چاۋىرى سۈزۈۋېتىلىپ، ئاستىدىكى لايمۇ ئايرىۋېتىلىپ، سۈيى داۋاملىق قاينىتىلسا ئاق كىرىستال ھاسىل بولاتتى. مۇشۇسى شورى ياكى شور دېيىلەتتى. ئاندىن بۇنى تارشا گۇگۇت ياسايدىغانلار ئىشلىتىدىغان گۇگۇت پوقى (گۇڭگۇرت) بىلەن ياغاچ كېپىكى (ھەرە كېپىكى — پوزەك)كە ئارىلاشتۇرسا پوروخ بولاتتى. ئۇلار بۇنىڭ ئىچكىي قانۇنىيىتىنى بىلمىسىمۇ، بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئادەت بويىچە ئىشلەيتى. ھەر ئاخشىمى بىر قازان قاينىتىپ تۇراتتى. ئوتۇن قىس ئىدى، سامان، كۆتىچەك،... دېگەندەك تېۋى يوق يېقىلغۇلار بىلەن بىر قازان قاينىتىپ، كىرىستال تۇتتۇرماق ئاسان ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى »ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن! « دەپلا قىلاتتى.
ئۇلاردا زەيدىنقارىغا ئاجايىپ ئىخلاس بارىدى. بۇ پەزىلەتلىك ئادەمگە چوڭقۇر ئىشىنەتتى. ئۇلار ھەرگىز ساختا بىلىمدانلارچە »مۇشۇنچىلىك ئىشلار بىلەن خىتايدەك بۈيۈك كۈچ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولامدۇ؟« دەپ سوراپ ئولتۇرمايتى. ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن دەپ يولغا ئاتلاندۇقمۇ، بولدى. ماڭغىنىمىزمۇ، ياتقىنىمىزمۇ ساۋاپ، جەڭدە ئۆلسەكمۇ، ئۇيقۇدا ئۆلسەكمۇ ئوخلاشلا ساۋاپ. چۈنكى ئاللاھ ئىشىمىزنىڭ مېۋىسىگە قاراپ ئەمەس، نىيىتىمىزگە كۆرە ئەجىر بېرىدۇ، دېگەنگە شەكسىز ئىشىنەتتى. بۇ ئىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بىر پىلان ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشەتتى. پۈتۈن مەملىكەتتە بىر ھەركەت ئورتاقلىقى، ئىدىيە ئورتاقلىقى ئۈچۈن خىزمەتلەر كېتىۋاتاتتى. بەزىدە تۇرپاندىن قەمەرىدددىن دېگەن بىرى كېلەتتى. كۇچادىن كېلىشەتتى. پىچاندىن كېلەتتى، خوتەندىن كېلەتتى. مەملىكەت مىقياسىدا بىرلا ۋاقىتتا كۆتۈرۈلۈدىغان بۇ ئىنقىلاپنىڭ رەھبىرى بولسا ئاشۇ ئاددىي-ساددە دىھقان زەيدىقارى ئىدى. ئۇمۇ قارى ئاتالغىنى بىلەن قارى ئەمەس، نە پەننىي مەكتەپتە، نە دىنىي ئوقۇشتا تۈزۈكرەك ئوقۇمىغان بولۇشىغا قارىماي، ئاللاھ سۆيگۈسى، ئاللاھنىڭ مۆمىن قۇللىرى بولغان مىللىتىگە، مۆمىنلەرگە تەۋە زېمىن بولغان ۋەتىنىگە مۇھەببىتىنىڭ ماگمىدەك ھارارىتىدىن ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىشقا جۈرئەت قىلىۋاتقان بىر ئىنسان ئىدى. تەشكىللەش تالانتى، جەزىبىدار نۇتۇق قابىلىيىتى، لېدىرغا خاس روھىي ئۈستۈنلۈك بىلەن كىشىلەرنى ھېيىقتۇرۇش كۈچى، نىيىتىگە كۆرە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىلتىپات قىلىنغان تەبىئىي تالانت ئىدى دېيىشلا مۈمكىن.
ئىش تېخى خام ئىدى. يەنە نەچچە يىللىق تەييارلىق دەۋرى بار ئىدى. ئەمما، دانىش موللامدەك ئىماننى زەرگە ساتىدىغان مۇناپىقلارنىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن ئىش پاش بولۇپ قالغاچقا، قولقوشتۇرۇپ تۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتكەندىن كۆرە، »يېتىپ قالغىچە، ئېتىپ قال «نى تاللىغان زەيدىنقارى، مەغلۇبىيەتلىك بۇ تاللاشتا ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەتراپىدىكىلەر، دانىش موللام بىۋاسىتە بىلىدىغانلار بىلەنلا قارشىلىق كۆرسۈتۈپ شېھىت بولۇشقا قارار قىلغان، باشقا كۈچلەرنى يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈپ، ئىلاجى بار ساقلىنىپ قېلىشقا، كەلگۈسى ئىسيانلارنىڭ ئۇرۇقى بولۇشقا بۇيرىغان ئىدى.
مەخەتقارىلارنىڭ ئۆيى تۆۋەن ھويلا مەھەللىسىدە بولغاچقا يېزا مەركىزىگە يېقىن ئىدى. كۈندۈزى ئادەملەر ئارىسىدا ئۇچۇرلار شىۋىر-شىۋىر يەكۈزۈلۈپ تۇراتتى. خىتاي ساقچىلىرى مۇجاھىتلارنى قورشىۋالغان بولسا، كېيىن سىرتقى بىر ھالقا بىلەن مۇجاھىتلار خىتاي ساقچىلىرىنى قورشىۋالغان ئىدى. ئىچىدىكى مۇجاھىتلار قولدا ياسالغان بومبىلىرىنىڭ پىلىكىگە ئوت يېقىپ، تامدىن ئارتىلدۇرۇپ سىرتقا ئاتاتتى. »گۇم!« قىلغان ھەيۋەتلىك پارتلىغان ئاۋاز چىقاتتىيۇ، ئەمما ئۆلۈۋاتقان خىتايلارنىڭ »ئەييا- ئەييا«لىرى تۇيۇلمايتى؛ گۈمبۈرلەش ساداسى بىلەنلا بىر نەرسە ھۇشقۇيتۇپ ھاۋاغا ئۇچقانلىقى بىلىنەتتى.
مەخەتقارى ئۆزىنىڭ ئاشۇ قورشاۋدىكىلەر ئىچىدە بولمىغىنىغا، شۇلار بىلەن بىللە شېھىت بولمىغىنىغا ئىچى پۇشاتتى. ئەمما بۇ زەيدىنقارىنىڭ بۇيرۇقى ئىدى. ئۇنىڭ ھايات قېلىشىمۇ ئوخشاشلا موھىم ئىدى. ئەگەر ھايات قالالىسا،... بىرمۇنچە ئادەم تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن يېزىلىق ھۆكۈمەت ھويلىسىدا شېھىت بولغانىدى. بۇلارنىڭ شېھىت بولىشى ۋاقىت مەسىلىسى ئىدى. قاچانلا بولمىسۇن شېھىت بولىشى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئوق ئاللىقاچان يايدىن چىققان ئىدى.
ئۇلارنىڭ شېھىت بولۇشتىن بىر قورقۇنچىسى يوق ئىدى. چۈنكى زەيدىن قارىنىڭ تەبلىغلىرىدىن شۇنى بىلەتتىكى، مۆمىن ئەگەر جىھات قىلىپ ئۆلسە سوئال-سوراقسىز جەننەتكە كىرەتتى، مەڭگۈلۈك نىمەتلەردىن بەھرىمەن بولاتتى، ئۇ ئاللاھ نەزىرىدە شۇنچىلىك ئەتىۋارلىق بولاتتىكى، خالىغان كىشىلىرىدىن 70نى جەننەتكە ئېلىپ كىرىشكە ھوقۇقلۇق بولاتتى. شۇڭا ئۆلۈمنىڭ قورققىدەك نېمىسى بار؟ ئۆلسە تېخى ياخشى، ھايات قالسا تېخىمۇ كۆپ ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن تىرىشاتتى.
يېڭىدىن توي قىلىپ، ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرگىدەكمۇ بولماي ئىككى يىل ئۆتكەن، يەنە ئۇزۇن- ئۇزۇن شېرىن كۈنلەر ئالدىدا بولىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇلار بۇنىڭغىمۇ ئۆكۈنۈپ كەتمەيتى. پەقەت بىر تاللا ئوغلى بارىدى، ئەمدىلا تەم-تىم ماڭغان بۇ بودرۇق بوۋاقنىڭ نېمە بولىشى ئەندىشىگە سالاتتى. ئەمما دەرھاللا يەنە بۇنداق بىھۇدە پىكىرلەرنى ئۆزىدىن نېرى قىلىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى ياراتقان ئاللاھ بار، ئۇ ھەممىنىڭ ئىگىسى، ئۆلمىسە چوڭ بولۇپ قالىدۇ، ئۇلارمۇ شېھىتلەرنىڭ يىتىم قالغان بالىسى ئىدى، ئۆلمەي چوڭ بولدىغۇ؟ بىرەر مۆمىننىڭ كۆڭلىگە سالسا بېقىۋالار... ھەدىسلەردە: »بىر ئوبدان ئائىلىسى ۋە بالىلىرىنى تاشلاپ كېتىپتۇ، دېگەن پىتنىلەرگە قۇلاق سالماڭلار،... « دېيىلمىگەنمىدى؟
— بىردەم يامباشلىۋالاملا، مەخەتقارى؟ — سادىق ھەمراھىنىڭ پىچىرلىغاندەك ئۈندىشى بىلەن ئېسىگە كەلگەن مەخەتقارى، ئايالىنىڭ كۆڭلىگە قورقۇنۇچ سالماسلىق ئۈچۈن، ئۆزىنى خاتىرىجەم كۆرسۈتۈشكە تىرىشىپ:
— شۇنداق قىلماي، ئەمىسە، —دېدى، — ئۇخلايمىز، ئانىسى، ئۇخلىماي نېمە بوپتىكەن؟
ئەمما ئۇنىڭ غەشلىكى قورقۇنۇچتىن ئەمەس، بەلكى يېزا مەركىزىدىكى ئىشلارنىڭ ئويلىغاندەك بولمىشىدىن ئىدى. بۇ غەشلىكتە ئۇزۇن زامان پەرۋىش قىلغان بىر ئىشنىڭ ئاز قالغاندا بەرباد بولىشىدا پەيدا بولۇدۇغان ئىچى ئېچىشىش ھىسسى ياتاتتى؛ ھەممە ئىش جايىدا بولۇدۇغىنىغا ئىشىنىلگەن بىر ئىشنىڭ ئويلىمىغانلا بىر چاتاق بىلەن كۈتمىگەن نەتىجە بەرگىنىدە تۇغۇلۇدۇغان ئاچچىق بارىدى. مەخەتقارى ئايالى بىلەن كېچىلىرى ئۇخلىماي شورى قاينىتىپ ھازىرلىغان، كېيىن قەشقەردە مەشچىلەرگە قۇيدۇرۇپ كەلگەن چۆيۈن »قاپاق«لارغا قاچىلىغان ياكى كالتە-كالتە كېسىلگەن تۇربىلارغا قاچىلاپ، ئېغىزىغا ياغاچ قېقىپ ھازىرلانغان بومبىلىرىنىڭ پەقەتلا ئاۋاز چىقىرىشتىن باشقىغا يارىمىشى يۈرەكنى مۇجاتتى. ئۇلار مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، ئەسكەرلىك تەربىيىسى ئېلىشقا پۇرسىتى بولمىغان ساددا دىھقانلار تۇرسا، پوروخ بىلەن پارتىلىتىش قورالى ياسىسا بولمىشىنى، پوروخنىڭ پەقەت ئوق ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟ كاشكى بۇ مىللەتنىڭ بىلەرمەنلىرىدە ئاشۇنچىلىك جۈرئەت، ئاشۇنچىلىك روھ بولغان بولسا، ئۇلارغا قېتىلىپ، بىرەر ئىلمىي مەسلىھەت بەرگەن بولسىچۇ؟ پوروخنىڭ بوشلۇققا ئىنتىلىش خۇسۇسىيىتى بولىشىنى، شۇنداق ئىكەن، چۆيۈن قاپاقنى يېرىش ئەمەس، پەقەتلا ئاغزىغا قېقىلغان ياغاچنىلا ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن بولسا،...
مەخەتقارىنى غەش قىلىۋاتقىنى مانا شۇ ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە خىتاي جاللاتلىرىدىن بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈرۈش ھىسابىغا ئاندىن شېھىت بولماي، بىكاردىن –بىكارغا، بىھۇدە قۇربان بولۇش ئىدى. گەرچە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە كۆرە ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئەجرى كېمەيمىسىمۇ، يەنىلا كىشى قىلغان ئەجرىنىڭ بوشقا كېتىۋاتقىنىنى، جېنىنىڭ ئەرزان قۇربانلىق بولۇشىنى كۆرسە چىدىيالمايدىغان گەپكەن!
***
گۈلدۈرمامىلىق شىددەتلىك يامغۇر ھارپىسىدا ھاۋا دىمىقلىشىپ، بوشلۇقنى نېمىدۇر قاماللىۋالغاندەك بىلىنىدىغۇ، بۇ كېچە پەۋقۇلئاددە بىر غەۋغاغا ھامىلىدەك، پۈتۈن جانلىقلار، دەريالار، سايلار، شۈدىگەرلىكنىڭ چالمىسىدىن ياسالغان ئەسكى ئۆيلەرمۇ، پۈتۈن جىسمى مىڭ كۆز ۋە قۇلاق بولۇپ، نىمىنىدۇر كۈتۈۋاتقاندەك ئىدى.
يېڭىساردىن چىققان بىر قوشۇن ئاتۇشباغ كەنتىنى ئايلىنىپ، كۈسەن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گۈلباغ ۋە تاشمىلىق تەرەپتىن يېيىلىپ، جەنۇپ ۋە غەربىي جەنۇپتىن شىمالغا سىلجىماقتا ئىدى. ئوپال، بۆرىخىتاي تەرەپلەردىنمۇ قارا چۆمۈلىلەردەك قىمىلدىغان سانسىز ئەسكەرنىڭ شەپىسى كېلەتتى. ئەمما، ئۇلار ئۇزاقتا بولغاچ بارىندىكى سۈنئىي جىملىقنى بۇزالمايتى.
***
ئىككى كۈندىن بېرىكى پارتلاش ۋە ئېتىشما ئاۋازلىرىدىن كېيىن ئەتراپنى قاپلىغان قەۋرىستان جىملىقى كۈسەن ۋە گەز دەرياسى ئارىسىدىكى بۇ ۋادىنى قۇچىقىغا ئالغان ئىدى.. گەز دەرياسىنىڭ كەڭ يېيىقلىرىدا پاخپىيىپ ئۆسكەن يۇلغۇن ۋە بالغۇنلار ئارىسىدا ئوۋ قىلىشقا كۆنگەن مۈشۈكياپىلاقنىڭ ھوقۇلدىشىمۇ ئاڭلانمايتى. ئادەملەرنىڭ تۇيغۇسى بۇ جىملىققا ئىشىنەلمەيۋاتقان يەردە، تەبىئەتنىڭ بۇ تۇيغۇن جانۋىرى قانداقمۇ خاتىرىجەم بولالىسۇن؟ خۇددى كىشىلىك جەمىيىتىدە ياخشى ئىش قىلىپمۇ ياخشى بولالمايدىغان ئادەملەردەك، ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرىدىغان بۇ جانۋارنىڭ »شۇملۇقنىڭ سىمۋولى« دېيىلىپ، »ھۇقۇش« ئاتىلىشىمۇ ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان سانسىز ناھەقچىلىكلەردىن بىرى ئىدى. ئەگەر ئۇ راستىنلا شۇملۇقنىڭ سىمۋولى بولۇدۇغان بولسىدى، بۈگۈنكىدەك كېچىدە توختىماستىن ھۇۋلىغان بولاتتى. ئەمما بۇ تۇيغۇن مەخلۇق قان ھىدى ئېلىۋاتاتتى. ئىگىز كۆكتىن بېقىپ، كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغان ئاشۇ توپا چىراي، يالاڭاياق يېزا كىشىلىرىنىڭ پاجىئەسىنى ئالدىن سېزىۋاتقاندەك، يا كۈسەن دەرياسىنىڭ يوقۇرى تەرەپلىرىگە، چاتقال، زېرىقلارنىڭ ئارىسىغا، يا گەز دەرياسىنىڭ يوقۇرىسىدىكى تاغ ئارىلىرىغا كەتكەن، شۇ يەرلەردە بىرەر قىيانىڭ يېرىقلىرىدا ئولتۇرۇپ، جىم-جىت، تېنچ – ئاسايىش كۈنلەرنى ئارزۇلاۋاتقاندەك قىلاتتى. چۈنكى، ئېتىشمىلار قىزىيدىغان بولسا ئۇنىڭ ئوۋ ئوبېكتلىرى مۆكۈنۈۋالماي تۇراتتىمۇ؟
ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى بۇ ۋادا يېقىنقى يېرىم ئەسىر ئىچىدە قانچىلىغان جەڭگە-جىدەللەرگە سەھنە بولدى؛ قانچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ قەتلىئاملىرىغا شاھىت بولدى؛ مىليون يىللاردىن بېرى توختىماي ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيىگە قانمىغاندەك، ئەنە شۇ گۇناھسىزلارنىڭ قانلىرىنىمۇ جىممىدە ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتاتتى.
40-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوپال، تاشمىلىق، بارىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان »ئويتاغ ئىنقىلابى«نى باشتىن كەچۈرگەن بۇ تۇپراق، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئويۇنىغا قۇربان بولۇپ، مىڭلاپ شېھىت بەرگەنىدى. پۇتلىرى يالاڭاياق، چىرايىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرۇدۇغان بۇ كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئانا تۇپراقتەكلا پاك، ئاپتاپتا كۆيۈپ قىزغۇچ قارمتۇللاشقان بەدەنلەرنىڭ ئىچىدىكى تومۇرلاردا ئابىكەۋسەردەك ئېسىل قان ئېقىپ تۇرغاچقا، زاتىدىن قۇللۇقنى تەن ئالمايتى. مىڭلارنى قۇربان بېرەتتى-يۇ، ئۈستى- ئۈستىگە مەغلۇبىيەتلەر بىلەن نەتىجىلىنىپ تۇرۇدۇغان ئىسيانلىرىنى داۋام قىلىۋېرەتتى.
ئاشۇ يىللاردىكى شېھىتلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئاققان پاك قانلاردىن يەنە يېڭى مۇجاھىدلار تۆرەلگەن ئىدى. كوممۇنىست ئىستىلاسىنىڭ دەسلىۋىدە، ئۆزىمىزدىن بولغان مۇناپىقلارنىڭ »كوممۇنىزىم«نى سۈپەتلەشلىرىدىن سۈكۈتكە پاتقان بۇ يۇرتلار، ئانچە ئۆتمەيلا ئالدانغانلىقلىرىنى بىلىپ، 50 يىللارنىڭ باشلىرىدا يەنە بىر قېتىم ئىسيان تۇغى كۆتۈرۈشكەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا جاللات ۋاڭ جىننىڭ چىقارغان پەرمانىغا كۆرە بىر خىتاي ئەسكىرىنىڭ جېنى ئۈچۈن بەش ئەر كىشى ئۆلتۈرۈلەتتى. شۇنداق دېيىلگىنى بىلەن، ئۆلگەنلەرنىڭ ھىسابىنى ھىچكىم بىلمەيتى.
ئاللاھ يولىدا بېرىلگەن جاننىڭ، ئاققۇزغان قاننىڭ خاسىيىتى شۇ بولۇدۇكى، ھاياتلارنىڭ قانلىرى پاكلىنىدۇ. شېھىتلەرنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن 70 يېقىنىنى جەننەتكە باشلىشىغا مەرھىمەت قىلىشقا ۋەدە قىلغان ئاللاھ، ئاشۇ يېقىنلارنى جەننەتكە لايىق قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى پاكلىغاچقا، يېڭى مۇجاھىتلار مەيدانغا كەلدى.
60 –يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ يۇرتنىڭ ئەركەكلىرى يەنە بىر قېتىم ئارا-كۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىسيان ئەتتى! ئاخىرى ئۈزۈلمىگەن يالغان ۋەدىلەر بىلەن بىللە ئاخىرى ئۈزۈلمىگەن زۇلۇمغا »تۇر!« دەپ ۋاقىراش ئۈچۈن، قۇرۇق قولى بىلەن مىلتىققا قارشى چىقىشقان ئىدى. ئۇلار ئاقتۇ ناھىيە بازىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ، قوراللىق بۆلۈم ئامبارلىرىدىن قوراللارنى تالاشقا، ئاندىن قوراللىنىپ، ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىشقا، تاجاۋۇزچى خىتايلارغا زەربە بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى جاكارلاشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئەنە شۇ چاغدىمۇ، خىتاي جاللاتلىرى دەرۋازىۋەن ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە پىلىمۇت قۇرىۋېلىپ، بۇ يالاڭتۆش دىھقانلارنى قارا-قويۇقلا ئوققا تۇتقان ئىدى. تۇپراق يەنە بىر قېتىم شېھىت قېنى بىلەن بويۇلۇپ، قىممىتى ئاشقان، شېھىت ئائىلىلىرى ۋە تىرىك قالغان غازىلارنىڭ قەلبىگە مىللىي نەپرەت تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىدى.
مەخەتقارىنىڭ دادىسى مانا شۇ قېتىمقى يۈزلىگەن شېھىتنىڭ بىرى ئىدى.
***
مانا شۇ زۇلمەتلىك كېچىدە بارىننىڭ مەركىزىنى نىشانلاپ ئوغرىلاردەك تىمسىقىلاپ كېتىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى بارىن يېزىسىنىڭ چېگرىسىغا بارغانلىرىدا توختاشتى. ھۇجۇم مومېنتلىرى كۈتۈلەتتى.
ئەسكەرلەرنىڭ ئىچىدە خېنەننىڭ مەلۇم نامرات يېزىسىدىن كېلىپ، بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بېرى دالا ئارمىيە گازارمىسى (36 مىڭ قانچىنچى قىسىم) ئىچىدە ئاق موما يەپ ياتقان جاڭ جۈنتاۋ دېگەن ئەسكەرمۇ بار ئىدى. ئۇ ئەسلىدە نامرات يېزىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرەر يولى بولۇپ قالار ھىچ بولمىغاندا ئۈچ يىل بىكارلىق موما يېۋالغىنىم قالار دېگەن ئۈمىتتە ئەسكەر بولغان ئىدى. بايراق جايلاردىن كەلگەن ئەسكەرلەر بۇنداق نامرات يېزىدىن كەلگەنلەرنى ياراتمايتى. شۇڭا قوشۇن ئىچىدە ئۇنىڭ تۈزۈكرەك دوستلىرىمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇنىڭ بىردىن بىر يېقىنى شياۋ جۇ ئىدى. ئۇ جاڭ جۈنتاۋدەك ساددا يېزىلىق مىجەز ئەمەس، تىپىك خىتاي خاراكتېرىدىكى بىرى بولۇپ، بەك ھىلىگەر، پۇرسەتپەرەست، ئۆزىنى كۆرسۈتۈشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان، دائىم ئۆسۈشنى، ئەمەلدار بولۇشنىلا ئويلايدىغان بىرى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ جاڭ جۈنتاۋنى نېمىشكە ياقتۇرۇپ قالدىكىن، ئۇنىڭغا خېلى ئىچەكىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بەلكىم ئۇ بۇ ساددا خىتايدىن بەزى چاغلاردا قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشنى ئويلىغاندۇر. خىتاي دېگەننىڭ ھىلىسى تولا نېمە، بىلىپ بولمايتى. شىياۋجۇ بىر يىل ئىچىدىلا مۇئاۋىن ئۇنبېشى بولغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئىچكىي پىلانلىرىدىكى بىرىنچى قەدەم بولۇشى كېرەك.
جاڭ جۈنتاۋلارنىڭ قىسىمى بارىن يېزىسى ئەتراپىغا يۆتكەپ كېلىنگەندە، ئۇلارغا پەقەت »جىددىي ۋەزىپە بار، تېز يىغىلىڭلار!« دېيىلگەن ئىدى. ئۇ كۆڭلىنىڭ يېقىنلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش نىيىتىدە شىياۋجۇدىن پىچىرلاپ سورىدى:
— نىمىشلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ بۇ تېنچ يەرلەردە نېمىمۇ بولاردى، دەيمەن.
— بەلكىم باردۇر، ياكى مانىۋېر بولۇشىمۇ مۈمكىن، ئۆزەڭگە پۇختا بول، خىزمەت كۆرسۈتۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى. ئەگەر مەن ئونبېشى بولۇپ قالسام مۇئاۋىنلىققا سېنى كۆرسۈتۈمەن؛ سەندىن چاتاق چىقسا ماڭىمۇ گەپ كېلىدۇ، چۈنكى سەن دېگەن مېنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىمدا، — دېدى شىياۋجۇ ئۇستىلىق بىلەن ئۆزىنى ئوخشۇتۇپ، — بەلكىم، — دېدى شىياۋجۇ ئۆزىنىڭ ھەممىدىن خەۋەردار ئەرباپلىقىنى كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن، — ماۋۇ ئايلامباش ئۇيغۇر خەق بەك يامان، چاتاق چىقارغان بولسا بەلكىم شۇلارنى تىنچىتقىلى بارامدۇق تېخى.
مانا ئەمدى ئۇلار بىر مەنزىلگە كېلىپ چىپپىدە توختىغانلىرىدا، نېمىشلىقىنى ئاڭقىرالماي تۇرغانلارغا كوماندىرلار يۈزلۈك بىرلىكلەر بويىچە ۋەزىپە ھەققىدە ئېنىقراق ئىزاھات بېرىدىغان ۋاقىت بولغانىدى.
شىياۋجاڭ ۋە شىياۋجۇلارنىڭ يۈز بېشىسى سەپنىڭ ئالدىغا چىقتى:
— ئالدىمىزدىكى يېزىدا ئىنتايىن خەتەرلىك دۈشمەن بار، ھىلىگەرلىكتە ئۇچىغا چىققان. شۇڭا بېسىپ كىرگەندە ئەر ـ ئايال، ياش ـ قېرى دەپ ئايرىپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ رەھىمدىللىك قىلغۇچىلار دەرھال ئېتىپ تاشلىنىدۇ. جەسەتلەر ئارىسىدا ساق قالغانلار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەستايىدىل تەكشۈرۈش كېرەك. ئەگەر بىرەرسى ساق قالسا پىتنە تارقىتىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ياكى چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ كەتسە، بۇ يەردە بولغانلارنى چەتئەل جاھانگىرلىرىغا سۆزلەپ بېرىپ، جاھانگىرلارنىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى تەشۋىقاتى ئۈچۈن دەسمى تېپىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىرمۇ جاننىڭ ساق قېلىشىغا بولمايدۇ. كوماندىرلار مەسئۇل بولۇپ مەيداننى تەكشۈرىدۇ ۋە رەھىمدىللىك قىلىپ بىرەر جاننى ساق قالدۇرغانلار بولسا قاتتىق جازالىنىدۇ. بۇ ھەركەت جەريانىدا ئاتقان ئوقنىڭ، ئۆلتۈرۈلگەن جاننىڭ ھېسابى قىلىنمايدۇ. ئوقنى سىلەرگە ئېتىش ئۈچۈن بېرىۋاتىمىز، يېيىش ئۈچۈن ئەمەس!...[②]
جاڭ جۈنتاۋنىڭ ۋۇجۇدى شۇررىدە قىلىپ كەتتى. ئۇ يەنىلا ئىشىنەلمەيتى. بۇ ئوتتۇرۇلۇقتىكى بىر يېزىغا نەدىن كېلىپ قالغان مۇنچە دۈشمەن؟ يا بۇ چېگرا بويى بولمىسا؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يېزىلاردىكى ئۆيلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا, بولسا باردۇر 10 مىڭ نوپۇس؛ ئەمما خىل قوراللانغان يۈزمىڭ كىشىلىك بىر قوشۇن بىلەن باستۇرۇپ بېرىشىمىزدىن قارىغاندا ھەقىقەتەنمۇ خەتەرلىك دۈشمەنمۇ نېمە؟ جاھانگىرلار تەرىپىدىن زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇلغان، ئۈستۈن ھەربىي سەۋىيەدىكى بىر قوشۇن بارمۇ تېخى! ۋاي تەڭرىم، ساق-سالامەت چىقالارمەنمىكىنە!؟
ئۇلار ھەر بىر قارىيىپ كۆرۈنگەن نەرسىگە قورال بەتلەپ يېزا ئۆيلىرىگە يېقىنلاپ كېتىۋاتقاندا، جاڭ جۈنتاۋ يەنە بىر پۇرسەت تېپىپ، شىياۋجۇدىن سورىدى:
— قانداق بىر ئىشتەك قىلىدۇ؟ مانىۋىرمىكەن؟
— ياق، پەرىزىم توغرىكەن، ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئايلامباشلار چاتاق چىقىرىپتۇ. ھەقىقىي جەڭ بولۇدۇ، بىزگە ياخشى پۇرسەت، دېگىنىمدەك قىل،...
— بۇ كېتىشىمىزدىن قارىغاندا ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ بەك ياماندەك قىلامدۇ، نېمە؟ ساق قالامدۇق يوق، شۇنى بى دېگىنە...
— ۋاي ئەخمەق، ئۇلاردا نېمە كۈچ بولاتتى؟ بولسا بېرى شۇ بىرنەچچە تال قورالى باردۇر، ساقچىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ ئېلىۋاپتىكەن. ئۇندىن باشقا قولدا ياسالغان بومبىلىرى بارىمىش، ھاھا...
— ئەمىسە نىمانچىلا جىق قوشۇن بىلەن بۇ قەدەر ھەيۋەت بىلەن يۈرۈمەك؟
— ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق سۈر كۆرسەتمەي بولمايدۇ!بولدى، ئەمدى ئۈنۈڭنى ئۆچەر، ئالدىڭغا قارا، ھەر بىر ئۆينى بىر دۈشمەن قەلئەسى بىل!
جاڭ جۈنتاۋ ھەم قورقاتتى، ھەم ھاياجانلىناتتى. قورقۇشى خىتاي بولغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئىي ئىچىدىن كېلىۋاتقان تۇغما سەزگۈ ئىدى؛ ھاياجىنى مەكتەپ دەرسلىكلىرى، جەمىيەتتىكى تەشۋىقات ۋە ئەسكەرلىكتىكى ئىدىيىۋىي قۇرۇلۇشلار نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، خەلق قەھرىمانى بولۇش، دوڭ سۇنرۇي، خۇاڭ جىژگۇاڭلاردەك ئۈلگە تىكلەش ئىستىكىنىڭ تېشىغا تېپىشى ئىدى. خەلقنىڭ بەخت-سائادەتلىك ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن مىڭ ئۆلۈشكە رازى بولۇش ھەققىدە ئۆگۈتۈلگەن ياكى شۇنىڭغا ۋەدە ئېلىنغان ئىدى.
ئۇ ئۇرۇش كىنولىرىنى ئەسلەپ ئۆزىنى شۇلاردىكى قەھرىمان ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىگە سېلىشتۇراتتى ۋە چوقۇم شۇلاردەك خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلىشقا ئۆز-ئۆزىگە رىغبەت بېرەتتى. خەلق دۈشمەنلىرىگە رەھىمسىز بولۇش، خەلق مەنپەتىگە، ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە دەخلى تەرۇز قىلغان بۇ ئىسيانچىلارغا يۇمشاق بولماسلىققا ئۆز-ئۆزىنى ئاگاھلاندۇراتتى.
قىسىمنىڭ رەسمىي ھوجۇمغا ئۆتۈشى بىلەنلا قەيەردىدۇر يەرنىڭ تېگىدىن كېلىۋاتقاندەك ماتۇر ئاۋازى كېلىشكە باشلىدى. بۇ يا تانكىنىڭ ماتۇرى ياكى تىك ئۇچار ئايروپلانلارنىڭ ماتۇر ئاۋازى بولۇشى مۈمكىن ئىدى.
ئارقىدىن تۇنجى ئوقلارمۇ ئېتىلىشقا باشلىدى. كېچىنىڭ سۈرلۈك جىملىقى تۇيۇقسىزلا بۇزۇلغان ئاشۇ بىرىنچى دەقىقىدە شۇنداق بولۇشىنى بىلىدىغان تۇرۇپمۇ بۇ ياقتىكى خىتاي ئەسكەرلىرى چۆچۈپ كېتىشتى ۋە يۈرەكلىرى شىددەت بىلەن سالغىلى تۇردى.
»ۋاي توۋا، كىملەر بىلەن توقۇنۇشتىكىنە؟ ئەڭ ئاۋالقى ئۆلۈم كىملەرنىڭ بېشىغا كەلدىكىنە؟« دېگەن خىياللارنى قىلىشتىن ئۆزىنى تۇتالمىغان جاڭ جۈنتاۋ، ئۆلۈم قورقۇنچىسىدا باياتىنقى ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىغان خەلق قەھرىمانى بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ تىترەشكە باشلىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ياقتا ئادەم قارىسىدەك كۆرۈنۈپ كەتكەن بىر نەرسىگە ئىختىيارسىز ھالدا بىر تالاي ئوق ئۈزۈپ، قولىدىكى قورالنىڭ ئەمەلىي مەۋجۇتلۇقۇنى ھىس قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىگە مەدەت بەرمەكچى بولدى.
ئۇنىڭ تەرىپىدە ئۇزاق بولمىغان ئارىلىقتا كېتىۋاتقان شىياۋجۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاپ:
— بىرەر ئادەم كۆرگەنمىدىڭ؟ نىم بولدى؟ — دەپ سورىدى. ئۇنىڭ ئۆز كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋەل دۈشمەن ئۆلتۈرگەن بولۇشىنى كۆرۈش ئارزۇسى بار ئىدى.
— بىلمەيمەن، ئادەمگە ئوخشاپ كەتتى....
— شۇ تەرەپكە يېقىنلاش، دىققەتلىك بول، ئوقنى ئايىما، چالا بولۇپ قېلىپ سېنى ئېتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن جىقراق ئوق ئېتىپ ئاندىن يېقىنلاش، — دېدى مۇئاۋىن ئونبېشى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ.
جاڭ جۈنتاۋنىڭ جەنۇبىي سەپتە تۇنجى ئوقنى ئېتىشى بىلەن جاسارەتلەنگەن جۈرئەتسىز خىتاي لەشكەرلىرى ھەر كۆرۈنگەن قارىغا ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. نورمالدا ئوقنىڭ ھىسابى قاتتىق تۇتۇلاتتى. ئۈچ يىل ئەسكەرلىك جەريانىدا ئۈچ ياكى بەش قېتىم رەسمىي ئېتىش مەشقى بولاتتى. بەزىدە ئۈچتالدىن، بەزىدە بەش تالدىن ئوق بېرىلەتتى. ئوق ئېتىش ھەركىم ئۈچۈن جەلپكار بىر مەشغۇلات بولغانلىقى ئۈچۈن ھىچكىم خۇماردىن چىقمايتى. سورىقى يوق ئوق بولسا راسا ئېتىش ئارزۇسى ھەر ئەسكەردىلا ئەمەس، قورالغا ئۆگەنگەن ھەر ئەركەكتە كۈچلۈك بولاتتى.
شۇنداق ئىكەن ئەمدى ھىسابى قىلىنمايدىغان ئوق، سورىقى يوق جاھان بولسا كىممۇ ئاتمىسۇن؟ كوممۇنىستلارنىڭ ھىچ سۆزى راست چىقمايدىغانغا كۆنۈپ قېلىشقاچقا، تاكى يېنىدىكىلەردىن بىرىنچى ئوقنى ئاتمىغۇچە يەنىلا كۆڭۈل توختىتالمىغاندەك بىر خىل روھىي ھالەت ھۆكۈمران ئىدى. ئەمدى كۆنۈۋېلىشتى. ئېتىش شاتلىقىدىن مەست بولۇشقان خىتايلارنىڭ ياغدۇرغان ئوقلىرىنىڭ زىچلىقىدىن بەزىدە دەرەخ شاخلىرى ئۇشتۇلۇپ، قارسىلداپ چۈشەتتى. دەرەخ غوللىرىدا ساناقسىز ئوق ئىزلىرى قالماقتا ئىدى.
نامرات يېزىدىن كەلگەن جاڭ جۈنتاۋ نابۇت بولۇۋاتقان دەل – دەرەخلەرگە قاراپ، ئەخمىقانە ھالدا كۆڭلىدىن شۇنداق كەچۈردى: »ئەگەر بۇ دەرەخلەردىن تاۋۇت ياسىماقچى بولسا ئىچىدە قالغان سانسىزلىغان مىتال پارچىلىرىغا پۇتلۇشۇپ، بىچارە ياغاچچىنىڭ تىغى كېرەكتىن چىقىدۇ-دە!« ئەسلىدە ئۇنىڭ يېزىسىدا قېرى خىتايلارنىڭ قايغۇسى تاۋۇت ھازىرلاشتا بولۇپ، ياغاچ بەك قىممەت، بەك قىس بولغاچقا، تاۋۇتىنى ھازىرلاپ قويالىغان قېرى خىتاي، بەختلىك خىتاي ھىساپلىناتتى. بۇ ئىش ئۇنىڭ بوۋىسى ئۆلۈدىغان چاغدا ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەچكە، ياغاچنىڭ قىممەتلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.
ئارقىدىن زىچ ئېتىلغان ئۈلگۈجە ئوقلار دەستىدىن بەزى ئاران تۇرغان ئەسكى تاملار »گۈلدۈر-غالاپ« قىلىپ يىقىلىشقا باشلىدى. ئوق تەككەن ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە جېنى چىڭراق بولغان كالا-بۇقىلارنىڭ ئېچىنىشلىق بۆقىرەشلىرى ئومۇمىي غەۋغا، قىقاس-سۈرەنلەرگە قوشۇلۇپ كەتتى. تېمى ئۆرۈلگەن كاتەكلەردىن ئۇچۇپ چىققان توخۇلار ئەنسىز ۋاقىلداپ، يېرىم ئۇچۇپ، يېرىم پالاقلاپ جان ھەلەكچىلىكىگە چۈشكەندە، بۇ ئەمدى يۈرەكلىرى بىرئاز توختىغان خىتاي ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئويۇن بولۇپ بەردى. ئۇلار قاراڭغۇلۇقتا بىر كۆرۈنۈپ، بىر كۆرۈنمەي قالىدىغان بۇ كىچىك جانۋارنى سوقۇۋېلىش بويىچە ئۈنسىز مۇسابىقە باشلىغاندەك بىر كەيپىيات بارلىققا كەلدى. بۇنچە ئەسكەرنىڭ بەس-بەستە ئاتقان ئوقلىرىدا ئۆلمەي ساق قۇتۇلۇش مۈمكىنمىدى؟
تۇنجى ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىشلەر، ئادەمگە قارىتىپ ئېتىشلارمۇ جاڭ جۈنتاۋنىڭ يېنىدىكىلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئومۇمىي شاۋقۇنغا ئەمدى بالىلارنىڭ چىرقىراشلىرى، ئاياللارنىڭ ئاھ-زارى، ئەركەكلەرنىڭ ھەسرەتلىك نىداسى قوشۇلۇلغىلى تۇردى!
تۇنجى قېتىم ئوققا تۇتۇلۇپ، تاملىرى ھەرە كۆنۈكىدەك قىلىۋېتىلگەن ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەردە ئۆلمەي چالا قالغان دۈشمەن بارمۇ يوق، تىنتىش باشلاندى. بىر – بىرلەپ سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزگەندەك تەكشۈرۈش كېرەك ئىدى. بولمىسا بىرەرسى تىرىك قالسا، چەتئەلگە قېچىپ چىقىۋالسا بەختىيار سوتسيالىستىك جەمىيەتكە قارا سۇۋايدىغان تەشۋىقاتلار ئۈچۈن شاھىت بولۇشاتتى.
جاڭ جۈنتاۋ بىر ئۆينىڭ مىڭلارچە ئوق تەككەنلىكتىن ئۈلگۈجىكىدىن ئاجرىلىپ، ئۆرۈلەيلا دەپ قالغان ئىشىكىنى قاتتىق تېپىپ ئېچىپ، ئۆيگە بىر دىسكا ئوقنى يەلپۈگۈچ شەكىللىك ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆتكۈر نۇرلۇق قول چىرىغىنى كىلاشىنكوفنىڭ سىتۋولى بىلەن پاراللېل تۇتقان ھالدا سانتىمۇ-سانتى كۈزىتىشكە باشلىدى.
سۇپىدا يالاڭ تامبال كىيگەن ئۈستى ئوچۇق، ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر دىھقىنى قانغا مىلىنىپ ياتاتتى. ئۇنىڭ قولىدا قورال بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆزىگە بىرەرسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى كۈتكەن ھازىرلىقتىكى بىرىدەكمۇ قىلمايتى. ئەكسىچە ئۈستىنى سېلىۋېتىپ، يېرىم يالىڭاچ ئۇخلاۋاتقانلىقى، تالادىكى تۇنجى سادالاردىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ، قاراپ بېقىش ئۈچۈن ئۇخلاۋاتقان ئىچكىرىكى ئۆيدىن دالان ئۆيگە چىقىشىغىلا ئوق تېگىپ سۇپىغا يىقىلغانلىقى ئېنىق بىلىنەتتى. ئوق تېگىپمۇ ئاز دېگەندە ئوتتۇز پاي ئوق تەككەندەك قىلاتتى. ئالدى تەرىپى تامامەن تىتىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئىچكىي ئەزالىرىنىڭمۇ پارچە-پارچە بولۇپ، ئەتراپقا چاچراپ كەتكىنىنى بىلگىلى بولاتتى.
جاڭ جۈنتاۋ شۇنچە قىزىققان، قورقۇپ تۇرىۋاتسىمۇ قىزىقىشى گاھى-گاھى ئۈستۈن كېلىپ بىلىپ باققىسى كەلگەن دۈشمەن مۇشۇ بولغىيمىدى؟ ياكى بۇنىسى دۈشمەنلەر مەجبۇرىي تۈردە ئىشىكىنى ئېچىشقا زورلاپ كىرىۋالغان مۇشۇ ئۆينىڭ بىگۇناھ ئىگىسىمىدى؟ ئۇنداقتا بۇ ئۆي ئىگىسىنى قورال كۈچى بىلەن زورلاپ، باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ ئۆينى ئۆزىگە دالدى قىلىۋالغان دۈشمەن نەدە؟
ئىككى تەرەپتە ئىككى ئىشىك كۆرۈنەتتى. بۇ ئۆيلەر تىپىك جەنۇپ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆي پىچىمى بولۇپ، تالادىن دالان ئۆيگە كىرىلەتتى. ئاندىن ئۇنىڭدىن ئىككى تەرەپتىكى ئىككى ئۆيگە كىرىلەتتى. بۇلاردىن بىرى مىھمانخانا دېيىلىپ، قولىدا بارلار بىرئاز ياخشىراق ياساپ قويۇدىغان ئۆي، يەنە بىر تەرەپتىكىسى ئاشخانا دېيىلىدىغان ئۆي، ئۇنىسى بارلىق كۈندىلىك پائالىيەتلەرنىڭ بولۇدۇغان يېرى ئىدى. ھەم تاماق ئېتىش، تاماق يېيىش، ھەتتا ئۆيدىكى ئاساسلىق بولمىغان ئەزالار ياتىدىغانغىچە. ئەگەر ئۆيدە ئاتا-ئانا (قېرىلار) بولسا مىھمانخانا ئۆيدە، ئوغۇل-كېلىن ئاشخانا ئۆيدە يېتىشاتتى. قىش كۈنلىرى ھەممە ئۆيگە ئوت يېقىپ ئىسسىتىشقا چامى بولمىغاچقا ھەممەيلەن بىر ئۆيكە قاپلىشىپ ياتاتتى. ياز ئايلىرىدا ھويلىدا، ئۆگزىدە يېتىشقىمۇ بولاتتى.
جاڭ جۈنتاۋ دۈشمەننى ئىككى تەرەپتىكى ئۆيدە دەپ پەرەز قىلدى. شۇغىنىسى ھىچ تاۋۇش، تىرىك جان بارلىقىنى دەلىللەيدىغان سادا يوق ئىدى. بەلكىم ئۆلگەندۇر، بۇنچە ئوقتا ساق قالسا مۇكەممەل بىر مۆجىزە بولمامدۇ، دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈرگەچ، شۇندىمۇ ئىھتىيات بىلەن قورالىنى بەتلەپ، چىرىقىنى قورالىنىڭ ستۋولى بىلەن پاراللېل تۇتۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى ئۆينىڭ ئىشىكىدىن شىددەتلىك تېز ھەركەت بىلەن كىرىپ، چاققانلىق بىلەن ھەممە ئەتراپنى يەلپۈگۈچ شەكىللىك كۈزۈتۈپ چىقتى. ئاندىن قارشىلىقنىڭ يوقلۇقىغا كۆزى يېتىپ، ئالدىرىمايراق، قايتىدىن تەپسىلىي تەكشۈردى. كۆردىكى، بۇ ئۆيدىمۇ ئۇلارغا تەسۋىرلەپ بېرىلگەن دۈشمەن يوق، ئەكسىچە بەش-ئالتە ياشلاردىكى نەۋرىسىنى باغرىغا بېسىۋالغان بىر موماي قان ئىچىدە ياتاتتى. موماي ئۆز تېنى بىلەن نەۋرىسىنى قوغداشقا تىرىشىپ، ئۇنى دالدى قىلىپ تۇرىۋالغىنى بىلىنەتتى. لېكىن نورمىسىز ئېتىلغان ئوقلار ئۇنىڭ ۋىجىك تېنىنى تىتما-تالاڭ قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلىرى كىچىك قىزنىڭ بېشىنىڭ يېرىمىنى ئۇچۇرىۋەتكەن، مېڭىسىنىڭ قېتىقى يۈزى تەرەپكە ئېقىپ چۈشكەن ئىدى!
جاڭ جۈنتاۋ كۆڭلىنىڭ ئېلىشقىنىدىن بىرنەچچە قېتىم قۇرۇق قەي قىلىپ، بېشى پىررىدە قېيىپ، تامغا يۆلۈنۈۋالدى. بۇ مەنزىرىگە تەكرار قاراشقا رەغدىمۇ، جۈرئىتىمۇ يوق ئىدى. مەسلەردەك كالامپاي دەسسەپ، سەندىرەكلىگەنچە دالان ئۆيگە قايتىپ چىقتى. ئۇ ياقتىكى ئۆيدىمۇ مانا شۇنداق »خەتەرلىك دۈشمەن« بولۇش ئىھتىمالى ئېنىق تۇراتتى. شۇنداق بولسىمۇ بۇ بىر ئۇرۇش ئىدى، كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ ياقتىكىسىدە راستىنلا بىرنەچچە دۈشمەن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسا، ئارقامغا بۇرۇلۇشۇمغىلا بېشىمنى ئۇچۇرىۋەتسە،...
شۇلارنى ئويلاپ تېنى شۈركۈنۈپ كەتكەن جاڭ خىتاي يەنىلا چىداپ، بۇ ئۆيگىمۇ قارىۋېتىشكە قارار قىلدى. ئەمما ئۇنىڭدا ھازىر ھايات قورقۇنچى تۈگىگەندەك، ئەقلى قېتىپ قالغاندەك قىلاتتى. شۇڭا ئۇ قەدەر جىددىي پوزىتسىيىدە بولۇپ كەتمەستىن ئېرەڭسىمەيرەك كىردى. قورالىمۇ بەك جىددىي بەتلەكلىك ھالدا ئەمەس، يېرىم چۈشۈرۈلگەن ھالدا ئىدى. نېمە قىلىۋاتقىنىنى بەزەن ئاڭقىرىپ، بەزەن يەنە غەلىتە ئەقلىي تۇمان ئىچىدە يۈتتۈرۈپ قويىۋاتقاندەك قىلاتتى. قورالنى جىددىيەت بىلەن بەتلىمىدى-يۇ، قول چىرىقىنى بەكمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئەتراپقا تۇتتى.
ئۇنىڭ كۆرگىنى بۆشۈك ئۈستىگە ئارتىلغانچە ئۆلۈپ قالغان بىر ئانا ئىدى. ئۆينىڭ دەرىزىلىرىدىن ئوقلار ئۇچۇپ كىرىشكە باشلىغان ھامان، بۇ ئانا، ئانىلارغا بېغىشلانغان ئاشۇ چەكسىز پەرزەنت سۆيگۈسىدىن، ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، بالىسىنى قۇتقۇزۇش پىكرىگە كەلگىنى ۋە تېنى بىلەن بۆشۈكنى دالدا قىلىپ تۇرغاندا شېھىت بولغىنى بىر قاراشتىلا بىلىنىپ تۇراتتى. كاشكى ئۇنىڭ ئاشۇ پىداكارلىقىغا تەسىرلىنىپ بولسىمۇ، تەقدىر ئۇنىڭ بالىسىنى ئامان قالدۇرغان بولسىچۇ؟ بىر تەرىپى تىتىلىپ كەتكەن بۆشۈكنىڭ ئولتۇرۇپ قالغىنىغا قاراپلا بالىنىڭ ئانىسىدىنمۇ بالدۇر ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئۇلاشقىنىنى جەزم قىلغىلى بولاتتى.
جاڭ جۈنتاۋ بۇھالنى، بۇ »دۈشمەنلەر«نى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ رېئاللىقتا ياشاۋاتقىنى ياكى چۈش كۆرۈۋاتقىنىنى پەرق قىلالماي قالدى. بۇ بولىۋاتقان ئىشلار ھىچ مۈمكىنسىز ئىشلار ئىدى. »خەلقنىڭ پارتىيىسى« بولغان كوممۇنىستلار، خەلقنىڭ قۇتقازغۇچىسى بولغان كوممۇنىستلار، خەلقنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۆزلىرىنىڭ غايىسى قىلغان كوممۇنىستلار بۇنداق قىلمايتى. شۇڭا بۇنى رېئاللىق دېيەلەمدۇ؟ بۇ چوقۇم قورقۇنۇچلۇق چۈش ئىدى. ئۇنىڭ ئالغان تەربىيىسىگە كۆرە پەقەت ياپون ئالۋاستىلىرى، جاھانگىرلارلا ئەنە شۇنداق ۋەھشىي ئىدى، ئەنە شۇلارلا ئەر-ئايال، قېرى - ياش، ھايۋان ياكى ئادەم دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي قىرغىن قىلاتتى. بۇنى قانداقمۇ »ئازاتلىق ئارمىيە« دەپ ئاتىلىدىغان خەلق ئەسكەرلىرى قىلسۇن؟ بۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى....
ئۇ ئۆيدىن چىقىپلا ھويلىدا تامغا يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ماجالى كەتكەن، بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرۈشكە ئەمدى تاقىتى يوق، ئەگەر يەنە مۇشۇنداق مەنزىرىنى كۆرسە ئېلىشىپ قالىدىغاندەكلا ئىدى....
***
تۆۋەن ھويلا مەركەزدە بولغاچقا ئەڭ سىرتتىكى قورشاۋ ھالقىسىدا باشلانغان ئېتىشما ئاۋازلىرى خۇددى تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى. ئەمما ئۇيقۇدىن ياكى غەم ئىچىدە ئۇخلىيالمىغانلار مۈگدەشلىرىدىن چۆچۈپ باش كۆتۈرگەنلىرىدە ئۇنچىلىك يىراقتىن ئېتىلغاندەك ئاڭلانمىدى.
مەخەتقارى ئايالى بىلەن يا گەپلىشەلمىدى، يا ئۇخلىيالمىدى. ھەر ئىككىسى بۇنداق تاتسىز مىنۇتلاردا مىلىكە بولۇشقا ئاللاھ بەرگەن بۇدرۇق ئوغلى خالىد بىلەنلا ھەپىلىشىپ يېتىشتى. سۆزلەشكۈدەك نېمە بار دەيسىز. بۇ شۇنداق مىنۇتلارىدىكى، نېمە دەرىڭنى بىلمەيسەن. لەتىپە ئېيتىشاتتىمۇ؟ چاخچاقلىشاتتىمۇ؟ ئوينىشاتتىمۇ؟ ھەر ئىككىسى زىكرى تەسبىھ ئېيتىشنى ئەۋزەل كۆرگەندەك، بالىسىنى پەپىلىگەچ، ئېغىزلىرى شىۋىر-شىۋىر پىچىرلايتى.
ئۇلار ئويغاق بولغاچقا تۇنجى ئوق ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدىلا ئاڭلانغاندەك بولدى. بۇ بىرتال ئوقنىڭ ئەمەس، ئۈلگۈجە ئېتىلغان ئوقلارنىڭ ئاۋازى بولغاچقا، يۈرەكلەرنى شۈركەندۈرىۋەتتى. مەخەتقارىنىڭ كۆڭلى دەرھال ئېغىر بىر مۇسىبەتنى تۇيغاندەك بولۇپ، يۈرىكى گۈپۈلدەپ ئۇرۇشقا باشلىدى. ئوق ئاۋازى يېزا مەركىزىدىن ئەمەس، سىرتىدىن ئاڭلاندى. بۇ دېمەك، سىرىتتىن يېزىغا قاراپ زور بىر قوشۇن كېلىۋاتقانلىقىدىن دالالەت ئىدى. ئۇ ئەمدىلا ئاخشامدىن بېرىقى جىملىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندى ۋە ئىختىيارىدىن تاشقىرى دەھشەت بېسىپ كەتتى. ئەسلىدە خىتايلار زور كۈچ ئىشلىتىپ قىلىدىغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن، يېزا مەركىزىنى قورشىۋالغان ساقچىلىرىنى چېكىندۈرىۋەتكەن، قارشى تەرەپتە ھەركەت بولمىغاچقا مۇجاھىتلارمۇ بىكاردىن ئوق ئېتىپ يۈرمىگەن! جىملىقنىڭ سەۋەبى مانا بۇ ئىكەن ئەمەسمۇ!
بۇ قېتىمقىسى ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەسلىكى مانا مەن دەپ تۇراتتى. خىتاي ئۇنداق مۆكۈشمەك ئويناشنى ئۇزاققا سوزمايتى. مىڭ پاتمان ئېغىرلىق بىلەن بىرلا بېسىپ، مىجىقىنى چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلىنى ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتقىنى ئېنىق ئىدى. ئەمدى بۇ قۇربانلىقنىڭ چېكى زادى قانداق بولار؟ مانا شۇنداق ئولتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتمەكتىنمۇ تەس ئىش يوق. ۋاقىتنىڭ ئاستىلىقى، گويا ئۆمۈر كېتىۋاتقاندەك. بالىنىڭ قەغىش قىلىپ ئۇخلىمىشى،... ئەر-خوتۇن ئارىسىدا خۇددى ئۇرۇشۇپ قالغاندەك گەپنىڭ قولاشمىشى،... بۇنىڭدىنمۇ ئېغىرراقى بولماس. كاشكى شۇ بولۇدۇغان ئىش بولۇپلا كەتسە، بىراقلا قۇتۇلسام دېگۈسى كېلەتتى.
مانا شۇنداق يۈرەكنى سىققۇچى كەيپىيات ئىچىدىكى كۈتۈشتە قانچىلىك ۋاقتى ئۆتتىكىن؟ بەلكىم تاڭ سەھەر بولۇپ قالغاندۇر، نېمىلىكى بولمىسۇن، مەخەتقارى ناماز ئوقۇش بىلەن بىرئاز ۋاقىت كەچۈرمەكچى بولدى. يېرىم كېچىدىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. بامدات ۋاقتى بولغاندۇر بەلكىم، دەپ، بىرنەچچە رەكئەت نەفىل ناماز ئوقۇپ بولۇپ، بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇدى ۋە تېخىچە بالا بىلەن ھەپىلىشىپ ئولتۇرغان ئايالىغا:
— نېمىلا بولمىسۇن، نامازنى ئوقۇۋالىلى زىبىخان، ئوغاق ئوتتۇراپ ناماز ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەيلى، يەنە. قويۇڭلا، بالىنى، بالا دېگەن بىردەم يىغلاپ تۇرسا ھېچنېمە بوممايدا، — دېدى.
ئايالى تاھارەت ئالغىلى ھويلىغا چىقىپ كىرگەندە كالپۇكلىرى بەزگەكتەك تىترەپ تۇرۇپ:
— نىمىشتۇ بۇ، مەخەتقارى، قىيامەتمۇ بۇ؟ ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان يورۇق شوينىلانى دەيمىنا؟ نىمانداق جىق!؟.... —دېدى. ئۇنىڭ دېگىنى يىپتەك ئىز قالدۇرۇپ ئۇچۇۋاتقان سانسىز ئوقلار ئىدى. مەخەتقارى ئۇنىڭدىن جىقراق نەرسىنى بىلىپ تۇرىۋاتسا، بۇ گەپنىڭ يېڭى بىر تەسىرى بولارمىدى؟
— بىسمىللا دەپ نامىزىڭلانى ئوقۇڭلا، خوتۇن، ئاللاھ با... —دېدى ئۇ ۋەزىيەت ھەققىدە ئىشەشسىزلىك بىلەن.
— بىر يەرگە قېچىپ كېتەملىيا؟...
— ساراڭمۇ سەن؟ قېچىپ نەگىمۇ بارامەن؟ قاچسام گۇنايىم با دېگىنىم بولۇدۇ شۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە تۇرۇۋەسەم ياخشىراق، ئاللاھ ساقلىسا ھىچ ئىش بوممايدا،....
— ئاللاھ ساقلا، ئەممازە،... قاراپ تۇرۇپ ئۆلەمنى ساقلىغاندىن دەيمىنا،...
— بولدى، نامىزىڭلىنى ئوقۇڭلا،...
ئەسلىدە، مەخەتقارىدا بامداتقىچە ساق قېلىشىغىمۇ ئىشەنچ تۈگەپ كېتىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ مۇشۇنچىلىك چېغىمىزدا ئاخىرقى نامىزىمىزنى بولسىمۇ قازاسىز ئوقۇۋالىلى، دەپ ئويلاپ، نامازنى ئوقۇۋەرگەن ئىدى. بەلكىم بىرئاز بالدۇر بولىشىمۇ مۈمكىن. ئەمما ئوقۇۋالغىنى ياخشى بولغان بولىشى مۈمكىن.
بۇ ۋاقىتتا ئوق ئاۋازلىرى يېقىنلاپ قالدى. مەخەتقارى ئاۋازلاردىكى جىددىيلىك، پەسىيىش، يېقىنلاش قاتارلىقلارغا قاراپ، دىھقانلارچە »كۆزچەن«بىلەن ئۇلارنىڭ يېزا مەركىزىنى باسقانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغان ئىدى. ئەمدى ئېتىشما تىنچىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئەسكەرلەر يېزا مەركىزىدە قاپسىلىپ قالغانلارنى يوقاتماقچى، ئۇلارنى يوقاتقاندىكىن، ئىشى تۈگىشى كېرەك ئىدى. ئەمما قاتتىق جىددىيلەشكەن ئېتىشما ئاۋازلىرىدىن كېيىن ھەرخىل ئاۋازلار: ۋارقىراشلار، تەگبىر ئاۋازلىرى، قىقاسلار، نالە-پەريادلار پەلەككە يېتىپ جىمىغاندىن كېيىنمۇ جىمجىتلىق باشلانمىدى. يەنە ئۈلگۈجە ئېتىشلار داۋام قىلىپ، مەخەتقارىلارغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك بىلىندى!
— نىم بولاپ كېتىۋاتقاندۇ، ما جاھان؟ — دەپ كۇسۇلدىدى، مەخەتقارى ئۆز-ئۆزىگە، بۇ يانغا كېلىۋاتقاندەك قىلىۋاتىدۇغۇ؟ بىر كېچە ئېتىپمۇ تۈگىمىگەن قانچىلىك ئادەم باتىكى، مەن بىلمەيدىغان؟ ئەستاغ-...
— نىم دىلە؟
— ھە، ... ئۆزەمچە، ... باشقا ئىشمۇغۇ يوق....
قوشنىلارنىڭ دېرىزە ئەينەكلىرىنىڭ چۇل-چۇل بولغان ئاۋازى، تونۇش ئاۋازدىكى پەريادلار ئوق ئاۋالىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەندىلا مەخەتقارى زەيدىنقارىنىڭ دېگەنلىرىنى دەرھال ئەقلىگە كەلتۈردى: »خىتاينىڭ مەخسىدى بىزنىڭ نەسلىمىزنى قۇرۇتۇش، ياۋاش بولساق چېقىلمايدۇ، دەپ خام خىيال قىلىپ قالماڭلار، ئۇ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي دۈشمىنىمىز، ئاللاھنىڭمۇ دۈشمىنى...!« دېگەن ئىدى. دېمەك، بۇ ئادەملەرنى تۈرگە ئايرىپ ئولتۇرۇدۇغان تىپتىكى ئۇرۇش ئەمەسكەن!
ئۇ تامدەك تاتىرىپ كەتتى. خالىددىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورققاندەك ئىتتىك سۇپىغا چىقىپ، بالىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى...
****
— تۇرە يارىماس، ئۆلگۈر ئەبلەخ!
— ھە!؟... — جاڭ جۈنتاۋ ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماستىن مۇئاۋىن ئونبېشىنىڭ تېپىشى بىلەن گاڭگىراپ ئورنىدىن تۇردى.
— يارىلاندىڭمۇ؟ نېمىشكە ئوق تەككەن تۇرنىدەك بوينۇڭنى پۈكۈپ مۈكچىيىۋالدىڭ، ھايۋان؟
جاڭ خىتاي ھىچنېمە دېيەلمەيتى، ئۈنى چىقماي، گېلىغا بىرنېمە كەپلىشىۋالغاندەك ئۆي ئىچىنى ئىشارە قىلاتتى.
— ھە، چۈشەندىم، دەسلەپتە كۆرۈپ تۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرمەك نېرۋىغا ئېغىر كېلىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال، ئەمدى كۆنۈپ كېتىسەن، ھەتتا خۇمار بولۇپمۇ قالىسەن، تۇر، ماز پاينەك. لاپچىيىپ تۇرۇۋەرمەي، مارش! ۋەزىپە ئالدىمىزدا!
— ياق،... مەن ئەمەس،...
— گەپ سېتىپ تۇرۇدۇغان ۋاقىت ئەمەس دېدىممۇ، تامام، مارش!
ئونبېشى ئۇنى ئالدىغا ئىتتىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ كىرىپ چىققان ئۆيىدە چالا قالغان ئادەملەر بولسا تازىلىۋېتىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى. بۇيرۇق شۇنداق ئىدى. كوماندىرلار ھەر ئۆينى تەكرار تەكشۈرۈشلىرى كېرەك ئىدى.
سەندىرەكلەپ يۈرۈپ كەتكەن جاڭ، سەھەرنىڭ نەمخۇش سوغۇق ھاۋاسىدىن كاللىسى بىر ئاز ئېچىلىپ، تېتىكلىشىپ قالغاندەك بولسىمۇ، ھەر قېتىم ئاشۇ دەھشەتلىك مەنزىرىلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىدە يەنە بىر قېتىم قارا باسقاندەك تەرلەپ كېتەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ مېڭىشلىرى ئەسكەرلەردەك چەبدەس ئەمەس، مەسلەردەك كالامپاي ئىدى. خىزمەت كۆرسۈتۈپ ئۆسۈش ھەلەكچىلىكىدە جان-پېنى بىلەن يۈگرەپمۇ كەتمەي، لوپۇلداپ مېڭىپ، يەنە بىر غېرىپ كەپىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ۋەزىپىسىنى يادىغا ئالدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۆينى ئوققا تۇتمىدى. قورالىنىمۇ بەتلىمىدى. خۇددى گېلى قۇرۇپ، سۇ ئىچىۋالغىلى كىرىۋاتقاندەك، بولۇمسىز ھەركەتلەر بىلەن ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ ئېچىپ، بوسۇغىدىن ئاتلىدى.
چۈنكى ئۇ ئەمدى بۇ ئەسكى غېرىۋانە ئۆيلەردە دۈشمەن بارلىقىغا ئىشەنمەيتى. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى فاشىستلارغا ئۈلگە بولالىغۇدەك ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق ئىدى. بۇلارنى قىرىپ كىمنى ئازات قىلاتتىكىنە؟ ئۇنىڭ بۇلار ھەققىدە كاللا قاتۇرغىدەكمۇ ھەپسىلىسى قالمىغان ئىدى. ئۇ تامامەن جان ھەلەكچىلىكىدە قېلىش بىلەن، ساراڭ بولۇپ قالماستىن، كۆزگە يامان كۆرۈنۈپ، جازالىنىپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىش، قانداق قىلىپ تىرىك چىقىش ۋە ئەسكەرلىكنى تۈگۈتۈپ ئۆيىگە تېنچ ئامان بېرىۋېلىش كويىدىلا ئىدى. شۇڭا ئۇ باشقىلار ئاللىقاچان باسقىن قىلىپ بولغان ئۆيلەرگە كىرىپ، يالغاندىن ۋەزىپە ئۆتەپ چىققاندەك بولۇۋېلىشنى كۆزلەيتى. چۈنكى، بۇ ئېتىشلاردا بۇ يېزىدا يەنە تىرىك جان قالدى دېسە، ئۇ ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيتى. ئۇنداقكەن، ئۇنىڭ »دۈشمەن« ۋەھىمىسىدە بولۇشىنىڭ ئورنى يوق ئىدى. ئەپلەپ كۆز بوياپ، بۇ ئىشنى تۈگۈتۈۋالسىلا...
ئۇ ئەنە شۇنداق گاراڭ ھىسلار ئىسكەنجىسىدە ئۆيگە كىرىپ كەلگەندە دالان ئۆينىڭ سۇپىسىدا ئەر-خوتۇننىڭ تىتىلىپ كەتكەن جەسەتلىرىنى كۆرۈپ، يەنە بىر قېتىم قۇرۇق قەي قىلىپ، ئۈچەي-باغرى يېنىپ چىقىدىغاندەكلا قىينىلىپ كەتتى. بىردىنلا جەسەتلەرنىڭ ئارىسىدا مىدىرلىغان بىرنەرسىنىڭ ھەركىتى كۆزىگە چېلىقتى. دەسلەپ قورقۇپ كېتىپ قورالىنى بەتلەي دېدى-يۇ، كېيىن بۇنچە قان ئىچىدە ئۇنىڭغا زىيان سالالىغۇدەك جان قالمايدىغانلىقىنى ئەقلىگە كەلتۈرۈپ، بۇ مىدىرلىغان بەلكىم ئۆينىڭ مۈشۈكىمىكىن، دەپ ئويلاپ، جەسەتتىن بىرىنى بىر تەرەپكە سىلجىتتى. قولى قانغا بۇلۇنۇپ كېتىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى. ئەمما راست دېگەندەك، بىر ئاز كۆنۈكۈپ قېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ھىس قىلىپ يەتتى.
ئىككى جەسەت ئارىلىقىغا قىسىلىۋالغىنى مۈشۈك ئەمەس، تەم-تىم ماڭغان بىر ئوغۇل بوۋاق ئىدى! بالىنىڭ ئۈستى بېشى قان ئىدىيۇ، ئەمما بۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قېنى ئىدى. بالا، ئەسكەرگە چەكچىيىپ قارىدى. ئۇ قورقۇپ كېتىپ ئەقلى تورمۇزلۇنۇپ قالغاندەك، ياكى چالا ئۇيقۇلۇق ھالىتىدىن ئېسىگە كېلەلمەيۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ قان ئىچىدىن ئاستا ھەركەتلەر بىلەن نەچچە مۈدۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەسكەر تەرەپكە ئۈمتۈلدى. بالا ئاللاھ ئاتا قىلغان تۇغما سەزگۈسى بىلەن، ئەسكەرنىڭ زىيانداش ئەمەسلىكىگە ئىشەنچ قىلغاندەك، كېلىپ ئۇنىڭغا ئېسىلدى. ئەسلىدىمۇ ئارقىمۇ-ئارقا روھىي زەربىلەردىن لەرزىگە كېلىپ، پۈتۈن مەنىۋىيىتى يېمىرىلىپ كەتكەن جاڭ، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى، بالىنىڭ كىملىكىنى بىردەمگە ئۇنۇتۇپ، خاس ئادىمىيلىك ھىسسى ئىچىدە بالىنىڭ مەسۇمانە ئىنتىلىشىگە چىداپ تۇرالماي، قولىغا ئالدى. بالا ئۇنىڭ بوينىغا مەھكەم يېپىشىۋالدى. سەبى جان، پەرىشتىدەك پاك بوۋاق، كۆز ئالدىدىكىنىڭمۇ ئاشۇ ۋەھشىي ئەسكەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەرمىدى؟
جاڭ ئاڭسىز ھالدا قولىغا ئېلىۋالغان بالىنىڭ خۇددى دادىسىغا تىۋىنغاندەك مەسۇمانە يېپىشىشى، مېنى قۇتقۇزۇۋالغىن دېگەندەك سەبىي مۆلدۈرلىشىگە بەرداشلىق بەرگۈدەك ھالى قالمىدى. ساراڭ بولايلا دەپ قالدى. بالا بۇ قورقۇنۇچلۇق ئۆيدىن كېتىشنى، پاتراق تاشقىرىدىكى ساپ ھاۋاغا، سەھەرنىڭ سالقىن ساپ ھاۋاسىغا ئۇلۇشىۋېلىشنى ئىستىگەندەك، كىچىك پۇتلىرى بىلەن تىپچەكلەيتى. خۇددى چەۋەندازنىڭ شىپۇر قېقىلغان ئۆتۈكلىرى بىلەن ئاتنىڭ بېقىنىنى ئۆكچىلىگىنىگە ئوخشاش ئۇنى مېڭىشقا ئۈندەيتى. جاڭ ئۇنى كۆتۈرۈپ تاشقىرى چىقالارمىدى؟ بۇ ئۆلۈم دېمەك بولاتتى! ۋەھشىيلەرنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق ئىدى. بالىنى قويۇپ قويۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنىڭدا تاغدەك جاسارەت، مىڭ پاتمانلىق كۈچ بولۇشى كېرەك ئىدى. سەبى بوۋاقنىڭ مەسۇمانە ھەركەتلىرى يوغان قوي كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان يېشى، ئۆمچۈيۈپ يىغلىشى ئۇنىڭ جاسارىتىنى قۇرۇتۇۋەتكەن، قويۇپ قويۇش قولىدىن كەلمەسلا بولغان ئىدى.
ئۇ چۈش ۋە رېئاللىق ئارىسىدىكى ئاشۇ تۇمانلىق تۇيغۇلار ئەسىرلىكىدە، بالىنى بوينىغا گېرە سالدۇرغان پېتى قاققان قوزۇقتەك پەگادا قېتىپ قالغان ئاشۇ مىنۇتتا تاشقىرىدىن تومۇزدىكى ئىتتەك ھاسىراپ كىرگەن بىرى بۇ ھالنىڭ ئۈستىدىن چۈشتى.
— ھۇ، ئىتنىڭ بالىسى! —دېگەن ئاۋاز ئۇنى ئەندىكتۈرىۋەتتى. بۇ مۇئاۋىن ئونبېشىنىڭ، ئاتالمىش دوستىنىڭ ئاۋازى ئىدى، — نېمە قىلىۋاتىسەن ھاماقەت!
جاڭ ھىچنەرسىگە تىلى كەلمەي ساراڭلاردەك چەكچىيىپ قالغان ئىدى.
ئونبېشىنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقىنى ئۇزاققىچە كاللىسىغا ئولتۇرمىدى. ئۇ خۇددى مىڭلارچە كىلومېتر ئۇزاقتا سۆزلەيتى، ئاغزىنىڭ مىدىرلىغىنى كۆرۈنەتتى، ئاۋازى ئۇقۇلمايتى. خۇددى بىرسى چۈشىدە، كويىقاپتىن گەپ قىلاتتى؛ ئەمما بۇ تىلسىملانغان يەردە ئاۋازلار بەھەيۋەت مەخلۇقلار تەرىپىدىن شورۇلۇپ كېتىلگەچكە مەۋھۇملىشاتتى.
ئاخىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىگە قەھىرلىك بىر شاپىلاق تەككەندە ئاندىن ئۇ ئۆزىگە كەلدى.
— ھۇ، يارىماس ئۆلۈك! نىم قىلىۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن؟ ئۆزەڭنىڭ جېنى تاتلىقمۇ ياكى بۇ كىچىك ئايلامباشنىڭمۇ؟ ئۆزەڭ تاللا! تېز! — دېگەن ۋارقىراش ئەمدىلا ئېنىق ئاڭلاندى، — ياخشىكى مەن كۆرۈپ قالدىم، باشقا بىرسى بولۇدۇغان بولسا سېنى دەرھال ئېتىپ تاشلىسا ھوقۇقى بار ئىدى. بۇيرۇق يادىڭدا باردۇ؟ ئاغىنىدارچىلىقىمىزنىڭ يۈز-خاتىرىسى بولسۇن، مەن بىلمىگەن بولاي، دەرھال سەپكە يېتىش! — دېدى ۋە بالىنى تارتقۇشلىدى.
جاڭ ئاڭسىز بىر ھەركەت بىلەن بالىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ، ئاۋايلاپقىنا يەرگە قويۇپ، بالىنڭ مەھكەم پاچىقىنى سىقىمدىۋالغان كىچىك قوللىرىنى ئاچچىق ئەلەم ئىچىدە ئاجرىتىۋېتىپ، سىرتقا چىقىپ كەتتى. تەبىئىيكى، ئۆزىنىڭ جېنى تېخىمۇ تاتلىق ئىدى!
ئون بېشى ئۆي ئىچىدە قالدى. جاڭ »ئۇ نېمىشكە چىقمايدۇ؟« دېگەندەك قىلىپ، ئىختىيارسىز ئارقىسىغا بۇرۇلغان چېغىدا، ئۆي ئىچىدىن »گۇم!« قىلغان بىر پاي ئوق ئېنىق ئاڭلاندى!
جاڭ جۈنتاۋ ئەمدىلا چىققان ھويلا سىرتىدا دەم كۆتە بولغاندەك ئولتۇرۇپلا قالدى. ئۆي ئىچىدىن خۇددى بۈيۈك بىر ئىشنى روياپقا چىقىرىۋەتكەندەك، غالىپلىق مەغرۇرلىقى بىلەن چىقىۋاتقان مۇئاۋىن ئونبېشىنىڭ تاپانچىسىنى غىلابىغا سالغاچ بۇ تەرەپكە كېلىشىگە نەپرەت بىلەن قاراپ، كۆڭلى ئاينىپلا كەتتى. مۇزدەك بىرنەرسە ئىچىنى مۇزلاتقانچە مېڭىسىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى. بۇنىڭ ئاشۇ سانسىزلىغان ئوق ئاۋالىرى ئىچىدىن ئالاھىدە بىلىنگەن، ئۆي ئىچىدىن ئاڭلانغان بىر تال ئوق ئاۋازى تۈپەيلىدىن ياكى سەھەرنىڭ سوغ ھاۋاسىدىن بولغىنىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتى. ئۇ كۆتۈرەلمىگۈدەك ھاراق ئىچكەن پىيەنچۈكتەك، مۈكچۈيۈپ ئولتۇرۇپ، قۇرۇق قەي قىلاتتى. كۈچىنىۋېرىپ ھالى كەتكەن ئىدى. ئاخىرى شاقىرىتىپ قۇسۇۋەتتى!
— ۋاي مازپاينەك، بوپتۇ، بىرئاز ئېسىڭگە كېلىۋېلىپ ئارقىمىزدىن يەت، سېنى مىجەزى يوق بولۇپ قالدى دەرمەن، ئەمما بۇ ياخشىلىقىمغا چوقۇم جاۋاپ بېرىشىڭ كېرەك!... — شۇنداق دېگەنچە ئۆز سېپى تەرەپكە تېز-تېز قەدەم تاشلاپ كەتتى.
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، شەرق تەرەپ ئاقىرىشقا باشلىشى بىلەن، شەرقنىڭ ئۇپۇق سىزىقىدا قاندەك قىزىللىق كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. خۇددى قان كەلكۈنى ئالەمنى باسىدىغاندەكلا سۈرلۈك، مەھزۇن كۆرۈنەتتى. يەنە جاننى قىينىغۇچى جىمجىتلىق يۇرتقا ئېتەك يېيىپ، يۈرەكلەرنى مۇجۇماقتا ئىدى. ئەگەر سوقۇۋاتقان يۈرەك قالغان بولسا....
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى
2002 –يىلى 10- ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى »ئەركىن ئاسىيا« رادىيوسىنىڭ پروگراممىسىدا بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان سابىق خىتاي ئەسكىرى جاڭ جۈنتاۋ ۋە ئۇنىڭ سېغىنما ئادۋۇكاتى زىيارەت قىلىنغان ئىدى. بۇ ھىكايە ئەنە شۇ زىيارەتتە جاڭجۈنتاۋنىڭ دېگەنلىرىنى ئاساسىي مەنبە قىلغان بولسىمۇ يېزىش ئىشى بۈگۈنگىچە كېچىككەن ئىدى.
[0]جاڭ جۈنتاۋ —بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان سابىق خىتاي ئەسكىرى بولۇپ، كېيىن ئامېرىكىغا سېغىنغان، — ئا.
ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﮕﯩﻢ؟ (شېئىر)
- تەپسىلىي ماتېرىيالى
- كاتېگورىيە: نەزمىي ئەسەرلەر
- 2011 يىل سىنتەبىر-02 جۈمە 00:45 ئېلان قىلىنغان
- ئاپتور: باشقۇرغۇچى
- ئاۋاتلىقى: 1557
ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﺎﻕ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﯨﻦ،
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﯧﭻ ﺳﯚﺯﭼﯩﻘﻤﺎﺱ ﺗﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ.
ﻗﺎﻥ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﻕ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﯨﻦ،
ﻳﺎﺵ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ ﺯﯨﻨﮭﺎﺭﻛﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ،
ﺗﯚﻛﯜﻟﯩﺪﯗ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺩﯨﻠﯩﻤﺪﯨﻦ
.
ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﻪﻙ ﺑﺎﺭ ﺗﻪﻟﯟﯨﺪﻩﻙ، ﺗﻮﺳﯘﻥ
ﺑﯩﺮﺋﯩﺴﺘﻪﻙ ﺑﺎﺭ ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ، ﻳﺎ ﻗﯘﻳﯘﻥ...
ﺳﯚﻳﻤﻪﻙ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﺴﻪﻣﺘﻰ ﻛﺎﺷﻜﻰ،
ﻛﯜﻳﻠﻪﺵ ﻧﯧﻤﻪﺑﯩﻠﺴﻪﻣﺘﻰ ﻛﺎﺷﻜﻰ،
ﺗﯧﻠﯩﺴﻜﻮﭘﺘﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ ﻛﯚﻛﻜﻪ،
ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﺋﯧﻤﯩﺰﮔﻪﻡﺗﯧﺨﻰ.
ﮔﻪﭖ ﺳﺎﺗﯩﻤﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﻪﺯﻩﻥ
ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﺋﯩﻤﺘﺎﮬﺎﻥ
ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻤﺪﺍﺋﯩﻠﯩﭙﺘﯘﺭ ﺗﺎﻳﺎﻕ.
ﮬﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ ﺩﯦﯖﯩﺰ
ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﻧﻤﺎﺱ، ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﭺﺗﯩﻠﯩﻢ.
ﺭﺍﺯﯞﯨﺪﻛﺎ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﻳﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﯩﮭﻪﺩ
ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭺﺑﻪﻟﻪﻥ
ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﺳﯩﻘﯩﻼﺭ ﺩﯨﻠﯩﻢ.
ﺑﺎﺵ ﺭﻭﻝ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻓﯩﻠﯩﻢﺳﻪﻳﺮﯨﺪﻩ
ﺋﯘﭼﺎﻻﻳﻤﻪﻥ ﻛﯚﻛﻨﯩﯔ ﻗﻪﺭﯨﺪﻩ
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﻳﺎﺕ... ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ
ﺟﯩﺴﯩﻤﯩﻢﺋﯧﺰﯨﻚ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﻩ!
ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﺪﯗﺭ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﺪﯗ ﻛﯚﯕﯜﻝ
ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﻜﻪ ﻳﻮﻕ ﺋﻪﻣﻤﺎﺗﯩﻠﯩﻢ.
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﺭﺍﺳﺘﻤﯩﺪﻯ ﺋﻪﺟﻪﭖ؟
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﺭﺍﺳﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ
ﻗﺎﭼﺎﻥﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺑﺎﻻﻏﻪﺕ؟
ﺗﺎﺯ ﺗﺎﺭﺍﻧﻐﯩﭽﻪ ﺗﻮﻱ ﺗﺎﺭﻗﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ
ﻣﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ _
ﻧﻰ ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ﺑﻮﻟﯘﺭ، ﻧﻰ ﺋﻪﭘﯘﺱ ﺑﻮﻟﯘﺭ
ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕﺋﺎﻻﻣﻪﺕ!
ﺑﻪﺯﻩﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﻟﻪﻱ
ﺳﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺑﺎياﺷﺎﺩ،
ﻣﻪﻧﻼ ﺧﺎﺭﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ
ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ﺷﯘ ﺩﺍﻣﺎﺳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ،
ﺗﻪﯕﺴﯩﺰ ﭘﺎﻧﯩﻴﻨﯩﯔﻗﯩﻴﺎﻣﯩﺘﯩﻨﻰ!
ﭼﯜﻧﻜﻰ قىياﻣﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ!
ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﮕﻪ ﺩﻭﻍﺋﯩﭽﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ
ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﺗﺎﺯﺍ ﺭﻭﺷﻪﻥ
ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔﺋﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻢ!؟
ﻳﺎﺷﺎﺷﻤﯩﻐﯘ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﻧﯧﻤﯩﻜﻪﻥ
ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻕ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﺧﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ﻛﯩﺸﻰ
ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎ
ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭﻣﯘﺗﻪﺑﯩﺌﻰ.
ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﮔﻪﺭ
ﮬﻪﺭﻛﯩﻢ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﺑﻮﻟﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻣﺘﻰ؟
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺪﯗﺭ؟
ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﺯﺍﺩﻯﻧﯧﻤﯩﺪﯗﺭ؟
ﺋﯘﻻﻧﻤﺎ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯧﺰﯨﺘﻘﯘ!
ﺋﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻣﯧﻨﻰﻧﻪﮔﯩﺪﯗﺭ.
ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎﻡ ﻛﺎﺷﻜﻰ،
ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺧﻮﭖ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺳﻪﺋﯩﺪﻯﺩﯦﮕﻪﻥ:
«ﺗﺎﻱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ ﺋﻮﺗﻼﻕ
ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗﺑﯩﺮﺍﻕ»!
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ
ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭺ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ
ﺋﯘﺭﯗﻟﯩﻤﻪﻥﺋﯘﭘﻘﯘﻧﺪﻩﻙ ﭼﺎﻳﻘﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﺭﻳﺎﻕ!
ﺋﯩﺴﺘﯩﮕﯩﻢ ﺑﻮﻏﯘﻟﻐﺎﭺ،
ﺳﺎﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﻩﺑﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﮔﯧﻠﯩﺪﺍ
ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ﺷﺎﮬﺎﺩﻩﺕ ﭼﺎﻻ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ
ﻳﻮﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺱ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯﺗﺎﻣﺎﻥ.
ﺋﺎﻟﻼﮬ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ،
ﺋﺎﺷﻜﺎﺭ، ﭘﯩﻨﮭﺎﻥ ﺳﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﯕﺎ،
ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﺳﺎﺩﺍﻡ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ _
ﺷﺎﮬﺎﺩﻩﺕ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻕ ﺋﯩﺴﺘﻪﭖ، ﺋﯧﻴﺘﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻢ
ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﮔﻪﺭﭼﻪ
ﺑﺎﻗﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﻯﺋﻪﻣﻪﺱ، ﭘﺎﻧﯩﻴﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ
ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﭽﻪ، ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺯﻭﮬﯘﺭ
ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ.
ﻧﯧﻤﯩﺪﻯ ﺷﯘ ﺋﯩﺴﺘﯩﮕﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ؟
ﺋﯚﺯﻩﻣﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥﺋﻪﭘﺴﯘﺱ
ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﺪﺍ ﺷﺎﻟﺪﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﻮﻧﺎ ﺋﯧﻤﯩﺰﮔﻪ
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺋﯧﺘﻪﺭﺩﯨﻢ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎﺗﯩﻠﯩﻢ!؟
غەرپ دۇنياسىدىكى بىر كۈنۈم (ھىكايە)
- تەپسىلىي ماتېرىيالى
- كاتېگورىيە: نەسرىي ئەسەرلەر
- 2011 يىل سىنتەبىر-01 پەيشەنبە 18:32 ئېلان قىلىنغان
- ئاپتور: باشقۇرغۇچى
- ئاۋاتلىقى: 845
يانپۇننىڭ سىگنالى تولىمۇ ئەنسىز چالدى ياكى تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىم ئۈچۈن ماڭا شۇنداق تۇيۇلدى؛ ئەيتاۋۇر بۇ يېقىمسىز ئاۋازدىن دىرىڭڭىدە چۆچۈپ ئويغۇنۇپلا قالماي، چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
ھەتتا كارۋاتتىن چۈشۈپ بولغان ھالدا ئۆزۈمنى كۆردۈم. ئەمدى يانپۇن سىگنالىنىڭ يېقىمسىزلىقىغا كەلسەم، ئەسلىدە ئۆزەم ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان مۇزىكىنى تاللاپ قويغان ئىدىم، دېمەككى بۇ يېقىمسىزلىق رېئال بىر يېقىمسىزلىق ئەمەس، خاھىشچانلىق يېقى بارلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. يەنى ئۇنىڭ تاتلىق ئۇيقۇمنى قاپبەلدىن ئۈزۈپ، ئويغۇنۇشقا مەجبۇر قىلغانلىقى مەسىلىنىڭ تۈگۈنى بولسا كېرەك.
بىرنەچچە سېكونت ئىچىدىلا ئاشخانىغا كىرىپ، كىچىك قازىنىمغا بىر تاۋاقچە سۇنى قۇيۇپ، ئوچاققا قويدۇم-دە ئوتنى يېقىۋەتتىم. ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاۋال يۈز يۇيۇش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە ماڭماي، ئاشخانىغا ماڭغان بۇ نېمە گەپ؟ دېگەن سوئال ھەركىمنىڭ كۆڭلىدىن كېچەر بەلكىم. گەپ شۇ يەردىكى ئورنۇمدىن تۇرۇشتىن ئىشقا مېڭىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىشىمغىچە پەقەتلا يېرىم سائەت ۋاقتىم بار. بۇ ۋاقىت ئىچىدە يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇشۇم، ناماز ئوقۇشۇم، ناشتىلىق ھازىرلىشىم، ياتقان ئورنۇمنى يىغىشتۇرۇشۇم، ناشتىلىق قاچىلىرىمنى يۇيۇشۇم، ئاندىن ئىش كىيىملىرىمنى كېيىپ ئشىكتىن چىقىشىم كېرەك. بۇلارغا ۋاقىت يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان چارەم شۇ: ۋاقىتتىن قوش لېنىيەلىك پايدىلىنىش. قازان قاينىغىچە بەرىبىر بىكار ساقلاپ تۇرۇمەن-يا، شۇ ۋاقىتتا تازىلىق ئۆيىدىكى ئىشىمنى تۈگىتىۋېلىشىم كېرەك.
ئورنۇمدىن تۇرغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى ئىش-ھەركەتلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇلۇق ھالەتتە بولۇدۇ. كۆزۈمنى غۇۋا ئېچىپ، ئۇياق-بۇياققا سوقۇلۇپ، سەندىرەكلەپ يۈرۈپ قىلىمەن. بۇ خۇددى بالىلىق چاغلىرىمدا قومۇشقا بارغان كەچمىشىمگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ چاغلاردا ئانامنىڭ ئاۋال ئەركىلىتىپ تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئاندىن ئۇنىمىغىنىمغا قويماي سىلكىشلەپ ئويغۇتۇشى ئارقىسىدا كۆزلۈرۈمنى خىرە-شىرە ئېچىپ، چالا - پۇلا يۈزۈمنى يۇيۇپ، ئانام قولۇمغا تۇتقۇزغان بىر پارچە زاغرىنى غاجىغاچ قومۇش ئورۇپ كېلىشكە ماڭغان چاغلىرىم ئەنە شۇنداق ئۇيقۇلۇق، ئۇيقۇغا ھىچ تويۇپ باقمىغاندەك تەسىراتتا سەندىرەكلەپ مېڭىشلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.
جەنۇپتا يازدىكى كېچە - كۈندۈزلۈك تېمپۇراتۇرا پەرقى بەك چوڭ بولغاچ، تاڭ سەھەردە تەننى جۇغۇلدۇتۇدۇغان سوغۇق بولاتتى. شۇندىمۇ كۈندۈزدىكى چېقىر ئاپتاپتا ئېغىر كەلمەسلىكى ئۈچۈن كېيىپ يۈرۈدىغان بىر تامبال، بىر كۆينەك بىلەنلا يۈرەتتۇق. ئەتتىگەننىڭ سوغ ھاۋاسىمۇ ئۇيقۇمىزنى ئاچالمايتى. ئەسلىدە ئاخشاملىرى باغمۇ-باغ ئوغۇرلۇققا كىرىپ، قوغۇنلۇقلاردىن سويما ئوغۇرلاپ، كوچىلاردا توپا توزۇتۇپ قوغلاشماق ئويناپ،... دېگەندەك يېرىم كېچىگىچە ئۆيگە كىرمەيتۇق. بولۇپمۇ شۇ چاغلاردا يېزىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىقنى قاق ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئۆتكەن يېڭى يول تۈپەيلى، بەزىلەر يولغا توغرا كەلگەن قەۋرىلەرنى ئېچىپ، ئۇرۇق-جەمەتلىرىنىڭ جەسىدىنى تاغ باغرىغا يۆتكەۋاتاتتى. كۈندۈزلىرى بىز مەكتەپتىكى چاغدا، مەكتىپىمىزگە يېقىن بولغان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەر دەم ئېلىشتا قەۋرىستانلىققا يۈگرۈشۈپ كېلەتتۇق. قەۋرە ئېچىۋاتقان، ئۆلۈكلەرنى چىقىرىۋاتقان بۇ مەنزىرە مۇھىتىمىزغا كۆرە بىزنىڭ قىزىق ئەمەكلىرىمىزدىن بىرى بولۇشى كېرەك، شۇنى تاماشا قىلاتتۇق. بەزى يېڭى ئۆلۈكلەر چىدىغۇسىز سېسىق پۇرايتى. كونىلىرىمۇ پۇرايتى، ئەمما ئۇنىڭ پۇرىقى ئاشۇ يېڭى ئۆلۈكنىڭ پۇرىقىنىڭ كونىراپ قالغىنىدەك بىر تۈرلۈك پۇرايتى. ئاشۇ سېسىقتا سائەتلەرچە تۇراتتۇق. بەزى كونا ئۆلۈكلەر كېپەنلىرى چىرىپ كەتكەچكە يوغان-يوغان ئۇستىخانلىرىلا قالغان بولاتتى. كېيىنچە يول پۈتۈپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېرىققا سۇ باشلاندى. مانا شۇ چاغدا بەزى ئىگىسى چىقماي ئۈستىلا تۈزلىۋېتىلىپ، ئۆتۈپ كېتىلگەن قەۋرىلەرگە سۇ كىرىپ، قورقۇنۇچلۇق گوداڭلارنى شەكىللەردۈرگەن ئىدى. ئېرىقلاردا دائىملا ئادەم باش سۆڭىكى، پاقالچاق سۆڭەكلىرى چىقىپ قالاتتى. باش سۆڭەكلىرىنى تاياققا سانچىۋېلىپ، مەكتەپكە كۆتۈرۈپ كېلىپ، قىزلارنى قورقۇتۇپ، چىقىراتقانچە قوغلاپ يۈرەتتۇق. كۈندۈزىغۇ بۇ ئوبدان ئەمەك بولۇپ، ۋاقتىمىز چاغ ئۆتەتتى. ئەمما كېچىسى ئۇخلىغاندا مانا شۇ ھىڭگىيىپ تۇرغان سىكىلتلار چۈشۈمىزگە كىرىپ ئۇخلىيالمايتۇق. باشقىلارنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچ كەچمىشلىرى بارلىقىغا جەزم قىلالمىساممۇ، مەن بۇ مەزگىلدە ھاياتىمنىڭ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كېچىلىرىنى ياشىدىم دېيەلەيمەن. ھەتتا ساراڭ بولۇپ قېلىش ئىھتىمالىممۇ پات-پات كۆزۈمگە كۆرۈنەتتى. ئۇخلىيالمايتىم. ئۇخلىغاندەك بىرئاز غەپلەت باستىمۇ دەرھال كۆز ئالدىمدا جىنلار ساما سالاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياز بويى ھويلىدا ياتقىنىمىز ئۈچۈن، پۇتىمىز تەرەپتىكى ئۈستى ئوچۇق، ئەسكى تاملىق (بۇ ئىلگىرى يالغۇز ئۆي دەپ ئاتىلىدىغان، ئايرىم بىر يۈرۈش ئۆي ئىكەن، كېيىن ئاچارچىلىقتا يۇرتتىكىلەر ئىگىسىز قالغان ئۆيلىرىمىزنى ئېچىپ، ياغاچلىرىنى سېتىپ قوساق باققان ئىكەن — بىز ئۇ چاغلاردا كانسۇ كان رايونىدا ياشايتۇق — كېيىن ئائىلىمىزنىڭ يېرىم ئەزاسى يۇرتقا قايتقاندا بۇ ئۆيلەرنى قايتىدىن ياپقان بولساقمۇ، ئۈزۈكچىلىك تۈپەيلى ھەممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي، يالغۇز ئۆي يېپىقسىز قالغان ئىدى) تەرەپتىن جىنلار چىقىپ كېلەتتى. ئاسمانغا قاراپ ئوڭدا ياتقان مېنىڭ قورسۇقۇمنىڭ ئۈستىدە — ھاۋا بوشلۇقىدا »ئودوكۇم« ئوينىشاتتى، مېنى بوزەك قىلاتتى. شورلۇق دالىدىكى يامغۇردىن كېيىنكى پاتقاق يولدا بولاتتۇق، دائىملا ھارۋام پاتقاققا پېتىپ قېلىپ، ھەمرالىرىمدىن ئايرىلىپ جىنلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالاتتىم. ئۇچۇپ كېتىشكە ئۇرۇناتتىم... يېنىمدىكىلەرنى بېقىنلاپ ئويغۇتۇپ ياردەمگە چاقىرىشقا ئۇرۇناتتىم. ئەمما ھىچيېرىمنى مىدىرلىتالمايتىم. قاچاي دېسەم خۇددى ئارقامدىن بىرى پېشىمنى چىڭ تارتىپ تۇرۇۋالغاندەك، قەدەملىرىم بەكمۇ كۈچ بولاتتى... بۇ قىينىلىشلار ئىچىدە ئويغۇنۇپ، ياكى ھوشۇمغا كېلىپ، ئەڭ ئەۋەل ئەقلىمگە كەلتۈرگىنىم شۇ بولۇپ، ئەتىسى قەۋرىستانلىققا ئالاقىدار ئويۇنلاردىن نېرى تۇرۇشقا ۋەدە قىلساممۇ، ئەمما كۈندۈزى يەنىلا باشقىلارنىڭ قورقۇنچاقلىقتا ئەيپلىمەسلىكى ئۈچۈن يەنىلا، »قەھرىمانلىق ئۈلگىسى« كۆرسۈتۈشكە ئالدىرايتىم.
مانا شۇ سەۋەپلەردىنمۇ ئاخشاملىرى ئۇخلاش دېسە خۇددى قورقۇنۇچلۇق كويىقاپقا ئىتتىرىلىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بىلەن تىرەجىگىم كېلەتتى. ئەگەر مەندەك ئۇخلاشقا يېتىشتىن قورقۇدۇغان باشقا ھەمرالار بولغاندا، ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق ئۇيقۇدىن كېچىپ، تاڭ ئاتقۇچە ئويناشقا رازى ئىدىم. ئەپسۇسكى يېرىم كېچىگىچە ئوينىغاندىن كېيىن بالىلار ئاتا-ئانىلىرى تەرىپىدىن چاقىرىلىپ، بەزىلىرى قۇلاقلىرىدىن چۆجۈلگەنچە ئەكىرىپ كېتىلەتتى ۋە ماڭىمۇ جىمجىت ھوھۇلداپ قالغان كوچىدا تۇرۇۋېرىشنىڭ ئورنى قالمايتى.
شۇ سەۋەپتىنمۇ ئەتتىگەندە ئورنۇمىزدىن تۇرماق بەك ئېغىر كېلەتتى. بۇنداق چاغلاردا بۈگۈن بالدۇرراق يېتىپ، راسا بىر ئۇخلىۋالمىسام دەپ ۋەدە قىلساقمۇ، يەنە ئاخشام بولغاندا ئويۇننىڭ قىززىقىدا ۋەدىمىزنى ئۇنتۇپ، »ئەشمىدا قىشلاپ« يۈرۈپ، يېرىم كېچە قىلىۋەتمەي قالمايتۇق.
شۇڭا ئاشۇنداق مەستلەرچە ھەركەتلەر بىلەن ئېشەكنى توقۇپ، تۈگۈنەكلەنگەن ئاغامچىنى، ئوغاقنى ئېلىپ، ئېشەككە مىنەتتۇق. ئاندىن زاغرىمىزنى يېگەچ يولغا چۈشەتتۇق. يۇرتنىڭ ئاخىرقى ئۆيلىرىگىچىمۇ ھەمرالار قوشۇلۇپ تۇراتتى. ئۇ چاغقىچە قولىمىزدىكى ناننى يەۋاتقاچقا ھەرھالدا ئويغاق ماڭغاندەك قىلساقمۇ، يۇرتتىن چىقىپ، جاڭگال يولىغا كىرىشىمىزدىن كېيىنلا، ئۇيقۇنىڭ تەخىرسىز ھۇجۇمىدىن قىشىيىپ كېتەتتۇق. مۈگدەش ئىچىدە قىشىيا- قىشىيا ئاخىرى »گۇپ« قىلىپلا يەرگە يىقىلاتتۇق. بىر سېكونت ۋاقىت ئۆتكەندەك بولاتتيۇ، يىقىلغان يېرىمىزدىن سەكرەپ تۇرۇپ، ئوڭ سولىمىزغا ئالاق - جالاق قاراپ، قايسى ياقتىن كېلىپ، قايسى تەرەپكە كېتىۋاتقىنىمىزنى ئىلغا قىلىپ بولغىچە، ئېشىكىمىز ئەللىك مېتېر ئۇزاپ كەتكەن بولاتتى.
»ھۇپچۈش! ھۇپچۈش!« دەپ كەينىدىن قوغلاپ يېتىپ، يەنە مىنەتتۇق. ئەمما ئون مىنۇت ئىچىدىلا ئىككىنچى يىقىلىشىمىز ئەمەلىيلىشىپ بولاتتى... ئېشەكنى قوغلاپ يېتىشكە ئۇرۇنۇپ يۈگرىگەندە بەزى ھۈرككەك ئېشەكلەر تۇتۇق بەرمەي قېچىۋېرىپ، تاكى قومۇشلۇققىچە يۈگرەشكە مەجبۇر قىلاتتى؛ بۇنىسى تېخى ياخشى، بەزىلىرى تامامەن تەتۈر يۆنۈلۈشكە قاچىدىغان بولسا، ئېشەكنى يەنە قايتا ئۆيگە بېرىپ تۇتۇپ كېلىشكە توغرا كېلەتتى. قومۇشچىلارنىڭ كۆزلەيدىغىنى كۈن چىققىچە قومۇشنى ئورۇپ بولۇپ، كۈن چىقىشىغىلا ئېشەككە ئارتىپ ئۆيگە يېنىش ئىدى-دە، ئېشەك قوغلاپ تاڭ ئېتىپ كەتسە، ھاۋانىڭ قىزىقىدا ئەسلا ئىش ئاۋۇمايدىغان گەپ.
بالىلىقتىكى ئاشۇ ئۇيقۇسىراشلارنىڭ تامامەن ئوخشىشى بولغان بۈگۈنكىسى، ياش بىر يەرگە بارغاندا باشقا كېلىۋاتقان قىسمەت بولغاچقا، ئۇ چاغدىكىدەك، بىردەمدىلا ئۇيقۇ ئېچىلىپ، يەنە شوخ- تېنىمسىزلىشىپ قالىدىغان ئىش ئەمەس، ھاردۇق ئۈگە-ئۈگىلەرگە ئورنۇشۇپ كېتىدىغان گەپ ئىكەن.
مەن چاقماق تېزلىكىدە تاھارەت ئېلىپ، ساقىلىمنى قىرىپ، ئاشخانىغا چىققىنىمدا دەل سۇنىڭ قاينىغان ۋاقتى بوپتىكەن. توڭلاتقۇدىن چوڭ قازاننى ئالدىم. ئۇنىڭدا ھەپتە يېتىدىغانغا قاينىتىپ قويۇلغان مەرجىمەكتىن قىلىنغان ئۇماچ بار. ئوماچ خۇددى لەڭپۇڭدەك ئۇيۇپ قالغان ھالەتتە. ئەمدى ئۇنىڭدىن بىرنەچچە قوشۇقنى خۇددى بەلچە بىلەن ئەنجانتامنىڭ لېيىنى كەسكەندەك كېسىپ كىچىك قازاندىكى قايناۋاتقان سۇغا سالدىم. توڭلاتقۇدىن چىققان مۇزدەك ئۇماچنىڭ تەسىرىدە قايناۋاتقان سۈيۈم توختاپ قالدى. ئۇنىڭ تەكرار يەنە شۇ يوقۇرى تېمپۇراتۇرىغا يېتىپ، قاينىشىغىچە ئۇيۇغلۇق ئۇماچنى ئېزىپ، سۈيۈلتۈشكە ئۈلگۈرىمەن. ئەسلىدە پىششىق ئۇماچ بولغاچقا ئۇزاق پىشۇرۇشقا ھاجەت يوق. قاينىسىلا بولدى.
ئۇماچ تولۇق سۈيۈلدۈرۈلۈپ بولغاندا، بىر قوشۇق قىزىل مۇچ، بىر چىمدىم ئاشكۆكى، بىرئاز شوخلا قىيامى سېلىپ زىننەتلەپ بولدۇم. ئاندىن قايناشقىمۇ باشلىدى. دەرھال ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئۇماچنى چوڭ چىنەمگە قۇيۇپ، شىرەگە قويدۇم. بۇ قايناق ئۇماچنى پۈۋلەپ ئىچىشكە بىرمۇنچە ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ئارىدىكى ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، ئۇ بىر ئاز ھورىغا جىمىغىچە مەن ناماز ئوقۇۋالىمەن. بۇمۇ ۋاقىتتىن قوش لېنىيەلىك پايدىلىنىش تۈرلىرىمدىن يەنە بىرى.
نامازدىن كېيىن ئۇماچنى ئالدىراپ ئىچىشكە باشلىدىم. بەزىدە سەل قىزىق كەلسە بىر ئاز نان چىلىۋەتسەم ئوبدان بولۇدۇ. بەزىدە ئىشتاھام تازا ساز بولمىسا نان بىلەن ئاۋۇپ كەتمىسۇن دەپ، ئۇماچنىڭ ئۆزى بىلەنلا بولدى قىلىمەن. ئۇماچنى ئەسكەرلەردەك تېزلىكتە ئىچىپ بولدۇم-دە چىنەمنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، جۈمەكنى يوغان ئېچىپ، سۇنى بېسىم بىلەن چۈشۈرۈپ، يۇيۇۋەتتىم. ئاندىن ئاخشام ھازىرلاپ قويۇلغان چۈشلۈك تاماق قۇتىلىرىنى تاماق سومكامغا قاچىلىدىم، ئۇسسۇلۇقلىرىمنىمۇ سالدىم.
سائەتكە ھىچ قارىمىدىم. ۋاقىت بىر - ئىككى مىنۇت ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ئالدىراشتىن بەكرەك مەڭدەپ كېتىپ، بىرمۇنچە ئىشىم ئوڭى سېپىدە يۈرمەيلا قالىدۇ، تەمتىرەش تۈپەيلى، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت زايا بولۇدۇ، قولۇمدىكى نەرسىنى ئىزدەپ، ھەر يەرنى تىتىۋېتىمەن. شۇڭا ھەرگىز سائەتكە قارىمايمەن. دەرھال ئىش كىيىملىرىمنى كېيىپ، تاماق سومكىسىنى دولامغا ئارتىپ، ئىشىكتىن چىقتىم. كاللامدا باشقا تۈرلۈك ئوي خىيال يوق، بولۇشىمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى. پەقەت »تېز بولۇش كېرەك!« دېگەن بىرلا ئۇقۇم بولاتتى.
پەللەمپەيلەردىن ئۇچقاندەك چۈشۈپ، خۇددى ئوغۇرلۇق قىلىپ قېچىۋاتقان ئوغرىلاردەك بىنا ئىشىكىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ماشىنام تەرەپكە يۈگرىدىم. »ئاللاھ ئۆزەڭ قوللا، ئۆزەڭ ياردەم قىل« دەپ پىچىرلايتىم. چۈنكى بەزىدە غەرپ دۇنياسىدا ئېرىشكەن بىردىن-بىر »خوۋلۇق«ۇمىز بولغان نىمكەش ماشىنا دەرھال ئوتئالماي، قۇرقۇتاتتى. قىش كۈنلىرى بولغاندىغۇ تېخىمۇ چاتاق، بەزىدە ماشىنا توڭلاپ قېلىپ، ئادەمنى ئوسال قىلىپمۇ قوياتتى. بەزىدە قار يېغىپ قالغان بولسا بىر نەچچە مىنۇت ماشىنا ئۈستىنى يېپىۋالغان قارلارنى تازىلاشقا كېتەتتى.
ماشىنام دەرھال ئوتئالغان ئىدى، »ئۇھ، خۇداغا شۈكرى!«دەۋەتتىم. ماشىنىنى قوزغاپ، ئارىلىقتىن چىقىرىپ، يولغا توغرىلاپ بولغاندىلا، ئادىتىم بويىچە ماشىنا رادىئوسىنىڭ يېنىدىكى ئېلىكترونلۇق سائەتكە كۆز تاشلىدىم. 5:31 ئۆتكەن ئىدى. بۇنى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايتى. ھەر دايىم ئۆيدىكى ئىشنى مۈمكىن بولغىنىچە تېزراق تۈگۈتۈپ، يول ئۈچۈن ئاشۇرۇپ قېلىشقا تىرىشاتتىم. چۈنكى ئارتۇقراق ۋاقىت قولدا بولغان دېگەن بەزى تاسادىپىيلىكلەر ئۈچۈن كاپالەت بولۇپ قالاتتى. مەسىلەن: يولۇمدا — دەل زاۋۇتنىڭ كىرىشىگە يېقىن يەردە تۆمۈر يول بار، بەزىدە مانا شۇ ئەتتىگەن سائەتلىرىدە بۇ يەردىن پويېز ئۆتۈپ قالىدۇ. ئەگەر پويېز بىلەن توسۇلۇپ قالساڭ، 15 مىنۇت ئۆلدى دەۋەرسەڭ بولۇدۇ. چۈنكى بۇ يەر ئۇزاق دالا، جاڭگاللار ئەمەس، ئادەملەر ھەركەت قىلىپ تۇرۇدۇغان مۇھىت بولغاچقا پويېز ھەرگىز ئىتتتىك ماڭمايدۇ؛ بەلكىم ئۇنىڭ توختايدىغان مەنزىلى يېقىن يەردە بولغاچقا شۇنداق ئاستا ماڭامدىكىن، بەك ئاستا. بەختكە قارشى بۇ پويېزلار ئۇنداق-مۇنداقلىرىدىن ئەمەس، شۇنچىلىك ئۇزۇنكى، بۇنى ئويلاپ تاپقان ئادەمنىڭ ئاتىسىغا لەنەت دەپ كېتىسەن. بوغۇلۇپ ئۆلەيلا دەيسەن.
نېمىشكە؟
ئىشقا بەش مىنۇت كېچىكسەڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئىشلەش ھوقۇقۇڭ يوق! ھەپتە ئاخىرى ئىشلىيەلمەسلىك، ھەپتە ئىچىدە تۆرت كۈن ئىشلەپ تاپقىنىڭغا تەڭ پۇلنى زىيان تارتىش دېگەنلىك بولۇدۇ! قارىمامسىلەر، غەرپ دۇنياسىدا 19-ئەسىردە ئىشچىلار ئىش تاشلاپ، ئىش سائىتىنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلىشقانىدى. سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى تەلەپ قىلىشتا، ئۇلارغا ئايلىق (ياكى ھەپتىلىك) مائاش بېكىتىلگەن بولغاچقا، ئوخشاش پۇلغا كۆپ ئىشلەپ بېرىۋاتىمىز دېمەكچى بولاتتى. سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئەقىللىق كاپىتالىستلار بىردىنلا كاللىسىنى ئىشلىتىپ، سائەتلىك مائاش بەلگىلەشتى. مانا ئەمدى، ئىشچىلار ئۆزلىرى كۆپرەك سائەت ئىش تەلەپ قىلىدىغان بولدى. ئون سائەتلىك ھەتتا بەزى ئىشلاردا ئون ئىككى سائەتلىك ئىشلاردا ئىشلەش، بۇنىڭغا چىداشنىڭ سەۋەبى نېمىدە؟ ئىشچىلارنى ئۆزلىرى كۆپرەك سائەت ئىش تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان ئامىل سىستېمدىكى ئۇستۇلۇق بولۇپ، بىرەر ئۆي ئالىسىز، پۇلىڭىز بولمىسىمۇ قەرزگە بېرىۋېرىدۇ. بۇ ئوتتۇز يىلدىن قىرىق بەش يىلغىچە ھەر ئايدا تۆلەيدىغان قەرز سىزنى خۇددى قۇيرۇقىنىڭ ئاستىغا يانتاق قىستۇرۇلغان ئېشەككىلا ئايلاندۇرۇپ قويۇدۇ. ئاشۇ قەرزدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توختىماي ئىشلەش كېرەك! ئىش سائىتىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئارىدا بىكار ۋاقىتنىڭ بەك ئازلىقى، كىشىلەرگە ئويلۇنۇۋېلىش پۇرسىتى بەرمىگەچكە، ئۇلار كۆپ يېقىدىن ماشىنىلارغىلا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۆي سېتىۋالغان تونۇشلۇرۇمدىن بىرى ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ، »ئۆيۈمنىڭ قەرزىنى 95 ياشقا كىرگەن يىلىم تۆلەپ بولۇمەن« دېگەن ئىدى. ئەگەر ئۆيگە ھەۋەس قىلمىغان تەقدىردىمۇ رەڭگا-رەڭ ماشىنىلار زوقنى تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىمۇ قەرزگە بەرگەچكە ئوخشاشلا ئىش ھارۋىسىغا »قوشۇلۇدۇغان« گەپ. بىزدەك سولتەكلارغۇ ھەر ئىككىسىگە ھەۋەس قىلىپ كەتمەيمىز؛ ئەمما يۇرتتا نامرات تۇققانلىرىمىز، ئائىلە ئەزالىرىمىز بولۇدۇ؛ »ياردەمگە كەلگەن« خىتايلارنىڭ سايىسىدە ئۇ بىچارىلارنىڭ تۇرمۇش قامدىغۇدەك ئىشى بولمايدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. مانا شۇلارغا پۇل ئەۋەتىش مەجبۇرىيىتى بىزنىمۇ ئوخشاشلا ھارۋىغا قوشۇدۇ. توختۇماي ماڭىدىغان گەپ. ئىش تاپالماي يۈرگەن بىچارىلارغا قاراپ شۈكرى قىلايلى، ئىشلىسەكلا بىرمۇنچە جاننى باقالايدىغان تۇرساق، تەييار پۇرسەتنى قويۇمىزمۇ؟ دەپ ئۆز - ئۆزىمىزگە قامچا سېلىپ، توختۇيالمايلا قالىمىز.
دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى ھەپتىلىك 40 سائەت. بىزدەك ئون سائەتتىن ئىشلەيدىغانلار بۇ نورمىنى پەيشەنبە كۈنى تۈگىتىمىز. ئاندىن جۈمە كۈنى ئارتۇق ئىشلىگەن بولۇمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن يېرىم باھا ئارتۇق بېرىدۇ؛ شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىش كۈنىمىز بولغاچقا، بۇ كۈنلىرى ئىشلىسەك ئىككى باھا بېرىلىدۇ. ئەگەر مەلۇم تەدبىر قوللۇنۇلمىسا، كىم ئىككى باھا ھەق بېرىدىغان كۈندە ئىشلەپ، دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە بىرەر ئىككى كۈن دەم ئېلىشنى ئويلىمايدۇ، دەيسىز؟ مانا شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ھەپتە ئىچى — نورمال كۈنلەردە ئىش تاشلىغانلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئىشلەش ھەققى بولمايدۇ. ئىشقا كېچىكسىڭىزمۇ شۇ.
تاڭ سۈزۈلۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇزاق بىريەردىن پويېزنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولىۋىدى، يۈرىكىم قارتلا قىلىپ قالدى. ئارقىدىن تاراق-تارۇقلارمۇ ئاڭلانغاندەك قىلدى. ئىختىيارسىز گازغا باستىم. سۈرئىتىم تېز بولۇپ كېتىپ، بىرەر ساقچىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالسام ياكى يوللاردىكى كامېراغا چۈشۈپ قالسام ئوخشاشلا خاپىلىق: ماشىنامنىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىدىن تارتىلغان ئىككى پارچە سۈرەت ۋە بىر ۋاراق قەغەز ئادرېسىمغا كېلىدۇ. ئۇنىڭدا قايسى چىسلادا، قايسى سائەتتە، قايسى كوچىدا قانچە سۈرئەتتە يۈرگەنلىكىم ۋە بۇ يولنىڭ ئەسلى سۈرئەت نورمىسى، مېنىڭ ئاشۇرۇۋەتكەن كېلومېتىرىم قاتارلىقلار يېزىلىپ، غىڭ قىلىشقا ھىچ يوچۇق قالدۇرمىغاندىن كېيىن، 110 دوللار ياكى شۇنىڭ ئەتراپىدا بىر سان جەرىمانە جازاسى بېرىلگەنلىكى ۋە بۇ پۇلنى 14 ئىش كۈنى ئىچىدە تۆلىمىسەم قانچىلىك ئارتىپ ماڭىدىغانلىقى ياخشى چۈشەندۈرۈلگەن بولۇدۇ. قەغەزنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولسا پۇل تۆلىنىدىغان ئادرېسلار، پۇل تۆلەش ئۇسۇللىرى شۇنداق ياخشى تونۇشتۇرۇلغان بولۇدۇكى، بۇ قولايلىققا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايسىز: تېلىپۇن ئارقىلىق تۆلىمەكچى بولسىڭىز:....؛ چەك ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز:....؛ بانكا پرىۋۇتى ئۈچۈن:....؛ ھەتتا تور ئارقىلىق تۆلەشمۇ بار. ماڭا بۇنىسى ھەممىدىن بەك ياقىدۇ.
مانا شۇلارنى ئويلىغاندا سۈرئەتنى تېزلەتكەنمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۆتكەندە مانا شۇنداق ئالدىراش نەتىجىسىدە بىر ماشىنىغا سوقۇۋەتتىم. بۇ يەردە سالاغا ئورۇن يوق! بوپتۇلا دېگەننى خەق ئۇنتۇپ كەتكەن. پەقەتلا پۇل! تۆرتمىڭ دوللار بىلەن قۇتۇلغان ئىدىم. بىر ئاي بىكارغا ئىشلىدىم دېسەممۇ بولۇدۇ!
ئۆزەمنى بېسىۋالدىم. تۆمۈر يول كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇياقتىن پويېزنىڭ ئالدىراش سويلاپ كېلىۋاتقىنىمۇ كۆرۈندى. يەنە ئىختىيارسىز گازغا پۇتۇم كەتتىيۇ، بېرىپلا دەلمۇ-دەل پويېزنىڭ بېشىغىلا ئۈسۈۋالىدىغاندەك بىر تەسەۋۋۇر بىلەن تېنىم شۈركۈنۈپ كەتتى. يەنە دەرھال بېسىقىمغا چۈشتۈم. مەن دەل پويېز ئۆتۈۋاتقان چاغدىكى ماشىنا توختاش سىزىقىغا دەسسىگەن چاغدا، پويېز يول كېسىشمىسىدىن بەش مېتىرچە ئۆتكەن ئىدى. ئون سېكونتلۇق بىر كېچىكىش! نەقەدەر ئېچىنىشلىق! ئەسلى بەلگىلىمەم بويىچە ئۆيدىن ماشىنىغا چىقىپ بولۇدۇغان ۋاقتىم 5:30 بولۇشى كېرەك ئىدى-دە، بۈگۈنكى ئاشۇ بىر مىنۇتلۇق كېچىكىشنىڭ خاپىلىقى قانداق ئۇلانما خاپىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىنى كۆرۈڭ!
ئەمدى، ئون بەش مىنۇت بايىلا تۈگىدى دېگەن گەپ. بۇ سىرتلاننىڭ ئۇزۇنلىقىغا قاراڭلار! ئاخىرى كۆرۈنەي دېمەيدۇ! ۋاگونلارنى ساناپمۇ باقىسەن، يۈزگىچە ساناپ زېرىكىسەن. بەزىلەر زېرىكمەي ساناپتىمىش، 140 ۋاگون سۆرەيدۇ، دېيىشىدۇ. بەزىلەر 170 ۋاگون سانىدىم دەپ قەسەم ئىچىشىدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا بىرەر ئىشنى پۈتتۈرىۋالغىلى بولسا دەپ كېتىسەن. ئۆيدە بولسامغۇ بۇنداق ئونبەش مىنۇت ۋاقىت دېگەن تازىمۇ كېرەكتى. ئەمما بۇ يەردە ئۆز گۆشۈڭنى يەپ كۈتمەكتىن باشقا چارەڭ يوق.
توغرا، دېيىلىشى مۈمكىن، »ئۇنداق بولغاندىكىن، سائەتنى بىرئاز بالدۇرراق چالىدىغان قىلىپ توغرۇلاپ قويسا بولۇدۇغۇ«. قارىماققا توغرا. ئەمما ھەركۈنى ئاخشام سائەت توغرىلىغاندا 4:55 كە توغرۇلايمۇ؟ ياكى 5:00 بولسۇنمۇ دەپ خېلى ئارىسالدى بولۇمەن. چۈنكى ئۇخلىمىسام بولمايدۇ. بەش مىنۇت، ئۈچ مىنۇت دېگەندە قانچىلىك ئۇخلاپ كەتكىلى بولار دېيىلگەن بىلەن، بۇنى ياشاپ باققان بىلىدۇ. ئاشۇ ئەتتىگەن باشلانغان ماشىنالاردەك ھەركەت ئاخشىمى توختاپ، »ئۇھ« دەپ كارۋاتقا ئۆزەڭنى تاشلىغىچە قانچە سائەت ئۆتۈدۈغانلىقىنى ئويلىساڭلا، بۇنىڭدا ۋاقىتنى ئاشۇنداق سىقىپ، ئۇخلاش ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىشقا تىرىشىشنىڭ ناھايىتى تەبىئىي بىر ئىنتىلىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايسىز.
پويېز ئۆتۈپ بولدى. نېمىلا دېگەن بىلەن بولغۇلۇق بولۇپ بولدى. ئەمدى پەسىللىك ياكى ئايلىق مۇكاپات كارتلىرىممۇ ئۆلدى دېگەن گەپ! ۋاي ئاللاھ، ما قىسمەتنى!
ئىش ۋاقتىمىز ئون سائەت دېيىلسىمۇ، ئىش ۋاقتىدىن 15 مىنۇت بۇرۇن كەلگەنلىك سىگنالىمىز كوميۇتېرغا كىرىپ بولۇشى كېرەك. يولدا كېتىدۇ يېرىم سائەتچە ۋاقىت، ئىشتىن چۈشۈدۈغان ۋاقتىمىزمۇ 20 مىنۇت ئۆتكەندە بولۇدۇ، چۈنكى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى چىقىرىۋېتىلەمدۇ قانداق، ئەيتاۋۇر، 6:00 باشلىغان ئىش 4:00 تە تۈگىشى كېرەك بولسىمۇ، 4:20 ئۆتكەندە سىگنال چېلىنىدۇ. يولدا يەنە يېرىم سائەتچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر كەچقۇرۇن يەنە پويېزغا ئۇچراپ قالىدىغان بولساڭ يېرىم سائەت كېتىدۇ. چۈنكى كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشكەنلەرنىڭ ماشىنىلىرى يوللارغا تولۇپ كەتكەچكە، كالا ھارۋىسىدىنمۇ ئاستا مېڭىشقا مەجبۇر بولۇسەن. مانا شۇنداق قىلىپ، سائەت بەشلەردە ئۆيدە بولالىساڭ، ئون ئىككى سائەت ۋاقىت سىرتتا كەتتى دېگەن گەپ!
ئىشقۇ ئېغىر ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى خاسىيىتىدە ھېچكىم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا زورلانمايدۇ؛ ئېغىر كۆتۈرۈش، كۈچەپ ئىتتىرىش تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ماشىنا بىلەن قىلىمىز. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا بۇ ئىستراھەت ئەمەس، »ئىش« بولغىنى ئۈچۈن ھېرىپ جۇلۇقۇم چىقىپ كېتىدۇ. بەلكىم ئاشۇ ئۇزاق سائەتنىڭ ئەڭ ئاز توققۇز سائىتىدە پۇتۇمنىڭ ئۈستىدە ئۆرىلا تۇرىدىغىنىم ئۈچۈندۇر، ئاخشىمى ئىشتىن چۈشۈپ ماشىنا ئورۇندۇقىغا ئۆزۈمنى تاشلىغان ۋاقتىمدا چۆلدىن ھېرىپ كەلگەن يولۇچىدەكلا ماجالىمدىن كەتكەن بولۇمەن.
ئىشىمىزنى ئېغىر ئەمەس، دېدىم. ئېغىر بولماسلىق بىلەن بىللە نۇرغۇن ئارا ۋاقىتلارمۇ بار. ھىچ ئىش قىلماي بىرسى بىلەن گەپلىشىپ تۇرۇشلار، سايمان كۈتۈشلەر، ماتىرىيال كۈتۈشلەر،... مۇشۇ تۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدىمۇ يەنىلا پۇتنىڭ ئۈستىدىلا تۇرۇدۇغان گەپ. ئولتۇرۇۋالساڭ دەرھال كۆزگە چېلىقىسەن؛ ئىشلىمەيۋاتقان ھورۇندەك بىلىنىپ قالىسەن؛ ئەمما ئۆرە تۇرساڭ ئىشقا ھىساپ. تازىمۇ بىمەنىلىك. ئىش بولمىسىمۇ ئۆرە تۇرۇپ ھېرىشىمىزنىڭ كىمگە كېرىكىكىن، تازىمۇ تېتىقسىزلىق-تە، بۇ!
ھە، مانا شۇ تۇرۇشلاردا ئەگەر بىرەرسى ئېغىز تاتىلاپ گەپكە تۇتۇپ، ھالاقىت بەرمىسىلا، خالىغانچە خىيال سۈرسەڭ بولۇدۇ. بۇ خىيالىڭنىڭ قانچىلىك بىمەنە، شەھۋانى، گۇناھلىق ياكى قانچىلىك جىنايى مەزمۇن ئېلىشى بىلەن ھىچكىمنىڭ ئىشى يوق. ھەتتا مەن بۇنداق خىياللىرىمنىڭ كۆپۈنچىسىدە بەھەيۋەت يوغان گىگانت ئادەمگە ئايلىنىشنى، ماڭا ئۇچار تەخسە تېزلىكىدە ئۇچۇدۇغان قابىلىيەتنىڭ ئاتا قىلىنغان بولۇشىنى خىيال قىلىمەن. ئاشۇنداق بولۇپ قالسام دەيمەن، ھەركۈنى ۋەتەنگە ئۇچۇپ بارسام، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ گازارمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، تىرە-پىرەڭ قىلىۋەتسەم؛ ھەتتا خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ تۈزلىۋەتسەم، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل تەرەققىياتىنى، ھازىرقى زامانغا خاس نېمەرسىكى نەرسىسى بولسا ھەممىنى كۇكۇم- تالقان قىلىپ، ئۇلارنى ئىككى مىڭ يىل ئالدىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ۋەتىنىمىزدىن چېكىنىشكە مەجبۇر قىلسام،.... دېگەنلەرنى ئويلاپ كېتىمەن. يەنە تېخى بەزىدە بەكرەك غەزىپىم تۇتۇپ قالغان بولسا ئۇلارنى يەر شارىدىن تامامەن تازىلاپمۇۋېتىمەن. يەرشارى ئۈچۈن خىتاينىڭ نېمە كېرىكى! ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاھانەتقۇ ئۇلار! ھازىرغىچە ئادەم گۆشى يەپ يۈرسە!
بۇ رېئال بىر ئارزۇنىڭ تېشىغا تېپىشى دېيىشكىمۇ بولۇدۇغان فانتازىيەلەرگە پېتىپ كەتكەن چاغلىرىمدا بىرەرسى دىققىتىمنى چالغىتىپ قالسا، ئاشۇ خىتايغا قارشى ئۇرۇش سېپىدىن قايتىپ كېلىشكە خۇشياقماي، چاقىرغان ئادەمگە ئالىيىپمۇ قويۇمەن. خىياللىرىمنىڭ 90 پىرسەنتلىك قىسمىنى ئىشغال قىلغان بۇ شېرىن فانتازىيەلىرىم بىلەن بىرگە بەزىدە رېئال تۇرمۇشۇم ھەققىدىمۇ ئويلاپ كېتىمەن. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى كۈندۈلۈك ئىش –ھەركەت جەدۋىلىمنى تەكرار ئويلىماي بولمايدۇ. چۈنكى مىنۇت ھايال بولماستىن بۇ ئىشلارغا كىرىشەلمەي، ئارىسالدى بولۇپ ياكى نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي مەڭدەپ قېلىش بىلەن بىرنەچچە مىنۇتنى ئىسراپ قىلسام، بۇ بىر نەچچە مىنۇت سۈرۈلۈپ بېرىپ، بىر چوڭ ئىشنى بەربات قىلىشقىچە بېرىپ يېتىدۇ.
مەسىلەن، بۈگۈن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىم ھەققىدە مانا مۇشۇ ئىشقا تەۋە ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئوبدان ئويلۇنۇپ رەتكە تىزىۋېلىشىم كېرەك. بېرىپلا كىرلەرنى ماشىنىغا تاشلايمەن. كىرنىڭ يۇيۇلۇپ بولۇشىغا يېرىم سائەتچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ۋاقىت ئىچىدە دەرھال ئىش چاڭلىرىدىن ئېرىغدىلىش ئۈچۈن يۇيۇنۇۋالىمەن. ئەگەر بۇ كىرنىڭ يۇيۇلۇش ۋاقتىدىن بۇرۇنراق تاماملانسا تاماققا تۇتۇش قىلىپ، ھىچ بولمىغاندا تەييارلىقنى پۈتتۈرىۋېلىشىم كېرەك. قازىنىم قاينىغىچە بىكار كۈتۈپ تۇرۇدۇغان شۇ ۋاقىتتا بەزى زۆرۈر تېلىپۇنلارنى قىلىمەن. يەنى بۈگۈن نېمە تېلىپۇنلارنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئەگەر جاۋاپ تەلەپ قىلىپ سۆز قالدۇرغانلار بولۇپ قالسا، تېلىپۇن ئۈچۈنمۇ خېلى ۋاقىت كېتىدۇ. بەزىدە تۈگىمەس سودا ئېلانچىلىرىنىڭ تېلىپۇنلىرىمۇ ۋاقىت ئالىدۇ. سۆز قالدۇرغان بولسا كىملىكىنى بىلمىگەندىن كېيىن بەرىبىر ئېچىپ، ئاڭلاپ بېقىشقا مەجبۇر بولۇدۇغان گەپ.
— ئوووو! راست، بۈگۈن ئاينىڭ ئاخىرى، ئۆي ئىجارىسىنى ئۇنۇتماسلىقىم كېرەك! بىر كۈن كېچىكسەم جەرىمانىسىنى قوشۇپ تۆلىشىمگە توغرا كېلىدۇ! مانا شۇنداق ھەممىسى پۇللا دەيدۇ! غەرپ دۇنياسىدا ئىش ھەققى يوقۇرى، پۇلنى كۆپ تېپىۋاتقاندەك قىلىمىز-دە، قارىساڭ بەرگەن پۇلنى يانچۇغۇڭغا دوملاپ قويۇپلا ئېلىۋالىدىغان يوللارمۇ بەك كۆپ. ئاخىرىدا قارايسەنكى، يانچۇقۇڭدا بىرنېمە قالمىغان.
توغرا، ئۆي ئىجارىسى تۆلەيدىغان ئىشقا ئون مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ئۇنى بىرەر ئىش بىلەن پاراللېل قىلىشىم كېرەك. قوش لېنىيەلىك پايدىلىنىش ئۇسۇلۇم بىلەن. بولمىسا ۋاقىت توشامدۇ. ئۇيقۇم يېرىم كېچىگە قالىدۇ. ھە توغرا، تامىقىم سوۋۇغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈگرەپ چىقىپلا چەكنى بېرىپ كىرەرمەن.
بۈگۈن قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نېمە ئىشلار بارىكىنە؟ تازا بىر ئويلۇنۇۋالاي! ھە، بۇ شەھەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئاغرىق ئىكەنمىش، شۇنى بىر تۈرلۈك يوقلىيالماي كەتتىم. قانداق قىلسام بولۇدىكىن. بۈگۈن شۇنىڭغا ئېشىنالارمەنمۇ؟ بىر شەھەر دېگەن بىلەن ئارىلىقىمىز ئەڭ ئاز ئون كىلومېتېر، نىمكەش ماشىنىنى داراڭلىتىپ بېرىپ كېلىش كېرەك. ئۇغۇ مەيلى، بارغاندىكىن بىر ئاز ئولتۇرمىسا تېخى، ئولتۇردۇڭمۇ بولدى، ۋاقىت دېگەن بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىغان گەپ. ئاندىن ئۇخلاش ۋاقتى كېچىكىدۇ، ئەتتىگەندە كۆزۈڭنى يىرىپمۇ ئاچالماي قالىسەن. ھە، مەيلى، تېلىپۇندا ئەھۋال سوراپ قۇتۇلارمەن بولمىسا. ئىشتىن ئېشىنالمىغىنىمنى دېسەم توغرا چۈشۈنۈدۇ. چۈنكى بۇ يەردە دادا بالا ئارىسىدىمۇ ئەھۋال شۇ تۇرسا، نېمە ئىلاج؟!
ھە، يەنە بىر موھىم تېلىپۇن بار: بىرىنىڭ دادىسى كەلگەن ئىدى ئەمەسمۇ، ئۇنى بىرەر قېتىم ئۆيگە چاقىرىپ، ياكى باغچىدا كاۋاپ قىلىپ مىھمان قىلىپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى. بۇنىڭغىغۇ ئەڭ ئاز ئالتە سائەت ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا تېخىمۇ تەس. دەم ئېلىش كۈنىدىمۇ؟ دەم ئېلىش كۈنىدە ھەپتىلىك سودىلىقلىرىمىز بولۇدۇ، ھەپتىلىك تاماق ھازىرلىۋالمىسام بولمايدۇ. يۇرتقا تېلىپۇن قىلىشىم كېرەك....
ئۆتكەن يىلى غېنىزاتنىڭ دادىسى كەلگەندە ئۆيگە چاقىرغانىدىم (قانداق قىلىپ بۇنچىلىك ۋاقىت چىقارغىنىمغا ئىشىنەلمەيمەن)، ئۇ ئادەمنىڭ تەسىراتلىرى مېنى ئاجايىپلا ئويلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.
ئۇ ئۆيۈمنىڭ بالكۇنىغا چىقىپ، ئەتراپقا قاراپ:
— ئوھھۇي ي....! — دەپ ئۇشقۇيتۇۋەتتى. نېمە بولغاندۇر دەپ يۈگرەپ چىقتىم.
— نېمە بولدى؟ — ئەنسىز سورۇدۇم. دادىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن غېنىزاتمۇ ھېچنەرسىنى چۈشۈنەلمەي دادىسىغا قارىۋىدى، ئۇ ئادەم:
— ئۆيىڭىزنىڭ ئەتراپى نېمە دېگەن گۈزەل! — دېدى، جاۋابەن.
شۇندىلا »ئۇھ« دەپ دېمىمنى ئېلىپ، غېنىزاتقا قارىۋىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۈنسىز تىكىلدى. ئۇنىڭ نېمە تەسىراتقا كەلگەنلىكىنى، نېمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلمەيمەن، ئەمما مەن شۇ چاغدىلا ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىغا قاراپ، »پاھ، ھەجەپمۇ گۈزەلكەن، راست!« دەپ ئويلاش بىلەن، يۈرۈكۈمنى نېمىدۇر بىر نەرسە تاتىلاپ ئۆتكەندەك بولدى. ھەقىقەتەنمۇ دېرىزەمنىڭ ئارقىسىدا تىيىنلار ئويناپ يۈرىدىغان ئىگىز ۋە قامەتلىك دەرەخلەر، ئۇياقراقىدا تۈپ-تۈز كەتكەن ياپ –يېشىل چىملىق، چىملىقتا پۇتبول مەيدانى، بىر تەرەپتە بالىلار ئوينايدىغان تورنىكلار، سىرىلما تاختىلار، پىقىرىغۇچلار،... ئۇنىڭ قارشىسىدا ياۋا غازلار خاتىرىجەم ئۈزۈپ يۈرگەن كۆپ- كۆك كۆل بارىدى. راستىنى دېسەم مەن بۇلارنى ئەمدىلا كۆرۈۋاتاتتىم ياكى ئەمدىلا دىققەت قىلىۋاتاتتىم! ماشىنىدەك غۇيۇلدىغان ھەركەتلەر بىلەن كۈنۈم ئۆتۈپ، شۇ دېرىزەمنىڭ ئارقىسىدىكى مەنزىرىدىن ھوزۇرلۇنۇش ئەمەس، ئۇ قەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشقىمۇ ھەپسىلەم بولمىغىنىغا ئىچىم ئېچىشىپلا كەتكەن ئىدى.
شۇئاندا دادىسى كەلگەن ۋەتەندىشىمىز دادىسى يېڭى كەلگەن كۈنلىرى يۈز كۆرۈشۈش چېيى قىپتىكەن، شەھەرنىڭ ئەڭ كۆركەم باغچىسىدا كاۋاپ سەيلىسى ئارىلاش. مانا شۇ چايغا تەكلىپ بىلەن بېرىشقا توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇمۇ تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ مېنى غەلىتە خىياللارغا پاتۇرۇپلاۋەتتى.
— نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر خاتىرىجەم دۇنيا، نەقەدەر ئەركىن.... نېمە دېگۈڭلار كەلسە دېيەلەيدىغان، خالىغاننى قىلالايدىغان،....
شۇ چاغدا مەن ئەركىنلىكىمىز ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالغان ئىدىم. خالىغىنىمنى قاچاندا دەيدىغاندىمەن؟ خالىغىنىمنى قاچان قىلىدىغاندىمەن؟ دېگەنلەرنى ئويلىسام خۇددى بېخىلنىڭ پۇلى خەجلەنمەي چاشقان تىتىۋەتكەندەكلا بىر ئىش بولۇۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالدىم. بۇنىڭ بىلەن ئىچىمگە جىن كىرىپ، بۇ ئادەمنى گەپكە سالدىم. يەنە قانداق تەسىراتلىرى بارلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم. دوستىمىز دادىسىنى ئوينۇتۇش ئىھتىياجى ئۈچۈن دەم ئېلىش ئېلىپ، ئۇنى ئوينۇتۇپ يۈرگەن كۈنلەر ئىدى (تەبىئىيكى بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىشقا چۈشتى). ئوخشىمىغان بىر دۇنيادىن كەلگەن ئادەم ئۈچۈن بۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ ھەممە نېمىسى قىزىقارلىق، چۈشتىكىدەكلا بىر يەر ئىدى. بىز سېزەلمىگەن نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرنى ئۇ كۆرەلەيتى.
ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر ساياھەت رايونىغا ئاپارغان ئىكەن. دوستىمىزمۇ دادىسىنىڭ باھانىسىدا ئەمدىلا بېرىپ ئويناپ كېلىشكە مۇۋەپپەق بولۇپ ئولتۇراتتى. يىللاردىن بېرى مانا بارىمەن، ئەنە بارىمەن دەپ بىر تۈرلۈك نېسىپ بولماي، كونىلارنىڭ دېگىنىدەك »بوسۇغا داۋان«دىن چىقالمايلا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ گۈزەل مەنزىرىلىك جايلاردىن ئالغان بالىلارچە ئوماق تەسىراتىمۇ مېنىڭ كۆزۈمگە يىغا كەلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. مەنمۇ ئاشۇ يېقىنىمىزدىكى ساياھەت رايونىغا بېرىپ ئويناپ كېلىشنى ئارزۇ قىلىپلا تۇراتتىم، ئەمما بىر تۈرلۈك بارالماي يۈرەتتىم. ھازىرقى مۇشۇ ئەھۋالىمدا قانداق بارالارمەن؟ ئىشلەۋاتسام، تېپىۋاتقان پۇلنى قويۇپلا، پۇل خەجلەيدىغان يەرگە بېرىشقا كىم ئۇنايدۇ؟ ساراڭمۇ خەق؟ ئىشتىن توختىسام بارارمەن، دېگەن نىيەت بىلەن ئۆز-ئۆزىمىزنى بەزلىسەكمۇ، ئەمەلىيەتتە نەچچە قېتىم ئىشسىز قالغان چاغلىرىمىز بولدى. ئەگەر بۇ قىش كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن بولسا، »قىشتا ساياھەتنىڭ پەيزى بولامدۇ« دەپ ئۆزىمىزنى گوللىدۇق، ئەگەر يازغا توغرا كەلگەن بولسا دەرھال بىر ئەمەلىي ھىساپ كىتاپ قىلىپ، قورقۇپ كەتتۇق. چۈنكى بۇ يەردە ئالتە ئاي ئىشلەپ، بىرئايلا ئىشسىز قالسا سىدام بولۇپ قالىدىغان گەپ. ئۇنداقكەن، ئىشسىز قالغان ئادەم ساياھەتكە بېرىشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟ ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىن بەلگىلىگەن بىر چېكى بولمىسا، قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ، ئاڭغىچە بۇ ئېغىر ئۆي ئىجارىسىغا نېمە توشايدۇ؟ ئاڭغىچە نېمە يەپ نېمە ئىچىدۇ؟ بۇلارنى ئويلىغاندا ئادەمنىڭ كەيپى ئۇچماي قالامدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن بۇ كەيپسىزلىكتە ساياھەتكە رەغدى بولامدۇ؟
مانا شۇنداق قىلىپ، بۈگۈن دەپ، ئەتە دەپ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىغان گەپ.
رېئال نەرسىلەرنى ئويلىساڭغۇ ئىشلىرىڭنىڭ كۈنتەرتىبىنى ئوبدان پۇختىلىۋالىسەن، ئەمما شۇ ئادەم كەيپسىزلىنىپ كېتىدۇ-دە. يەنىلا خامخىيالدىن ياخشىسى يوق. بىر كۈن ئىچىدە ۋەتەننى نەچچە قېتىم ئازات قىلىپ بولۇسەن. ھەر قېتىمدىلا بىر-بىرىدىن قىزىق ئۇسۇللار بىلەن. شۇ خىتايلارنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى بۇرنىدىن بۇلاق قىلىش نەقەدەر پەيزى، ئەمما خىيالدىن باش كۆتۈرسەڭلا يېنىڭدىلا بىر خىتاي ھىجىيىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولۇدۇ. ھېچنېمە دېيەلمەيسەن، بۇنىسى تازىمۇ جانغا تېگىدۇ. يەنە ياخشى تەرىپى ۋاقىت خېلى تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئون سائەت ئىش ۋاقتى، كۈنلۈك ئۆمۈرنىڭ يېرىمى دېمەك! بۇ قەدەر ئۇزۇن ۋاقىتتا ئەگەر ئاشۇنداق گۈزەل تەسەۋۋۇرلاردىن تۇغۇلغان خامخىياللار بولمىسىدى، نەقەدەر زېرىكىشلىك، نەقەدەر ئۇزۇن بولاتتى!
مانا شۇنداق قىلىپ، ئىش سائىتىنى تۈگىتىپ، ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ھازىر بولدۇق. كارتنى سۇۋاپ، چىققانلىقىمىزنى كومپيۇتېرغا بىلدۈرۈشتىن ساق ئەللىك مىنۇت بۇرۇن ئىشتىن توختايمىز، ئاندىن لەلەڭلەپ يۈرۈپ ئىمزا قويۇش ئۈچۈن توپلۇنۇدۇغان يەرگە كېلىپ، ئىش بېشىنى كۈتۈمىز. نۆۋەت تالاشقان ھالدا ئىمزانى قويۇپ تاماق زالىغا يۈگرەيمىز. ھاپىلا شاپىلا ئىش كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، كاسكىلىرىمىزنى ئېسىپ، تاماق سومكىمىزنى ئېلىپ چىققۇچە، كارت سۇۋايدىغان يەردە ئۇزۇن بىر ئۆچرەت ھاسىل بولۇپ بولۇدۇ. بەش ئون مىنۇت مانا بۇ يەردە ئۆچرەتتە تۇرۇپ، سىگنالنىڭ چېلىنىشىنى كۈتۈشۈمىز كېرەك. بۇ يەردە تۇرغىنىمىز ئىشلىگەنلىكىمىز، ئەمما كارتنى بالدۇر سۇۋاپ چىقىپ كەتسەك، كومپيۇتېر بىزنى بالدۇر كەتتى دەپ خاتىرلەپ قويۇدۇ.
سىگنالنىڭ چىقىشى بىلەن كارت سۇۋاش باشلىنىدۇ، بىر كۈنلۈك ئىش ۋاقتىدىن قۇتۇلۇپ، گويا ئازاتلىققا چىقىدىغاندەك تەشنالىق يۈزلىرىدىن پارلاپ تۇرغان ھارغىن چىرايلارنىڭ مەمنۇنىيىتى مانا شۇنداق باشلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ھەپتە ئاخىرى بولۇپ، ئىككى كۈن دەم ئالىدىغان ئىش بولسىغۇ، بىر بىرلىرىگە خوشال ھەپتە ئاخىرى تىلەشلەر بىلەن خوشلىشىلار تونۇشلار ئارىسىدا تەكرارلىنىدۇ. ئاندىن ماشىنا توختۇتۇلغان مەيدانغا قاراپ يۈگرەيدىغان گەپ. بۇ يەردىن قانچە بالدۇر چىقىۋالساڭ، ئۆيگە شۇنچە چاپسان بارىسىەن. بۇ يەردە بىر مىنۇت كېچىككىنىڭ، يېرىم سائەتنىڭ بېشىغا چىقىشى مۈمكىن. چۈنكى ئىشتىن چۈشۈپ ھەرخىل تۆشۈكلەردىن چىقىشقان كىشىلەر، خىلمۇ - خىل ماشىنىلىرى بىلەن كوچىغا بىراقلا تۆكۈلگەچكە، بۇ قىستاڭچىلىقتا ماشىنا ھەيدىگەندىن پىيادە ماڭغان كۆپ تېز بولۇدۇغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. ھەركىم ئالدىرايدۇ، ئالدىرىمايدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق. ھارغىن چىرايلارنىڭ خۇشاللىقى بۇ يەردە تاقەتسىزلىكتىن نېرۋىسى چېچىلىشقا ئايلىنىدۇ.
ئاللاھ ساقلىسۇن، بەزىدە مۇشۇنداق چاغدا بىر پويېز ئۆتۈپ قېلىشتىن! بۇنىسى تېخىمۇ ئاستا ماڭغاچقا يېرىلىپ كېتەيلا دەيسەن. ھەتتا بەزىدە توختاپمۇ قالىدۇ.
شۈكرىلەر بولسۇنكى، بۈگۈن پويېزغا يولوقمۇدۇق. 35 مىنۇتتا ئۆيگە يېتىپ كەلدىم. ماشىنامنى ئۆزەمگە بەلگىلەنگەن ئورنۇمغا توختۇتۇپ، خۇددى پارتلاپ كېتىش ئالدىدىكى ماشىنىدىن ئايرىلغاندەك تېزلىكتە ئىشىككە يۈگرىدىم. بىنانىڭ ئاساسىي كىرىش ئىشىكى ئىچىدىكى كىچىك زالدا خەت-چەك ساندۇقىمىز بار، ھەركۈن ئىشتىن كېلىپ كىرىپ كېتىۋاتقاچلا خەت ساندۇقۇمنى ئېچىپ، ئۇنىڭدا نېمە بولسا ھەممىسىنى سېرىپ-سۈپۈرۈپ ئېلىپ ماڭىمەن. قاراشقا ئۈلگۈرمەيمەن. چۈنكى بۇ خەتلەرگە قاراشقا ئايرىلغان ۋاقىت ئەمەس. پەقەت لىفىتتىن چىقىپ كېتىۋاتقاچ ئۇنىڭدىكى توۋار ئېلانلىرىنىلا ئايرىپ ئايرىم تۇتۇۋالىمەن – دە، ئەخلەتكە تاشلىۋېتىمەن. لىفىتنىڭ ئاستىلىقى يۈرىگىمنى يېدى. ئۆيگە كىرىپلا تاماق سومكامنى ئوتتۇرىغىلا ئېتىپ، قولۇمدىكى خەت-چەكلەرنى شىرەگە قويۇپ، ئاخشام ھازىرلاپ قويغان كىرلەرنى پىلاستىك سۆۋەت بىلەن كۆتۈرگەنچە كىرخانىغا چاپتىم. كىرلەرنى ماشىنىغا سېلىۋېتىپ، قارىسام پارشۇكنى ئۇنتۇپتىمەن. كىملەرنىدۇر مىڭنى تىللاپ يۈگرىگەنچە ئۆيگە يېنىپ، پارشۇكنى ئالدىم. پارشۇكنى ماشىنىغا سېلىپ، ئاغزىنى يېپىۋىددىم، ماشىنا ماڭمىدى. شۇندىلا ماشىنىغا سالىدىغان پۇل ئورنىدىكى تەڭگىنى ئۇنۇتقىنىم بىلىندى. يەنە بىر قېتىم ئۆيگە يېنىشقا توغرا كەلدى. ھېلىمۇ ياخشىكى بىنامىزنىڭ كىرخانىسى ھەر قەۋەتتىلا بار؛ بەزى بىنالاردا يەرئاستىدا بولۇدۇ، ئەڭ ئۈست قەۋەتلەردىن يەر ئاستىغا چۈشۈش كېرەك. بۇمۇ خېلى بولۇدۇ؛ ئەمما بەزى كونا بىنالاردا بۇمۇ يوق، سىرتقا— مەھەللە كىرخانىسىغا چىقىشىڭ كېرەك. ئەگەر ئاشۇنداق بولۇپ قالسا، بۈگۈنكىدەك ئەھۋالدا قانچىلىك ۋاقتىم كېتەتتىكىن؟ مانا شۇلارنى ئويلاپ، شۈكرى قىلدىم ۋە قولدىن بېرىۋەتكەن بىرنەچچە مىنۇت ئۈچۈن تەسەللى تاپتىم.
ئەمدى ماشىنا يېرىم سائەت ئايلىنىپ، كىرلىرىمنى يۇيۇپ بولغىچە يۇيۇنۇپ چىقىشىم كېرەك. مانا بۇمۇ ۋاقىت ئىشلىتىشتىكى قوشقاتلىق پايدىلىنىش مېتودۇمغا دائىر كۈندىلىك مەشغۇلاتلىرىم.
ئۇچقاندەك قايتىپ كىرىپلا توڭلاتقۇدىن پىلتىلانغان خېمىرنى چىقىرىپ قويدۇم. بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتىن ئۈچ قات پايدىلانغان بولاتتىم. مەن يۇيۇنۇپ چىققۇچە خېمىرنىڭ سوغۇقى كېتىپ، بىر ئاز يۇمشايتى. كىرىلىرىمنى ئېلىپ، قۇرۇتۇش ماشىنىسىغا تاشلىۋېتىپ، يەنە كىرەتتىم. ئاندىن قازانغا سۇنى قۇيۇپ، سۇ قاينىغىچە كوميۇتېرنى ئېچىپ، خەتلىرىمگە ۋە بەزى بەتلەردىن يېڭىلىقلارغا كۆز تاشلىشىم كېرەك. مانا شۇ چاغدا ئاشخانىدىن قازان تۇۋىقىنىڭ تاراقلىشى ئاڭلىنىپ، سۇنىڭ قاينىغانلىقىنى خەۋەر بەردى. ئۇچقاندەك چىقىپ، خېمىرنى تارتىپ، ئاشنى سېلىۋەتتىم. مۇزدەك خېمىر بىلەن »ئۆستەڭ بويىغا يانغان« سۇ تەكرار قاينىغىچە يۈگرەپ چىقىپ كىرلىرىمنى ئەكىرىۋالدىم.
ئاشنىڭ پىشىشىغا ئۈلگۈرتۈپ، قورۇمامنى قىزىتىشىم كېرەكىدى. توڭلاتقۇدا يەنە ھەپتىلىك قورۇما بىر قازاندا بولاتتى. ئۇنىڭدىن بىر سېلىملىق بۆلۈپ، ئۇنى مىكرو دولقۇنلۇق ئىسسىتقۇچقا قويۇۋېتىپ، ئاندىن ئاشنى سۈزدۈم. ئاشنى چايقاپ، تەخسىگە سېلىپ بولغىچە، ئىككى مىنۇتلۇق قىزىتىش ۋاقتى توشۇپ، ئىسسىتقۇچ سىگنال بەردى. قورۇمىنى ئېلىپ، ئېشىمنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ، تاماق شىرەسىگە كېلىپ ئولتۇردۇم. شۇندىلا 14 سائەتتىن بېرى مېنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن پۇتۇمنىڭ ئارامچىلىقى باشلاندى. مانا شۇندىلا پۇتۇمنىڭ تەقەدەر تېلىپ، ماجالى قالمىغانلىقىنى سەزدىم. تاماقنى يگەچ يەنە قىلىدىغان ئىشلىرىمنى بىر قۇر ئەسلەشكە تىرىشتىم.
ئۆي ئىجارىسى! بۇ بەك موھىم بىر ئىشىم. ھە راست، خەت-چەكلەرگىمۇ قارىشىم كېرەك. ئۇنىڭدا بەزىدە جىددىي تۆلىۋەتمىسەم بولمايدىغان تالونلار كېلىدۇ. بۇ ئاي ئاخىرى بولغاچقا چوقۇم بار بۇلار. توك پۇلى، تور پۇلى، تېلىپۇن ھەققى، كىرىدىت كارتى قەرزلىرى دېگەندەكلەردىن چوقۇم بىر ئىككىسى چىقىپ قالىدۇ. ئوي-خىيال بىلەن بولۇپ، تاماقنىڭ تاتقىنىمۇ بىلمەس بولدۇم. تاماقتىن كېيىن قازان-قومۇشلارنى جۈمەك ئاستىدىكى يۇغۇچقا سېلىپ، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدىن تۆكۈپ، ئاندىن بىر ئاز سۇ چۈشۈرۈپ قويدۇم-دە، ئۆزەمچە ئۇ يۇمشاپ تۇرغىچە خەت-چەكلەرگە قارىۋالماقچى بولدۇم. »ۋاقتتىن قوش پايدىلىنىش« ئۇسۇلىنى تاپقىنىمدىن كېيىن گويا بىر ئىشنى يالغۇز قىلسام ۋاقىتنىڭ كۆڭلىگە كەپ قالىدىغاندەكلا بىر تۇيغۇدا بولۇدۇغان، شۇنىڭ بىلەن، ھەر ئىشقا بىر نەرسە قوشۇۋالىدىغان بولدۇم. ھەتتا سۈت پۇشۇرۇشتەك بېشىدا قاراپ تۇرمىسا ھېلىلا تېشىپ، ھەممە يەرنى رەسۋا قىلىۋىتىدىغان ئىشتىمۇ، قاينىغىچە بۇنى قىلغاچ تۇراي، دەيمەن-دە، نەتىجىدە دىققىتىم سۈتتە بولماي قېلىش تۈپەيلى، قاراپ تۇرۇپلا تاشقۇزۇۋېتىمەن. »‹يوق‹ دېسە ›چېلىپ ئىچىڭ«‹ دېگەندەك، ئەمدى ئوچاق بېشىنى تامامەن يۇيۇشقا توغرا كېلىدىغان يىگىرمە مىنۇتلۇق بىر تازىلىق خىزمىتى كۆپۈيەتتى!
خەت-چەكلەرگە قارىدىم. ئىككى دانە تالون بارىكەن. ئۇھ ھېلىمۇ ياخشى ۋاقتىدا ئېچىپتىمەن. كىرىدىت كارتى قەرزلىرىنى ۋاقتىدا تۆلىمىسەڭ ئۆسۈم باشلايدۇ. گۇناكار بولۇسەن. توك پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىمىسەڭ، جازاسى بار. ياخشىكى بۇلارنى تور ئارقىلىقلا تۆلەيمىز. ئەگەر بانكىغا بېرىپ قىلىشقا توغرا كەلسە ياكى شۇ شىركەتنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ تۆلەشكە توغرا كەلسە قانداقمۇ قىلارىدۇق. تور باياتىن بېرى ئوچۇق تۇراتتى. شۇڭا دەرھال بانكا ھىسابىمغا كىرىپ، بۇ ئىككى تالوندىكى ھىساپ نومۇرۇمغا تەلەپ قىلىنغان پۇلنى ئاغدۇرىۋەتتىم. بىرنەچچە مىنۇتتا قۇتۇلدۇم. نەقەدەر قولايلىق!
شۇندىلا كۆردۈمكى، ياتاق ئۆيۈمدىكى كارۋات بېشىدا تۇغان تلىپۇننىڭ سۆز قالدۇرۇش چىرىغى لىپىلداپ سىگنال بېرىپ تۇرۇپتۇ. سىگنال بىردە 6 دېگەن ساننى تەكرار كۆرسۈتەتتى. دېمەك ئالتە تېلىپۇن كەلگەن ۋە سۆز قالدۇرغان. بۇلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرمەيلا ئۆچۈرۈۋەتكەن چاغلىرىممۇ بولغان، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ بەك موھىملىرى بولۇپ، چوڭ ئىشلارغا چېتىلىدىغان، پۇلغا چېتىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا بىرنەچچە مىنۇتقا چىداپ، بۇلارنى بىر-بىرلەپ ئاڭلاش كېرەك. بەزىلىرى بەك تېز گەپ قىلغاچقا ھېچنېمىنى ئۇققىلى بولمايمۇ قالىدۇ. تەكرار-تەكرار ئاڭلاشقا توغرا كېلىدۇ. قالدۇرۇلغان تېلىپۇن نومۇرىنى توغرا بىلىپ يېزىۋېلىش ئۈچۈنمۇ نەچچە قېتىم تەكرارلاش كېرەك.
ياخشىكى، بۈگۈنكىلىرىنىڭ كۆپى ئېلانلار ئىكەن. بېشىنى باشلىشىغىلا ئۆچۈرۈۋەتتىم. بىرسى مۇشۇ شەھەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلىرىمىزدىن بىرسىنىڭ سۆزى ئىكەن. دەيدۇكى، »ئۇزۇن بولدى كۆرۈشەلمىدۇق، شۇڭا تېلىپۇندا بولسىمۇ كۆرۈشۈپ قوياي دېگەنتىم«. ئەھۋال مانا شۇ. دايىملا دەيدىغىنىمىز، تېلىپۇندا بولسىمۇ ئەھۋاللىشاي دېگەنتىم،... دېگەندەك ياسالما گەپلەر. دېمىسىمۇ بۇ دوستۇم بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئىككى ھەپتىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ كاشكى بىرىمىز قوقاندا، بىرىمىز سەمەرقەندە ياشىساق. بىر شەھەردە ياشايمىزۇ، ئەمما ۋاقتىمىز يوق. ۋاقىت قىسقىراپ كەتكەنمۇ، نېمە بالا؟ بۇ كۈنلەردە ھىچنەرسىگە ئېشىنغىلى بولمايدىغۇ؟ بۇرۇنلاردا بىر كۈن دېگەندە ئالەمنىڭ ئىشى تۈگەيتى، يەنە ئاخشاملىرى ئالاتاغىل ناخشىلارنى توۋلاپ، خاكساردەك كوچىمۇ-كوچا لاغايلاپ يۈرەتتۇق.
تېلىپۇننىڭ خاسىيىتى شۇ بولدىكى، ھېلىقى دادىسى كەلگەن ئۇيغۇرىمىزنىڭ دادىسىنى ئۆيگە چاقىرىپ قوياي دەپ ھىچ ئېشىنالماي كەتتىم. شۇ باھانىدە مەنمۇ »تېلىپۇندا بولسىمۇ كۆرۈشەي دېدىم... «دىن بىرنى دەپ، كۆڭۈل ياساپ قويۇپ تۇرمايمەنمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم. بۈگۈنكى ئىشقا كېچىكىشىمنىڭ ۋەجىدىن ھەقىچان ھەپتە ئاخىرىدا ئىشقا بارمايمەن. شۇ چاغدا چاقىرىۋالارمەن. ئۇنىڭدىن ئۆزۈر سوراپ بولۇپ، دوستۇمنىڭ تېلىپۇن سۆزىگىمۇ جاۋاپ بېرىپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم. بىر ئاز گەپلىشىپ بولسىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەش خۇمارىمنى باسقۇم كەلدى.
مانا شۇ چاغدا يۇرتتىكى ئىشلار خاتىرەمگە كېچىپ، چوڭقۇر ھەسرەت بىلەن ئۇلۇق-كىچىك تىندىم. ۋەتەننىڭ ئاخشاملىرى نەقەدەر گۈزەل ئىدى. كوچىنىڭ بىر دوقمۇشىدا توپلۇشۇۋېلىپ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشەتتۇق ياكى بىرەرسىمىزنىڭ ئۆيىگە توپلۇنۇپ ئولتۇرۇپ يېرىم كېچىدىن ئۆتكۈزۈۋېتەتتۇۇق. ۋاقىتنىڭ بەكلا بەركىتى بارىدى. كېسەللەرنى يوقلايتۇق؛ دائىملا بولۇپ تۇرۇدۇغان ئۆلۈم مەرىكلىلىرىگە قاتنىشاتتۇق، ھەتتا بەزىدە قەۋرىگىچە ئۇزۇتۇپ بارىدىغان چاغلىرىمىزمۇ بولاتتى. توي-تۆكۈنلەرگە، باشقا ھەر خىل »چاي«لارغا بېرىپ تۇراتتۇق. ھەممىگە يېتىشەتتۇق. گەپلىرىمىز بىر يەردىن چىقىدىغان، بىر ئېغىز گەپتىن تۈمەن مەنا چۈشۈنۈدىغان دوستلىرىمىز بولاتتى. ئەمدىلىكتە بۇ يەردە ئۇيغۇر بار دېسەكمۇ جەمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى زىچلىق تۈپەيلىدىن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرالمىغىنىمىز يەتمىگەندەك، گېپىمىزمۇ بىر يەردىن چىقمايدۇ؛ چۈنكى ئورتاق كەچمىشىمىز يوق. ھەر گەپنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئۇزۇن ھىكايىنى بىلگەنلەرلا ئۇنىڭدىكى مەنالاردىن زوق ئالالايدىغان گەپت-تە. بۇنداق سۆھبەتداشلار چوقۇم ئاشۇ ھىكايىلارنى ئورتاق باشتىن كەچۈرگەن، كەچۈرمىش ئورتاقلىقىغا ئىگە كىشىلەرنى تەقەززا قىلىدۇ. »يولدا قوشۇلغان ھەمرا«غا ھەر سۆزنىڭ ئىزاھاتى ئۈچۈن ھەممە ھىكايىنى ئاڭلىتىپ بولالمايسەن؛ ئاددىيدەك بىرەر سۆزنىڭ ئارقىسىدا ياتقان يومۇرلۇق ۋەقەنى دەپ ئولتۇرالمايسەن. مانا شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سۆھبەتلەر سۈنئىي، رەسمىيەتچىلىك تىپىدا؛ تات يوق، لەززەت يوق؛ ھاردۇقۇڭ چىقمايدۇ. شۇڭا ئۇچراشقىڭ كېلىپ خۇمار بولۇپمۇ كەتمەيسەن. سۆھبەت سۈنئىي بولغان ھالدا مۇناسىۋەتلەر چىن بولامدۇ؟ مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ سۈنئىي. نىمىدۇر يۈرەكنى تاتلايدۇ؛ ئاللىقانداق بىر خۇمار ھىچ يېشىلمەي يىغىلىدۇ، يىغىلىدۇ،... نېرۋىنى بۇزۇدۇ. ئارىلىشاي دېسەڭ »ئۇيغۇرچۇلۇق«؛ ئارىلاشماي دېسەڭ يەنە »ئۇيغۇرچۇلۇق«. موھىمى ھەممە ئادەم غەلىتە خاراكتېرلىك بولۇپ قېلىشقان، ئارانلا تۇرۇدۇ، ھە دېمەيلا دۈشمەن بولۇپ قېلىشىدۇ. يۇرتتىمۇ ئۇرۇشۇپ تۇرۇدۇغان ئىشلار بار، ئەمما ئۇ يەردە قان چېچىشىپ كەتكەنلەرمۇ بىر سەۋەپ بىلەن يارىشىپ، تەكرار قويۇق مۇناسىۋىتىنى قىلىدىغان. ئەمما چەتئەلدە قىلچىلىك بىر ئىشلار ئۈچۈن قېيدىشىپ قالغانلارنىڭ ياراشقىنىنى كۆرمەيسەن؛ شۇ پېتى ئۆمۈربويى دۈشمەن بولۇشۇپ قالىدىغان گەپكەن. نېمانچە نازۇكلۇقكىن بۇ؟ بىلىپ بولمايدۇ. بىر دوستۇم بېيجىڭدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ شۇنداقكەن دەيدۇ. بۇ تەتۈرلۈكنىڭ سەۋەبىدىكى ئورتاقلىق شۇ: باشقا بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي توپى ئىچىدە ياشايدىغان، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي توپىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر مانا شۇنداق بولۇپ قالىدۇ، دېسەك بولۇدىكەن.
تېلىپۇننى ئالغان دوستۇمغا:
— تېلىپۇن قىپتىكەنسەن، ئىشتا ئىدىم، —دېدىم. ئىش بۇ يەردە ھەرقانداق موھىم بىر سورۇندىن قالغان گۇناھىمىزغىمۇ كەففارەت بولالايدىغان بىر باھانە ئىدى. چۈنكى، بۇ يەردە ئىشسىز قالساڭ كۆز ئالدىڭ قاپ قاراڭغۇ بولۇپ كېتىدۇ. ئەتەڭ ۋە ئۇنىڭ نېرىسىغا كۆزۈڭ يەتمەي، قورقۇنۇچ باسىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە پەقەت پۇلۇڭ بولغاندىلا ھاياتلىق سېپىدىكى ئورنۇڭ بولۇدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسقاتىدىغان ھېچنېمەڭ يوق: نە تۇققان، نە دوست، نە يۇرتداش،... يۇرتتىكى چاغلىرىمىزنى ئەسلىسەك، مەھەللىمىزدە يېنىدا ئون تىيىن پۇلى يوق قوشنىلار بولاتتى. ئۇ يېرىدىن چىققان ئاشلىقىنى كېتىغا بېسىۋالغاچقا، پۇلى بولمىسىمۇ خاتىرىجەم ھالدا دوقمۇشلاردا باشقا يۇرتداشلار بىلەن خوشال-خۇررام قەرت ئويناپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئىشەنگىنى ئۆز ئۆيىدە، ئۆز يۇرتىدا، ئۆز قېرىنداشلىرى ئارىسىدا بولغىنى بولسا كېرەك. دادىسى يامان كۈنگە قالسا بالىسى ئەسقاتمايدىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتساق، ئىش مەۋزۇسىدا شۇنداق سەزگۈر بولماسلىقىمىز مۈمكىنمۇ؟
— جاھاندارچىلىقنىڭ زورىنى قارىمامسەن، پۇل تاپىمىز دەپ شۇ، بىر شەھەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ ئايلاپ كۆرۈشەلمىسەك، قانداق بوپ كەتكىنى بۇ؟ بۈگۈن ئىشقا كېچىكىپ، نۇرغۇن زىيانغا قالدىم، دېگىنە، بەلكىم ھەپتە ئاخىرىدىكى كۈنلەردە ئىشلىمەسمەن. شۇ چاغدا بىر ۋاقىت چىقىرىپ، بىريەردە بىرەر دەم بىللە ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشەرمىز،....
يادىمنىڭ بېرىدا ھېلىقى دادىسى كەلگەن ئاداشقا تېلىپۇن قىلىپ قوياي، تېلىپۇننىڭ يېنىدىن كەتسەملا ئۇنتۇپ كەتمەي يەنە.
— ئىش بىلەن بولۇپ يا بىر بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلەلمىدىم، يا بىر چاقىرىۋالالمىدىم، بۇ ھەپتە ئاخىرى بىر بولسا تېلىپۇن قىلىپ قالىمەن، داداڭنى ئېلىپ كېلىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كېتەرسەن... تېلىپۇندا بولسىمۇ كۆرۈشۈپ تۇرايلى،...
ئەمدى ھېلىقى ئاغرىپ قالغانغا بىر دەم ياسالمىلىق قىلاي.
....
تېلىپۇنلاردىن قۇتۇلدۇم. ئەمدى ئەتە ئىشقا ئېلىپ بارىدىغان تاماقلىرىمنى ھازىرلىشىم كېرەك. تاماق ھازىرلاشتىمۇ بىرمۇنچە ماشىنىلىشىش، زامانىۋىيلىشىشلىرىم بولدى. سامساق توغراش ياكى پىياز سوقۇش دېگەندەك، بەك ئۇششاق توغراشنى تەقەززا قىلىدىغان ئىشلارنى ماشىنا بىلەن قىلىمەن، »گاژ«قىلىپلا ئالسام بولۇدۇ. ئەمما يەنە شۇنداق بولسىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇخلايدىغان ۋاقىتلىرىم كەتمەكتە. بۇنى ئويلىساملا تېزرەك تۈگۈتۈپ، بالدۇرراق يېتىۋالغۇم كېلىدۇ. بايا 14 سائەتلىك مېنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن ئازات بولغان پۇتلۇرۇم ھەققىدە زىكرى قىلغان ئەمەسمىدىم، مانا ماۋۇلىرى 14 سائەتنىڭ تېشىدىكىلىرى. ئاشخانىدا قازان بېشىدا ئۆرە تۇرۇشلۇرۇم ئۇ ھىساپقا كىرگۈزۈلمىگەنىكەن. تاماقلارنى قۇتۇلارغا، ئىچىدىغىنىمنى بوتۇلكىغا قاچىلاپ، توڭلاتقۇغا قويۇۋەتكەندىن كېيىن، بىردەم ئوڭ-سولۇمغا قاراپ، يەنە نېمىلەر چالا قالدىكىن، نېمىنى ئۇنۇتتۇمكىن دېگەندەك مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم. بۇنىڭغىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما مۇشۇنداق بىر تەسبىت قىلىشنى تەرك ئەتسەم، ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇ ئاخشام قىلمىسام بولمايدىغان بىرەر ئىش ئۇنتۇلغان بولۇپ چىقسا، ھېلى ياتقان يېرىمدىن قاڭقىپ تۇرۇپ كېتىدىغان گەپ. »ئۇھ« دەپ ئەمدى يېتىپ، بىردەملىك خىياللاردىن كېيىن ئۇيقۇ دېڭىزىغا پاتاي دەۋاتقاندا بىردىنلا ئەسكە كەلگەن ئىش بىلەن قايتا ئورنىدىن تۇرماقنىڭ قانچىلىك مۈشكۈللىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ-دە!
ھازىرچە ھىچنەرسە ئەقلىمگە كەلمىدى. ئەمدى يېتىشقا ماڭساممۇ بولۇدۇغاندەك قىلىدۇ. پەقەت خۇپتەن نامىزىمنىلا تۈگەتسەم بۈگۈنلۈك ھايات مۇششەققەتلىرىدىن قۇتۇلدۇم دېگەن گەپ. كىم بىلىدۇ، نامازدا تۇرغاندا كىشىنىڭ ئېسىگە ئۇنتۇلغان نۇرغۇن نەرسىلەر كېلىدىغان، بىرەر نەرسە ئۇنتۇلغان بولسا نامازدا ئەسلىۋالسام ئەجەپ ئەمەس! كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، بۇ تەقلىتتە نامازدىمۇ ئىخلاس ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ!
ئاللاھقا شۈكرىكى، ھېچنەرسە يادىمغا كەلمىدى. دېمەك، بۈگۈنلۈك ھەممىدىن قۇتۇلۇپتىمەن! كارۋاتقا، ھۇررا!
بىرقانچە مىنۇتلا خىيال سەھراسىدا تېڭىرقىسام ئۇيقۇغا كېتىمەن، بۈگۈنۈم شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
قاتىل بولۇش ئارزۇسى (شېئىر)
- تەپسىلىي ماتېرىيالى
- كاتېگورىيە: نەزمىي ئەسەرلەر
- 2011 يىل سىنتەبىر-02 جۈمە 00:30 ئېلان قىلىنغان
- ئاپتور: باشقۇرغۇچى
- ئاۋاتلىقى: 1545
قايناق سۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تېچ، دېگەن بىزنىڭ كونلار
تېچلىق ئەۋزەل، دەيتى ئانام ھەمىشە،
تېچلىققا نېمە يەتسۇن دەيتى داداممۇ،
مېنىڭ خۇي – پەيلىم شەكىللەندى شۇنداق ھاۋادا،
تەنبىھ ئاڭلايتىم، جىدەل قىلسام ناۋادا.
تارماق كاتېگورىيە تىزمىسى
-
نەسرىي ئەسەرلەر
ھىكايە، نەسىر، رومان، ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي خاتىرە،... قاتارلىقلار بۇ يەرگە قويۇلۇدۇ.
- ماقالە سانى:
- 3
-
نەزمىي ئەسەرلەر
شېئىرىي ئەسەرلەر ب يەرگە توپلۇنۇدۇ.
- ماقالە سانى:
- 2











