بارلىق يوللانمىلار

سىدىقھاجى روزىنىڭ ئائىلىمىز ھەققىدىكى تۆھمەتلىرىگە جاۋاپ

User Rating:  / 3
PoorBest 
AddThis Social Bookmark Button

 

توربېتىمىزنىڭ ئىلاۋىسى:روشەن ئابباسنىڭ مەزكۈر جاۋابى »قالىقاچ ئۇۋىسى... «نى قايتا ئېلان قىلىش ھەققىدىكى راي سىناشنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىلغان ئىكەن، ھەجمىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ ئايرىم تېما سۈپىتىدە ئېلان قىلىشنى لايىق كۆردۇق. ئەسلىدە ئىنكاس شەكلىدە بولغىنى ئۈچۈنمىكىن، ماۋزۇسى يوق ئىدى. ماۋزۇ تەرىپىمىزدىن قويۇلدى.

 

بۇ راي سىناشتىن مەخسىدىمىزمۇ توغرا-خاتانى، پاكىت ۋە تۆھمەتنى ئايرىش ئىدى. روشەن ئابباس خانىم بۇ جاۋاپنى يېزىپ ئىنتايىن ياخشى قىپتۇ. قالىغاچ ئۇۋىسىدىكى سۆھبەتتە ئىسمى زىكرى قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ مانا مۇشۇنداق جاۋاپ يازسا، ھەق – ناھەق ئايرىلمامدۇ؟ ئىسىمسىز تىل – ھاقارەتلەرگە نېمە ھاجەت؟

 

رۇشەن ئابباس

 

مەن توۋەندىكى مۇنازىرە تىماسىنى كورۇپ سىدىك ھاجى يازغان بۇ يالغانچىلىقلار ئىچىدىكى مىنىڭ ئائىلەمگە بولغان ھاقارەت ۋە توھمەتلەرگە جاۋاپ يىزىشنى ھاجەت كوردۇم.

 

مەن ئوز ئائىلەم ئۇستىدە سوز قىلىمەن. ئاكام رىشات ئابباس ۋە مەن بىزنىڭ كىملىگىمىز، ۋەتەن مىللەت يولىدا، ئۇيغۇر دەۋاسى ئۇچۇن نىمىلەرنى قىلغانلىغىمىز ۋە قىلىۋاتقانلىغىمىزنى بۇ يەردە سوزلەپ ئولتۇرمايمەن. چۇنكى بىز پەقەت ۋەتەندىكى ئىڭراۋاتقان ئاجىزانە خەلقىمىزگە يۇز كىلەلىسەكلا، پەقەت سەخسى ھاياتىمىز بىلەنلا بولماي، خەلقىمىزگە كىچىككىنە بولسىمۇ پايدىمىز يىتىشى ئۇچۇن تىرىشقان بولساقلا، ھەر كۇنى كەچ ياستۇققا باش قويغىنىمىزدا ئوز ۋىجدانىمىز، غۇرۇرىمىز ئالدىدا راھەت بولۇپ ئۇخلىيالىساقلا، باشقا ھىچ كىمگە چۇشەندۇرۇش بىرىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق. ھىچكىمنىڭ ئالدىدا ئوزىمىز ئاقلاش ھاجىتىمىز يوق. پەقەت ئاللاھ بىزنىڭ شاھىدىمىزدۇر. رىشات ئاكام ۋە مىنىڭ كىملىگىمىز دەۋا يولىدا ۋىجدانى بىلەن ھەقنى ھەق دەيدىغان، ئەقلى بىشىدا بولغان بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئايان. بىراق مەن بۇ يەردە سىدىق ھاجىنىڭ رەھمەتلىك دادام ئابباس بورھانغا قىلغان توھمەتلىرىگە قاتتىق رەددىيە بىرىمەن. سەۋەۋى مىنىڭ دادام ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىپ بولدى. نا-ئىمان بەندىلەرنىڭ دادامنىڭ نام – شەرىپى، دادامنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۇچۇن قىلغان ئەجىرلىرى بىلەن ئوينىشىپ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ بوھتام قىلىشىغا ئەسلا يول قويمايمەن.

 

مەن سىدىق ھاجىنىڭ مىنىڭ ئائىلەمگە نىسبەتەن "قالغاچ ئۇگىسىدىكى سىرلىق پىچىرلاشلار" دىگەن ئاتالمىش يازمىسىدا قىلغان توھمەتلىرىنى قەتئى رەت قىلىمەن. مەن بۇ يازمىنىڭ بىشىدىكى 1-2 بەتنى ئوقۇپلا بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى ۋە نىمە سەۋەپتىن يىزىلغانلىغىنى ھىس قىلغانلىغىم سەۋەپلىك داۋامىنى تولۇق تەپسىلى ئوقۇپمۇ چىقمىدىم. چۇنكى بىر ئادەم ئالدىغا كەلگەن بىر قاچا تاماقتىن بىر قوشۇقنى ئاغزىغا سىلىپلا ئۇنىڭ نىمىدە تەييارلانغان قانداق نەرسە ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ. ھەممىسىنى يەپ بولۇپ ئاندىن ئوزىنىڭ ئىنسان يىگىلى بولىدىغان نىمەت يىگەنلىگىنى ياكى پوق يىگەنلىگىنى پەرقلەندۇرۇشى ھاجەتسىز. ئەلبەتتە باشقىلارغا مەقسەتلىك زىيان زەخمەت سىلىش ئۇچۇن شىكەرگە زەھەر قوشۇلغان تائام بولسا بۇنىڭ سىرتىدا. ئىنساننىڭ ۋاقتى قىممەتلىك. قىممەتلىك ۋاقىتلارنى ئەرزىمەس، چاكىنا، نا-ئىنساپ كىشىلەرنىڭ ئاللاھدىن قورقماي قىلغان توھمەتلىرى ئۇچۇن سەرىپ قىلىشى ئوز ۋاقتىنىڭ قىممىتىگە يەتمىگەنلىكتۇر. مەن بۇ 18 قىسىملىك 35 بەتلىك ئەخلەتنى تولۇق ئوقۇغۇنىم يوق. پەقەتلا ئىچىدىكى بەزى قىسىملىرىدىن دادامنىڭ ئىسمى يىزىلغان قۇرلارنىلا ئىزدەپ شۇ يەرلىرىنىلا بىر ئاز كورۇپ چىققان بولدۇم. ئەينى ۋاقىتتا سىدىك ھاجىنىڭ بۇ توھمەت يىزىلمىسى باشقىلار تەرەپىدىن لايىغىدا جاۋاۋىنى ئالغاچقا ۋە تور بەتلىرىدىن تازىلىنىپ ئىلىپ تاشلانغاچقا، مەن بىر نەرسە يىزىشنى ھاجەتسىز دەپ قارىغان ئىدىم. بىراق بۇگۇن بۇ مەيداندا يەنە تورغا قويۇش قويماسلىق ھەققىدە مۇنازىرىگە سىلىنىپتۇ. شۇ سەۋەپلىك، مەرھۇم دادامنىڭ شەرىپىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يەرلىرىگە، بۇگۇن ۋاقىت ئاجرىتىپ، جاۋاپ بىرىشنى قارار قىلدىم. مەن بۇ يازمىدىكى دادامغا قىلىنغان توھمەتلەرنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىغىلا چۇشەندۇرۇش بىرىمەن. كىمگە يەنە ئىنىق بولمىغان يەرلىرى بولسا مەن ئاچىقلىما بىرىشكە ھەرۋاقىت تەييارمەن.

 

1.   سىدىك ھاجى يازمىسىدا دادامنى ئەينى يىللاردا كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان دەپ تارتىپ چىقىرىلىپ شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىدە سازايى قىلىنغان دەپتۇ. ئۇ مىنىڭ دادامنى پۇتىغا خىتاينىڭ خىيىنى كىيىپ يۇرەتتى دەپ يالغان ئىيتىپتۇ. دادامنى " ئاڭ ۋە ئەقىلدە پىكىر بولمىغان قورقۇنچاق ئادەم " دەپ خاتا تەسۋىرلەپتۇ. سىدىك ھاجى بەلكىدە خىتاي شۇ زاماندا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كىملەرنى " كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان " دەپ تارتىپ چىقارغانلىغىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ياكى ئوزىنىڭ نىمىلەرنى يازغانلىغىنى ئوزى پەرىق ئىتىشى ئىمكانسىز ئىكەن. خىتاي 60 – يىللاردا ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىچىدىكى "خىتاي " بولۇشقا قارشى تۇرغان، " ئاڭ ۋە ئەقلىدە ئوز پىكرى " بولغانلىقتىن، قورقماس جاسارىتىدىن كوممۇنىست خىتاي قىل دىگەننى قىلمىغانلارنى "كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغانلار " دەپ بوھتام چاپلىغان ئىدى. بۇ 60 – يىللاردىكى، سىدىك ھاجى 35 بەتلىك ۋە ياكى 350 بەتلىك يالغان ياۋداقلار بىلەنمۇ ئوزگەرتىۋىتەلمەيدىغان بىر شانلىق ھەقىقەتتۇر.

 

ئەينى ۋاقتىدا ۋەتەندە، خىتايدىن پەرىقلىق بولغان ئوز كىملىگىنى ساقلاپ، ۋىجدانى، غۇرۇرى بولغان، خىتايغا غالچا بولمىغان، خىتايچە سىياسەتنى قوبۇل كورمىگەن، يۇرۇش تۇرۇشىدا خىتايچە كىيىنمەي چىرايلىق كاشتۇم بۇرۇلكا ۋە خۇرۇم شىبلىتلەرنى كىيىپ يۇرگەن كىشىلەرگە " كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغانلار " دەپ قالپاق كەيگۇزۇلگەن. سىدىك ھاجى ئابباس بورھاننى ئەينى يىللاردا " كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان " لىغى سەۋەپلىك تارتىپ چىقىرىلىپ، ئوقۇچۇچىلار سازايى قىلغان دەپ يىزىپ، ئاندىن ئوز يازمىسىغا قارشى پۇتىغا خىتاينىڭ لاتا خىيىنى كىيىپ يۇرەتتى دەپتۇ. مىنىڭ دادام ئەزەلدىن خىتاينىڭ لاتا خىيىنى كىيگەن بىرى ئەمەس. بەلكىدە، ئابباس بورھاننىڭ مۇستەھكەم باسقان قەدەملىرى ئاستىدىكى خۇرۇم شىبلىتلىرى ئەينى ۋاقتىدا سىدىك ھاجىنىڭ كوزلىرىگە خىتاينىڭ لاتا خىيى بولۇپ كورۇنگەن ئوخشايدۇ. ئەگەر مىنىڭ دادام سىدىك ھاجى بوھتام چاپلىغاندەك، خىتاينىڭ لاتا خىيىنى كىيىپ يۇرگەن "قورقۇنچاق بىرى " بولغان بولسا، ئەينى يىللاردا خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىمىنوپكام يىنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا مەسلەھەتچىلىق ۋە تەرجىمانلىق قىلمىغان بولاتتى. ۋە شۇ سەۋەپلىق ئەينى ۋاقتىدا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ " كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان يەرلىك مىللەتچى " دىگەن قالپاق كەيگۇزۇلمىگەن بولاتتى. دادام شۇ چاغلاردا قانچە يىللار قانچە قىتىملاپ قاماپ قويۇلۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋىرتىتىدىكى سىدىك ھاجى ئوزى دىگىنىدەك باشلامچىلىق قىلغان ئوقۇچۇچىلار تەرەپىدىن سازايى قىلىنمىغان بولاتتى. ھەقىقەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ. سىدىك ھاجى گەرچە يالغان يازمىلىرى ئارقىلىق مىنىڭ دادامغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ نامىغا توھمەت چاپلاشقا، شەرىپىگە سۇئال قويۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، يەنىلا ئوز يالغانلىرى ئىچىدىكى چىنىپ قالغان راست سوزلىرى ئارقىلىق دادامنىڭ كىملىگىنى ۋە قانداق ئىنسان بولۇپ ياشىغانلىغىنى ئوزى ئىچىپ بەرگەن. مىنىڭ دادامنى، ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىگىنى دادام بىلەن زامانداش بولغان يەنى يىشى 40 تىن ئاشقان، دادامنى بىلگەن، ئاڭلىغان ھەممە ئادەم ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار، جاپاكەش ئۇيغۇر دىخانلىرى غەمگۇزامىرىز دەپ ئاتىغان ئابباس بورھان ئۇچۇن شاھىد بولالايدۇ. مىنىڭ دادامنىڭ مىللى غۇرۇرىنى، يولۋاستەك قورقماس يۇرىگىنى تونۇيدۇ. مىنىڭ دادامنىڭ شەرەپلىك كىملىگىنى، ئۇنىڭ قانداق ياشىغانلىغىنى، كىملەرگە ياردەم قىلىپ كىملەرنىڭ ھورمىتىگە سازاۋەر بولغان بۇ تارىقنى سىدىك ھاجى ھەرگىزمۇ مۇنداق بىر يازمىسى بىلەن ئوزگەرتىۋىتەلمەيدۇ. مىنىڭ دادام ئابباس بورھان ئەزەلدىن، ھەرقانداق بىر زامان، ۋە شارائىتتا، مەيلى نىمە سەۋەپتىن، ئەزەلدىن ھىچكىمگە ۋىجدانىنى ساتقان ئەمەس. ھىچ بىر شارائىتتا ھىچكىمگە شەرىپىگە قارچى قەسەم بەرگەن ئەمەس. ئەنە شۇ سەۋەپلىك دادامدەك ھاياتلىق ئىلمى تەبىئى پەنىدە كامالەتكە يەتكەن، خەلىق سويگەن، مىللەت ھورمەت قىلغان بىر ئىنسان، تەخى 59 ياشقا كىرمەيلا ھۇكۇمەت تەرەپىدىن پىنسىيەگە چىقىرىلىپ، ۋەتەن ئۇچۇن، ئۇيغۇر يىزا ئىگىلىگى، ئۇيغۇر دىخانلىرى ئۇچۇن قىلىۋاتقان ئىلمى پەن تىخنىكا خىزمەتلىرىنى داۋام ئىتىشگە يول قويۇلمىغان. مانا بۇ سىدىك ھاجىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغان مەرھۇم دادام توغرىسىدىكى ھەقىقەت.

 

بۇ تور بىتىدىكى مۇنازىرە سىدىك ھاجىنىڭ توھمىتىنى يەنە قايتا چاپلاش چاپلىماسلىق ھەققىدە بولىۋىتىپتۇ. سىدىك ھاجىنىڭ ئابباس بورھاندەك بىر خەلقسۇيەر موتىبەر ئالىجاناپنىڭ ئۇستىدىن تۇقۇغان بىر تاغار توھمەتلىرىگە سەھنە ھازىرلاپ بىرىشتىن ئىلگىرى، مانا مۇشۇنداق نۇقتىلارنىڭ نەزەرگە ئىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

 

1.   سىدىك ھاجى ئىيتقان يالغان ناخشىلار ئىچىدىكى " ئابباس بورھاننىڭ بوينىغا ئىسىلغان ئاياق " قىسسىسى شاھىدلىرى تىخى ھايات بولغان بىر رىيال تارىقتۇر. سىدىك ھاجى بۇنىمۇ ئوز مەقسىدى ئۇچۇن بۇرمىلاپ قوللىنىپ ، مەرھۇم دادامنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرۇپ، ئوزىنىڭ ئورنىنى كوتۇرۇش ئۇچۇن تىرىشقان. 1964 – يىلى سىنتابىردا، دادام شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى 4 سىنىپ ئوقۇچۇچىلارنى مەكتەپنىڭ ھەر يىللىق قايدىسى بويىچە سانجىغا بىر ئايلىق ئوما ئورۇشقا ئىلىپ بارىدۇ. ئوما ئورۇش جەريانىدا دادام ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىنىڭ ئىتىزلىقتا يالاڭ ئاياق ھالەتتە پۇتلىرىغا تىكەنلەر كىرىپ، قاناپ تۇرغان شارائىتتا ئىشلەۋاتقىنى كورىدۇ. دادام ئۇ ئوقۇغۇچىنى يىنىغا قاچىرىپ سوزلىشىش ئارقىسىدا ئۇنىڭ بىر يىزىدىن كەلگەن دىخان ئوغلى ئىكەنلىغىنى، ئايىغىنى مەكتەپتە يۇتتۇرۇپ قويغانلىغىنى، دادىسى ئۇلۇپ كەتكەن ۋە ئانىسى 6 بالىنى ئاران بىقىپ ئولتۇرغان بولغاچ، ئاياق توغرىسىدا ئويىدىكىلەرگە گەپ قىلالمىغانلىغىنى ئاياق ئالىدىغانغا پۇلى يوق ئاياقسىز يۇرگەنلىگىنى بىلگەن. مىنىڭ دادام بۇ ئوقۇغۇچىنى ياتىغىغا باشلاپ كىرىپ، پۇتىدىكى قارا خۇرۇم شىبلىت ئايىغىنى سىلىپ چىقىرىپ، ياتىغىدىكى يەنە بىر ئاق تەنتەربىيە ئايىغى ئىككىسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويغان ۋە " مەن بۇ خۇرۇم شىبلىت ئاياقنى ئوزەم كىيىۋاتاتتىم. بۇ تەنتەربىيە ئايىغىنى ئەتتىگەندە يۇگۇرگىنىمدە كىيىش ئۇچۇن ئەكەلگەنتىم (دادام ھەر كۇنى چىنىقىپ يۇگرەيتتى) سىز قايسىسىنى خالىسىڭىز شۇنى ئىلىپ كىيىڭ " دىگەن. ئۇ ئوقۇچۇچى " ئۇرۇمچىدە قىشتا قار يىغىپ سوغۇق بولىدىكەن. بۇ خۇرۇم ئاياقتا قىشنى چىقىرامەن " دەپ يىغلاپ تۇرۇپ دادامغا مىڭلارچە رەھمەت ئىيتىپ دادامنىڭ خۇرۇم شىبلىتىنى ئىلىپ كىيگەن ۋە دادام بىر ئايلىق ئوما جەريانىدا، خۇرۇم ئايىغىنى بۇ ھاجەتمەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىغا بەرگەنلىگى ئۇچۇن ئوزىنىڭ پەقەتلا ئەتتىگەندە يۇگۇرگەندە كىيگىلى ئەكەلگەن يۇگرەش ئايىغىنى كىيىپ يۇرۇشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ئوقۇغۇچى مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن كورگەنلا كىشىلەرگە مەھمەتلىك دادامنىڭ ئىسىل پەزىلىتىنى تەرىپلەپ ماختاپلا يۇرگەن. كىيىن ئارىدىن بىر يىرىم يىل ئوتۇپ 1966 – يىلىنىڭ باشلىرىدا دادام سىدىك ھاجىغا ئوخشاش ئەتراپىغا ئوقۇغۇچى توپلاپ ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا زەربە بىرىپ يۇرگەنلەر تەرەپىدىن " كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان يەرلىك مىللەتچى " دەپ تارتىپ چىقىرىلىدۇ ۋە بىشىغا ئاق قەغەز قالپاق كىيگۇزۇلۇپ شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتى ئىچىدە سازايى قىلىنىدۇ. بىر كۇنى دادامنى ئوقۇغۇچىلار سازايى قىلىپ ئايلاندۇرۇپ بولۇپ، قىزىل بىنا ئالدىدىكى مەيدانغا ئەكىلىپ كۇرەش كىلىدۇ. بۇ " كورەش مەيدانى " غا ئۇيغۇر زىيالىلارغا زەربە بىرىش كورەشلىرىگە باشلامچى بولىۋاتقان سىدىك ھاجىغا ئوخشاش قىزىل ئوقۇچۇچىلاردىن تاشقىرى يەنە بىرمۇنچە ۋىجدانلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇچۇچىلارمۇ توپلاشقان. (سىدىك ھاجى قالىغاچ ئۇۋىسىدىكى يازمىسىنىڭ 6 – قىسمىدا ئوزىنى ئەنە شۇ قىزىل ئوقۇچۇچىلارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالغان دەپ يازغان). بۇ ۋاقىتتا ھىلىقى بىر يىرىم يىلنىڭ ئالدىدا دادام ياخشىلىق قىلىپ ئايىغىنى بەرگەن ئوقۇچۇچى ئاشۇ دادام بەرگەن قارا خۇرۇم شىبلىت ئاياقنى كوتۇرۇپ كىلىپ، " بۇ كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان سىسىق زىيالى ماڭا بۇرجۇئازىيەنىڭ خۇرۇم ئايىغىنى بىرىپ مىنى ئوزىگە تارتماقچى بولغان " دەپ 2 ئاياقنىڭ يىپىنى باغلاپ ، دادامنىڭ بوينىغا ئىسىپ قويىدۇ. دادام كۇلۇپ تۇرۇپ " ياخشى قىلدىڭ بالام. بىرسىنىڭ قىلغان ياخشىلىغىغا مانا مۇشۇنداق جاۋاپ قايتۇرسا توغرا بولىدۇ " دەپ چاقچاق قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا سانجىدا بۇ ئوقۇغۇچى بىلەن بىرگە ئوما ئورۇشقا چىققان، دادامنىڭ ئۇنىڭغا ئوز ئايىغىنى بەرگەنلىگىنى كورگەن ئابدۇجىلىل دىگەن بىر غۇلجىلىق ئوقۇچۇچى يۇرگەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ھىلىقى ئاياقنى ئاسقان بالىغا قاراپ " ھەي يالاڭتوش، ئەينى ۋاقتىدا پۇتۇڭدا ئايىغىڭ يوق، ئىتىزلىقتا ۋايجانلاپ يۇرگىنىڭدە ئابباسكام ساڭا ياخشىلىق قىلىپ ئايىغىنى سىلىپ بەرسە ئابباسكامغا يىغلاپ تۇرۇپ مىڭلارچە رەھمەت ئىيتىپ ھەممە يەردە ئابباسكامنى ماختاپ يۇرگىنىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭما سەن نۇمۇسسىز؟ " دەپ ئۇنى تىللاپ تۇرۇپ، دادامنىڭ بوينىدىن ئاياقنى ئىلىپ ئۇ بالىنىڭ بىشىغا ئاتقان. مانا بۇ قىزىل بىنا ئالدىدىكى بىر مەيدان ئوقۇچۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تولغان خەلىق ئالدىدا بولغان، شاھىدلىرى تىخى بۇ دۇنيادا ھايات بولغان ۋاقە. مانا بۇ ھەقىقەت. بۇ ۋاقەنى سىدىك ھاجى ئۇنىڭ قاراڭچۇلۇق ۋە دودە تورلىرى بىلەن توشقان قالىغاچ ئۇۋىسىدا ئوزگە مەقسەت ۋە ئوزگە نىيەتلەر بىلەن توقۇپ چىققان يازمىسىدا، دادام ئابباس بورھاننىڭ شەرەپلىك ۋە جاسارەتلىك ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرۇپ، تارقنى يالغانلار بىلەن بۇرمىلاپ، قانداق تەسۋىرلەيدۇ؟ "ئابباس بورھان بەك قورقۇنچاق ۋە يۇۋاش بىر ئادەم ئىدى. ئابباس بورھان مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان دەپ تارتىپ چىقىرىلغاندا ئوقۇچۇچىلار ئۇنى مەكتەپ ئىچىدە بىشىغا ئاق قەغەز قالپاق كەيگۇزۇپ سازايى قىلغاندا ئۇ داۋاملىق پۇتىغا قارا لاتا خەي كىيىپ يۇرەتتى. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ پۇتىدىكى لاتا خىيىنى سالدۇرۇپ ئىلىپ بوينىغا ئەسىپ قويۇپ سازايى قىلاتتى " دەپ يالغاندىن تەسۋىرلىگەن. سىدىك ھاجى ئابباس بورھاننىڭ بوينىغا ئاياق ئاسقان ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىپلەپ، ئۇلاردىن ئىككىنچى ئۇنداق قىلماشلىققا ۋەدە ئالغانمىش. سىدىك ھاجى نەلەردىندۇر ئاڭلىۋالغان دادام توغرىسىدىكى بۇ ئاياق قىسسەسىنى ئەنە شۇنداق يالغان ياۋداقلار بىلەن بۇرمىلىغان.

 

2.   دادام ئۇچۇن قىلىنغان قالغان يالغان توھمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە جاۋاۋىم، مىنىڭ دادام 1991- ھۇكۇمەت تەرەپىدىن بالدۇر پىنسىيەگە چىقىرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، 1995 – يىلىدىن ئىتىۋارەن ئامەرىكانىڭ يىشىل كارتى بىلەن داۋاملىق ئامىرىكاغا كىلىپ كىتىپ تۇرغان ئىدى. 2004– يىلى 11- ئايدا مەرھۇم ئاپامنىڭ ۋاپاتىدىن 4 ئاي كەيىن ئامىرىكاغا كەلگەن. 2005-يىلى 3-ئايدا، رابىيە قادىر ئامىرىكاغا كىلىپ بىر قانچە كۇندىن كىيىن سىدىقھاجى بىلەن بىرگە رىشاتكامنىڭ ئويىگە كىلىپ دادامنى يوقلىغان. دادام شۇ چاغدا رابىيە قادىرنى مىللەت ۋەتەن ئۇچۇن قولىدىن كىلىشىچە خىزمەت قىلىشقا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇشقائى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. مىنىڭ دادام2005 - يىلى يازدا ئۇرۇمچىگە قايتىپ بارغاندىن كەيىنلا، خىتاي ھۇكۇمىتى پاسپورتىنى تارتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن گەرچە قولىدا ئامىرىكانىڭ يىشىل كارتى بار تۇرۇغلۇق ئامرىكاغا قايتا كىلەلمىدى. بۇرۇن مىنىڭ دادام ھەر 1-2 يىلدا بىر ئامىرىكاغا كىلىپ دوختۇرغا كورۇنۇپ داۋالىنىپ تۇراتتى. سىدىك ھاجى ۋە رابىيە قادىرلار بىلەن بولغان ئەنە شۇ ئۇچرىشىشتىن كىيىن تا 2010 – يىلى تۇگەپ كەتكەنگە قەدەر داۋالىنىش ئۇچۇن قايتا ئامرىكاغا كىلەلمىدى. ئەقلى بار ھەرقانداق بىر ئىنسان سىدىك ھاجىنىڭ قالىغاچ ئۇۋىسىدىكى دادامغا قىلىنغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئاساسسىز توھمەتلەر ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلالايدۇ ۋە چۇشىنەلەيدۇ.

 

سىدىك ھاجىنىڭ دادامغا بولغان بۇ قەدەر ئوچمەنلىگى نەدىن كىلىپ چىققان؟ 80 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا دادام پەن - تىخنىكا جەمىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان ۋاقىتلىرى ئىدى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتىنى قۇرۇپ چىققان شۇنداقلا شۇ يىللىرى ئوزى بۇ نەشرىياتنىڭ باش تەھرىرى بولغان ئىدى. ئەينى يىللاردا سىدىك ھاجى بىر ئەدەبى كىتاپ يىزىپ كىلىپ دادامنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتىدا نەشىر قىلىشىنى سورايدۇ. دادام پەن تىخنىكا نەشرىياتىدا پەقەتلا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتاپلىرىنىلا نەشىر قىلىنىدىغانلىغىنى ئەدەبى كىتاپلار ئۇچۇن باشقا نەشرىياتلار بىلەن ئالاقىلاشسا مۇۋاپىق ئىكەنلىگىنى چۇشەندۇرگەن. شۇ زاماندىن تارتىپلا سىدىك ھاجى بولسا ئابباس بورھان كىتاۋىمنى چىقىرىشقا قوشۇلمىغان دەپ دادامغا نىستەبەن كوڭلىدە غۇم ساقلاپ، قانچە قىتىم دادامغا ھورمەتسىزلىكلەرنى قىلىپ كەلگەن ئىدى. مانا بۇ قىتىم خۇددى " نىمىشقا رىشات ئابباس، رۇشان ئابباسلار رادىئوغا سىدىك ھاجىنى تونۇشتۇرمىدى " دەپ بىزگە سىياسى زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنغۇنىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن يىللاردىن بىرى " ئابباس بورھان نىمە ئۇچۇن مىنىڭ كىتاۋىمنى باشتۇرمايدۇ " دەپ باشقىلارغا غەيۋەت شىكايەت قىلىپ كەلگەن سىدىق ھاجى دادامنىڭ شەرەپلىك نامىنى سىسىتىشقا تىرىشقان.

 

دادام رەھمەتلىك ئوزى ياخشىلىق قىلغان ۋە دادامغا يامانلىق قىلغان ئوقۇچۇچىنىڭ ئىسمىنى ھىچ بىر يەردە ئىغىزغا ئىلىپ باقمىغان. بىراق ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلىپ ئوزىنىڭ بوينىدىن ئاياقنى ئىلىپ تاشلىغان ئابدۇلجىلىلنى بولسا داۋاملىق ئاغزىدىن چۇشۇرمەي كىشىلەرگە دەپ بىرەتتى. رىشاتكام ئىككمىز ئەنە شۇ موھتەرەم ئابباس بورھاننىڭ پەرزەنتلىرى. بىز ئەنە شۇ ئەخلاق بىلەن تەربىيەلەنگەن، شۇنى داۋام ئىتىشكە تىرىشىمىز. ئاللاھ بىزگە باشقىلارغا ياردەم قىلىش پورسىتىنى بەرسە، بىز ياردەم قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇنتۇپ كىتىمىز. ئەگەر ئۇلار بىزگە يامانلىق قىلسا ئۇلارنىڭ جازاسىنى ئاللاھغا قويىمىز.

 

Powered by Bullraider.com

ئۇچۇر