- مانجۇ سۇلالىسى چىڭ _ خىتاي ئەمەسىدى!
- تور بازىرىدا سېتىۋېلىش مەشغۇلاتى ئاددىيلاشتۇرۇلدى
- ئاللېن داللاسنىڭ مەشھۇر نۇتقىدىن
- قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا (مۇسەددەس)
- قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا (مۇخەممەس)
- رادىئودا نېمىلەرنى قىلغىلى بولاتتى؟
- گېتلىرنىڭ نۇتقى
- قاغىلىق قەتلىئامىدىن كۆرۈنۈشلەر
- سىدىقھاجى روزىنىڭ ئائىلىمىز ھەققىدىكى تۆھمەتلىرىگە جاۋاپ
- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەققىدە تەرتىپسىز دىئالوگلار
- «گۇگۇم» ناملىق رومان نەشىردىن چىقتى
- ئۈمىتسىزلىك ۋە ئەقىل ئۇچقۇنى
- داۋا ۋە نوپۇزنىڭ مۇناسىۋىتى
- قالىغاچ ئۇۋىسىدىكى مەخپىي سۆھبەت
چوڭلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇق
- تەپسىلىي ماتېرىيالى
- كاتېگورىيە: مەجمۇئەگە تاللانغانلار
- 2011 يىل ئاۋغۇست-28 يەكشەنبە 17:09 ئېلان قىلىنغان
- ئاپتور: باشقۇرغۇچى
- ئاۋاتلىقى: 1289
ئەخمەتجان ئوسمان
بەزى ئۇيغۇرلار "شەرقىي تۇركىستاننى ئامېرىكا ئازاد قىلىپ بېرىدۇ" دېيىشىدۇ. بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا تېخى مەشھۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرمۇ بار. بەلكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ساھەلەردىكى كۈنسايىن تەرەققىياتى ۋە
بەزى ئۇيغۇرلار "شەرقىي تۇركىستاننى ئامېرىكا ئازاد قىلىپ بېرىدۇ" دېيىشىدۇ. بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا تېخى مەشھۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرمۇ بار. بەلكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ساھەلەردىكى كۈنسايىن تەرەققىياتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ تېنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتىگە نىسبەتەن زور تەھدىتكە ئايلىنىشى ئاقىۋەتتە ئامېرىكىنىڭ، تەيۋەن، تىبەت ۋە شەرقىي تۇركىستان مەسىلىلىرىدەك ئاجىزلىق نۇقتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينى پارچىلاپ "ۋەيران" قىلىشىغا سەۋەپچى بولۇدۇ. مېنىڭچە، بۇ مۇلاھىزە توغرا، لېكىن يەكۇنى خاتا بولۇشى مۈمكىن. توغرا، بۇنداق ھالەتتە، ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن پايدىلىنىشى مۈمكىن، بىراق ئۇنى بىزگە "ئازاد قىلىپ بېرىش"ى ناتايىن! چۈنكى، ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىپ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زەرەر بېرىشى ئەمىلىيەتكە تولىمۇ يېقىن. مەسىلەن، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنىمۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىشىنىمۇ خالىمايدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا، تەيۋەن ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىلكىدىكى كوزۇرلۇق ماھىيىتىنى يوقاتقان بولۇدۇ. ئۆزىنىڭ قولىدىكى كوزۇرغا ئايلانغان مەسىلىنىڭ ھەل بولماسلىقى كېرەكلىگىنى ئامېرىكىدەك دۆلەت ئەلۋەتتە ياخشى بىلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە شەرقىي تۇركىستانمۇ ھەم شۇنداق!
شەرقىي تۇركىستان ئەزەلدىن چوڭلارنىڭ قولىدىكى بىر ئويۇنچۇق. بىزنىڭ بۇ تەغدىرىمىزنى زېمىنىمىزنىڭ ئىستراتەگىيىلىك ئورنى ۋە مۇھىم ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىگى بەلگىلىگەن (بىر خەلق سۈپىتىدە، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىزنىڭ يوقلۇقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا). ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان ئامەتلەر ئاخىرىدا ئەسىرلەر بويى زۇلۇم چېكىشىمىزگە سەۋەپچى بولغان. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەگەر ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يېتىلدۇرمىسەك، ھەتتاكى جانابى ئاللاھمۇ بىزنى ئازاد قىلىپ بەرمەيدۇ. قۇرئانى كەرىمدە، بىر خەلق ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئوزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتمەيدۇ، دېگەن مەنىدە گەپ بار. بىر خەلقنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى شۇ خەلقنىڭ بىر پۇتۇن سىياسىي ئىرادىسىدىن باشلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە شەرقىي تۇركىستانلىقلار بۇنداق سىياسىي ئىرادىدىن مۇستەسنا. بىر پۈتۈن سىياسىي ئىرادىسى بولمىغان بىزدەك خەلقنى ئازات قىلىپ بېرىدىغان بىرەر كالۋا دۆلەت تارىختىن بۇيان كۆرۈلمىگەن، شۇنداقلا مەڭگۈ مەۋجۇت بولمايدۇ! ئۆزىدە سىياسىي ئىرادە ھاسىل قىلالمىغان خەلقنى "ئازاد قىلىش" — بېسىقتۇرغىلى بولمايدىغان قالايمىقانچىلىقلارغا، ئىچكى ئۇرۇشلارغا يول ئېچىش، شۇ خەلق ياشاۋاتقان رايوننىڭ، جۈملىدىن دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىگى ۋە تېنچلىقىغا تەھدىت كەلتۈرۈش دېمەكتۇر. بىزنىڭ "ئازاد بولۇش"ىمىزنى ئامېرىكىدەك دۆلەتتىن بۇرۇن، خەلقارا جەمىيەت، بولۇپمۇ بىزگە قوشنا دولەتلەر ئىستىمەيدۇ.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئوينالسا بولۇدۇكى، ھەرگىز ئوينىسا بولمايدۇ. ئۇنىڭ چوڭلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇقلۇق ماھىيىتى دەل مۇشۇ يەردە: بىر پۈتۈن سىياسىي ئىرادىسى يوق، ئەمما ئىستراتىگىيەلىك ئورۇن ۋە ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئىگە بىزدەك خەلقنىڭ تەغدىرى بۇنىڭدىن ئۆزگىچە بولمىسا كېرەك. ئەينى زامانلاردا، ئەنگىلىيە، چارۇسىيە ۋە تاڭ سۇلالىسىدەك جاھانگىر دولەتلەر زېمىنىمىزنى (ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقى سەۋەبىدىن) تالاشقان ئىدى. شۇ چاغلاردىمۇ ئەجداتلىرىمىز "بىزنى ئەنگىلىيە ئازاد قىلىپ بېرىدۇ" دېيىشكەن. كېيىن، خەلقارا ئېنىرگىيە كىرىزسسى تۇپەيلىدىن پارتلىغان 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى بالكان ۋە ئوكرائىنىيەدەك ئېنىرگىيە مەنبەسى ھەساپلىنىدىغان زېمىنلاردا ئىلگىرىلەۋاتقاندا، ياپونىيە قوشۇنلىرى مانجۇرىيەنى ئىشغال قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى قولغا كەلتۇرۇش تاماسىنىڭ ھەربىي ئوپېراتسىيىلىرىنى پىلانلاۋاتقان ئىدى. ئەگەر ياپونىيە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلسا، گىتلېر ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ھالسىراۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۈمبىسى ياپونىيىدەك يەنە بىر جاھانگىرنىڭ ئالدىدا ئوچۇق قالاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، رۇسلار ئەلۋەتتە "شەرقىي تۇركىستاننى ئازاد قىلىپ بېرىش" پىلانىنى تۈزىشى تەببىئى. شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن تەشكىل تاپقان نەچچە ئون مىڭلىغان "مىللىي ئارمىيە" بولسا، رۇسلارنىڭ دۈمبىسىنى قوغدىغان ھالدا سامورايلار بىلەن قان توكۇپ جەڭ قىلسا نېمىشقا بولمايدىكەن؟ قالغان ئىشلار بولسا بۇ ئويۇنچۇق مىللەتنىڭ نوۋەتتە رۇسلارغا ئادا قىلىپ بېرىدىغان ۋەزىپىسى تۈگىگەندە بىر گەپ بولمامدۇ! دېمىسىمۇ، مىڭلىغان ئۇيغۇر جېنىغا زامىن بولغان بۇ قانلىق ئويۇن تۈگىگەندە، مەزكۈر ئويۇنچۇق بېيجىڭغا "سېتىۋېتىلدى".
ئېنگىلىزلارنىڭمۇ، رۇسلارنىڭمۇ، خىتايلارنىڭمۇ قولىدا ئازاد بولمىغان بۇ مىسكىن ئويۇنچۇق ئەمدى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولىدا "ئازاد" بولارمۇ؟ كۆڭلىگە پۈككەن ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ بولۇپ، كابۇلغا سېتىۋەتسە قانداقمۇ قىلارمىز؟! بۇ ئامېرىكىلىقلار شىمالىي كۇرىيەنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن شىمالىي كۇرىيەگە نىسبەتەن سالمىغى ئېغىر بولغان خىتاي دۆلىتى بىلەن پۈتۈشۈپ، مەنىۋىي ئانىمىز رابىيە قادىرنى ئويۇنچۇق قىلىپ ئويناشتىغۇ؟ خەلقارا جەمىيەتكە: رابىيە قادىرنى تۈرمىدىن "ئازاد" قىلغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېمەكچىمىش! ھەتتا سىدىقھاجى روزى ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن (رف ئا ئارقىلىق) ۋاشىنگتوندىن خىتاپ قىلىپ، "ئۇيغۇر تېڭىنىڭ ئاتقانلىقى"نى جاكارلىدىغۇ!
مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا، سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىر لەتىپىسى يادىمغا كەلدى: بىر تۇغماس ئەركەك خوتۇنى بىلەن "بالىلىرى"نى ئەگەشتۇرۇپ كوچا سەيلىسى قىلىۋاتقان ئىكەن. بۇ "ئائىلە" بىلەن بىللە ئەرنىڭ بىر دوستىمۇ بار ئىكەن. ئۇلار بىلەن يولدا ئۇچرۇشۇپ قالغان بىرسى، ئۇزۇن يىللار كۆرۇشمىگەن بۇ تۇغماس دوستىنىڭ ئاغزىدىن بالىلارنىڭ ئۇنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىگىنى ئاڭلاپ، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا "سەن تۇغماسقۇ؟!" دەۋېتىپتۇ. تۇغماس ئەركەك يېنىدىكى بىللە كېتىۋاتقان دوستىنى كۆرسۈتۈپ: "بۇ كىشى ماڭا خوتۇنۇمدىن بالا تېپىپ بېرىدۇ"، دەپتۇ.
ئۇيغۇرلاردەك "تۇغماس" مىللەتكە ئامېرىكىلىقلار بالا تېپىپ بېرەرمۇ ئەمدى؟! خۇدايا توۋا!!!!!!











