- مانجۇ سۇلالىسى چىڭ _ خىتاي ئەمەسىدى!
- تور بازىرىدا سېتىۋېلىش مەشغۇلاتى ئاددىيلاشتۇرۇلدى
- ئاللېن داللاسنىڭ مەشھۇر نۇتقىدىن
- قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا (مۇسەددەس)
- قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا (مۇخەممەس)
- رادىئودا نېمىلەرنى قىلغىلى بولاتتى؟
- گېتلىرنىڭ نۇتقى
- قاغىلىق قەتلىئامىدىن كۆرۈنۈشلەر
- سىدىقھاجى روزىنىڭ ئائىلىمىز ھەققىدىكى تۆھمەتلىرىگە جاۋاپ
- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەققىدە تەرتىپسىز دىئالوگلار
- «گۇگۇم» ناملىق رومان نەشىردىن چىقتى
- ئۈمىتسىزلىك ۋە ئەقىل ئۇچقۇنى
- داۋا ۋە نوپۇزنىڭ مۇناسىۋىتى
- قالىغاچ ئۇۋىسىدىكى مەخپىي سۆھبەت
ئەي، شەرقىي تۇركىستان تەرورچىلىرى!
- تەپسىلىي ماتېرىيالى
- كاتېگورىيە: كاتىگورىيەسىز
- كاتېگورىيە: مەجمۇئەگە تاللانغانلار
- 2011 يىل ئاۋغۇست-28 يەكشەنبە 17:07 ئېلان قىلىنغان
- ئاپتور: باشقۇرغۇچى
- ئاۋاتلىقى: 1903
ئەخمەتجان ئوسمان
مېنىڭ پەرىزىمچە، دۇنيادا ئوز ۋەتىنىنىڭ نامىنى ئاتاشقا جۇرئەت قىلالمايدىغان، ئوز ۋەتىنىنىڭ نامى توغرىسىدا بىر-بىرىگە ئوخشاشمىغان شەخسى كوزقاراش ۋە ئىختىلاپلىرىنى بىمالال بايان قىلالايدىغان، ئوز ۋەتىنىنىڭ نامىنى تۇرلۇك شەكىلدە
مېنىڭ پەرىزىمچە، دۇنيادا ئوز ۋەتىنىنىڭ نامىنى ئاتاشقا جۇرئەت قىلالمايدىغان، ئوز ۋەتىنىنىڭ نامى توغرىسىدا بىر-بىرىگە ئوخشاشمىغان شەخسى كوزقاراش ۋە ئىختىلاپلىرىنى بىمالال بايان قىلالايدىغان، ئوز ۋەتىنىنىڭ نامىنى تۇرلۇك شەكىلدە ئاتايدىغان بىردىن-بىر خەلق -- ئۇيغۇرلار بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئوز ۋەتىنىنىڭ نامىنى ئاشكارا ئاتاش ھەققى خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاتالمىش ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن "شىنجىئاڭ" دېگەن بۇ يات ئىسىم ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن ھوكۇم سۇرمەكتە. لېكىن، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئوز ۋەتىنىنىڭ "شەرقىي تۇركىستان" دېگەن بۇ نامىنى ئاتاشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ؟!
مېنىڭچە، بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى - خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ نامى بولغان "شەرقىي تۇركىستان" دېگەن بۇ ئاتالغۇنى سىياسىي ئۇقۇمغا ئىگە بىر سوز يەنى مەلۇم بىر دولەتنىڭ ئاتىلىشى دەپ شەرھىلىشىدە. شۇڭا، بېيىجىڭ ھوكۇمىتى خەلقارا جەمىيەتتىن ئاتالمىش "شىڭجىڭ"نى "شەرقىي تۇركىستان" دەپ ئاتىماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ شۇنداقلا بۇنداق ئاتاشنىڭ جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر دولەت سۇپىتىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۇزگەنلىك، زىمىن پۇتۇنلىكىگە ھورمەت قىلمىغانلىق، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مەشھۇر 11-سەنتەبىر تېرورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، بېيىجىڭ ھوكۇمىتى "شەرقىي تۇركىستان" دېگەن بۇ ئاتالغۇنى "خەلقارا تەرورىزم" ئۇقۇمىغا باغلاپ، ئاتالمىش "شەرقىي تۇركىستان تەرورچىلىرى" سەپسەتىسىنى كوتۇرۇپ چىقتى. بۇ سەپسەتە توۋەندىكىدەك ئىككى تۇرلۇك سىياسىي نەتىجىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشنى مەقسەت قىلغان:
1-شەرقىي تۇركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى "خەلقارا تەرورىزىم"نىڭ بىر تەركىۋى قىسمى سۇقىتىدە دۇنياغا ئېلان قىلىش ئارقىلىق، خەلقارا جەمىيەتنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتنى قوللاپ قېلىشىدەك ئەھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاڭا قارىتا قانۇنىي ئاساس ئويدۇرۇپ چىقىش.
2-ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىسخىك ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا "شەرقىي تۇركىستان" دېگەن ئاتالغۇ بىلەن "تېرورىزم" دېگەن ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر سىياسىي ئېڭىدا قالايمىقانچىلىق ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك دۇنياسىدا "شەرقىي تۇركىستان" دېگەن بۇ سوزگە نىسبەتەن بىر خىل سەلبىي سەزگۇرلۇك ۋە ئېھتىياتچانلىق تۇيغۇسىنى مۇقىملاشتۇرۇش.
ئەمدى، خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان بۇ ئىككى تۇرلۇك سىياسىي نەتىجىنىڭ ئەمىلىلىشىش ئەھۋالىنى كۇزىتىپ باقايلى:
90-يىللارنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن قۇرۇلغان "ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى"نىڭ ئۇيغۇرچە بولۇمى ۋەتىنىمىزنىڭ نامى "شەرقىي تۇركىستان"نى، يۇقۇرىنىڭ بېسىمى تۇپەيلىدىن، "ئۇيغۇر دىيارى" ياكى "ئۇيغۇر ئېلى" دەپ قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى. 2002-يىلى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى "شەرقىي تۇركىستان ئىسلام ھەرىكىتى"نى ئوزلىرىنىڭ "تېرورىزم تىزىملىكى"گە كىرگۇزدى. بۇ كۇتۇلمىگەن ھادىسە تۇپەيلىدىن، خەلقارا جەمىيەتتە بىر پۇتۇن شەرقىي تۇركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە نىسبەتەن بىر خىل ئېھتىياتچان كەيپىيات شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن، غەرپ دولەتلىرىنى ئاساس قىلغان دۇنيا ئەللىرى، بولۇپمۇ خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ھوكۇمەتسىز تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا بولغان دىققىتىنى پەقەتلا ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگىلا مەركەزلەشتۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرمىدى ياكى ئۇنىڭدىن ئوزلىرىنى تارتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ياۋروپا پارلامەنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتىنىڭ مەلۇم بىر ئەزاسى ھەتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنى "خەلقارا تېرورىزم"غا باغلاش ئۈچۈن مەزكۇر پارلامەنتتا سىياسىي ھەركەت قوزغاشقا ئۇرۇندى.
ئۇيغۇرلارچۇ؟
2004-يىلى، گەرمانىيەدە "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" قۇرۇلدى. بۇ قۇرۇلتاي 1992-يىلى تۇركىيەدە ئېچىلغان 1-نوۋەتلىك "شەرقىي تۇركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى" ۋە 1999-يىلى گەرمانىيەدە ئېچىلغان 2-نوۋەتلىك "شەرقىي تۇركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى"نىڭ 3-نوۋەتلىك قۇرۇلتىيىمۇ ياكى مۇستەقىل بىر تەشكىلاتمۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس ئىدى. لېكىن، ئېنىق بولغىنى "شەرقىي تۇركىستان" دېگەن سوز "ئۇيغۇر" دېگەن سوزگە ئالماشتى. شەرقىي تۇركىستان مىللىي مۇستەققىللىق ھەرىكىتىدىكى بۇ تارىخىي ئوزگۇرۇش ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان بىر خىل ئەنئەنىنى ياراتتى، ئۇ بولسىمۇ: "ئۇيغۇر" دېگەن بىر خەلقنىڭ نامى "شەرقىي تۇركىستان" دېگەن بىر دولەت نامىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىشىدۇر! شۇنىڭ بىلەن، ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوزلىرىنىڭ نامىدا "شەرقىي تۇركىستان"نىڭ ئورنىغا "ئۇيغۇر"نى ئىشلەتتى. ھەتتاكى، بىر ئەسىردىن ئارتۇق سىياسىي تارىخىمىزدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان "شەرقىي تۇركىستان مىللىي ھەرىكىتى" دېگەن ئاتالغۇ "ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى" دېگەن ئاتالغۇغا، "شەرقىي تۇركىستان داۋاسى" "ئۇيغۇر داۋاسى"غا ئوزگەردى. 2005-يىلى، شەرقىي تۇركىستاندىكى خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتى تۇرمىسىدىن ئامېرىكىغا سۇرگۇن قىلىنغان مەنىۋىي ئانىمىز رابىيە قادىر خانىممۇ ئۆزى قۇرغان تەشكىلاتنىڭ نامىغا "شەرقىي تۇركىستان" ئەمەس "ئۇيغۇر"نى ئىشلەتتى (خەلقارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دەموكراتىيە فوندى) شۇنداقلا بۇ تارىخىي شەرقىي تۇركىستانچىمىز "ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لېدەرى" دەپ سۇپەتلەندى، شەرقىي تۇركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئەمەس!!!
شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، ئاتالمىش "ئۇيغۇر مەسىلىسى" ياكى "ئۇيغۇر داۋاسى" ھەرگىزمۇ شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسى ياكى داۋاسى دېگەنلىك ئەمەس. "شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسى" — خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان شەرقىي تۇركىستان دۆلىتىنىڭ سىياسىي مەسىلىسىدۇر. ئەمما، "ئۇيغۇر مەسىلىسى" (ياكى داۋاسى) ھەرگىزمۇ بۇ ئۇقۇمنى ئىپادىلىمەيدۇ. مېنىڭچە، ئاتالمىش "ئۇيغۇر مەسىلىسى" ياكى "ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى" دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلارنى ياراتقۇچىلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستىمەكچى بولغىنى كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت دېمەكچى بولسا كېرەك. ھەقىقەتەنمۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئوزلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ، بىراق، بۇ ئۇلارنىڭ مىللىي مەسىلىسى ئەمەس، ئۇلارنىڭ مىللىي مەسىلىسى — مۇستەملىكە شەرقىي تۇركىستاننىڭ قايتا مۇستەققىللىق مەسىلىسىدۇر، ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس!
ياكى، بىزنىڭ بۇنداق ئۇيغۇرلىرىمىز ۋە تەشكىلاتلىرىمىز "شەرقىي تۇركىستان"، "مۇستەققىللىق” دېگەن سوزلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ "تېرورىزم" بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئويلامدىغاندۇ؟! ياكى بولمىسا، ئۇلارمۇ جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر دولەت سۇپىتىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۇزمەسلىكنى، زىمىن پۇتۇنلىكىگە ھورمەت قىلىشنى، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى خالامدىغاندۇ؟! ئوزلىرى توۋلاۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق شۇئارىدا بىر خەلقنىڭ ئوز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققى دەيدىغان خەلقارالىق قانۇننىڭ بارلىغىنى، مەزكۇر قانۇننىڭ ئوز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلىمەكچى بولغان خەلقنىڭ مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئوزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەققىللىغىنى قايتا قولغا كەلتۇرۈشىنى، بۇ يولدا ھەتتاكى قوراللىق كۇرەش قىلىشقىمۇ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدىكىنە؟! شۇنداق ئىكەن، نېمە ئۈچۈن يەنە "شەرقى تۇركىستان"، "شەرقىي تۇركىستان مۇستەققىللىقى" دېگەن سوز ئىبارىلەرنى خەلقارا جەمىيەت ئالدىدا ئاشكارا ئېلان قىلىشتىن ئەنسىرىشىدۇ؟!
دېمەك، ئۇيغۇرلار ئوز ۋەتىنىنىڭ "شەرقىي تۇركىستان" دېگەن بۇ نامىنى ئاتاشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ. چۇنكى، بۇ نام، خۇددى خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتى ئېيتقاندەك سىياسىي نامدۇر، شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ ئوتكەن ئەسىردە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئەسلىگە كەلتۇرگەن مۇبارەك دۆلىتىنىڭ نامىدۇر. ئەگەر، بىز شەرقىي تۇركىستانلىقلار ۋەنىنىمىزنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ مۇقەددەس نامىنى ئۆزىمىزنىڭ ئالدىدا، خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتى ئالدىدا، خەلقارا جەمىيەت ئالدىدا دالىللىق بىلەن ئەسكەرتەلمىسەك، ھەمدە ئۆزىمىز قۇرغان تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئىسىملىرىدا، سىياسىي پروگراممىلىرىمىزدا، يازمىلىرىمىزدا، شۇئارلىرىمىزدا زىكرى قىلىپ تۇرمىساق، "شەرقىي تۇركىستان" دېگەن بۇ ئۇقۇم ھەتتاكى تارىخنىڭ يادىكارلىقلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالالمايدۇ، شۇنداقلا، شەرقىي تۇركىستانلىقلار پۇتۇنلەي جوڭگۇلۇقلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ياكى ھېچ بولمىغاندا، جوڭگۇنىڭ ھەقىقىي بىر ئاز سانلىق مىللىتى سۇپىتىدە خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ئوخشاش بىر تەغدىرنى ياشايدۇ.
سوزۇمنىڭ ئاخىرىدا، شۇنى ئەسكەرتىپ ئوتمەكچىمەنكى، يەھۇدىلار تارىختا تۇنجى دۆلىتىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 1250-يىلى قۇرغان بولۇپ، نامى ئىسرائىلىيە ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇن 586-يىلى بابىل دۆلىتىنىڭ خاقانى نەبۇخەز ناسسارنىڭ قولىدا ئىسرائىلىيە دۆلىتى غۇلىغاندىن تارتىپ تاكى مىلادىيە 1947-يىلغىچە، يەھۇدىلار ۋەتەنسىز ياشىدى. بىراق، ئۇلار 1947-يىلى مىللىي دۆلىتىنى قايتا قۇرگاندا، نامىنى يەنىلا ئىسرائىلىيە دەپ ئاتىدى. قاراڭلار، "يەھۇدىستان"مۇ ئەمەس، "يەھۇدىيە"مۇ ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلىيە!!! چۇنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ غۇلىغان دۆلىتىنى تەخمىنەن 2500 يىلدىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كەلتۇردى. بىز ئۇيغۇرلارچۇ؟! ئاخىرقى قېتىم غۇلىغىنىغا ئەمدىلا 60 يىل بولغان دۆلىتىمىز شەرقىي تۇركىستاننىڭ نامىنى ئاتاشقا جۇرئەت قىلالمايۋاتىمىز، جۇرئەت قىلالىغانلىرىمىز "ئۇيغۇرىستان"، "ئۇيغۇرىيە" دېگەندەك بىرنېمىلەرنى دەپ جۆيلۇيمىز تېخى، خۇددى سىياسىي تارىخىمىزدا شۇنداق ئىسىملاردىكى دۆلەتلىرىمىز قۇرۇلۇپ باققاندەك!
ئەي، ئۇيغۇرلار ئەي، ئاتالمىش شەرقىي تۇركىستان تېرورچىلىرى! سىلەرنىڭمۇ "تېرورىزم" ئۇقۇمىغا بېرىدىغان ئوزەڭلارغا خاس تەبىرىڭلار يوقمۇ؟! شەرقىي تۇركىستان دېگەن مىللىي دۆلىتىڭلارنى غۇلاتقان، ۋەتىنىڭلارنى مۇستەملىكە قىلغان، سىلەرنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي مەۋجۇتلۇققا ئىگە بىر پۇتۇن خەلق سۇپىتىدە يوق قىلىش ئۈچۈن خەلقارا قانۇنلار چەكلىگەن ۋەھشىي ۋاستىلەرنى ئىشلىتىشتىن يالتايمىغان خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتى ئەسلىدە تېرورىست ئەمەسمۇ؟!











