- مانجۇ سۇلالىسى چىڭ _ خىتاي ئەمەسىدى!
- تور بازىرىدا سېتىۋېلىش مەشغۇلاتى ئاددىيلاشتۇرۇلدى
- ئاللېن داللاسنىڭ مەشھۇر نۇتقىدىن
- قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا (مۇسەددەس)
- قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا (مۇخەممەس)
- رادىئودا نېمىلەرنى قىلغىلى بولاتتى؟
- گېتلىرنىڭ نۇتقى
- قاغىلىق قەتلىئامىدىن كۆرۈنۈشلەر
- سىدىقھاجى روزىنىڭ ئائىلىمىز ھەققىدىكى تۆھمەتلىرىگە جاۋاپ
- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەققىدە تەرتىپسىز دىئالوگلار
- «گۇگۇم» ناملىق رومان نەشىردىن چىقتى
- ئۈمىتسىزلىك ۋە ئەقىل ئۇچقۇنى
- داۋا ۋە نوپۇزنىڭ مۇناسىۋىتى
- قالىغاچ ئۇۋىسىدىكى مەخپىي سۆھبەت
سىياسىي ئەسەرلەر
بۇ رىياكارلىقمۇ ياكى شۇملۇقمۇ؟
- تەپسىلىي ماتېرىيالى
- كاتېگورىيە: بارلىق يوللانمىلار
- كاتېگورىيە: سىياسىي ئەسەرلەر
- 2011 يىل سىنتەبىر-10 شەنبە 01:59 ئېلان قىلىنغان
- ئاپتور: باقى
- ئاۋاتلىقى: 940
خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، نېمىنى سورىسا شۇنى بېرىدىغان ۋە ئالالايدىغان پاكىستان تۇپراقلىرىدا بارلىقىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان »شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى« ئىلگىرى يۈننەندە يۈز بەرگەن بىر ئاپتوۋۇز پارتلاش ۋاقەسىنى باتۇرلارچە زىممىسىگە ئالغان ئىدى. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندە »تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك، ئەسكى تامدىن ھوشۇ چىققاندەك« خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئاپتۇ. بۇ كىشىنى ھەر خىل ئويلارغا سالىدۇ.
بىر ئىسلام پارتىيىسىنىڭ مەنسۇپلىرى قىلغان ئىشىنى كۆز-كۆز قىلىشنىڭ رىياكارلىق بولۇدۇغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ئەگەر بۇنى بىلىدىغان بولسا قانداق زۆرۈرىيەتتىن بۇنى »ئۈستىگە ئېلىش« تەك قەھرىمانلىققا ئىھتىياج تۇغۇلغاندۇ؟ بەلكىم دېيىلىشى مۈمكىن: تەشۋىقات ئىھتىياجى ياكى بىشارەت بېرىش، يۆنلەندۈرۈش ئىھتىياجى. ئەمما بۇنىڭمۇ نۇرغۇن تەرەپلىرى بار. ئالدى بىلەن، بۇنداق ئاشكارىلاش رىياكارلىقنىڭ گۇناھىغا كەففارەت بولۇدۇغان ھىچقانداق ئارتۇقچۇلۇققا ئىگە ئەمەس؛ بىشارەتمۇ ھەر خىل مەزمۇندا، ھەر خىل نىيەتتە، ھەر خىل سەپتىكىلەردە، ھەر خىل ئوخشىمىغان كۈچلەرنىڭ پايدىسى ئۈچۈن بولۇشى مۈمكىن. يۆنلەندۈرۈش بولسا كىشىلەرنى — ياشلارنى دېسەكمۇ بولۇدۇ — بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقىدەك ئاجايىباتلىرىنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ئۆزىگە تارتىشنى مەخسەت قىلغان دېيىلسە، بۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىنىمۇ ئويلىماي بولمايدۇ: ئەگەر بۇ شۇمپەن بىرلىرىنىڭ — توغرىدىن-توغرا خىتاينىڭ دېسەكمۇ بولۇدۇ — ئويۇنى بولسا، نۇرغۇن ساددا ئادەملەرنى كەچمىشىمىزدە بولغىنىدەك بۇ »موما« تۈۋىگە جەلپ قىلىپ، ئاسان ئوۋلاش شارائىتى يارىتىش ئۈچۈنمۇ بولۇدۇ. بۇنداق ئۇسۇلنى بىز ئىلگىرى»قارا نۇرلۇق چىراق« دەپ ئوخشۇتۇش قىلغانىدۇق. ئىسلامنى سۈئىئىستىمال قىلغان تۇرۇغلۇق قىلىنغان بۇ رىياكارلىق، چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان بىر زۆرۈرىيەتتىن تۇغۇلمىغانلىقى مانا مەن دەپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق جاكالاشنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەرقانداق تۈردە بىر پايدىسىنىڭ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس!
يېقىندا ئىران رەئىس جۇمھۇرى ئەخمەدى نىجاد: »11-سىنتەبىر ۋەقەسىنى ئەلقائىدە قىلغان ئىش ئەمەس، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشغالىيەتلىرى ئۈچۈن باھانە يارىتىش ئۈچۈن ئۆزى پىلانلىغان ئىش« دەپتىكەن، ئەلقائىدە ئەخمەدى نىجادقا تەھدىتلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپتۇمىش. بىزنىڭكىلەر دائىما تەقلىت قىلىپ كېلىۋاتقان، خىتايمۇ شۇلارنىڭ بىر پارچىسى دەپ دۇنيانى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇدۇغان «ئەلقائىدە« مانا شۇ. ئۇلارمۇ خۇددى شۇنداق رىياكارلىقنى قىلىشقان! 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنى بىر مۇسۇلمان تەشكىلاتى دېيىلىۋاتقان تەشكىلاتنىڭ قىلغان بولۇشىنىڭ مۇسۇلمانلار جامائىتىگە بىرەر پايدىسى بارمۇ؟ بۇنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشنىڭ قانداق پايدىلىرى باردۇ؟ خۇددى شۇنداق، بىزنىڭكىلەرنىڭ قىلمىشىمۇ شۇ.
يەنە باشقا ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك تەرەپلەرمۇ بارمىدۇ؟ ئەلۋەتتە بار. مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش مەسىلىسى. يەنە كېلىپ پاكىستاندا! بەلكىم دېيىلىشى مۈمكىن: پاكىستان مۇسۇلمان دۆلىتى. ھۆكۈمەت كاپىر، خىتاي دوستى بولغان بىلەن، خەلق مۇسۇلمان، خەلقنىڭ ئىچىدە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش تامامەن مۈمكىن. بۇ گەپلەرگە ساددا ئادەملەر دەرھال ئىشەنسىمۇ مەندەك گۇمانخورلار پەقەتلا ئىشەنمەي تۇرۇۋالىمىز. پاكىستاندەك بىر ئەلدە، خەلق ئىچىدە يوشۇرۇن ياشىغىلى بولۇدۇ دېيىلسە، ئۇ ھالدا چوقۇم ھىساپسىز پۇل بولۇشى شەرت. بۇنىڭ بىلەن ھەم ئۆز خىراجىتى، ھەم بەزى ئېغىزلارنى ئېتىش، بەزى كۆزلەرنى يۇمدۇرۇش ئۈچۈن كېرەك. ئەمما بۇمۇ ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى جىددىي بىر ئىش سۈپىتىدە تۈرۈلۈپ قولغا ئالمىغان ۋاقىت ئىچىدە كۈچكە ئىگە. ئەمما، خىتاي جىددىي شەكىلدە تەلەپ قىلىۋاتقان، پاكىستان ھۆكۈمىتى بەلنى باغلاپ تاپاي دەپ مەيدانغا چۈشكەن ئەھۋالدا ھىچ مۈمكىنچىلىكى يوق بىر ئىش.
بۇرۇندىن دەپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك، بىزنىڭ ئومۇمىي مىللەت سۈپىتىدە ئىستىخبارات ئېڭىمىز يوق. بۇنداق بىر مىللەتنىڭ مەلۇم بىر يەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك يەرئاستى ھاياتى ياشاپ قېلىشى ھەقىقەتەنمۇ گۇمانلىق. پاكىستانلىقلارنىڭ ئۇزۇن كۆڭلەكنىڭ ئېتىكىگە پۇتلۇشۇپ، پالاكەتتەك كۆرۈنۈشىگە قارىماڭ. ئۇ يەنىلا بىر دۆلەت. بېقىنىدا كۈچلۈك ۋە بەك يوغان بىر دۈشمىنى — ھىندىستان بار. ئەگەر سىز-بىزلەر ئويلىغاندەك ئۇ دەرىجىدە كالۋا بولسا بۇ دۆلەت پەقەتلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئىستىخبارات تەجرىبىسى، مىليونلاپ ئىستىخبارات خىراجىتى، يۈزمىڭلاپ جاسۇسى، ئايغاقچىسى بار. »يەرنىڭ تېگىدە يىلان كۆشىگەننى بىلىپ تۇرۇدۇ.« ئۇنداق بولمىسا قانداقمۇ دۆلەت دېگىلى بولۇدۇ؟ تېخى ئاۋۇ بىزنىڭكىلەرگە قاراڭ: ئادەم تەربىيىلەيدىغان »لاگىرى«مۇ بارىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنى مەلۇم بىرسىنىڭ قازنىقىدا قىلغىلى بولمايدۇ، چوقۇم ئەڭ ئاز يېرىم مو يەر كېرەك بىر ئىش. بۇنى قانداقمۇ مەخپىي تۇتقىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار »ئىسلام« نامى بىلەن شەرەپلەنگەنلەر بولۇشىغا قارىماي، »ئىش-ئىزلىرىمىز كۆمۈلۈپ قالمىسۇن، تارىخ بولۇپ قالسۇن« دەپ كۆرۈنۈشلەرنى ۋىدىئوغا ئېلىپ ساقلاپ تۇرۇدۇكەن ئەمەسمۇ! بۇمۇ خۇددى رەسىمگە چۈشۈشكە ئوخشاش مەخپىيەتلىكنىڭ جىددىي دۈشمەنلىرىدىن بىرى.
ئەمدى يەنە كۆزدىن كەچۈرۈلۈدۇغان باشقا تەرەپلەرگىمۇ نەزەر سېپ كۆرەيلى. بۇ »ئۈستىگە ئېلىش« قەھرىمانلىقىنىڭ روياپقا چىققان ۋاقتىغا قاراڭ: 11-سىنتەبىرنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسىگە ئۈلگۈرگەن! خىتاي ئۆزلىرىنى، »تېرورچى« (ئۇيغۇر) لارنىڭ زىيانكەشلىكى ئاستىدا قالغان مەسۇم قىلىپ كۆرسۈتۈش ئۇرۇنۇشىدىن داپيۈزلەرچە ۋاز كەچمىگەن، بۇ ئون يىللىق خاتىرە كۈندە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتى تېرور مەسىلىسىگە بۇرۇلۇدۇغانلىقىدەك موھىم، دىققەتكە شايان پەيتتە يەنە ھېلىقىدەك »مەسۇملۇق« سەپسەتىسىنى داۋراڭ قىلىشى ئۈچۈن چوقۇم پاكىتقا مۇھتاج بولۇدۇ ئەمەسمۇ؟ مانا شۇنداق »بازارغا ئۈلگۈرتۈش« ئىھتىياجى بىلەن »كەچ بولسىمۇ« كۆڭلۈڭلارغا ئالماسسىلەر دەپ بۇ ئىشنى ئۈستىگە ئالغاندەك تۇرۇدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەردىكى ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچىنى خىتايلار پاكىستاندا تەربىيىلەنگەن، ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئادىمى دەپ ئېلان قىلغان ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ۋىدىئودا خىتاينىڭ بۇ دېگەنلىرىنى تەستىقلاپ، دەل ئاشۇ خىتاي تىلغا ئالغان شەخسنىڭ ئىسلام پارتىيىسىنىڭ »لاگىرى«دا تەربىيىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بېرىلىشىمۇ ئاجايىپ ئىش! گەپنىڭ بىر يەردىن چىقىشى، بىر-بىرىنى تەستىق قىلىشىمۇ بىزگە ھىچقانداق شەكلىك تۇيۇلمىسا، بىز ھەقىقەتەنمۇ »بۇرنىمىز تۇرۇپ پوق يەيدىغان«لاردىن بولۇپ قالىمىز جۇمۇ!
نورمالدا ئوغۇرلۇقنى قىلغان ئادەم »ۋەقەدىن ھەممىدىن كېيىن خەۋەر تاپقان« بولۇۋالىدىغان كىلاسسىك ئۇسۇل بار ئەمەسمىدى؟ خىتاينىڭمۇ قىلىقىغا قاراڭلار. ئۇلارنىڭ تېخى بۇنىڭدىن (ئۈستىگە ئېلىپ جاكارلاشتىن) خەۋىرى يوقكەن! ئەمما تېرورلۇققا قارشى خەلقارا ھەمكارلىققا ئاۋاز قوشۇشقا ھەر زامان تەييار ئىكەن!
»ئۈرۈمچى قەتلىئامى«دەك بىر ۋەقەنىڭ جاۋاپكارلىقىنى خىتايلار بىزنىڭ »تېنچلىقچى« قۇرۇلتايچىلارغا ئارتىپ، ئۇلارنى شەرەپلەندۈرگەن ئىدى. ئۇمۇ بىر ئىھتىياجدىنمىدى، ئەجەبا؟ بۇ »قۇرۇلتاي« دېگىنى بارغۇ، بۇرۇن دېگىنىمدەك بەك يېتىشكەن ئەللامەلەر، تەتقىقاتچىلار يىغىلغان تاۋكا جۇمۇ! قاراڭلار ئۇلار بۇ ئىشتىمۇ بىلەرمەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، مۇشۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ — »جىھاد« ھەركىتىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىپتۇ ئەمەسمۇ! تېخى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، »... مۇشۇنداق قىلىۋېرىدىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق كۆرەش يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولۇدۇغانلىقىنى«مۇ ئەسكەرتىپتۇ. ئەگەر خىتايلار بىر ئاز بوش قويۇۋەتسە قوراللىق كۆرەش يولىغا ماڭمىساقمۇ بولۇدۇكەن-دە!؟ ئىلگىرى لېدىر خانمىممۇ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خىتايچىسىدا ھاي دېسە ئۇنىماي، ئۆزىنى توختۇتالماي قىلغان سۆزىدە مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر گەپنى قىلمىغانمىدى. ئەگەر خىتايلار بىزنىمۇ بىر پۇخراسى قاتارىدا كۆرۈپ، بارابەر مۇئامىلىدە بولغان بولسا، بىز بۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولمايتۇق،... دېگەندەك.
ئەمدى بۇ قىسقا گۇمان نوتىمىزنىڭ تۈگەنچىسى قىلىپ، كىچىككىنە خۇلاسە بەرسەك تېخىمۇ توغرا بولسا كېرەك:
بىر ئىسلام تەشكىلاتى، بىر مۇسۇلمان، ھىچقانداق سەۋەپ بىلەن قىلغان ياخشى ئىشىنى داۋراڭ قىلمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن بۇ »ئۈستىگە ئېلىش« ھەقىقەتەنمۇ گۇمانلىق بولۇش بىلەن، تارىختىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى مۇشۇ تۈردە »ئۈستىگە ئېلىش«لار ئۈچۈنمۇ بۇ خۇلاسىمىز كۈچكە ئىگە.
ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، پاكىستان خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن دوستى. خىتاي بىزنىڭ ئىشىمىز تۈپەيلى، پاكىستانغا ھەتتا ئاتوم تېخنىكىسىنىمۇ بەرگەن ئىدى. پاكىستان بۇ دوستى ئۈچۈن ھەر زامان شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىي قاچاقلارنى تۇتۇپ بېرىپ كەلدى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇق خىتاينىڭ خاھىشىدىن بولماي، ئۆز-ئۆزىدىن بولۇشى مۈمكىن ئەمەس.
بىزنىڭ مىللىي پىسخىكىمىزدىكى ئاجىزلىقلار ئىچىدە ساددىلىقىمىز ئەڭ ئالدىدا تۇرۇش بىلەن، بۇ بىزنىڭ ئىستىخبارات ئېڭىمىزنىڭ نۆلدىن تۆۋەن بولۇشىغا سەۋەپ بولغان بولۇپ، ئەڭ ئەخمەق دۆلەتنىڭ ئىستىخباراتىمۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزچە قالتىس مەخپىي تۇتتۇق دەپ ئويلىغان، ئەمەلىيەتتە لوپۇلدۇما ھەركەتلىرىمىزنى بىلمەي ئولتۇرمايدۇ.
ئېلان قىلىش ۋاقتىدىكى »ئاجايىپ توغرا كېلىپ قېلىش«تىن قارىغاندىمۇ بۇ بىر گۇمانلىق تەشكىلات!
مەن بۇ »ئىسلام ھەركىتى«نىڭ ھازىرغىچە (ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئىشغالىيىتىدىن كېيىنمۇ) يەنىلا »تاغلاردا« مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى، توربەتلىرىدە دايىم ھېلىقىدەك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرۇشلىرى ھەققىدە گۇمانى قاراش ئوتتۇرىغا قويغىنىمدا، بەزى سەمىمىي ئادەملەر، ساددا ۋە ئاقكۆڭۈل دوستلار قارشىلىق كۆرسەتكەن، »مەن بىلىدىغان باللا تۇرسا... « دېگەندەك »پاكىت« بىلەن ئالدىمنى توسقان ئىدى. چوقۇمكى، بۇ ماقالە دەپ ئاتاشقىمۇ شەرتى توشمايدىغان كىچىككىنە يازمىشىمدا يەنە بىر ئاز ئېنىقلىما بېرىش، ئىستىخبارات ساۋادى شەكلىدە، تەسەۋۋۇرلارغا ئىلھام بېرىپ، ئوبدانراق ئويلۇنۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بولسىمۇ زۆرۈر دەپ قاراپ، بۇ »تەشكىلات«نىڭ ئىشلەش فونكىسىيىسى ھەققىدە توختالماقچى بولدۇم.
سىز تونۇيدىغان، خىتايغا ئىشلەش ئىھتىماللىقى يۈزدە-يۈز يوق، ھىچ مۈمكىنسىز بولغان ئاشۇ ساددا ۋە ئاقكۆڭۈل يىگىتلەر بار تۇرۇپمۇ، بۇ ئىشنى قىلىش تامامەن مۈمكىن. بۇ قانداق بولۇدۇ؟ بۇ خۇددى ئىلگىرى نۇرغۇن ھەقىقىي تۈردە دىن ۋە مىللەت يولىدا ئۆلۈشكە بەل باغلاپ چىققان ياشلارنىڭ ئاشۇ ساددا ئىشەنچلىرى بىلەن، ھىسامىدىننىڭ »مۇما«سىدەك بىر ئاق مۇما، يەنە بىر قارا مۇما تۈۋىگە توپلانغانلىقىنى، »قارا مۇما«نى يامان دېگەنلەر »ئاق مۇما« تۈۋىگە، قارىسىنى يامان دېگەنلەرنىڭ »ئاق مۇما« تۈۋىگە توپلانغىنىدەك ئاددىي بىر ئىش. بۇنى ئىككى تۈردە روياپقا چىقىرىشقا بولۇدۇ:
تەشكىلات بېشىدىكى شەخس خىتاينىڭ ئايغاقچىسى بولسا بولدى، قالغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ ھەقىقىي ئىنقىلاپچى بولۇشى بىلەن، تەشكىلاتنىڭ نىشانىغا ئۆزگەرتىش كەلتۈرەلمەيدۇ. بۇ باشلىق پاكىستان ئىچىدە مەۋجۇت بولۇشقا »رۇخسىتى« بولغاچقا، خاتىرىجەم تۇرۇۋېرىدۇ ۋە بۇنى بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئېپىدىن دەپ چۈشەندۈرۈپ تۇرسا بولۇۋېرىدۇ. ھەتتا ئۇلار يېرىم كېچىلەردە تاتلىق ئۇيقۇلىرىدىن ئويغۇتۇلۇپ، ئورۇنلىرىنىڭ بىلىنىپ قالغانلىقى، گۇمانلىق ھەركەتلەر سېزىلگەنلىكى، شۇڭا جىددىي يۆتكەلمىسە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇجتۇرۇش قىلىپ، شۇ كېچىسى باشلىق تەييارلاپ قويغان باشقا بىر بىخەتەر جايغا يۆتكىلىشىمۇ مۈمكىن. بۇنىڭ بىلەن ئويۇنغا چىنلىق تۇيغۇسى بەخش ئېتىلىپ، بىر ئاز چېچەن كۆرۈنگەن بالىلاردا قايتا ئىشەنچ ئويغۇتۇشقا بولۇدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەمىن خىتايلار تەرىپىدىن بولۇۋېرىدۇ. بالىلار پەقەت باشلىقىمىز (قارىھاجىكام)نىڭ ئېپى بار، دەپلا ئويلايدۇ. بۇ ساددا بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچۈلۈكىدە قىزغىن دىن سۆيگۈسى ۋە خىتايغا نەپرەت بولۇشتىن باشقا، ئادەتتىكى بىلىممۇ بولمىغاچ (بەزىلىرى ئۆزلىرىنى خېلى بىرنېمە بىلىمەن دەپ ھىساپلىسىمۇ)، ئۇنچە مۇرەككەپ ئويلاپمۇ كەتمەيدۇ. قارىھاجىكىسى بولسا دايىملا ئاللىقانداق بىر يەردىن پۇل ھەل قىلىپ، چىقىملارنى قامداۋاتقان بولغاچقا ھەر قېتىمدىلا بىرەر ھىكايە بىلەن، پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسىگە بىرەر ئادرېس كۆرسۈتۈپ، ساددا بالىلارنى ئالدايدۇ:
— ھەج سەپىرىگە ماڭغان بىر باي ئۇچراپ قالغانتى، بۇرۇندىن بىر ئاز تونۇشلۇقىمىز بارىتى، راسا بىر تەبلىغ قىپتىكەنمەن، تەسىرلىنىپ كېتىپ، بىر توقماق پۇل تاشلىدى. باللا، بىز دېگەن ئاللا رىزاسى ئۈچۈن مەيدانغا چىققان بولغاندىكىن، ئاللاھ بىزگە ياردەم قىلىدۇ، ھەر سەۋەپ بىلەن رىزقىمىزنى يەتكۈزۈپ تۇرۇدۇ، — دەيدۇ. بالىلار مەمنۇنىيەت بىلەن ئالقىشلايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىغا كىم گۇمان قىلالىسۇن؟
يەنە بىر قېتىمدا بولسا باشقا بىر سودىگەر (ھەجگە ماڭمىغان، پاكىستانغا مال ئەكەلگەن ياكى بۇ يەردىن مال ئەپكېتىدىغان) ئۇچراپ قالغان بولۇدۇ. ئۇمۇ تەسىرلىنىپ كېتىپ بىر توقماق بېرىۋېتىدۇ.
ئوخشاش قېلىپتا تەكرارلىنىدىغان بۇ ھىكايىلەرنىڭ گۇمان قوزغىماسلىقىغىمۇ سەل قارالمايدۇ. بالىلار ئىچىدە بىر ئاز كۆپرەك ئوقۇغان، بىلەرمەن ھىساپلىنىدىغان، ئاچىماق سوئالنىمۇ كۆپ سورايدىغان بىرى بولۇدۇ (بۇنداق خاراكتېردىكى ئادەملەر ھەرقاچان بىر توپتا بولماي قالمايدىغۇ). پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە گۇمان قوزغىماسلىق، ئەسلىدىن شەكىللەنگەن گۇمانلارنى تارقىتىۋېتىپ، تەكرار ئىشەنچ قازىنىش ئۈچۈن، ئەنە شۇ »بىلەرمەن بالا« گۇۋاچى قىلىنىدۇ. بۇ قانداق بولۇدۇ؟ ناھايىتى ئاسان. خىتاي بىر باي ئايغاقچىسىدىن پۇل ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭدىن بېشىمىز قارىھاجىمنىڭ خەۋىرى بولۇدۇ. دەل شۇ كۈنى قارىھاجىم ھېلىقى چاتاقچى بالىنى چاقىرىدۇ:
— پالانجان، جۈسىلە، ئۇكام، بىر يەرگە بېرىپ كېلىمىز، مەن بىلەن ھەمرا بولسىلا، — دەيدۇ.
ئىككىسى راۋالپىندىنىڭ مىژژامىژژاڭ كوچىلىرىدىن بىرىدە كېتىۋاتقاندا »تۇيۇقسىزلا« ھېلىقى باي ئۇچراپ قالىدۇ. ئۇلار ئەسلىدىن تونۇشلار سۈپىتىدە رول ئالسىمۇ، ياكى بىرى تونۇيدىغان، يەنە بىرى ئانچە بەك تونۇمايدىغان بولۇۋالسىمۇ بولۇدۇ.
— پالانجان، قارىسىلا، ئاۋۇ ئادەم ئۇيغۇردەك تۇرۇدۇغۇ؟ قەشقەردە كۆرگەندەك يادىمدا، ھەەەە، بىلدىم، چوقۇم شۇ، ماڭسىلا بېرىپ كۆرۈشۈپ قويىلى، ۋەتەندىن چىققان ئادەملەرنى كۆرسىمۇ ئادەمنىڭ يۈرىكى بىر قىسما بولۇپ كېتىدىكەن،... — تەسىرلىك ئاۋاز، تىترەڭگۈ، ھەقىقەتەنمۇ ۋەتەننى سېغىنغان تۇيغۇ، سېغىنىچتىن يىغلامسىراۋاتقان چىراي. ياش شاگىرت قارىھاجىمكىسىنىڭ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆز راھىتىدىن كېچىپ، مۇساپىر ئەللەردە دۈم يېتىپ، دۈم قوپۇپ يۈرگەنلىرى كۆز ئالدىدىن تىزىلىپ ئۆتۈپ بۇ ئادەمگە ھەقىقەتەنمۇ مىھرى ئۇرغۇيدۇ.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، — ئۇلار ھېلىقى ۋەتەندىن چىققان باي دەپ بىلگەن كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام قىلىدۇ.
— ۋەەەلەيكۇم مم ئەسسالاااام... — ئادەم مەڭدەپ قالۇدۇ. (ياكى تونۇشلۇق بېرىشكەن شەكىلدە ئوينىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ).
— سىلى پالانىھاجىم ئەمەسما؟
— ھە، مەن شۇ. ئەمما سىلى....؟
— مەن سىلىنى تونۇيمەن، بىز ئا ھېلىقى... دە بىللە بولمۇدۇقما، پالانى يىلى ھېلىقى....
— توغرا، توغرا، ئەمما مەن سىلىنى تازا تونۇيالمىدىم جۇما. دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىغۇ توغرا تۇرۇدۇ.
ئەسلىتىشلەر بىر ئاز داۋام قىلسىمۇ ياكى دەرھال مەسىلە ھەل بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.
— نېمىلىكىم بولمىسۇن، ۋەتەندىن چىقىپلا، بىزدەك مۇساپىرلار ئۈچۈن سىلىنىڭ ۋەتەندىن ئېلىپ چىققان قەدەم چاڭلىرىمۇ كۆزىمىزگە دارا دېسىلە، جۈسىلە، بىر پىيالە چاي ئىچكەچ گېپىمىزنى داۋام قىلىلى. بىز دېگەن بۇ يەرگە كونا، سىلى مىھمان، جۈسىلە،...
— ھەبىسىلىرى نېمىش قىلىشىلا، بۇ يەدە؟
— ئۇزۇن گەپ، ئاشەدە دېيىشىمىز، جۈسىلە،... مەن ھېلىقى پالانىھاجىمنىڭ نەۋرىسى، پۇستانى داموللامنىڭ بالىسى ئەمەسما، ھە، ئەمدى بىلگەنلا؟... — كېتىۋېتىپ سۆھبەت داۋام قلىدۇ.
مانا شۇنداق قىلىپ، تونۇشلۇق راست چىقىپ، باي ھاجىمدا توپبېشىمىزغا ئىشەنچ پەيدا بولۇدۇ. ئۇلار چاي ئىچىشكەن يەردە سۆھبىتىنى داۋام قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى ياپتىراق شەكىلدە ئۇقتۇرۇدۇ. مەملىكەت ئىچىدىمۇ دايىم خىتاي تەشۋىقاتلىرى »پاكىستاندا ھەركەت قىلىۋاتقان بىر ئىسلامىي جىھاد ھەركىتى«دىن لاپ ئېتىپ تۇرۇدۇغان بولغاچقا، باينىڭ دەرھال ئەقلى ئىشلەپ، بۇنى بىلگەنلىكىنى ياپتا گەپلەر بىلەن ئىشارە قىلىشىدۇ. ئەمدى ئاستا-ئاستا تەبلىغ باشلىنىپ، ئاللاھ يولىدا ئىش قىلىۋاتقان مۇجاھىدلارغا ياردەم قىلىش ھەققىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر، بۇنىڭغا ئۇلانغان تەسىرلىك تۇنۇقلار .... قىسقىسى ئاخىرقى نەتىجىدە بۇ باي »تەسىرلىنىپ« كېتىپ، كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا بىللاغنى يېشىپ، بىر توقماق چىقىرىپ، قارىھاجىمنىڭ قولىغا قىستۇرۇدۇ....
ئۇلار ئەسلىدە كوچىغا چىقىشتا باھانە قىلىنغان ئىشقىمۇ بىر يولۇقۇۋېتىدۇ. ئاندىن »كامپ«قا قايتىپ كېلىدۇ. ئەمدى قارىھاجىمنىڭ چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشىغا ھاجەت قالماي، بۇ ئىشلارنى »ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن« گۇۋاچى بالىلارغا پىچىرلايدۇ.
يەنە بىر تەرىپىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك: بۇ بالىلاردا ھىچ پۇل يوق، پاسپورت يوق! ئۇلار نەگىمۇ كېتەلىسۇن؟ بۇ توپتىن ئايرىلىپ قالسىلا ئاچ قالىدۇ، خەتەردە قالىدۇ. شۇڭا مەلۇم گۇمانلىرى بولسىمۇ، ئىشەنگەن بولۇۋېلىپ، جان ساقلاشقا مەجبۇر بىر ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇدۇ.
ئەمدى، ئەگەر توپبېشى خىتاي ئايغاقچىسى بولماي، ھەقىقىي ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگەن ئىنقىلاپچى بولسىچۇ؟ بۇنىڭغىمۇ چارە تېپىلىدۇ:
خىتاي تەرىپىدىن بىرى ئارىغا سوقۇلسىلا ئىشلارنى خىتاي بەلگىلىگەن يۆنۈلۈش بويىچە ئېلىپ كېتىۋېرىدۇ. بۇ قانداق بولۇدۇ؟ خۇددى يېقىن كەچمىشىمىزدە ساتتارھاجىدەك مۇناپىق ئونمىڭ دوللار بېرىپلا ئىشەنچكە ئېرىشكەن ۋە »شۇرا«غا كىرگۈزۈلگەن؛ ساقچى ئەمەلدارى مامۇتجاننىڭ جىيەنى بالىلارنىڭ ئارخىپىغا مەسئۇل قىلىنغاندەك، كاللىمىزنىڭ ئاددىيلىقى خاسىيىتىدە ئوڭايلا روياپقا چىقىدۇ.
بىزنىڭ پەۋقۇلئاددە »ئادىمىگەرچىلىك«ىمىز، »يۈز-خاتىرىچى«لىقىمىز خىتاي ئۈچۈن بەك ئوبدان يوچۇق تەمىن ئېتىدۇ. خۇددى بايىقى بايدەك بىرەرسى ئۇچرايدۇ. ياكى بەك باي بولمىسىمۇ بولۇدۇ. »بارى-يوقى« ئون مىڭ دوللار پۇلىنىمۇ ئۆزىنىمۇ بۇ توپقا تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، نېمىشكە قوبۇل قىلمىغۇدەك؟ ئابدۇللاقارى (تەخەي ياكى ھاڭگا)نىڭ دادىسى بىرىنچى بۆلۈمنىڭ ساقچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان تۇرۇپ، ئۇنى توپنىڭ بېشىدىكىلەردىن قىلىۋالغان يەردە، پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىدە ئالاھىدە مەشھۇر بولغان مۇناپىق ئائىلىنىڭ مۇناپىق ئەۋلادى بولغان ساتتاتھاجىغا ئىشەنگەن يەردە باشقا گۇمان بولۇشى مۈمكىنمۇ؟
ئاندىن پۇل بەرگەن ئادەمنى ئادەتتىكى ئەسكەر بالىلارنىڭ قاتارىغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا يۈزىمىزمۇ چىدىمايدۇ. ئۇنى شۇرامىزغا قېتىۋالىمىز. پۇلنىڭ توم بېشىنى ئۇ بەرگەن بولغاچ، ئىقتىساتقا ئۇنى مەسئۇل قىلىشىمىزمۇ مۈمكىن. پۇللۇقلارنىڭ، مىھمان قىلغانلارنىڭ، بايلارنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈدىغان ئىش بار ئەمەسمۇ؟ ھۆرمىتىمۇ چوڭ بولۇدۇ. ئەنە شۇنداق قىلىپ، ئۇ كىشى ھە دېمەيلا توپتىكى مۇھترەم كىشىلەردىن بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. ئۇ خېلى سۆزمەن، ھەم خېلى بىلىمدان كىشى بولۇپ چىقىدۇ. كۆپ چاغلاردا ئۇنىڭ دېگەنلىرى راست چىقىپ، ئۇ خېلى كۆزگە كۆرۈنۈدۇ. مانا شۇنداق كۈنلەردە »يوقۇرىدىن« ئۇنىڭغا »قەشقەر ۋە خوتەندىكى ۋەقەلەرنى ئۈستۈڭلارغا ئېلىڭلار« دېگەن بۇيرۇق كەلسە، ئۇ شۇرادا بولغاچ، شۇراغا شۇنداق بىر تەكلىپ سۇنىشى مۈمكىن:
— خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەنى بىز قىلدۇق دەپ ئۆزىمىزنى بىر كۆرسۈتۈپ قويمايلىما!
— قانداق بولا؟...
— ئى! قاندا بولىتى تازا ئوبدان بولۇدا، خەلق بىزنىڭ قولىمىزدىن ئىش كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بولۇدا، پۇل بېرىدىغانلارمۇ، توپقا قېتىلىدىغانلارمۇ »ۋاي بۇلا بوش ئەمەسكەن جۇما، ئىشەنسەك بولغۇدەك« دەپ كەگىلى تۇرۇدا.
ئۇ پۇللۇق بولغاچقا بىرەر قېتىم بازاردا مىھمان قىلىپ قويغان بىرى، ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ كەسكىن سۆزلەر بىلەن بۇنى قوللايدۇ. باشلىقنىڭ بېشى قايىدۇ. قانداق قىلساق بولار؟ نېمىلا دېگەن بىلەن شۇرادىكى ئادەملەرنىڭ يېرىمىدىن جىقى بۇ پىكىرنى قوللاپ تۇرسا، بۇ پىكىر بىزنىڭ ئاشۇ پالانىھاجىمدىن چىققان پىكىر تۇرسا، بۇنى رەت قىلىساق سەت تۇرامۇ-يا؟... ئاخىرى مىللىي خاراكتېرىمىز بېسىپ كېتىپ، بۇ پىكىر تەستىقلىنىدۇ. مانا شۇنچىلىكلا ئىش.









