سىياسىي ئەسەرلەر

كونا يول، كونا كەش

AddThis Social Bookmark Button

ئاتالمىش »شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشى« ئېچىلدى. بۇ ھەقتە تورلاردا، ياكى باشقا مەتبۇئاتلاردا قانداق دەبدەبە-ئەسئەسە قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، يەنىلا »ئاتام ئېيتقان بايىقى« بولغانلىقىنى ۋەتەنداشلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش مەسئۇلىيىتى ھىس قىلىۋاتىمىز. پىلانلانغاندەك، ھەرقانداق شەرقىي تۈركىستانلىق قاتنىشىش مەسىلىسى تامامەن يالغانچىلىق بولۇپ، يالغانچىلىقنى تۈرگە ئايرىش قائىدىسىگە سالغاندا »پاسكىنا يالغانچى«لىق تىپىغا مەنسۇپ.

بۇ ئاتالمىش »ئالىي كېڭەش«كە قۇرۇلتايچىلار ۋە قۇرۇلتاينىڭ ھەمتاۋاقلىرىدىن باشقا ئادەملەر كەلمىدى ياكى پەقەت بىر پىرسەنتكە يەتمىگەن قارشى پىكىردىكىلەر، ئۇلارنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تۇيۇقسىز بارغاننى مۇستەسنا قىلساقمۇ بولۇدۇ. پىلاندىكى كۈتۈلگەن نۇرغۇن بىلەرمەنلەرنىڭ كېلىشى، ھەركىم تەقدىرىمىز ھەققىدىكى تەۋسىيە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاش، ئايرىۋاشلاش گورۇپپىلىرى بۇ ئوتتۇرىغا تاشلانغان بىلىم خامىنىنى قېتىپ، ھەيدەپ، چېشىنى چەش، پايخىنىنى پايخان قىلىپ، جەۋھەرلىرىنى توپلاپ چىقىدىغانلىقى (ھەتتا بۇ ئىشقامەسئۇل قىلىپ سايلانغانلارمۇ قاتنىشىشنى رەت قىلغان) ھەققىدىكى ئاجايىپ شېرىن سۈخەن »پۈچەك ياڭاق«لارنىڭ ھەممىسى، ئىستراتېگىيە، تاكتىكا مەسىلىرى،... (ۋاي قوۋۇرغامەي! كاشكى بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى بىلىدىغانلاردىن بولسىمۇ بىر ئىككىسى بولغان بولسا كىمنىڭ دەردى!) ھەممىسى يالغان بولۇپ، پەقەت »ئاپتونومىيە« دىن ئىبارەت كونا يول تەنتەنە بىلەن بەلگىلەندى! بۇ خۇددى »گۈلئايىم«دىن ناخشا باشلاپ، ئەپلۈشتۈرەلمىگەنلىكتىن »گۈزەل تاشقورغان« بىلەن ئاخىرلاشتۇرغاندەك ھەلەق ئىش بولغان! بۇ يولدىكىلەر يەنىلا شۇ كونا كەشلىرى بىلەن بۇ كونا يولدا پىتتەك مۇساپە بېسىپ ئىلگىرىلىمەكچى بولۇشۇپ بېكىتىشتى!

 

چۈنكى پۇل توختىغان ئىدى! خۇددى مۇلاھىزىمىزدىكىنىڭ دەل ئەينىسى بولغان! يا پۇلغا تۇرۇش كېرەك، يا خەلقنىڭ ئارزۇسىغا! خەلقنىڭ ئارزۇسىدىن نېمە چىقىدۇ؟ ئۇنى يا قاينىتىپ ئىچكىلى بولمىسا؟! قويە، ئۇنداق قۇرۇق گەپنى! پۇل موھىم! پۇلنى جىق تېپىپ، پۇل تۇتۇپ باقمىغانلىرىڭلار ئۇنىڭ تاتقىنى بىلمەيسىلەر، پۇل دېگەن بەك بەلەن نېمە!

 

پۇل بېرىدىغانلارمۇ دەل پەرەز قىلغىنىمىزدەك: تۇتۇمۇڭلار يوق خەقكەنسىلەر، ھېلى ئۇنداق، ھېلى بۇنداق دەپ،... ئۆز ئىچىڭلاردا باشقا، بىزگە باشقا گەپنى قىلىپ! رەسمىي يولۇڭلارنى بەلگىلەڭلار، ئاپتونومىيەگە، يۇرتۇڭلارغا كىرىۋالغان خىتايلار بىلەن بىرلىكتە دېموكراتىيىدە چىڭ تۇرۇشقا رازى بولساڭلار مانا پۇل، دېگەندىكىن قانداق قىلىسەن؟ پۇلغا تۇرۇسەن شۇ!

 

ھەرنەرسىدىن كېچىشكە بولۇدۇكى، پۇلدىن كېچىشكە بولمايتى! چۈنكى پۇل بولغاندىلا ئۇ دۆلەت، بۇ دۆلەتكە قاتناپ، خۇددى ۋەتەن ئۈچۈن ئالدىراش بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغىلى بولۇدۇ؛ پۇل بولغاندىلا ئۇ دۆلەت، بۇ دۆلەتتە مەجلىس ئېچىپ، »ئىش« قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنگىلى بولۇدۇ (چەتئەلدىكى يېرىم ئەسىردىن ئاشقان »داۋا ئىشى« مەجلىس ئېچىشتىن ئىبارەت بولۇۋاتىدۇ ئەمەسمۇ). پۇل بولمىسىچۇ؟ بوسۇغىدىن ئاتلىغىلىمۇ بولمايدۇ! ئاشۇ »ئىش قىلمىدى« دەپ ئەيپلىنىۋاتقانلاردىن ھىچ پەرقى يوق ھالدا ياتىدىغان گەپ! ياخشىكى »رەقىپلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار« يېزىلىپ قاپتىكەن، ئۇنىڭدىكى چىسلالاردىن پايدىلىنىپ، يالتا-پالتا دېگەنلەرنى سۈر كۆرسۈتۈپ-قۇ بىر ئاز كۆز بويىغىلى بولۇدۇ، ئەمما-زە بۇمۇ شۇ نەسىرىددىن ئەپەندىمنىڭ چاشقان دورىسىدەك كارغا كەلمەي قېلىشى چوقۇم.

 

قاتناشقانلار كىملەر؟ »قاتناشقانلار بۇرۇنقى قۇرۇلتايچىلار« دېدۇق، مانا ئەمدى پۇلنى ھالاللاپ ئېلىش ئۈچۈن ھېلىقىدەك بىر دەبدەبە پەيدا قىلمىسا بولمايدۇ، خۇددى »ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە قارار قىلدى« دېگەن شۇمپەنلەرچە يالغاننى بازارغا سېلىش ئىھتىياجى ئۈچۈن بۇرۇنقىلارغا بىر ئاز بولسىمۇ ئوخشىمايدىغان ساندا كۆپرەك ئادەم قاتناشمىسا، پۇلنى پەم بىلەن ئېلىش تىياتېرىنى قانداق ئوينىغىلى بولۇدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن چارە تېپىلغان: ھەر مەملىكەتتىكى قۇرۇلتايچىلارغا ئادەم تېپىش ۋەزىپە قىلىنغان؛ بۇ ئادەملەرنىڭ ۋەتەن مىللەت ئۇقۇملىرى بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلىقىدىن قەتئىينەزەر، بىكارلىق ياتاق-تاماق بېرىدىغان، ئامېرىكىغا كېلىشنىڭ تەكلىپىنى ئەۋەتىدىغانلا ئىش بولسا جان دەپ، باھانە سەۋەپ بىلەن ئامېرىكىنى بولسىمۇ كۆرۈۋالمامدىم، دەپ ئويلايدىغانلار بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ، ھەتتا بەزىلىرىگە نەپسىمىزدىن كېچىپ، بىلىتىنى ئەۋەتىپ بولسىمۇ ئەكەلسەك، كېيىن پۇل ھەل بولغاندا چىقىرىۋالمامدۇق،... شەكلىدىكى يوليورۇقلار سايىسىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەنە شۇ تىپتا بىر توپ »يېڭى ئادەملەر«مۇ كېلىشكەن. بۇنداق كۆز بويامچىلىقنىڭ بولغانلىقىنى شۇنىڭ بىلەنلا دەلىللىگىلى بولاتتى: كېلىشكە كىرا كەتمەيدىغان ئامېرىكىدىن نېمىشكە ئاشۇ پۇلدىن نەسىۋە ئالىدىغانلاردىن باشقىلار كەلمىدى؟ چۈنكى ئۇلار بىلەتتى. بىر يەردە ياشايدىغانلار ئادەتتە بىر-بىرلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە بىلىشىدۇ ئەمەسمۇ. ئەندىن يەنە ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار شۇنىمۇ بىلىدۇكى، ئامېرىكىدا پارلامېنت زاللىرىنى كېزىشنى خالىغانلارنىڭ ھەرقانقى كېزەلەيدۇ، »مەن بىر يىغىن ئاچاتتىم« دېگەنلەرگىمۇ بۇ »شان-شەرەپكە چۆمۈلۈۋېلىش« پۇرسىتى سۇنۇلۇدۇ. شۇڭا، بۇنداق سۈر كۆرسۈتۈشمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رول ئوينىيالمايدۇ. خۇددى شۇنداق بولغان. ئامېرىكىدىن قۇرۇلتايچىلاردىن باشقا »خەلققە ۋەكىل بولۇدۇغان« بىرەر ئادەممۇ قاتناشمىغان. قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇلتايچى ياكى يالاقتا شېرىكچىلىكى، بىرەر مۇناسىۋىتى بولغانلار بىلەن چەكلەنگەن. ئۇيغۇر ئەڭ كۆپ مەملىكەتلەرنىڭ بىرى، بولۇپمۇ كىرا كەتمەيدىغان ئالاھىدىلىكىگە قارىماي يۈز بەرگەن بۇ ھال، بۇ قېتىمقى »ئالىي كېڭەش«نىڭ ئالىيلىق دەرىجىسىنى كۆرۈۋېلىشقا ئىمكان بېرىدىغان كۆزنەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

 

بەزى رېكورد بۇزۇدۇغان (ياكى رېكورد تۈرى بارلىققا كەلتۈرگەن دېسەكمۇ بولامدۇ قانداق، چۈنكى بۇ ئىش بەك ئاجايىپ بولغاچقا بۇنى توغرا سۈپەتلەشمۇ، توغرا ئاتاشمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ) كارامەت ئىشلارمۇ بولغان: ھەرقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ تەپتىش ھەيئىتى شۇ تەشكىلاتتا، تەشكىلات مىخانىزىمىنىڭ توغرا ئىشلەۋاتقان ياكى قېيىپ كەتكەنلىكىنى تەپتىش قىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەپتىشى خەلقنى تەپتىش قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، كىملەرنىڭ بۇ تەشكىلاتقا پىكرى بار، نارازىلىقى بار دېگەندەكلەرنى تەپتىش قىلىش ئۇلارنىڭ خىزمەت فونكىسىيىسى. يەنە تېخى بۇ قېتىمقىدەك »ئالىي كېڭەش«كە ئازغىشىپ كىرىپ قالغان ئۆكتىچىلەر بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئالقىشلاپ چاۋاك چېلىۋاتقان ياكى چالمايۋاتقانلىقىنىمۇ تەپتىش قىلىدۇ ۋە كېيىن چاۋاك چالمىغانلارنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ نېمىشقا چاۋاك چالمىدىڭ؟ دەپ سوراقلاشقىمۇ مەسئۇل. بۇ بەلكىم تارىخىمىزدىكى ئىنقىلاپ خاراكتېرلىق بىر كەشپىيات بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. ئەگەر بۇلار بىلەلىسە ئىدى، چەتئەللىك يېزنىلەرگە بىلدۈرەلىسە ئىدى، بەلكىم جىنىس رېكورد دەپتىرىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر تارىخىنى نۇر بىلەن بېزەپ تۇرغان بولاتتى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ رېكورد بولاتتىكى، ئاشۇ ماۋزېدوڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئۇنىڭ بىر جۈملە سۆزى ئونمىڭ جۈملىگە تەڭ دېيىلەتتى. ئەڭ ئالىي يوليورۇق دەپ سۈپەتلىنەتتى. يېرىم كېچىلەردە بىرەر تېلىگرامما تاپشۇرۇۋېلىنىپ، »ئەڭ ئالىي يوليورۇق« يېتىپ كەلگەن بولسا، دەرھال داقا-دۇمباق چېلىنىشقا باشلايتى؛ ھاياجان ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلق كېچىنى-كېچە دېمەي ئۇيقۇلىرىدىن تۇرۇپ، داقا-دۇمباق ئاۋازى تەرەپنى نىشانلاپ يۈرۈپ، توپنى تاپاتتى ۋە ئۇلار زالغا بېرىپ دەرھال بۇ ئالىي يوليورۇقنى يەتكۈزۈش چوڭ يىغىنى ئاچاتتى. بۇ يوليورۇق يەتكۈزۈلگەندە بولسا ئۇزاققا سوزۇلغان گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى زالنى ئېچىۋەتكۈدەك دەرىجىگە كېلەتتى. ئەمما توپنىڭ ئىچىدە چاۋاك چالمايدىغانلارمۇ تېپىلاتتى. شۇنچىۋالا تەلۋىلەشكەن يىللار بولۇشىغا قارىماي، ئاشۇ چاۋاك چالمىغانلاردىن »سەن نېمىشقا چاۋاك چالمايسەن؟« دەپ سورالمىغان يەردە، مانا بىزنىڭكىلەر بۇنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالىغان ئىكەن، بۇنى نېمىشقا رېكورد قامۇسىغا كىرگۈزمۈگۈلۈك ئىكەن؟! ئەگەر كىرگۈزۈشكە ئۇنىمىسا چوقۇم بۇ يەردە ئېرقچىلىق قىلىشىۋاتىدۇ دەپ بىلىش كېرەك!

 

 

 

Powered by Bullraider.com

ئۇچۇر