قۇرۇلتايچىلارنىڭ خەرجلىرى

User Rating:  / 3
PoorBest 
AddThis Social Bookmark Button

تەھرىرنىڭ ئىلاۋىسى: بۇ ئەسلىدە كونا تېما ئىدى. زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلى قايتا ئېلان قىلىندى. قۇرۇلتايچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئاتالمىش »ئالىي قۇرۇلتىيى« ھەققىدە جامائەتچىلىكتە مەلۇم توغرا تونۇش بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇلارنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى بار دەپ قارىدۇق.

 

نىمە دىگەن شەرمەندىچىلىك بۇ! ئەسلى يىغىننىڭ ئېچىلىش مەخسىدى بۇلارغا پۇل بېرىۋاتقانلارغا ئىشەنچىلىك كۆرۇنۇش ( چۇنكى ئاتالمىش لىدىر چەتەللىككە ئاپتونومىيە ، ئوز خەلقىغە بولسا مۇستەقىللىق دەپ ئىككى خىل گەپ قىلىپ خەلقنى ئەگەشتۇرەلمەي بىر نەچچە يالاقچى بىلەن پوداقچىنىڭ كوتۇرمىكەشلىگىدىكى ئەر خوتۇن شىرىكچىلىكىدىكى ھەسسىدارلىق شىركەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى . خەلقنىڭ بۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشمەيۋاتقانلىقىنى ھەم بۇلار نىڭ چەتەلدىكى ئۇيغۇر ئىنقىلاپچىلار ئارىسىدا ئىناۋىتىنىڭ قالمىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن NED بۇلارغا پۇل بىرىشنى توختاتقان بولۇشى مۇمكىن . يالاۋاتقان يالىقىنىڭ قۇرۇپ قالماسلىقى ئۇچۇن بۇلار بار كۇچىنى ئىشقا سىلىپ يالىقىنى توشقۇزۇۋاتقانلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ يالاقتىن قۇرۇق قالماسلىق ئۇچۇن مانا مۇشۇنداق بىمەنە قۇرۇلتاي چاقىرىپ ئامرىكىغا ئادەم توپلاش ، ئاندىن كەلگەن ئادەملەرنى ئىگىسىگە كوز-كوز قىلىش ئارقىلىق ، " كوردۇڭمۇ ، خەلق يەنە مىنىڭ كەينىمدە ، چاقىرسام كەلدى ، ئۇلار يەنىلا مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلايدۇ " دەپ كوز-كوز قىلىپ نان تاشلاپ بېرىۋاتقانلارنىڭ ئىشەنجىسىگە ئىرىشىش ئىدى . ئەپسۇس بۇ كونا جاھانگىرلار بۇنداقلاردىن نەچكە مىڭغا نان بىرىپ كىمگە نان بىرىش كىمگە بەرمەسلىكتە پىشۋاغا ئايلىنىپ كەتكەنلىگى ئۇچۇن بۇلارنىڭ بۇ ھىلىگەرلىگىگە ئالدانمىغان بولسا كىرەك .   دىمىسىمۇ بۇ يىغىندا ھىچ بىر ئىش مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ ۋە قىلىنسىمۇ ئىتىبارغا ئىلىنمايدۇ ، مەيلى قانچىلىك دە-تالاش ۋە كوپچۈلۈكنىڭ ماقۇللىشى بولسۇن بەرىبىر يەنە ئاتالمىش لىدىرنىڭ دېگىنى دېگەن بولاتتى . مەسىلەن . ئىككى يىل ئالدىدىكى قۇرۇلتايدا ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشنى ئاشكارا مەيدانغا تاشلاش ئارقىلىق ئىنقىلاپنىڭ غايىسىنى ئوچۇق ئاشكارا بۇرۇۋېتىش مەخسىدىدە چاقىرىلغان ئىدى . لىكىن قۇرۇلتايدىكى كوپچۈلۈك ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلاپچى ئۇيغۇرلارنىڭ كۇچلۇك قارشى تۇرۇشى بىلەن ئۇنى ئوچۇق ئاشكارا ئىلان قىلىشقا جۇرئەت قىلالمىغان بولسىمۇ لېكىن كوپچۈلۈكنىڭ كۇچلۇك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ئاتالمىش لىدېر ئىتالىيەدە ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدۇ دەپ دۇنياغا جاكارلىۋەتتى . بۇنى بىلگەنلەر قارشى پىكىر بەرگەن بولسىمۇ ئاتالمىش لىدېرنىڭ چاپانچىلىرى باشتا مۇخبىر خاتا تەرجىمە قىلغان دېدى ، كېيىن چاۋىسى چىتقا يىيىلىپ، قارشى يازمىلارنى تور بەتلەردە ئۆچۇرۇپ تۇرغازمىدى . ئۇيغۇرلاردا بىر ماقال بار ، " بىگىزنى قاپتا يوشۇرۇپ بولماس " بۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرى بارا بارا ئاشكارا بولۇشقا باشلاۋاتىدۇ . قاراڭلار بۇ قۇرۇلتاي شەرمەندىچىلىكىگە تاپقان باھانە سەۋەپلىرىگە ، تىخى ئاتالمىش لىدېر ئىنتەرنېت ت ۋ دە بايانات بىرىپ خىتتاي توسقۇنلۇق قىلدى، خىتتاينىڭ ئىشپىيۇنلىرى كاشىلا قىلىۋاتىدۇ ئاتالمىش خائىنلار ، خىتتاي جاسۇسلىرى پىتنە قىلىۋاتىدۇ دىگەندەك ئەپقاچتى لاۋزا گەپلەر بىلەن بىر تاغار قۇرۇق باھانالارنى نۇمۇس قىلماي خەلققە جاكارلاپ يۇرۇپتۇ . يىغىننىڭ كەيىنىگە سۇرۇلىشىدىكى ئاساسى سەۋەپنى ئىقتىسادقا باغلاپتۇ . ئەلچىخانا مەسىلىسى ، كىلىدىغان مىھمانلارنىڭ دەم ئىلىشقا توغرا كىلىپ قىلىشى پۇتۇنلەي يالغان ، بۇلارنىڭ بايرىمى 12 - ئاينىگن 25 -دىن باشلىنىپ كىچىكسىمۇ 1 - ئاينىڭ 15 لىرى تۇگەيدۇ ، شۇ جەريانلاردىمۇ ئەلچىخانىدا ئىشلەيدىغان ئادەم ئۇزۇلمەيدۇ . ئاساسلىق گەپ ئىقتىسادى مەسىلە بولغان . مانا ماۋۇ توپ توغرا تارازا باسىدىغان گىپى . ئەمدى بۇلاردا شۇنچىلىك بىر قۇرۇلتاي چاقىرغۇدەك پۇل يوقمۇ ؟  توۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۇپ ئوزىڭىز بىر نىمە دەڭ . بۇ مەلۇماتلار UAA تور بىتىگە بىرى تەرىپىدىن چاپلانغان بولسىمۇ ھايال قالدۇرماي ئKچۇرۇۋەتكەن . مەن ئەسلىسى بىلەن قوشۇپ چاپلاپ قويدۇم .   http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?23394-Wahtida-hesap-barmiganning-jazasi.   2009

يىللىق رېپورت خىتاي  (شىنجاڭ)  خەلقارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى:  $25،000 (تولۇقلۇما) 

To advance the human rights of ethnic Uyghur women and children. The supplement will enable the organization to hire a full-time interpreter/translator to work with Foundation director Rebiya Kadeer. Such language assistance is necessary for her to be effective in international advocacy work.

2005 يىلى يوق.

  2006 يىلى $90،000* 

2007 يىلى $124،805

 2008 يىلى $134،805

 جەمى $ 373،000 

خەلقارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمىيىتى  $69،502* 

To increase awareness of the situation for Uyghur writers and artists in China, and to build a broad coalition in defense of freedom of expression. IUPC will organize a conference bringing members from eight Turkic-speaking PEN Centers, as well as other concerned activists, and will compile a publication titled “A Voice for Freedom in Central Asia.” IUPC will maintain a website publishing banned writings and the works of persecuted poets, historians, journalists, and others, and will conduct international advocacy campaigns on behalf of imprisoned writers.

2005 يىلى يوق

  2006 يىلى يوق

 2007 يىلى $20،300*

 2008 يىلى $20،300

 ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتى  $249،000 

To raise awareness of Uyghur human rights issues and advance Uyghurs’ religious freedom and human rights. The UAA’s Uyghur Human Rights Project will research, document and bring to international attention, independent and accurate information about human rights violations affecting the Turkic populations of the Xinjiang Uyghur Autonomous Region.

 2005- يىلى بىرىلگىنى $126،000* .

 2006 يىلى بىرىلگىنى $215،000*

  2007 يىلى بىرىلگىنى $240،000*

 2008 يىلى بىرىلگىنى $269،000 

جەمى ئالغان پۇل $ 1،099،000 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى  $186،000

To enhance the ability of Uyghur prodemocracy groups and leaders to implement effective human rights and democracy campaigns. The World Uyghur Congress will organize an annual conference bringing together prodemocracy Uyghur leaders and active volunteers for strategy and training sessions focusing on coalition-building and creating comprehensive action plans.

2005 يىلى بىرىلگىنى يوق.

  2006 يىلى بىرىلگىنى $90،000

 2007 يىلى بىرىلگىنى $136،000

 2008 يىلى بىرىلگىنى $146،000

 جەمى $558،000  *

* Indicates Department of State funding beyond NED's annual appropriation

http://www.ned.org/publications/annual-reports/2009-annual-report/asia/description-of-2009-grants/china-xinjiang 

دىمەك بۇلار شەرقى تۇركىستان ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ 5 يىل ئىچىدە خەلقارادىن $2،144،102 ( ئىككى مىليون بىر يۇز قىرىقتوت مىڭ بىر يۇز ئىككى دوللار) پۇلنى ئىلىپ تۇگەتكەن . مۇشۇ پۇللارنىڭ ھىساۋى بىرىلمىگىنى ئۇچۇن بۇلارغا پۇل بىرىۋاتقانلار بۇلارغا پۇل بەرمىگەن ، شۇڭا بۇلار تىپىرلاپ قىلىپ پۇلنى ئىلىشنىڭ كويىدا ھاپىلا شاپىلا قۇرۇلتاي چاقىرىپ يەنە يالىقىنى قولغا ئىلىشنىڭ كويىدا .  ھەي ئىنقىلاپچى ئۇيغۇر خەلقى ، بىر مىللەت ۋە ۋەتەننىڭ داۋاسى ئۇچۇن خەلقارا ياردەم قىلىپ بەرگەن پۇلنى 4 ئادەم ئىش ھەققى دەپ ئۇلۇشۇپ يىۋىلىپ ۋەتەن مىللەتكە قىلغان ھىچ بىر ئىشىنىڭ تايىنى يۇق يەنە سىلە بىزلەرنى يامان گۇمان قىلىپ پىتنە قىلىۋاتىدۇ ، خىتتاي جاسۇسلىرى دەپ ئىغۋا تارقاتسا مانا ھازىرقى سان سىفىرلار بويىنچە كىم ئەيىپلىنىشكە تىگىشلىك ؟ ئۇ پۇللاردىن سىرت ياۋرۇپادىن يىققان 500 مىڭ دوللار ، ئاۋۇستىرالىيەدىن يىغىپ كەلگەن 100 مىڭ دوللار يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بىز بىلمىگەن يەرلەردىن كەلگەن يۇز مىڭلىغان دوللارنى بىسىپ يىتىۋىلىپ ، ھىچ بىر ھىساپ كىتاۋىنى بەرمەي بىشەملىك قىلسا يەنە قاراپ تۇرۇدىغان قانداق نۇمۇسسىز مىللەت بىز ؟  ئەركىن دۇنيادا كوز ئالدىمىزدا بىزنى قارىتىپ تۇرۇپ قويۇۋاتقان ئادەمدىن ھىساپ كىتاپ ئالاممايمىز ( مانا مۇشۇ پۇللارنىڭ ھىساۋىنى قىلىش كىرەك ، يامىنى كەلسە پۇل بەرگەن يەرگە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ . ھەي نەد سەن بۇلارغا مۇشۇنچىۋالا پۇلنى بىرىپسەن ھىچ بىزگە قىلغان بىر ئىشىنىڭ تايىنى يۇق ، ھاتتاكى چەتەلگە قىچىپ چىققان 22 ئۇيغۇرنىمۇ قاراپ تۇرۇپ قۇتقۇزالمىدى شۇ ئىش ئۇچۇنمۇ خەقتىن پۇل يىغىپ يۇردى . بۇلار پۇلنىڭ ھىساۋىنى بىزگە بەرمىگەن بىلەن سىلەرگە بەرگەن بولىشى مۇمكىن ، بىزگە ياردەم قىلىپ بۇلارنىڭ شۇ پۇللارنى نەگە ئىشلەتكەنلىگىنى بىزگە بىر دەپ بەرسەڭلار " دەپ بولسىمۇ تەلەپ قىلىپ باقمامدۇق .  مۇشۇ دىمگوراتىك ئەركىن دۇنيادا ھەق ھوقۇقلىرىمىزنى سۇرۇشتە قىلاممىساق قانداقمۇ خىتتايدىن مۇبارەك ۋەتىنىمىزنى قايتۇرۇپ ئالالايمىز ؟! سىلەرچە مۇشۇلار ۋەتەن مىللەت ئۇچۇن ئىنقىلاپ قىلىۋاتقانمىدۇ ؟ ۋىجدانىڭلار بىلەن ئويلىنىپ بىقىڭلار .

Powered by Bullraider.com

ئۇچۇر