گۇگۇم

gugum5
بۇ روماندا 1937-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە بولغان يېرىم ئەسىرلىك تارىخىي قىسمەتلىرىمىز تىلغا ئېلىنىدۇ. رومان كىرىش سۆز بىلەن جەمئىي 652 بەت
ئالغان دەرىجىسى:تېخى دەرىجە بېرىلمىدى
باھاسى:
سېتىش باھاسى: $15.00
باجسىز باھاسى: $15.00
مەھسۇلات ھەققىدە:
AddThis Social Bookmark Button

قارا بېسىشقا ئوخشايدىغان تارىخ

مۇھەررىردىن

 

دۇنيادا تىل ۋە يېزىق ئارقىلىق تەسۋىرلەش ئەڭ قىيىن بولغان ھالەت قارا بېسىشتۇر. گەرچە ھازىرقى زامان پىسخولوگىيە ئىلمىدە ئادەمنىڭ چۈشى قالايمىقان ۋە لوگىكىسىزدەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ يوشۇرۇن ئاڭدىكى ئىپتىدائى ھاياجانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەر ۋە ئىككى لوگىكىغا ئىگە بولۇدۇ دەپ قارالسىمۇ، لېكىن چۈشنى، بولۇپمۇ قارا بېسىشنى تەسۋىرلەش تا ھازىرغىچە يېزىقچىلىقتىكى ئىنتايىن قىيىن نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە، چۈنكى قارا باسقاندا كۆرگەن چۈشنى ئويغانغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى بويىچە ئەسلەپ چىقىش ئىنتايىن قىيىن. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ئادەم چۈش ئىچىدىكى غەيرى لوگىكىلىق بىر ھالەتتىن ئويغاق ھالەتتىكى ئەقلىي ۋە لوگىكىلىق ھالەتكە كىرگەندە، ناھايىتى ئېنىقكى، چۈشىدىكىنى ئەقىل ۋە لوگىكا بويىچە قايتا تەسەۋۇر قىلىپ چىقىدۇ، ياكى ئويغاق ھالەتتىكى ئەقىلنىڭ سۈزگۈچىدىن ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قايتا - قايتا ئەسلەش جەريانىدا چۈشنىڭ مەزمۇنى تېنىمسىز ئۆزگۈرۈپ ماڭىدۇ. دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا تارىخى خۇددى قارا بېسىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى تەسۋىرلەشمۇ ئىنتايىن قىيىن. چۈنكى ئىنساننىڭ ئەقلى قوبۇل قىلالمايدىغان ۋە كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆز ئالدىدىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ۋەقەلەر كىشىلەرنى كوللېكتىپ ئەقىلنى يوقۇتۇشقا گىرىپتار قىلىپ، تارىخىي ۋەقەلەر ئوتتۇرىسىدىكى لوگىكىلىق باغلىنىشلارنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. كېيىن بۇ ۋەقەلەرنى بىر يىپقا تىزىپ چىقىپ ئۇنى رەتلىك ۋە قايىل قىلارلىق قىلىپ تەسۋىرلەپ چىقماقچى بولغان كىشىلەر ئاشۇ لوگىكىلىق باغلىنىش بولمىغان ۋەقەلەرنى بىر بىرىگە چېتىش ئۈچۈن ئاشۇ جايدىكى باغلىنىش بولمىغان ياكى ئەقىل قوبۇل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن بوشلۇق بولۇپ قالغان جايلارغا مەلۇم بىر نەرسىلەرنى توقۇپ چىقىرىپ ئاشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئۇلارنى باغلىنىشقا ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قارا بېسىپ ئويغۇنۇپ كەتكەن ئادەم چۈشىنى ھەر قېتىم ئەسلىسە بىر ئۆزگۈرۈپ ماڭغاندەك تارىخ ھەركىمنىڭ بايانىدا بىر قېتىم ئۆزگۈرۈپ ماڭىدۇ.

 

كۆزدىن كەچۈرۈشلەر

تېخى كۆزدىن كەچۈرۈلمىدى.

Additional information