header image
باشبەت arrow ماقالە ئارخىپى arrow سىياسىي ئەسەرلەر arrow ئىستېتىك ئۆلچەملەردىكى ئاينىش ۋە يۆنلەندۈرمە
ئىستېتىك ئۆلچەملەردىكى ئاينىش ۋە يۆنلەندۈرمە PDF بېسىش E-mail
201020سائەت04/20/10ئاپرىل

images/stories/lopa.jpg

ئىستېتىك ئۆلچەملەر ئۆزگۈرەمدۇ؟ يەنى، كىشىلەرنىڭ شەرەپ ۋە نومۇس، پەزىلەت ۋە شەرمەندىلىككە قارىتا باھالاش مىزانى تۈپتىن ئۆزگۈرۈپ، بىر ئۆتكەن دەۋرگە نىسبەتەن تامامەن تەتۈرىسىچە ئۆلچەم بارلىققا كېلىشى مۈمكىنمۇ؟

بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى شۇنىڭدىكى، بىزنىڭ ئەللىك يىلنىڭ ئالدىدا نومۇس بىلىدىغان ئىشلارنى ئىختىيارسىز يوسۇندا شەرەپ بىلىشكە باشلىغانلىقىمىز پاكىتتۇر. بۇنداق بىر تەتۈرىسىچە تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى، يەنى ئىنساننىڭ ئىنسانلىق ئېڭىنى بۇزۇپ، ئۇنى ئىستەككە ئۇيغۇن تەرەپكە يېتەكلەشكە بولۇدۇغانلىقى، تۇرمۇشىمىزغا، ئەتراپىمىزغا ئوبدانراق نەزەر سالساقلا مەلۇم بولۇدۇ ۋە ئەقىل بىلەن ئويلايدىغان بولساق، «توۋا!» دېمەي تۇرالمايمىز. بۇلارنى كۆرۈپ، بۇ مۈمكۈنچىلىككە ئىشەنسەكلا، يەنە توغرا تەرەپكە قايتۇرغىلىمۇ بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلماي قالمايمىز. مانا بۇ كېيىنكى نىشان، بىزنىڭ بۇ تېما ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن مەخسىدىمىز. غەرپلىك بەزى جەمىيەتشۇناسلار، ئالىملار ئىنسانلارنىڭ كىملەرنىڭدۇر ئاستىرىتتىن شەرتلەندۈرىشى بىلەن مەنىۋىيتى تەتۈرىسىگە ئۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئىستېتىك ئۆلچەملىرىنىڭ بۇرمىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پۇلنىڭ سېھرىنى 1- ئورۇنغا كۆتۈرۈش ئارقىلىق، ئىنساننىڭ مەنىۋىي قىممەتلىرىنى چۈشۈرۈش، كىشىلەرنى غايىسىزلەشتۈرۈش، مەنەۋىيەتنى ئەمەس، ماددىنى ئۆلچەم قىلىش....

«ئامېرىكىدا ۋە دۇنيانىڭ قالغان يېرىدە كۆپچۈلۈك ئىنسانلارنىڭ ياخشىنى ياماندىن، توغرىنى خاتادىن،... ئايرىش تالانتى، سۈئىقەستچىلەر تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بىر خىل مېڭە كونترول سىستېمى بىلەن دىققەتلىك بىر شەكىلدە ئۆچۈرۈلۈشكە ۋە يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇلماقتا.

«بۈگۈن غەرپ دۇنياسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان كىشىلىك دۇنيا قاراش (‹ئېتىقاد›)لارنىڭ بىرى، كىشى ھاياتىدىكى ئەڭ موھىم ئىشنىڭ پۇل تېپىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ گۇمراھلارچە دۇنيا قاراش ۋە پۇلى كۆپ بولغاننىڭ نېمىلىكى بولمىسۇن تېخىمۇ پاراسەتلىك ۋە جەلپ قىلارلىق بولۇدۇغانلىقىدىن ئىبارەت كىشىلىك قارىشى ‹تەسەۋۋۇر ئىشلەپچىقارغۇچى›لار تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىگە توختىماي قاچىلانماقتا.[1]»

رېئال ھاياتىمىزدا نۇرغۇن يوشۇرۇن ئىشەندۈرگۈچىلەر مەۋجۇت. مەسىلەن: توۋار ئېلانلىرىنى ئالىدىغان بولساق، كۆپ تەكرارلانغان ماختاشلار ئارقىلىق ئاخىرى ئېڭىمىزغا تەسىر قىلىپ، ئەسلىدە ئۇ قەدەر مەيلىمىز بولمىغان بىر مەھسۇلاتقا قىزغىنلىقىمىزنى كۆرۈكلەيدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى ۋە ھارپىسىدا گېرمانىيىدە ناتسىستلارنىڭ پۈتۈن گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئېڭىغا شەكىل بېرەلىگەنلىكى، ئۇرۇشتىن كېيىن نۇرغۇن پىسخولوگ ۋە پەيلاسوپنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. نەتىجە شۇ بولدىكى، دېمەك، بەلگىلىك بىر ئىجتىمائىي نىشانلارنى تەسىرلىك بىر شەكىلدە قوللاش، دەستەكلەش خاھىشىدىكى تەشۋىقات ۋە مېتودلارنى بەلگىلىمەك ئۈچۈن يېڭى يوللارنىڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىلھام بولدى.

تېلىۋىزورلارنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىشى، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ بىزنىڭ روھى دۇنيامىزغا ھاكىم بولۇشقا باشلىشى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى تەدرىجىي يوسۇندا قېرىنداشلىق، قوشنىدارچىلىق،... مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زەئىپلىشىشىگە سەۋەپ بولدى. يەنى، تېلىۋىزىيە سەيرى ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش تەقەززاسى، قوشنىلار بىلەن باردى- كەلدى قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتتى؛ تۇققانلار ئارا مۇناسىۋەت بېغىنىڭ زەئىپلىشىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى. «كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق» دېگەن تەمسىلنىڭ ھەقلىقى شۇ يەردىكى، ئىنسانلار بىر۔ بىرىگە يېقىنلاشقانچە، ئىزدەشكەنچە يېقىنلىشىدۇ؛ ئارىلاشقانچە مېھىر كۈچىيىدۇ. ئىزدەشمىگەنچە ياتلىشىدۇ؛ مېھىر سۇسلىشىدۇ. بۇ تەبىرگە قارشىلىق بولمىسا، قوشنىلار بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش رولى ئوينايدىغان ئۆزئارا ئاخشام زىيارەتلىرىنىڭ ئازىيىشى، كىشىلەرنى تەدرىجىي ياتلاشتۇرۇشقا يارىدى. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ بۇ زىيارەت ۋاقتىنى تېلىۋىزور پروگراملىرىنى سەيرىتىش ئىگىلىدى.

يوشۇرۇن ئىشەندۈرگۈچىلەر ھەققىدە ۋىنس پاكارد «يوشۇرۇن ئىشەندۈرگۈچىلەر» ناملىق كىتابىدا شۇنداق يازىدۇ: «بۇ يوشۇرۇن ئىشەندۈرگۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى، ئىش-ھەركىتىمىزنى يۆنلەندۈرمەك ئۈچۈن كۆرسەتكەن غەيرەتلىرىنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە، ئىنسانلارنىڭ پەقەت باشقۇرۇلۇش (قامال قىلىنىش) ئۈچۈن مەۋجۇت ئىكەنلىكلىرى تونۇشىنى تىكلىمەكتە.»

كۆندۈرگۈچىلەرنىڭ نەزىرىيىچىلىرىدىن بىرى بولمىش بېرتراند راسسېل «بىلىمنىڭ جەمىيەتكە تەسىرى[2]» ناملىق ئەسىرىدە شۇنداق دەيدۇ: «پىسخولوگىيىدىكى تەرەققىياتلارنىڭ شەخسلەرنىڭ ئىدىيىسىنى تېخىمۇ بەك كونترول قىلغىلى بولۇدۇغان ئىمكانلارنى بېرىشى كۈتۈلمەكتە. مائارىپ ـ ئەركىن ئىرادىنى (ئىستەكنى) يوقۇتۇشنى نىشان قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولۇشى كېرەككى، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ، ھاياتىنىڭ قالغان قىسمىدا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۈتكىنىدىن باشقىچە ئويلانماسلىقى ۋە ھەرىكەت قىلماسلىقلىرى كېرەك.» رۇسسېل يەنە، ھۆكۈمرانلارنىڭ، بالىلارنىڭ ئەقلى ئۈستىدە «ناھايىتى كىچىك ياشتىن باشلاپلا كۈتۈلگەن خاراكتېر ۋە ئەقىدىلەرنى ئىشلەپچىقارماق ئۈستىدە» ئىشلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئۇ يەنە: «بالىلار بىر يۈرۈش ئەسكەرتىشلەرگە كۆندۈرۈلسە، بىر بۆلۈك كۈچلەرنى جىددىي ھالدا تەنقىد قىلىشى، پىسخولوگىك تەرەپتىن مۈمكىنسىز ھالغا كېلىدۇ» دېگەننى دەۋا قىلاتتى.

«ھەركىم يوقسۇللۇق ئىچىدە ئۈزۈۋاتسىمۇ، ھەممىسى بەختىيار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، چۈنكى ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارغا شۇنداق بولغانلىقىنى دائىم ئەسكەرتىپ تۇرۇدۇ.» (خىتايلار بىزنىمۇ دۇنيادا ئەڭ بەختلىك ئىكەنلىكىمىزگە ئىشەندۈرمىدىمۇ؟)

«ئاستا- ئاستا، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلار ئارىسىدىكى تۇغما پەرقلەر، بۇ ئىككى سىنىپ تامامەن پەرقلىق تۈر بولغانغا قەدەر تاللانغۇچىلار (جەۋھەر سىنىپ)  كۆپىيىشى بىلەن ئېشىپ بارىدۇ. تۆۋەن سىنىپلارنىڭ ئىسيانى خۇددى قوينىڭ قوي گۆشى يېيىشكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئىمكانى قانچىلىك ئىمكانسىز بولسا، شۇ قەدەر ئىمكانسىز بولۇدۇ.[3]»

ئىنسان بالىسىنىڭ قانداق قىلىپ بىرلىرىنىڭ ئىرادىسىگە كۆرە تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ چىقىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى نەقىللەردىن باشقا، بىز تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمىزدىمۇ، تەدرىجىي ئۆزگۈرۈپ بېرىۋاتقانلىقىمىزغا دەلىل بولۇدۇغان ئالامەتلەرنى كۆرۈپ تۇرماقتىمىز:

چىشىسىنى قىزغىنىش تۇيغۇسى پۈتكۈل جانلىقلارغا ئورتاق بىر تۇيغۇ. ھىچقانداق بىر ئەركەك، ئۆزىگە تەۋە بىر «چىشى»نى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشمايدۇ. لېكىن بۈگۈن ئىنسانلار شۇنداق شەرتلەندۈرۈلدىكى، ئاياللىرىنى كۈنلەشنى بىر خىل «مەدەنىيەتسىزلىك» دەپ بىلىدىغان، ئايالنىڭ ئەۋرەتلىرىنى يېرىم - ياتا ئېچىپ يۈرىشى بىلەن «ئورتاق ھوزۇرلىنىش»قا سۈكۈت قىلىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭغا ئاچكۆزلۈك بىلەن قارىغۇچىلارنىڭ كۆپ بولىشى ئۇنىڭدا «دېمەك، مېنىڭ ئايالىم بەك چىرايلىقكەن، شۇڭا كىشىلەر تويماي قاراۋاتىدۇ» دېگەن (كېسەل) ھىسىياتتا ئىپتىخارلىق ھىس قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلدى. قانداقسىگە بۇ قەدەرىگىچە ئىشەندۈرۈلدۇق؟ ئويلىساڭ ھەيران قالىسەن. مۇسۇلمانلارغۇ خوتۇن كۈنلىمەسلىكنى «دەيۈزلۈك» دېگەنگە ئىشىنەتتى؛ ياۋروپالىقلارمۇ ئاياللار ۋەجىدىن دۇئىللارغا چىقىپ، بىر بىرىنى ئېتىشاتتىغۇ؟ ئىختىيارسىز ھالدا شۇنىڭغا ئېسىت دەيسەنكى، «ھەي، بىچارە پۇشكىن، ھەي بىچارە لېرمونتوۋ،... خوتۇن كۈنلەپ، دۇئىلدا ئۆلگىنىڭلار ئېسىت بوپتىكەن ئەمەسمۇ؟ بۈگۈنكى ‹مەدەنىيەتلىك› جەمىيەتتە ياشىغان بولساڭلار، بارىنى تەڭ ئورتاقلىشىپ، ياش ئۆلۈپ كەتمەستىن ياشار ئىكەنسىلەر!»

يەنە شۇمۇ بار، غەرپتە بەزى ئاياللار يازنىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە «قەھرىمانلارچە» يالىڭاچ كېزىپ، كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرىدۇ. غەرپ جەمىيىتىدە (ھازىرچە غەرپ جەمىيىتىدە، بەزى «مەدەنىيلىك»لەرنى قوبۇل قىلىش خىرسىمىز ئېتىۋارغا ئېلىنىدىغان بولسا، كەلگۈسىدە پۈتۈن دۇنيادا) بۇ ئاياللارنىڭ نەقەدەر پەشكەش، ئىزانى بىلمەيدىغانلىقى ئەمەس، نەقەدەر جۈرئەتكار ئىكەنلىكى سۆز تېمىسى بولۇدۇ. «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى»[4]دىكىدەك، ھېچكىم ئوتتۇرىدىن چىقىپلا، ھەي بۇ نېمە شەرمەندىلىك! دېمەستىن، (ئۇنداق دەي دېسە مەدەنىيەتسىزكەن دېيىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن) ھەممە «مەدەنىيەتلىك» بولىۋېلىپ، ھەۋەس قىلىشىدۇ.

ئەجەبا، بىز ئارقىدا قالغانلىقىمىزدىن مۇشۇنداق تۇيۇلۇۋاتامدۇ؟ ياكى ئاۋۇلار تاپتىن چىقتىمۇ؟ ئويلاپ كۆرسەك، ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدا ساناقلىقلا موھىم پەرقلەر بار: تىل بىلەن بىللە ھىس-تۇيغۇنى تىلغا ئالىمىز؛ مادامىكى، ھىس- تۇيغۇ، نومۇس تۇيغۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمامدۇ؟ ھايۋانلار ئەۋرىتىنى يېپىشنى بىلمەيدۇ، ئەگەر يالىڭاچلىق مەدەنىيلىك ھېساپلانسا، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىكىنىڭ ئاخىرقى چېكى يالىڭاچلىقمىدۇ؟ ئۇ ھالدا، بىز تېخىچە مەدەنىيلىكتە ھايۋانلارغا يېتەلمىگەن بولامدۇق ياكى بۇنىڭ باشقىچە چۈشەندۈرۈلىشى بارمۇ؟

ئەر- ئايال باراۋەرلىكى جار سېلىنغان، مۇسۇلمانلاردا ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن تەڭ باراۋەر ئەمەسلىكىدىن شىكايەت قىلىدىغان مەدەنىيەتلىك غەرپ دۇنياسىدا ئاياللارنىڭ بەدەن گۈزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خۇددى مايمۇن ئوينۇتۇپ پۇل تاپقاندەك، يالىڭاچ بەدىنىنى نامايىش قىلىپ پۇل تاپىدۇ. بۇ ھېلىقى دەبدەبىلىك «باراۋەرلىك»كە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ؛ ئاياللارغا ھاقارەت قىلغانلىق ھېساپلانمايدۇ: ئانىلارغا، ھەدىلەرگە ھاقارەت قىلغانلىق ھېساپلانمايدۇ. ئاياللار پۇللۇق بايۋەچچىلەرنىڭ كەيپى ئۈچۈن سەھنىدە يالىڭاچلىنىدۇ، قىيا-چىيالار ئىچىدە، ھۆسنىنىڭ جەلپكارلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يانچۇقلارنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىكى پۇللارنى تارتىپ چىقىرىۋاتقان كارامىتىدىن مەست بولۇدۇ!

بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا تېكس ماررس: دۇنياۋىي سۈئىقەستلىك پىلاننىڭ بىر پارچىسى، «يېڭى دۇنيا تەرتىپى» قۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى، غەرەزلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەنەۋىي بۇزغۇنچىلىق،... دەپ قارايدۇ. يەنە غەرپ تۈزۈلمىسىدە ئائىلە بېغىنى بۇزۇش، قېرىنداشلىق بېغىنى بۇزۇش، مىللىي ھىس، دۆلەتچىلىك ئېڭىنى بۇزۇش،.... قاتارلىقلارنىڭمۇ بىر خىل سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن دۇنيانى بىر ھاكىمىيەت ئاستىغا توپلاشنى نىشان قىلغان سىرلىق تەشكىلاتلار غايىسى شەرت قىلىۋاتقان ئىشلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بىز ئۆزىمىزنىڭ ھايات ئەمەلىيىتىمىزنى كۈزىتپ، ئىستېتىك ئۆلچەملىرىمىزنىڭ كۈنسېرى بۇزۇلۇپ، شەرەپ ۋە نومۇس ھەققىدىكى باھامىزنىڭ ئالمىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئەلەم ئىچىدە كۆرىمىز: ئەللىك يىلنىڭ ئالدىدا ئەركەكلىرىمىزدە شۇنداق بىر روھ ياكى شۇنداق بىر ئەركەكلىك ئادىتى بولۇدۇغان: مەھەللىنىڭ بىرەر قىزىغا يات بىرسى پوخۇرلۇق قىلىۋاتقىنىنى كۆرسە، ئۇ قىز بىلەن ھېچ تۇققانلىق بېغى ياكى سۆيگۈ مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ ھېلىقى يات ئادەمنىڭ ھەددىنى بىلدۈرۈپ قوياتتى ۋە بۇنى بىر مىللىي شەرىپى، مەھەللىنىڭ (شەھرىنىڭ، يۇرتىنىڭ) شەرىپى ھېسابىدا قىلاتتى. بۈگۈن ھەتتا ئۆزىمىزگە باغلىنىشى زىچ بولغان بىر قىز ھەققىدىمۇ بۇنداق بىر ئەركەكچە ھەرىكەتنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. خۇددى شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمىزدە _ ھاياتىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدە ئەنە شۇنداق بىر تەتۈرلۈكنى كۆرمەكتىمىز. ئەقىل بىلەن تەكرار- تەكرار ئويلاپ كۆرەيلى، ئۇ چاغلاردا بەك قالاقلىقىمىزدىن شۇنداق بولغانمىدى؟ ياكى تەدرىجىي ئۆزگۈرۈپ بېرىۋاتامدۇق؟ بەلكىم، بەزى جەھەتلەردە ئۇ زامان بەك قالاق بولغىيدۇق، ئەمما ئىنسانىي پەزىلەتلەر نۇقتىسىدا بۈگۈنكىدىن يۈزدە- يۈز ياخشى ئىكەنلىكىمىز بىر ھەقىقەت ئەمەسمۇ؟

مىللىي ئەخلاقىمىزغا دىنىي پىرىنسىپلار تەرىپىدىن سىڭدۈرۈلگەن بايلارنىڭ يوقسۇللارغا يار- يۆلەك بولىشى جەھەتتىمۇ بىز ئەمدى ئېسىلزادىلىك بىلەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈيدىغان شەرمەندىلەرگە ئايلاندۇق. گەرچە بىز ئەڭ بىچارە بىر خەلق بولساقمۇ، مىليونلارچە ئىنسانىمىز يوقسۇللۇق پەنجىسىدە ئىڭراۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارغا يىللىق خىراجەت بولۇدۇغان ئىقتىسادنى بىر قېتىملىق مەنمەنلىك ئۈچۈن سورىۋېتىمىزكى، ئاشۇ يوقسۇل ۋەتەندىشىمىزغا، قوشنىمىزغا، يۇرتدىشىمىزغا بەرگىمىز كەلمەيدۇ. رىستورانلاردىكى ھەشەمەتلەر، ئىسراپخورلۇقلار بۈگۈن بىزنىڭ بايۋەچچىلىكىمىزنى كۆرسۈتۈدىغان «گۈزەل» نەرسىگە ئايلاندى. بۇندىن ئەللىك يىل ئەمەس، يىگىرمە يىل ئالدىدىمۇ بۇ بىر خىل «ئىسراپچىلىق» بولۇپ، «ئىسراپ ھارام» دېگەن دىنىي پىرىنسىپقا كۆرە يىركىنىشلىك ئىش ئىدى.

خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، تېخى يېقىندىلا (مەن خىزمەتتىكى زامانلاردا) »مىللەتلەر ئىتتىپاقى نەمۇنىچىسى« دېگەن ئاتاقنى بېرىپ، مۇكاپاتلايدىغانغا ئادەم تاپالماي، بىرەر كىچىك مەنەسپتىكىگە ياكى پارتىيە- ئىتتىپاق ئەزاسى بولۇپ قالغان بىرىگە تېڭىلاتتى. بىرمۇنچە مۇكاپات بويۇملىرى بېرىلىدىغان تۇرسىمۇ نېمىشكە كىشىلەر »مىللەتلەر ئىتتىپاقى نەمۇنىچىسى« دېگەن ئاتاقنى ئېلىشتىن، سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىشتىن قاچاتتى؟ چۈنكى بۇ ئېنىق »مۇناپىقلىق شاھادەتنامىسى« ئىدى. بۇنىڭ تېگىدە ياتقان شەرمەندە ئاتاقتىن قېچىۋاتاتتى. لېكىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە زور كۆپچۈلۈك بۇ ئاتاقنى تالىشىدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى.

بۇ ئاشكارە بىلىنىپ تۇرۇدۇغان ئاتاققا كۆندۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، »ئەمگەك نەمۇنىچىسى«، »بەشتە ياخشى پالان« دېگەندەكلەرگە كۆندۈرۈلدۇق. ئەسلىدە بۇ ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان »مۇددىئاغا ئۇيغۇن شەرتلەندۈرۈش، شەكىللەندۈرۈش« پروگراممىسىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ئىدى، خالاس!

ھەر كىم گۈزەللىك ئۆلچەملىرىمىزدە تەدرىجىي بولۇۋاتقان ئۆزگۈرۈشلەرگە ئۆز تۇرمۇشىدىن سانسىز مىساللارنى تاپالايدۇ. قۇلاقنى پاڭ قىلىدىغان ناخشىلارنى مىسالغا ئالساقمۇ، بۇ قەدەر شاۋقۇن- سۈرەننىڭ مېڭىنى چارچىتىدىغان يېقىمسىز نەرسە سانالماي، بىر خىل سەنئەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمۇ، ئۆلچەملىرىمىزدە تەدرىجىي يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بىر سەمەرىسىدۇر.

يېقىندا مەن تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا بىر ئاجايىپ مىسال بىلەن بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ ماقالەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان نۇقتىئىينەزەرنىڭ ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈلىشىدە ئالتۇندەكلا بىر مىسال بولغاچقا بۇ يەردە ئەينەن يازىمەن:

ئېيىق »ئۇسۇل ئويناش«قا قانداق كۆندۈرۈلۈدۇ؟ ئېيىق ئاستى تەرىپىدىن قىزىتىلغان تۆمۈر تاختا ئۈستىگە چىقىرىلىدۇ. توختىماي داپ چېلىنىدۇ. پۇتى كۆيگەن ئېيىق گاھ بۇ پۇتىنى گاھ ئۇ پۇتىنى كۆتۈرۈپ، قىزىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توختىماي »پەي-پەيلەيدۇ«. بۇ ھەركەت ئىنسانلار تەرىپىدىن »ئۇسۇل ئويناش« دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ خىل كۆندۈرۈش ئېيىقنىڭ جېنىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىلىدۇ. كېيىن نورمال يەردىمۇ داپ ئاۋازى ئاڭلىنىشى ھامانلا ئېيىقنىڭ شەرتلەندۈرۈلگەن نېرۋىلىرىدا خۇددى پۇتى كۆيۈۋاتقاندەك تۇيغۇ قايتىلىنىپ، گاھ ئۇ پۇتىنى، گاھ بۇ پۇتىنى يەردىن ئۈزۈپ، پەي-پەيلەشكە باشلايدۇ. مانا بۇ داپ ئاۋازىغا باغلانغان شەرتلەندۈرۈش بولۇپ، داپ ئاۋازى ئاڭلانغان ھامان ئېيىق پۇتى كۆيمەيدىغان يەردە بولۇشىغا قارىماي، پەي-پەيلەۋېرىدۇ.

ئىككىنچى مىسال. چېكەتكە ئەينەك قۇتىغا سولۇنۇپ، ئۈستىگىمۇ بىر پارچە ئەينەك يېپىپ قويۇلسا، چېكەتكە ئەينەكنى ئوچۇقچۇلۇق دەپ ئويلاپ، چىقىپ كېتىش ئۈچۈن سەكرەشكە باشلايدۇ. بىر، ئىككى،... مىڭ، ئىككى مىڭ،... ئونمىڭ،... قېتىم سەكرەشتىن كېيىن چېكەتكە چارىسىزلىككە ئۆگۈنۈدۇ. ئاندىن قاچىنىڭ ئۈستىدىن ئەينەك پارچىسىنى ئېلىۋەتسىمۇ چېكەتكە ئاشۇ ئۆگۈتۈلگەن چارىسىزلىك ئېڭى بىلەن، قايتا سەكرەپ بېقىشنى ئويلىماي، قاچىنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋېرىدۇ. بۇنىسى ئۆگۈتۈلگەن\شەرتلەندۈرۈلگەن چارىسىزلىك دېيىلىدۇ.

ئۈچىنچى مىسال. پىل بالىسى دەرەخكە باغلىنىدۇ. كۈنلىرى ئەنە شۇ باغلاقتا كېچىدۇ. يىللار ئۆتۈدۇ، يوغۇنايدۇ. نەچچە توننا كېلىدىغان يوغان پىلغا ئايلىنىدۇ. ئەسلىدە ئۇ دەرەخنى قومۇرىۋېتەلەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئاشۇ ئۆگۈتۈلگەن چارىسىزلىك تۈپەيلى، دەرەخ تۈۋىدە يۇۋاشلىق بىلەن تۇرۇۋېرىدىغان بولۇدۇ.

بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى ئەنە شۇنداق شەرتلەندۈرۈلمەكتىكى، خىتاي يوق جايلاردىمۇ، خىتاينىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئۇزاق ئەللەردە تۇرۇپمۇ خىتايدىن قورقۇش پىسخىكىسى مانا شۇ شەرتلەندۈرمىنىڭ نەتىجىسىدۇر. چۈنكى بىزگىمۇ دايىم ئالدىمىزدا بىر زىيان تارتقان ئۈلگە كۆرسۈتۈلۈدۇ؛ كەچمىشىمىزدىكى زىيان تارتقان كەچمىشىمىز مېڭىمىزگە قۇيۇلۇدۇ. خىتاي يوق سورۇن بولغاندىكىن، ھەممىمىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن، دېگەن ھىسىياتتا قىلىنغان گەپ سۆزلىرىمىزدىنمۇ چاتاق چىققان كەچمىشلىرىمىز بىزگە ھەر ئۈچىمىزدىن بىرىمىز جاسۇس ئىكەنلىكىنى يادلىتىدۇ. مانا شۇنداق قىلىپ، خىتاي يوق بولسىمۇ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ساقچىلىق قىلىپ، خىتايغا ئاۋارىچىلىق كەلتۈرمەيدىغانغا كۆنۈكۈپ كېتىمىز.

يوقارقى مىسال ۋە ئىزاھلار ئارقىلىق دېمەكچى بولغىنىمىز شۇكى، ئىنساننىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتكىلى بولۇدۇ! بۇنى بىز سىياسىي غايىمىزگە تەدبىق قىلغىنىمىزدا شۇنداق دىيەلەيمىزكى، بۈگۈنكى مىللىي ساپامىز، مىللىي ئاجىزلىقلىرىمىز، خاراكتېرىمىزدىكى بارلىق پاسسىپ ئامىللارنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولۇدۇ!



        [1] Texe Marrs: “Dark Majesty"

        [2] of Science on Society  The Impact

          [3]Texe Marrs: “DarkMajesty”

        [4] دانىيە بالىلار يازغۇچىسى ئاندېرسوننىڭ مەشھۇر ھىكايىسى، — ئا.


ئەزالارنىڭ باھاسى
Your Name / Email Address

ئاخىرقى يېڭىلىنىشى ( 201016سائەت05/16/10ماي )