|
ئاۋۋال زېھنى ئوتكۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن غۇلام ئوسمان ئاكا، ئىزچىمەن، يارقىن، تۇران، يارقىن، تارىم يولۋىسى، ئازدلىق قاتارلىق قەدىردان كىشىلىرىمىزگە ئىھتىرام، تەشەككۇر بىلدۇرىمەن(سەخىپە چەكىلىمىلىكى تۇپەيلى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بولالمىدىم). ئۇيغۇر ئەقىلدارلار قۇشۇنى قۇرۇش، د ئۇ ق نى سىستىمىلىق، ئىلمىي تەنقىد قىلىش، دەۋانىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ھازىرلىنىش قاتارلىق ئېسىل پىكىرلەرگە تامامەن قوشۇلىمەن. مەن توۋەندىكى بىر قانچە نۇقتا بىلەن قېرىنداشلىرمنىڭ مۇھاكىمىسىگە ياندىشىمەن(توچكىلىق نۇقتىلار ئاۋۋال قويۇلۇپ كېيىن تەھلىلگە ئوتۇلىدۇ): 1. ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ئۇيغۇرنىڭ روھىنى قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشى. د ئۇ ق نىڭ قىلىۋاتقىنى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۇچۇن قىلىدىغان 10 چوڭ ئىشنىڭ ئاران بىر قىسمى(يەنى دەۋانى خەلقارا سەھنىگە ئەلىپ چىقىش). مۇشۇ بسقۇچتا توختاپ قالغان ئۇيغۇر دەۋاسى ئىككىنچى باسقۇچا كىرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۇچۇن قىلىدىغان يەنە بىر موھىم ئىش ئۇيغۇر روھىنى قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشى پىلانى ۋۇجۇدقا كېلىشى كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ دولىتى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرنىڭ مۇستەملىكدىن ئېغىر زەھەرلەنگەن روھي دۇنياسى ئاۋۋال قۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ 20،30 يلى ۋاقىتمۇ ئازلىق قىلىدىغان قۇرلۇش. ئەمما بىز ھازىر ھېچبولمىغاندا بۇنىڭ لايىھىسىنى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە ئوتئۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. بۇ نۇقتىدا باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىشنى ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايمەن. 2. ئەقىل ۋە ئىنقىلاپ. داۋاغا ئەقىل يېتىشمەي قالدى. ئەخمەتجان قاسىم، مەمتىمىن بۇغرا، سابىت داموللا، ئەيسا ئەپەندى، ئەركىن ئاپلتېكىن ۋە ئەمدىكى لىدىرىمىز رابىيە خانىم ئوخشىمىغان نۇقتىدىن سادىر قىلغان ئەجەللىك خاتالىقلار ئىنقىلاپنىڭ بۇنۇڭغىچە سىتىخىيىلىك بىر يوسۇندا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاجىز كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بىزنىڭ بۇ لىزىدىمىز جىق بەدەل تولىدى، ھۆرمىتىمىز چەكىسىز. ئەمما داھىمىزنىڭ ۋە ئەترپىدىكىلەرنىڭ ئەقلى كۇچى ئاجىز كەلدى. بۇ ئەقىل بىلەن ئىنقىلاپنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن بۇ ھەقتە داۋاملىق مۇكامىمەمنى كوپچىلىككە سۇنىمەن. بۇ ھەقتە بىر نەرسە كورۇشكە ئالدىرىغان قەرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېنگلىزچىدىن پايدىلىنالىسا ھېربېرت ماكۇسە(1903-1969) نىڭ "ئىدراك ۋە ئىنقىلاپ"(Reason and Revolution" دېگەن كىتاپنى كورۇپ چىقىشىنى تەكلىپ بەرىمەن. 3. داھىنى تەربىيلەش ۋە ئۇنىڭ ئوبرازىنى لايىھيىلەش قۇرۇلۇشى قېرىنداشلار، ياخشى بىر داھىنى بىزغە خەق بەرميدۇ. بىز ئوز نوۋتىتىدە ئۇنىڭ ئوبرازىنى لايھىلەش ۋە تەربىيىلىنىشىغە سەستىمىلىق ياردەم قىلىشىمىز لازىم. غەرپتە مەخسۇس "پرەسىدەنكي" دەپ بىر ئىلىم بار. ئۇيغۇر ئەقىلدارلى بۇنى كۇنتەرتپىكە ئەكىلىشى لازىم. بۇ ھەقتە قىزىققۇچىلارغا مىچائەل نەلسون نىڭ " پرەزىدەنتلىق ۋە سىياسىي سىستەما" دەغەن ئەسىرىنى (تھە پرەسىدەنكي ئاند تھە پولىتىكال سيستەم) تەۋەسىيە قىلىمەن. مەسىلەن، رابىيە خانىمنى ئالساق، ئۇ ئۇيغۇرچە ھەسسىياتلىق سوزلەيدۇ. ئەمما نۇتۇقىدا ئاز بولمىغان يەتەرسىزلىك بار. بىرىنچى، بىر جۇملىنى بەك ئۇزۇندا قىلىدۇ، قۇيرۇقىنى ئۇزمەيدۇ. بۇ تەرجىمانغىمۇ، ئاڭلىچۇچىڭ چۇشىنىشىغىمۇ توسالغۇ بولىدۇ. ئىككىكنى، ئوبرازى يەقىملىق بولسىمۇ بەدەن تىلىدا يەڭگىللىك، تەنتەكلىك ئەغىر. ئۇچىنچى، نۇتۇقنىڭ تورى يوق، مۇھىم گەپلەر بىلەن پاخال گەپلەر ئارىلاشتۇرۇۋەتىلىدۇ. بۇ ئىشىنى تەتقىئات دەرىجىسىغە كوتۇرۇپ ئۇنىڭ ئوبرازىنى لايەللەش، تەربىيىلىنىشغە ياردەم قىشىنى ئوز زىممىمىزغە ئەلىشىمىز كەرەك. توتىكنھى، ستراتەگىيىدىكى خامىلىق: بابۇر مەخسۇت ۋەقەسى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كەيىن نۇتۇق زالىغا بىر جاسوس بەرەگەن تاختا رەسىمنى ئەلىپ كىرپ خىتايىنىڭ قىلتىقىغا چۇشۇش ۋە بۇ قەتىمقى كاپبودجا ۋەقەسى قاتارلىقلار بۇ ئىشقا جىئىدي قارىشىمىز لازىملىقىنى چۇشەندۇرىدۇ 4. بۇ نوۋۋتلىك دۇق غا 2012 يىلغىچە ۋاقىت ۋە پۇرسەت بەرىش. بەربىر بۇ قەتقمقى سايلام بولۇپ بولدى، ئەمدى 2010 -يىلكغىچا قاراش كەرەك. يەنە دۇق دىكىلەرنىڭ ئىپادىسى، سەۋىيىسى، نەتىجىسى ھازىرقىدىن پەرقلەنمىسا رابىيا خانىمنى سىمۋول ئورنىدا ھۇرمەتەلپ تۇرۇپ كونكرىت ئىش قىلىدىغان رەئىسكە باشقا ئادەمنى قويۇش كەرەك. مەن 2012-يىلىدىكى سايلامدا ئەركىن سىدىق ئاكىننى باش رەئىسلىككە كورسىتىمەن. ئۇ ئاكىمىزنىڭ مەسىلىنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى(ئىنقىلاپتا بۇ بەك مۇھىم)، ئابرويى، ئىجتىمائىي، تەبىي پەندە تەڭ ياخشى بولۇشى، ئەنغلىز، ياپون، خىتاي، تۇرك تىللىرىدا ياخشى بولۇشى، پەزىلىتى بۇڭدىن كەيىن بۇ ئاكىمىزنى(ئوزى ئۇنىمىغناغا قارىماي) بۇ ئورۇنغا تەۋسىيە قلىشىمىزنىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكنى دەلىلەپ بەرىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا غۇلام ئوئامان ئاكا، نەبىجان تۇرسۇن، ئىزچىمەن،دولقۇن ئەيسا، ئەسقەرجان، ئالىم سيەتوف قاتارلىقلار باشقا ئوتكۇر كىشىلەر بىلەن ئەقىلدارلار ئومىكى بولۇپ تۇرۇپ بەرسە دەغەن تەكلىپنى بەرىمەن. رابىيە خانىئىم بىر دەۋر ياراتتى ، توھپىسى ئۇنتۇلمايدۇ، ئەمما ياشىنىپ قالدى. داخى سىمۋول سۇپىتىدە تونۇپ باشقا ئىشنىنا باشقىلار قىلىشى لازىم. 5. نۇتۇق بانكىسى ۋە ئىنقىلاپ سوئال ئامبىرى قۇرۇش قۇرۇلۇشى، پاكىت قويۇش ئۇسۇلىنى ئوزگەرتىش. ئەقلىمىز بىلەن قاراپ باقىدىغان بولساق رابىيە خبىمغا ئوخشىمىغان سوتۇندا چۇشىدىگغان سوئاللار كوپ بولسىمى مۇئەييەن قەلىپتىن ۋە چەكىلىك ساندىن ئەشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ناھايىتى كۇچلۇك نۇقتىنەزەرلەر ئامبىرى قۇرۇپ كەلگۇسىدىكى دەۋا پائالىيەتلىرىغە ئالدىن تەييارلىق قىلسىھ لازىم. مەسىلەن، سىلەر مۇستەقىل بولغندىن كەيىن قانداق تۇزۇمدىكى دولەت قۇرىسىلەر دەپ بىرسى سوراپ كالغان بولسا، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى نۇتۇق بانكىسىدا ئاللىبۇرۇن بولۇشى لازىم. بىر سوئالغا 10 جۇملە ئەتراپىدا ئەڭ كۇچلۇك، ئەڭ قايىل قىلارللىق جاۋاپ ئالىن بولغان بولۇشى لازىم. سىدىق ھاجى ئاكا ھازىركغىچە جىق كۇچىدى، لەكىن كوپنىڭ ئەقلى كوپ. دەۋادا مۇقىم سورىلىش ئەھتىمالى بار 100 سوئال تەييارلاپ ۋەتنىمىم تورىدا كەڭ كولەملىك پىكىر ئەلىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ جايىدا چۇخكەن جاۋابىنى نۇتۇق بانكىسىغا كىرگۇزۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك تىللارغا ئالدىن جاۋاپ بەرىش لازىم. بەزى تور بەتلىرىدە(ئەنغلىزچە، خەنزۇچە) رابىيە خانىمننىڭ نۇقتىنەزەرلىرىنى ئاجىز، تاققا-تۇققا زاڭلىق قىلغان ئىشلارنى ئۇچرىتىپ بەك غەزىپىم كەلدى. رابىيا خانىمنىڭ بەرغەن جاۋابلىرىدا ئوخشىمىغان دائىردە مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئۇندىن باشقا پاكىت ئامبىرى قۇرۇش. مەسلىئەن، بىر يەردا خىتاي بىزنى بەسىۋالدى دەسەك، خەك شۇنداقمۇ دەپ ئاڭلاپلا قويىدۇ. غەرپتە پاكىتقا بەك ئەھمىيەت بەرىدۇ، مۇستەملىكىنىڭ ئىسپاتىنى غەرپنىڭ تارىخچى، ئالىملىرىنىڭ كىتاپلىرىدىكى دەل جۇملىلەرنى پوۋەر پوئىنتتا كورسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پاكىت قويۇش ئۇسۇلىمىزنى ئوزغەرتىشىمىز كەرەك. غەرپ ئالىملىرىنىڭ كىتاپىدا يۇرتىمىزنىڭ مۇستەمىلكە ئىكەنلىكى ھەككىدا ئەنىق پاكىتلار بار.شۇ جۇملىلەرنى تەپىپ، سايىلەپ، بەتى، نەشىر ئۇچۇرى بىلەن پوۋەر پوئىنتتا قويۇش لازىم. چەت ئەللىكلەر بىزنىڭ گەپىزدىن ئوزىنىڭ ئالىملىرىنىڭكىغە بەك ئىشىنىدۇ. رابىيە خانىم نۇتۇقتا پوۋەر پوئىنت ئىشلىتەمدۇ يوق ، بىلمىدىم، ئەغەر تەخىچە قىلمىغان بولسا بۇنڭدىن كەيىن قىلىش كەرەك. 6. رادىكال گۇرۇھنى دۇق دىن ئايرىم تۇتۇش مەسىلىسى. دىئالوگلىشىش، دەرت ئوقۇش پەقەت بىرلا ئۇسۇل، دۇق ھازىر مۇشۇنى قىلىۋاتىدۇ. ئىزكىمەننىڭ پىكرىدىكى ئەنزىزىلەر بويىچە يەنە بىر غۇرۇھ قۇرۇلۇپ كونكىرىت ئىشلارگا، سىنىپ كىرىشكە كۇچىسى لازىم. لەكىن ئىزچىمەننىڭ دەۋاتاقانلىرى توغرا بولسىمۇ قىلىشاقا تەغشلىم10 نەچچە ئىشنىڭ ئاران بىرى. 7. ئىقتىساسلىئىقلار ئامبىرى قۇرۇش قۇرۇلۇشى. بۇنىڭدىن كەيىن تەخىمى جىددي مەسىللەرغە دۇچ كەلىمىز. تىل، كوپميۇتەر، سىياسىي ئىلىم، سوتسولوگىيا، مائارىپ، جاسوسلۇق قاتارلىق ئايرىم تۇرلەر بويىچە چەت ئەلدىكى ئىمكانىيەتلەرنى ۋە ئىختىساس ئىغىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى قۇرۇپ جىددي ئەھۋالغا ئالدىن تەييەئارلىسىنىش لازىم. بۇلار ئىنقىلاپقا بىۋاستە قاتناشمىسىمى مەيى، ئەمما ھالقىلىق پەيتتە ئالدىرىئاپ قالماسىلىق ئۇچۇن بۇ ئىشنى قىلىشىمىز كەرەك. بىر يىل بۇرۇن دۇق تەييارلىغان بىر ئەنكغلىزچە دوكلاتنى كورۇپ نومۇس قىلىپ كەتتىم، خاتالىق بەك جىق. تۇنۇگۇن قارىسام دۇق تور بەتىنىڭ خەنزۇچە ۋە گىرمانچە بەتى ئىشلەنمەپتۇ. بۇ بىزنىڭ ئىختىساسلىقللارغا نەقەدەر مۇختاج ئىكەنلىكىمىز نى دەلىللەيدۇ. 8. جاسوسلۇققا، خائىنلىققا ۋە سۇيقەستكە تاقابىل تۇرۇش قۇرۇلۇشى. بىز كەسكىن بىر كۇرەسكە دۇچ كەلدۇق. ئۇ بولسىمى ئارىمىزدىكى خائىنلارنى قانداق بايقاش. بۇ ئەمەلىيەتتا تەس ئىشمۇ ئەمەس. ئۇيغۇرنىنى قەلبى بىلەن ھەس قىلالايدىغان پىشقان بىر پىشولوگ بولسا بىر ئادەمىنىڭ بەدەن تەئىلى، كوزىدىكى نۇر، سوزى، ئۇششاق ھەرىكىتى، ۋە ئەمەلىيەتتىكى ئىئاپدىسىغا قراپ خەلى بىر نەرسىنى بىلەلەيدۇ. خائىنلىققا قارشى كۇرەشنى ئايرىم بىر قۇرۇلۇش سۇپىتىدە تۇتۇش كەرەك. ئاندىن خىتاينىڭ 36 ھىلىسىنى قايىتىدىن تەتقىق قىلىپ چىكىشىمزمۇ زورۇر. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي خازىرغىچە دىلبەر سامساقوۋ، ھاشىر ۋاھىدى، سابىت ئۇيغۇرى قاتارلىق ئىنقىلاپچىلىرىمىزغا سۇيقەست قىلدى. دائىملىق سۇيقەست ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ ئاممىغا ئاشكارىلاش لازىم. بۇ ئىش ھازىركگىچە ئىشلەنمدى. ئەمدى قىلىش كىرەك. 9. زورۇر ئىلىملەرنى ئۇگىنىش قۇرۇلۇشى. دۇق ھازىر مۇنۇ ئىلىملەردە نول: ئورگانىزاتىئونال بەھاۋىئور(ھەرىكەت تەشكىلەش)، سوكىئال نەتۋورك(ئىجتىماي تور)، ئىنتەللىگەنكە تەچنولوگي( ئاخبارات -ئۇكغۇر تەخنىكىسى)، ئىنتەرناتىنال رەلاتىئونس(خەلقارا مۇناسىۋەت)، سوكىئال موۋەمەنت ستراتەگي( ئاممىۋى ھەرىكەت ستراتەگىيىسى ئىلمى)....ۋاھاكزا. كەيىنكى قۇرۇلتايغىچە بۇ ئىلىملەردە بىر-تۇركۇم ئادەملەر ئوزىنى ئىسپاتلىشى كەرەك. بۇ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىنقلابىمىزنىڭ ئاساسى. 10. سەجىل تەنقىد ۋە پىكىر ئالمشتۇرۇش. دۇق ئوزىغە مەست بولۇپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن بۇ ئىشلار چىقىۋاتىدۇ. رابىيە خانىمنى مەن ھەر قانچە بولسا ئوقرۇنلۇق تەكىلىپ بولسا ئاڭلار دەرمەن. ئەمما، غۇلام ئەپدەندى بىلەن سىدىق ھاجى ئاكىنىڭ قلىشقان سەستىشلىرى بەكمۇ قاملاشماپتۇ. تەنقىد بۇنداق بولماسلىقى كەرەك. مەن ئاۋۋال غۇنانى ئۇستاز سىدىق ھاجىدا قويىمەن. ئوزى ۋەتەندە بىر تەنقىچى ئىدى، ئۇ يەردىكى ئادەم سەسىق تەنقىد ئۇسۇلىنى غەربكە سورەپ كىرمەسلىكى كەرەكتى. بىز تەنقىدنى قاتمۇ-قات دەلىل ئىسپات بىلەن، پاكىز يۇرىكىمىز بىلەن قائىلايلى، شۇندقا قىلساق قارشى تەرەپكە تەسىر قىلىدۇ. مەن غۇلام ئەپەندى، سىدىق ھاجى ئەپەدنى، مەمتىمىن ھەزرەت قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ۋەتەندىكى تەنقىد ئۇسۇلۇئىنى، بۇ يەرغە سورەپ كىرمەسلىكىنى، ئىلمىي تەنىد ئەلىپ بەرىشىنى، بىزنى ئۇمىدسىزلەدنۇرمەسلىكىنى ئۇمىد قىلىمەن. ئارىدىئا غۇلام ئاكىنىڭ تەنقىدكە تۇتكان پوزىتىسيىسى خەلى بولىدىكەن، ئەمما ئوزىنىڭ ئۇسۇلىدا مەسىلە بار. دەمەكچى، ئىنقىلاپقا تەنقىد كەرەك. ئەيىنى ۋاقىتتا لەنىن بىلەن تروتىسكى، مارخ بىلەن باكۇنىن، ماۋ بىلەن زھاڭ گۇتاۋ لار ئوتتۇرسىدا تەنقىدلەر بولغان. بىر ئىنقىلاپتا تەنقىد چوقۇم بولۇش كەرەك. ئەمما بىز ماۋ دەغەن چۇپرەدنىڭ ئۇسۇلنى قوللىنىپ تەنقىدچىنى سەستىشقا، ئۇجۇقتۇرۇشقا ئاران تۇرساق بولمايدۇ. دۇق تور بەتىدە "تەنقىدي پىكىرلەر " دەپ بىر بەت ئەچىشى كەرەك. بۇنى ئوئايلاشقندا سەمىمىي تەنقىدچى بىلەن خائىننى، شوھەرەت تامسائىدا يۇرغەنلەرنىڭكى بىلەن چىن يۇرەكتىن چىققان تەنقىدنى پەرقلەنۇرۇش لازىم. بۇ تەتقىقات كۇتىدۇ.ئەمما ئۇيگۇر ئىنقىلابى تەنقىدكە مۇھتاج. يارقىن ، تۇران قاتارلىق قەرىنداشلىرىمىنىڭ پىكرىغا يانداشقان ھالدا بەزى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدۇم. ئۇيغۇر ئىنقىلابىنىڭ مەنىۋىيەت، ئەقىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىككىنكى باسقۇچلۇق ئىنقىلابىڭ ئاساسى سۇپىتىدە ئىشلەشكە تەگىشلىك نۇقتىلاردىن ئويلىغانلىرىمنى مۇشۇنچىلىك سۇنۇپ تۇراي. قىلىدھگان ئىشلار بۇلا ئەمەس. كەيىنكى باسقۇچتا يۇقىرىقى نۇقتىلارنى يەشىپ چۇخەندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، "ئۇمىد ئاگاھى: تەتقىئات مەركىزى نىمەنى تەتقىق قلىۋاتىدۇ؟"، "قەيسەر: قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ ئىسلىرىدىن بىر دوكلات ڭلىساق"، "ئىنقىلاپ ۋە ئاڭنى بىرلىكە كەلتۇرۇش"....قاترلىق تەمىلاردا داۋاملىق پىكىر قىلىمىز. ئۇيغۇر ئىنقىلاپچىلىر ئوقۇشقا تەغىشلىك كىتابلار: 1.لەنىن: ۋھات ئىس تو بە دونە؟ (لەنىن: نىمە قىلىش كىرەك؟) 2. گەئورگ لۇكاس: ھىستوري ئ (تارىھ ۋە سىنىپىي ئاڭ)، ئىنقىلاپتا ئاڭنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ھەققىدىكى مەشۇر كىتاپ. 3. گەئورگە فرىئەدمان: تھە نەخت 100 يەئارس (كەيىنكى يۇز يىل) 4. تھەئودا سكوكپول: ستاتەس ئاند سوكىئال رەۋولۇتىئون( دولەت ۋە ئىنقىلاپ) 5. گوردون ئالپورت: تھە پسيچولوگي ئوف رۇموئۇر( غەيۋەت-خىكايەت پىسخولوگىيىسى) 6. پولىتىكس(سىياسىي ئىلىم،بۇ تەمىدا بەج جىك كىتاپ بولغنى ئۇچۇن تىزمىدىم)
ئىنقىلاپنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا يۇرۇش
تايماسئەرك
مېنى تۇران، يارقىن، ئازادلىق قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېسىل يازمىلىرى ئاخىرى بۇ تېمىدا ۋە بۇندىن كېيىن پىكىرلىرىمنى بۇ يەردا ئورتاقلاشسام بولغۇدەك دېگەن ئويغا كەلتۇردى. مەن بىر ئەقىلنىڭ نۇرىنى، پىكىر قىلىۋاتقان بىر پاكىز يۇرەكنىڭ ئەكسىنى كورگەندەك بولدۇم. مەن »تايماسئەرك« دېگەن ئىسىم بىلەن كىرىمەن.
ئاۋۋال زېھنى ئوتكۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن غۇلام ئوسمان ئاكا، ئىزچىمەن، يارقىن، تۇران، تارىم يولۋىسى، ئازادلىق قاتارلىق قەدىردان كىشىلىرىمىزگە ئىھتىرام، تەشەككۇر بىلدۇرىمەن(سەھىپە چەكىلىمىلىكى تۇپەيلى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بولالمىدىم).
ئۇيغۇر ئەقىلدارلار قۇشۇنى قۇرۇش، د ۇ ق نى سىستىمىلىق، ئىلمىي تەنقىد قىلىش، دەۋانىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ھازىرلىنىش قاتارلىق ئېسىل پىكىرلەرگە تامامەن قوشۇلۇمەن. مەن توۋەندىكى بىر قانچە نۇقتا بىلەن قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇھاكىمىسىگە ياندىشىمەن (توچكىلىق نۇقتىلار ئاۋۋال قويۇلۇپ كېيىن تەھلىلغە ئوتۇلىدۇ):
1.ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ئۇيغۇرنىڭ روھىنى قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشى.
د ۇ ق نىڭ قىلىۋاتقىنى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۇچۇن قىلىدىغان 10 چوڭ ئىشنىڭ ئاران بىر قىسمى(يەنى دەۋانى خەلقارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىش). مۇشۇ باسقۇچتا توختاپ قالغان ئۇيغۇر دەۋاسى ئىككىنچى باسقۇچقا كىرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۇچۇن قىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىش ئۇيغۇر روھىنى قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشى پىلانى ۋۇجۇدقا كېلىشى كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ دولىتى بارلىققا كېلىشىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرنىڭ مۇستەملىكىدىن ئېغىر زەھەرلەنگەن روھىي دۇنياسى ئاۋۋال قۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ 20،30 يىل ۋاقىتمۇ ئازلىق قىلىدىغان قۇرۇلۇش. ئەمما بىز ھازىر ھېچبولمىغاندا بۇنىڭ لايىھىسىنى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە ئوتۇئۇرىغا قويۇشۇمىز كېرەك. بۇ نۇقتىدا باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىشنى ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايمەن.
2 . ئەقىل ۋە ئىنقىلاپ.
داۋاغا ئەقىل يېتىشمەي قالدى. ئەخمەتجان قاسىم، مەمتىمىن بۇغرا، سابىت داموللا، ئەيسا ئەپەندى، ئەركىن ئاپلتېكىن ۋە ئەمدىكى لىدىرىمىز رابىيە خانىم ئوخشىمىغان نۇقتىدىن سادىر قىلغان ئەجەللىك خاتالىقلار ئىنقىلاپنىڭ بۇگۇنگىچە ئىسىتىخىيىلىك بىر يوسۇندا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاجىز كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بىزنىڭ بۇ لىدېرىمىز جىق بەدەل تۆلىدى، ھۆرمىتىمىز چەكىسىز. ئەمما داھىمىزنىڭ ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئەقلىي كۇچى ئاجىز كەلدى. بۇ ئەقىل بىلەن ئىنقىلاپنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن بۇ ھەقتە داۋامىلىق مۇھاكىمەمنى كۆپچۈلۈككە سۇنۇمەن. بۇ ھەقتە بىر نەرسە كۆرۇشكە ئالدىرىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېنگلىزچىدىن پايدىلىنالىسا ھېربېرت ماكيۇس (1903-1969) نىڭ »ئىدراك ۋە ئىنقىلاپ«(Reason and Revolution) دېگەن كىتابىنى كۆرۇپ چىقىشىنى تەكلىپ قىلىمەن.
3. داھىنى تەربىيلەش ۋە ئۇنىڭ ئوبرازىنى لايىھىلەش قۇرۇلۇشى
قېرىنداشلار، ياخشى بىر داھىنى بىزگە خەق بەرميدۇ. بىز ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ ئوبرازىنى لايىھىلەش ۋە تەربىيىلىنىشىگە سىستېمىلىق ياردەم قىلىشىمىز لازىم. غەرپتە مەخسۇس Presidency » « دەپ بىر ئىلىم بار. ئۇيغۇر ئەقىلدارلىرى بۇنى كۈنتەرتپىكە ئەكىلىشى لازىم. بۇ ھەقتە قىزىققۇچىلارغا مايكىل نېلسوننىڭ »پرېزىدېنتلىق ۋە سىياسىي سىستېما« دېگەن ئەسىرىنى (The Presidency and The Political System) تەۋەسىيە قىلىمەن. مەسىلەن، رابىيە خانىمنى ئالساق، ئۇ ئۇيغۇرچە ھىسسىياتلىق سۆزلەيدۇ. ئەمما نۇتقىدا ئاز بولمىغان يېتەرسىزلىك بار. بىرىنچى، بىر جۈملىنى بەك ئۇزۇندا قىلىدۇ، قۇيرۇقىنى ئۈزمەيدۇ. بۇ تەرجىمانغىمۇ، ئاڭلىغۇچىنىڭ چۇشىنىشىگىمۇ توسالغۇ بولۇدۇ. ئىككىكنى، ئوبرازى يېقىملىق بولسىمۇ بەدەن تىلىدا يەڭگىللىك، تەنتەكلىك ئېغىر. ئۇچىنچى، نۇتۇقنىڭ تورى يوق، مۇھىم گەپلەر بىلەن پاخال گەپلەر ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىدۇ. بۇ ئىشىنى تەتقىقات دەرىجىسىگە كۆتۇرۇپ ئۇنىڭ ئوبرازىنى لايىھىلەش، تەربىيىلىنىشگە ياردەم قىلىشىنى ئۆز زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. تۆرتىنچى، ئىستراتېگىيىدىكى خاملىق: بابۇر مەخسۇت ۋەقەسى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن نۇتۇق زالىغا بىر جاسوس بەرگەن تاختا رەسىمنى ئېلىپ كىرپ خىتايىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈش ۋە بۇ قېتىمقى كامبودژا ۋەقەسى قاتارلىقلار بۇ ئىشقا جىددىي قارىشىمىز لازىملىقىنى چۇشەندۇرۈدۇ.
4. بۇ نوۋۋتلىك د ۇ ق غا 2012 يىلغىچە ۋاقىت ۋە پۇرسەت بېرىش.
بەربىر بۇ قېتقمقى سايلام بولۇپ بولدى، ئەمدى 2010 -يىلىغىچە قاراش كېرەك. يەنە د ۇ ق دىكىلەرنىڭ ئىپادىسى، سەۋىيىسى، نەتىجىسى ھازىرقىدىن پەرقلەنمىسە رابىيە خانىمنى سىمۋول ئورنىدا ھۇرمەتلەپ تۇرۇپ كونكرىت ئىش قىلىدىغان رەئىسكە باشقا ئادەمنى قويۇش كېرەك. مەن 2012-يىلىدىكى سايلامدا ئەركىن سىدىق ئاكىنى باش رەئىسلىككە كۆرسۈتىمەن. ئۇ ئاكىمىزنىڭ مەسىلىنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى(ئىنقىلاپتا بۇ بەك مۇھىم)، ئابرويى، ئىجتىمائىي، تەبىي پەندە تەڭ ياخشى بولۇشى، ئەنگلىز، ياپون، خىتاي، تۇرك تىللىرىدا ياخشى بولۇشى، پەزىلىتى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئاكىمىزنى(ئوزى ئۇنىمىغنىغا قارىماي) بۇ ئورۇنغا تەۋسىيە قلىشىمىزنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكنى دەلىللەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا غۇلام ئوسمان ئاكا، نەبىجان تۇرسۇن، ئىزچىمەن،دولقۇن ئەيسا، ئەسقەرجان، ئالىم سيىتوف قاتارلىقلار باشقا ئوتكۇر كىشىلەر بىلەن ئەقىلدارلار ئۆمىكى بولۇپ تۇرۇپ بەرسە دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن. رابىيە خانىم بىر دەۋر ياراتتى، تۆھپىسى ئۇنتۇلمايدۇ، ئەمما ياشىنىپ قالدى. داھى سىمۋول سۇپىتىدە تورۇپ، باشقا ئىشنى باشقىلار قىلىشى لازىم.
5 . نۇتۇق بانكىسى ۋە ئىنقىلاپ سوئال ئامبىرى قۇرۇش قۇرۇلۇشى، پاكت قويۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش
ئەقلىمىز بىلەن قاراپ باقىدىغان بولساق رابىيە خانىمغا ئوخشىمىغان سورۇندا چۈشىدىغان سوئاللار كۆپ بولسىمۇ، مۇئەييەن قېلىپتىن ۋە چەكىلىك ساندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ناھايىتى كۇچلۇك نۇقتىنەزەرلەر ئامبىرى قۇرۇپ كەلگۇسىدىكى دەۋا پائالىيەتلىرىگە ئالدىن تەييارلىق قىلىش لازىم. مەسىلەن، سىلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قانداق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇسىلەر دەپ بىرسى سوراپ قالغان بولسا، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى نۇتۇق بانكىسىدا ئاللىبۇرۇن بولۇشى لازىم. بىر سوئالغا 10 جۇملە ئەتراپىدا ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ قايىل قىلارلىق جاۋاپ ئالدىن بولغان بولۇشى لازىم. سىدىق ھاجى ئاكا ھازىرغىچە جىق كۈچىدى، لېكىن كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ. دەۋادا مۇقىم سورۇلۇش ئىھتىمالى بار 100 سوئال تەييارلاپ ۋەتىنىم تورىدا كەڭ كۆلەملىك پىكىر ئېلىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ جايىدا چۈشكەن جاۋابىنى نۇتۇق بانكىسىغا كىرگۈزۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك تىللارغا ئالدىن تەرجىمە قىلىپ، جاۋاپ بېرىش لازىم. بەزى تور بەتلىرىدە (ئەنگلىزچە، خىتايچە) رابىيە خانىمنىڭ نۇقتىنەزەرلىرىنى ئاجىز، تاققا-تۇققا زاڭلىق قىلغان ئىشلارنى ئۇچرىتىپ بەك غەزىپىم كەلدى. رابىيە خانىمنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىدا ئوخشىمىغان دائىرىدە مەسىلىلەر ساقلانماقتا.
ئۇندىن باشقا، پاكىت ئامبىرى قۇرۇش. مەسىلەن، بىر يەردە خىتاي بىزنى بېسىۋالدى دېسەك، خەق شۇنداقمۇ دەپ ئاڭلاپلا قويۇدۇ. غەرپتە پاكىتقا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مۇستەملىكىنىڭ ئىسپاتىنى غەرپنىڭ تارىخچى، ئالىملىرىنىڭ كىتاپلىرىدىكى دەل جۇملىلەرنى پوۋېر پوئىنتتا كۆرسۈتۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پاكىت قويۇش ئۇسۇلىمىزنى ئوزگەرتىشىمىز كېرەك. غەرپ ئالىملىرىنىڭ كىتاپىدا يۇرتىمىزنىڭ مۇستەملىكە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق پاكىتلار بار. شۇ جۈملىلەرنى تېپىپ، سايىلەپ، بېتى، نەشىر ئۇچۇرى بىلەن پوۋېر پوئىنتتا قويۇش لازىم. چەتئەللىكلەر بىزنىڭ گېپىمىزدىن كۆرە ئۆزىنىڭ ئالىملىرىنىڭكىگە بەك ئىشىنىدۇ. رابىيە خانىم نۇتۇقتا پوۋېر پوئىنت ئىشلىتەمدۇ يوق ، بىلمىدىم، ئەگەر تېخىچە قىلمىغان بولسا بۇنڭدىن كېيىن قىلىش كېرەك.
6 . رادىكال گۇرۇھنى د ۇ ق دىن ئايرىم تۇتۇش مەسىلىسى
دىئالوگلىشىش، دەرت ئوقۇش پەقەت بىرلا ئۇسۇل، د ۇ ق ھازىر مۇشۇنى قىلىۋاتىدۇ. ئىزچىمەننىڭ پىكرىدىكى ئەندىزىلەر بويىچە يەنە بىر گۇرۇھ قۇرۇلۇپ كونكىرىت ئىشلارغا، سىڭىپ كىرىشكە كۈچىشى لازىم. لېكىن ئىزچىمەننىڭ دەۋاتقانلىرى توغرا بولسىمۇ قىلىشقا تېگشلىك10 نەچچە ئىشنىڭ ئاران بىرى.
7 . ئىقتىساسلىئىقلار ئامبىرى قۇرۇش قۇرۇلۇشى
بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ جىددي مەسىللەرگە دۇچ كېلىمىز. تىل، كوميۇتېر، سىياسىي ئىلىم، سوتسولوگىيە(جەمىيەتشۇناسلىق)، مائارىپ، جاسوسلۇق قاتارلىق ئايرىم تۈرلەر بويىچە چەتئەلدىكى ئىمكانىيەتلەرنى ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى قۇرۇپ جىددي ئەھۋالغا ئالدىن تەييارلىنىش لازىم. بۇلار ئىنقىلاپقا بىۋاستە قاتناشمىسىمۇ مەيلى، ئەمما ھالقىلىق پەيتتە ئالدىراپ قالماسىلىق ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك. بىر يىل بۇرۇن د ۇ ق تەييارلىغان بىر ئەنگلىزچە دوكلاتنى كۆرۈپ نومۇس قىلىپ كەتتىم، خاتالىق بەك جىق. تۈنۈگۈن قارىسام د ۇ ق تور بېتىنىڭ خىتايچە ۋە گېرمانچە بېتى ئىشلەنمەپتۇ. بۇ بىزنىڭ ئىختىساسلىقلارغا نەقەدەر مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى دەلىللەيدۇ.
8. جاسوسلۇققا، خائىنلىققا ۋە سۇيقەستكە تاقابىل تۇرۇش قۇرۇلۇشى
بىز كەسكىن بىر كۇرەشكە دۇچ كەلدۇق. ئۇ بولسىمۇ ئارىمىزدىكى خائىنلارنى قانداق بايقاش. بۇ ئەمەلىيەتتە تەس ئىشمۇ ئەمەس. ئۇيغۇرنى قەلبى بىلەن ھېس قىلالايدىغان پىشقان بىر پىسولوگ بولسا بىر ئادەمىنىڭ بەدەن تىلى، كۆزىدىكى نۇر، سۆزى، ئۇششاق ھەرىكىتى، ۋە ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىسىگە قاراپ خېلى بىر نەرسىنى بىلەلەيدۇ. خائىنلىققا قارشى كۆرەشنى ئايرىم بىر قۇرۇلۇش سۇپىتىدە تۇتۇش كېرەك. ئاندىن خىتاينىڭ 36 ھىلىسىنى قايىتىدىن تەتقىق قىلىپ چىقىشىمىزمۇ زۆرۈر.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي خازىرغىچە دىلبەر سامساق، ھاشىر ۋاھىدى، سابىت ئۇيغۇرى قاتارلىق ئىنقىلاپچىلىرىمىزغا سۈيقەست قىلدى. دائىملىق سۈيقەست ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ ئاممىغا ئاشكارىلاش لازىم. بۇ ئىش ھازىرغىچە ئىشلەنمدى. ئەمدى قىلىش كىرەك.
9. زورۇر ئىلىملەرنى ئۇگىنىش قۇرۇلۇشى
د ۇ ق ھازىر مۇنۇ ئىلىملەردە نۆل: ھەرىكەت تەشكىلەش (Organizational Behavior)، ئىجتىماي تور (Social Network)، ئاخبارات -ئۇچۇر تەخنىكىسى(Intelligence Technology)، خەلقارا مۇناسىۋەت (Internatinal Relations)، ئاممىۋى ھەرىكەت ئىستراتېگىيىسى ئىلمى(Social Movement Strategy)....ۋاھاكزا. كېيىنكى قۇرۇلتايغىچە بۇ ئىلىملەردە بىر-تۈركۈم ئادەملەر ئۆزىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. بۇ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىنقلابىمىزنىڭ ئاساسى.
10. سىجىل تەنقىد ۋە پىكىر ئالمشتۇرۇش
د ۇ ق ئوزىگە مەست بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىشلار چىقىۋاتىدۇ. رابىيە خانىمنى مەن ھەر قانچە بولسا ئورۇنلۇق تەكىلىپ بولسا ئاڭلار دەيمەن. ئەمما، غۇلام ئەپەندى بىلەن سىدىق ھاجى ئاكىنىڭ قلىشقان سېسىتىشلىرى بەكمۇ قاملاشماپتۇ. تەنقىد بۇنداق بولماسلىقى كېرەك. مەن ئاۋۋال گۇنانى ئۇستاز سىدىق ھاجىدا قويىمەن. ئوزى ۋەتەندە بىر تەنقىتچى ئىدى، ئۇ يەردىكى ئادەم سېسىتىش تەنقىد ئۇسۇلىنى غەربكە سۆرەپ كىرمەسلىكى كېرەكتى. بىز تەنقىدنى قاتمۇ-قات دەلىل ئىسپات بىلەن، پاكىز يۈرىكىمىز بىلەن قىلايلى، شۇنداق قىلساق قارشى تەرەپكە تەسىر قىلىدۇ. مەن غۇلام ئەپەندى، سىدىق ھاجى ئەپەندى، مەمتىمىن ھەزرەت قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ۋەتەندىكى تەنقىد ئۇسۇلىنى، بۇ يەرگە سۆرەپ كىرمەسلىكىنى، ئىلمىي تەنقىد ئېلىپ بېرىشىنى، بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئارىدا غۇلام ئاكىنىڭ تەنقىدكە تۇتقان پوزىتىسيىسى خېلى بولۇدىكەن، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىدا مەسىلە بار. دېمەكچىمەنكى، ئىنقىلاپقا تەنقىد كېرەك. ئەينى ۋاقىتتا لېنىن بىلەن تروتىسكى، مارخ بىلەن باكۇنىن، ماۋ بىلەن جاڭ گۇتاۋ لار ئوتتۇرسىدا تەنقىدلەر بولغان. بىر ئىنقىلاپتا تەنقىد چوقۇم بولۇش كېرەك. ئەمما بىز ماۋ دېگەن چۇپرەندىنىڭ ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ تەنقىدچىنى سېسىتىشقا، ئۇجۇقتۇرۇشقا ئاران تۇرساق بولمايدۇ. د ۇ ق تور بېتىدە "تەنقىدي پىكىرلەر " دەپ بىر بەت ئېچىشى كېرەك. بۇنى ئويلاشقىنىدا سەمىمىي تەنقىدچى بىلەن خائىننى، شوھرەت تاماسىدا يۈرگەنلەرنىڭكى بىلەن چىن يۈرەكتىن چىققان تەنقىدنى پەرقلەندۈرۈش لازىم. بۇ تەتقىقات كۈتىدۇ.ئەمما ئۇيغۇر ئىنقىلابى تەنقىدكە مۇھتاج.
يارقىن ، تۇران قاتارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ پىكرىگە يانداشقان ھالدا بەزى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇيغۇر ئىنقىلابىنىڭ مەنىۋىيەت، ئەقىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىنقىلابنىڭ ئاساسى سۇپىتىدە ئىشلەشكە تېگىشلىك نۇقتىلاردىن ئويلىغانلىرىمنى مۇشۇنچىلىك سۇنۇپ تۇراي. قىلىدىغان ئىشلار بۇلا ئەمەس.
كېيىنكى باسقۇچتا يۇقۇرىقى نۇقتىلارنى يېشىپ چۇشەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، "ئۈمىد ئاگاھى: تەتقىقات مەركىزى نىمىنى تەتقىق قلىۋاتىدۇ؟"، "قەيسەر: قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ ئىشلىرىدىن بىر دوكلات ئاڭلىساق"، "ئىنقىلاپ ۋە ئاڭنى بىرلىكە كەلتۇرۇش"....قاتارلىق تەمىلاردا داۋاملىق پىكىر قىلىمىز.
ئۇيغۇر ئىنقىلاپچىلىرى ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلار:
1. لېنىن: »نېمە قىلىش كېرەك؟«
2. جورج لۇكاس (George Lucas): تارىخ ۋە سىنىپىي ئاڭ (History and Class Consness). ئىنقىلاپتا ئاڭنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ھەققىدىكى مەشۇر كىتاپ.
.
3. جورج فرىئېدمان(George Friedman): كېيىنكى يۇز يىل (The next 100 years).
4. تېئودا سكوكپول(Theoda Skocpol): دولەت ۋە ئىنقىلاپ (States and Social Revolution).
5. گوردون ئالپورت(Gordon Alport): غەيۋەت-شىكايەت پىسخولوگىيىسى (The Psychology of Rumour).
6. Politics (سىياسىي ئىلىم)، (بۇ تېمىدا بەك جىق كىتاپ بولغنى ئۇچۇن تىزمىدىم).
7. International Relations (خەلقارا مۇناسىۋەتلەر)، ( بۇ تەمىدا بەك جىق كىتاپ بار بولغاچا تىزمىدىم).
|