|
بىز مۇستەملىكە مىللەت سۈپىتىدە خالار- خالىماس سىياسەت ئىچىدە ياشايمىز. دۇنيادىكى ئۆزگۈرۈشلەر، ۋەتىنىمىزدىكى ئۆزگۈرۈشلەر، خىتايدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە دىققەت قىلىۋاتقاندەك قىلىمىز. ئەمما سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمىز يەنىلا نۆلگە يېقىن، سىياسىي ساۋاتىمىز ئىپتىدائىي باسقۇچتا، «قۇلاق موللىسى»لىق قەدىمىدە توختاپ قالغانلىقىمۇ ھەمىشىلا مەلۇم بولۇپ تۇرۇدۇ. شۇنداق بولۇشىمىزغا قارىماي، ئۆگۈنۈشنى خالىماسلىقىمىز، بىلمىگىنىمىزگە باقماي، مەمەدانلىقىمىز ھەممىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ..
ئادەتتىكى پۇخرالىرىمىزغۇ مەيلى، ئۆگەنمىسىمۇ، بىلمەستىن مەمەدانلىق قىلسىمۇ بولغىنى شۇ. ئەمما سىياسىي سەھنىمىزدە بوي كۆرسۈتۈپ يۈرگەن جاناپلىرىمىزنىڭمۇ پەرقسىز بولىشى، بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق. تېخىمۇ يامىنى بۇ كىشىلەر تۈپەيلى مىللىي تەقدىرىمىز ئەڭ ھالقىلىق پەيتلەردە ئابدالچە بىر قارار بىلەن كۈلگە ئايلىنىپ كەتسە، پۇرسەت ھەمىشە كېلىۋەرمەيدۇ.
دۆلەت تېخىمۇ ئېنىقراق دېسەك، ھازىرقى زامان دۆلەتلىرى بارلىققا كېلىش ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ئاساسلىق خەلقارا شەرت بولۇشى كېرەك. بىرى دۇنيا كۈچ نۇقتىلىرى ئارىسىدا شەكىللەنگەن ۋاكۇۇم؛ بىرى كۈچ نۇقتىلىرىدىن بىرىنىڭ ھامىيلىقى ياكى قوللىشى (شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، بۇ خىل قوللاش ياكى ھامىيلىق ھەرگىزمۇ ئىنسانىي ئەخلاق مەجبۇرىيىتىدىن ئەمەس، مەنپەئەت تەقەززاسىدىن بولۇدۇ). گەرچە ئاللاھ «پاختىنىڭ ئىچىدە ئوت ياكى ئوتنىڭ ئىچىدە پاختىنى ساقلاشقا قادىر» بولسىمۇ، بەندە بۇنىڭغا قادىر ئەمەس. يەنى، دۇنيا كۈچ نۇقتىلىرىدىن قەتئىينەزەر بىر دۆلەتنىڭ تۇغۇلىشى، تۇغۇلغان تەقدىردىمۇ مەۋجۇتلۇقۇنى داۋام قىلىشى مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى سىياسىي، ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلغان بولماستىن مەنپەئەتنى ئاساس قىلغاندۇر. بۇ ھەقتە ئۆتكەنكىلەر شۇنداق يازغان: «سىياسىنىڭ ئەخلاق بىلەن ھېچقانداق ئورتاق تەرىپى يوق. ئەخلاققا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە ھۆكۈم سۈرگەن ھۆكۈمران ماھىر سىياسەتچى ئەمەس. بۇ سەۋەپتىن تەختىدە مۇستەھكەم تۇرالمايدۇ. ھۆكۈمرانلىقنى ئارزۇ قىلغۇچى ھەم ھىلىگەرلىككە، ھەم سۈنئىيلىككە مۇراجەت قىلىشى كېرەك. ئوچۇق سۆزلۈك، دۇرۇستلۇققا ئوخشاش خەلق ئارىسىدا ئەۋزەللىك ھېساپلىنىدىغان سۈپەتلەر سىياسەت ئۈچۈن ئەيپتۇر. چۈنكى بۇلار ئەڭ قۇۋۋەتلىك دۈشمەندىنمۇ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، مۇتلەق رەۋىشتە ھۆكۈمراننى تەختتىن چۈشۈرۈدۇ.»
ئەمدى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش شەرتلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزغا شۇنداق مىساللارنى بېرىشىمىز مۈمكىن:
تارىختا ئافغانىستان — رۇس ۋە بېرىتانىيە ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر بوشلۇق بولىشى زۆرۈرىيىتى بىلەن، ئىككىسى ئارىسىدىكى ۋاكۇۇمدىن ھاسىل بولغان، بۇ بىتەرەپ رايون ھىسابىدىكى تامپون دۆلەتكە ھەر ئىككىسى ئارىلاشمىغان. بىر تەرەپتىكى كۈچ چېكىنگەن ھامان بۇ ۋاكۇۇمنى يەنە بىرى تولدۇرىۋېلىشمۇ خەلقارا مۇناسىۋەت، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتىكى بىر ئۇدۇم بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسى مۇستەملىكىلىرىگە مۇستەقىللىق بېرىپ چېكىنىشى ھامان، ئافغانىستاندىن ئىبارەت بۇ ۋاكۇۇمدا شەكىللەنگەن دۆلەتنىڭ «بىر بېقىنىدىكى ئىتتەرگۈچى» يوق بولۇپ، دەرھال بۇ ۋاكۇۇمنى يەنە بىر تەرەپتىكى كۈچ تولدۇرۇش كويىغا كىردى. يەنى، بۈيۈك كۈچتىن بىرى چېكىنگەندىن تارتىپلا رۇسىيە ئافغانىستانغا ئارىلىشىش پۇرسىتى ئىزدىدى؛ جاسۇسلۇق تورلىرىنى يامراتتى. ئافغانىستاننى كوممۇنىستلاشتۇرۇشقا تىرىشتى ھەتتا مىليونلارچە كوممۇنىست يېتىشتۈردى. ئاخىرىدا كوممۇنىست رۇسىيەپەرەست ھۆكۈمەت بەرپا قىلدى. رۇسپەرەست ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى باھانە قىلىپ (ھۆكۈمەتنى قوغداش نىقابى ئاستىدا) ئافغانىستانغا ئاشكارە تاجاۋۇز قىلدى.
بۇ رايوندىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىشى، رۇسىيەنىڭ پارس قولتۇقىغا يېقىنلىشىشى غەرپنىڭ نېفىت ئامبىرى بولغان پارىس قولتۇقىغا بولغان تەھدىت ئىدى. شۇنداقلا، خىتاينىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك (پاكىستاندىن باشقا) پۈتۈن چېگرىسى بويلاپ سوۋېت ئسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىشى بولاتتى. ئۈچ بۈيۈك كۈچنىڭ ئېلىشىشى بۇ يەردە ئەۋجىگە چىقتى.
دەل سوۋېت تاجاۋۇزىغا قەدەر ۋاخان كارىدورىنىڭ شىمالى، تاجىكىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىي تەرىپىدە قىرغىزلارنىڭ بىر قەبىلىسى ياشاپ كەلگەن بىر پارچە تېرىتورىيە بار ئىدى. ئۇزاق زامانلاردىن تاكى 1979 - يىلىغىچە بۇ كىچىككىنە قەبىلىنىڭ ئۈچىلى دۆلەتكە تەۋە بولماستىن (دۆلەت سۈپىتىمۇ يوق ئىدى) ياشاپ قالالىشىنىڭ سەۋەبىمۇ ئەنە شۇ كۈچ نۇقتىلىرى ئارىسىدا شەكىللەنگەن نازۇك مۇناسىۋەتتىن (ۋاكۇئۇمدىن) بارلىققا كەلگەن. قايسى بىرى بۇ رايونغا قول تىقسا يەنە بىرى بىلەن سۈركىلىش چىقاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن، گەرچە ئاجىز بولسىمۇ ساقلىنىپ كەلگەن.
بىر دۆلەت، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوشنا دۆلەتتىكى ھەرقانداق بىر سىياسىي سۈپەت ئۆزگۈرۈشى، ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىپ تۇرۇدۇ. قوشنا دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن قىلىشقان تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىملىرىدىن تاكى سودا كېلىشىملىرىگىچە تەھلىل قىلىپ، بۇنىڭ ئۆزىگە قانداق تەسىرى بولۇشى مۈمكىنلىكى ھەققىدە دىققەتتە بولۇدۇ. چۈنكى بۇ چېگرىنىڭ ئىچى تەرىپىدىكىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن. مەسىلەن: شىمالىي ئىراقتا قۇرۇلغۇسى كۇرد دۆلىتى تۈركىيە، ئىران، سۈرىيەنى ئوخشاشلا ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ شىمالىي ئىراققا يېقىن جايلىرىدىمۇ كۇرد ئاھالىسى ياشايدۇ. چېگرىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئوخشاش بىر خەلقنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى بۇنداق بىر ئۆزگۈرۈش، چېگرىنىڭ ئىچىدىكىلەرگە مۇتلەق رەۋىشتە تەسىر كۆرسۈتۈشى مۈمكىن. يەنى، مۇستەقىل دۆلىتىگە قوشۇلۇپ كېتىش تەلىپى باش كۆتۈرۈشى مۈمكىن ياكى ئۇلارمۇ يەنە بىر مۇستەقىل كۇرد دۆلىتى غەۋغاسىنى قىلىشى مۈمكىن. خۇددى شۇنداق، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ خرۇششېۋ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە خىتاي سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى يامانلاشقاندا، سوۋېت ھۆكۈمىتى بىر «ئۇيغۇرىستان لايىھىسى» ئويلاشقان. بۇ لايىھەگە كۆرە ئالمۇتانى پايتەخت قىلغان بىر ئۇيغۇرىستان فىدراتىۋ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش، بۇ جۇمھۇرىيەت ياركەنت، چىلەك، ئۇيغۇر ناھىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش؛ قازاقىستاننىڭ پايتەختىنى قاراغاندا شەھرىگە يۆتكەش قاتارلىق مەزمۇنلاردا بولۇدۇ. بۇنىڭدىن مەخسەت خىتاينى سەراسىمىگە سېلىش ئىدى. (ئەپسۇسكى، خرۇششېۋنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن بۇ لايىھە قايتا تىلغا ئېلىنمىغان.)
ئىراننىڭ جەنۇبىي ئازاربەيجان رايونىدىكى ئازاربەيجان نوپۇسى مۇستەقىل ئازاربەيجاندىكى نوپۇستىنمۇ كۆپ، ئىران نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ھال ئىران ئۈچۈن ئىككى ئەندىشىنى ھەرزامان دىققەتتە تۇتۇشقا تېگىشلىك قىلىدۇ: غەربىي شىمال تەرەپتىكى ئازاربەيجان دۆلىتىنىڭ ئىھتىماللىقى بولغان ئاغدۇرمىچىلىقى؛ غەربىي تەرەپتىكى تۈركىيەنىڭ بۈيۈك تۈركچىلىك مەپكۈرىسى بىلەن ئازاربەيجانلارنى كۈشكۈرتۈش ئىھتىماللىقى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىران مۇستەقىل ئازابەيجان دۆلىتىنىڭ جان دۈشمىنى ۋە تۈركىيەنىڭمۇ دۈشمىنى بولغان ئەرمىنىيە بىلەن ياخشى ئۆتۈش؛ شۇنداقلا ئۆزى ئەنسىرىگەن بۇ ئىككى دۆلەتكە قارشى ئاغدۇرمىچىلىق ھەركەتلىرى قىلىش، جاسۇسلۇق تورىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۆرۈشكە مەجبۇر.
تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتى تا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدە ئىدى. فىرانسىيەنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىغا پېتىپ قېلىشىنى پۇرسەت بىلگەن تۈركىيە دەرھال بۇ ۋاكۇۇمنى تولدۇردى.
بۇ مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى ئىككى جۇمھۇرىيتىمىزنىڭ قىسمىتىگە توغرا باھا بېرەلەيمىز.
بەزىلەر «سىياسەتنى بىلىپ» كېتىپ، دەيدۇرلەركى: «تارىختىكى ئىككى جۇمھۇرىيەت، قۇرغۇچىلىرىنىڭ سىياسەتنى بىلمەسلىكى سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولدى!» بۇ نەقەدەر بىمەنە! بۇنى دەۋاتقان ئۇستالارنىڭ قولىدىن شۇنچىلىك ئىش كېلىشى مۈمكىنمۇ؟
ئەمدى ئاشۇ «سىياسەتنى بىلمىگۈچى»لەردىن بىرى بولغان سابىت داموللىنىڭ بىرنەچچە ئېغىز سۆزىنى دىققەتلەرگە ھاۋالە قىلىمىز:
سەبداشلىرىدىن بىرى سابىت داموللىدىن شۇنداق سورىغان: «داموللام، بۇ ئىشنى قىلىشتا قانچىلىك ئىشەنچىمىز بار؟ خىتايدىن قۇتۇلدۇق دېگەن تەقدىردىمۇ رۇسلار بېسىۋالماي قالمايدۇ. شۇڭا بەرگەن قۇربانلارغا چۇشلۇق پايدىسى بولارمۇ؟» داموللام شۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: «پايدىسى بولۇدۇ؛ ھېچ بولمىغاندىمۇ بىر پايدىسى بار: مۇستەملىكە تارىخى يېڭىدىن باشلىنىدۇ.»
قوللىغۇچى بايلاردىن بىر تەخسىر شۇنداق سورايدۇ:
ـ داموللام، ئىشنىغۇ قىلىۋاتىمىز، ئەمما ئىككى چوڭ جاھانگىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇتلۇقۇمىزنى ساقلاپ تۇرالايمىزمۇ؟
داموللا شۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:
ـ سىز دېگەن تاشقى شەرتلەر ئاستىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.
ـ ئۇنداق بولسا نېمىشكە ئاۋارە بولۇمىز؟
ـ كېيىنكىلەرگە دەلىل يارىتىپ قويۇش ئۈچۈن، بۇ بىر پۇرسەت.
ئەمدى «سىياسەتنى بىلىدىغان» بىلەرمەنلەرنىڭ شاختىن - شاخقا سەكرەپ، پەدە ئۆزگەرتىپ تۇرۇشلىرىنىڭ سىياسەتتە قانچىلىك مەۋزۇ تېشى ئەھۋال ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر ئاز توختۇلايلى.
ئىلگىرىكى يازمىشلىرىمدا سىياسىي مۇناسىۋەتلەردە بىرەر ماددىدىن ۋاز كېچىش، بىرەر مۇددىئادىن ۋاز كېچىش ئەمەس، بىر ماددا ئىچىدىكى سۆزلەرنىڭ دەللىك ياكى مەجھۇللۇقىنى يەڭگۈشلەشنىڭمۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا، دۆلەتلەر ئارا سۈركۈلۈشلەرگە سەۋەپ بولۇدۇغانلىقى توغرىسىدا توختالغان ئىدىم.
ھىسامىددىن ئاكىنىڭ «بەرىبىر يالغان بولغاندىكىن، پىخسىقلىق قىلماي يوغان - يوغان ئاتە!» دېگىنىدەك، بىرلا ۋاز كېچىشتە ئەرش - ئەلادىن بىراقلا تەكتى ئەسراغا چۈشۈش سىياسەتتە بار دېيىلسە، بىزنىڭكىلەردىلا بار. مەسىلەن بۇنى جاڭ جىژجوڭنىڭ ئەسلىمىسى «ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن ***تېنچ ئازات بولغانغا قەدەر» دە بايان قىلىشىچە: جاڭ جىژجوڭ شەرقىي تۈركىستان تەرەپ سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ مەيدىلىرىگە شەرقىي تۈركىستان ئىزنىكى تاقاپ، ئۆزى بىلەن خۇددى ئىككى دۆلەت سۆھبىتى شەكلىدە سۆھبەتلەشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئۇلار بىلەن بۇ شەكىلدە ئۇچرۇشۇشتىنمۇ باش تارتىدۇ. ئۇ تارىختىن ئۆزلىرى كۆزگە ئىلمەي كەلگەن ئايلامباش ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ، خۇددى ئىككى دۆلەت سۈپىتىدە سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىدۇ. ئارقىغا قايتىپ، سوۋېت كونسۇلىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. سوۋېت كونسۇلىنىڭ بىر كېچە «خىزمەت ئىشلىشى» نەتىجىسىدە ئەتىسى سۆھبەت ۋەكىللىرىمىز »ئەدەپكە قايتىپ«، كۆكسىدىكى ئىزناكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، مۇستەقىللىق تەلىپىدىن بىراقلا ئاپتونومىيەگە چۈشۈدۇ!....
ئەمدى بۇ سېلىشتۇرمىنى دىققەتلەرگە ھاۋالە قىلىمەن؛ بۇ ئىسرائىلىيە بىلەن ئىئوردانىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن بىر كېلىشىمدىكى بىر جۈملە:
ئىئوردانىيەنىڭ كېلىشىم لايىھەسىدە:
«ئىككى دۆلەت، ئىوردانىيە ھاشىمىي پادىشاھلىقىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇددۇستىكى مۇقەددەس جايدىكى تارىخىي مەسئۇلىيەتلىرىنى يېڭىدىن كۈچەيتتى ۋە بۇ شەھەرنى بارلىق دىندارلار ئۈچۈن بىر تېچلىق ھەم ئۈمىد شەھرىگە ئايلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنە بىر قېتىم بەلگىلىدى.»
بۇ جۈملە شۇ چاغدىكى باش مىنىستېر رابىننىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىرىۋېتىدۇ. كېلىشىم يېقىنلاشمىسى بۇزۇلۇپ، دۈشمەنلىك باشلىنىشقا تاسلا قالىدۇ. بۇ جۈملىنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ ۋارقىرايدۇ ۋە جۈملىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ. جۈملە شۇنداق ئۆزگەرتىلىدۇ:
«ئىسرائىلىيە، ئىوردانىيە ھاشىمىي پادىشاھلىقىنىڭ قۇددۇستىكى مۇقەددەس مۇسۇلمان ئىبادەتخانىلىرىدىكى مەۋجۇت ئالاھىدە رولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئاخىرقى ھالەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندە ئىسرائىلىيە، ئىوردانىيەلىكلەرنىڭ بۇ ئىبادەتخانىلاردىكى تارىخىي رولىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇدۇ.»
مېنىڭچە ئەقىللىق ئۇيغۇرلار بۇ ئىككى جۈملىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇپ، سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ، دۆلەت مەنپەئەتى ۋە مىللىي مەنپەئەتلەر نۇقتىسىدا سەگەكلىكنىڭ قايسى دەرىجىدە بولۇدۇغانلىقىنى تامامەن ئاڭقىرىۋالالايدۇ، دەپ قارايمەن.
سىياسىدا يول قويۇشلار، چېكىنىشلەر بولۇدۇ، ئەمما 180 گىرادۇسلۇق تەرزدە بولمايدۇ!
بۈگۈنكى كۈندە بەزىلىرىمىز تېخى تۈنۈگۈن ئاخشامغىچە ئۆزى قارشى تۇرغان، قارشى تۇرغاندىمۇ ئىنتايىن ئۈزۈل - كېسىللىك بىلەن قارشى تۇرغان، بۇ سەۋەپتىن، قاراش ئىگىلىرىگە ئەدەپسىز ھاقارەتلەر ياغدۇرۇشقىچە بېرىپ يەتكەن بولىشىغا قارىماي، بۈگۈن ئەتتىگەندە تۇرۇپلا دەل شۇ ئۆزى قارشى تۇرغان ئىدىيەنى ھىچ خىجىل بولماستىن ماختاشقا باشلىدۇق. بۇمۇ سىياسەتنى بىلگەنلىكىمىزمىدۇ؟
بىر ئەخلاقلىق ئادەم — تەربىيە كۆرگەن ئادەم — ئۆتمۈشتىكى قاراشلىرىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى سەزگەن چېغىدا ئالدى بىلەن ئۇ خاتانى ئېتىراپ قىلىش، شۇ خاتا تۈپەيلى ھاقارەتلەنگەنلەردىن ئەپۇ سوراش بىلەن يېڭى يولىنى باشلايدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆتمۈشتىكى قاراشلىرىنىڭ دەل تەتۈرىسىچە بىر قاراش بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ ئۆتكۈنچى بىر ھالقىسى ئۆزۈر سوراش، ئۆتمۈشتىكىسىنىڭ خاتا بولغانلىقىنىڭ ئېتىراپى بولۇشى كېرەك. بولمىسا بەكمۇ يۈزسىزلىك بولغان بولۇدۇ؛ بەك تۇتامسىزلىق بولغان بولۇدۇ؛ بەك يۈزى قېلىنلىق بولغان بولۇدۇ!
ئەمدى سىياسەتتە دۇنيا سەھنىسىدە ئوينۇلۇدۇغان ئويۇنلارنىڭ پەردە ئارقىسىنى چۈشۈنۈش مەسىلىسى ئىنتايىن موھىم. يەنى، دۇنيا سەھنىسىدە ئوينۇلۇدۇغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر، ئاغدۇرمىچىلىقلار، ھەربىي ھەركەتلەر، ئىستىلا ھەركەتلىرى، قارشىلىقلار، ئېتنىك سۈركۈلۈشلەر، دىنىي سۈركۈلۈشلەر،... نىڭ ھېچبىرى ئۆزلۈكىدىن بولمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈش لازىم. يەنى بۇنداق ھەركەتلەرنىڭ ھېچ زامان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق جامائەتكە سۇنۇلغان شەكلىدەك ئەمەسلىكىنى بىلىش كېرەك. ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈنگەن يۈزىدىن باشقا يوشۇرۇن يۈزى بولۇدۇ. ئويۇننىڭ پەردە ئارقىسىدا پىلانلىغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولۇدۇ.
«بىر تېرور ۋەقەسىنىڭ مەنبەسى — ۋەقەنىڭ كۆرۈنۈشتىكى جاۋاپكارلىرى ۋە ھەركەتلىرىنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ. بىردىن بىر ئۆلچەم، تۇغدۇرۇلغان ۋەقەنىڭ نەتىجىسى نېمە بولغانلىقى ۋە كىمنىڭ ئىشىغا يارىغانلىقىدۇر.
»بىر تېرور ۋەقەسىدە جىنايى ئىشلار مېتودى بىلەن نەتىجىگە ئۇلاشماق كۆپ چاغلاردا ئېزىقتۇرغۇچى بولۇشى مۈمكىن. يەنى، يىپ ئۇچلىرىدىن ئىشقا تېگىپ، جاۋاپكارغا، ۋە ئاندىن تەشكىلاتقا يېتىپ بېرىش خاتا دىئاگنوزغا سەۋەپ بولۇدۇ. چۈنكى بىر تەشكىلاتنى تۆھمەت ئاستىدا قالدۇرماق ۋە ئۇنى ئاممىنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قىلىشنى ئىستىگەنلەرمۇ ئۇ تەشكىلاتنىڭ تونىغا ئورۇنۇۋېلىشى، ئارقىسىدا قالدۇرغان بارلىق دەلىللەر سىزنى ئۇلار خالىغان يۆنۈلۈشكە ئېلىپ بارىدىغان شەكىلدە ھازىرلىنىشى مۈمكىن. بۇنداق ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئوخشىمىغان ھەتتا تەتۈر بىر ئۇسۇل قوللانماق كېرەك. ئالدى بىلەن ۋەقەنىڭ ›جاۋاپكار تەۋە‹ دېيىلىۋاتقان تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي سىياسىتىگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى مۇلاھىزە قىلىش كېرەك. يەنى، بۇ ۋەقە ئۇلارنىڭ مەخسىدىگە خىزمەت قىلدىمۇ ياكى ئۇلارنى چەكلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتامدۇ؟...
«يېپىق پائالىيەتلەر ئەقىل بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە قاتتىق قول ھەرىكەت نەتىجە قازانماق ئۈچۈن ئەمەس، خەلقنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپلەرگە تارتماق ئۈچۈن قوللۇنۇلۇدۇ.
«بىرلىرى ئادەتتىكى بىر ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئالغان بولسا بۇنىڭ ئىككى مەنىسى بولۇشى مۈمكىن: يا كاللا كەسكەنلەر يامان؛ ياكى كاللا كەستى دەپ كىمدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، شۇلارنى سىزگە دۈشمەن قىلماق ئۈچۈن كېسىلگەندۇر. سىز ھەر زامان بىرىنچىسىنى قوبۇل قىلىسىز ۋە مۇشۇنداق قىلىشقا ئۆگۈتۈلگەنسىز.»
دۇنيادىكى دۆلەتلەر سىياسەت ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئىجرا قىلغۇچى؛ باشقۇرغۇچى ۋە باشقۇرۇلغۇچى دېگەن ئىككى ئاساسىي تۈردە بولۇدۇ، دەپ يازىدۇ ماھىر قايناق ۋە داۋامىدا شۇنداق يازىدۇ: «دۇنيادا ئەل-قائىدە دېگەن بىر تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ سىستېملەردىن تاشقىرى ۋە سىستېمغا قارشى ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن سىياسىي ھادىسىلەرنى ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلسىڭىز، دېمەك باشقۇرۇلۇدۇغانلار قاتارىدا سىز.» بۇ ھالدا يەنە شۇنىڭغىمۇ ئىشىنىسىز: «ئىراقتەك كىچىككىنە دۆلەتنىڭ دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى ۋە بۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ يەڭگۈشلەنگەنلىكى…»
«سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي زۆرۈرىيەتلەر بىر كۈچنىڭ باشقىسى بىلەن سۈركۈلۈشۈگە سەۋەپ بولۇدۇ، ئەمما بۇ ئۇرۇشتا ئاممىنى يۆنلەندۈرمەك ئۈچۈن قوللۇنۇلغان ۋاسىتىلەر: دىن، مىللەتچىلىك، ئىدىئولوگىيە بولىشى مۈمكىن. بۇ ۋاسىتىلەر بىلەن خەلق بىر يەردە تۇتۇلۇدۇ ۋە جانلىرىنىمۇ پىدا قىلىدىغان دەرىجىگە كەلتۈرۈلۈدۇ.
«بۇ ۋاسىتە شەرتلەرگە كۆرە بەلگىلىنىدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ئىنسانلارنى ئىتتەرگىنى ئىدىئولوگىيە ئىدى. ئىدىئولوگىيەلەرنىڭ مەنىسى قالمىغاندىن كېيىن سۈركۈلۈش سەۋەبى ‹دىن› قىلىپ بەلگىلەندى. ئامېرىكىدا سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى كوممۇنىزىم دۈشمەنلىكى ئورنىنى دىندارلىق ئالدى،...»
دۆلەت قانداق بىر قۇرۇلۇش؟ ياكى قانداق بىر ماشىنا؟ بۇنى چوڭقۇرراق چۈشىنىش دۆلەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش ساۋادىنىڭ ئاساسى بولۇشى مۈمكىن. دۆلەت ماشىنىسىنىڭ بۈيۈكلۈكى قىممىتى ھەققىدە ئۇقۇم مۈجىمەل بولغاندا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە بالىلارچە ئىشىنىپ كېتىش ھاماقەتلەرچە گوللۇق دۆتلەرچە گەپ سۆزلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
بەزى مۇلاھىزىچىلەر ئېيتقاندەك بىزنىڭ تېرورچى قالپىقى كېيىپ قېلىشتىن ساقلىنىمەن دەپ باش قاتۇرۇشۇمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزگە بېقىنىدىغان ئىش ئەمەس. ختايلار جىم ياتساقمۇ تېرورچى دەيدۇ. غەرپلىكلەر ئۆز ئىھتىياجىغا كۆرە يا تېرورچىلىقىمىزغا ئىشەنگەن قىياپەت ئىپادىلەيدۇ. يا مىڭ خىتاينى چانىۋەتسەكمۇ ئىشەنگىلى ئۇنىمايدۇ. (خۇددى بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا ئامېرىكىنىڭ پوزىتىسىيىسى ئاۋال »ئىپادە بىلدۈرۈشكە دەلىل يېتىشمەيۋاتقانلىقى، دەلىل توپلاۋاتقانلىقى« شەكلىدە، كېيىن شۇنچە قۇربانلارغا قارىماي، »خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى« شەكلىدە بولغىنىغا ئوخشاش.)
بۈگۈن بازارغا سېلىنىۋاتقان تېرورىزىم ئېقىمى غەرپنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۈشمەن ئىھتىياجىنىڭ تەقەززاسىدىن بەلگىلەنگەن ياكى يارىتىلغان دۈشمەندۇر. چۈنكى دۆلەتنىڭ دۈشمەنگە ئىھتىياجى بولۇدۇ.
دۈشمەنگە بولۇدۇغان ئىھتىياج دۆلەتنىڭ ھەربىي خىراجەتلىرىنى، ھەربىي ھەركەتلىرىنى بۇ تۈپەيلى يۈكسىلىشتىن توختىغان ياكى چېكىنگەن سوتسيال پاراۋانلىق قاتارلىقلارنى سەۋەپ بىلەن تەمىن ئېتىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقلىرىنى يوق قىلىدۇ ۋە خەلقنى دۆلەت ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇدۇ. بىر خەتەرلىك دۈشمەن تەھدىدى كىشىلەرنى دۆلەت بىلەن بىردەكلىك ساقلاشقا، دۆلەت ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشقا ئۈندەيدۇ. چۈنكى خەتەرلىك دۈشمەندىن يەككە ھالدا ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقى ھەر كۆڭۈلگە ئايان بىر ئىش. مەسىلەن: سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە غەرپنىڭ ئىنتايىن تەھلىكىلىك بىر دۈشمىنى بار ئىدى: كوممۇنىست لاگىرى! بۇ خەتەرلىك دۈشمەننىڭ سوتسيال بەختىيارلىقنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئارمىيە قوراللىنىشى، دۈشمەندىن كېيىن قالماسلىقى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئۆزى خەلقنىڭ نۇرغۇن »نېمە ئۈچۈن؟«لىرىگە جاۋاپ بېرىپلا قالماي، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ چىشىنى چىشلەشكە ئۈندەيتى، خەلق بۇنى ئاڭلىق ھالدا پۇخرالىق مەجبۇرىيىتىم دەپ قوبۇل قىلاتتى. كوممۇنىزىم لاگىرى يېمىرىلگەندىن كېيىن يېڭى دۈشمەنگە ئىھتىياج تۇغۇلدى. بولمىسا مىللىي دارامەتنىڭ قەيەرلەرگە سەرپ قىلىنغانلىقىغا قايسى ئادرېس كۆرسۈتۈلۈدۇ؟
مەسىلەن، ئامېرىكىدەك دۇنيانىڭ بىردىن بىر خوجايىنى بولۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر دۆلەت، چوقۇم ھەربىي تەرەققىياتلارغا نۇرغۇن پۇل خەجلىشى لازىم، ھەربىي ھەركەتلەرنى قىلىپ، يېڭى بايلىق ماكانلىرىنى ئىگىلىشى لازىم. چۈنكى بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى سىياسىتىنىڭ جەۋھىرى. 1948 - يىلى جورج كېنناننىڭ مەخپىي سىياسەت پىلانلاش خادىمى ھۆججەتتىكى شۇ دەھشەتلىك مەخپىيەتنى ئىقرار قىلىدۇ: (ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن) ئامېرىكىنىڭ تېنچ ئوكياندىكى نىشانى، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 6%ىنى تەشكىل قىلىدىغان بىر دۆلەت پاراۋانلىقىنىڭ ئاساسى بولغان پۈتۈن دۇنيا بايلىقىنىڭ 50%ىنى ئىشلىتىشنى داۋام قىلىشنى تەمىن ئېتىش!
بۇنداق بىر نىشان بولغان ئىكەن، »دۈشمەن« بولمىسا، قانداق بىر باھانە بىلەن ھەربىي خىراجەتلەرنى ئارتتۇرغىلى، ھەربىي ھەركەتلەرنى پەردىلىگىلى بولۇدۇ؟
يەنە مەسىلەن، مانا شۇ ئىھتىياجغا كۆرە بەلگىلىۋېلىنغان دۈشمەن ئۇقۇمى ئارقىلىق، ئىراققا قارىتىلغان ئىستىلا ھەركىتى ئۈچۈن جامائەت پىكرى ھازىرلاندى. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ،مەۋجۇدىيىتى نېفىت ئۈچۈن ئىدى.
1970 - يىللىرى يۈز بەرگەن نېفىت كىرىزىسى، ئامېرىكىنى ئوتتۇرا شەرق ئېنىرگىيە مەنبەلىرىدە ئامانلىق مەسىلىسىنى جىددىي ئويلاشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. 1979 - يىلى يۈز بەرگەن نېفىت كىرزىسى ئارقىسىدىن كارتېر تەلىماتى ئاساسىدا جىددىي مۇداخىلە كۈچى (Rapid Deployment Force) قۇرۇلدى. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن ھەربىي بازا تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. ئىران – ئىراق ئۇرۇشىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان نېفىت پاراخوتلىرى ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقىغا سىڭىپ كىرىشى ئۈچۈن دەسلەپكى باھانە بولدى. 1991 - يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت بەخش ئەتتى.
ئىران - ئىراق ئۇرۇشى جەريانىدا ئۇرۇشۇۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپنى قورال بىلەن تەمىنلەش دىققەتكە ئېلىنسا، بۇ ئۇرۇشمۇ غەرپنىڭ ئىھتىياجىغا كۆرە سۈنئىي بارلىققا كەلتۈرۈلگەنمۇ قانداق؟ دېگەن سوئال تۇغۇلماي قالمايدۇ.
ئەمدى، بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىدىن، يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن سۈركۈلۈشلەر، ۋەقەلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا بىر پىلانلىغۇچىنىڭ بولۇدۇغانلىقى مەسىلىسىنى يورۇتماقچى بولساق، شۇلارغا دىققەت قىلساقلا بولۇدۇ:
يەمەندىكى سۈننى – شىئە توقۇنۇشى، سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى.
بۇ ئىككىلا دۆلەتكە قارىساق، جايلاشقان ئورنى پارس قولتۇقى نېفىتىنىڭ توشۇلۇش يولى ئۈستىدە بولۇپ، ئېنىرگىيە تەمىنلىشىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرنى »تاپقا كەلتۈرۈش« زۆرۈر بولۇدۇ.
دۈشمەن ئاللىقاچان بەلگىلەنگەن: خەلقارا ئىسلام تېرورىزمى!
يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش قانداق قىلىپ تېرورىزم بىلەن باغلىنىدۇ؟ بۇنىڭمۇ ئاساسى ئاللىقاچان يارىتىلدى: 2009 - نىڭ روژدستۋو بايرىمى مەزگىلىدە ھوللاندىيەدىن ئامېرىكىنىڭ دىترويت شەھرىگە ئۇچقان ئايروپلاننى پارتلاتماقچى بولغان نېگىرىيەلىك مۇسۇلمان تېرورچى دەل يەمەندىكى ئەلقائىدە لاگىرىدا تەربىيىلەنگەن ئىكەن ئەمەسمۇ! يەمەنگە قارىتا ھەربىي ھەركەت قوللۇنۇش ياكى يەمەندە بىر ئامېرىكاپەرەست ھۆكۈمەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن باھانە تەييار: تېرور تەشكىلاتى ئەل-قائىدەگە ساھىپخانلىق قىلدى!
ئەمدى، سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا كەلسەك، بۇ يەر ئاشۇ ئېنىرگىيە يولىنىڭ داۋامى. بۇ يەردىكى ھەركەت باشقا تۈرلۈك: دېڭىز قاراقچىلىرى! خۇددى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكىدەك! بۇ قاراقچىلار خېلى كۆپ دۆلەتلەرنى خاپا قىلدى. بىر كۈنلىرى كېلىدۇكى، ئاساسلىق كۆپچۈلۈك دۆلەتلەردە بىر ئىستەك تۇغۇلۇدۇ: »يا ئاللاھ، شۇ دېڭىز قاراقچىلىرىنى يوقۇتۇدۇغان بىر نوچى چىقسىدى! « مانا شۇ چاغدا، كۆپنىڭ ھەقلىق ئىستىكىگە جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە بۇ قاراقچىلار يوقۇتۇلۇدۇ. تەبىئىيكى سومالى بۇ قۇتقازغۇچىنىڭ كونتروللۇقۇدا بولۇدۇ.
ئەمدى ئوتتۇرا ئاسىيادىن باشلانغان بۇ »تاشلار«نىڭ ئورۇنلىشىشىغا قارايدىغان بولساق، ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ھالقىغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈمىز.
ئىستىخبارات كەسپىدە ۋاقەلەر ھادىسىلەرگە باھا بېرىشتە قوللۇنۇلۇدۇغان ئاددىي بىر مېتود ھەققىدە زىكرى قىلىنغان ئىدى: »بۇ ۋەقە كىمنىڭ ئىشىغا بەكرەك يارىدى؟« دېگەن نۇقتىدىن تەھلىل قىلىش. ئۇ ھالدا 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بارغاندا بۇ ئۇسۇلنى قوللۇنۇشقا بولامدۇ-يوق، سىناپ كۆرەيلى.
موھىم نۇقتىلار شۇلار. ئەلقائىدەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى، يەنى، بۇ ئىگە چىقىش ئەمەلىي بولۇشتىن يىراق، ئەمما دىققەتنى جەلپ قىلىپ ئاشكارە جاكارلاندى. ئەسلىدە مۇسۇلمان دېگەن ئاللاھنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەردۇر. ياخشىلىقنى، ياردەمنى يوشۇرۇن قىلىشنىڭ ساۋابى تېخىمۇ يۈكسەك بولۇدۇغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. جاكالاشنىڭ رىيا بولۇشىنىمۇ بىلىدۇ. بۇ گەپ ھازىرچە شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن. ئەمدى ئىككىنچى موھىم نۇقتا تۈركىيەنىڭ بىزگە ئىگە چىقىشى ۋە ھەتتا بۇنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تىلغا ئېلىشى دىققەتنى چېكىدۇ. تۈركىيە خەلقى ھەققىدە گەپ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيىسىدىكى كەسكىنلىك ھەقىقەتەنمۇ بىر قەھرىمانلىق. ئۇلار (بەزىلەرنىڭ دېيىشى بويىچە مېنىڭ قېرىنداشلىرىم) ھەقىقەتەنمۇ دۆلەت مەنپەئەتىنى قايرىپ قويۇپ قېرىنداشلىق مىھرى ئۇرغۇپ كەتكىنىگە ھىسىياتىغا ئەگەشكەن ھالدا ئۆزىنى قويۇپ بېرىۋاتقاندىمۇ؟ بىلىمىزكى دۆلەت مەنپەئەتى شۇنداق نەرسىكى ئۇنىڭ ئۈچۈن مىليونلارنىڭ جېنى خۇددى پارچە پۇل. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن شۇنچە كۆپ ئىشى بارىكەن ئۆز ئىشىنى قويۇپ ھىسىياتنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ قېرىنداشلىق قەرزىنى ئورۇنداۋاتامدىغاندۇ؟ بۇ قانچىلىك ئىشىنەرلىكتۇر؟ يەنە بىر موھىم نۇقتا ئامېرىكىنىڭ تۇتۇمى. دېموكراتىيىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئەركىنلىكنىڭ ھامىسى دەپ سۈپەتلىنىدىغان ئامېرىكا يوقۇرىدا زىكرى قىلىنغان سۈپەتلىرىگە ئىشىنىدىغان ئىخلاسمەنلىرىنى ئۈمىدسىزلىككە پاتۇرۇدۇغان مەيدان ئىپادىلەپ، ئەكسىچە قاراشتىكىلەرنى تەستىقلىدى. ئەمدى ختايدىن ئىبارەت يەنە بىر باش رولدىكى ئارتىسنىڭ ئىككى ئىپادىسىگە دىققەت چېكىمىز. بىرى ختاي لىدېرىنىڭ موھىم بىر خەلقارا سەھنىنى تاشلاپ قوماندانلىق ئورنىغا قايتىشى. يەنە بىرى ھەرقاچانقىدەك جاللاتلىقىنى پەدازلاپ ئاۋارە بولماي ئاشكارە جاكالىشى. بۇنىڭدا كىمنىڭدۇر كېپىللىكىگە ئېرىشكەندەك ئىشەنچ بىلىنىپ تۇرۇدۇ. جاللاتبېشىنىڭ ئالدىراپ تېنەپ قايتىشى بۇ ئىشنىڭ قانچىلىك جىددىلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، يەنىمۇ كۆپ قان ئىچىدىغانلىقى ھەققىدىكى دادىل بايان، ئۇنىڭ ھىچنېمىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقى، دۇنيانىڭ نوچىلىرى ئۆزى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكى خۇسۇسىدىكى ئىشەنچ ئەمەسمىدۇر؟
كېيىن ئامېرىكىنىڭ بىلدۈرگەن ئىپادىسى ھەقىقەتەنمۇ شۇنى تەستىقلىدى: ئامېرىكا بۇ قەدەر قەتلىئامنى »خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى« دېيىش بىلەنلا قالماي، يەنە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ھەمكار، ئىستراتېگىيىلىك ئورتاق ئىكەنلىكىنىمۇ جاكارلىدى. ھەتتا 21 - ئەسىرگە خىتاي بىلەن ئورتاق رەڭ بېرىدىغانلىقىنىمۇ جاكارلىدى. بۇلارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەزەلدىن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەركەتلىرى ئۈچۈن ئىشىك ئېچىۋاتقان »ئەلقائىدە«نىڭ بىردىنلا »ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىپ« يوغان لاپلارنى ئېتىشىدىكى ئەسلى بەشىرىنى غىل - پال كۆرگەندەك بولۇمىز: ئىككى دۆلەتنىڭ دۈشمىنى ئورتاق — ئىسلام تېرورىزمى!
دۆلەتنىڭ قۇربانلىق قىلىش تۈرى ھەر خىل بولۇدۇ. ۋاقىتلىق قۇربان بېرىپ پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە ھەسسىلەپ ئۆتنىسىنى ئېلىش. بىرلا قېتىم پايدىلىنىلىدىغان قۇربانلىق. كېيىنكىسىدە بىرلا قېتىم قۇربانلىق قىلىۋېتىپ ئۇنتۇپ كېتىلىدۇ. مەسىلەن 5- ئىيۇل ۋەقەسىدە بىز قۇربانلىق قىلىندۇق. ئەگەر بۇنى ئېتىراپ قىلىدىغان بولساق ئەمدىكى ئىش قايسى تىپتا قۇربانلىق قىلىنغىنىمىزنى چۈشۈنۈۋېلىش بولۇدۇ. ئەگەر بۇنى ئايرىۋالالمىساق يولۇمىزنى تاپالماي قالىمىز.
ئەمدى كىشىلەر ئارىسىدا دائىمىي دېگۈدەك تەكرارلىنىپ تۇرۇدىغان بەزى مۇلاھىزە مېتودلىرى ھەققىدە ئىككى ئېغىز توختۇلۇپ ئۆتەي:
قانلىق ۋەقەلەرنى خىتاي ئۆزى تەشكىللەيدۇ، قىرغىنچىلىق ئۈچۈن باھانە تاپىدۇ دېگۈچىلەر ئىككى نۇقتىدا خاتالىشىدۇ: بىرى، ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا چىداپ ئولتۇرۇۋېرىدىغان يۈزى قېلىن، ئەركەك تۈكى يوق مىللەت دېگەن بولۇدۇ. ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ »بېشىنى ھەرە چېقىۋالغان« دېگەن بولۇدۇ. چۈنكى خىتاي مۈمكىن بولغىنىچە ئاۋازىمىزنى سىرتقا ئاڭلاتماي، ئۇيغۇر دېگەننى دۇنياغا ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىش كويىدا تۇرسا، قانداقمۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىشلارنى ئۆزى قىلار؟
ئەمدى توردا يېقىندا كۆرگەن بىر مۇلاھىزە ھەققىدە بىرنەچچە ئېغىز توختۇلاي:
بىر ئەپەندىم ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۈگۈنى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىپتۇ. تەھلىلچىنىڭ تەھلىلىدىن مەسىلە تېپىلمىغۇدەك دەرىجىدە ياخشىكەن. ئەمما خۇلاسە تەھلىل قىلىنغان ۋەزىيەتكە كۆرە تامامەن تەتۈر بولۇپتۇ. يەنى، ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى، خىتاينىڭ كۈچەيگەنلىكى، پاكىتلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ ھالدا ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ تو يىمەيدىغانلىقى، بۇ قېتىمقى ئوباما زىيارىتىدە بۇ ھالنىڭ ئېنىق ئىپادىلەنگەنلىكى، خىتاينىڭ ئۇ قويغان مەسىلىلەرگە بەك پىسەنت قىلىپ كەتمىگەنلىكى، بۇرۇنلاردا بۇنداق بىر ئامېرىكا رەئىس جۇمھۇرى ئەمەس، بىرەر مىنىستېر ئۈچۈنمۇ يالاقچىلىق قىلىپ كېتىدىغانلىقى،... بۈگۈن بولسا خىتايغا ئىھتىياجلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاچقا، گېپىنىڭ بەك تو يىمىگەنلىكى،... قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ-يۇ، ئەمما تېنچلىق بىلەن، خەلقارانىڭ خىتايغا بېسىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق داۋا ئېلىپ بېرىشنى، »قاننىڭ قاننى يۇمايدىغان«لىقىنى دەپتۇ. بۇ قانداق مەتۇ خۇلاسە؟
ئەگەر غەرپنىڭ خىتاينى زورلىغۇدەك ماجالى يوق بولسا، يەنە قانداق قىلىپ بۇ تېنچلىقچىلىق كېرەككە كېلىدىكىنە؟
ئادەتتە كۈچ نىسبىتى تەڭ بولغان ئىككى تەرەپ بولسا، بۇلارنىڭ بىرى ھىچقاچان قارشى تەرەپنىڭ سىياسىي بېسىمى بىلەن يول قويمايدۇ. يامىنىغا كەلسە تۇتۇشۇپ باقساق بولۇدۇغۇ دەپ قارايدۇ. پەقەت، بىر تەرەپ بىرنەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولسا، ئۇنىڭ بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش يەنە بىر تەرەپ ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز بالا - قازا دېمەك بولغاندىلا، كۈچلۈكى ئاجىزغا پەقەت ھۆكۈرەپ قويسىلا، ئۇنىڭ تەلەپلىرىگە بويۇن ئىگىشى مۈمكىن.
بەزىلەر »ئاپتونومىيەچىلىك« سەپسەتىسىگە ئاساس قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تېنچ ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىنى مىسال قىلىشىۋاتىدۇ. شۇنداقلا دۇنيادا باشقا بىرسىنى ئازات قىلىپ قويۇدۇغان بىر خالس دۆلەتنىڭ بولمايدىغانلىقى پىكرىمىزگە قارشى 2- دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە »ئامېرىكىنىڭ ياۋروپانى ئازات قىلىپ قويغانلىقى«نى پاكىت قىلىپ قويۇشۇۋاتىدۇ. ئەمدى مۇشۇ ئىككى مەسىلە ھەققىدە توختۇلۇمىز:
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە پۈتۈن ياۋروپانى دېگۈدەك بېسىۋالدى. ئامېرىكا دەسلەپتە بۇ ئۇرۇشقا ۋاسىتىلىك قاتناشتى. يەنى پاراخوت ئىجارە بېرىش قانۇنى ماقۇللاپ، ئەنگىلىيىنى ھەربىي ۋە لوژىستىك دەستەك پاراخوتلىرى بىلەن تەمىنلىدى. ئەمما ئامېرىكىدىكى يىراقنى كۆرەر سىياسىئونلار بۇنداق ۋاسىتىلىك قاتنىشىش بىلەن پەقەت ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنىڭ يۇندىسىغىلا ئېرىشىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. يەنە ئۇلار گېرمانىيەنىڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتىنىمۇ كۆرەلىگەن ئىدى. ئامېرىكا ئۈچۈن دۇنيانىڭ بۈيۈك كۈچى بولۇپ سەھنىگە چىقىش ئۈچۈن ئالتۇندەك پۇرسەت تۇراتتى: ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا ئۇرۇش بولۇۋاتقاچقا، ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىدە پۈتكۈل سانائەت ۋەيران بولاتتى؛ ئىشلەپچىقىرىش مىخانىزىمى يېمىرىلەتتى؛ سوتسىيال ھايات تامامەن ئىزدىن چىقاتتى. ئەمما ئامېرىكا ئۇزاقتا بولغاچقا — ئۇرۇش ئۇنىڭ زېمىنىدە بولمىغاچقا بۇ پۇرسەتتە ئۇرۇش سانائىتى گەۋدىلىك تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە باشقا سانائەتلىرىمۇ ئالغا باساتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن ۋەيران بولغان ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ قولىغا قاراشلىق بولۇپ قالاتتى. بۇنداق پايدىلىق ئىستىقبال كۈتۈپ تۇرغاندا بۇ ئۇرۇشقا قاتناشماي بولامدۇ؟
گېرمانىيە بولسا ئامېرىكىنىڭ بىر چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە بۇ ئۇرۇشقا قاتناشسا، .ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ئۆزىگە پايدىسىز بولۇشىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن باھانە بولۇپ قېلىش ئىھتىمالى بولغان ھەرقانداق سەھۋەنلىكتىن ساقلىنىشنى بەلگىلىگەن ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسىمۇ، ئامېرىكا پۇخرالىرىغا ئۇرۇش رايونلىرىغا ساياھەتكە بارماسلىق ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك بۇنداق پۇرسەتنى كەتكۈزىۋەتسە بولمايتى. شۇڭا سۈنئىي ئۇسۇلدا باھانە تېپىپ بولسىمۇ چوقۇم بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى تەخىرسىز زۆرۈرىيەت بولۇپ قېلىۋاتاتتى.
بۇنداق پۇرسەتمۇ كەلدى. گېرمانىيە تەرەپنىڭ توختاۋسىز ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، ئامېرىكىنىڭ بىر ساياھەت پاراخودى يۈزلىگەن ئامېرىكىلىقنى ئېلىپ، ئەنگىلىيە بوغۇزىدا (كى ئەنگىلىيە بوغۇزى مىنالاشتۇرۇلغان ۋە ئىككى تەرەپ كۈچلىرى دايىم سۇ ئۇرۇشى قىلىپ، توقۇنۇشتىن خالى بولمايۋاتقان خەتەرلىك يەر ئىدى) تەمتىلەپ يۈرۈپ، ئاخىرى بەختسىزلىككە ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىش يولى ئېچىلدى!
ئۇرۇشتىن كېيىن »ئۆيدە سوققان چوت بازارغا تازا توغرا كەلدى«. ياۋروپا ھالسىرىغان ئىدى. سانائىتى يېمىرىلگەن، قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئون يىللارنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك ئىدى. بۇ چاغدا ئامېرىكا ئاتوم بومبىسىغا ئىگە قۇدرەتلىك دۆلەت سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان ئىدى. ياۋروپانىڭ ھەممە ئىھىتىياجىنى ئامېرىكا قامدايتى، بۇ ياخشى بازار بولۇش بىلەنلا قالماي، دۇنياغا خوجا بولۇشنىڭمۇ بىرىنچى ئەمەلىي قەدىمى بولۇپ قالغان ئىدى. مانا شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكا قوشۇنلىرى ياۋروپادا پۇت دەسسەپ تۇرۇۋېلىش ئىمكانىيىتى قازاندى. شۇنى كەسكىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولۇدۇكى، ئەگەر 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشمىغان بولسا، ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالغا كېلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئاسارىتىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھىس قىلغان فرانسىيە رەئىسجۇمھۇرى دې گول، ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرۇشنى ئويلاپ تاپتى. چۈنكى، ياۋروپادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت يەككە دۆلەت سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي كونتروللۇقىغا مەيدان ئوقۇيالمايتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئەسلى غايە بۇ ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ دەسلەپكى چاغلاردا (دې گول ھايات ۋاقتىدا) ئەنگىلىيەنىڭ بۇ ئىتتىپاققا كىرىشىگە شىددەتلىك قارشى تۇرۇلغان. دې گول ئەنگىلىيەنى »ئامېرىكىنىڭ ترۇۋا ياغاچ ئېتى« دېگەن ئىدى (ئەمەلىيەتمۇ بۇنى تەستىقلاۋاتىدۇ).
دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن قۇتۇپلىشىش، ئامېرىكىنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا »دۈشمەن« ۋەھىمىسى باھانىسى بىلەن ياۋروپادا تۇرىۋېلىشى، ھەربىي سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا خەلقنىڭ مايىللىقىنى قازىنىش باھانىسى بولۇپ خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە دۇنيانىڭ بىردىن بىر خوجايىنى بولۇش غايىسى ئۈچۈن توسالغۇ كۈچ رولىنىمۇ ئوينىدى.
ئىككى لاگىر باشقىلارنىڭ جېنى ۋە ئامانلىقى بەدىلىگە كورىيەدە، ۋېتنامدا تۇتۇشتى. قارىماققا كوممۇنىزىم لاگىرى غەلىبە قىلدى. ئەمما ئۇلار ئىقتىسادىي جەھەتتە كىرىزىسقا پاتۇرۇلدى. كېيىن ئۇلار ئافغانىستاندا ئۇچراشتى. رۇسلارنىڭ ئىسسىق دېڭىزغا ئۇلۇشۇش ئارزۇسى تاكى پېتېردىن تارتىپلا كۈتەرتىپتە ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇلاشماقچى بولغان ئىسسىق دېڭىزى پارس قولتۇقى ئىدى. پارس قولتۇقى غەرپنىڭ خۇسۇسەن ئامېرىكىنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى تۇرسا، بۇنىڭغا يول قويغىلى بولامدۇ؟ خىتايلارچۇ؟ خىتايلار تاكى لياۋدوڭ يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىن ۋېتنام چېگرىسىغا قەدەر سوۋېت ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى. پەقەت غەرپ تەرەپتە پاكىستان بىر كارىدور بولۇپ بۇنىڭدىن مۇستەسنا دېيىلسىمۇ، ئافغانىستاننىڭ مۇنقەرز بولۇشى پاكىستان »كارىدورى« نىمۇ تاقايتى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېتنىڭ بىۋاسىتە قورشاۋىدىن سىرت يەرلىرى، سوۋېت تەرەپدارى دۆلەتلەرنىڭ قورشاۋىدا بولاتتى. شۇڭا خىتايلار ئىسلام ئەللىرىگە ئىسسىق كۆرۈنۈش، ئۆزىنىڭ ئىسلام دوستى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن دىپلوماتىيە نەيرەڭلىرىنى باشلاش بىلەن بىرگە، ئىلگىرى تاقىۋېتىلگەن جامىلەرنى ئېچىپ بېرىش، دىنىي مەكتەپلەرگىمۇ كۆز يۇمۇشتەك ئىچكىي سىياسەت يۈرگۈزدى. شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە ئافغانىستان قارشىلىق كۆرسۈتۈش كۈچلىرىگە ياردەم بەردى. ئامېرىكا تىك ئۇچارلىرى قەشقەردىن ياردەم بۇيۇملىرى توشۇدى؛ يەنە ۋەتىنىمىزدىن نۇرغۇن خېچىر توپلۇنۇپ، ئافغانىستاننىڭ تالىقلىرىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى قىلىش ئۈچۈن ۋاخان كارىدورىغا توشۇلدى. »ئافغانىستان پارتىزانلىرى« قاغىلىقتا تەربىيىلەندى؛ بىرنەچچە يۈز ئۇيغۇر ياش »ئافغانىستان پارتىزانلىرى«غا قوشۇۋېتىلىش ئۈچۈن پاكىستاندا تەربىيىلەندى.
ئامېرىكا بۇ ئىشقا ئاز ساندىكى مۇتىخەسىسلەرنى بۇيرۇش بىلەن چەكلەندى دېيىشكىمۇ بولۇدۇ، يەنى »ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا، بۇنىڭكىنى ئۇنىڭغا كەيدۈرۈش« بىلەن بۇ ئىشتىمۇ غالىپ تەرەپنىڭ ئەڭ موھىم ۋەكىلى بولۇۋالدى: ھىچقانداق قورال-ياراق ياكى باشقا ئىقتىسادىي ياردەم قىلمىدى. پەقەت ئوتتۇرىدا بىر كېلىشتۈرگۈچى بولۇپ، مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادى، پاكىستان زېمىنىنى ئىشلىتىپ، مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى ھاكىمىيەت ئۆكتىچىلىرىنى »مۇجاھىد« سۈپىتىدە تەربىيىلەپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىشتەك »بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش« ئويۇنى ئوينىدى. خەۋپلىك ئۆكتىچىلەرنى بۇ يەردە تەربىيىلەپ، ئۇرۇشقا ئەۋەتىپ ھەم ئىتتىپاقداشلىرىنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلدۇردى، ھەم ئافغانىستان ئالدىنقى سېپىنى ئادەم كۈچى بىلەن تەمىنلىگەن بولدى. ئەرەپ ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى بولسا، نۇرغۇن ئۆكتىچىلەردىن »شاھادەت شەربىتى ئىچىشكە يول ئېچىپ بېرىش« ئارقىلىق قۇتۇلدى!
ئۇرۇشقا قاتنىشىش — ھىچقاچان ھىسسىداشلىقتىن بولمايدۇ، بەلكى مەلۇم مەنپەئەت تامايىدىن بولۇدۇ. چۈنكى شۇ ئۇرۇشتا غالىپ تەرەپتە بولۇپ قالالىسا، بۇنىڭ ناھايىتى كۆپ مەنپەئەتى بار. تۈركىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشقا ساناقلىققا كۈنلەر قالغاندا سىمۋوللۇق ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، گېرىتسىيىگە ئەسكەر كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ غالىپلار سېپىنىڭ رەسمىي بىر ئەزاسى ھىساپلانمىدى. شۇڭا سىياسەت تارىخچىلىرى بۇ تارىخنى ھەسرەت بىلەن تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، شۇ زاماندىكى سىياسىيونلارنى بىلىمسىزلىك، جۈرئەتسىزلىك جەھەتتىن ئەيىپلەيدۇ. تۈركىيە ئۇرۇشتىن مەنپەئەت ئېلىشنى بىلمەيتىمۇ؟ تازا بىلەتتى. ئەمما قايسى تەرەپ غالىپ بولۇدۇغانلىقىنى تولۇق مۆلچەرلىيەلمىگەچكە، قايسى تەرپكە قاتنىشىشتا قارارسىز ئىدى. ئۇرۇشنىڭ غالىپ تەرىپى تامامەن مەلۇم بولغاندىن كېيىن قاتناشقاچقا، باشقىلار بىلەن تەڭ مىقداردا پايدا ئالالمىغان بولسىمۇ، مانا شۇنىڭ خاسىيىتىدە ياۋروپالىقلار نەزىرىدە بىر ئىتتىپاقچى بولۇپ كۆرۈندى ۋە كېيىن كورىيە ئۇرۇشىغا ئەسكەر چىقىرىشتەك تارىخىي قارار بىلەن »شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى«غا ئەزا بولدى. بۇ ئۇنىڭ دائىمىي سوۋېت تەھدىدى ئالدىدىكى ئىشەنچلىك كاپالىتى بولۇپ قالدى.
سىياسىنىڭ قانداق بىر رەزىل ئويۇن ئىكەنلىكىنى، ھىسىياتنى ئەمەس، مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى »دېڭىزدىن تامچە« سۈپىتىدە سۈرەتلەشكە تىرىشتۇق.
دېمەك، زىكرى قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۈگۈنكى كۈندە يېڭى بىر دۆلەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىشى ئۈچۈن دۇنيا كۈچ نۇقتىلىرىدىن بىرىنى ھىمات قىلىش ياكى ئىنتايىن ئۇستۇلۇق بىلەن ۋاكۇۇمدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدە، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئورنى ۋە پەن-تېخنىكا پاتېنتلىرى رول ئوينىغان بولسا، يەنە بەزى دۆلەتلەر تامامەن بىرىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇش ھىسابىدا مەيدانغا كەلدى (موڭغۇلىيە). دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ مەخسىدىگە ئۇيغۇن يۆنلەندۈرۈشنىڭ نۇرغۇن مىساللىرى بار. بۇلاردىن بىرى دەل يەھۇدىي تىرىلىش ھەركتى (زىئونىزىم) بولغان بولسا، يەنە بەزى دۆلەتلەر كۈچىيىش ئۈچۈنمۇ ھەر خىل باھانە – سەۋەپلەردىن پايدىلىنىدۇ. بۇ شۇ دەۋىردىكى سىياسىيوننىڭ ماھىرلىقىغا مۇناسىۋەتلىك.
مەسىلەن: يېڭى قۇرۇلغان »جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى« — »يېرىم فىئودال، يېرىم مۇستەملىكە« دۆلەتنىڭ خارابىسى ئۈستىدە قۇرۇلغان ئىدى. سانائىتى قالاق، ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىز ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ماۋزېدوڭنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش ئىشتاھاسى بار ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆز مۇددىئاسىغا ئۇيغۇن ھەركەتكە كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقارا ياكى رايون خاراكتېرلىق كىرىزىس — توقۇنۇش كېرەك بولاتتى. ماۋزېدوڭ بۇنى شىمالىي كورىيەنى كۈشكۈرتۈش ئارقىلىق روياپقا چىقاردى. »ئارقاڭدا مەن بار« دەپ مەدەت بېرىش ئارقىلىق، شىمالىي كورىيەنى جەنۇپقا قارشى كۈشكۈرتۈپ، كورىيە ئۇرۇشىنى سۈنئىي بارلىققا كەلتۈردى. ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقى »كوممۇنىزىم لاگىرىنىڭ بىر ئەزاسىنى قوغداش«قا مەجبۇر بولدى. ئادەم مەنبەسى زور بولغان خىتاي بىلەن كېڭىشىلدى. ماۋ ئادەم بولغان بىلەن قورالىمىز يېتەرسىز، ھەربىي سانائىتىمىز يوق، دەپ سوۋېتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ياردىمىنى زۆرۈرىيەت ھالىتىگە كەلتۈردى. شۇنداق قىلىپ خىتاي ئارمىيىسى زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇلدى؛ ھەربىي سانائىتىنىڭمۇ ھۇلى سېلىندى.
ماۋ ئاتوم بومبىسىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كەلدى. ماۋزېدوڭ بۇنىڭ ئۈچۈن »سوتسيالىزىم لاگىرى يادرو تەھلىكىگە دۇچ كەلگەن« بىر ۋەزىيەتكە مۇھتاج ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر يادرو دۆلىتى بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىش ۋەزىيىتى پەيدا قىلىشى كېرەك ئىدى. كۆز ئالدىدا بىر ياخشى كوزۇر بار ئىدى: ئامېرىكا ھامىيلىقىدىكى تەيۋەن! 1957 – يىلىدا تەيۋەن بوغۇزىدا پەيدا قىلىنغان جىددىيلىكنىڭ پەردە ئارقىسىدا ماۋنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئېرىشىش ئارزۇسى ياتاتتى. تەيۋەننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتلىرى دەل ماۋنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى. بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن سوۋېت ئىتتىپاقى دەرھال خىتايغا ئاتوم بومبىسىنىڭ تېخنىكىسىنى بېرىشنى قارار قىلدى!
بۈگۈنكى كۈندە غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلانغاندەك كۆرۈنۈۋاتقان ئىراننىڭ غەرپكە قارشى دادىل-دادىل سۆزلىيەلىشىدە ئىككى سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن: يا، بۇ سۆزلىنىۋاتقانلار شەكىل، يەنى بۇ بىر خىل كەلگۈسى پىلاننى پەردىلەش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان شەكلىي دۈشمەنلىك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىراننىڭ بۈگۈنكى ھۆكۈمىتى بىلەن غەرپ ئارىسىدا يوشۇرۇن بىرلىك بار، پەقەت رايون خەلقى قايمۇقتۇرۇلۇۋاتىدۇ؛ ياكى، ئىران، ئامېرىكىنىڭ يەككە ھالدا دۇنيانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلىتى بولۇش پىلانىدا ئۆكتىچى بولۇۋاتقان يەنە بىر كۈچ نۇقتىسى رۇسىيەنىڭ ۋە خىتاينىڭ دەستىكىنى ئۆزىگە ھىمات قىلغاچقا مانا شۇنداق ۋارقىراپ جارقىراۋاتىدۇ. شۇ خۇلاسىگە كېلىش مۈمكىن: غەرپ كۈچلىرى ئىرانغا ھۇجۇم قىلمايدۇ! چۈنكى ھەر ئىككى خىل ئىھتىماللىق بۇنداق بىر نەتىجىگە ئېلىپ بارمايدۇ.
ئاجىزلىقىمىز تۈپەيلى بىرىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرمايمىز، خەققە كوزېر بولمايمىز، دېيەلمەيمىز. ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىمۇ ئۆز ئىرادىمىزگە كۆرە بەلگىلىسەك بولۇدۇغان تەرەپلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۆزىمىز بەلگىلىمىسەك، ھەممىنى »ئاغىمىز ياكى يېزنىمىز بىز ئۈچۈن ئويلايدۇ« دەپ باشقىلارغا تاشلاپ قويساق، كوزېر بولۇپمۇ بەك يارىماس، بەك ئېتبارى يوق كوزېر بولۇپ قالىمىز.
ئەگەر بىز ئۆز ھەركىتىمىز ئارقىلىق كۆزگە چېلىققان، كېيىن باشقىلارنىڭ دىققىتى قوزغۇلۇپ، »ھە، بۇنى ئۆز مەنپەئەتىم ئۈچۈن مۇنداق پايدىلانمايمۇ؟« دەپ باشقىلار ئىزدەپ كېلىپ ياردەم تەكلىپ قىلغان بولسا، بىزنىڭ شەرت قويۇش ئىمكانىمىز بولۇدۇ؛ رەت قىلىش ئۈچۈنمۇ تىلىمىز بولۇدۇ. ئەگەر باشقىلار ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىر كوزېرغا ئىھتىياجى بولۇپ، ئۆزلىرى تەشۋىق ۋە پەرۋىشلەر بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن بىر توپ بولۇپ قالساق، تامامەن باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشقىلا مەجبۇر ھالدا بولۇمىز. ئۇ خالىغان چاغدا قۇربانلىق قىلىدۇ، خالىسا »ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى« دېگەندەك، ئاغزىمىزغا »دېمىدە سۈيى« تېمىىتىپ قويۇپ، تۇتۇپ تۇرۇدۇ. ھەر ئىككىلىسىدە يەنە سىياسىي سەۋىيە، سىياسىي سەزگۈرلۈك مەسىلىسى ناھايىتى موھىم. بىر سىياسىي گۆدەك ئالدىنقىدەك ئەھۋالدىمۇ تامامەن قۇچاقتىكى بوۋاققا ئايلىنىپ قېلىشى مۈمكىن؛ بىر ھەقىقىي سىياسىيون كېيىنكى ئەھۋالنىمۇ بىر ئاز ئۆزگەرتىپ »بىرەر قولى ياكى پۇتى«نى كونترولدىن چىقىرىۋېلىشى مۈمكىن.
بىزنىڭ بۈگۈنكى خەلقارا شەرتلەر ئاستىدا ئەھۋالىمىزنىڭ بەكلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. ھەرقانداق مەنزىلگە ئېلىپ بارىدىغان يول بولماي قالمايدۇ. مەسىلە بىزنىڭ يولنى تاپالىشىمىزدا. يول تېپىش ئۈچۈن قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش زۆرۈر. ھەرگىزمۇ ئىچكىي - تاشقىي شەرتلىرى ھىچ ئوخشىمايدىغان باشقا خەلقلەرنىڭ يوللىرىنى زورۇقۇپ دورىماسلىق كېرەك. سىياسەت ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىدىغان بىر گورۇپپا ئادەملىرىمىز بولغاندا، ئىزچىل تەتقىقات نەتىجىسىدە بۇنداق بىر يول تېپىلماي قالمايدۇ. موھىمى، كىچىك پېئىللىق بىلەن ئىزدىنىش روھىمىز بولۇش بولماسلىقىدا، ئۆگۈنۈش روھىمىمىزنىڭ بولۇش - بولماسلىقىدا.
|
باھالىدى
on 2010-05-06 17:14:28 bak yahshıkan alla razı bolsun.......... | باھالىدى xtp on 2010-08-20 16:48:17 shu bızga bash pana bırıwatkan garıp allırı.. bashka bır maydanda bashkılarnı tırorqı tırorıst dıgan bılan, bıznıng hıtayga karshı tırorqı bulalmatkanlıkımızdın zırıkıp kıtıowatkan bulıshımumkın. harkandak bır dawlat bıznıng hıtayga karshı tıror kılıshımıznı ashkara kollımaydu...lıkın kılsak kurmaska salıdu yakı mahpı yardam kılıdu...mınıngqa bızga panalık bıralıgan dulatlarnıng hammısı dıgudak bıznıng shundak kılıshımıznı halaydu wa tut kuz bılan kutıwatıdu. karangla, man tırorqı amas dıgan uygurnı qaysı dawlat nımıga kırak kılıdu.? |
|