header image
باشبەت arrow ماقالە ئارخىپى arrow ئىلمىي ئەسەرلەر arrow !ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتەيلى
!ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتەيلى PDF بېسىش E-mail
201020سائەت04/20/10ئاپرىل

images/stories/12.jpgئىنسان ئۆز- ئۆزىنى ياكى باشقا ئىنسانلارنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ بۇنىڭغا بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئەلۋەتتە! دەپ جاۋاپ بېرىلىدۇ. ئەمما، قانداق؟ گەپ مانا شۇ يەردە. ھۆكۈمنى كەسمەكقۇ ئاسان، ئەمما ئۇنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇدۇغانلىقى مەسىلىسى، جىددىي تەرەپ

ئىنسانلارنى مەخسەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە ئۆزگەرتكىلى بولۇدۇغانلىقى ھەققىدە باشقا ماقالىلىرىمدا مىساللار بېرىپ توختالغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ يەردە يەنە ئۇنى دەلىللەشكە ئۇرۇنمىساممۇ، بۇ مەسىلە ھەل دېيىشكە بولۇدۇ. ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىقى ئۆزگەرتىلگەنلىكىمىز ئەقىللەردىن ئۆتسىلا بۇنىڭدىن نېمە قىلىشىمىزنىڭمۇ ئۇپۇقى كۆرىنىدۇ. يەنى، دۈشمەن ئۆز غايىسىگە ئۇيغۇن شەكىلگە كەلتۈرگەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئەكسىنى نېمىشكە قىلغىلى بولمىسۇن!؟ يەنە بىر تەرەپمۇ بار: قايسى تەرەپلىرىمىزنى ئۆزگەرتىش مەسلىسى. تەبىئىيكى، نۆۋەتتە سىياسىي غايىمىزگە يېتىش يولىدا ئەڭ چوڭ توسالغۇ رولىنى ئويناۋاتقان ئاجىز تەرەپلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. بۇنداق بىر ئابىستراكىت جاۋاپمۇ يەنە ئانچە كۈچ كەتمەيدىغان ئاسان نەرسە. گەپ بۇنىڭ كونكرېت جاۋاپلىرى: ئەڭ ئەجەللىك ئاجىز ھالقىلىرىمىز قايسىلار، ئەڭ ئەۋەل تۈزىتىشكە تېگىشلىكى قايسىلار،... بۇلارغا جاۋاپ بېرىش بىر ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس؛ ھېچ بولمىغاندىمۇ، بىر ماقالىدا پۈتكۈزگىلى بولىدىغان ئاددىي ئەمەس. بۇلارغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە، ئوقۇغانلىرىمدىن ھاسىل بولغان ئىلھام ئارقىلىق كۆڭلۈمدە شەكىللەنگەن ۋە ھايات تەجرىبىلىرىم، كەچمىش-كەچۈرمىشلىرىمگە سېلىشتۇرۇپ، ھىسسى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى تېزىسلىرىمنى سۇنىمەن.

      تەشكىلاتلىنىش مەسىلىسى

تەشكىلاتلىنىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن بەزى ماقالىلاردا ئىلگىرى بۇ جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشقان ۋە تەشكىلاتلىنىشنىڭ زۆرۈرىي شەرتلىرى ھەققىدە يۈزە توختالغان ئىدىم. بۇ مەسىلە بىزنىڭ سىياسىي غايىمىز يولىدىكى ئەڭ موھىم ئىشلاردىن بىرى بولغاچقا، بۇ تېمىدا داۋاملىق ئىزدىنىش، چوڭقۇرلاپ بېرىش زۆرۈرىيىتى بار. ھەرقانداق بىر كوللىكتىپ، مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن تەشكىلاتلىنىش شەرت ئىكەن، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ ئەپلەشمەسلىكىنى مانا شۇ جەھەتتىكى ئاجىزلىقىمىزغا ئارتماي تۇرالمايمىز. بىز يا ھېچ تەشكىلاتلىنالمايۋاتىمىز، يا تەشكىلات قۇرغاندەك قىلساقمۇ، ئاشۇ دەسلەپكى رامكىسى پېتى، خۇددى يىگىلەپ قالغان ئۆسۈملۈكتەك، زورىيالماي توختاپ قالىمىز.

بۇنىڭدا بىرمۇنچە ئامىل بار ئەلۋەتتە. تەشكىللىگۈچىنىڭ نىيىتى ۋە ئىقتىدارى مەسىلىسى، نوپۇز مەسىلىسى، تەشكىلاتقا قاتناشقانلاردا نىيەت، ساداقەت مەسىلىسى،...

گىتلېر مۇنداق دېگەن: «(لىدېر) ئاساسىي كۆز قاراشلار نۇقتىسىدىن بىر قېتىم خاتالىشىش سەۋەپلىك، ئىككىنچى قېتىم يەنە شۇ خاتانى تەكرارلىشى مۈمكىن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ لىدېر پۇخرالارنىڭ ئىشەنچىنى قازىنىش جەھەتتە ياكى ئۆزىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش جەھەتتە تامادا  بولۇشقا ھەققى يوق.» «سىياسىي لىدېر ئۈچۈن مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە دىنىي مۇئەسسەسەلىرى ھەرقاچان قول تەككۈزۈلمەس بىر ھالدا قېلىشى كېرەك. »

«تەشكىلاتچى ھەممىدىن بۇرۇن بىر پىسخولوگ بولىشى كېرەك. تەشكىلاتچى ئىنساننى بولغىنىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇ جەھەتتىن تەشكىلاتچى ئىنساننى بىلىشكە مەجبۇردۇر. تەشكىلاتچى ئىنساننىڭ قىممىتىنى كىچىك كۆرمەسلىكى كېرەك، زىيادە چوڭ كۆرمەكتىنمۇ ساقلىنىشى كېرەك. تەۋرەنمەس ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىشى شەرت بولغان تەشكىلاتچى بىر ئىدىيىنى يايماق ۋە ئۇ ئىدىيىنى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان يولنى ئېچىشقا قابىل ئىنسان توپىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشى زۆرۈرىدۇر.» [1]

تەشكىلات زورۇيۇش ئۈچۈن ئىنسانلارنى داۋاملىق ئۆزىگە تارتالايدىغان سىرلىق كۈچكە ئىگە بولىشى كېرەك؛ ئىنسانلاردا ساداقەت تىكلىيەلىشى كېرەك. بۇلارغا قانداق ئېرىشىلىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ساداقەت بەرپا قىلغىلى ۋە ئۇنى ئۆڭمەس شەكىلدە ساقلىغىلى بولۇدۇ؟ بۇلارنى بەزى ئىزدىنىشلىرىم ئارقىلىق يورۇتۇشقا تىرىشىپ كۆرىمەن. ئالدى بىلەن تەشكىللەشنىڭ سىرى نېمىدە ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

تەشكىللەشنىڭ سىرى نېمىدە؟

«پىسخولوگىيىلىك شەرتلەندۈرمىگە ئاساسلانغان ... تەربىيە (مائارىپ)، كاندىداتلارنى پۈتۈن مەنىسى بىلەن غەلىبە قىلىشقىلا باغلانغان بىر كوماندا ئويۇنچىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئومۇمەن، شەخسىيىتى كېيىنكى ئورۇنغا چۆرۈپ تاشلىنىپ، ھەتتا بەزىدە تامامەن يوق قىلىنىپ، قىممەتلىك بىر ‹كوماندا ئەزاسى› بولۇپ قالىدۇ.

«كىشىلەر، پىدائىيلىق بىلەن شەخسىيىتىدىن ۋە ئۆزىگە خاسلىقىدىن ۋاز كەچكەن ھامانلا، ئۆز تەقدىرىنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان گورۇپپا بىلەن چىڭ باغلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ ۋە ئەڭ خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆز خاھىشى بىلەن قوبۇل قىلىشقا تەييار ھالغا كېلىدۇ. بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ ئەڭ قىيىن شارائىتلاردا، ئۆزىنى گورۇپپىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىشتىن قاچمايدىغان ھالغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولۇدۇ.

«بۇ ئۇسۇل بىلەن نورمال بىر كىشىنى، قانخۇمار بىر تېرورىست، ... خەتەرلىك ۋە مەخپىي توپقا سادىق مالايغا ئايلاندۇرغىلى بولۇدۇ.

«ھىچ شۈبھە يوقكى، قۇربان بېرىشنىڭ ئەڭ چوڭى كىشىنىڭ مۇستەقىل كىشىلىكىدىن ۋاز كېچىشىدۇر. ۋاھالەنكى، گورۇپ غايىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇندى، ئۇنداقكەن گورۇپپىنىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇنۇلۇدۇ ۋە نىشانلىرىنى قوللاش كېرەك.»

دۇنيادىكى بارلىق مەخپىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى، «ئەزالىقىنىڭ بېرىسىدە، ھاياتىنىڭ كۆپ ھاللاردا كۆرۈنمىگەن بىر ئوقتىن، بىر زەنجىرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئۈستۈن كۈچ تەرىپىدىن ئىش- ھەركىتى بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلىشقا باشلايدۇ.[2]»

«شەخس ھاياتىنىڭ قۇربان بېرىلىشى ئىرق ھاياتىنىڭ داۋامى ئۈچۈن زۆرۈرىدۇر.

« ئەمەلىيەتتە دۆلەتلەرنى ياراتقان ۋە ياشاتقان قۇۋۋەتلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكى سورالسا، بۇلارنى شۇ ئىپادىلەرگە جەملەش مۈمكىن: شەخسنىڭ جامائەت ئۈچۈن پىداكارلىق روھى ۋە ئىرادىسى. بۇ پەزىلەتلەرنىڭ ئىقتىساد بىلەن ھېچقانداق ئورتاق تەرىپى يوقلۇقى مۇنداق بىر ئاددىي ئىش بىلەن ئاڭلىشىلىدۇ: ئىنسان ھېچبىر زامان ئىقتىساد ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلمايدۇ. يەنى، ئىنسان بىر ئىش ئۈچۈن ئەمەس، بىر ئىدىئال ئۈچۈن ئۆلىدۇ.[3]»

بۇ نەقىللەردىن شۇلار خۇلاسىلىنىدۇ:

سادىقلىق شەخسلىكنىڭ يوقۇلىشى؛ شەخسنىڭ ئۆزىنى مەلۇم گورۇھقا ياكى مەلۇم كوللىكتىپقا تەۋە دەپ بىلىشى؛ شەخسنىڭ كىچىكلەپ يوقۇلىشى، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بىر كوللىكتىپقا باغلىق بولۇشتا ئىكەنلىكىنىڭ تولۇق ئېتىراپى.

تەشكىللىنىش (ياكى تەشكىلىي «باغ»نىڭ مەھكەم بولىشى) ئۈچۈن شەخسىي ئۆزلۈكنىڭ تۈگىشى ئەڭ بولمىغاندىمۇ مىنىمۇمغا چۈشۈشى شەرت. كوللىكتىپ ئۆزلۈكنىڭ كۈچىيىشى شەرت.

ئىزاھ: «ئۆزلۈك» ئىككى تۈرلۈك بولۇدۇ: بىرى «مەن»دىن ئىبارەت شەخس ئۆزلۈكى؛ يەنە بىرى كوللىكتىپ ئۆزلۈك («بىز» — بىر مىللەت، بىر دۆلەت، بىر پارتىيە-گورۇھ، بىر ئىجتىمائىي-سىياسىي تەشكىلات، ئۇرۇقداشلار توپى، ئەڭ كىچىكى ئائىلىگىچە).

تەشكىللەشنىڭ سىرى: 1. كۈچ؛ 2. سىرلىقلىق.

سىرلىقلىق = قورقۇنۇچ (ھېيىقىش، تەپ تارتىش)؛

قورقۇنۇچ (ھېيىقىش، تەپ تارتىش) = ساداقەت؛

ساداقەت = شەخسلىكنىڭ يوقۇلىشى، ئومۇمىيەت ئېڭىنىڭ تىكلىنىشى دېمەكتۇر.

بۇ فورمۇلا مېنىڭچە ئىشەنچلىك. كۈچ بولمىسا توپنى تۇتۇپ تۇرغىلى بولمايدۇ؛ تەپتارتىش (قورقۇش، ھېيىقىش) بولمىسا ساداقەت بولمايدۇ. ئۆزىمىز قورقىدىغان ياكى ھېيىقىدىغان بىرسىگە ۋەدە قىلغان بولساق، بۇنى چوقۇم ئورۇندايمىز؛ ئانچە كۆزىمىزگە ئىلىپ كەتمەيدىغان بىرسىگە نىسبەتەن بۇنداق بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، مەجبۇرلۇق تۇيغۇسى ھىس قىلمايمىز. خۇددى شۇنداق، تۇرمۇشىمىزدا دۇچ كېلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا سېلىشتۇرۇپ، توغرا- خاتاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك بولۇدۇ.

تەشكىللىنەلمەسلىكىمىزدىكى سەۋەپلەردىن بىرى پىسخىكىمىزدا بىرىككەن «قېيداش» تەرسىگە تېپىش خېمىغا يېنىش بولۇشى مۈمكىن.  كوممۇنىست تۈزۈمىنىڭ مۇستەبىتلىكى، تەشكىلاتلىنىشقا يول قويماستىن، كوممۇنىست تەشكىلاتلىرىغا كىرىشكە زورلىشى، بۇنىڭغا قارشى پەيدا بولىدىغان بىزارلىق تۇيغۇسىدىن كېلىپ چىققان «قېيداش».

يەنە بىرى، ئۇزاق زامان كوممۇنىست ئىدىئولوگىيىسىنىڭ تەشۋىقات ھۇجۇمى ئاستىدا روھىمىزنىڭ قۇرۇلمىلىرىدا كۆرۈلگەن بۇزۇلۇشتىن بولسا كېرەك. كوممۇنىستلار ئۆز تىلى بىلەن ماتىرىيالىستتۇر. ماتىرىيالىستلار ئىدىئالغا ئىشەنمەسلىكنى كۆزى كۆرمىگەن، قولى بىلەن تۇتۇپ باققىلى بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئىشەنمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولغاچقا، ئىنسانلارنىڭ ئەسلى روھىي قۇرۇلمىسىدىكى غايىپقا ئىشىنىش (دىنىي ئېتىقاتتىن ھاسىل بولغان كوللىكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ) ئىدىئالغا ئىشىنىش ئاساسى يېمىرىلگەن ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، مۇكەممەللىكىنى يوقاتقان. ۋاھالەنكى، تەشكىلات غايىۋىي بىر ئىدىئالنى مەخسەت قىلىدۇ؛ بۇ مەخسەتنى كونكرېت ھالدا بۈگۈن كۆرسەتكىلى بولمايدۇ؛ بۈگۈنلا كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن پايدىلاندۇرغىلى بولمايدۇ؛ شۇڭا تەشكىلاتقا، ئۇنىڭ ئاشۇ كۆز يەتكۈسىز ئۇزاقتىكى مەۋھۇم غايىسىگە ئىشىنىدىغان ئادەملەر شەرت بولۇدۇ؛ تەشكىلات ئەزالىرى ئاشۇ كەلگۈسىدە يېتىىش كۆزلەنگەن مەخسەت ئۈچۈن ئۇيۇشۇشلىرى كېرەك بولۇدۇ. ھەتتا مەخسەتكە يېتەلمەي ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش، پۈتۈنلەي ھالاك بولۇشلارمۇ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغىمۇ رازى بولغان ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك. ئۇ ھالدا، غايپقا ئىشەنمەيدىغان ئىدىئالغا، مەۋھۇم بىر غايىگە ئىشەنچىسىنى يوقاتقان ئادەملەردىن قانداقمۇ تەشكىلات ۋۇجۇتقا كەلسۇن؟

زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى (ياكى ھەرقانداق بىر قارا گورۇھ)نىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىنى كۈزۈتۈدىغان بولساق، ئۇلار توغرا قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلمەيمۇ قالمايدۇ. ئۇنداقكەن، دەبدەبىلىك غايىلەرگە، ئۇلۇغۋار نىشانلارغا بولغان ئىشەنچىدىن ساداقەت تۇغۇلۇدۇ، دېيەلمەيمىز. ئەمما شۇنى كۆرىمىزكى، ئۇلاردا تەشكىلىگە نىسبەتەن ساداقەت بار، بىر چامادان پۇلنى كۆتۈرگۈزۈپ، ئۇزاق بىر يەرگە ئەۋەتسە، پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كېتەي، دېمەستىن تاپشۇرۇلغان ئىشنى ئورۇنداپ كېلىدۇ. بۇنى تەمىن ئەتكەن ساداقەت، مەنىۋىي بىر غايىدىن ئەمەس، قورقۇش ۋە سىرلىقلىقتىن تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈشكە بولۇدۇ. بۇ سىرلىقلىق ۋە كۈچنىڭ، تەشكىللىنىشتىكى شەرت ئىكەنلىكىنىڭ بىر دەلىلى.

دۇنياۋىي ھاكىمىيەت قۇرۇش يولىدا ئەسىرلەردىن بېرى تىرىشىۋاتقان بەزى دۆلەت ھالقىغان تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىدىكى ساداقەتمۇ قورقۇش ۋە سىرلىقلىقتىن ھاسىل بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا زورلىغۇچى كۈچمۇ بۇ ساداقەتكە تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇمىز. بىر تەشكىلات ئەڭ ئەۋەل مەھەللىۋىي بىر نوپۇزنى شەرت قىلىدۇ (ئەڭ كەم دېگەندە. ئەگەر نوپۇزنىڭ دائىرىسى قانچە كەڭ بولسا تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇدۇ، ئەلۋەتتە)، ئەگەر نوپۇز تالانتلىق تەشكىللىگۈچى بولسا، ئەزالىرىدا بىر سىرلىقلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نوپۇز كۈنسېرى يوغىنايدۇ. نوپۇزنىڭ يوغۇنىشى، ئۇنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ كۆپ ئادەم توپلۇنۇشىغا سەۋەپ بولۇدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغانلارنىڭ كۆپىيىشى تەتۈر تاناسىپ ھالدا قارشى كۈچلەرنىڭ كىچىكلىشى دېمەكتۇر. بۇ ھالدا مۇقەرەر بىر كۈچ بارلىققا كېلىدۇ. كېيىن قاتناشقانلار ئىچىدىن خاھلىمايدىغانلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداقىتى «كۈچ»نىڭ كۆرۈنمەس مەجبۇرلىشىدىن بارلىققا كېلىدۇ.

شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى: «بۈيۈك نىشانلارغا قارىتىلغان بىر ھەركەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزماسلىقىغا ئۈستۈن بىر سەزگۈرلۈك بىلەن دىققەت قىلىش زۆرۈر. ھەر بىر مەسىلىنى بۇ يۆندىن تەتقىق قىلىش ۋە قارارلارنى بۇ يۆنۈلۈشكە قارىتا توغرىلىماق كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىللە خەلق ئاممىسىغا قارىتا تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئېلمېنتلارنىڭ ھەممىسىدىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ ھال خەلق قەلبىنى ئوۋلاش ئۈچۈن ئەمەس، ھېچبىر بۈيۈك پىكىر، مەيلى قانچىلىك مۇقەددەس بولسا بولسۇن، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچى بولمىسا ئەمەلىيەتكە ئايلىنىش ئىمكانىغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىدىندۇر.[4]»

بەزى ھايات تەجرىبىلىرىمىز شۇنى كۆرسەتتىكى، بەزى ئىنقىلاپچىلار دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشكەن ھامانلا، جىمىكى ۋەدە- قەسەملىرىگە ھەتتا ئاللاھ نامىغا بېرىلگەن قەسەم بولغىنىغىمۇ قارىماي، ناھايىتى چاپسانلا دۈشمەننىڭ تەلەپ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇردى. بەزى مۇناپىقلار ئىنقىلاپچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەندە بولسا، ئەسلى خوجايىنلىرىغا سادىق قالدى، مۈمكىن قەدەر ئەپقاچتى گەپلەر بىلەن ئالداپ قۇتۇلۇپ كېتىش ئۇرۇنۇشىدا بولدى. بۇ ئۇلار تەۋە بولغان «كۈچ»نىڭ دەرىجىسىدىن تۇغۇلۇۋاتقان تاللاش ئىدى. ئاۋالقىسىنىڭ ساداقەتسىزلىكىنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئەسلىدىن مۇناپىق تەبىئەت بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئۇ قارشىسىدا قورقۇنۇچلۇق بىر دۆلەت كۈچىنى كۆرۈۋاتقانلىقى، ئارقىسىدىكىلەرنىڭ بولسا، يامان كۈنگە قالسا ئىگە بولالايدىغان، ساتقىنلىق قىلسا جازالىيالايدىغان كۈچى يوقلۇقىنى تەبىئىي تۇيغۇلىرى ئارقىلىق ھىس قىلغان، سېلىشتۇرغان ۋە كېيىن قارارىنى تاللىغانلىقىدىندۇر.

كېيىنكىسىنىڭ (ئىنقىلاپچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن مۇناپىقنىڭ) خوجايىنىغا ساداقەتتە قېلىشى، ئارقىسىدىكى كۈچنىڭ زورلىقى، ئەگەر بۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلالماي ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، ئائىلىسى ۋە كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ بىر ئىگىسى بارلىقى ئىشەنچى؛ ئالدىدىكى كۈچنىڭ زەئىپلىكى، ھەتتا مۇناپىق دەپ تۇتقان تۇرۇپمۇ، شۇ باھاسىغا بەك ئىشەنچ قىلالمايۋاتقانلىقىدىكى ئاجىزلىق، يۇمشاق كۆڭۈللۈكلۈكىدىكى قۇتۇلۇشقا ئىلھام بولىدىغان يوچۇق، ئۆلتۈرۈۋېتىشكە كەسكىن جۈرئىتى بولۇشىنىڭ ناتايىنلىقى، قاتارلىقلار ئۇنىڭغا چىڭ تۇرۇش، ئالداپ قۇتۇلۇپ كېتىش قارارىنى بەرگەن.

بۇلاردىنمۇ شۇنى كۆرۈش مۈمكىنكى، ساداقەت پەقەت مەنەۋىيەتكە ئۇلۇغۋار بىر غايىنى ئۆزلەشتۈرۈش بىلەنلا ئىشقا ئېشىشى ناتايىن. قۇرۇق مەۋھۇمىيەتكىلا تايانغان قەسەم- ۋەدىلەر رېئال توسالغۇغا دۇچ كەلگەندە دەرھال ئىلگىرىكى تاللاشلىرىنى قايتا تەھرىرلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. زورلىغۇچى كۈچنىڭ شەرت بولىشىدىكى سەۋەپ بۇ.

ئەمدى گەپ زورلىغۇچى كۈچنىڭ ئاسان ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇنىڭغا ئېرىشكۈچە قانداق قىلىش مەسىلىسى داھىنى شەرت قىلىۋاتقان موھىم مەسىلىدۇر. چۈنكى زورلىغۇچى كۈچكە ئېرىشكەندىن كېيىن داھىيانە دانالىق بولمايمۇ توپنى تۇتۇپ تۇرغىلى بولىشى مۈمكىن.

ئۇنداقتا ئاشۇ دەسلەپكى باسقۇچتا توپنى ھاسىل قىلىش، تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن بىللە ئۇنى كۈنسېرى زورايتىش ئۈچۈن نېمىگە تايىنىلىدۇ؟ بۇ داھىيلىق تالانتىنى شەرت قىلىۋاتقان نۇقتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ موھىمدۇر. بۇ باسقۇچتا كۈچ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، سىرلىقلىق ئارقىلىق بولۇدۇ. سىرلىقلىقنىڭ ھاسىل بولىشى ئۈچۈن، داھى، (ئەڭ كەم دېگەندىمۇ) ئۆز جامائىتى ئالدىدا بىر پەزىلەت ئىگىسى سۈپىتىدە كۆرىنىشى كېرەك بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ بارلىق تەشۋىقات مېخانىزمى ئۇنى شۇنداق كۆرسۈتۈشكە، ئۇنىڭ ئۈچۈن نوپۇز قازىنىشقا، ئۇنى سىرلىقلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلىشى شەرت. ئەمما بۇ داھىينىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرى بىلەن كۈچلۈنۈپ، دەلىللىنىپ تۇرىشى كېرەك. ئۇنىڭ نوپۇزىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان ئىچكىي رېقابەتچىلەر ئەڭ خەتەرلىك بولۇپ، بۇنداقلار دەرھال چەكلىنىشى شەرت. بۇنىڭدىمۇ داھى نوپۇزىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزى ئوتتۇرىغا چۈشۈۋالماي، لېدىرلىق سالاھىيىتىنى ساقلىشى، ئەتراپتىكىلەر ئۆكتىچى كۈچلەرگە زەربە بېرىشى ناھايىتى موھىم. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا داھىنىڭ پەزىلىتى گۇمان تۇغدۇرۇپ، ئۇنى يۆلەپ ئىگىزلەش ئۇرۇنۇشلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ. سىياسىي «يا مەن، يا سەن!» دېمەكتۇر. شۇڭا سىياسىئون يۈز- خاتىرىچى بولسا ئۇنىڭ سىياسىئونلۇق ھاياتى بەك قىسقا بولۇپ قالىدۇ. ئۇ بىر قاپلان بولىشى كېرەككى، تېرىسى گۈزەل، قىممەتباھا، ئەمما رەھىمسىز.

ئاساسىي تېمىمىز بولغان ئۆزىمىزنى قانداق ئۆزگەرتىش مەسىلىسىمۇ، سىياسىئوننىڭ تەشۋىقات مېخانىزمى ئۈستىگە ئالىدىغان بىر ۋەزىپە بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى كىچىك گورۇپپا ھالىتى خارىج، تەشكىلات ئۆزىگە مۇۋاپىق كىشىلەرنى تاللىمايدۇ، ئەكسىچە ئۆز غايىسىگە ئۇيغۇن جامائەتنى ئۆزلىرى «ياساپ چىقىدۇ». يەنى، تەشۋىقات ئارقىلىق، ئىنسانلارنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۆزى نىشان قىلغان غايىگە ئۇيغۇن شەكىلدە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپ چىقىدۇ. «تەشۋىقات قانچىلىك شىددەتلىك بولسا تەشكىلاتمۇ شۇنچىلىك تېز سۈرئەتتە چوڭىيىدۇ.»[5] كەڭ جامائەت مەخسەتكە ئۇيغۇن قايتا شەكىللەندۈرۈلمەي، ئىنسانلار ئىچىدىن ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلارنى تاللاشقا قالسا، بۇنداق تەشكىلاتنىڭ كېڭىيىش ئىمكانى بەك تار بولغان بولۇدۇ. چۈنكى ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىنسانلارنى ئىزدەپ تېپىش ناھايىتى تەس ۋە كۆپ ھاللاردا بۇنداقلىرىمۇ مەلۇم زامان ياكى ماكاندا مۇخالىپ قاراش ئىپادىلىشى، دۈشمەنگە ئايلىنىپ كېتىشى مۈمكىن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىمدا بىزنىڭ تەشۋىقات ئارقىلىق قانداق قورقۇنۇچلۇق تۈردە ئۆز مەنپەئەتلىرىمىزگە زىيانلىق، دۈشمەنگە پايدىلىق بولغان روھىي ۋە ئىدىيىۋىي شەكىلگە كەلتۈرۈلگەنلىكىمىزنى دەلىللەپ ئۆتكەن ئىدىم. بىزنىڭ گۈزەللىك ئۆلچەملىرىمىزنىڭ تەتۈر قىلىۋېتىلىشى مۈمكىن بولغىنىدىن، پايدىلىق تەرەپكە قارىتىپ ئۆزگەرتىشكىمۇ بولىدىغانلىقى قىياس قىلىنىدۇ. بۇ پەقەت قارىمۇ قارشى تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باغلىق.

شۇنىڭغا بەك ئەپسۇسكى، بۈگۈنگىچە لېدىرلار بىر تەشۋىقات مېخانىزمى بەرپا قىلالمىدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈنلا قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى بولماي، يىللارچە بىر ئىزدا تۇرىۋاتىدۇ. چەتئەل دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرنەچچە مىنۇتلۇق كۆرۈشۈشلەر مىللەت تەقدىرىگە ھېچقانداق ئىجابىي ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. (چۈنكى بۇنداق كۆرۈشۈشلەر شۇ دۆلەتنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، دۈشمەنلىرىمىزگە قارىتا «رەشىققە مۇپتىلا قىلىش ئارقىلىق سۆيگۈنى كۈچەيتىش» ئويۇنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا ئۇلار بۇ ئىشتا بەك ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بولمايدىغانلىقى، پەقەتلا قارشى تەرەپنى قىزغاندۇرۇشنىلا مەخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، كۆرۈنۈش، تەشۋىقات ئۆرنىكى يارىتىشلا مەخسىدى بار. شۇ مىنۇتلاردىن كېيىنلا ئۇلار بىزنىڭ ھەققىمىزدە تامامەن خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ ئولتۇرمايدۇ) شۇڭا ئۇنى چوڭ ئىش دەپ بىلىۋېلىش ناھايىتى ئېغىر خاتالىقتۇر. بىرىنچى چوڭ ئىش ئۆز خەلقىنى ئۆزگەرتمەكتۇر. تەشۋىقاتنى بىرىنچى دەرىجىلىك موھىم ئورۇنغا قويمىغان تەشكىلاتچى غەلىبە قىلىشنى خىيال قىلمىسىمۇ بولۇدۇ. چۈنكى، بىر مىللەتنىڭ ئىشى باشقا بىر دۆلەت تەرىپىدىن پۈتكۈزۈپ بېرىلمەيدۇ. ھەرقانچە يارىماس بولسىمۇ شۇ خەلق ئۆز تەقدىرىنىڭ بەلگىلىنىشىدە ئاساسلىق ئامىلدۇر. بۇ نۇقتا ئېتىراپ قىلىنىدىغان بولسا، ئىچكىي تەشۋىقات بىرىنچى موھىم ئىش ئىكەنلىكىمۇ راست بولغان بولۇدۇ.

دېمەك، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ئېتىراپ قىلىنىدىغانلا بولسا، ئۇ ھالدا بىر تەشۋىقات مېىانىزىمى بەرپا قىلىش بۈگۈنكى كۈندىكى بىرىنچى دەرىجىلىك موھىم ئىش ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىش كېرەك. ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىش بولسا رادىئونى شەرت قىلىدۇ. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۈگۈنكى رادىئونىڭ قۇرۇلمىسى بۇنىڭغا ئىمكان بەرمەيدۇ. بۇ يەردە ئىككى تۈرلۈك جامائەت بارلىقى پەرەز قىلىنىدۇ: بىرى ئاڭسىز ياكى ئاڭلىق تۈردە سېتىۋېلىنغانلار؛ ئىككىنچىسى قوساق بېقىش ئۈچۈنلا كولدۇرلاپ يۈرگەنلەر. موھىمى ئۇنى يۆنلەندۈرىدىغان تەشكىلىي قۇرۇلما بولۇپ، ئۇنىڭ بېشىدا ئوت يۈرەك بىر ۋەتەنپەرۋەر ئولتۇرمىغىچە بۇ تەييار ئىمكانىيەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈمىدى كۈتۈلمىسىمۇ بولۇدۇ.

ئەمدى تەشكىلاتلار تەشۋىقاتتا بىر-بىرىنى ئەمەس، ئورتاق دۈشمەننى نىشان ئېلىشى، ئۆز خەلقىمىزنى تەربىيىلەش ئوبېكتى قىلىشى كېرەك. بۇ گەپ يەنە بىر مەسىلىنى تۇغدۇرىدىغاندەك قىلىدۇ: تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشمىسە، قانداقمۇ بىردەك ئىدىيە بىلەن تەشۋىقات قىلىنىدۇ؟ قانداقمۇ بىردەك ھەرىكەت قىلغىلى بولۇدۇ؟

بۇ سوئاللار خېلى ئادەملەرنى تەمتىرىتىدۇ. ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەرنى بىرلەشتۈرۈش پىكرى يارىلىشتىنلا خاتا پىكىر بولۇپ، بۇنداق بىر بىرلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە شەكىلۋازلىقتىن باشقا نەرسە بولمايدىغانلىقىنى بەزى ماقالىلىرىمدا تارىخىي مىساللار ئارقىلىق دەلىللىگەن ئىدىم. شۇڭا، ئەگەر تەشكىلاتلاردا مۇستەقىللىققا قايتا ئېرىشىش ئارزۇسى راست بولىدىغانلا بولسا، بۇنداق بىرلىشىشكە زورلاش بىلەن، ئىچكىي يېمىرىلىش ئېلىمېنتلىرىنى ئۆزىدە ساقلىغان سۈنئىي بىر بىرلەشمىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق بولۇپلا قالماي، بىزدەك بىر مىللەت ئۈچۈن ھەتتا خەتەرلىك.

بۇنىڭغا قارىتا بەزىلەر، بىرلەشمىسەك ياردەم بېرىدىغانلارمۇ كىمنى ئاساس قىلىشىنى بىلمەي قايمۇقۇپ، ياكى بۇ ھالىتىمىزدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ياردەم بېرىشتىن يالتىيىشى مۈمكىن، دېگەننى باھانە قىلىپ، چوڭ بىرلىشىش شۇئارىنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ. لېكىن، بىز بىلىدىغان مىساللاردا شۇ نەرسە ئېنىق كۆرۈلدىكى، ياردەم قانداقتۇر بىزنىڭ ئوبدانلىقىمىزغا، بىزنىڭ پايدىمىزنى كۆزلەپ بېرىلمەيدۇ. ئەكسىچە ياردەم بەرگۈچىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدۇ. شۇڭا، ۋاقتى- سائىتى كېلىپ، ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى تۇغۇلسا، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ياردەم بېرىلىدۇ. مەسىلەن: رۇس- ئافغان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئافغانىستانلىقلار يەتتە ئايرىم پارتىيە گورۇھ، ئۇرۇقداشلىق توپىغا بۆلۈنگەن ھالدا ئىدى. ھەر بىرى ئۆزىنى ئەڭ مۇناسىپ دەپ ھېساپلايتى ۋە باشقىلارنى ئەيپلەيتى. بۇ ئەسلىدە كەلگۈسىدىكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تالىشىش رىقابىتى بولۇپ، شۇ مەزگىل ئۈچۈن ئىككىلەمچى ئامىل ئىدى. بىرىنچىسى تاشقىي دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىش ئىدى. ئافغانلارنىڭ پارتىيە گورۇھلىرى مانا شۇ ئورتاقلىقتا تالاشمىدى، ئىچكىي زىددىيەتلىرىدىن قەتئىينەزەر، ئاساسىي غايىدىكى ئورتاقلىقىنى چىقىش قىلىپ، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا سوۋېت تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۆرەش قىلدى. چەتئەل كۈچلىرى ئۇلارنىڭ بىرلىشىشىنى شەرت قىلماستىن، ھەممىسىگە ياردەم بەردى.

بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولۇدۇكى، بىر قوماندانلىق ئاستىغا ھەممىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن زورۇقۇپ ئۇرۇنۇش ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مىللىي مۇستەقىللىقنى غايە قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلىغان ھالدا ئۆزئارا خىزمەت مۇسابىقىسى شەكلىدىكى رىقابىتى تېخىمۇ پايدىلىق بولىشى چوقۇم. ئەمما، ئاساسىي مەخسەتنى قويۇپ، ئىچكىي زىددىيەت كوچىلانمىغان تەقدىردە.

تەشۋىقاتلارمۇ مانا شۇ قاراش ئاساسىدا بولۇش كېرەك. تەشۋىقاتلاردا ئىچكىي زىددىيەتلەر تاتىلانماسلىقى، ۋەزىپىلەر ئۆز رېتى بويىچە ئىدىيىلەرگە سىڭدۈرۈلۈشى كېرەك. مەسىلەن: بۈگۈنكى بىرىنچى نىشان نېمە بولسا، ئۇ ھەقتە تەكرار توختۇلۇش، قەلب تېرەنلىكلىرىگە قەدەر سىڭدۈرۈش؛ ھەرگىزمۇ ئەتىنىڭكىنى ئارىلاشتۇرىۋېلىش، تالاش- تارتىش قىلىشتەك بالىلىقنى قىلماسلىق. مەسىلەن: يېقىن ئۆتمۈشىمىزدىكىدەك، «سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ» پەدىسىدە، كەلگۈسىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ نېمە بولىشىنى تالىشىشتەك تەلۋىلىكنى قىلماي، ئاۋال «بىسمىللاھ» دەپ خىتايدىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئويلاش، بۇ ھەقتىكى ئىدىئولوگىك سىستېمىمىزنى تەشۋىق قىلىش، خەلقتە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللىي ھىسىيات، دىنىي قىزغىنلىق ئويغۇتۇشقا قارىتىش كېرەك. مۇستەقىل بولۇش بىلەن، مەھكۇملۇقنىڭ پەرقلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش كېرەك.

ئالدى بىلەن داۋانىڭ بېشىدىكىلەر ئۆزى قىلىۋاتقان داۋانىڭ خاراكتېرىنى توغرا تونىشى، تۈپ يۆنۈلۈش ئېنىق بولىشى كېرەك. داۋا دۆلەتنىڭ داۋاسى ئىكەن، دۆلەتنىڭ نامىنى ئىشلەتمەسلىك، پىرىنسىپ جەھەتتىكى خەتەرلىك ئېغىش بولۇپ، بۇنداق مەسىلىدە باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىش، بېقىندىلىقتىن، قورچاقلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەگەر، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ياكى دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلغۇچى ئورگانلار دۆلەت نامىنى ئاتىماسلىقنى شەرت قىلسا شۇنداق سورىلىشى ئەقەللىيدۇر:

«سىز دېموكراتىيىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىدىغان بولسىڭىز، ئەجەبا بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزدىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان تۇپرىقىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا ئاتاش ھەققىمىزمۇ يوقمۇ؟ سىزنىڭ ھىمايە قىلىدىغىنىڭىز قانداق شەكىلدىكى دېموكراتىيە؟»

سىياسىدا يول قويغانسېرى ئۇتتۇرۇش بىر قانۇنىيەت. شۇڭا پىرىنسىپچان بولۇش بەكمۇ زۆرۈر.

يەنە ئاۋالقى تېمىغا ئوخشىمىغان تەشكىلاتلاردا ئوخشاش نىشانغا قاراپ يۈرۈش مەسىلىسىگە قايتساق، بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولۇدۇ؟ مەسىلىنىڭ جىددىي تەرىپى بۇ سوئالدا ئېچىلىۋاتىدۇكى، ھەممىمىزنى بىر «خاماندا» ئورتاق بىر «مومىغا» باغلاپ تۇرغان «يىپ» يوق. مانا شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پىكىر ئادەملىرىمىز، بىلگىنلەر، مۇتەپەككۈرلىرىمىز ئورتاق تىرىشىپ، بىر نەزەرىيىۋىي ئاساس ياكى بىر ئىدىيىۋىي سىستېم بارلىققا كەلتۈرۈش زۆرۈرلىكى تەكىتلىنىۋاتىدۇ. يىللاردۇر قىلىنىۋاتقان ھەركەتلەردىكى چېچىلاڭغۇلۇق، نىشانسىز، سەۋەپسىز ئېغىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بىر ئاساسنىڭ بولمىغانلىقىدىن بولغان. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر تەشۋىقات مىخانىزىمى زۆرۈرىيەت بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن مانا شۇ دېيىلگەن نىشانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاساس يارىتالايمىز.

 



  [1] ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم» (تۈركچە نەشرى).

 Texe Marrs: “Dark Majesty”[2]

[3] ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم» (تۈركچە نەشرى).

[4] ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم» (تۈركچە نەشرى).

       [5] ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم» (تۈركچە نەشرى).


ئەزالارنىڭ باھاسى
Your Name / Email Address

ئاخىرقى يېڭىلىنىشى ( 201020سائەت04/20/10ئاپرىل )