header image
باشبەت arrow ماقالە ئارخىپى arrow سىياسىي ئەسەرلەر arrow !«ئاپتونومىيە»چىلىك = تەسلىمچىلىك
!«ئاپتونومىيە»چىلىك = تەسلىمچىلىك PDF بېسىش E-mail
يوللىدى ئىلھام   
201019سائەت06/19/10ئىيۇن

(«ئاپتونومىيە» سەپسەتىسى ياكى «ئىككى ئارىلماسلىق»نىڭ چەتئەل ۋارىيانتى توغرىسىدا)

 

ھەرقانداق زۇلۇم ۋە بېسىم قان پاكىز ساقلانغان ئەھۋال ئاستىدا ئەخلاقىي تىرىلىشنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان كۈچلەرنى تۇغۇشى ۋە ھەركەتكە كەلتۈرۈشى مۈمكىن. ھالبۇكى، قاننىڭ پاكىزلىقىنى يوقۇتۇش سائادەتنى يوق قىلىدۇ، ئىنساننى ئەبەدىي پەسلەشتۈرۈدۇ.

— ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم»(تۈركچە نەشرى)

 

سەپسەتىنىڭ بارلىققا كېلىشى

images/stories/shepeq.jpgسەپسەتە «ئۈچ ئەپەندى» نەنجىڭدا گومىنداڭ پارلامېنتىدا ئىشلەۋاتقان زاماندا قەپەزدىن چىققان دېيىشكە بولۇدۇ. پىكىر ئاتىسى ھەرھالدا ئىسا يۈسۈپ. بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» دېگەن ئەسلىمە كىتابىدىن ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولۇدۇ. ئۇ مۇستەقىللىق يولىدا ۋەتەندىن ئايرىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنى «نەسىھەت قىلىپ» قايتۇرۇپ كېلىپ، خىتايلار بىلەن ياراشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. خىتايلارنىڭ بىركۈنى ئەمەس، بىر كۈنى بىزگە ئىچى ئاغرىپ، ۋەتىنىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ باشقۇرۇشىغا رازى بولۇدۇغانلىقىغا كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئۇ 1933 ۔ يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»دىن بەكمۇ راھەتسىزلىك ھىس قىلىپلا قالماي، «ئۆز قېرىنداشلىرى قىلىپ سالغان بۇ بەڭۋاشلىق» ئۈچۈن خىتاي دوستلىرى ئالدىدا بەكمۇ خىجىللىققا قالغانلىقىنىمۇ ئانچە يوشۇرۇپ كەتمەيدۇ. بۇ نۇقتىنى ئۇ شاپىگراڧ بىلەن نەشىر قىلىنىدىغان ژۇرنال «تىيانشان» (تەڭرىتاغ ئەمەس) دا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ يازغان ماقالىلىرىدا، ئەينى ۋاقىتتا قىلغان شەرەپلىك مۇجادىلىسىدىن خىجىل بولغاندەك، ئۇنى خىتايلارغا يۇمشاقراق ئىزاھلاشقا ئۇرۇنۇپ، «بىز ئۇ چاغدا يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلى ئىسيان كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدۇق» دېگەنلىرىدىن كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. چۈنكى، مائاشنى بېرىۋاتقان بىرسىگە قاتتىقلىق قىلىش ئاسانمۇ؟ «يېگەننىڭ يۈزى ئۇيۇتار» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟

 

كىشىلەرنى «ئاپتونومىيە» سەپسەتىسىگە ئىشەندۈرۈشكە ھارماي۔تالماي ئۇرۇنغان ئىسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلارنىڭ باشقا بىر مىللەتنى ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش كۆرۈشكە ھىچ ئادەتلىنەلمەيدىغان، دېموكراتىيە دېگەننى مەڭگۈ چۈشەنگىلى ئۇنۇمايدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنىمۇ، تالاي ئەمەلىي مىساللار بىلەن بېرىدۇ۔يۇ، يەنە توختىماي، خىتايدىن «تىلەپ ئازادلىق ئېلىش»نى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۆزى ئىشەنمىگەن بىر ئىشقا باشقىلارنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇدۇ.

ئۇنىڭ بۇ يولنىڭ توغرا تاللانغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىگە ئاساس قىلغان سەۋەپلىرىمۇ ئاجايىپ. خىتاي بىزنىڭ مۇستەقىل بولۇشۇمىزغا مەڭگۈ ئۇنىمايدۇ، شۇڭا «قەدەممۇ قەدەم مۇستەقىللىق» ئەڭ توغرا يول دەپ قارايدۇ. يەنى، ئاۋال ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىنىدۇ، ئاندىن «مۇستەقىللىققا يېقىن مۇختارىيات» تەلەپ قىلىنىدۇ  (ياكى فىدراتسىيە)، مانا شۇنداق قىلىپ، ئاخىرىدا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىنىدۇ! بۇ نەزىرىيەچە بولغاندا خىتايلار بىزنىڭ تەلىپىمىزنى «كىچىكلا تەلەپ ئىكەنغۇ» دەپ قاراپ ماقۇل بولۇدۇ، يەنى يەڭگىل تەلەپ بولغاچقا خىتايغا ئېغىر كەلمەيدۇ (بۇنىڭ كەينىدىن نېمە تۇغۇلۇشىنى ئويلاپ كۆرەي دېمەيدۇ)؛ بۇنىڭغا بىر مەزگىل كۆنۈكتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قەدەمدە تېخىمۇ يۈكسەك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىمىز، ئاۋالقىسى بىلەن بۇنىڭ پەرقى بەك يېقىن بولغاچقا خىتاي بۇنىڭمۇ ئاخىرىسىنى بىلەلمىگەچكە ماقۇل دەۋېتىدۇ؛ ئۈچىنچى قەدەمدە، «مۇستەقىللىققا يېقىن مۇختارىيات سورايمىز»، خىتاي بۇنىمۇ ئاۋالقسىغا سېلىشتۇرۇپ، پەرق بەك چوڭ بولمىغاچقا، بۇنىڭغىمۇ بوپتۇلا دەۋېتىدۇ. كېيىن بىز قولغا كەلتۈرگەن بۇ ئىمكانلار سايىسىدە ئۆزىمىزنى ئوبدان ئۇشلىۋالغاچقا، ئەمدى بىزنىڭ مۇستەقىل بولۇشۇمىز توسۇۋالغىلى بولمايدۇغان ئېقىمغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىمىز!

بۇ خىل مەست خىيالى بىلەن بېرىلىدىغان ئاشۇ پارلاق كېلىچەك مەنزىرىسى كىشىلەرگە داملىتىلىپ، ئاپتونومىيە ئالدامچىلىقى رەسمىي تۈردە تارىخ سەھنىسىگە چىقتى. مانا شۇنداق قىلىپ، تارىخىمىزدا تۇنجى قېتىم «ئىككى ئايرىلالماسلىق»نىڭ ھۇلى سېلىنىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچى.

جاڭ جىژجوڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىكى ۋەزىيەت خىتايلارغا ئىنتايىن پايدىسىز ئىدى، خىتايلار ئۇرۇشۇپ پايدا ئالالمايتى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئارىچى قىلىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش شۇم خىيالى تۇغۇلۇدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەت ئىھتىياجى ئۈچۈن بارلىققا كەلتۈرگەن كوزۇرنى مەيداندىن چېكىندۈرۈشتە شەرمەندە چۈمپەردىسىنى تولۇق ئاچىدۇ. غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلىنىڭ خىتاي مەركىزىگە يەتكۈزگەن ئاتالمىش غۇلجا تەرەپنىڭ كۆڭلى، ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەكىس ئەتتۈرەتتى: خىتايدىن ئايرىلىش نىيىتىمىز يوق، بىزگە بارابەر مۇئامىلە قىلىنسا، .... دېگەندەكلەر بولۇدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە كەلگىنىدە كۆكسىگە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نىڭ ئىزنەكلىرىنى تاقاپ كېلىشكەن ۋە «بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت قىلىمىز» دەپ يۈرۈشكەن. جاڭ جىژجوڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال سوۋېت كونسۇلىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆزىنىڭ قانداقتۇر «شەرقىي تۈركىستان» ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلەشمەيدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن بىر دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى قېرىنداشلاردەك سۆزلىشىدىغانلىقىنى يەنى تەڭسىز شەكىلدە— مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە «قوزغىلاڭ قىلغانلارنىڭ ۋەكىلى»نى «قوبۇل قىلىدىغانلىقى»نى ئېيتىپ، غۇلجا تەرەپكە «نەسىھەت» قىلدۇرغان.

ئەسلىدىلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشىنىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، تامامەن ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئولتۇرۇپ قالغان ۋەكىللەر، ئۇنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغانلا ھالەتتە بولغاچقا، دەرھال دەبدەبە بىلەن تاقىۋالغان ئىزناكلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ياۋاشلىق بىلەن ئاپتونومىيە تەلىپىگە چۈشتى. مانا بۇ بىرسىگە تامامەن ئۆزىنى تاپشۇرۇپ قويۇشنىڭ ئاچچىق ساۋىقى! ئىككىنچى قېتىملىق «ئاپتونومىيە» تەلەپكارلىقى ئىدى.

بۈگۈنكىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىدا كۆرسۈتۈلگەن سەۋەپلەر


بۈگۈنكىلەرنىڭ كۆرسۈتۈۋاتقان سەۋەپلىرىمۇ بىرىنچى قېتىمقىلارنىڭكى بىلەن تامامەن ئوخشاش بولۇپ، «خىتاي مۇستەقىللىق دېگەنگىلا بېرىپ قويمايدۇ»، دېگەندىن ئىبارەت. ئۇلار دالاي لامانى مىسال بېرىپ كۆرسۈتۈدۇ. دالاينىڭ مانا شۇ يولنى تۇتۇپ قانداق پايدا ئېلىۋاتقانلىقى. ئەمەلىيەتتە دالاي ئېلىۋاتقان پايدا غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ماددىي ياردىمى بولۇپ، بۇ چەتئەلدىكى تىبەتلىكلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئىمكان بېرىۋاتقاندىن باشقا، تىبەت ۋەزىيىتىدە ھىچقانداق ئىجابىي تەرەققىيات بارلىققا كەلتۈرگىنى يوق.

ئەگەر بىزنىڭ پەۋقۇلئاددە ئاجىزلىقىمىز، دۈشمىنىمىزنىڭ كۈچلۈكلۈكى مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ ئاپتونومىيەگە چۈشۈشكە سەۋەپ بولۇدۇغان بولسا، شۇنداق سوراشقا توغرا كېلىدۇ: تارىختا قانداق بىر كۈچلۈك ئاجىزنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان؟ بىر كۈچلۈك بىلەن بىر ئاجىز ئارىسىدا بولغان تېچلىق سۆھبىتىدىن قانچە مىسال بىلىسىز؟ سۆھبەت، جەڭ مەيدانىدىكى چىقىمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كۆپ چاغلاردا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدىن بارلىققا كەلگەن. يەنى مەيداندا بىر-بىرىنى يېڭەلمەي، ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا زىيان تارتىۋەرگەن، ئۇرۇش نەتىجىسىز شەكىلدە ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتكەندە، بىر تەرەپ بىرىنى ئارىچى قىلىپ، سۆھبەت تەلىپى قويغان.

ئەگەر بۇنداق سۆھبەتلەر جەريانىدا بىر تەرەپ تاسادىپىي كۆچلۈنۈپ كەتسە (بىرەر دۆلەتتىن ياردەمگە ئېرىشىپ ياكى بىرەر يېڭىچە قورال ياساپ چىقىلىپ) دەرھال سۆھبەتتىن چېكنىپ، دۈشمىنىنى ئۆزى كۆزلىگەن مەنزىلگە قەدەر قىستاپ ئاپارغان. بەلكىم، بىزنىڭ ھازىرقى »ئۆگۈنۈش ئۈلگىمىز« بولۇپ قېلىۋاتقان دالاي لاما كۆرسۈتۈلەر. دالاي تەرەپ بىلەن خىتاي ئارىسىدا بولۇۋاتقان سۆھبەت بىر شەكىلدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەگەر بىر ئۈنۈملۈك ھەركەت بىلەن دەستەكلەنمىگەن تەقدىردە بۇ سۆھبەتتىن مەڭگۈ نەتىجە چىقمايدۇ!

«كۆپ زامانلاردا ئەڭ قانلىق ئىچكىي ئۇرۇشلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن يۇمشاق مىجەزلىك بولغان بىر مىللەتنى پولاتقا ئايلاندۇرىدىغانلىقى؛ سېسىق پۇرىقى كۆكلەرگە قەدەر چىققان بىر تاپنىڭ بولسا كۆپ چاغلاردا پات - پات داۋام قىلىنغان تېنچلىق ھالىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. [1][1]»

 

ئەسلى ھەقىقىي سەۋەپلەر

ئەسلىي ھەقىقىي سەۋەپلەرنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ. ناھايىتى چوڭ ئىھتىمال شۇكى، بۇنى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدۇ. چۈنكى بۇ بىر پارچە چالما ھىسابىدا پايدىلىنىۋاتقانلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان يول بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز تاللىشىمۇ ئەمەس، دېسەكمۇ بولۇدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى تاللىدى، دېيىلسە، ئۇ چاغدا مۇنداق سەۋەپلەردىن بولۇشى مۈمكىن: بۇ يولنىڭ ئاسانلىقى. جان — قەھرىمانلىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقى؛ نام چىقىرىشنىڭ كۆپ ئاسانلىقى؛ بۇ چىگىش مەسىلىسىنى يېشىشكە كېتىدىغان بىلىم ۋە ئەقىل – پاراسەتتىن يوقسۇل ئەھۋالدىمۇ ئېقىۋېرىدىغانلىقى؛ سىزىپ بېرىلگەن يول بىلەنلا كېتىۋەرسە بولۇدۇغانلىقى؛ نېمىلا بولمىسۇن ئوتتۇرىدا بىر داۋراڭنىڭ بولۇپلا تۇرۇدۇغانلىقى (نەتىجىسىدىن قەتئىينەزەر)؛...

ئەگەر بۇ يولنى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە نۆلدىن يوقۇرى ھەرقانداق بىر  كەسىر ساندا ئوي-پىكرىنىڭ يوقلۇقى؛ مەلۇم ئويلىرى بار دېيىلگەندىمۇ بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇنچىلىك داۋراڭ پەيدا قىلىش، ئوتتۇرىدا بوي كۆرسۈتۈشنىڭ قىيىنلىقى،... قاتارلىق سەۋەپلەردىن مانا شۇ يولنى مېنىڭسىگەن دېيىش مۈمكىن.

ئۈچىنچى تۈرلۈك سەۋەپ، تارىخىمىزدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئاپتونومىيە تەلەپكارلىقى بىلەن بىردەك بولۇپ، تامامەن باشقىلارنىڭ قۇچىقىدا بولۇشى، باشقىلارنىڭ ياردىمى ۋە خىراجىتى بىلەن مەۋجۇتلۇقى تەمىن ئېتىلىۋاتقاچقا، تەلەپنىڭ مەزمۇنى (داۋانىڭ مەزمۇنى)نىمۇ شۇ خوجايىنلار بەلگىلىگەنلىكى، داۋاچىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت.

«بىر كېمىدىكىلەرنىڭ تەقدىرداشلىقى»دىن تۇغۇلغان يېڭى ئىتتىپاق

يېڭى ئىتتىپاقتىكىلەر ھەقىقەتەنمۇ بۇ سەپسەتىنى مېنىڭسىگەنلەرمۇ؟ مېنىڭچە ياق. بۇلارنىڭ بەزىلىرى پۇرسەتپەرەستلەر بولۇپ، قىزغىن قوللۇغۇچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «لېدىرلار» قوشۇنىغا كىرىۋېلىشنى ئويلىغانلار. چۈنكى بۇلارنىڭ زادى قايسى ئىدىيىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ تەس، تەسلىكنىڭ سەۋەبى ئەسلىدە بۇلار مەلۇم ئىدىيىگە ئىگە كىشىلەردىنمۇ ئەمەس.

بەزىلىرىنىڭ يادلىۋالغان بىر يۈرۈش فورمىسى بار، مانا شۇنىڭ بىلەن جان ساقلاۋاتقانلاردىن بولۇپ، بۇ يادلىۋېلىنغان ئۇقۇملارنى ئۆزى تېخى ھەزىم قىلىپ باقمىغاچقا، مۇشۇنداق بىر سەپسەتىگە رازى بولۇپ، مۇشۇنداق بىر تەشكىلاتتا داۋاملىق قالسا، بۇ يادلىۋالغان فورمىسىغا زىت كېلىش ياكى توغرا كېلىشى ھەققىدە بىر ئۇقۇمى يوق. يەنى بۇ شەخسلەر ئومۇمەن «بىر نېمىنىڭ بىر نېمىسى» دېگەن بىر ئاتاققا «سايلىنىپ» يۇرتنىڭ چوڭى بولدۇم دەپ ئويلايدىغان، ھاياتتىن ھاسىل قىلغان جىمىكى ئىپتىخارى شۇ بولغاچقا، بۇنداق ئاتاقتىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئۆلۈم قەدەر قورقۇنۇچلۇق ھېساپلايدىغان كىشىلەردۇر. «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟» دېگەندەك، بۇلار «شودۇيجاڭلىق»قا كۆنۈپ قالغان ئادەملەردۇر. شۇڭا ئۇلار قېيىق ھېلىغۇ پاتقاق شاخاپچىغا قاراپ يول ئالىدىكەن، نەق دوزاققا قاراپ يول ئالسىمۇ قېيىقتىن چۈشۈپ قالمايدىغانلار. يەنى، خۇددى بىلمەستىن قاراقچىلارنىڭ قېيىقىغا چىقىپ قالغان بىرى، قېيىقتىكىلەرنىڭ قاراقچى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا چۈشۈپ قالالمىغاندەك، ئەكسىچە قېيىق تالاپەت كۆرگۈدەك بولسا، قاراقچىلارغا ھەمكارلىشىپ، قېيىقنى ئاسراشتا كۈچ چىقارغىنىدەكلا بىر ئىش. چۈنكى قېيىقنىڭ ئامانلىقى ئۇنىڭمۇ جان ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغان.

يەنە بەزىلەر بۇ سەپسەتىنى توۋلاشتىن كەلگەن پۇلدىن نەسىۋىدار بولغاچقا، باشقىسى بىلەن پەرۋايى پەلەك. «خوجىنىڭ ئېتىنى سۇغار، پۇلىنى ئال» پوزىتسىيىسى بىلەن، بۇ سەپسەتىنى مېنىڭسىگەن قىياپەتكە كىرىۋالغان جانباقارلار.

يەنە بەزىلىرى شۆھرىتى ئۈچۈن ئانىسىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ يانمايدىغان، شۆھرەت خىرسىدىن كۆزى ھېچنېمە كۆرمەس بولغان ئاۋارىلار.

يەنە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاسترىتتىن ھەممىنى يۆنلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خىتاي غالچىلىرىمۇ بار. بۇ «قېيىق» تىكى يېڭى ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرگەن تەركىپلەر ئاساسلىقى مانا شۇلار.

ئىلگىرىكى يازمىشلىرىمدا مىللىي خاراكتېرىمىزدىكى ئاجىزلىقلاردىن بىرى سۈپىتىدە شۇنداق دېگەنلىكىم ئېسىمدە: «شەخسىي زىددىيەتنى مىللىي زىددىيەتتىن ئۈستۈن قويۇش، شەخسىي مەنپەئەتنى ياكى تار گورۇھنىڭ مەنپەئەتنى ئومۇمىي مىللىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن قويۇش،...» بۈگۈن شۇنى كۆرۈۋاتىمىزكى، يېقىن ئۆتمۈشتە مۇناپىق سۈپىتىدە تۈكۈرۈلگەن بەزى كىشىلەرگىمۇ «قاش ئېتىپ»، ئۇلارنىمۇ ئىتتىپاقداشلىققا چاقىرىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. بۇلاردىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، بۇ كىشىلەردە ئەقەللىي ئىنقىلاۋىي پىرىنسىپمۇ يوق، ئۇنداقكەن مۇشۇلارغا ۋەتەن مىللەتنىڭ ۋەكىللىكىنى  تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك بېرىلسە خىتايلاردىن ئايرىلىش نىيىتىمىز يوق» دېيىشلىرىنى مېنىڭسىسەك، سىياسىي تەقدىرىمىز نېمە بولار؟

بۇلار مەلۇم بىر ئىدىيىگە ئىگە كىشىلەرمۇ؟

بۇلار بىر ئىدىيىگە ئىگىمۇ، دېگەننى ئېنىقلاشتىن بۇرۇن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئەڭ داڭدار سىياسيون»لارغىلا قارىساق، بۇنىڭغا جاۋاپ تاپالايمىز. بەزى چاپانچىلار ئۆز ۋاقتىدا ئەركىن ئالپتېكىننى شۇنچىلىك يامان كۆرۈشكەنكى، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئادىمىي شەكىلدە تىلغا ئالمايدىغان دەرىجىدە ئىدى. ئۇ زامان بۇ ئۆچمەنلىككە دەل مۇشۇ «ئىككى ئايرىلماسلىق» ئىدىيىسىنى سەۋەپ قىلىپ كۆرسۈتۈشكەن ئىدى. ئەمدىلىكتە ئوخشاش ئىدىيىنىڭ مۇداپىئە ۋەزىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققىنىغا قارىساقلا، ئۇنىڭ ئەسلىدە ئىدىيىگە ئەمەس، شەخسكە قارشى تۇرغانلىقى ئاڭلىشىلماقتا.

بۇ سەپسەتىنىڭ «نەزىرىيىچىلىرى»مۇ مەيدانغا كەلگەندەك تۇرۇدۇ. ئەمدى مانا شۇ نەزەرىيىچى (تەتقىقاتچى دەۋالغىنى مەلۇم) لەرنىڭ ساۋادى، قىلىپ يۈرگەن ئىشىدىن مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇرسا، مۇشۇنداق نەزەرىيىچىلەردىن تەركىپ تاپقان توپتا يەنە قانداق ئىدىيە بولار؟

يېقىن ئۆتمۈشتە «ئاپتونومىيە»چىلىكنىڭ مۇرەسسەسىز دۈشمىنى ھېساپلىنىدىغان سىدىقھاجى روزىنى مىسال ئېلىشىمىز مۈمكىن:

«خارجى ئىشلار بۆلۈمى، بىخەتەرلىك باشقارمىسىنىڭ قارمىقىدىكى بىر ئورگانغۇ؟ ماھىنۇر يۈسۈپ خارجى ئىشلار بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇغۇ؟»

ئاتۇشلۇق يۈسۈپ ھەسەننىڭ ئوغلى ئەنۋەر يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئاچىسى ماھىنۇر يۈسۈپ (بۇ ئايال ئاپتونوم رايونلۇق خارجى ئىشلار ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. بۇ بۆلۈم بىخەتەرلىك باشقارمىسىنىڭ بىر تارمىقى ئىدى)...

«خىتايلار چىشىغا تېگىپ قويمىسا ئۇيغۇرلار نامايىش قىلمايتى» دېگەنلىك، «چىشىغا تېگىپ قويمىسىلا ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ مىللىي ھۆكۈمرانلىقىنى ياۋاشلىق بىلەن قوبۇل قىلاتتى» دېگەنلىك بولمامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ دەرىجىلىك قانائەتچان مىللەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار ئىدى؟ ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھاياتىي مەۋجۇدلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار توختىماي كۆرەش قىلىۋاتقان مىللەت ئىدى، دېيىلگەندە، ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالدىدا قەدىر – قىممىتى بولاتتىغۇ، دەيمەن؟

«...خىتاي دائىرلىرى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما، دالاي لامانىڭ مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىشىنى ئالدىنقى سىياسىي شەرت قىلغانلىقتىن ھازىرغىچە تىبەتنىڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى ھېچقانداق رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىدى.

«دالاي لاما...: مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىرقانچە قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ: مېنىڭ ئىزدىنىدىغىنىم تىبەتنىڭ ھەقىقىي ھالدا ئۆزىنى- ئۆزى باشقۇرۇشى... بېيجىڭ يەنىلا تىبەتنىڭ ھەربىي، دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى تىزگىنلىسە بولۇدۇ، دېگەن گەپنى قىلدى.

«تىبەت تارىختا زادى خىتاي تېرىتورىيىسىنىڭ بىر قىسمىمۇ ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا تارىخچىلار بىر نېمە دېسۇن، مەن بۇ چوڭ دۆلەت دائىرىسىگە كىرىپ، خىتايلار بىلەن بىرگە ياشاشقا ئاللىقاچان تەييارلىق قىلىپ قويدۇم» دېدى.

«ئۆزلىرىنى دېموكرات ئاتىۋالغان خىتايلارنىڭ ماھىيىتىدىن خىتاي —بۇ مىللەتنىڭ ماھىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولمامدۇ؟

«ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى مۇستەقىللىق، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتتىن ھالقىغان ھوقۇقى مۇستەقىللىق،...

«... ئۇيغۇرلار قانۇن ئالدىدا ئىجرا قىلىنغۇچى قۇللاردۇر... بۇنداق قۇللار بىلەن ئەھدىنامە، شەتنامە تۈزۈش بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا بۇ قۇللار بىلەن سۆھبەت قۇرۇش مۈمكىن بولمىغاننىڭ سىرتىدا، يەنە ھەتتا، ئۇلارنىڭ ھەددى-ھەركەتلىرى، سۆز-ئىبارىلىرىمۇ ئېتىبارغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ.

«ھازىر ئۇيغۇرلار ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەت، تولۇق مەنىدىكى ئىنقىلاپ پائالىيىتى ئەمەس، بەلكى پەقەت دېموكراتىك ئەللەردە دۇنيانىڭ مىزانلىرى، نىزامنامىلىرىغا ئاساسلىنىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى...

«ئازات بولۇشقا تەشنا بولغان ئۇيغۇرلار چوقۇم قان تۆكۈش كېرەكمۇ؟ چوقۇم جان بېرىشى كېرەكمۇ؟... تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا بولمامدۇ؟... »

بۇ پىرىنسىپال زىتلىق ھەممىنى ئىزاھلاپ بېرەلەيدۇ، دەپ ئويلايمەن.

 

رەت قىلىش ئاساسلىرىمىز

چوڭ ئىشلارنى قىلىمەن دېگەن ئادەم مەرگەندەك ھەركەت قىلمىقى لازىم: ئۇ نىشاننىڭ قانچىلىك يىراقلىقىنى ۋە قولىدىكى ئوقيا كىرىچىنىڭ قانچىلىك كۈچى بارلىقىنى بىلىشى لازىم. ئۇ قارىغا ئالغاندا نىشاندىن ئىگىزرەك قارىغا ئېلىشى لازىم. بۇ ئوقنى ئاشۇ ئىگىز نۇقتىغا تەككۈزۈش كېرەكلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ پەرق ئارقىلىق ئەسلىدىكى نىشانغا تەككۈزۈشنى راستىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن.

— نىككولو ماكياۋىللى [ئىتالىيە]: «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى»

 

رەت قىلىش ئاساسلىرىمىز ناھايىتى كۆپ. ئەمما ئاساسلىقى، بىزنىڭ خەلقىمىز مەڭگۈ خىتايلارغا ئىشەنمەيدۇ؛ خىتايلاردىمۇ بىز بىلەن باراۋەر بۇ زېمىندا ھاياتلىقنى داۋام قىلىش نىيىتى يوق! خىتاينىڭ نىيىتى نەسلىمىزنى قۇرۇتۇش. خەلق خاھلىمىغان ئىشنى، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا قارشى ھالدا كۆتۈرۈپ چىقىش ئۇ تەشكىلاتنىڭ خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىددىئالىرىنى رەت قىلىدۇ. خەلققە ۋەكىللىك قىلالمايدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ ئۆز قايغۇسىنى نەزەردە تۇتۇپ تاللىغان يولنى قوبۇل قىلىش تامامەن خاتا. بۇ يول خەلققە يەنە بىر قېتىم پالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ!

بەلكى دېيىلىشى مۈمكىن: «بىز مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچمىدۇق، بۇ بىر مېتود، بۇ بىر تاكتىكا،... ئاخىرقى ھىساپتا بىزمۇ... » بىز بۇ سەپسەتىلەرنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە — «قەدەممۇ-قەدەم مۇستەقىللىق» دېگەننىڭ زادى قانداق مال ئىكەنلىكى ھەققىدە يوقۇرىدا توختالغان ئىدۇق. بۇ تامامەن ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

بۇنداق بىر يولنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن، تارىختىكى يەھۇدىيلاردەك شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشىمىز كېرەك: مىللىي روھ، مۇستەقىللىق ئىستىكى، دۆلەتچىلىك ئېڭى، ئارزۇسىدىن باشقا، كوللىكتىپچىلىق روھى («مەن»چىلىكنىڭ ئەكسى)، ئازادلىق ئۈچۈن كېرەك بولسا جىمى ئىقتىسادىنى، كېرەك بولسا جېنىنى ئايىمايدىغان ئاڭلىق كوللىكتىپ بولۇشى؛ ئىلىم-پەندە كۈچلۈك ئالىملار قوشۇنىمىز بولۇشى؛ ئۆزىمىز ياشىغان ھەر دۆلەتتە ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۈچ بولغان، خالىساق شۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى مۇقىم تۇتۇدۇغان، خالىساق، داۋالغۇتۇۋېتەلەيدىغان ئىقتىسادىي كۈچىمىز بولۇشى كېرەك. مانا شۇنداق ئەھۋالدىلا بىز ئۇ دۆلەتلەرنى ئۆز مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن ھەركەتكە كەلتۈرەلەيمىز.

يەھۇدىيلار ئىنسانلارنىڭ ئېڭىنى قايتا شەكىللەندۈرۈپ چىقىش (ئۆز مىللىتىنى ئۇيۇشتۇرۇش، باشقا مىللەتلەردە ياردەمگە مايىل ھىسىداشلىق ئويغۇتۇش) ئۈچۈن ئىدىئولوگىيە قۇرۇلۇشىغا سەل قارىمىغان. پۈتۈن دۇنيادىكى مەتبۇئات (گېزىت-ژۇرنال، رادىئو-تېلىۋىزىيە، كىنو،...) قاتارلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپچۈلۈكىنى ئۇلار تەسىس قىلغان ياكى كېيىن تەدرىجىي قولغا كەلتۈرگەن. دىنىي ئېتىقادقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنكى، ئېتىقاتنى يەھۇدىيلارنى ئاخىرقى ھىساپتا قوغداپ تۇرۇدۇغان قورغان دەپ تونۇغان. ئەمەلىيەتتىمۇ ۋەتەنسىز ئىككى مىڭ يىللىق زامان ئىچىدە مىللىي ھىسلىرىنى قەلبىنىڭ قېتىغا كۆمۈۋەتكەن بولسىمۇ ھەرقاچان تىرىك تۇتتى. مانا شۇ روھ بولغاچقىلا، مانا شۇ مەنەۋىي ئىشەنچ بولغاچقىلا، بۇ ئۇزاققا سوزۇلۇدىغان مېتود ئۈنۈم بېرىدىغان دەۋرگىچە مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتماي كەلدى.

مانا شۇنداق ماددىي ۋە مەنەۋىي شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن كېيىنمۇ، ئۇلار يەنىلا قوراللىق قوشۇن تەشكىللەپ، جان پىدالىق بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىمۇ رەت قىلمىغان.

«ئاپتونومىيە» سەپسەتىسىنىڭ ھەغدالىرى «قورالىڭ بارمۇ ئەپەندى؟ ئەسكىرىڭ قېنى؟» دېگەندەك سوئاللارنى قويۇپ، ئۆز سەپسەتىسىنىڭ نەقەدەر بىمەنە سەۋەپلەرگە تايانغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىدى. مەن خەلققە شۇ سوئالنى قويماقچىمەن: بىزدە كەم بولۇۋاتقىنى قورالمۇ؟ ئەسكەرمۇ؟ بۇنى دەۋاتقانلارنىڭ قانچىلىك ھاماقەتلىكىنى، نەقەدەر ساۋاتسىزلىقىنى ئويلاپ كۆرۈش كېرەك.

بۇ ھەقتە شۇ قۇرلارنى ئەقىللەرگە ھاۋالە قىلىمەن: «بىر نېمىسنىڭ ئۇلۇغلۇق ۋە جاسارىتىنىڭ يېڭىدىن  قولغا كەلتۈرىلىشى مەسىلىسى ئۆز - ئۆزىمىزگە  ‹قوراللارنى قانداق ئىشلەپچىقىرىمىز؟› دېگەن سوئال بىلەن ھەل بولمايدۇ. ‹بىر مىللەتنى قورال كۆتۈرۈشكە قابىلىيەتلىك ھالغا كەلتۈرگەن روھنى قانداق يارىتىمىز؟›دەپ ئويلىشىمىز لازىم. بىر مىللەتنىڭ ئۈستىدە مۇشۇنداق بىر سالقىن ئەسكەن تەقدىردە ئەقلى مىڭ يول تاپىدۇ ۋە بۇ يوللارنىڭ ھەر بىرى ئۇ مىللەتنى بىر قورالغا ئېلىپ بارىدۇ. بىر قورققاق ئادەمگە ئون تاپانچا بېرىلسە ئۇ ئادەم بىر ھۇجۇم مەزگىلىدە بىر تالمۇ ئوق ئاتمايدۇ. بۇ قورققاقنىڭ قولىدىكى تاپانچىلار بىر جەسۇرنىڭ قولىدىكى قامچىدىنمۇ ئاز قىممەتكە ئىگە.

« بۈگۈن بىزنى جىددىي بىر قارشى چىقىشتىن مەھرۇم قىلىۋاتقان نەرسە قورال كەملىكى ئەمەس، ئىرادە كەملىكىدۇر»»[2][2].

بۇ دېيىلگەنلەرنى ئۆز تارىخىمىزدىكى مىللىي مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتسەكلا، چۈشۈنەلەيمىز ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنىمۇ ئاڭقىرالايمىز: سىدىقھاجى روزى «تەسلىمچىلىك» شەكلىدە مىسالغا ئالغان تۆمۈر خەلىپىنىڭ سۇلھىچىلىكى — ياكى تېنچلىقچىلىقى — ئۇنىڭ زاۋالىنى تېزلەتكەن ئىدى. ئەگەر ئۇ قارشىلىق كۆرسۈتۈشنى داۋام قىلغان بولسا ئىدى، ئۇزاققىچە بەرداشلىق بېرەلەيتى. چۈنكى ئۇ زامانلاردا خىتايلار ۋەتىنىمىزنى ھەربىي ئىشغالىيەت بىلەنلا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقاچقا — ئىدىئولوگىيىلىك قايتا شەكىللەندۈرۈش سۈزگۈچلىرىدىن ئۆتكۈزمىگەچكە — مىللىي روھ ساغلام، دىنىي ھىسىيات كۈچلۈك ئىدى، بۇ دېگەنلىك، تۆمۈر خەلىپە چەكسىز ئارقا سەپكە ئىگە ئىدى: ھىساپسىز زاپاس ئەسكەر ۋە خەلقنىڭ ئىقتىسادىي يۆلىشى بار ئىدى. تۆمۈر خەلىپە ئەسلىدە ئەسكەرمىدى؟ قورالى بارمىدى؟

ناھايىتى ئەپسۇسكى، ئۇ چاغدىكىسى ئىستىخىيىلىك قارشىلىق بولۇپ، ئېنىق سىياسىي نىشان، پىلان-پروگراممىسى بولغان تەشكىللىك ھەركەت ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا ئاسانلا ئالدامخالتىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

40-يىللاردىكىسى، گەرچە بىر گورۇھ ئاڭلىق تەبىقىمىز ھەركەتنىڭ بېشىدا كۆرسۈتۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، سوۋېتنىڭ قۇچىقىدىكى « بالا» ئىدى. بۇ ھەركەتتىمۇ «تېنچلىقچىلىق» ئىستىقبالىمىزنى قارايتتى، دېسەك بولۇدۇ. سوۋېتنىڭ قۇچىقىدا بولۇشى ئالاھىدىلىكى بىلەن خالىمىسىمۇ سۇلھقا كەلتۈرۈلەتتى، دېيىلسىمۇ، يەنىلا سوۋېتنىڭ ياردەملىرىدىن ئايرىلغان ئەھۋالدا، سۇلھ قىلغاندىكىدىن ئۇزاقراق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايتى. چۈنكى ئۇ چاغدىمۇ مىللىي ھىسىياتتا كېسەل ئاز، دىنىي ھىسىياتمۇ نىسبەتەن پاكىز بولغاچقا ئومۇمخەلقنىڭ قوللىشى بار ئىدى؛ 40 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيە بار ئىدى. شۇڭا ھىچ بولمىغاندىمۇ 4 يىل ئارتۇقراق تىركىشىپ تۇرالايتى.

 تېخىمۇ موھىمى، بۇ قارشىلىق، خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسىنى ئۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئىكەن، ئۇلار بولۇپ ئۆتكىنىدەك تېنچلىق بىلەن ئىشغال قىلماي، ئۇرۇشۇپ ئىشغال قىلاتتى. تېنچلىق بىلەن ئىشغال قىلىش بىر ئاز بۇرمىلاپ ئىزاھلانسا «خەلقنىڭ رايى، خاھلىشى» قىلىپ كۆرسەتكىلى بولۇدۇغان بىر تۇتقا؛ ئەمما سوقۇشۇپ ئىشغال قىلىش، ھەرقانچە پەردازلاپمۇ تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋېلىش ئىكەنلىكىنى يوشۇرغىلى بولمايدىغان بىر پاكىت! بۇ بولسا بۈگۈنكى داۋا ئۈچۈن ئالتۇنغا بەرگۈسىز پاكىت بولاتتى. داۋا ئۈچۈن مائاش بېرىۋاتقانلار بىر قولدا پۇلنى تەڭلەپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدۇرۇۋاتقان « خىتايلار بىزنى بېسىۋالمىغان، قوشۇۋالغان»دېگەندەك ۋەلىكىزىنا گەپلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقارغىلى بولمايدىغان بىر تارىخىي پاكىت ئوتتۇرىدا بولغان بولاتتى!

يەنە بىر جەھەتتىن، ئەگەر شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا پۇت ئېتىشقا جۈرئەت قىلىپ، قارشىلىق قىلالىغان بولسا، ۋەتىنىمىز 1949 يىلى ھەرگىزمۇ ئىشغال قىلىنمايتى؛ ئەڭ تېز بولغاندىمۇ (سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا بولۇشۇپ، غەرپ تەرەپتىن قىستىغان تەقدىردىمۇ) 1952- يىللىرىغىچە داۋام قىلالايتى. ئۇ ھالدا كورىيە ئۇرۇشى ئەڭ ئېغىر باسقۇچتا كېتىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كېلەتتى. كورىيەدە خىتايغا قارشى سەپتىكىلەر غەرپنىڭ كوممۇنىزىمغا قارشى كۆپ دۆلەت قوشۇنلىرى (تۈركىيە ئارمىيىسىمۇ بار) بولغاچقا، خىتاينىڭ غەرپ تەرەپتىن پاراكەندە بولۇشىنى كورىيە ئۇرۇش سېپىدىكى بېسىمنى ئازايتىشقا پايدىلىق دەپ قاراش ئەقەللىي ساۋات بولغاچقا، غەرپ كۈچلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، ياردەمگە قول ئۇزۇتۇپ قېلىشى ئىھتىمال بولاتتى.

ئەمدى تەيەن تېنچلىقچىلاردىن شۇنداق سورىشىمىز مۈمكىن: ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى قۇرغانلارنىڭ ئەسلىدە قولىدا قورالى بارمىدى؟ بۇ ئەمەلىيەتمۇ شۇنى كۆرسۈتۈۋاتىدۇكى، قورال ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان روھنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىزنىڭ ئەڭ زور قىيىنچىلىقىمىز. ھەرگىزمۇ قورال ۋە ئەسكەر مەسىلىسى ئەمەس!

 

 

ئەمما بىزدە ئەقەللىي ئىدىئولوگىيە قۇرۇلۇشى يوق؛ ئىزچىل تەشۋىقات يوق؛ چەتئەللەرنى ئارزۇمىزغا ئۇيغۇن ھەركەتلەندۈرەلەيدىغان ھىچقانداق مىللىي ساپا ھاسىل قىلمىغان تۇرۇپ، بۇنداق سىپايە يول بىلەن مەخسەتكە يېتىشنى ئويلىساق ھەقىقەتەنمۇ چۆچەكتىكى چۆپنى يېگەن بولۇمىز. شۇنى ئەستە تۇتۇش لازىمكى:

«كۆزلەنگەن نىشانغا قاراپ كەتكەن يولنى پەقەت شۇ قاتتىق ھەقىقەت(خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت) بەلگىلىشى كېرەك. ئۆزىگە ياقمىغان يول بىلەن نىشانغا يېتىشتىن ئۆزىنى تارتىش، بۇ دۇنيادا كۆپ چاغلاردا نىشاندىن ۋاز كەچمەك مەنىسىگە ئىگە. » [3][3]

يەنە شۇنىسىمۇ بار:

«ھېچبىر زامان نورمال بىر تۇغما ئىستەك بىلەن غازلارغا قارىتا ياخشى كۆڭۈللۈك مۇئامىلىسى قىلىدىغان تۈلكىگە ياكى چاشقانغا قارىتا مەرھەمەت ھېس قىلىدىغان بىر مۈشۈككە دۇچ كېلىنمەيدۇ.» [4][4]

ماكياۋېللى شۇنداق يازغان: «بىلىشىڭ كېرەككى، دۇنيادا ئىككى خىل كۆرەش شەكلى بار: بىرى قانۇندىن پايدىلىنىش؛ يەنە بىرى، قورال كۈچىدىن پايدىلىنىش. بىرىنچى خىل ئۇسۇل ئىنسانىي ئۇسۇلدۇر؛ ئىككىنچى خىل ئۇسۇل ياۋۇزلارچە ئۇسۇلدۇر. ئەمما ئالدىنقىسى كۆپ ھاللاردا ئانچە ئۈنۈملۈك بولمىغاچقا، كېيىنكىسىدىنمۇ پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.»

 

 

خەلققە خىتاپ

مۇستەقىللىقنى ئەمەس ئاپتونومىيە دېگەندەك چەكلىك نىشاننى كۆزلىگەنلەر ئاساسەن دېگۈدەك باشلىنىشىدىلا مەغلۇپ بولۇدىغان سۆھبەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ بۇ نىشانغا يېتەلىشى مۈمكىن ئەمەس، ھەمدە ئۇ زورلۇق كۈچ ئارقىلىق تېخىمۇ ئەشەددىيراق نىشانغا يەتمەكچى بولغان ئەشەددىيلەر تەرىپىدىن تولۇقلىنىدۇ ياكى ئەشەددىيلەر ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسەيدۇ.

— سەيمىل خانتىڭتون «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋىي تەرتىپنىڭ قايتا ئورنۇتۇلۇشى»

 

خەلقىمىز ئۆز تەقدىرى ھەققىدە بىغەملىكى بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەلدى. بۇ ھەقتە ئۆزىمىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرىلا ئىزدىنىشكە باشلىدى؛ بۇ بولسا ئۆزىمىزنى تونۇشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. ھەققىمىزدە چەتئەللىكلەرمۇ كۆپ يازغان ئىدى:

«بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىچىككىنە مەنپەئەتىگە ياردىمى بولىدىغانلا بولسا، كىمنىڭ كېلىپ ئۆزلىرىنى باشقۇرىشى بىلەن پەرۋايى پەلەككەن. تارىختىمۇ شۇنداق بولغان، ھازىرمۇ شۇنداق ئىكەن.[5][5]»

يەنە شۇنداق باھا بېرىشكەن:

«... بۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي ئىگىلىككە تايىنىپ، بىر خىل تېنچ ۋە توختام سۇدەك ئۆزگەرمەس تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. قاتمۇ- قات تاغلارنىڭ قورشاۋىدىن شەكىللەنگەن تەبىئىي جۇغراپىيىلىك توسۇق ئۇلارنى سىرتقى دۇنيادىن كېلىدىغان رەھىمسىز رىقابەتتىن چەتتە قالدۇرۇپتۇ. سىڭگەن نېنىغا شۈكۈر قىلىپ ياشايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۇلارنى ھەممە نەرسىگە پەرۋاسىزلىق بىلەن قارايدىغان، ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇنچىلىك ئۇچراپ كەتمەيدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. گەرچە بۇ يەردە نۇرغۇن يېغىلىقلار، ئىنقىلاپلار يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ مۇتلەق كۆپچۈلۈكى سىرتتىن كەلگۈچىلەرنىڭ ئويۇنى ھېساپلىناتتى. بىر ھۆكۈمراننىڭ ئورنىغا يەنە بىرسى ئولتۇرۇش، سۇلالىلەر ئالمىشىش دېگەنلەر بىلەن يەرلىك ئاھالىنىڭ ئۇنچىلىك كارى يوق ئىدى. بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۇلار بىر خىل پەرۋاسىزلارچە ئىنكاس قايتۇراتتى. بۇنىڭدىن ھەرقانداق ئادەم تەبىئىي ھالدا مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ: بۇنداق مىللەت رىقابەتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇلار يەرگە باغلانغان ئۇششاق دىھقان ياكى يىراقنى مۆلچەرلىيەلمەيدىغان ئېلىپساتارلار خالاس. يەر تېرىش ۋە ئۇششاق ئىپتىدائىي تىجارەتتىن باشقا، ئۇلاردىن چوڭ ئىشلارنى كۈتكىلى بولمايدۇ. ئۇلار كىچىككىنە بىر دۇنياغا قامالغان، سىرتقى ئەللەردىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى چۈشەنمەيدۇ، قاششاق، ھاياتىي كۈچى يوق. ئۇلار پەقەت بۇ يەردىكى تار مۇھىتقا پاسسىپ ھالدا ماسلىشىپ، ئۆز روزغارىنى ئۆز يېرىدىن ئالسىلا كۇپايە. قانداقلا بولمىسۇن، كۈن كەچۈرۈش ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مىزانى، ھەرقانداق بىر ۋەقە ئۇلارنى قوزغىتالمايدۇ، ئۇلارنى سەگىتەلمەيدۇ...[6][6] »

بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندىمۇ ئاشۇ بىغەملىكىمىز، ئاشۇ پەرۋاسىزلىقىمىز بىلەن ياشىساق، مىللىي تەقدىرىمىز بىلەن كارىمىز بولماي، ئۆزلىرىنى بىزنىڭ ۋەكىلىمىز دەۋالغانلارنىڭ قانداق بىر ئويۇن ئىچىدە ئىكەنلىكى، كىملەر بىلەن قانداق سودىلىشىۋاتقانلىقى، ئارزۇلىرىمىزنى نەچچە تىيىنگە سېتىۋاتقانلىقى،... بىلەن قىلچىلىك چاتىقىمىز بولمىسا، خۇددى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتى دەۋرىدە بولغىنىدەك، ئاشۇ خارامۇشلۇقۇمىز بۈگۈنمۇ داۋام قىلسا نەقەدەر سەت!؟

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرمەيۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، خەلق ۋەكىلى دەپ ئاتىلىۋېلىشىنىڭ مىللىي تەقدىرىمىزدە يارىتىدىغان يەنە بىر پاجىئەسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنداق ئادەملەرگە مىللىي تەقدىرىمىزنى تامامەن تاپشۇرۇپ قويماي، ھۇشيار تۇرۇش، مىللىي تەقدىرىمىز مەسىلىسىدە ئويغاق بولۇش ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ مەسئۇلىيىتى.

مەن خەلقىمىزگە يەنە ئۆتمۈشتىكى سىياسىيونلارنىڭ يازغانلىرى بىلەن خىتاپ قىلىمەن: «مىللىتىمىزنىڭ سىياسىي كۈچىنى قايتا قازىنىشى پەقەت بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ساغلام ۋە قۇسۇرسىز ھالغا كەلتۈرىلىشى مەسىلىسىدىن ئىبارەتتۇر. ئەمەلىيەتتە بۇنى ھازىرلىغۇچى ھەر بىر تاشقى سىياسەت ۋە شەخسىي رولىنى قىممەتلىك ھالغا كەلتۈرۈش تەشەببۇسى كۆپ قورالغا ئىگە بولۇشنىڭ ئەسىرى بولماستىن بىر مىللەتنىڭ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان قابىلىيىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بىر مىللەتنىڭ سىستېملىق قابىلىيىتىنى جانسىز بىر توقاي قوراللارنىڭ توپلانمىسى ئەمەس، مىللىي مەۋجۇتلۇق ھەققىدە ئوتلۇق بىر ئىرادىنىڭ ۋە ئۆلۈمنى مەنسىتمەيدىغان قەھرىمانانە بىر جاسارەتنىڭ مەۋجۇتلىقى تەمىن ئېتىدۇ.

«ھەرقانداق بىر ھەركەت مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشمەك ئۈچۈن ئەزالىرىغا كۆرەشنى ئىككىلەمچى ۋە موھىم بولمىغان نەرسە قىلىپ كۆرسەتمەسلىكى، بۇنداق كۆندۈرمەسلىكى كېرەك[7] »

 



 

      [1] ئادولف گىتلېر: »كۆرەشلىرىم« (تۈركچە نەشرى) — ئا.

      [2]  ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم»(تۈركچە نەشرى) —ئا.

        [3] ئادولف گىتلېر: »كۆرەشلىرىم« (تۈركچە نەشرى) — ئا.

       [4] يوقارقى ئىزاھقا قارالسۇن، —ئا.

     [5] تاچىبانا [ياپونىيە] «تاچىبانانىڭ غەربىي يۇرت خاتىرىسى» (ئەسئەت سۇلايماننىڭ »تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە« ناملىق كىتابىدا كەلتۈرۈلگەن نەقىل).

[6] ياڭخازبەند [ئەنگىلىيە] «پامىردىكى ئېكسپېدىتسىيە خاتىرىسى» (يوقارقى كىتاپتا كەلتۈرۈلگەن نەقىل) — ئا.

[7] ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم»(تۈركچە نەشرى) — ئا.

 


ئەزالارنىڭ باھاسى

باھالىدى Anonymous on 2010-06-26 18:40:00
ئايرىۋىلىشقا تېگىشلىك مەيدان ۋە نىشان كۆرسەتكەن يازمۇ بوپتۇ. ئاپتۇرغا ئاللاھتىن سالامەتلىك ۋە تىخىمۇ تېرەن پىكىر تېلەيمەن.

باھالىدى Anonymous on 2010-06-19 23:06:40
allah hemmimizni we ewlatlirmizni ahirqi tiniqimizghiche mussteqilliq nishanimiz we u yoldiki teyarliqimiz ,kureshimiz bilen muteqqiliqimizgha yekuzsun! amin

باھالىدى on 2010-07-02 13:32:25
Nahayti Yahshi Eser Boptu.Bundin Kiyin mana mushundaq Yahshi eserlerning kuplep Meydangha kilishni umid qilmen
Your Name / Email Address

ئاخىرقى يېڭىلىنىشى ( 201001سائەت07/01/10ئىيۇل )