(مۇنازىرە نۇسقىسى)
سۆز بېشى
ۋەتەن سىرتىدىكى 50 يىللىق مۇستەقىللىق ھەركىتىمىز بىر ئىدىيىۋىي سىستېما بەرپا قىلىش ۋە شۇ سىستېم «تانىسى»نى بويلاپ تەشۋىقات، ھەرىكەت ۋە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىش ۋە شۇ «تانا»غا توغرىلاپ تەشكىلاتلىنىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن يەككە «پارتىزانلىق» ھەركىتى – تېخىمۇ توغرىسى، لېدىر (لار)نىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بىر ئىزچىل ھەرىكەت مىخانىزىمى قۇرۇپ چىقىلمىغان ياكى قۇرۇپ چىقىلغان مىخانىزىممۇ شەكلەن بولۇپ، ئۆلۈك ياتىدىغان، بىرلا لېدىر پالاقشىپ يۈرىدىغان، شەخسىي ھەركەت شەكلى بولۇپ قېلىش تۈپەيلى داۋا ۋارىسسىز بولدى. ئۇ كۈندىن ـ كۈنگە ئەۋج ئالىدىغان، كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ، مۇكەممەللىشىپ بارىدىغان ئەمەس، لېدىرنىڭ پاچىقىنىڭ مادارىغا باغلىق بولۇپ كەلدى. نەتىجىدە، لېدىرنىڭ پاچىقىدا ماغدۇر بار چاغدا بىر ئاز «شامال چىقارغان»دەك قىلسىمۇ، پاچاقنىڭ مادارى تۈگىشى ھامان، ھەممە ياقنى قەۋرىستان جىملىقى بېسىپ، تاكى يەنە بىر لېدىر ئوتتۇرىدا بوي كۆرسەتكەنگە قەدەر ئاۋازىمىز ئۆچۈپ كەلدى. بۇ ھالدىن يەنە «لېدىر» دەۋالغانلىرىمىزنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە «ئۇيغۇرچە» لېدىر ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرىۋالغىلى بولۇدۇ.
بۇ خۇددى قەدىمقى زامان دۆلەتلىرىدە بىرەر تەدبىرلىك دانا پادىشا تەختكە چىققان ھامان ئىشلار جانلىنىپ، دۆلەت گۈللۈنۈپ، كۈچۈيۈپ، ئەتراپقا كېڭىيىپ، ئېمپىرىيە تۈسىنى ئالىدىغان؛ بۇ پادىشا ئۆلگەن ھامانلا ئۇ قەدەر شاۋ ۔ شاۋلار بىردىنلا جىمىپ، شاھزادىلار ئۆز ئالدىغا زېمىن بۆلىۋېلىپ، كىچىك ۔ كىچىك بەگلىكلەرگە ئايلىنىپ، ھەتتا مۇنقەرز بولۇپ كەتكىنىدەك بىر ھال.
چۈنكى قەدىمقى زامان دۆلەتلىرىدە دۆلەتنىڭ ئۈزۇن يىللىق ئىستراتېگىيە پىلانى، ھەركەت پىرىنسىپلىرى،... دېگەندەك بىرلىككە كېلىنگەن بىر مەنەۋىي قورال بولماي، پەقەتلا پادىشانىڭ ئاخشامدا ئويلاپ يېتىپ، ئەتتىگەندە تۇرۇپ ساراي ئەركانلىرىغا دەيدىغىنى دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە ھەرىكەت پىلانى بولۇدىغان بولغاچقا، پادىشا ئۆلگەن ھامانلا ۋارىسلاردا نېمە قىلىش مەسىلىسىدە تالاش ـ تارتىش بولماسلىقى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
مانا شۇنداق يەككە ئەقىل، يەككە ھەرىكەت شەكلى بىلەن بولۇدۇغان ئىشلار دائىم ئوخشاش نەتىجىگە ئېلىپ باردى: خۇددى جاڭگالدىن يانغان پادىنىڭ سۈرەن ـ چوقىنى ئۆتۈپ كەتكەن ھامان ئەتراپ جىمىپ كەتكەندەك.
تاكى بۈگۈنگىچە ئېنىقتەك تۇرۇپمۇ تېخىچە ئېنىقلىققا ئېرىشەلمىگەن مەسىلىلەر بار. بۇلار ئېنىق بولمىسا ئىدىيە ئېنىق بولمىغان بولۇدۇ؛ ئىدىيە ئېنىق بولمىغان تۇرۇپ، ھەرىكەت قانداق توغرا بولۇدۇ؟
مەسىلەن: بىزنىڭ دۈشمەن قارىشىمىز قانداق؟ دۈشمەن دەپ تونۇيدىغىنىمىز كىملەر؟ بىزنىڭ سىياسىي غايىمىز نېمە؟ دۆلىتىمىز قەيەر؟ ئۇنىڭ دۆلەتلىك ئورنى، سالاھىيىتى نېمە دەپ چۈشىنىلىۋاتىدۇ؟ بۈگۈنگىچە قىلىنغان ۋە قىلىنىۋاتقان ھەركەتلىرىمىز (چەتئەللەردە)نىڭ خاراكتېرى نېمە؟ يەنى، ئازادلىق ھەركىتىمۇ؟....
قارىماققا بۇلار بەك ئاددىي، بۇنىڭ جاۋابىنى ھەركىم بېرەلەيدۇ. خۇددى 2=1+1 غا ئوخشايدۇ. بۇنى باشلانغۇچ مەكتەپ ھېساپ ئىلمى نۇقتىسىدىن ھەركىم ئىشلىيەلەيدىغان ئاددىي ئەمەل؛ ئەمما «گولباخ قىياسى»دىكى ماتىماتىكىلىق قىممىتىنى تېپىش ئانچىۋالا ئاسان بولماي، بۇنى خىتاي ماتىماتىكى چېن جىڭرۈن يېرىم ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىققانغا ئوخشاش مۇرەككەپ بىر مەسىلە.
ئالدى بىلەن ئىدىيىمىز روشەن بولۇشى كېرەك. داۋامىز جەريانىدا ھەركۈن كېرەك بولۇدۇغان ئەقەللىي سىياسىي ساۋاتلاردىكى نۇقتىئىينەزەر، سان ـ سىپىرلار ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ۋە مۇقىم بولىشى كېرەك. ئاندىن بەلگىلەيدىغان سىياسىتىمىز توغرا بولۇدۇ، پىلانىمىز قوللىنىشچان بولۇدۇ؛ ھەركىتىمىزدە رېتىم، ئىزچىللىق بولۇدۇ. تەشۋىقاتىمىز(گەرچە بۈگۈنگىچە تېخى تىلغا ئالغۇدەك تەشۋىقات مىخانىزمى بولمىسىمۇ) ئاداققى مەخسىدىمىزگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاددىي مىسال: بۈگۈنگىچە بىز ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى تالىشىپ يۈرىۋاتىمىز، بۇ ئەسلىدە ئەقىل بىلەن ئويلىغاندا نومۇس قىلغۇدەك بىر ئىش. شۇمۇ تالىشىدىغان ئىشمۇ؟ ئاشۇنى بىرلىككە كەلتۈرەلمىگەن تۇرۇقلۇق باشقا يوغان گەپلەرگە نۆۋەتمۇ يوق!
بۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىيىۋىي قارىشىمىز بىر تاپقا چۈشۈشى كېرەك. ئىدىيىۋىي قاراش، مەيدان، نۇقتىئىينەزەر، قايسى مەسىلىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش قاتارلىقلارنى «تاپقا چۈشسۇن» دېسەك، ئالدى بىلەن ئاشۇ «تاپ» سىزىپ چىقىلىشى كېرەك. مانا شۇ «تاپ» مۇستەقىللىق ھەركىتىمىزنىڭ ئىدىيىۋىي ئاساسى — مەنەۋىي (ئىدىيىۋىي) سىستېمىمىز بولۇدۇ.
ئىدىيىۋىي سىستېمنىڭ پايدىسى شۇكى، ئۇ بىر مىزان رولىنى ئويناپ، بىزنىڭ بىلىپ ۔ بىلمەي نىشاندىن چەتنەپ كەتمەسلىكىمىزنى تەمىن ئېتىدۇ. مەسىلەن: بىرسى ئىقتىسادىي ياردەم تەكلىپ قىلىشى مۈمكىن؛ چوقۇمكى بۇ ياردەمنىڭ مەلۇم شەرتى بولۇدۇ. ئەگەر بۇ شەرت بىزنىڭ ئاشۇ «تاپ»تا بەلگىلەنگەن ۋاز كېچىلمەس قىممەتلىرىمىزگە مۇخالىپ كەلمىگەن ئەھۋالدا، باشقا قۇربانلارنى بېرىپ، بۇ ياردەمنى قوبۇل قىلىشقا بولۇدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلالايمىز. بىرسى بىر ئىتتىپاق تەكلىپ قىلىشى مۈمكىن. تەبىئىيكى بۇمۇ مەلۇم ئالدىنقى شەرتلەرگە تايانغان بولۇدۇ. ئەگەر بۇ ئىتتىپاققا قاتنىشىش بىزدىن مەلۇم قۇربانلارنى تەلەپ قىلسا، بۇ قۇربان ئەڭ ئاداققى سىياسىي مەخسىدىمىزنىڭ زىتى بولمىسىلا قوبۇل قىلىش مۈمكىن. ئەگەر ئەكسىچە بولغاندا ئۇنىڭ پايدىسىدىن قەتئىينەزەر قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ سىستېم بىزگە نېمىلەردە مۇرەسسە قىلىش، نېمىلەردە مۇرەسسەسىز بولۇشتا مىزان بولۇدۇ ۋە بىزنى «چۆگۈلۈتۈپ قويۇپ بېرىلگەندەك» نېمە قىلىۋاتقىنىمىز ئېنىقسىز، «ئىش قىلدۇقمۇ؟ قىلدۇق» شەكلىدىكى پايدىسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن، پىرىنسىپال ئېغىشلاردىن ساقلايدۇ. بۇندىن باشقا داۋا سېپىدىكى سىياسىيونلار، تەتقىقاتچىلار، ئوبزورچىلار،...نى مەلۇم ئىلمىي ئاساس بىلەنمۇ تەمىن ئېتىدۇكى، بۇنداق ئەقەللىي ئىلمىي ساۋاتلار، داۋا سېپىدىكى ھەممىمىز ئۈچۈن ناھايىتى موھىم. ھەممىمىز بۇ داۋانىڭ ئارقىسىدا جاپا چېكىپ يۈرىۋاتقاندەك قىلىۋاتقان بولساقمۇ، بۇ داۋاغا ئالاقىدار ئەقەللىي ئىلمىي ساۋاتلاردىكى ئاچىماقلىقىمىز، كىشىلەرنى قايسىنىڭغا ئىشىنىش، قايسىنى ئاساس قىلىشنى بىلمەسلىكتەك، گاڭگىرىتىشقا ئاپىرىپ، داۋامىزنىڭ جىددىيىتىنى، ھەقىقىي پىشىپ يېتىلگەن ئىچكىي ئارزۇنىڭ پارتلاپ چىقىشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇشنىڭ ئەكسىچە، بالىلارچە تۈس بېرىپ، كۈلكىگە قالدۇرۇشقا ياراۋاتىدۇ. مەسىلەن: ۋەتەننى تونۇش، دۈشمەننى تونۇش؛ تېرىتورىيىلىرىمىزنى تونۇش، تارىخىمىزنى تونۇش؛ دۈشمەننى تونۇش؛.... قاتارلىقلاردا مەلۇم ئاساسقا تايانغان، بىرلىككە كەلگەن تەلەپپۇز يوق؛ سان ـ سىپىرلار بىر ـ بىرىگە رەپ يېمەيدىغان شەكىلدە. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئاساس بىلەن تەمىنلەش زۆرۈرىيىتى بۇ تېمىنى قولغا ئېلىشىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.
ۋەتەننى تونۇش
ۋەتىنىمىزنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى تونۇش؛ ئەسلىدە مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقىمىزدىن گۇمانلىنىۋاتقاندەك، ئۇنىڭغا يېڭىدىن ئىسىم قويۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى تۈگۈتۈش. ئەسلىدە مۇستەقىل دۆلىتىمىز بولغان ئىكەن، چوقۇم ئۇنىڭ ئىسمى بار دېگەن گەپ. ئۇ ھالدا ئىسىم قويۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ نەقەدەر بىمەنە ئىكەنلىكى ئاسان ئاڭلىشىلىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، يېڭىدىن ئىسىم قويۇش — گويا بىز خىتايلارنىڭ دەۋاتقىنىدەك، خىتاي تەۋەسىدىن يېڭىدىن بۆلۈنۈپ چىقماقچىدەك ئۇقۇم تۇغدۇرۇپ، بۇ دەۋانى تۇيۇق يولغا تىقىپ قويۇدۇغان قورقۇنۇچلۇق خاتا! ئەگەر بۇنى، ئەسلى ئىسمىغۇ شۇنداق ئىدى، ئەمما بىز ئۇنى ئۆزگەرتمەكنى نەزەردە تۇتۇپ شۇنداق دەۋاتىمىز دەپ شەرھىيلىگۈچىلەرگە دەيدىغىنىمىز شۇكى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىليونلارچە خەلققە ۋاكالىتەن بۇنداق بىر قارارنى چىقىرىشى تېخىمۇ بىمەنىلىك. چۈنكى، ھازىر ھېچكىم بۇنىڭغا سالاھىيەتلىك ئەمەس! ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمى مىليونلارچە شېھىتلەرنىڭ قانلىرى ۋە جانلىرى بەدىلىگە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىسىمنى دۈشمەندىن ئېرىغدالغان تۇپرىقىمىز ئۈستىدە جاكالىغان ئىدى! قاچانىكى، بىز يەنە بىر قېتىم، تۇپرىقىمىزنى (ھېچ بولمىغاندىمۇ ئىسىم قويغۇچى گورۇپلار ئۆزلىرى پاتقۇدەك بىر قىسمىنى) دۈشمەندىن تازىلاپ، يېڭى بىر ئىسىم جاكالىسا، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ھەركىم ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ئەقەللىي بىر ئۇقۇم. چۈنكى ئۇ بۇ يولدا قۇربان بەرگەن ۋە بۇ سالاھىيەتنى قازانغان بولۇدۇ. شۇڭا ھازىرچە بۇنداق بىمەنىلىكنى، بالىلىقنى قەتئىي قىلماسلىق!
ۋەتەننىڭ ئاخىرقى ئىككى قېتىملىق مۇستەقىللىق جاكالىغان ۋاقىتتىكى ئىسمىنى بىر ئېغىزدىن ئېتىراپ قىلىش؛ ۋەتەن نامى مەسىلىسىدىكى ئاچىماقلىقنى تۈگىتىش؛
تېرىتورىيىمىزنىڭ چېگرالىرىنى تونۇش
ۋەتىنىمىز قەيەردىن تارتىپ قەيەرگىچە؟ ئومۇمىي كۆلىمى قانچىلىك؟ قايسى دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ؟ بۇلارنى تونۇشمۇ بىر سىياسىي داۋاگەر ھەمىشە دۇچ كېلىپ تۇرىدىغان، بىلمىسە بولمايدىغان ئەقەللىي ساۋاتلاردۇر. ئەمما ھازىرغىچە تۇپرىقىمىزنىڭ كۆلىمى ھەققىدە بىر مىليون ئالتەيۈزمىڭ قانچە قانچەدىن بىر مىليون سەككىزيۈز قانچە قانچە مىڭ كارە كلومېتېرگىچە بولغان خىلمۇ ـ خىل سانلار بېرىلىپ، داۋانى بالىلارچە تۈستە كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. تېخىمۇ يامىنى بۇ سىياسىي داۋانىڭ بېشىدىكىلەرنى سىياسىي ساۋادى تۆۋەن، ئاۋارىلاردەك كۆرسۈتۈپ، بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ خەلقارادىن كۈتۈۋاتقان ياردەملىرىمىزنى چۈشكە ئايلادۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە ھەققىدىمۇ جۇغراپىيە ساھەسىدىكى بىلگىنلىرىمىزدىن بىرەرسى ئىشىنەرلىك ئاساسلارغا تايانغان بىرەر ئىلمىي ماقالە بىلەن بىر سان ئوتتۇرىغا قويۇشلىرى كېرەك ۋە شۇندىن كېيىن ھەممىمىز ئەنە شۇ ساننى دېيىشىمىز كېرەك.
ۋەتەننىڭ تارىخىنى — ھېچ بولمىغاندا مۇستەملىكە تارىخىنى تونۇش
تارىخنى بىلىش ئەلۋەتتە تارىخچىلارنىڭ ئىشى. بۇ مۇپەسسەل تارىخ بىلىمىنى كۆزدە تۇتقاندا شۇنداق. ئەمما بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي داۋاسىنى قىلىۋاتقانلار، بىر مىللىي داۋانىڭ نەزەرىيە ساھەسىدە ئىشلەۋاتقانلار بىلمىسە بولمايدىغان ئەقەللىي تەرىپىمۇ بار. بىز كىممىز؟ بۇنى ھەر زامان قىسقا ۋە خاتاسىز ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان بىر كىشى لېدىرلىق ئورنىدىن داۋاگەر بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئەقەللىي ئۇقۇم شۇكى، سەن ئۆزەڭ داۋاسىنى قىلىۋاتقان خەلقنىڭ، تۇپراقنىڭ قىسقىچە تارىخىنى بىلمىسەڭ قانداق داۋاچى بولالايسەن؟ ئەمما بۇ تەلەپ پەقەتلا ئەڭ ئۈست قاتلامدىكى لېدىرغىلا قارىتىلغان ئەمەس. بۇ داۋا سېپىدە باشلامچىلىق رولى ئويناۋاتقان سىياسيونلارنىڭ ھەممىسى، نەزىرىيىۋىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئەقەللىي تەلەپتۇر. چۈنكى، بىزدىن ھەرئان بىر مۇخبىر، بىر چەتئەللىك قىزىققۇچى سورىشى مۈمكىن. ئۇ ھالدا بىز بۈگۈن بىر خىل، كېيىنكى قېتىم يەنە بىر خىل جاۋاپ بەرسەك، ئۆزىمىز ھەققىدىكى كىشىلەرنىڭ باھاسىنى سەلبىي تەسىرگە ئۇچراتقان بولىمىز. ھېچ بولمىغاندا مۇستەملىكە تارىخىمىزدىكى يىللار، سان ۔ سىپىرلار ئېنىق ۋە بىر خىل بولىشى كېرەك. تارىخىي پاكىت شۇكى، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرىنچى قېتىم خىتايلار تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىشى 1759 - يىلى. ئىككىنچى قېتىملىق ئىستىلا 1878 - يىلى. ۋەتىنىمىزگە خىتايچە ئىسىمنىڭ قويۇلغان ۋاقتى 1884 ـ يىلى. تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز 1933 ـ يىلى 12 ـ نۇيابىردا؛ ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىز 1944 ۔ يىلى 12 ۔ نۇيابىردا قۇرۇلدى. كوممۇنىست ئىستىلاسى 1949 ۔ يىلى بولدى. ۋە كوممۇنىستلار ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان يىلدىكى نوپۇس نىسبىتىدە خىتايلارنىڭ تۇتقان ئورنى 2% ئىدى. بۇ نوپۇس نىسبىتى ناھايىتى موھىم بىر داۋا تۇتقۇلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇنى بەزىلەر 5%، بەزىلەر 10% دەپ ئۆزى بىلگەنچە بىلجىرلاۋاتىدۇ. مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇنۇم خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بىر دوكلادتا بېرىلگەن سان بولۇپ، باشقا نۇرغۇن تارىخىي يىپ ئۇچلىرى بىلەن ھىملىشىدۇ. شۇڭا بۇنى تامامەن توغرا دەپ قارايمەن. مانا شۇنىڭدەك تارىخىي سان ۔ سىپىرلار مۈمكىن بولغىنىچە يۈزدە ۔ يۈز توغرۇلۇق يۆنۈلۈشىدە تەتقىق قىلىنىپ، بېكىتىلىشى؛ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلمىي ئاساس كۆرسۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بالىلارچە ھەركۈنى ئۆزگەرتىپ، خىلمۇ ۔ خىل ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۇندىن باشقا تارىخىي ئاتالغۇلار مەسىلىسىمۇ بىزنىڭ سەۋىيىمىزنى كۆرسۈتۈدىغان ئەينەك بولۇپ قالماقتا: ئانچە ئوقۇمىغان بىر دوستىمىز سىياسىيونلىرىمىزنىڭ سۆزلىرىدە «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى» دېگەن ئاتالغۇغا دىققەت قىلغان. دېمەك بەزى خاتالارنى كۆڭۈل تۇيىدىكەن! ئوقۇمۇغان بولسىمۇ بۇ گەپنىڭ نەقەدەر كۈلكىلىك گەپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ماۋزېدوڭنىڭ ئاتالمىش تەزىيە تېلېگراممىسىدا تىلغا ئېلىنغان قەستەن كىچىكلىتىپ، سىياسىي مەخسىدىنى بۇرمىلاپ ئاتاشتىن كەلگەنلىكىنى ھىس قىلالىغان، ئاپىرىن! ئەمما، سىياسىي پائالىيەتتىكى ئەرباپلىرىمىزنىڭ ھېلىغىچە ماۋزېدوڭ قويۇپ بەرگەن ئاتنى كۆتۈرۈپ يۈرىشى، داۋانىڭ ساپاسىغا بېرىپ تاقالمامدۇ؟ بۇ مەسىلە بىر ئاددىي سوئال بىلەنلا ئېنىقلىدۇ: ئەجەبا شۇ قېتىمقى ئىنقىلاپنىڭ مەخسىدى ئۈچ ۋىلايەتنىلا ئازات قىلىشمىدى؟ ئەگەر ئۇنىڭ مەخسىدى شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلىش بولۇدۇغان بولسا، ئۇ ھالدا نېمىشكە «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاۋى» دېمەيمىز؟
دۈشمەننى تونۇش
دۈشمىنىمىز خىتاي! بۇ نۇقتا قەتئىي ۋە روشەن بولۇش (بۇ ھەقتىكى پايدىلىنىش ماتىرىيالى: «يا مۇستەقىللىق يا ئۆلۈم» دېگەن كىتاپتىكى «دۈشمەن قارىشىمىز» ناملىق ماۋزۇ). قايسى خىتاي دۈشمىنىمىز؟ يەر يۈزىدىكى خىتايلارنىڭ ھەممىسىمۇ؟ ياكى خىتاي ئىمپىرىيىسىدىكى بارلىق خىتايمۇ؟ پەقەت كوممۇنىست خىتايمۇ؟ ياكى خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى خىتايلارمۇ؟ ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇزچى كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتاي پۇخرالىرى، ئارمىيىسى، ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ؟
مېنىڭچە شۇنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك: مەيلى قەيەردە ياشاۋاتقان خىتاي بولسا بولسۇن، مەيلى قانداق سىياسىي كۆز قاراشقا ئىگە خىتاي بولسا بولسۇن، ۋەتىنىمىز مەسىلىسىدە، بۇ تۇپراقنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان؛ ئەجداتلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان مۇستەملىكە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان؛ بىزنىڭمۇ ئىنسان سۈپىتىدە مۇستەقىل بولۇش ھەققىمىزنىڭ بولۇشىنى ئەقەللىي تەلەپ دەپ تونۇمايدىغان بارلىق خىتايلار دۈشمىنىمىز. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا دۈشمىنىمىز ئەمەس.
يەنە بۇ دۈشمەننى ئىككى ئاساسىي كاتىگورىيىگە بۆلۈپ، شۇنىڭغا كۆرە مۇئامىلە قىلىش كېرەك. چەتئەللەردىكى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي تېرىتورىيىسى دەپ تونۇيدىغان، تاجاۋۇزچى ئەجداتلىرىنىڭ قىلمىشىدىن نومۇس قىلىشنى خالىمايدىغانلار پاسسىپ دۈشمەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەركىتىمىزگە بىۋاسىتە زىيىنى يوق، پەقەت چەتئەلدىكى پائالىيەتلەردە ئۇلار بىلەن ئىدىيىۋىي توقۇنۇشىمىز بولۇشى مۈمكىن. خىتاي ئىچىدە ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ تاجاۋۇزچى ھۆكۈمەت بىلەن بىر پىكىردە بولغانلىرىمۇ پاسسىپ دۈشمەن بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ بىۋاسىتە ۋە جىسمانىي زىيىنى يوق، پەقەت تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئارقىسىدىكى زاپاس كۈچ. ۋەتىنىمىزدىكى خىتايلار — مەيلى ئادەتتىكى دىھقان، ئىشچى بولسۇن، ياكى ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىدىكىلىرى بولسۇن تاجاۋۇزچىلىق تەبىئىتىدىلا بولىدىكەن، ئاكتىپ دۈشمەندۇر. پاسسىپ دۈشمەن ھېسابىدىكى خىتايلارنى يەنە ئىككى تۈرگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك: چەتئەللەردىكى پاسسىپ دۈشمەنلەر ۋە خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى پاسسىپ دۈشمەنلەر. خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى پاسسىپ دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ھەرقاچان ئاكتىپ دۈشمەنگە ئايلىنىش ئىھتىمالى زور بولغاچقا، ئۇلار بىز ئۈچۈن ئىككىنچى دەرىجىدە خەتەرلىك.
يوقۇرىدا سۈپىتى بەلگىلەنگەن دۈشمەن خىتايلاردىن باشقا، دۈشمەن كەشپ قىلىش ئىنتايىن زىيانلىق. بۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئېزىتقۇلۇق قانچىلىق جەزىبىلىك مەپكۈرىلەر بىلەن پەدازلانغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭغا ئالدانماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى، زىكرى قىلىنغان دۈشمىنىمىزمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە چوڭ ۋە كۈچلۈك بولۇپ، بىزگە يېتەرلىك. شۇڭا بۇنىڭ تاشايىنىدا دۈشمەن يارىتىش ئۇرۇنۇشلىرى يا دۆتلۈكتىن بولۇدۇ؛ يا دۈشمىنىمىزنىڭ ئايغاقچىلىرى ئارقىلىق يۆنلەندۈرۈپ، بىزنى تۇيۇق يولغا باشلىشىدىن بولۇدۇ. ھەر ئىككىسى نەتىجە ئېتىبارى بىلەن خاتا ۋە زىيانلىقتۇر. بۇندىن باشقا بەزى ئىنسانپەرۋەر ياكى تېنچلىقپەرۋەر چۈمپەردىسىدە كۆرۈنۈدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ «پۈتۈن خىتاي مىللىتىنى قارشىمىزغا ئېلىۋالساق قانداق بولۇدۇ» دېگەن ئەندىشىسىگە قارىماي، پاكىت شۇكى، يوقۇرىدا تەرىپى تىلغا ئېلىنغان خىتايلار مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن دۈشمەندۇر. ئۇنى زورۇقۇپ ئازايتىپ كۆرسۈتۈشنىڭ خۇددى ھەممىنى دۈشمەن قىلىۋالغاندەكلا پايدىسى يوق. دۈشمەننىڭ بىرلا دۈشمەن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىنى ئومۇملاشتۇرۇش داۋا ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم بولۇپ، بۇ داۋا تەشۋىقاتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى.
«تامامەن خىلمۇ ۔ خىل دۈشمەنلەرنىڭ بىرلا سىنىپقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك چۈشەندۈرۈش — ئۇلۇغ لىدېرلارغا خاس تالانتتۇر. ئەكسىچە دۈشمەنلەرنىڭ كۆپ خىللىقى توغرىسىدىكى چۈشەنچە ئاجىز ۋە ئىككىلىنىش ئىلكىدىكى خىياللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۆرەش نىشانىغا قارىتا شۈبھە تۇغدۇرۇشقا سەۋەپ بولۇدۇ.
«ھەر دائىم ئوخشىمىغان دۈشمەننى ئۆز سەبداشلىرىمىز ئاممىسىدا كۆرەشنىڭ پەقەت بىر دۈشمەنگە مەركەزلەشتۈرۈلگەنلىكى چۈشەنچىسىنى ئويغاتماق ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاش كېرەك، بۇ ئۆز داۋامىزغا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ئىشەنچكە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ قارشىسىدىكى ھاياجاننى ئارتتۇرىدۇ. »
«بىرنى بىر دېيىش» فورمىسى بويىچە، دۈشمەن ئۆلچىمىمىزگە توشۇدۇغانلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەن؛ توشمايدىغانلىرى دۈشمەن ئەمەس.
ئۆزىمىزنى تونۇش
ئۆزىمىزنى تونۇشىمىزمۇ زۆرۈرىيەتلەردىن بىرى. خىتاي كىلاسسىكلىرىدىن «جەڭ سەنئىتى»دە «ئۆزگىنىمۇ، ئۆزەڭنىمۇ بىلسەڭ، ھەرقانداق جەڭدە يېڭىلمەيسەن» دېيىلگەندەك، ئۆزىمىزنى بىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى شۇنىڭدىكى، ئا Q چە «روھى غالىبىيەتچىلىك» بىلەن، ئۆز ئۆزىمىزنى ئۇلۇغلاپ، كەمچىلىكلىرىمىزگە كۆز يۇمۇپ، خاتالىقلىرىمىزنى يوشۇرۇپ، زىددىيەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ، كۆڭۈل خۇشى قىلىشتىن ساقلىنالايمىز. نېمىلەرنى تولۇقلاش ھەققىدە پىكرىمىز ئېنىق بولۇدۇ؛ نېمىلەرنى تۈزۈتۈشنى بىلىمىز — ئىشىمىزنى بىلىپ قىلىدىغان بولىمىز.
ئۆزىمىزنى قانداق تونۇيمىز؟ بۇ ھەقتىمۇ كۆپچۈلۈك بىلگىنلىرىمىز ئورتاق ئىزدىنىشلىرى كېرەك. چۈنكى بۇمۇ ئانچە ئاددىي مەسىلە ئەمەس. ئۆزىمىزنى تونۇش مەسىلىسى يەنە ھە، دېگەندىلا بەزىلەرنىڭ چىشىغا تېگىشكە ئېلىپ بارىدىغان نازۇكلۇق تەرىپىمۇ بار. زىددىيەتنى يوشۇرۇش — تېخىمۇ چوڭ يارىغا سەۋەپ بولۇدۇ؛ زىددىيەتنى ئاشكارىلاش — قارشىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك ئاسان ئەمەس. ئۆزىمىزنى تونۇش ئۆزىمىزنى تۈزۈتۈش، ئۆزگەرتىش ئۈچۈندۇر. ئۇنداق ئىكەن، خاتانى ئوتتۇرىغا قويمايلا تۈزەتكىلى بولامدۇ؟ بۇنىمۇ ئويلىماق لازىم. تۈزۈلىمىز دەيدىكەنمىز، تەنقىدلەرنى توغرا قوبۇل قىلىش ئادىتى يېتىلدۈرىشىمىز شەرت. زىددىيەتنى يوشۇرغان ھالدا زىددىيەتتىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ؟ بۇ خىل مەنەۋىي ئاتموسفىرا يارىتىشنىڭ يولى تەشۋىقاتتۇر. تەشۋىقاتنىڭ توغرا يۆنۈلۈشتە بولۇشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە بۇ ماۋزۇدا تەكىتلىنىۋاتقان نەزەرىيىۋىي ئاساس كېرەك.
خىتايلار بىلەن ھەمكارلىق مەسىلىسى
بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان خىتايلار ئومۇمەن مەۋجۇد ھاكىمىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتايلار بولۇپ، بۇلارنىڭ مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە قارشى ئىكەنلىكى تەرىپى بىزگە گويا ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ پارلاق ئۇپۇقىنى كۆرسەتسىمۇ، ئۇلارنىڭ يەنىلا «خىتاي» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى نۇقتىسى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىلسىلا، ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئېغىشلارغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىدە مەڭگۈ ئىھتىياتچان بولۇش؛ پۈتكۈل تارىخىمىزدا خىتايلاردىن باشقا مۇقىم ۋە مۇرەسسەسىز دۈشمىنىمىزنىڭ بولمىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇش؛ خىتايلارنىڭ سىياسىي قارىشى ۋە ھاكىمىيەت شەكلىدىن قەتئىينەزەر، ۋەتىنىمىزدىن ئىبارەت بۇ باي مۇستەملىكىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ تارىخىي مىساللىرىنى ھەر زامان ئەستە تۇتۇش؛ بۇ مەزمۇنلار تەشۋىقات تەرغىباتىمىزدا مەلۇم سالماق تۇتىشى كېرەك. ھەرقانداق كېلىشىم، ئاڭلاشما ئالدىنقى شەرتكە تايىنىدۇ. بىزنىڭ خىتايلار بىلەن بولۇدۇغان ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى: ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ ئەجداتلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئېتىراپ قىلىدىغان، ھەق ۔ ئادالەت تۇيغۇسىدا مۈجىمەللىكى بولمىغان خىتايلار بولىشى كېرەك.
ئاڭلاشما - كېلىشىملەرنى شەرت قىلمايدىغان ۋاقىتلىق ھەركەت بىرلىكلىرى (مەسىلەن: ۋەتەن سىرتىدا مەلۇم خاتىرە كۈنلەردىكى ئورتاق نامايىش؛ ئورتاق يىغىلىش ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئەگەر خەلقارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولسا) ئالدىنقى شەرت بولمىغان ھالدا بولسىمۇ بولۇدۇ. ئەمما، خىتاي تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولسا، بۇ نارازىلىق مەزمۇنلىرى ئىچىدە بىزنىڭ ئازادلىق ئارزۇيىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەزمۇنلار بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ، بۇنىڭسىز بۇنداق ھەركەتلەرگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ.
ئاداققى سىياسىي غايىمىز
ئاداققى سىياسىي غايىمىز — ئۈزۈلـكېسىل مۇستەقىللىق!
ئۈزۈلـكېسىل دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىشىمىزنىڭ سەۋەبى، ھەرقانداق تۈر ۋە شەكىلدىكى بېقىندىلىقنى رەت قىلىش؛ خىتايدىن باشقا كۈچلەرنىڭ كونتروللىقىنىمۇ ئوخشاشلا نومۇس دەپ بىلىش.
ھەرىكەت پىرىنسىپىمىز
مەڭگۈ مىللىي مۇستەقىللىق قارىشىدا چىڭ تۇرۇش؛ ھەرقانداق باشقا پىكىر ئېقىملىرىغا ئاغماسلىق. مەسىلەن: پان ئىسلامىزىم ۋە پان تۈركىزىم دېگەندەك. (مەجمۇئەمىزنىڭ ئىككىنچى كىتاۋىدىكى «ۋاقتى ئۆتكەن قالپاق» ناملىق ماقالىدا بۇنىڭ پايدا ـ زىيانلىرى تەپسىلىي شەرھىيلەنگەن)
سىياسىي غايىمىزگە زېيىنى تېگىدىغان ھەرقانداق جەزىبىلىك، دەبدەبىلىك قاراشلارغا بېرىلىپ كەتمەسلىك، ئالدانماسلىق، تامامەن مېنىڭسىگەن ھالدا قوبۇل قىلىپ، ئاساسلىق سىياسىي غايە ئورنىغا قويىۋالماسلىق؛ باشقا دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولماسلىق.
چەتئەللەردە: تاشقى مۇناسىۋەت، دىپلوماتىيە شەكىللىرى بىلەن خەلقارا جامائەت پىكرىنى پايدىلىق تەرەپكە يۆنلەندۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قاناتيايدۇرۇش، ئەمما بۇنى ھېچقاچان بىردىنـبىر ۋە ئەڭ توغرا بولغان كۆرەش شەكلى \ مېتودى قىلىۋالماسلىق ياكى شۇنداق دەپ تونۇۋالماسلىق. ھەرقانداق شەكىلدىكى تېنچلىق كۆرەش ئۇسۇلىنى رەت قىلماسلىق، ئەمما ھېچقاچان بىردىنـبىر يول، ئاساسلىق مېتود دەپ تونۇۋالماسلىق.
ۋەتەن ئىچىدە: جىسمانىي كۆرەش شەكلىدە، مەڭگۈ مەخپىي ھەركەت پىرىنسىپىدىن ۋاز كەچمەسلىك، ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە يەككە ھەركەت ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىش، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئۈچ كىشىدىن ئاشمىغان كىچىك گورۇپپىلار ھالىتىدە كۆرەش قىلىش، «بىر قوماندانلىق»، «بىرلىشىش» چاقىرىقلىرىنىڭ جەزىبىسىگە گول بولماسلىق؛ بۇنىڭ يېقىن كەچمىشىمىزدىكى ئاچچىق ئاقىۋەتلىرىنى ئەستە تۇتۇش؛ ۋەتەن سىرتىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە ھامان گۇمانىي قاراش بىلەن يېقىنلىشىش؛ ئادەم ئىسىملىرى، ھەركەت كۆلىمى، كەلگۈسى پىلانلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەسلىك.
دىپلوماتىيە پىرىنسىپىمىز
دىپلوماتىيە مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغاندا ھازىرقى سىياسىي ساپامىز كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ ۋە خىجىل بولماي تۇرالمايمىز. دىپلوماتىيە — مىليون كىشىلىك ئارمىيىنىڭ يۈزمىڭلارچە قۇربان بەدىلىگە يىللارچە ھەپىلىشىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى پاكىز ئىشخانىلاردا، بىر نەچچە سائەت ئىچىدە قولغا كەلتۈرۈدىغان ياكى تامامەن قولدىن بېرىدىغان بىر جەڭگاھتۇر. شۇڭا بۇ سەپ ئاجايىپ ماھىرلىق تەلەپ قىلىدۇ. بىلىم تەلەپ قىلىدۇ. گەپ قىلدىم دەپ ھەرنېمە دەۋەرگەن بىلەن مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئۈمىدى، غايىسى بىر نەچچە دەقىقىدە يوققا چىقىدىغان گەپ. شۇڭا بۇ تېما ئۈستىدە ناھايىتى كۆپ تارماقلارغا بۆلۈپ، تەپسىلىي توختۇلۇشقا توغرا كېلىدۇ. لېدىر قانداق بولىشى كېرەك؟ نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ كىملەردىن قانداق پايدا ئۈندۈرىلىدۇ؟ قانداق كۈچلەرنىڭ دىپلوماتىك زىيانلىرىدىن ساقلىنىش كېرەك. قانداق كۈچلەر بىزنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقچىمىز بولالايدۇ؟ قانداق كۈچلەردىن ۋاقتلىق پايدىلىنىش مۈمكىن؟ قانداق كۈچلەردىن «توخۇنى بوغۇزلاپ، مايمۇننى قورقۇتۇش» شەكلىدە پايدىلانغىلى بولۇدۇ؟ قانداق ئەھۋالدا «سۈرىتىنى سېتىپ، ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىش» ئويۇنى ئوينۇلۇدۇ؟... بۇلار ھەققىدە مەخسۇس سىياسەت، ئستراتېگىيە تەتقىقات ئورگىنىمىز(كەلگۈسىدە مۇشۇنداق بىر ئورگاننىڭ مەيدانغا كېلىشى باش تارتىپ بولمايدىغان بىر زۆرۈرىيەتتۇر) لېدىرلارنى مۇقىم ۋە ۋاقىتلىق بىلىم بىلەن تەمىنلەپ تۇرىشى شەرت.
ھەركىتىمىزنىڭ خاراكتېرىنى تونۇش
ئەگەر ھەركىتىمىزنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق ۋە توغرا تونۇمۇساقمۇ ئوخشاشلا خاتالىشىمىز ۋە ئورنىنى تولدۇرىۋالغىلى بولمايدىغان زىيان تارتىمىز. مەسىلەن: ھازىرغىچە چەتئەللەردە قىلىنىۋاتقان ئىشلار «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەركىتى» دەپ تونۇلسا، دېمەك خاتا بولغان بولۇدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئىشنى قىلىۋاتىمىز دەپ ئويلاپ قالىمىز -دە، ئەمەلىيەتتە ئۇ لېنىيە ئاق تاشلىنىپ كېتىۋېرىدۇ! ھەركەتلەرنى شۇنداق سىنىپلاندۇرۇش مۈمكىن: شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق ھەركىتى (بۇ كەڭ مەنىدە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، كونكرېت مەنىسىدە پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تېرىتورىيىمىزنى بىۋاسىتە تەسىرىگە ئالىدىغان ھەركەتلەرگىلا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىمىزمۇ تار مەنىسى)؛ مىللىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ھەركىتى؛ خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئۆزىمىزنى ۋە دۈشمىنىمىزنى تونۇتۇش ھەركىتى.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئاۋالقى ئىككى تۈرلۈك ھەركەت مۇتلەق تۈردە خەلقىمىز ئاساسىي قىسمىغا ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن ھەركەت بولۇپ، خەلقنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن؛ دۈشمەنگە ھېچ زىيىنى بولمىغان ھەركەتلەرنى بۇ تۈردە دەپ قاراش خۇددى سەۋزىدە خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يېگەندەكلا ئىش بولۇدۇ.
داۋا تەرتىبىنى بىلىش
چەتئەللەردىكى داۋا پائالىيەتلىرىمىزنى توغرا سىنىپلاندۇرغاندىن كېيىن، مۇكەممەل بىر داۋا تەرتىبىنى بېكىتىپ چىقىش؛ ئاندىن شۇ تەرتىپ بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ئەگەر بىر چەتئەللىك (ژۇرنالىست، سىياسىئون، دىپلومات،...) بىزدىن سىياسىي ھوقۇق ئەھۋالىمىز، سايلىنىش نىسبىتىمىز،.... دېگەندەك چوڭ مەسىلىلەرنى سورىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى داۋا تەرتىبى بويىچە، بىزنىڭ تېخى ئىپتىدائىي كىشىلىك ھوقۇقلارغىمۇ ئىگە ئەمەسلىكىمىزگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىش. چۈنكى تاشقى دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى خوڭكوڭغا ياكى كانادانىڭ كۇيبەك ئۆلكىسىگە ئوخشۇتۇپ ساددىلىق بىلەن، خىتايلارنىڭ بىزگە تۇتىدىغان ئەھۋالىنى ھېچ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. مەسىلەن، پاسپورت مەسىلىسى بىر ئۆرنەك بولىشى مۈمكىن. بۈگۈنكى دۇنيادا ھېچقانداق بىر دىكتاتور ياكى ئۆتۈپ كەتكەن فاشىست بىر دۆلەت بولغاندىمۇ، ئۆز پۇخرام دەپ دەۋا قىلىۋاتقان كىشىلەرگە بۇنداق مۇئامىلە قىلمايدۇ. بىر خىتاي ئىلتىماس قىلىپلا پاسپورت ئالىدىغان بولسا، بىر ئۇيغۇر يەتتە ئورگاندىن تەستىق ئېلىشى، ئىككى دۆلەت خىزمەتچىسىنىڭ كېپىللىكىنى ئېلىشى، يۈز مىڭلاپ پۇل زاكالەت قويىشى شەرت! بۈگۈنكى مۇشۇ ئەسىردە بۇ رېئاللىققا چەتئەللىكلەرنى ئىشەندۈرۈشمۇ تەس. مانا شۇنداق ئەقەللىي ھەققىمىزنىڭمۇ يوقلۇقىنى جانلىق كۆرسۈتۈش كېرەك.
مىللىي ئەقىدىمىزنى تونۇش (تىكلەش)
ئەمدى بۇ تېمىدا بەزىلەر دەۋاتقان «مىللەتكە ئۈمىد بېرىش» (ياكى ماڭا كەيدۈرىلىۋاتقان «ئۈمىدسىزلىك تەرغىباتى قالپىقى») ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئازراق توختۇلىمەن.
ئۈمىدنىڭ بولىشى، مىللەتنىڭ بىر ئۈمىدكە باغلىنىشى ئەلۋەتتە زۆرۈر. ئۈمىدسىزلىك مەنىۋىي جەھەتتىن ئادەمنى تۈگەشتۈرىۋېتىدىغانلىقىمۇ راست. ئەمما مىللەت شۇنداق بىر يېمىرىلمەس ئۈمىدكە باغلىنىشلىرى كېرەككى، بۇ ئۈمىد ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق ھادىسىلەر، تاشقىي ئامىللار بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ قانداق بىر ئۈمىد؟ ئىچكىي — مەنەۋىي ئەقىدىمىزگە تايانغان ئۈمىد بولىشى كېرەك. بۇنداق بىر مەنىۋىيەت ئەلۋەتتە تەبىئىي ئېرسىيەت ئامىللىرىغا باغلىق بولۇش بىلەنلا قالماي، يەنە ئۇنى مەخسەتلىك شەكىلدە، پىلانلىق ھالدا يېتىلدۈرۈشكىمۇ بولۇدۇ. بۇ ھەقتە تەشۋىقاتنىڭ قۇدرىتى توغرىسىدىكى ياشمىشلىرىمدا ئادەمنى يېڭىدىن شەكىللدۈرگىلى بولىشىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان ئىدىم. دېمەك، كۈچلۈك بىر مىللىي ئەقىدە تەشۋىقات ئارقىلىق يېتىلدۈرىلۈدۇ. بۇمۇ، توغرا ئىدىيىۋىي سىستېم بەرپا قىلغاندىن كېيىنكى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا چەتئەللەردە قىلغىلى بولىدىغان بىردىن بىر ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك ئىش.
قىسقىسى، — «بىر مەنىۋىي مەپكۈرىگە ئاساسلانغان ئەخلاقىي بىر قۇۋۋەت بولماستىن، ماددىي قۇۋۋەتنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى بىزنى ھېچبىر زامان بىر پىكىرنىڭ يېمىرىلىشى ياكى يېيىلىشىدىن ئىبارەت نەتىجىگە ئاپىرالمايدۇ. »
دۈشمەن قارىشىمىز ئېنىق، سىياسىي غايىمىز ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ھەممە ھەركىتىمىزنى بۇنىڭغا ئاساسەن توغرا ئىزغا سېلىشقا تىرىشىش: بالىلارنى تەربىيىلەش، ئوقۇيدىغان كەسپلەرنى تاللاش،... قاتارلىقلاردا «مىللىي مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟» دېگەننى چىقىش نۇقتىسى قىلىش.
يوقۇرى دەرىجىدىكى ئىلغار پەن - تېخنىكا ساھەسىدە ئوقۇيدىغان، ئوقۇۋاتقان ياكى ئىشلەۋاتقانلاردا «مىللىي مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟» دېگەن خىيال دائىمىي بولۇش؛ خىزمەت مەجبۇرىيىتى دائىرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىدىن باشقا، مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈنمۇ ئايرىم تەتقىقاتلىرى بولىشى ياكى خىزمەت تەتقىقاتىدا پايدىلىنىشقا تېگىشلىك قانداق پايدىلىق ئامىللارنىڭ بارلىقىغا ھەرقاچان دىققەتلىك بولىشى كېرەك. چۈنكى ئىلىم - پەن شۇنداق سىرلارغا ئىگىكى، بەزىدە بىر ئادەم پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرىدىغان كۈچكە ئىگە بولىشى مۈمكىن. مەسىلەن: ئېلىكترومېخانىك بومبا، بارلىق زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەرنى تۆمۈر دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھازىرقى تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئەڭ ئاز 200 يىل ئارقىغا چېكىندۈرىۋېتىشى مۈمكىنلىكى سۆزلەنمەكتە. بۇ يېمىرىلمەس كۈچ بولۇپ كۆرىنىۋاتقان خىتاينى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن يەر بىلەن يەكسان قىلىۋىتىشكە بولۇدۇغانلىقىنى تەسەۋۋۇرىمىزغا كەلتۈرۈدۇ!
باھالىدى Sedary on 2010-04-22 23:30:32 تور بەت يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىنىۋاتقاچقا Embedقىلىنغان خەت نۇسقىسىنى تونۇتۇشقا بولمايۋچاتىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى چۈشۈرمىلەردىن كىرىپ ياكى بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىلىرىدىن چۈشۈرۈپ يۈكلىۋالسىڭىز نورمال كۆرىسىز. ېتىمىزدە ئاساسلىق ئىككى خىل خەت نۇسقىسى ئىشلىتىلدى: ئەلپىدا يۇنىكود سىستېم ۋە ئۇ ك ى ج ئەسلىيە.باھالىدى
This email address is being protected from spam bots, you need Javascript enabled to view it
on 2010-04-15 04:58:20 eserlerning xet shekli buzulup korunudiken. taza yaxshi oqughili bolmidi. qandaq usul qollunush kerek?باھالىدى
This email address is being protected from spam bots, you need Javascript enabled to view it
on 2010-05-14 13:35:35 alla razı bolsun.yahshı pıkır ... buludu? dıgan sual manga yakmaydu, lıkın nıma ılaj daysız. shu gap bızda bar.باھالىدى Anonymous on 2010-07-05 14:56:16 wetinimizning esli tuprighi 1.828 418 kilumitir. 1950 yili(bu yil isimde qalmaptu,ishqilip maozidong birinci qitim sabiq suwit itipaqigha birip sitalin bilen svhbetleshken chagh) maozidong zhongguo suwit kilishimide altayning sherqi we qumulning shimalidin bir qisim jayni sitalinning telep qilishi bilen Mongghuliye ge qushup bergen,shu munasiwet bilen we Hindistangha kisip bergen 200 km uzunluqtiki putun chigra tupirghi bilen sawaqdashlirimning maozidong ni "wetenni satti" dep tillap yurgeligini anglighan idim. hazir zhongguo ning sanliq melumatida 1.600 000 km2 dep alidu , aridiki 228.412 km2 tupraqning mongghuliyege qitiwitilgen tupraq shu bulishi ihtimal. tetqiq qilip biqishimiz lazim , nimishqa bizning nufus ve yer kulem hakkida tetqiqatchilirmiz yoq? bizning ijtimayi fen uqughanlar matımatka bilmigenligi vchvn bundaq sanlarning ehmiyti hatta manisinimu bilmesligi mvmkin , numus ,numus!