header image
باشبەت arrow ماقالە ئارخىپى arrow سىياسىي ئەسەرلەر arrow ئارقىمىزغىمۇ قارايلى، ئوڭ-سولىمىزغىمۇ قارايلى.
ئارقىمىزغىمۇ قارايلى، ئوڭ-سولىمىزغىمۇ قارايلى. PDF بېسىش E-mail
يوللىدى ئەبۇۋەلىدانى   
201026سائەت06/26/10ئىيۇن


ئارقىمىزغىمۇ
قارايلى، ئوڭ-سولىمىزغىمۇ قارايلى.

 

         سالام قېرىنداشلار! مەن ئىلگىرىكى يازمامدا، ئالدىمىزغا قارايلى دېگەن ئىدىم. ھەم قاراپ كىتىۋاتاتتىم. چەكسىز كەتكەن پىكىر ئوكيانىدا، پەيدا بولغان م.ئەپەندى دولقۇنىنى يانداپ ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ، سەۋەپسىز پەيدا بولغان بۇ دولقۇندىن يەنە بىر قېتىم ئەجەپلەندىم. ئالدىمىزغا قاراپ بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن توساتتىن ئارقامغا قارىغۇم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن م.ئەپەندىنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىن ئاۋال، ئۇنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىغان يازمىسىغا قايتىدىن قاراپ چىقتىم. دەرۋەقە دەۋرىمىزدىكى ئەڭ خەتەرلىك خادا تاشلارنىڭ پايانسىز ئوكياندا ئىگىسىز قالغان ئۇيغۇر كىيمىسىگە قارىتىلغان تىغ ئۇچىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ھەيرانلىقىم ئاشتى. بۇ خادا تاشنى ئايلاندىم. ئايلاندىم. ئاھ.. خۇدا! ھۇ لەنىتى شەيتان! دېدىمدە ئاچچىق تولغاندىم. چىڭقىلىپ كىتىۋاتقان نىرۋىلىرىمنى زورىغا بىسىپ، يەنە قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

 

 

 

 

         مەن ئىلگىرىمۇ دېگەن ''نېمە ئۈچۈن يا ئىلگىرى يا كىيىن ئەمەس، دەل مۇشۇ چاغدا ئاشكارىلىنىدۇ؟'' دەپ؛ ئەمما بارلىق دىققىتىمدە ''ئۇنى بىر ئىش قىلىدۇ. يەنى ئىلگىركىدەك قۇراللىق ئىنقىلاپنىڭ يېڭى يولىنى ئاچىدۇ،'' دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەپسۇس... كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. ھىس قىپتىمەن.

         «20 يىل ئالدىدا ۋەتەن دەپ ۋەتەندىن ئايرىلدىم. ۋەتەننىڭ سىرتىدىكى پائالىيەتلەرگە ئەمەس، ۋەتەننىڭ ئىچىدىكى پائالىيەتلەرگە كۆڭۈل بۆلدۈم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇ نىشاندا ئىلگىرىلەيمەن.» )م.يازمىسى( تولىمۇ ئەپسۇس. ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇنلا چاشقان كامىرىدا جان ساقلاپ پىكىر چالغىتىدىغان، سۇنى لېيىتىپ بېلىقچىلىق قىلىدىغان شەيتان ئىكەنلىكىنى نېمىشقا بىلمەي قالغاندىمەن؟ ئىلگىركى قانلىق پاجىئەلىرى بەدىلىگە قۇدۇقتىن چىقماي ياشىيالايدىغان شارائىت تاپقان بۇ ئازغۇننىڭ م.ھەزرەت دېگەن نامى، مىنىڭ خاتىرەمدىكى شەيتانلار تىزىملىكىمدە بار ئىدى. ئەمما م.ئازاتلىقتىكى خىزىر سۈپەت تەسىرى ئۇنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇپتىكەن. دە، مەنمۇ باشقىلاردەك ئۇنى ئۇستازىم قاتارىغا تېزىۋاپتىمەن. يوقال!!!

 

         ئەسلى گەپكە كىلەيلى.

 

         مەن ئىلگىركى يازمامدا، م.ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاش سەۋەبىنى، ۋاقتىنى، مەقسەتلىرىنى ئالدىمىزغا قاراش نەزىريىسى بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ بولدۇم. مانا ئەمدى. ئارقىمىزغا ۋە ئىككى تەرىپىمىزگىمۇ قاراپ قويۇش نەزىريىسى بويىچە مۇلاھىزە قىلىپ باقاي. ئەگەر خاتا كەتكەن يېرى بولسا، ئالدى بىلەن ئاللاھ دىن ئاندىن بارلىق قېرىنداشلىرىمدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزرە تېلەيمەن.

 

         ئارقامغا قاراشتا ئالدى بىلەن ۋەتەندىكىلەر ئېسىمگە كەلدى. م.نىڭ يازمىسىدىكى مۇنۇ قۇرلارغا قارايلى:

         «م.ئازاد ئىسمىغا چېتىش ئۈچۈن كۆپلىگەن قەدىردان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى سوراق قىلىنغان ، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان بولسىمۇ، ھېچبىر شەخس بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىم ئىسپاتلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار بىكارغا كەتتى.» ئاجايىپ گەپ!!! م.ئازاتلىق سالاھىيىتى ئۇ بىچارىلەرنى قارىلاشقا، ئۆلتۈرۈشكە يەتمەي قالغانمىتى؟ جانابى م.ھەزىرەت! ۋەتەندىن كىلىۋاتقان قانلارنىڭ ھېدى، ئاھلارنىڭ ھورى يېتىشمەيۋاتامتى؟ ئۇلارنىڭ تىخىچە خىتايلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئويلاپ قويمىدىڭىز؟ خىتايلارنىڭ قانۇنىغا خىلاپ بولمىغان يازمىلىرىڭىزنىڭ تەسىرىدىن شۇنچىلىك بالا-مۇسىيبەتكە قالغانلار، م.ھەزرەتلىك سالاھىتىڭىز بىلەن قانداق قالپاقلارغا دۇچار بولار؟ ياكى خىتايلار سىزنىڭ ئەسلى كىملىكىڭىزنى بىلەمتى؟ ۋاي... يۈرۈگۈم! ئاھ... خەلقىم! ئاتالمىش دانالىرىڭدىن ئايلىناي! ئۇستازلىرىڭدىن ئۆرگۈلەي!

 

         «.....قەلەم كۈرىشىدە يۈزلىگەن ئوت يۈرەك ، ئۆتكۈر قەلەم ئىگىلىرىنىڭ مەن بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقى ماڭا پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياجان، كۈچ بېغىشلىدى.» ئالامەت ئىش قىپتىكەن. ھە..؟ قاچان ئەسلىگە كىلىش مۇمكىنچىلىكىنى بىكىتكىلى بولمايۋاتقان تور ساھەسىنىڭ، تىخىمۇ بەكرەك قازناققا كىرىپ كىتىشىگە ھەسسە قوشاي دەۋاتامسىز؟ مانا مۇشۇنداق سىزدەك دانالارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكىلەر بىلەن پىكىرلىشىۋىلىشىغا سەۋەپ بولغان بۇ بەڭۋاش ئىنتىرنىت ئەمدى، قانداق كۈنگە قالار؟ بارلىق ساھەلىرى قامال قىلىنغان خەلقىمىزنىڭ دەردىدىنى تۆكۈۋالىدىغان تورى بولمىسا، ئۇلار نېمە بوپ كىتەر؟

 

         ئارقىغا قاراشتىن خۇلاسە:

 

         دېمەك جانابى م. ئۆزىنىڭ ئاجايىپ يازمىلىرى بىلەن تالايلىغان ۋىجدان ساھىپلىرىنى يېتىشتۈرگەن ۋە قېزىپ چىققان. خۇددى ئەينى چاغدا ئورتا ئاسىيادا قازغاندەك. خىتايلارنىڭ تورنى تاقاپ ئۇلاردىن بىلىق سۈزۈۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان چاغدا، بەزىبىر ئىقرار قىلماي تۇرۇۋالغان جاھىللارنىڭ كۆزىگە تىقىپ قويۇش ئۈچۈن، بەزىبىر ھىسىياتقا بىرىلىپ قالغانلارنىڭ ياكى تەجىربىسىز كەپ قالغانلارنىڭ جانابى م بىلەن بولغان بارلىق ئارخىپلىرىنىڭ تەلتۈكۈس تەكشۈرۈلۈپ تىخىمۇ كۆپ دەلىللەر بىلەن تەمىنلىنىشى ئۈچۈن، تىخىمۇ يامىنى مۇندىن كىيىن چەتئەل ئايپىسى بىلەن ۋەتەن ئىچىدىكى توربەتلەرگە كىرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، يەنە بىز بىلمەي قالغان سانسىزلار ئۈچۈن  م.ئازاتنىڭ م.ھەزرەتلىك تىرۇرچى كىملىكى ئوتتۇرغا چىققانمۇ قانداق؟؟!!

 

         ئەمدى ئوڭ-سولىمىزغا قاراپ باقايلى. ئەتىراپىمىزغا قاراپ باقايلى.

 

 

         «شۇنى قوشۇپ قويۇشنى زۆرۈر دەپ ھېسابلايمەنكى؛  "7.5" ۋەقەسىدىكى تۇنجى رەسىم ۋە تۇنجى خەۋەر  www.wetinim.org  تور بېتى ئارقىلىق نەق مەيداندىن دۇنياغا تارقالدى...» بىريەردە غەنىمەت تەقسىم قىلىۋاتقانمىتى؟ بۇنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟ ۋەتەن سىرتىدىكىلەردە غالىبلىق تالىشىش كۆرۈشى پەيدا قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ بارلىق دىققىتى بىلەن ۋەتەن-خەلق دەۋاتقان چەتئەلدىكى تەشكىلات ۋە ۋەتەنداشلارنى تالاش-تارتىشقا سىلىش ئۈچۈنمۇ؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟

 

         «...بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۇ تورنىڭ قۇرغۇچىسى، پىداكار ئۇيغۇر يىگىتى، "ئۇيغۇر.تېكىن" ئىسمى بىلەن تونۇلغان ئىنىم ئەكرەمگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.» دولىسىغا ئۇرۇپ قويۇش بىلەن پوقنى ئوسراقتا ياپقىلى بولمايدۇ. ئەگەر مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر.تىكىن «قۇتۇلۇش يولى»نى ئۆزى يازغان بولسا، بۇنداق ئىشلارغا مەست بولۇپ كەتمەيدۇ.

 

         دېمەك؛ ئەتراپىمىزغىمۇ قارايلى نەزىريىسىدىن خۇلاسىلىسە شۇكى؛

 

         بىز ھەرقانچە قارىساقمۇ م.ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاش ھەركىتىدىن بىرەر ئىجابىي نەتىجىنى تاپالمايمىز. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ كۆرسەتكەن دەلىلى ھېچ پۇت دەسسەپ تۇرالمىدى.

         «.... ۋەتەن ئىچىدە م.ئازاتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى. ۋەتەن سىرتىدىمۇ بار. تەخەللۇس ئىشلىتىۋېرىشنىڭ بىر ئەھمىيىتى قالمىدى.» بۇ ئادەملەر ئىچىدە ۋەتەن-خەلقنىڭ دۈشمەنلىرىدىن كىملەر بار؟ جانابى م....

        

         بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ م.نىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بەرمەسلىكىنى، قانداقتۇر ئۇلۇغۋار پىلانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ پەرەز قىلىشلىرى، خۇددى مەن ئىلگىركى يازمىدا بايان قىلغان «ئالدىمىزغا قارايلى» نەزىريىسىدىكى ئىجابىي قاراشنىڭ بىر تۈرى خالاس. ئۇ نەزىريىدىكى ئىجابىي چۈشەنچە، كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىۋاتقان ئەمىلىيەتلەرگە ماس كەلمەيدۇ. ھەر توغرا ھەر يەردە ئەمەس، ھەر يىرىدە توغرىدۇر. 

 

         كەچۈرۈڭلار... قېرىنداشلار مەن بۇ خادا تاشنى لومپا ئەينەكتە ئەمەس، بەلكى ناھايىتى ئاددىي بىر نەزەردە كۈزۈتۈپ باقتىم. ۋەتەن-خەلق ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغانلىقىمدىن، يەنە داۋاملىق كۈزۈتۈشكە تىرىشىمەن. چۈنكى بۇخىل ئىھتىياجلارنىڭ، مىنىڭ ئىتىقادىم ۋە ۋىجدانىمدا ھەققى بار.

        

 

ئەھمەد قەشقەرى 
2009
‏-يىلى 28‏-ئاۋغۇست


ئەزالارنىڭ باھاسى

باھالىدى on 2010-07-29 06:29:20
towa biz wetendin yigi qikkan uyghur kerindaxlar tihiqe uykida ikan miz? dos kim duxmen kim bunisi bizge namelum.beximiz din tutup piqiratkandek la gang girap yur dikan miz.
Your Name / Email Address

ئاخىرقى يېڭىلىنىشى ( 201027سائەت06/27/10ئىيۇن )