header image
باشبەت arrow ماقالە ئارخىپى arrow ئىلمىي ئەسەرلەر arrow نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار PDF بېسىش E-mail
يوللىدى ئىلھام   
201013سائەت07/13/10ئىيۇل

ئەركىن سىدىق

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى

 

images/stories/lopa.jpgبۇ يىل 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، ئۆزەمنىڭ كەسپىي ئىلمىي ماقالىلىرىنى تەييارلاش، بىر قانچە يىغىنلارغا قاتنىشىش ۋە تەتىل قىلىپ باشقا جايلارغا بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن يېڭى ماقالە تەييارلاش ئىشلىرىم سەل ئاقساپ قالدى. مۇشۇ جەرياندا بىر قىسىم قېرىنداشلار ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن يېڭى ماقالە ئېلان قىلغان-قىلمىغانلىقىمنى سوراپ تۇردى.  مەن ئالدى بىلەن ئاشۇ قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن.

 

 2006-يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا مەملىكەتلىك شان-شەرەپ جەمىيىتىنىڭ ئوغلۇم دىلشات ئوقۇۋاتقان تولۇق ئوتتۇرىدىكى شۆبىسى بىر قېتىم پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بۇ جەمىيەتنىڭ ئەزاسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ تەكلىب قىلدى.  شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە ئامانگۈل ئىككىمىز ئۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇق.  پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان زالنىڭ بىر تېمىغا بىر چوڭ سىزىلغان رەسىم ئېسىقلىق بولۇپ، بۇ رەسىمدە بىر پۇتبولنىڭ بىر ۋارتاغا كىرىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى سىزىلغان ئىكەن.  دەسلەپتە مەن ئۇنىڭ نېمە مەنانى بىلدۈرۈدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىدىم. يىغىن باشلانغاندىن كېيىن مەكتەپ تەكلىب قىلغان بىر مۇتەخەسسىس خانىم يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئىچىدە «نىشان تىكلەشنىڭ ئەھمىيىتى» دېگەن تەمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.  ئېنگلىزچىدە پۇتبول ۋارتاسىنىڭ ئاتىلىشى بىلەن "نىشان" ئوخشاش بىر سۆز، يەنى «goal» دېگەن سۆز ئىشلىتىلەتتى.  ئەنە شۇ چاغدا مەن تامدىكى رەسىمنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم: ئۇنىڭ مەنىسى «نىشانغا يېتىش» ئىكەن.  بۇ پائالىيەتنىڭ بىر مەشىقى سۈپىتىدە، بىزگە لېكسىيە بەرگەن مۇتەخەسسىس خانىم يىغىنغا كەلگەن ھەر بىر كىشىدىن تامدىكى پۇتبول ۋارتاسى سىزىلغان چوڭ قەغەزنىڭ بوش ئورۇنلىرىغا ئۆزۈمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدىكى نىشانىمىزنى يېزىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى.  مەن «تەتقىقاتىمدا كۆپلەپ يېڭىلىقلارنى يارىتىپ، ھەر يىلى بىر پارچىدىن 3 پارچىغىچە ئىلمىي ماقالە چىقىرىمەن» دەپ يازدىم.  بۇ مېنىڭ ئاشۇ چاغدا تۇرغۇزغان كېيىنكى 5 يىلدىكى نىشانىم ئىدى.

مەن ئەنە ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، «نىشان تىكلەش» دېگەن تېما ئۈستىدە بىر ئىزدىنىپ بېقىشنى ئويلىغان ئىدىم.  بۇنىڭ ئۈچۈن تېخى ئەمدى پۇرسەت تاپالىدىم.  يېقىنقى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە، مەن توردىن «نىشان تىكلەش» كە ئائىت بىر قىسىم ماتېرىياللارنى تېپىپ ئوقۇپ چىقتىم.  ئۇشبۇ يازمامدا، مەن بۇ قېتىم ئىگىلىگەن بىلىملەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈمەن.

 غەرىپ ئەللىرىدە «نىشان تىكلەش» (ئىنگلىزچە «goal setting») بىر خىل پەن ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، بۇ پەن ھەققىدە ھازىر بىر مۇكەممەل نەزىرىيە مەۋجۇت.  بۇ پەن ئايرىم-ئايرىم شەخسلەر ئۈچۈنمۇ، ھەمدە مەكتەپ، ئىدارە، كارخانا قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، ئامېرىكىدا بۇ بىلىم ھەققىدىكى تېلىم-تەربىيەگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.  يوقۇرىدا تىلغا ئالغان، ئوغلۇمنىڭ مەكتىۋىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت مانا مۇشۇنداق تېلىم-تەربىيەنىڭ بىر مىسالىدۇر.  مەن ئۆز ئىدارەمدە ۋە رادىيو-تېلېۋىزورلاردا «نىشان تىكلەش» دېگەن سۆزنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىمەن.  غەرىپ ئەللىرىدە نىشان تىكلەشنىڭ قىممىتى چوڭقۇر تونۇپ يېتىلگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر بارلىق باشقۇرۇش سېستىمىسىنىڭ بىر موھىم قىسمىغا ئايلانغان. 

ئېنگلىزچىدە «motivate (پېئىل)، motivation (ئىسىم)» دېگەن بىر سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «بىر ئادەمنى مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشتىكى مەقسەت بىلەن تەمىنلەش، بىر ئادەمنى مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا قوزغاش ياكى ھەركەتلەندۈرۈش» دېگەنگە يېقىن كېلىدۇ.  يۇلغۇن لۇغىتىدە بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى «رىغبەت، رىغبەتلەندۈرۈش» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، بۇ سۆزلەر ئېنگلىزچىدىكى ئەسلى مەنىنى دېگەندەك تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئەگەر بىز «motivation» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى «رىغبەتلەندۈرۈش» دەپ ئالساق، ھازىر نىشان تىكلەش توغرىسىدىكى پەن سانائەت ۋە تەشكىلات پىسخىلوگىيەسى، ئادەم باشقۇرۇش ئىلمى ۋە تەشكىلاتتىكى كىشىلىك ئىش-ھەركەتلەر (ئېنگلىزچە «organizational behavior») ئىلىملىرىدىكى ئەڭ كۈچكە ئىگە ۋە ئەڭ پايدىلىق «رىغبەتلەندۈرۈش نەزىرىيىسى» (ئېنگلىزچە «motivation theory») بولۇپ ھېساپلانماقتا.

 مېنىڭ پەرىزىمچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئوخشىمىغان ساندىكى نىشانلارنى تىكلەپ باققان بولۇپ، بەزىلەر تىكلىگەن نىشان ئۈنۈم بەرگەن. بەزىلەرنىڭكى بولسا ئانچە ئۈنۈم بەرمىگەن.  بۇ پەرقنى نىشان تىكلەشتىكى ئىلمىي ئاساسلارنى بىلىش-بىلمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان.  شۇڭلاشقا مەن ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، مەيلى سىز بىر ئادەم توپىغا مەسئۇل لىدېر بولۇڭ ياكى بىر ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان شەخس بولۇڭ، مۇشۇ يازمىنى بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمەن.  مېنىڭ ھازىرقىدەك بىر ھالەتكە كېلىشىمدە ئۆزەمنىڭ توختىماي چوڭ-كىچىك نىشانلارنى تىكلەپ ماڭغانلىقىم، ھەمدە ئۇ نىشانلارنى توپلىغان تەجىربىلىرىمگە ئاساسەن توختىماي تەڭشەپ تۇرغانلىقىم ئىنتايىن موھىم رول ئوينىغان. مەن ئالدى بىلەن ئەمىلىيەتنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئۇ ئەمىليەتنىڭ نەزىرىيىلىرىنى ئۇگەنگەن بىر ئادەم ھېساپلىنىمەن.  مېنىڭ ئاشۇنداق بولۇپ قېلىشىمنى ئەينى ۋاقىتتىكى شەرت-شارائىت بەلگۈلىگەن. ئەگەر ماڭىمۇ شارائىت بولغان بولسا، مەن ئۆز ھاياتىمغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ھەر خىل ئىلمىي نەزىرىيىلەرنى ئالدىدا ئۈگۈنۈپ، ئاندىن ئەمىليەتكە ئۆتكەن بولسام، بۇرۇنقىدىن ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشەلىگەن بولاتتىم.  مېنىڭ مۇشۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ماقالىلىرىمنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەن بۇرۇن ئېرىشەلمىگەن بەزى بىر شارائىتلار بىلەن تەمىنلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

1. نىشان تىكلەش ئۈنۈم بېرىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى

 

سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە يەتمەكچى بولغان نىشانىڭىزنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىۋېلىپ، ئاشۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ تۇرسىڭىز، ئۇنىڭدىن باشقىچىلا ئۈنۈم ھاسىل قىلىسىز. بۇ نېمە ئۈچۈن؟  ئەسلىدە بۇ ئادەم مېڭىسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن ئۆزەمنىڭ «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق بىر ئابزاستنى يازغان ئىدىم:

»ئادەمنىڭ ئېڭى ئىككى خىل بولۇدۇ: ئاڭ ۋە يوشۇرۇن ئاڭ (ئەسلى مەنبەدە ئەس-ھوش، ھوش دەپ بېرىلگەن). ئىنگلىزچىدە بۇلار conscious and sub-consciousدەپ ئاتىلىدۇ. ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئۇنىڭ ئاساسلىق ئېڭىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولمايدۇ. ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئۇنىڭغا قاچىلانغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا مۇستەقىل ھالدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنى پروگراممىلاشنىڭ ئاساسىدۇر. يەنى، «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگىنىمىز، بىر ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا مەلۇم ئۇچۇرلارنى قاچىلاپ، شۇ ئارقلىق ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە كونترول قىلىش، دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.«

 نىشان تۇزۇشنىڭ ئۈنۈمى ئەمىلىيەتتە كۆڭۈلنى پروگراممىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇدۇ.  يەنى، ئادەم مېڭىسىدە بىر «دىققەت مەركىزى» (ئىنگلىزچە « attention center ») بار بولۇپ، ئۇ پۈتۈن مېڭىنىڭ بىر قىسمىدىن تەشكىل تاپقان بولۇدۇ.  نۇرغۇن مۇتەخخەسىسلەر ئاشۇ دىققەت مەركىزىگە «ئادەمنى قۆزغۇتۇش مەركىزى»، دەپ قارايدۇ.  بۇ مەركەز بىزنىڭ نېمىگە دىققەت قىلىشىمىز، نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈشۈمىز، زېھنىمىزنى نېمىگە مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەكلىگىنى بەلگىلەيدۇ.  باشقىچىراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ مەركەز تاشقىي دۇنيا بىلەن سىزنىڭ ئويلىرىڭىز ۋە ھېسسىياتلىرىڭىز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى دۇنيارىڭىز بىر جايغا كېلىپ ئۇچرۇشۇدىغان مېڭىڭىزنىڭ بىر ئالاھىدە قىسمىدىن ئىبارەتدۇر.

 ئادەتتە بىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمىز مېڭىمىزگە كىرگەن سان-ساناقسىز ئۇچۇرلارنى بىر ئەلگەكتە ئۇن تاسقىغاندەك تاسقاپ، «كېرەكسىز» دەپ قارىغانلىرىنى تاشلىۋېتىپ تۇرۇدۇ.  مېڭىمىزگە كىرىدىغان ئۇچۇرلار ھەددە-ھېساپسىز كۆپ بولغاچقا، يوشۇرۇن ئېڭىمىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئېتىبار بېرىپ ئۇلگۇرەلمەيدىغان بولۇپ، «موھىم ئەمەس» دەپ قارىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى «ئارقىسىغا قايتۇرىۋېتىدۇ».

 مەسىلەن، سىز بىر رېستۇرانتتا تاماق يەۋاتقاندا، ياكى پويېز بېكىتىدەك ئادەملەر ناھايىتى كۆپ يىغىلغان بىر ئورۇندا تۇرغاندا، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقى، قانداق ئىش ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتقانلىقى كاللىڭىزغا ئانچە كىرىپ كەتمەيدۇ. ھەمدە سىزگە قىلچە تەسىرمۇ قىلمايدۇ. لېكىن ئاشۇنداق بىر ئورۇندا بىرسى سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ياكى سىز ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى چىقارسا، سىزنىڭ دىققىتىڭىز دەرھاللا سۆزلەۋاتقان ئاشۇ كىشىگە ياكى ئاشۇ ئاۋاز چىققان يۆنۈلۈشكە بۇرۇلۇدۇ.  يەنى، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز بۇ ئۇچۇرنى كاللىڭىزغا كىرگىلى قويىدۇ.  مېڭىمىزنىڭ دىققەت مەركىزى بۇ ئىسىملارنى «موھىم ئۇچۇرلار» تۈرىگە كىرگۇزۇپ، ئۇلارنى سىزنىڭ دىققىتىڭىزگە سۇنۇدۇ.

 نىشان تىكلەش دېگىنىمىز، مېڭىڭىزنىڭ دىققەت مەركىزىگە سىز ئۈچۈن نېمە ئەڭ موھىم ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق سىزنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدە نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن موھىم بولغان ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ، سىزنىڭ دىققىتىڭىزگە سۇنۇش جەريانىدىن ئىبارەتتۇر.  نىشان تىكلەش كۆڭۈلنى قايتىدىن پروگراممىلاش جەريانى بولۇپ، سىز بىر نىشان تىكلىگەندە، ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا سىز تىكلىگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن زۆرۈر ۋە موھىم بولغان نەرسىلەرگە، كىشىلەرگە، پۇرسەتلەرگە ۋە ئەھۋاللارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى بىلدۈرۈپ قويىسىز. مېڭىڭىزنىڭ دىققەت مەركىزىگە نېمىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە دىققەت قىلىش كېرەكلىگىنى بىلدۈرۈپ قويىسىز.  شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز سىز تىكلىگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن زۆرۈر ياكى پايدىلىق بولغان ھەممە نەرسىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇشكە باشلاپ، ئۆزىڭىز بىلىپ-بىلمەي سىزنى ئۆز نىشانىڭىزغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلار يۇز بېرىشكە باشلايدۇ.  بۇ بەزىدە بىر سېھرى كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن بولۇۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر نىشان تىكلەڭ.  ئاندىن ئۇ نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىڭىزنى تۈزۈپ چىقىڭ.

 

 

2. ئارزۇ، نىشان ۋە غايە

 

ئارزۇ، غايە ۋە نىشان دېگەن سۆزلەرنى ھەممىمىز ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىپ ياكى ئاڭلاپ تۇرىمىز.  لېكىن بۇ ئۇقۇملار ئارىسىدىكى پەرقنى ھەممەيلەننىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن.  شۇنداق بولغاچقا، مەن بۇ قىسىمدا ئۇلارنىڭ پەرقى ئۈستىدە ئازراق توختۇلۇپ ئۆتىمەن.

 ئارزۇ:  ئارزۇ دەگىنىمىز سىز ئېھتىياجلىق بولغان، ئۆزىڭىز ئىستەيدىغان، ياكى بىر كۇنى ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان، ئەمما ئۇنى قولغا كەلتۇرۇشكە ھازىرچە ھەقىقىي تۇردە بەل باغلىمىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئارزۇلارنى تېپىپ چىقىش بىر ئەركىن تەپەككۇر قىلىش جەريانى بولۇپ، بۇ جەرياندا سىز ئۇلارنى قانداق ۋە قاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە قىلچە ئويلانمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.  مەسىلەن، مېنىڭ قانات چىقىرىپ ئۇچقۇم بار، مېنىڭ پالانى قىز بىلەن ياكى پۇكۇنى يىگىت بىلەن مۇھەببەت باغلىغىم بار، مېنىڭ 4 خىل چەت ئەل تىلىنى سۆزلىيەلەيدىغان بولغۇم بار، مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار، مېنىڭ مىڭ كىشىلىك بىر شىركەت قۇرغۇم بار، مېنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغۇم بار، مېنىڭ مىللەت تەقدىرىنى تۇپتىن ياخشىلىغىم بار، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئارزۇلاربولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇدۇ. بەزىلىرىنى بولسا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.  سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى بىر قەغەزگە يېزىپ تىزىپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارنى موھىملىق دەرىجىسىگە ئايرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىڭىزنى قارار قىلسىڭىز بولۇدۇ.  سىز راستىنلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىستەيدىغان بىر ئارزۇنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ غايىسى ياكى نىشانىغا ئايلاندۇرىسىڭىز بولۇدۇ. 

 نىشان: نىشان مەلۇم مۇددەت ئىچىدە يەتمەكچى بولغان، بىۋاسىتە ئۆزىڭىزنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا تۇرۇدۇغان، ئۆزىڭىزنىڭ زېھىن-كۈچىنى مەركەزلەشتۇرگەن، مەزمۇنى كونكىرىت بولغان پەللىلەرنى كۆرسۈتۈدۇ.  نىشاننى توغرا تىكلىگەندە، ئۇ چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ بىر كۈچلۇك قورالى بولالايدۇ.  ئەمما ئۇنى توغرا تىكلىمىگەندە، چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتىشنى چەكلىمىلەرگە ئۇچرۇتۇپمۇ قويۇدۇ.  يەنى، ئەگەر سىز كىچىك-كىچىك نىشانلار ئىچىگە چوكۇپ كەتسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدىكى چوڭ رەسىملەرنى كۆرەلمەي، چوڭ يونۈلۈشنى مۇۋاپىق كونترول قىلالماي، ۋە ئاخىرقى پەللىنى توغرا تاللىيالماي قالىسىز.  ئەڭ ئاخىرقى پەللە ياكى چوڭ نىشان بىلەن كىچىك-كىچىك نىشانلار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغۇچى غايىدىن ئىبارەتتۇر.  مەن نىشان ھەققىدە ئۇشبۇ ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا يەنە مەخسۇس توختۇلىمەن.

 

غايە:  غايە دېگىنىمىزمۇ بىر خىل پەللە بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئاخىرقى ياكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدىڭىز ياكى ئارزۇيىڭىزنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پەللىدىن ئىبارەتتۇر. غايە نىشانغا ئوخشاش ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمايدۇ.  ئۇ چوڭ بولسىمۇ، ھەمدە دەسلەپتە ئەمىليەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغاندەك بىلىنسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.  شۇنداقلا ئۇ نىشاندەك مەركەزلەشكەن ۋە كونكىرىت بولمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.  بەزى غايىلەر سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ھاياتىڭىز بىلەن باغلانغان بولۇدۇ. بەزىلىرى بولسا سىزنىڭ بىر پۈتۈن ئومرىڭىزگە سوزۇلغان بولۇدۇ.  غايە سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلىڭىز، نىشان بولسا ئاشۇ مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سەپىرىڭىزنىڭ ئارلىقتىكى توختاش نۇقتىلىرىدۇر.  غايە سىز نېمىنى ئىستەيدىغانلىقىڭىز ۋە ئۇنى نېمىشقا ئىستەيدىغانلىقىڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.  نىشانلار بولسا سىزنى ئاشۇ مەنزىلگە ئېلىپ بارىدىغان پىلانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.   

نىشان بىلەن غايە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ.  ئەگەر سىزنىڭ پەقەت غايىڭىزلا بولۇپ، ئۇنىڭغا يار-يولەكتە بولۇدۇغان نىشانلىرىڭىز بولمايدىكەن، غايىڭىزگە يېتىشنىڭ بەك تەس ئىكەنلىكىنى ئاسانلا ھېس قىلىپ قالىسىز.  سىزنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نىشانلىرىڭىز سىزنى يەتكىلى بولۇدۇغان ئارىلىقتىكى پەللىلەر ياكى بالداقلار بىلەن تەمىنلەپ، سىزنىڭ ئاخىرقى غايىڭىزغا يېتىشتىكى پەلەمپەيلىك رولىنى ئوينايدۇ. 

ئەگەر سىزنىڭ پەقەت نىشانلىرىڭىزلا بار بولۇپ غايىڭىز بولمايدىكەن، سىز ئاسانلا پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزنى ئارىلىقتىكى پەلەمپەيگىلا مەركەزلەشتۈرۈپ قويۇپ، ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلىڭىزنى كۆرەلمەيدىغان تويۇق يولغا كىرىپ قالىسىز.  سىز بۇ نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى نېمە ئۈچۈن باشلىغانلىقىڭىزنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.  كونكىرىت ياكى ئېنىق بولغان قىسقا مۇددەتلىك نىشانلارنىڭ ئۆزىلا ئادەمنى بىر كۈچلۇك ھەركەتلەندۇرگۇچى كۈچ بىلەنمۇ تەمىنلەپ كەتمەيدۇ.  ئۇنداق نىشانلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئەمىليەتتە سىزنى داۋاملىق ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە قىزىقتۇرۇپ تۇرۇدۇغان، ئاشۇ نىشانلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان بىر ئۇلۇغ غايىدىن كېلىدۇ.

 ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق زېھنىي كۈچىنى پەقەت كېيىنكى قەدەمگىلا مەركەزلەشتۈرسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنى كېيىنكى بىر قانچە قەدەمنى بىراقلا بېسىپ ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان بىر قىسىم پۇرسەتلەرنى كۆرەلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن.  غايە سىزنى ئاشۇنداق ئالتۇندەك پۇرسەتلەرگە دىققەت قىلىشقا ئۇندەپ تۇرىدۇ.  بۇ پۇرسەتلەرنىڭ بەزىلىرى سىزنىڭ ھازىرقى نىشانلىرىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا پايدىلىق بولۇپ كەتمەسلىكى مۈمكىن، لېكىن ئۇلار سىزنىڭ غايىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا زور دەرىجىدە پايدىلىق بولۇدۇ.

 

غايە سىزنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيىڭىز ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ باغلانغان نىشانلىرىڭىزنىڭ ئۈنۈم بېرىۋاتقان-بەرمەيۋاتقانلىقىنى باھالاپ تۇرىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق.  سىز نىشانلىرىڭىزنى ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ماڭالىشىڭىز مۈمكىن.  ئەمما، ئەگەر سىزنىڭ بىر غايىڭىز بولمايدىكەن، سىز نىشانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەنلا ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيسىز.  ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ زېھنىي كۈچىنى بىر قەدەمدىن يەنە بىر قەدەمگە ئىلگىرىلەشكىلا مەركەزلەشتۈرۈپ، بېشىڭىزنى كۆتۈرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىگە قاراپ باقمايدىكەنسىز، بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ بىر چەمبەرسىمان يولدا كېتىۋاتقانلىقىڭىزنىمۇ سەزمەي قالىسىز.

 غايە بىلەن نىشاننى پىلانلاش جەريانلىرى ئۆز-ئارا ئوخشاش بولمايدۇ.  ئادەتتە نىشان غايىدىن ئېنىقراق ياكى كونكىرىتراق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.  شۇنداقلا نىشانلار مەلۇم ئالاھىدە ۋە مەركەزلەشتۈرۈلگەن پەللىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىر غايىگە ئوخشاش يىراقنى كۆرەرلىكنى تەلەپ قىلمايدۇ.

  

3. نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

 

ئەگەر سىز ئېنگلىز تىلىدا يېزىلغان نىشان تىكلەشكە ئائىت ھەر قانداق ماتەرىيالغا قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە «smart goals» دېگەن سۆزنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بايقايسىز.  بۇ سۆزلۇكنىڭ ئۇتتۇر مەنىسى «ئاقىلانە نىشانلار» دېگەنگە توغرا كېلىدىغان بولسىمۇ، بۇ يەردىكى «smart» دېگەن سۆز نىشان تىكلەش ئۈچۈن چىقىرىلغان 5 تۈرلۈك كۆرسەتمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 5 دانە ئىنگلىزچە سۆزلەرنىڭ باش ھەرىپىدىن تەشكىل تاپقان.  يەنى، نىشان تىكلەش نەزىرىسىيىدە مۇنداق 5 تۈرلۈك كۆرسەتمە ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

 

تىكلىگەن نىشانلار

1. ئېنىق ياكى كونكىرىت بولۇش («Specific»)

2. ئۆلچىگىلى بولۇدۇغان بولۇش («Measurable»)

3. ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇدىغان بولۇش («Attainable»)

4. غايە ياكى تەشكىلاتنىڭ تۈپ مەقسىدىگە توغرىلانغان بولۇش («Relevant»)

5. ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقتى ئېنىق بولۇش («Time-bound»)

 

نىشان تىكلەشتە بۇ 5 تۈرلۈك كۆرسەتمىنىڭ ھەممىسىلا ئىنتايىن موھىم بولۇپ، ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە سەل قارايدىكەنسىز، سىز ئەمەلگە ئاشۇرغان نىشاننىڭ دەرىجىسى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھېسسە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.  بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، خۇددى مەن يوقۇرىدا دەپ ئۆتكەندەك، سىزنى بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىتتىرىپ ماڭىدىغان ياكى سىزنى ئارقىغا تارتىپ تۇرىدىغان كۈچ سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىن كېلىدۇ.  يوقۇرىدىكى 5 تۈرلۈك كۆرسەتمە سىز تىكلىگەن نىشاننى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا سىز ئۈچۈن ئىشلىشىدىكى زۆرۈر ئۆلچەمدىن تۇزۇلگەن.  ئەگەر سىزنىڭ نىشانىڭىز مۇشۇ 5 تۈرلۈك ئۆلچەم بويىچە تىكلەنمەيدىكەن، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز سىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى «راھەت رايونى» ئىچىدە ۋە كونا ئادىتىڭىز بويىچە ساقلاشقا قاتتىق تىرىشىدۇ.  تۆۋەندە مەن يوقۇرىقى 5 تۈرلۈك ئۆلچەم ئۈستىدە قىسقىچە، ئايرىم-ئايرىم توختۇلۇپ ئۆتىمەن.

 

(1) ئېنىق بولۇش

 

بىۋاستە تۇيغۇغا تايىنىپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان كىشىلەر تەپەككۇرنىڭ رېئاللىقنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرۈدىغانلىقىنى بىلىدۇ.  بۇنداق قانۇنىيەتلەرنى ئىلمىي ئاساستا چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئىنگلىز تىلىدىكى كىتاپلار خېلى كۆپ.  كائىنات سىز تىلىگەن، سىز ئىستىگەن نەرسىلەرنى سىزگە بېرىدۇ.  بۇ يەردىكى ئەڭ موھىم نەرسە سىزنىڭ نېمىنى ئىستەيدىغانلىقىڭىزنىڭ ناھايىتى ئېنىق بولۇشى.  ئېنىق چۈشۈنۈلگەن ئىستەك ئادەمنى تۈگۈمەس كۈچ ۋە جاسارەتكە ئېلىپ بارىدۇ. نىشان ئېنىق بولسا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېنىق كۆرەلەيسىز، ھەمدە سىز يەتمەكچى بولغان پەللىگە نىسبەتەن ئېنىق ئۆلچەم تۇرغۇزالايسىز. نىشاننى ئېنىق قىلىشتىكى بىر موھىم ئامىل، ئۇنى بىر قەغەزگە يېزىپ چىقىش.  بۇ نۇقتا نىشان تىكلەش كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە قاتتىق تەكىتلىنىدۇ.

نىشانىڭىز قانچە ئېنىق بولسا، سىزنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىڭىزمۇ رېئاللىققا شۇنچە ئۇيغۇن بولۇدۇ، ھەمدە ئاشۇ نىشانغا يېتىش يولىڭىزمۇ شۇنچە قىسقا بولۇدۇ. 

 نىشانىڭىزنى ئېنىق ۋە كونكىرىت قىلىش جەريانىدا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىشلەشكە پروگرامىلايسىز. شۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز ۋە ئىدىيىڭىز سىزگە ھەر خىل توسالغۇ ياكى باھانىلارنى كۆرسۈتۈپ بېرىشنىڭ ئورنىغا سىزنى ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىغا قاراپ يېتەكلەيدۇ.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىنى ئېنىق قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى «smart» نىشان تىكلەشنىڭ قالغان تەركىۋىي قىسىملىرىنىمۇ تەييارلاپ چىقىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

 

(2) ئۆلچىگىلى بولىدىغان بولۇش

 

ئىنژىنېرلىق ساھەسىدىكى كونترول نەزىرىيىسى بويىچە ئېيتقاندا، بىر نەرسىنى ئۆلچىگىلى بولغاندىلا ئاندىن ئۇنى كونترول قىلغىلى بولۇدۇ. بۇنى باشقىچىراق بايان قىلساق، ئۆلچىگىلى بولمايدىغان نەرسىنى كونترول قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. بىر نىشاننى ئۆلچىگىلى بولۇدىغان قىلىپ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، سىزگە ھاسىل قىلغان ئىلگىرلەشلەرنى باھالايدىغان ئۇسۇل ۋە سىز قاچان توختىسىڭىز بولۇدىغانلىقىنى دەپ بېرەلەيدىغان ئېنىق ئۆلچەم لازىم بولۇدۇ.  سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشقا داۋاملىق قىزىقىپ ۋە قاتتىق كۈچەپ تۇرىشىڭىز، ھەمدە نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدىن ھۇزۇرلۇنۇپ تۇرىشىڭىز ئۈچۈن، سىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرلەشلەرنى ھېس قىلالىشىڭىز ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ.

 

(3) ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بولۇش

 

سىز بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ماڭىدىغان، ئەمىليەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يولنى ئېنىق كۆرەلىگەندىلا، بۇ نىشان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇدىغان نىشان بولالايدۇ.  بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ پەللىنى قانچە تۆۋەنلەتسىڭىز، سىز شۇنچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇسىز، دېگەنلىك ئەمەس.  ھازىرغىچە بولغان ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بەلگۈلۈك دەرىجىدىكى قىيىن ئۆتكەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نىشانلار ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.  بۇنداق نىشانلارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى مۇمكىنچىلىكنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يوقۇرىسى، ئەمما يەنىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇدىغان بولۇدۇ.  نىشانلار پەقەت ئاشۇنداق بولغاندىلا، ئۇلار سىزنى توختىماي تىرىشىشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ. ھەمدە سىزگە ھەقىقىي مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەنلىك تۇيغۇسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

 

(4) غايە ياكى تەشكىلاتنىڭ تۈپ مەقسىدىگە توغۇرلانغان بولۇش

 

سىزنىڭ نىشانىڭىز سىزنىڭ ئائىلە، تۇرمۇش ۋە كەسىپ قاتارلىق بىر قاتار جەھەتلەردىكى ئارزۇلىرىڭىز، ۋە 5-10 يىللىق ھەتتا ئۆمۈرلۈك غايىلىرىڭىز بىلەن باغلانغان بولىشى، غايىلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يۆنۈلۈشىگە توغۇرلانغان بولۇشى لازىم.  سىزنىڭ مەلۇم بىر نىشانغا نېمە ئۈچۈن يەتمەكچى ئىكەنلىكىڭىز ئېنىق بولغاندىلا، ئاندىن ئۇ نىشاننىڭ قىممىتى بولۇدۇ.  مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ نىشاننىڭ سىزنىڭ ئۆز نىشانىڭىز بولۇشى ئىنتايىن موھىم.  ئىمكانقەدەر ھەر بىر نىشاننىڭ سەۋەبلىرى ۋە قىممەتلىرىنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ چىقىڭ.  سىزدە ئاشۇ نىشان ئەمەلگە ئاشقان ۋاقىتتا پەيدا بولۇدىغان روھىي ھالەت ۋە ھېسسىياتلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.  مۇشۇ ئارقىلىق سىز ئاشۇ نىشاننى قوغلۇشۇشنىڭ قىممىتى بار-يوقلۇقىنى كۆرۈۋالالايسىز.  ھەر قېتىم قىزغىنلىقىڭىز ئاجىزلاپ، ئىرادىڭىز بوشۇشۇپ قالغاندا، ئاشۇ يېزىپ قويغان سەۋەب ۋە قىممەتلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىڭ. بۇ قىيىن ۋاقىتلارغا توغرا تاقابىل تۇرۇپ، قىلىۋاتقان ئىشىدىن ۋاز كەچمەسلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە تولۇق ئىستاپلانغان ئىنتايىن كۈچلۇك بىر ئەمىلىي ئۇسۇلدۇر.

 

(5) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقتى ئېنىق بولۇش

 

«smart» نىشان تۇرغۇزۇش كۆرسەتمىسىنىڭ 5-تەلىپى سىزنىڭ نىشانىڭىزنىڭ بىر ئېنىق ۋاقىت چەكلىمىسى بولۇش.  بۇ نۇقتا سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىشى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن موھىم.  ۋاقىت سىز بىر نىشانغا يېتىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان پايدا ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەل بولۇپ، سىز بىر ۋاقىت چەكلىمىسى قويۇش ئارقىلىق، مەلۇم بىر نىشان ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق بەدەل تۆلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.  بۇ ئۆزىڭىزنى ئىشنى ئارقىغا سوزۇۋېتىش ياكى ھەددىدىن ئارتۇق مۇكەممەللەشتۈرىۋېتىشتىن ساقلاشنىڭمۇ بىر ئۈنۈملۇك ئۇسۇلىدۇر.

مەن بۇ قېتىم ئىزدىنىش جەريانىدا، «smart» دېگەن سۆز ۋەكىللىك قىلغان ئىنگلىزچە 5 سۆزلەرنىڭ باشقا تۈرلىرىمۇ بارلىقىنى بايقىدىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ «smart» نىشان چۈشەنچىسىدىن تولۇق مەلۇماتلىق بولىۋېلىشى ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردا ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى خۇلاسىلاپ چىقىمەن:

 

Specific, Significan .1 (موھىم، چوڭ)

Measurable, Meaningful .2 (مەنىلىك، ئەرزىيدىغان)

Attainable, Achievable .3 (ئېرىشكىلى بولىدىغان)، Agreeable (ھەر ئىككى تەرەپ ماقۇل كۆرىدىغان)

Relevant, Rewarding .4 (ئەرزىيدىغان)، Realistic (رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدىغان)،   Results-oriented(نەتىجىنى ئاساس قىلغان)

Timely .5 (ۋاقىت چەكلىمىسى بار)، time-bound, trackable (تەكشۈرگىلى بولىدىغان)

 

 

نىشان تىكلەشنى ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن، ياكى بولمىسا بىر باشلىق ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەر ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن.  يوقۇرىدا مەن پەقەت كىشىلەر ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان نىشان تىكلەش جەريانى ئۈستىدىلا توختالدىم. يوقۇرىدىكى 3-ئۆلچەمنىڭ ئىچىدىكى «Agreeable» دېگەن سۆز بىر باشلىق ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەرگە نىشان تىكلەپ بېرىدىغان ئەھۋالغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بولۇپ، قالغان سۆزلەر بولسا بىر-بىرسىگە ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ.  لېكىن، مېنىڭچە «ئېرىشكىلى بولۇدىغان (Attainable)» دېگەن سۆز بىلەن «رېئاللىققا ئۇيغۇن (Realistic)» دېگەن سۆز ئوخشاش مەنىدىكى سۆزلەر بولۇپ، مەن «Realistic» دېگەن سۆزنىڭ 4-ئۆلچەمگە كىرگۈزۈلىشى مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ قارايمەن. 

 

 

4. ئاخىرقى سۆز

 

سىز مەيلى بىر لىدېر بولۇڭ ياكى بىر ئادەتتىكى ئادەم بولۇڭ، قىلغان ئىشىڭىزدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىڭىز شەرت:  بىرسى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزنى موھىملىق دەرىجىسىگە ئايرىپ چىقىپ، ئەڭ موھىملىرىنى ئالدىدا قىلىش.  يەنە بىرسى بولسا، ۋاقتىڭىزنى ۋە زېھنىي كۈچىڭىزنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈش.  ئەگەر سىز پەقەت ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك موھىم ئىشلارنى بىلىپ، ۋاقتىڭىز بىلەن زېھنىي كۈچىڭىزنى ئۇ موھىم ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرەلمىسىز، سىز نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىدىغان، ئەمما ھىچ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدىغان بىر ئادەم بولۇپ قالسىز.  ئەگەر سىز ۋاقتىڭىز بىلەن زېھنىي كۈچىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈشنى بىلىپ، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزنى موھىملىق دەرىجىسىگە ئايرىپ چىقمىغان بولسىڭىز، سىز بىر ئالغا باسالمايغان مۇنەۋۋەر ئادەم بولۇپلا قالىسىز.  ئەگەر سىزدە مۇشۇ ئىككى نەرسىنىڭ ھەر ئىككىسى بولۇدىكەن، سىز خېلى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالايسىز. 

مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ھاياتىمدىكى ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئوخشىمىغان غايىلەرنى تىكلەپ كەلدىم.  مەسىلەن، مەن ئاقسۇ شەھرىدە تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا (يەنى 70-يىللارنىڭ باشلىرىدا)، ئوقۇشنى ئەڭ يوقۇرى پەللىگىچە ئوقۇش، ئىقتىسادىي تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش، ۋە بىر بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇچ ئىشنى ئۆزەمنىڭ ئەڭ چوڭ غايىسى قىلىپ تۇرغۇزغان ئىدىم.  بۇ غايىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاجايىپ قىيىن مۇساپىلارنى باستىم. مەن ئۈچۈن ئۆزەم قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر تەجرىبەخانىدا ئېلىپ بارىدىغان تەجرىبىلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بىر ئىشنى قىلىشتا بۇرۇن ئۆزەمگە ئوخشاش ئۇيغۇرلاردىن باشقىلارنىڭ قىلىپ باققان-باقمىغانلىقىغا قارىماي، ھەممە ئىشلارغا خۇددى بىر يېڭى تەجرىبىدەك مۇئامىلە قىلدىم.  شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر ئىشنى قىلىشتا ئۆزەم ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق، ئۆزەمگە ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ ماڭدىم. گەرچە يېقىنغىچە نىشان تىكلەش ساھەسىدىكى بىرەر ئىلمىي نەزىرىيىنى ئۈگۈنۈپ باقمىغان بولساممۇ (مەن ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا، ئۇنداق ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى تېپىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى)، ئۆزەم ئۈچۈن نۇرغۇن چوڭ-كىچىك نىشانلارنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى موھىملىق دەرىجىسىگە ئايرىپ چىقىپ، بىردىن-بىردىن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ماڭدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم چوڭ غايىلىرىمدە ئۆزەم رازى بولغىدەك پەللىگە يەتتىم.  ئەگەر سىز مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى سەرگۈزەشتىلىرىمگە قىزىقسىڭىز، ھەمدە بۇرۇن ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز، مېنىڭ تەرجىمالىم ھەمدە Biliwal.com تور بېتى مەن بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبەت خاتىرىسىنى ئوقۇپ باقسىڭىز بولۇدۇ.  مەن ئۇلارنىڭ تور بەت ئادرىسىنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرسىغا يېزىپ قويدۇم.

 مەن تىكلىگەن غايىلەردىن ئەمەلگە ئاشمىغانلىرىمۇ بار.  مەسىلەن، مەن ھەممە ئوقۇشلىرىمنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، يەنى 1996-يىلىدىن باشلاپ، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بىر يوقۇرى تېخنولوگىيېلىك خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇپ چىقىشنى ئۆزەمنىڭ بىر چوڭ غايىسى قىلدىم.  گەرچە ئاشۇ ئىشقا 3 قېتىم ئۇرۇنۇپ باققان بولساممۇ (يەنى شىركەت قۇرۇش ئىشىدىن ئۈچىگە قاتنىشىپ باققان بولساممۇ)، ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى (شۇ چاغدا قۇرغان بىر شىركەت ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، مەن ھازىرمۇ ئۇنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرسى.  ئۇنى ھازىر پەقەت بىر قانچە ئادەم ئەسلىدە چىقارماقچى بولغان مەھسۇلاتقا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مەھسۇلات بىلەن ماڭدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ شىركەتنىڭ تور بەت ئادرىسى http://www.telelase.com/). مەن ھازىرغىچە ئەگەر ئامېرىكىغا 30 ياشقا كىرگەندە ئەمەس، بەلكى 20 ياشلاردا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنراق كەلگەن بولسام، بۇ غايىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالىشىم مۇمكىن ئىدى، دەپ ئويلايمەن. بىر ئادەم قولغا كەلتۈرىدىغان نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمايدۇ.  لېكىن بىر ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى بولۇپ، ئۆز كونتروللىقى ئاستىدا بولۇدۇ. شۇنداق بولغاچقا، گەرچە مەن شىركەت قۇرۇش غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولساممۇ، ئۆزەمنىڭ مۇشۇ يولدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىم ۋە شۇ ئارقىلىق ئۈگۈنۈۋالغان بىلىملەردىن ئىنتايىن رازىمەن.

ھازىر ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان كەسىپ بويىچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئۆز ئالدىغا خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇش، بىر ياكى بىر قانچە چەت ئەل تىلىنى ئۈگۈنۈش، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش، بىر مىللەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ئارزۇ ۋە غايىلىرى بار ياشلار ئىنتايىن كۆپ. ماڭا ئاشۇنداق ياشلاردىن پات-پات خەت كېلىپ تۇرۇدۇ. مەن ھەر قېتىم يۇرتقا بارغاندىمۇ، بارغان يەرلىرىمنىڭ ھەممىسىدە ئاشۇنداق ياشلارنى كۆپلەپ ئۇچرۇتۇپ تۇردۇم.  مېنىڭ ئاشۇنداق ياشلارغا دەيدىغىنىم، تىرىشچانلىق توغرا ئۇسۇل بىلەن بىرلەشمىسە ئۈنۈم بەرمەيدۇ.  مېنىڭ ئۇشبۇ يازمىدا تونۇشتۇرغىنىم، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، نىشان ۋە غايە تۇرغۇزۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلىدىن ئىبارەتتۇر.  شۇنداق بولغاچقا، مەن غايىلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەممىسىڭ ئۇشبۇ ئۇسۇلنى مۇكەممەل ئىگىلەپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن تولۇق خىزمەت قىلدۇرىشىنى، ئۇنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن. 

 مەن ئۇشبۇ ماقالەمنى ستېۋېن كوۋېي («Stephen Covey») ئەپەندىنىڭ «سەككىنزىنچى ئادەت» دېگەن كىتاۋىدىن تاللاپ ئالغان تۆۋەندىكى مەزمۇن بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:

 ھەر بىر ئادەم تۇغۇلغاندىلا بىر قىسىم سوغات (ئىنگلىزچە «gift») بىلەن بىللە تۇغۇلۇدۇ.  بۇ سوغاتلار تالانت، ئىقتىدار، ئىمتىياز، ئەقىل ۋە پۇرسەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەگەر ئۆزىڭىز ئۇلارنى ئېچىشنى قارار قىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز، ئۇلار ئىچىڭىزدە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋېرىدۇ.  بۇ تۇغما سوغاتلارنىڭ ئەڭ موھىم 3 خىلى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: (1) ئۆز يولىڭىزنى ئۆزىڭىز تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن ئۆزىڭىز تاللاش ھوقۇقى.  (2) تەبىئى قانۇنىيەتلەر ياكى پرىنسىپلار بولۇپ، ئۇلار دۇنياۋىي ياكى ئۇنىۋېرسال بولۇدۇ ھەمدە مەڭگۇ ئۆزگەرمەيدۇ.  (3) سىزنىڭ 4 تۈرلۈك ئەقىل-ئىقتىدارىڭىز: ماددىي-ئىقتىسادىي، ھېسسىي-ئىجتىمائىي، مەنىۋىي ۋە روھىي ئەقىل-ئىقتىدارلىرىڭىز. 

ئەگەر سىز غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ئادەملەر، يەنى باشقىلارغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن، ناھايىتى زور تۆھپە ياراتقان، ھەمدە باشلىغان ئىشىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالىغان كىشىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر ئورتاقلىقنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز.  ئۇ بولسىمۇ، ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرغان تىرىشچانلىقى ۋە ئىچكى (يەنى ئۆزلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى) كۈرەشلىرى ئارقىلىق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ 4 تۈرلۈك ئىنسانلارغا خاس ئەقلىنى ياكى ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن.  بۇ 4 تۈرلۈك ئىقتىدار مۇنۇلاردىن ئىبارەت:  مەنىۋىي («mental») جەھەتتە يىراقنى كۆرەلەيدىغان دانالىق («vision»)، ماددىي جەھەتتە ئۆز-ئۆزى ئۈچۈن چىقارغان تۈزۈم («discipline»)، ھېسسىي جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزغىنلىق («passion»)، ۋە روھىي جەھەتتە ئاڭلىقلىق («conscience»).  بۇ 4 تۈرلۈك نامايەندىلەر سىزنىڭ ئۆز ئىستىكىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئەڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ۋاستىڭىزغىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ.  يىراقنى كۆرەلەيدىغان دانالىق، ئۆز-ئۆزى ئۈچۈن چىقارغان تۈزۈم، يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزغىنلىق ۋە ئاڭلىقلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ 4 سۆز ھازىرغىچە باشقىلارغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىگىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان باشقا نۇرغۇن خاراكتېر ۋە خۇسۇسىيەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

باشقۇرۇش ئىلمى پەيلاسوپى پىتېر كوستېنبوم («Peter Koestenbaum») مۇنداق دەيدۇ: ئەڭ ياخشى لىدېرلار مۇنداق 4 ئۆلچەم ئىچىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ: يىراقنى كۆرەلەيدىغان دانالىق، رېئاللىق، ئەخلاق ۋە جۇرئەت.  بۇلار 4 خىل ئەقىل، سىزىمنىڭ 4 خىل شەكلى، ھەمدە مەنىلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان خەۋەرلىشىشنىڭ تىلىدىن ئىبارەتتۇر.  يىراقنى كۆرەلەيدىغان لىدېرلار چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئويلايدۇ، يېڭى-يېڭى ئىشلارنى ئويلايدۇ، ئالدىن ئويلايدۇ، ھەمدە، ھەممىدىن موھىمى، ئىنسانلارنىڭ ئېڭى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىجاتچانلىققا تولغان يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشەنگەن بولۇدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيا قارىشىنى، ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئەرزىيدىغانلىقىڭىز ۋە قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدىكى ئىشەنچىڭىزنى باشقۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىز كونترول قىلالايدىغان بىر ھالغا كېلىۋېلىڭ. مانا بۇ تۈپ ئۆزگىرىشنىڭ، ئارتۇقچىلىقنىڭ ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ بەلۋېغىدۇر، ھەمدە جۇرئەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدۇر.   

 كوۋېي ئەپەندىنىڭ كىتاۋىدىكى مەزمۇن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.  يوقۇرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئابزاستىكى مەزمۇن لىدېرلارغا قارىتىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان بولغاچقا، بەزى ئوقۇرمەنلەر مېنىڭ ئۇنى نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرگۈزۈپ قويغانلىقىمنى چۈشىنەلمەي قېلىشىمۇ مۇمكىن. بىر ئادەم باشقىلارغا لىدېر بولالايدىغان بىر ھالەتكە كېلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىگە لىدېر بولالايدىغان بىر پەللىگە يېتىشى شەرت.  باشقىلارغا لىدېر بولالىغان ئادەم ئۆز-ئۆزىگىمۇ لىدېر بولالايدۇ. شۇنداق بولغاچقا يوقۇرىدىكى بىر ئابزاس مەزمۇن بىر توپ ئادەمگە لىدېر ئەمەس ئادەتتىكى ئادەملەرگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.  مۈمكىن بولسا،  سىز بىر لىدېر بولمىسىڭىزمۇ بارلىق لىدېرلىق ئىقتىدارلىرى ۋە سۈپەتلىرىنى تولۇق يېتىشتۈرىۋېلىڭ.  شۇنداق قىلىشنىڭ سىز ئۈچۈن پەقەت پايدىسىلا بار. ھەرگىزمۇ زىيىنى يوق.  

 

5. قوشۇمچە

 

ئاخىرىدا مەن يوقۇرىدىكى يازما بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق بىر ئىش ئۈستىدە قىسقىچە توختۇلىمەن.  سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار سودا ۋە تىجارەتچىلىكتە ئەتراپىدىكى باشقا مىللەتلەردىن خېلى ئۈستۇن تۇرىدىغان بىر مىللەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە تاكى يېقىنقى دەۋىرگىچە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن ئىدى.  مېنىڭ بىلىشىمچە، يېقىنقى 50 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان سودا-تىجارەتنىڭ كۆپۈنچىسى سىرتنىڭ مېلىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى كۆپۈنچە ھاللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە سېتىش تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.  ئەمما يېقىنقى 5-10 يىلنىڭ مابەينىدە بولسا، ئۇيغۇر خەلقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۆز ئالدىغا خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇپ، ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ھەمدە شۇنداق مەھسۇلاتلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىرتىغا يۆتكەپ ساتىدىغان سودا ئىشلىرىمۇ تەدرىجىي ھالدا كۆپۈيۈپ ماڭدى.  ھازىر بولسا چەت ئەل بىلەن سودا قىلىشنى كۆزلەيدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.  يېقىندا ئاشۇنداق ياشلاردىن بىر قانچىسى مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنۇتۇش ئىشىدا ياردەم قىلىشىمنى سورىدى.  بۇنداق ئىشلارنىڭ بەزىلىرىنى ھازىر يېقىندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ قىلىۋاتىدۇ.  بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۈچىمىز ھازىر ئىنتايىن ئاجىز.  شۇنداق بولغاچقا، چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان، ھەمدە مۇشۇنداق ئىشلاردا ياردەم قىلالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ مەن بىلەن ئېلخەت(gmail.com@erkinsidiq) ئارقىلىق ئالاقىلىشىشىنى ئۆتۈنۇپ سورايمەن. ئەگەر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئادەم كۈچى يېتەرلىك بولسا، «دۇنيا ئۇيغۇر سودا بىرلەشمىسى» دېگەنگە ئوخشاش بىرەر تەشكىلاتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي شىركەت-كارخانىلىرىنى خەلقارالاشتۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ باقسىمۇ بولۇدۇ. چەت ئەلدىكى قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىش ئۈستىدە ئويلۇنۇپ بېقىشىنى سورايمەن.  مەيلى قانداق شەكىلدە بولمىسۇن، بۇ يەردىكى موھىم ئىش چەت ئەلدە تۇرۇپ ۋەتەندىكى تىرىشچان ياشلارنىڭ قولىنى تارتىش.  رەخمەت.

    

بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تور ئادرىسلىرى:

 

ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق!

http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinc3_Eqilliq.htm

 

ئەركىن سىدىقنىڭ بارلىق يازمىلىرى:

http://www.meripet.com/Sohbet/

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ۋەتەندىكى تور بەتلىرىگە چىقىرىش ئىمكانىيىتى بولۇپ قالسا، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاپتورنىڭ ئىسمىنى ئوچۈرىۋەتسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ.

 

تەھرىرلىگۈچى: مەرىپەت تورى www.meripet.org

 

 


ئەزالارنىڭ باھاسى
Your Name / Email Address