|
چەتئەللەردە مىللىي كىملىكنى ئىپادىلەشنىڭ ئەقەللىي پۇرسەتلىرى
مىللەتچىلىك تۇيغۇلىرىمىزنىڭ ئاڭسىزلىقىمىزدىن ئورۇن ئالمىغانلىقى ھەققىدە ئىلگىرىمۇ توختالغان ئىدىم. ئاڭسىزلىق (يوشۇرۇن ئاڭ — ئاڭسىز ھالدىمۇ ھەركەتتە ئىپادىلىنىدىغان) ىمىزدىن ئورۇن ئالمىغاچقا، گەرچە مىللەتچىدەك قىلىمىز، مىللەتچى بولۇپ كۆرۈنۈمىز، قايناپ سۆزلەپمۇ قويۇمىز، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭ قۇماندانلىقىدىكى مەخسەتلىك سۆز ھەركىتىمىز بولۇپ، ئاڭسىز ھالدا تېشىغا تېپىدىغان سۆز- ھەركەت ھېساپلانمايدۇ.
بۇنىڭ نۇرغۇن ئىپادىلىرىنى كۆرسۈتۈشىمىز مۈمكىن: چەتئەللىكلەر كېلىپ چىقىشىمىزنى سورىسا «شەرقىي تۈركىستان» دەپ دەرھال ئاغزىمىزغا كەلمەيدۇ. ئالدى بىلەن «خىتاي» دەپ بولۇپ، ئاندىن چۈشەنچە بېرىشكە باشلايمىز. كېيىنكىسى ئاڭنىڭ مەھسۇلى ئەلۋەتتە. ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ جاۋاپ بېرىپ، ئاندىن بىلمىگەنگە ئېنىقلىما بېرىش بىلەن ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق يۈزمىڭ كىلومېتېر! بۇنىسى تېخى ئىنساپلىق، ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئەھۋالى. يەنە نۇرغۇن ۋەلىكىزىناھ ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ بار، ھېچ نومۇس قىلماي ۋەتىنىنى «خىتاي» دېيىش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ.
خىتايچە بىلىدىغانلىقىنى بىلىندۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈرىيەتسىز بولسىمۇ خىتايلار بىلەن سۆزلۈشۈپ يۈرىدىغانلارمۇ بار بولۇپ، بۇنداقلارنىڭ قېنىغا قۇللۇقنىڭ سىڭىپ كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولۇدۇ. ھەتتا خىتاينى كۆرسە «يۇرتداش» دەپ يېقىنچىلىق قىلىدىغان مازلارنىمۇ ئۇچرىتىمىز. سەن قانداقسىگە خىتاي بىلەن يۇرتداش بولىسەن؟ ھارامدىن بولمىغانلا بولساق خىتاي بىلەن زاتىمىز، نەسەبىمىز، يۇرتىمىز تامامەن باشقا!
شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى ئەخلەتكە تاشلانغاندا سۈكۈت قىلىپ، يەنە ئاشۇ بايراقنىڭ كۆكتە جەۋلان قىلىشى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىمەن دېگەنلەرنىڭ يا دىلىدا كېسەل بار، يا ئەقلى بى نورمال! پۇلنى دەپ بۇنداق بىر ئار- نومۇس مەسىلىسىگە كۆز يۇمغانلىق ھېچ كەچۈرۈلمەيدىغان جىنايەتتۇر. مۇشۇنداق بىر سورۇننى بايقۇت قىلىپ چىقىپ كېتەلمىگەنلەرنىڭ مىللىي ھىسلىرىنىڭ ئويغاقلىقى بەكمۇ گۇمانلىق! چەتئەلدە — دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ نومۇس- ئارىمىزنىڭ چەيلىنىشى (بايرىقىمىزنىڭ ئەخلەتكە تاشلىنىشى)غا سۈكۈت قىلىشنى ھەرقانداق باھانە بىلەن ئاقلىغىلى بولمايدۇ!
يەنە، ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلاردا شۇنىسىمۇ بار: «‹شەرقىي تۈركىستان› دېسەك بىلمىدى، شۇڭا،...» دېگەن ئاجايىپ باھانىسى بار. ھېچ دېگىلى ئۇنىمىساڭ، رەم بېقىپ بىلەتتىمۇ؟ ئاشۇنداق بىلمىگەنلەرگە دېيىش ئارقىلىق بىلىدىغان قىلىش، چەتئەللەردە قىلغىلى بولىدىغان «ئىنقىلاپ»لىرىمىزدىن بىرى ئەمەسمۇ؟!
تىل مەسىلىسى. تىل مەسىلىسىنى تىلغا ئالساملا نېرۋام قوداڭشىپ كېتىدۇ. بىزدىنمۇ بەك ئانا تىلىنى خارلايدىغان مىللەت ئاز تېپىلسا كېرەك. چەتئەلدە تۇرۇپمۇ خىتايچە سۆزلۈشۈدىغان، سۆزلىرىگە خىتايچە ئارىلاشتۇرۇپ، ئەبجەش سۆزلەيدىغان، خىتايلار بىلەن باردى- كەلدى قىلىشتىن نومۇس قىلمايدىغانلارمۇ خېلى تېپىلىدۇ. بۇنداقلارنىڭ مىللەتچى بولىۋالغانلىرىمۇ بار. ئەقەللىي ئۇيغۇر تىلى ساۋادى يوق تۇرۇپ كىتاپ نەشىر قىلىدىغان توپلارمۇ بار.
مەن شۇنداق ھېساپلايمەن: ئۇيغۇرچە سۆزلەش، ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمىگەن ئۇيغۇرلارنى 95% ئەھۋالدا مىللىي كىملىكى بىلەن ھېساپلاشمايدىغان، ياشىسىلا بولىدىغان (مەيلى ئۇيغۇر بولۇپ ياكى خىتاي ياكى جوھۇت، قۇرۇت ياكى چوچقا بولۇپ ياشىسىمۇ پەرق قىلمايدىغان) ئۇيغۇرلار دېيىش مۈمكىن. چۈنكى، كىمكى، مىللىي كىملىكىگە سەل قارىمايدىكەن، ئالدى بىلەن تىلغا دىققەت قىلىدىغان بولۇدۇ. قالغان 5% ى كىملەر؟ بۇلار ئۇيغۇرلار ھېچ بولمىغان بىر مۇھىتتا بىرلا ئائىلە بولۇپ ياشاپ كەلگەن؛ بىرنەچچە ئائىلە بولغان بولسىمۇ بۇ مۇھىتتا بەك ئۇزاق ياشاپ قالغانلارنىڭ ئەۋلادى، ئەگەر ئاتا- ئانىسى ھېچ مىللىي كىملىكى ھەققىدە سۆزلەپ باقمىغان، شۇ مۇھىتتىكى ئاساسىي ئاھالە بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر خەق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن ئەۋلاد بولغان بولسا، ئۇلاردا گۇناھ يوق. قاچانكى، مىللىي كىملىكىنى بىلگەن مىنۇتتىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئەجدادىغا، ئېرقىغا تارتىشىش خاھىشى باش كۆتۈرمىسە، ئۇنىڭ تۈگەشكەن كىشىلىكى شۇ!
ئەسلى بۇ ماۋزۇ ئاستىدا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ھەر خىل جەدۋەللەرنى تولدۇرغاندا، خىزمەت تارىخىمىزنى يازغاندا، ئومۇمەن تۇغۇلغان يېرىمىزنىڭ ئىسمىنى ئاتاشقا توغرا كېلىدىغان ھەرقانداق يازما ھۆججەتلەردە دادىل ھالدا «شەرقىي تۈركىستان» دەپ يازالمىساق، چەتئەلدە يۈرگۈنۈمىزنىڭ نېمە پايدىسى؟ مانا شۇنىڭدەك ھەربىر پۇرسەتتە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك. تامامەن مەجبۇر بولمىغىچە «خىتاي» دېگەننى تىلغا ئالماسلىقىمىز، بۇنداق بىر «يازما ئېتىراپ»تىن مۈمكىن بولغىنىچە ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشىمىز كېرەك! بۇ ئەسلىدە ئەقەللىي ئىش ھېساپلانسىمۇ، دەپ ئۆتكىنىمدەك، مىللەتچىلىكىمىز، ئىنقىلاچىلىقىمىز ئاڭ قاتلىمىدىكى «ياسىما» ئىپادە بولۇپ، تەبىئىي ئېتىلىپ چىققان بولمىغاچقا، ھېچ تەبىئتىمىز خورلۇق ھېس قىلماستىنلا يۇرتىمىزنى «خىتاي» دەپ يېزىۋېرىمىز.
بەزىلەر دېيىشى مۈمكىن: «شەرقىي تۈركىستان»نى دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلمايدىغان تۇرسا، ئۇنداق يېزىپ قويساق ئۇنامدۇ؟
بۇ سوئال بىر ئەمەلىي مەسىلىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ناھايىتى ئورۇنلۇق بىر باھانىمۇ بولالايدۇ. ئەمما مەنمۇ ئەمەلىي كەچمىشلىرىم كەچۈرمىشلىرىمنىڭ مىساللىرى بىلەن بۇ باھانىنىمۇ رەت قىلىمەن. ئەگەر سىز ياشاۋاتقان دۆلەت دېموكراتىك دۆلەتلا بولۇدىكەن، تاجاۋۇزچى، مۇستەملىكىچى بىر دۆلەتنى «دۆلىتىم» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا سىزنى زورلىمايدۇ. سىز ۋەتىنىمنىڭ ئىسمىنى قورقماي دېيەلەمدىمكىن، دېمىسىڭىز بۇ ھۆر دۆلەتلەردە نېمە قىلاتتىڭىز مۇساپىر بولۇپ؟ شۇنداق ئەمەسمۇ يا؟ بۇنىڭ بۇ ئەللەردە جىنايەت بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىزلا، ئۆزىڭىز دېيىشنى خالىمىغان سۆزنى دېمەسلىك ھەققىڭىز.
بۇنداق يازما تىپىدىكى ئىپادىلەر ئومۇمەن ئىككى تۈردە بولۇدۇ: بىرى ئادەتتىكى بارلىق يازمىلار؛ يەنە بىرى رەسمىي دۆلەت، ھۆكۈمەت يازمىلىرى (جەدۋەللىرى).
ئادەتتىكىلەرگە ھېچ ئىلاۋە- ئىزاھاتسىزلا «شەرقىي تۈركىستان» دەپ يېزىشىمىز مۈمكىن. رەسمىي ھۆججەتلەرگە (Official) شەرقىي تۈركىستان دەپ تولدۇرۇپ، تىرناق ئىچىگە («خىتاي مۇستەملىكىسىدە») دەپ ئەسكەرتىپ قويساقلا ھەممە ئىش ھەل بولۇدۇ. بۇ بىزنىڭ ۋىجدانەن «خىتاي تېرىتورىيىسى» دېگەننى ئېتىراپ قىلماسلىقتەك مەيدانىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر ئىش بېجىرگۈچى ئۆزلىرىنىڭ پىرىنسىپىغا كۆرە، شەرقىي تۈركىستاننى ئەمەس، خىتاي دېگەننى ھېساپ قىلسا، ئۇ ئۇنىڭ ئىشى. سىزنىڭ روھىڭىز، ۋىجدانىڭىز راھەت بولۇدۇ. بىر ھاقارەتنى (خىتاي پۇخرالىقىنى ئېتىراپ قىلشتەك ھاقارەتنى) تەن ئالمىغان، ئېتىراپ قىلمىغان بولۇسىز.
ئەمدى مەن ۋەدەمگە كۆرە كەچمىش- كەچۈرمىشىمدىن ھىكايە قىلسام: مەن تۇنجى قېتىم كانادادا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇش ئىقامەت كارتىغا ئىلتىماس قىلىپ جەدۋەل تولدۇرغاندا مانا شۇنداق قىلدىم. چۈنكى، غايەت تەبىئىي يوسۇندا ئۆز قەلىمىم بىلەن «تۇغۇلغان يېرى» دېگەنگە «خىتاي» دەپ يازغىم كەلمىدى. بۇ ئېغىر بىر ۋىجدانىي ئازاپ ئىدى. شۇڭا، «شەرقىي تۈركىستان» دەپ تولدۇرۇپ، تىرناق ئىچىگە «خىتاي مۇستەملىكىسىدە» دەپ ئىزاھلاپ قويغان ئىدىم.
كارت كەلگەندە مەلۇم بولدىكى، مىللەت ۋە دۆلەتنى ئورتاق بىلدۈرىدىغان Nationality دېگەننىڭ ئاستىغا xx دەپلا يېزىلىپتۇ. باشقا بۇرادەرلەرنىڭكىگە قارىدىم، ئۇلارنىڭكىدە تەبىئىيكى، «خىتاي» دەپ يېزىلغان ئىدى.
ئىككىنچى قېتىم، كانادا پاسپورتى ئېلىش ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا «شەرقىي تۈركىستان»نى تۇغۇلغان يېرىم دەپ يېزىۋەردىم. چۈنكى مېنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغانلىقىم راست، خىتايدا تۇغۇلمۇدۇم. پەقەت تىرناق ئىچىگە ھېلىقىدەك ئىزاھلىدىم. گەرچە پاسپورتۇمغا تۇغۇلغان يېرىمنى «خىتاي» دەپ يېزىپ قويغان بولسىمۇ، بۇنى مەن ئىلتىماس قىلمىدىم، شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن روھىم خېلى راھەت.
يەنە شۇنىسىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ جەدۋەلنى تەكشۈرگەنلەر، تەستىقلىغانلارغا بىر خىل تەشۋىقات رولى ئوينايدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر دېگەننىڭ ئويغاق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ھېچقاچان خىتاينىڭ نومۇسسىز داۋالىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنىمۇ ئۇقتۇرۇپ قويۇدۇ.
تۈركىيەدە بۇنداق بىر ئىزاھاتنىڭ كېرىكىمۇ يوق. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننى بىلىدىغان بولغاچقا، رەسمىي ھۆججەتلەرگە ئۆزلىرى تۈزۈتۈپ يېزىۋالىدۇ. بۇنداق تىرناق ئىچىگە ئىزاھلاش پەقەت غەرپ دۆلەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
كانادادا دۆلىتى يوق بىرمۇنچە مىللەتلەرنىڭ تۇغۇلغان يېرى دېگەنگە ئەسلىدىكى دۆلىتىنىڭ نامىنى يېزىشى رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان. مەسىلەن: تىبەتلەر رەسمىي ھۆججەتلەردە يۇرتىنى تىبەت دەپ يازسا بولۇدۇ. بىزمۇ ئەگەر ھەممىمىز مانا شۇنداق قاتتىق تەلەپتە بولۇدۇغان بولساق، بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەپ يېزىشىمىزمۇ رەسمىي قوبۇل قىلىنىشى مۈمكىن. بۇ ئەسلىدە چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەرگە كىملىكلىرىمىزدە ئۆز يۇرتىمىزنىڭ ئىسمىنى ئاتىشىمىزنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئەمەلىي قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن بىرى بولسىمۇ، جاناپلارنىڭ ئەقلىگە بۇنداق ئىشلار ھىچ كەلمەيدۇ! بۇ شۇنچىلىك ئەمەلىي مەنپەئەتى بار ۋە مەنەۋىي تەسىرى بار ئىش بولۇدۇكى، جاناپلارنىڭ »مىللىي داۋا«دەۋېلىپ قىلىپ يۈرگەن يۈگۈر-يىتىملىرىدىن يۈز ھەسسە ئۈستۈن.
بۇنداق «ئۇششاق ئىشلار»نى تىلغا ئېلىپ، كوتۇلدىشىم بەزى چوڭ- چوڭ ئىشلار بىلەنلا بولۇدۇغان چوڭلىرىمىزغا ياقمايمۇ قالار. ئەمدى بۇنداق قاخشاشتىن مەخسىدىمنىمۇ دەپ قوياي:
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتقا تاشلانغاندا، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن جىمى جان- جانۋارلار ئېغىزلىرىدا سۇ توشۇپ، ئوتنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنغان ئىكەن، بۇ قاتاردا چۆمۈلىمۇ بار ئىكەن. چۆمۈلىنى مەسخىرە قىلىپ قالىغاچ دەپتۇرلەركى، «ھەي، سەن، چۆمۈلە، سېنىڭ ئاغزىڭدا ئېلىپ كەلگەن سۇ بىلەن نېمە ئىش بولۇپ كېتەرىدى؟...». چۆمۈلە ئىككىلەنمەي جاۋاپ بېرىپ دەپتۇكى، «بىلىمەن، مېنىڭ ئاغزىمدىكى سۇ بىلەن بىر ئىش پۈتمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەمما مەيدانىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن.» دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن.
ئىشىنىمەنكى بۇ ھىكايە، مەن دەپ ئولتۇرغان ۋە تىلغا ئېلىنمىغان باشقا «ئۇششاق ئىشلار» ھەققىدە: »ئۇنچىلىك ئىش بىلەن نېمە پايدا ئېلىپ كەتكىلى بولار،...» دەيدىغانلار ئۈچۈن تولۇق جاۋاپ بولالايدۇ. مېنىڭچە ئەقلى نورمال، ۋىجدانىدا ئۆسمە يوق ھەرقانداق ئۇيغۇرغا بۇ چۆمۈلىنىڭ روھى ئىجابىي ئۆرنەك بولالايدۇ ۋە يۈزى تەرلەپ، بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان بولۇدۇ.
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىنسابىنى بەرسۇن، دىلىمىزنى پاك، مىللىي كىملىك مەسىلىسىدە سەزگۈر قىلسۇن. ئامىن!
|
باھالىدى Anonymous on 2010-07-18 14:51:49 بۇ قېتىم چىقىدىغان كىتابىڭىزغا مىللى كىملىك ئېڭىمىزنىڭ قەدەم باسقۇچلۇق جەدۋىلى شەكلىدە بىر مەزمۇن كىرگۈزۈپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئورخۇن |
|