|
يوللىدى ئىلھام
|
|
201019سائەت06/19/10ئىيۇن |
|
(«ئاپتونومىيە» سەپسەتىسى ياكى «ئىككى ئارىلماسلىق»نىڭ چەتئەل ۋارىيانتى توغرىسىدا)
ھەرقانداق زۇلۇم ۋە بېسىم قان پاكىز ساقلانغان ئەھۋال ئاستىدا ئەخلاقىي تىرىلىشنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان كۈچلەرنى تۇغۇشى ۋە ھەركەتكە كەلتۈرۈشى مۈمكىن. ھالبۇكى، قاننىڭ پاكىزلىقىنى يوقۇتۇش سائادەتنى يوق قىلىدۇ، ئىنساننى ئەبەدىي پەسلەشتۈرۈدۇ.
— ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم»(تۈركچە نەشرى)
سەپسەتىنىڭ بارلىققا كېلىشى
سەپسەتە «ئۈچ ئەپەندى» نەنجىڭدا گومىنداڭ پارلامېنتىدا ئىشلەۋاتقان زاماندا قەپەزدىن چىققان دېيىشكە بولۇدۇ. پىكىر ئاتىسى ھەرھالدا ئىسا يۈسۈپ. بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» دېگەن ئەسلىمە كىتابىدىن ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولۇدۇ. ئۇ مۇستەقىللىق يولىدا ۋەتەندىن ئايرىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنى «نەسىھەت قىلىپ» قايتۇرۇپ كېلىپ، خىتايلار بىلەن ياراشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. خىتايلارنىڭ بىركۈنى ئەمەس، بىر كۈنى بىزگە ئىچى ئاغرىپ، ۋەتىنىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ باشقۇرۇشىغا رازى بولۇدۇغانلىقىغا كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئۇ 1933 ۔ يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»دىن بەكمۇ راھەتسىزلىك ھىس قىلىپلا قالماي، «ئۆز قېرىنداشلىرى قىلىپ سالغان بۇ بەڭۋاشلىق» ئۈچۈن خىتاي دوستلىرى ئالدىدا بەكمۇ خىجىللىققا قالغانلىقىنىمۇ ئانچە يوشۇرۇپ كەتمەيدۇ. بۇ نۇقتىنى ئۇ شاپىگراڧ بىلەن نەشىر قىلىنىدىغان ژۇرنال «تىيانشان» (تەڭرىتاغ ئەمەس) دا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ يازغان ماقالىلىرىدا، ئەينى ۋاقىتتا قىلغان شەرەپلىك مۇجادىلىسىدىن خىجىل بولغاندەك، ئۇنى خىتايلارغا يۇمشاقراق ئىزاھلاشقا ئۇرۇنۇپ، «بىز ئۇ چاغدا يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلى ئىسيان كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدۇق» دېگەنلىرىدىن كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. چۈنكى، مائاشنى بېرىۋاتقان بىرسىگە قاتتىقلىق قىلىش ئاسانمۇ؟ «يېگەننىڭ يۈزى ئۇيۇتار» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ ئىنكاس يېزىڭ (3ئىنكاسلار) |
|
ئاخىرقى يېڭىلىنىشى ( 201001سائەت07/01/10ئىيۇل )
|
|
داۋامىنى ئوقۇڭ
|
|
|
يوللىدى بۈركۈت
|
|
201011سائەت06/11/10ئىيۇن |
|
2010-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە، " ئىسلام ئۈممىتى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار، ئەجدادلارنىڭ شانلىق تارىخىدىن ئىبرەت ئىلىش ئىنتايىن مۇھىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئىسلام ئۈممىتى ھازىر ئەڭ قىيىن جاپا-مۇشەققەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىقتىكى توغرا يولىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىكى تارىخى ۋە ئاللاھ رازى بولغان ياخشى كىشىلەرنىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرىنى بىلىشكە بەك ئېھتىياجلىق، چۈنكى ئەجدادلارنىڭ شەۋكەتلىك تارىخىنى بىلىش ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە نەپسىنى تازىلايدۇ، ئەقلىنى نۇرلاندۇرىدۇ، ھىممەتنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئىرادىنى كۇچلاندۇرىدۇ. ئۈممەتنى ئىززەت، شان-شەرەپ يولىدا مېڭىشقا، غەلىبە قازىنىش ئىمكانىيىتىگە لايىق تەربىيلەپ يېتىشتۈرىدۇ. ئىنكاس يېزىڭ (0ئىنكاسلار) |
|
ئاخىرقى يېڭىلىنىشى ( 201011سائەت06/11/10ئىيۇن )
|
|
داۋامىنى ئوقۇڭ
|
|
|
يوللىدى بۈركۈت
|
|
201011سائەت06/11/10ئىيۇن |
|
2008-يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن يۈز مىڭلارچە جامائەتكە:
"ھەربىر مىللەت ئۆز ئاناتىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك" دېگەن مەزمۇندا مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار. تەقۋادار بولۇڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
ئىنكاس يېزىڭ (0ئىنكاسلار) |
|
ئاخىرقى يېڭىلىنىشى ( 201011سائەت06/11/10ئىيۇن )
|
|
داۋامىنى ئوقۇڭ
|
|
|
|
<< باشلىنىشى < ئۆتكەنكىسى 1 2 3 4 5 كېلەركىسى > ئاخىرى >>
|